يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1427|ئىنكاس: 12

نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتى ۋە ئايتماتوۋ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتى ۋە ئايتماتوۋ



(ماقالا)



مامەتجۇسۇپ ئامانتۇر ئوغلى



ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى





  ھەر قېتىملىق خەلقئارالىق نوبېل موكاپاتىنىڭ نامزات كۆرسىتىلىش جەريانىدىن موكاپات ساھىبى ئېلان قىلىنغۇچە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساھەلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ پۈتكۈل دىققەت ئېتىبارى مەزكۇر موكاپاتقا مەركەزلىشىپ،خۇددى لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىدەك ئاخىرقى نەتىجىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىشىپ تىپىرلىشىدۇ.چۈنكى بۇ موكاپات ئېرىشىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بەسىي-مۈشكۈللىكىگە  لايىق شۆھرىتىمۇ دۇنياۋى ئابرۇي-مەرتىۋىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.

مۇشۇنداق بىر خەلقئارالىق ئەڭ ئۇلۇغ موكاپاتنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ئەسىر يېشىنى ياشلىغان نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتى ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن شانلىق تارىختا نورغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى،شۇنداقلا ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى مەۋجۇتلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالىدى.بۇ موكاپات ھازىر ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق موكاپات بولۇپ،موكاپاتنىڭ باش ۋەزىپىسى-دۇنياۋى سەۋىيەدىكى چوڭ تېمىلارنى ئەكىس ئەتتۈرگەن،ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان يازغۇچىلارغا ۋە تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك ئەسەرلەرگە بېرىلىدۇ.بۇ بەكمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى يېزىش ئۇسلۇبىغا،خەلقئارانى ئېتىراپ قىلدۇرغان  يازغۇچىلىق تالانتقا تايىىنىپ ئاندىن ئېلىپ بېرىلىدىغان رىقابەت بولۇپ،مەزكۇر موكاپات ئىرق،دىن،مىللەت،دۆلەت،مەدەنىيەت ۋە سىياسەتلەردىن ھالقىپ كەتكەن دۇنياۋى بىر گەۋدىلشىشنىڭ سېمۋۇلى بولۇپ،بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن خەلقئارانىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئەرزىيدىغان ئەدەبىيات ھادىسىسى بولۇپ قالدى.

موكاپات تارقىتىلىشقا باشلىغان 1901-يىلدىن ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 30 قانچە دۆلەتتىن يۈزدىن ئارتۇق ئەدەبىيات چولپىنى بۇ موكاپاتنىڭ ساھىبى بولدى.موكاپات سوممىسىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى ئارتىپ بۈگۈنكى كۈندە بىر يېرىم مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى.بۇ سان كەلگۈسىدە يەنىمۇ ئېشىپ بېرىشى مۈمكىن.

شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتى دۇنياۋى بىر گەۋدىلىشىشنىڭ تۈزۈلمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ،دۇنياۋىلاشقان بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىنى تارىخنىڭ سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ تەسىرى پۈتۈن يەر شارىغا كېڭىيىپ،دۇنياۋى تالانتلىقلارنىڭ بايقىلىشىغا،دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق مەدەنىيەت ھادىسسىلىرىنىڭ دۇنيا يۈزىگە تارىلىپ ئابرۇي قازىنىشىغا،شۇنداقلا دۇنياۋى ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنى تېزلىتىشىگە بولغان پايدىسى زور بولدى.بىراق نوبېل موكاپاتى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولغان چوڭ موكاپات بولغىنى ئۈچۈن موكاپات نامزاتىنى بېكىتىشتىن تارتىپ موكاپات ساھىبىنى ئېلان قىلغىچە بولغان جەرياندا ئوخشىمىغان ئىرق،ئوخشىمىغان مىللەت،ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ مەزكۇر موكاپاتقا تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ ئوخشاش بولمىدى.چۈنكى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.ئەدەبىيات-مەدەنىيەت جەھەتتىكى خاسلىقلىرى بىر-بىرىدىن رۇشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.ياۋرۇپا مەدەنىيىتىدىكى خەلقلەر ئەدەبىيات-مەدەنىيتىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرمىلاپ ئاز-تولا تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارسىمۇ،ئاسىيا-ئافرىقا مەملىكەتلىرىدە ئەدەبىي ئەسەرلەر مىللىي ئۆزلۈك مەدەنىيىتى،ئاڭ-سېزىم شەكلى،ئۇسلۇبى،شۇنداقلا ئۆز جەمئىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىپ ھەزىم قىلىشىغىچە تولىمۇ مۇرەككەپ شارائىتلار بىلەن پەرقلىنىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتى دەسلەپ تارقىتىلىشقا باشلىغان چاغدىلا بىۋاستە ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۆلچەم قىلىپ كەلدى.مەسىلەن،موكاپات ساھېبىلىرىنىڭ تىزىمىغا قارىساق،ئاگىنون(1978-1888)ئىدىش تىلىدا،نەجىپ مەھبۇز(2006-1911)ئەرەپ تىلىدا،ياسونارى بىلەن داجىيەنجەنسەنلاڭ (1935-)بولسا ياپون تىلىدا يازغانلار بولۇپ،ياۋرۇپا تىللىرىدا يازماي موكاپاتقا ئېرىشكەن پەقەت مۇشۇ تۆت يازغۇچىلا بولغان.يەنە بىر تەرەپتىن نامزاتلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەم-تەلەپلەرنىڭ ۋە سالاھىيەت شەرتلىرىنىڭ بىر خىل بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇرمەنلەر موكاپات ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان گاھى يازغۇچىلار بۇ موكاپاتقا نائىل بولالماي كىشىلەر موكاپاتتىن نارازى بولغان ئەھۋاللارمۇ بولدى.بەزى بىر «سىياسى قۇيۇن»لارنىڭ سەۋەبىدىن ئىسمى ناتونوش بولغان «ئۇششاق يازغۇچىلار»نامزاتلىققا سايلىنىپ قېلىپ نوبېل موكاپاتى ھەققىدە كۆپلىگەن پىتنە-ئېغۋالارنىڭ تارىلىشىغا سەۋەب بولدى.نوبېل موكاپاتى مانا مۇشۇنداق ئۆزىگە خاس بولغان كەمچىلىكلىرى بار بولۇپلا قالماستىن يەنە خەلقئارادا ئوخشىمىغان ئىككى خىل مىللەت ياكى ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدا سىياسى ئارازلىق پەيدا قىلىپ ئۆزىنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلەلمىگەن ئوبرازىن ئاشكارىلاپ قويدى.مەسىلەن،پاستېرناك،بۇنىن،سولژېنتسىن،بىرودىسكىي،سىللانپو(1964-1888)،داجىيەنجەنسەنلاڭ،مىلوس (2004-1911)،گاۋ شىڭجىيەن قاتارلىقلار.ھەتتا بۇ موكاپاتقا ئېرىشكەن بەزىبىر يازغۇچىلار بۇ كاتتا مەرتىۋىدىن باش تارتىدىغانلىقى  ھەققىدە سۆز قىلىپ موكاپاتنىڭ ئادىللىقىغا گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولۇشتى.1964-يىلى ج.سارتىرى موكاپاتتىن باش تارتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،«ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نوبېل موكاپاتى غەرپنىڭ يازغۇچىلىرى بىلەن شەر*قنىڭ خائىنلىرىغا بېرىلىدىغان ئاتالمىش شان-شەرەپنىڭ ئوبېكتى بولۇپ قالدى.مىسالى،جەنۇبى ئامېرىكىلىق شائىر پ.نېروداغا بۇ موكاپات بېرىلگىنى يوق.موكاپات ھەيئىتى گۇمانىستىك يازغۇچى ل.ئاراگۇنغا كەسكىن مۇئامىلە قىلالمىدى.پاستېرناك شولوخوۋدىن بۇرۇن بۇ موكاپاتنى ئالدى.بىراق موكاپات ئالغان ئەسىرى ئۆز دۆلىتىدە نەشىر قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى.شۇڭا مەن مۇنداق ئاتالمىش يۇقىرى مەرتىۋىنى قوبۇل قىلمايمەن.»دېدى.روسىيە ئالىمى س.سىمونوف«شىۋېتسىيە خان جەمەتى ئاكادىمىيېسى موكاپات تارقىتىشتا بىتەرەپ بولسىمۇ،يەنىلا بۇ يەردىكى سىياسى مۇددىئا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىق بولۇپ قالدى.چۈنكى بۈگۈنكى كۈنگىچە نىمىشقا بىرەر جۇڭگولۇققا بۇ موكاپات بېرىلمەيدۇ ؟»دېدى.

بۇ يەردە ئەسىر يېشىنى ياشلىغان بۇ كاتتا مەرتىۋىگە نىمە ئۈچۈن بىرەر جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ نائىل بولالماي كەلگەنلىكى بىر تېپىشماق.ئىدىيە ئېقىمى ۋە كۆز قاراش يېڭىلاش جەھەتتە خېلى بۇرۇنلا لىياڭ چىچاۋ(1929-1837)ئەپەندىنىڭ «پروزا ئىنقىلابى»دىن كىيىن كۆتۈرۈلگەن «4-ماي مەدەنىيەت ھەركىتى»نىڭ قىزغىنلىقىدا زامانىۋىلاشقان دەۋر خارەكتىرىنى ئالغان يېڭى جۇڭگونىڭ يېڭى ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىپ،بۇ ئەدەبىيات مەيلى مەزمۇن ياكى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن،زور نەتىجىلەرگە قول يەتكۈزۈپ 20-ئەسىردىكى دۇنيانىڭ نەزىرىنى تارتقان ئىلغار ئىدىيىدىكى يازغۇچىلاردىن لۇشۈن،ماۋدۈن، گومورو،باجىن، لاۋشى، ساۋيۈ...قاتارلىق تالانتلىقلارنى مەيدانغا چىقارغان ئېدى.ئەشۇ داڭلىق يازغۇچىلار يېڭى جۇڭگونىڭ ئاۋانگارت زىيالىلار قوشۇنىغا ۋەكىللىك قىلاتتى.ئۆكۈنۈشلىك يېرى شۇ بولدىكى،بۇ پرۇلېتارىيات يازغۇچىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى نوبېل موكاپات باھالاش ھەيئىتىنى قايىل قىلالمىدى.ھەتتا لۇشۈن،گومورو،ساۋيۈ قاتارلىق جاش بىر قىسىم يازغۇچىلار نامزاتلىق سالاھىيەتكىمۇ ئىلىنماي تۇرۇپ ئۆمۈرى ئۆتۈپ كەتتى.ئەسىر ئالماشقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ۋاڭ مىڭ،بىي داۋ،لى ئاۋ،ۋېن يىدو... قاتارلىق يەنە بىر قىسىم يېڭى دەۋرنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرى نوبېل موكاپاتىغا نامزات بولۇپ ئىسمۇ ئېغىزغا چىققان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتى بىلەن بولغان ئارلىقى يەنىلا ئۇزاق ۋە غۇۋا بولماقتا.

2000-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيېسى،بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى،سىچۈەن ئۇنۋېرسىتىتى،فۇدەن ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق يۇقىرى پەن-مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىكى چەت ئەل ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغۇچى زىيالىلار،تەرجىمان ۋە يازغۇچىلارنىڭ نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئىگەللەپ سىتاتسىكىلاش پائالىيىىتى بولۇپ ئۆتكەن.نەتىيجە شۇ بولدىكى،نوبېل موكاپاتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن كەتكۈزۈپ قويغان كەمچىلىكلىرى تەڭ ئېغىزغا ئېلىنىپ،نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىنى ئادىل رىقاتبەتتە ئۇتۇپ چىققان دەپ قارىغان يازغۇچىلارنى مۇنداق تەرتىپ بىلەن تىزىپ چىققان.1-ئېرنىست ھېمىڭۋاي(1961-1899) 2-مىخائىل شولوخوۋ(1984-1905) 3-گارسىيا ماركوس(1927-) 4-رومىن روللاند(1944-1866) 5-ب.پاستېرناك(1960-1890) 6-ج.سارترې(1980-1905) 7-س.بىككىت(1989-1906) 8-ۋ.فولكنېر(1962-1897) 9-ت.مان(1955-1875) 10-كاۋاباتى ياسۇنارى(1972-1899) 11-ۋ.يېتس(1939-1865) 12-كامۇس(1960-1913) 13-ب.رۇسسېل(1970-1872) 14-رابىندىرات تاگور(1941-1861) 15-خ.خىسسى(1962-1877) 16-ت.ئېللىيوت(1965-1888) 17-ب.شاۋ(1950-1856) 18-ئالېكساندىر سولژېنتسىن(2008-1918) 19-پ.نېرودا(1973-1904) 20-ئى.بونىن(1953-1870).سايلام ئادىل بولماي موكاپاتقا ئېرىشەلمىدى دەپ قارالغان يازغۇچىلارنى تۆۋەندىكىچە تەرتىپكە تىزغان. 1-لۇ شۈن(1936-1881) 2-فىرانىس كافكا(1924-1883) 3-ج.جويىس(1941-1882) 4-ل.تولىستوي(1910-1828) 5-ت.خارد(1928-1840) 6-م.كۇندېرا(1929-) 7-ج.بۇرخىس(1986-1899) 8-ۋ.نابوكوۋ(1977-1899) 9-خ.ئىبسىن(1906-1828) 10-شىن سوڭۋېن(1988-1902) 11-م.پروست(1922-1871) 12-چېخوف(1904-1860) 13-م.لىرىك(1926-1875) 14-ماكسىم گوركىي(1936-1868) 15-لاۋشى(1966-1899) 16-ئې.زولا(1902-1840) 17-پ.ۋالىرۇ (1945-1871) 18-د.لاۋرىنىس(1930-1885) 19-ئى.ماندېلىشتام(1938-1891) 20-ئا.ئاخماتوۋا(1966-1889).

يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلغان«جۇڭگو يازغۇچىلىرى نىمە ئۈچۈن نوبېل موكاپاتى ئالالمىدى ؟» دىگەندەك سۇئاللارغا «يازغۇچىلىق قەلەم قۇۋۋېتى پىشىپ يېتىلمىدى»،«سىرتقا تەرجىمە قىلىپ تەشۋىق قىلىش كەمچىل» دىگەندەك جاۋابلار بېرىلگەن.يەنە ئاز بىر قىسىم كىشىلەر «نوبېل موكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىدىكىلەردە ئادىللىق يوق !» دىگەندەك قاراشلاردا بولغان.«جۇڭگولۇق يازغۇچىلار بۇ موكاپاتقا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك؟»دىگەن سۇئاللارغا بولسا بىر قىسىم كىشىلەر«دۆلەتنىڭ ئىناۋىتى ئۈچۈن نوبېل موكاپاتىنى ئىزچىل قوغلىشى كېرەك»دىگەن ئويلىرىنى ئېيتىشىپ موكاپاتنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسا،يەنە بىر قىسىم كىشىلەر موكاپات نامزاتلىرىغا قويۇلغان تەلەپ-ئۆلچەملەردە گۇمانلىق نوقتىلارنىڭ بار ئىكەنلىگى،موكاپات تارقىتىش جەريانىنىڭ ئادىل ئەمەسلىگى،شۇنداقلا جەمئىيەت چۈشەنمىگۈدەك دەرىجىدە مۇرەككەپ ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

مېنى ئۆكۈندۈرگەن يېرى شۇ بولدىكى،نىمە ئۈچۈن دۇنيادىكى ئوقۇرمىنى شۇنچە كۆپ ، ئەۋزەل سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ئايتماتوۋ جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزەرىدىكى ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچىرىيالماي قالغانلارنىڭ يۇقارقى تىزىملىكىگە كىرمەي قالغاندۇر دىگەن سۇئال بولدى.ئىھتىمال،ئايتماتوۋنىڭ جۇڭگودىكى ئىجادىيەت سەپىرى ھېلىھەم ئاخىرلاشمىغانلىقى ئۈچۈن ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىشقا بالدۇرلۇق قىلغاندۇر.چۈنكى،ئايتماتوۋنىڭجۇڭگو ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تېخى تولۇق تەتقىق قىلىپ بولۇنمىغان چۇڭقۇرلۇق بولۇپ ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان سىرلىق مەنىۋى خەزىنە.يەنە بىر تەرەپتىن ئايتماتوۋ بۈگۈنكى كۈندە ئاددى چۈشەندۈرۈپ بولدى قىلغىلى بولمايدىغان شەخس بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ ھەر قايسى ئەللەر مەدەنىيىتى ئارىسىدا قوزغىغان«ئايتماتوۋ قىزغىنلىقى» ياكى «ئايتماتوۋ ھادىسىسى» كەڭىرى قانات يايغان مۇرەككەپ ئىزۇلۇتسىيە بولۇپ،دۇنياغا كۆرسەتكەن ئەھمىيىتىمۇ چوڭ.

ئەڭ ئاددى مىسال بىلەن سېلىشتۇرغاندا ماركوس،ھېمىڭۋاي،شولوخوۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەر-بىرى ئۆزىگە خاس بولغان مۇستەقىل بىر چوڭ مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىللىرى. ئايتماتوۋ بولسا دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىلى.ئۇنى قىرغىز،ئاسىيا،ياكى ياۋرۇپا قاتارلىق بەلگىلەر بىلەن ياكى موھىت،سىياسى،مەدەنىيەت تېرىتۇرىيە سالاھېىيىتى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ.چۈنكى ئايتماتوۋدىكى سالاھىيەت شۇنچە كەڭىرى.شۇڭا خەلقئارادا ئايتماتوۋنى تەتقىق قىلىشقا بولغان «ئېچىلىش» ھازىرچە يېتەرلىك بولمىسا كېرەك.

دىمەك،ئايتماتوۋنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزەرىدىكى نوبېل موكاپاتىغا ئېرىشىشكە تىگىشلىك يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىگە ئېلىنماي قېلىشى ئايتماتوۋنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن چوڭ ئازاپ.جۇڭگولۇق ئەدەبىياتچىلارنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى بىلىمى بىلەن جەمئيەتنىڭ ئەدەبىياتقا ئاۋاز قوشىشى بىردەك ئەمەسني يە دىگەننى ئويلاپمۇ قالدىم.شۇ سەۋەپتىن يۇقارقى نامى تىلغا ئېلىنغان يازغۇچىلار بىلەن ئايتماتوۋنى سېلىشتۇرۇپ ئايتماتوۋنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە نىمە ئۈچۈن نوبېل موكاپاتى ئالالماسلىقى توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئورتاقلاشقىم كەلدى.ئالاھىدە ئەسكەرتىپ كىتىدىغان مىسال-يۇقارقى ئىككى بۆلۈك تىزىملىكتىكى يازغۇچىلار دۇنيا ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن،شۇنداقلا 20-ئەسىردىكى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بۆيۈك پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان زاتلار بولۇپ سانالغاچقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللىنىپ ھېچقانداق چەك-ئۆلچەم قويۇلماي پەقەتلا دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى ئاساس قىلىپ تەرتىپكە تىزىلغان.

1.ھېمىڭۋاي:دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى شېكىسپىر ۋە گىيوتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.بۇ پەللىنى تارىختىن بېرى تېخى ھېچقانداق بىر تىلسىم يېڭىلاپ باقمىدى. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندە تارىخ پروزا سەھنىسىدىن ئۈچىنچى بىر زاتىي مۇبارەكنى ناھايىتىمۇ كېچىكىپ تارىخ سەھنىسىگە چىقاردى.بۇ زاتىي مۇبارەك كىم ؟...ئىھتىمال بۇ ھېمىڭۋاي ياكى كافكا، ياكى تولىستوي ۋە ياكى ئايتماتوۋ بولىشى مۈمكىن.نىمە ئۈچۈن مۇنداق دەيمىز ؟ يۇقىرىدا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تىزىملىكتىكى نوبېل موكاپاتى ئالغان ئۇلۇغلارنىڭ سەۋىيىسى بىلەن سېلىشتۇرما قىلغاندا ھېمىڭۋاي بۇ باھاغا ئەڭ لايىق.بەلكىم ھېمىڭۋاينىڭ پروزا ژانىرىدا دۇنيا ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى شېكىسپىر بىلەن گىيوتىنىڭ دراما بىلەن پوئېزىيىە ژانىرىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەنلا ئۆلچەشكە توغرا كەلسە كېرەك.چۈنكى ھېمىڭۋاينىڭ دەۋرىگە كەلگىچە شېكىسپىر بىلەن گىيوتىغا ئوخشاش زاتىي مۇبارەكنى تەۋەللۇت قىلغان دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئىككى تىل-ئېنگىلىس ۋە نېمىس تىلىدىن ھېچقانداق بىر زاتىي مۇبارەك ھېمىڭۋايغا ئوخشاش قوزغۇتۇش كۈچىگە ئىگە بولغان ئەمەس.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ (ھېمىڭۋاي) پروزا ژانىرىدىن ئۆز خاسلىقىنى ياراتتى دە،دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ ئۆزىنى پۈتۈن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تۇغ چوققىسى قىلىپ كۆرسىتەلىدى.ھېمىڭۋاي يازغۇچىلىق قىلغان دەۋىردە غەرپتىكى يازغۇچىلاردىن ھېمىڭۋاينىڭ يېزىش ئۇسلۇبىنى قوبۇل قىلمىغان ھېچقانداق يازغۇچى بولغان ئەمەس.كىنندى زوڭتۇڭمۇ ھېمىڭۋاينىڭ قازاسىغا يازغان تەزىيەسىدە:«ھېچبىر ئىنسان ئامېرىكا خەلقىنىڭ خارەكتېرى بىلەن ھېسىياتىغا ھېمىڭۋايدەك چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئەمەس.»دەپ يازغان.بۇ ئاددى مىسالدىنلا ھېمىڭۋاينىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنى قانچىلىك ئېتىراپ قىلدۇرالىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.جۈملىدىن،ھېمىڭۋاينىڭ نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشىشى ھەر قانداق بىر تەلەپكە ئىھتىياجلىق بولمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.ئۆز دەۋرىدىلا پۈتكۈل دۇنيا ئوقۇرمەنلىرىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن ھېمىڭۋاي 1947-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە ئۇدا يەتتە يىل نوبېل موكاپاتىنىڭ نامزاتى بولۇپ كەلگەن.بۇنىڭغا «قوش-قورال»،«ئۆلۈم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟» دىگەن ئەسەرلىرىنىڭ نەتىجىلىرى سەۋەپ بولغان.بىراق نوبېل ئەدەبىيات موكاپات ھەيئىتى«ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى پەقەتلا تەسۋىرلەش بولۇپ،پوئېتىك ئوي-تەسەۋۋۇر كەمچىل.شۇڭا ھېمىڭۋاينىڭ ئەسەرلىرىنى دۇنياۋى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ.»دەپ يېتۈك تەتقىقاتلار بىلەن باھالىغان ئەمەس.بىراق 1952-يىلى ھېمىڭۋاينىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە پوۋېستى«بوۋاي ۋە دېڭىز»نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇنىڭ ئاتاق-ئابرۇيىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىۋەتتى.«بوۋاي ۋە دېڭىز»ھېمىڭۋاي ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسى بولۇپ قالماستىن دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ تېمىدىكى ئەسەر بولۇپ قالدى.شۇنداقلا ھېمىڭۋاي ئىجادىيىتىنىڭ يەكۈنى بولۇپ قالدى. ھېمىڭۋايمۇ بۇ توغرىلىق توختىلىپ،«پۈتۈن ئۆمۈرۈمدىكى يازغانلىرىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى»دەپ ئېيتقان.جامائەتچىلىكمۇ بۇ پوۋېستنى يۇقىرى باھالاپ،«بەدىئىيلىگى تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە ئەسەر،ھەقىقى سەنئەت» دەپ ماختاشقان.نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتى ھەيئىتى«مەزكۇر پوۋېست بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئەڭ بۆيۈك يۈكسەكلىككە يېتىشكېنى ئۈچۈن ۋە ئۆز دەۋرىدىكى ئەدەبىي ئۇسلۇپنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقىنى ئۈچۈن»1954-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىنى ھېمىڭۋايغا بەرگەن.دىمەك ھېمىڭۋاي ئۆز ۋاقتىدا «بوۋاي ۋە دېڭىز»نى يازمىغان بولسا بەلكىم نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۈمكۈن ئىدى. نوبېل موكاپاتىنىڭ ھېمىڭۋايغا بېرىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ بولسا ھېمىڭۋاينىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان تەپەككۇر ئۇسلۇبى بولىشى مۈمكۈن.ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىنىڭ شەكلى ئىنتايىن ئاددى،قوللانغان سۆز-جۈملىلىرى يېقىملىق ۋە ئىخچام،پىششىق تىل ئالاھېدىلىكى بىلەن ۋايىغا يەتكەن پىرسۇناژلار پورترېتىنى يارىتالىغان.يەنە بىر تەرەپتىن ياۋرۇ-ئامېرىكا ئەدەبىيات ساھەسىدە باش كۆتۈرگەن ھەر خىل رەڭۋاز ئەدەبىي ئېقىملار ۋە ئىدىيە«ىزم»چىلار كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىغان،شۇنداقلا ئەشۇ ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان باشقا ساھە-جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن شارائىتتا ھېمىڭۋاينىڭ ساختىلىقتىن مۇستەسنا ساپ تۇرمۇش ئىستىلى ئوڭايلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ ئالقىشقا ئېرىشتى دە،بىر مەھەل«ئەدەبىيات قىزغىنلىقى» قوزغاپ ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا نائىل بولدى.ھېمىڭۋاينىڭ ئۆز ئىجادىيىتىگە قويغان تەلىپىمۇ قاتتىق بولۇپ «قوش،قورال»رومانىنى ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ 39 قېتىم تۈزىتىپ چىققان.ۋەكىللىك خارەكتىرلىق ئەسىرى «بوۋاي ۋە دېڭىز»نى بولسا ئۇزاق ۋاقىت پىششىقلاش ،200 قېتىمدىن ئارتۇق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق 1000بەتتىن ئارتۇق چىقىدىغان رۇمانىنى ئەڭ ئاخىرىدا نەچچە ئون بەتلىك پوۋېستكە ئىخچاملىغان.شۇڭا ھېمىڭۋاينىڭ ئوبرازىمۇ ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا قەيسەر، جىگەرلىك،جاھىللاشقان تۇغما تالانت بولۇپ قالغان.ئۇ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ پۈتۈن ئۆمۈرىنى دىگۈدەك جاھانكەزدىلىك بىلەن تەۋەككۈلچىلىكتە ئۆتكۈزگەن.ئۆزىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇشقا ئادەتلەنگگن خارەكتىرى كۈچلۈك ئادەم بولۇپ بىر ئۆمۈر چەكسىز قەدىر-قىممەت قوغلاشقان كىشى بولغان.ھەتتا ئۇ ئەدەبىيات ساھەسىنى كەسكىن رىقابەت مەيدانىغا ئوخشۇتۇپ:«مەن ئىجادىيەتكە دەسلەپ كىرگەن ۋاختىمدا ھېچقانداق دەبدەبە بىلەن كىرگەن ئەمەسمەن.بىراق مەن سېرۋانتىس،فىلوبىر،تۇرگېنېفلاردىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتىم.ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ مۇپاسسان ئەپەندىدىنمۇ ھالقىپ كەتتىم.ئەمدىلىكتە سىتاندال ئەپەندى بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتىمەن.مەن چوقۇم يېڭىپ چىقالايدىغانلىقمىغا ئىشىنىمەن،ئاخىرقى مەزگىلدە تولىستوي ئەپەندى بىلەن كۈچ سىنىشىپ باقماقچىمەن....»دەپ كۆرەڭلىگەن،ھەم ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ئارىسىدىن ئەدەبىيات پېشىۋاسى دەپ ئاتىغان.ئۆنۈشلىك يېرى ئۇ ئاخىرىدىكى ھەل قىلغۇچ تاللاشتا ئھتىمال ئايتماتوۋغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولىشى مۈمكۈن.مەسىلەن:جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى جاڭ چىڭ جى ئەپەندى «مەن چەت ئەللىك كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھېمىڭۋايغا بىزچىلىك چوقۇنۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم.ھازىر ھېمىڭۋاي بىز ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ھەيران قالارلىق كشى بولماي قالدى.ئۇ ھېچقاچان يېڭى ئەۋلات جۇڭگو يازغۇچىلىرىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئەمەس،ئۇنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق ئەسىرى شەكىل جەھەتتىن نەتىجە قازانغان بولسىمۇ ئىچكى مەزمۇنى ئوتتۇرا ھال ئەسەر خالاس.بۇ ئەسەر قانداق قىلىپ باشقىلارغا تەسىر قىلدىكىن تاڭ،ئايتماتوۋغا سېلىشتۇرغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك سىيما ئەمەس.ئايتماتوۋ ئادەمگە مەڭگۈلۈك زوق ۋە سېغىنىش ئاتا قىلالايدۇ.ھېمىڭۋاينىڭ ئۈلگىسى ھازىر ۋاقتى ئۆتكەن نەرسە بولۇپ قالدى.شۇڭا «بوۋاي ۋە دېڭىز»پوۋېستىنى ئايتماتوۋنىڭ «جەمىلە»سى بىلەن تەڭ سەۋىيىدە دىيىشكە تىل كۆيىدۇ» دەپ باھا بەرگەن.مۇشۇ مىسالدىن بىلگىلى بولىدۇكى،بىر مەھەللىك «ھېمىڭۋاي قىزغىنلىقى» دەۋرنىڭ چاقى بىلەن تەڭ ئايلىنىشتا چارچاپ قالغانلىقىنى بايقايمىز.چۈنكى ھېمىڭۋاينىڭ ئىجادىيەت گۈللىنىش مەزگىلى ياۋرۇپا ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۇرۇش ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان خەلقنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن قاغجىراپ تۇرغان مەزگىلىگە توغرا كېپقالغانلىقتىن،رەڭۋازلىقتىن خالىي،ئوي-پىكىرلىرى ئاددى-ساددا ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى شۇ دەۋر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېستىتىك سەۋىيىسىگە تازا ماس كەلگەن.بىراق بۇ خىلدىكى ھېمىڭۋاي مېتودى ھازىرقى دەۋرگە كەلگەندە كۈچىنى يوقاتتى.ئەڭ مۇھىمى ھېمىڭۋاينىڭ توم-توم رومانلىرى،ئۆزلۈك خاھېشلىرى ھازىرقى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ياكى گۇمانلىق قاراشلىرىغا ئۇچىرىدى.بىراق باشقىلارغا قارىغاندا جۇڭگوغا بىر ئاز كېچىكىپ كىرگەن ھېمىڭۋاي قىزغىنلىقى جۇڭگو يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن چۇڭقۇر يۇغۇرۇلۇشۇپ جۇڭگو زىمىنىدا يەنە بىر قېتىم ھېمىڭۋاي قىزغىنلىقى پەيدا قىلىشقا يارىغان.ئۇنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىغا كۆرساتكەن تەسىرى بەك كەڭرى ۋە مۇرەككەپ بولۇپ «جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىت بىلەن مۈشۈكىدىن تارىپ ھېمىڭۋايغا چوقۇنىدۇ»دىگەن تەمسىل پەيدا بولغان.يازغۇچى ۋاڭ مىڭ ئەپەندى ھېمىڭۋاينىڭ تەسىرىنى انچە ئېتىراپ قىلىپ كەتمىسىمۇ جۇڭگو ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن تەسىرىگە قارىتا ف.كافكا،گ.ماركوز،چ.ئايتماتوۋلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ«دۇنياۋى تۆت يازغۇچى» دەپ سانىغان.بىراق سەنشىلىك يازغۇچى لاۋ سۈن «يېڭى دەۋر جۇڭگو ئەدەبىياتىنى زىل-زىلىگە سالغان باشلامچى كۈچ-سۆۋېت يازغۇچىسى چ.ئايتماتوۋ،جەنۇبى ئامېرىكلىق يازغۇچى گ.ماركوز،ۋە ئامېركىلىق يازغۇچى ج.سالىنگىر بولغان»دىسە،جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ جيۇڭ ئەپەندى «يېڭى دەۋر جۇڭگو ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن يازغۇچىلار ف.كافكا،گ.ماركوز،چ.ئايتماتوۋ بولۇپ بۇلار دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئۈچ چوڭ ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلغان باشلامچى ئامىلدۇر »دەپ ئېيتقان.سۆۋېت تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىې جى ئەپەندى «يېڭى دەۋر جۇڭگو ئەدەبىياتىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن يازغۇچى باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئايتماتوۋ»دىگەن.دىمەك ئايتماتوۋ بىلەن ھېمىڭۋاينىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى باشقا يازغۇچىلارغا قارىغاندا ناھايىتى چوڭ بولغان.جۈملىدىن زادى كىمنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىغا ئەڭ كۈچلىك تەسىر قىلغىنىنى رۇشەنلەشتۈرۈش بىر مۇرەككەپ مەسىلە. ئەلۋەتتە ئەدەبىي-مەدەنىي ھادىسىلارنىڭ ئارقا كۆرىنىشگە كۆرە كىشىنى قايىل قىلىشى جەھەتتىن ئايتماتوۋنىڭ جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئەڭ ئالدىنكى قاتاردىكى باشلامچى كۈچ بولۇپ تەسىر قىلىشى ھېمىڭۋاي بىلەن تەڭ قاتاردا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىدا.دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى،ئەڭ كۆپ تىراجدا تارقىلىشى بىلەن ئەڭ نوپۇزلۇق يازغۇچى قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرغان.يەنە ىر جەھەتتىن دۇنياۋى تىل ھېساپلانغان ئېنگىلىس تىلى بىلەن يەر شارىدىكى ئەڭ ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتى ۋەكىلىنىڭ بۇنداق تەڭ كۈچ سىناشمىقى ئاسان ئەمەس.يەنە بىر جەھەتتىن ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بۆشۈكى ھېساپلانغان غەرپ ئاخپارات ۋاستىلىرىدا يەنى ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تۇپىرىقىدا ئايتماتوۋ ئەسەرلىرىدىن بەكرەك تەتقىق قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا بۇ ئىككىسىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى تەسىر كۈچى ھەققىدە بىزنىڭ ئوڭوي جاۋاپ بېرىشىمىزگە قىيىنچىق تۇغدۇرىدۇ.

ھېمىڭۋاينىڭ نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشىشى ئازىراق كومېدىيە تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ بىراق 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن.ئايتماتوۋنىڭ ھېمىڭۋايغا نىسبەتەن نىمە سەۋەپتىن بىر قاتاردا بۇ مەرتىۋىگە ئېرىشەلمەسلىگى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويلاندۇرىدۇ.يازغۇچى جاڭ چىڭجى ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا ھېمىڭۋاي ئايتماتوۋچىلىك دۇنياۋى تەسىرچانلىققا ئىگە ئەمەس.جۈملىدىن «جەمىلە»پوۋېستى ئايتماتوۋنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىدىكى ئەسىرى ئەمەس.پەقەت ۋە پەقەت دەسلەپكى بەدىئىي ئەمگىگى خالاس.جاڭ چىڭجى ئەپەندىمۇ «جەمىلە» پوۋېستىنى ئايتماتوۋنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى دەپ ھېساپلىمايدۇ.«بوۋاي ۋە دېڭىز»پوۋېستى بولمىغاندا ھېمىڭۋاي نوبېل موكاپاتىغا ئېرىشەلمەسلىگى مۈمكىن ئىدى.شۇنىڭدىن قارىغاندا بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچى بىلەن ۋەكىللىك ئەسەرمۇ مەلۇم مەزگىلگە بارغاندا ئۆز كۈچىنى يوقىتىدۇ.مەلۇم دەرىجىدە بەدىئىيلىكى بولغان ئەدەبىياتمۇ ماكان-زامان چېگراسىدىن ئۆتەلمەي قالغاندا يالت قىلىپ كۆز قاماشتۇرغان نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىمۇ دەۋرنىڭ كۈچىدىن قېلىشى مۈمكىن.پەقەت مەڭگۈلۈك بولۇپ قالىدىغىنى مەڭگۈ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدىغان بەدىئىي ئەدەبىيات.نوبېل موكاپاتى ئايتماتوۋغا بېرىلمىگەن تەقدىردىمۇ مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالغىنى ئۇنىڭ قىممىتىنى يوقاتمىغان بەدىئىي دۇنياسىدۇر.

2.م.شولوخوۋ:بەلكىم 1965-يىللىق نوبېل موكاپاتىنىڭ سۆۋېت يازغۇچىسى شولوخوۋغا بېرىلىشى نوبېل تارىخىدىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر ياخشى ئىش.شولوخوۋ سۆۋېت تارىخىدىكى نوبېل موكاپاتى ئالغان يازغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بىردىن بىر دۆلەت ۋە خەلقئارادا بۇ ئاتاققا تىنچ يول بىلەن ئېرىشكەن يازغۇچى.موكاپات ھەيئىتى شولوخوۋغا موكاپات بېرىدىغان چاغدا «تىچ دون رومانىغا بېرىلىدىغان بۇ شان-شەرەپ خېلى كېچىكىپ قالدى.ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ شانلىق نەتىجىنى نوبېل موكاپاتى ئالغان ئەزالارنىڭ ئارىسىغا قوشۇۋالغىنىمىز يەنىلا كېچىككەنلىك ئەمەس»دەپ ئەسكەرتتى.بۇ يەردىكى «كېچىكىش»دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئىككى خىل بولۇپ بىرسى،شولوخوۋ پاستىرناك ئەپەندىدىنمۇ بالدۇرلا موكاپات نامزاتى بولۇپ كۆرسۈتۈلگەن،پاستىرناك بولسا شولوخوۋنىڭ رىقابەتچىسى بولۇپ،ئۇنىڭ بۇ موكاپاتقا شولوخوۋدىن بۇرۇن ئېرىشىشى شولوخوۋنىڭمۇ چوقوم بۇ موكاپاتقا ئېرىشمىسە بولمايدىغانلىقىدەك سىياسى،ئىجتىمائى،سەنئەت زۆرۈريىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.ئىككىنچىسى،شولوخوۋ «تىچ دون»رومانى بىلەن نوبېل موكاپاتىنى ئالدى.بىراق رومان 1928-1940-يىللار ئوتتۇرىسىدا تولۇق ئېلان قىلىنىپ بولغان.شۇنداقلا بۇ 20-30يىللىق جەرياندا سۆۋېت،ھەتتاكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ بولغان.لىكىن پاستىرناكنىڭ رومانى ئېلان قىلىنغان شۇ يىلىلا بىۋاستە نوبېل موكاپاتىنىڭ ئىگىسى بولۇپ،بۇ رومان ئۆز ۋەتىنى سۆۋېت ئىچىدە سىياسى ئارازلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ خەلقئارانى زىلزىلىگە سالغان بىر مەيدان سىياسى مۇددىئالارغا سەۋەپكار بولغان ئىدى.شۇ سەۋەپتىن شولوخوۋنىڭ موكاپاتقا ئېرىشىشى ھەر تۈرلۈك پەرەز ۋە سۇئاللارنىڭ پەيدا بولىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالدى.بەزىلەر بۇ قېتىمقى «ئويۇن»شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادىمىيىسىنىڭ غەرپ بىلەن شەر*ق ئوتتۇرۇسىدا پەيدا بولغان ئىككى تەرەپلىك سىياسى ئارازلىقلارنى كېلىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «سوۋغا»دەپ چۈشەندى.ھەم نوبېل كومسىيېسىنىڭ ئازغان ھەركىتى دەپ قارىدى.بەزىلەر بولسا «بۇ تاشقى دىپلۇماتىيىنىڭ ھوسۇلى،دۆلەتنىڭ ئارتۇقچە زورۇقۇپ ئاتاق-ئابرۇي قوغلاشقىنى بولماي نىمە»دىيىشتى.چۈنكى بۇندىن بۇرۇن خىرۇششېۋ ئۆزىنىڭ يازغان بىر ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيە ۋە ئامىرىكىنىڭ بەزى ئەرباپلىرى بىلەن سۆزلىشىشى نەتىجىسىدە ئاندىن بۇ موكاپاتنىڭ شولوخوۋغا بېرىلگەنلىكىنى ئېتىپ ئۆتكەن ئىدى.

ھەقىقەتەنمۇ سۆۋېت ئەدەبىياتى بىلەن نوبېل موكاپاتى ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىپ بولمايدىغان غەلىتە ۋە مۇرەككەپ جەريانلار ساقلانغان.نوبېل موكاپاتىغا ئېرىشكەن سۆۋېتلىك بەش نەپەر يازغۇچى بىلەن سۆۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى-يامان،ئوڭ-تەتۈر پوزىتسىيىلىرى ۋە قىممەت قارىشىدىكى مۇناسىۋەتلىرى بۇنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى.سۆۋېت تارىخىدا نوبېل موكاپاتى ئالغان يازغۇچىلار ئىچىدىن شولوخوۋدىن بۆلەك ھېچكىم شولوخوۋچىلىك ئېتىراپ قىلىنمىغان.ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن موكاپات ئېلىش جەريانى ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن باغلىنىشسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇراپ تۇرغان.شولوخوۋدىن باشقا تۆت يازغۇچىنى سۆۋېت ھۆكۈمىتى ئېتراپ قىلغانمۇ ئەمەس ھەم ئۇلارنى «ۋەتەن ساتقۇچ خائىن»دەپ ئەيىپلەپ سۈرگۈنگە ھەيدىگەن.پەقەت شولوخوېنىڭ بۇ نوكاپاتنى ئېلىشىلا سۆۋېت مەدەنىيىتىدىكى بىر تارىخىي بۇرۇلۇش بولغان.شولوخوۋ موكاپات ئېلىش مۇراسىمىدا«مېنى ئېتراپ قىلغىنىڭلار-سۆۋېت ئەدەبىيات-مەدەنىيىتىنى ئېتراپ قىلغىنىڭلاردىن دېرەك بېرىدۇ.»دىگەندەك قوش مەنىلىك سۆز ئېيتقان.مۇنداق دىگىنى رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى تولىستويدىن تارتىپ كىيىنكى ئەۋلاتلاردىن مېرەجكوۋېسكىي،گوركىي،چېخوف،ماياكوۋېسكىي،بۇلگاكوۋ،ئېسېنىن،سېۋىتايىۋا، ئەخمەدوۋا.ماندېلىشتام،تۇۋاردوۋېسكىي قاتارلىق ھەر قايسى دەۋر يازغۇچىلىرىنىڭ نوبېل موكاپاتىنى ئېلىشىغا چامىسى يىتەتتى.بىراق ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ شەرەپتىن يىراق بولۇپ كەلگەن.سۆۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى ساتقۇنلىرى بولغان بۇنىن،پاستىرناك قاتارلىق ئوخشىمىغان سىياسى قاراشتىكىلەرگە موكاپات بېرىلىشى نوبېل ھەيئىتىنىڭ سۆۋېت ئەدەبىيات-مەدەنىيىتىگە دۇرۇس مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى ۋە سۆۋېت مەدەنىيىتىنى چەتكە قاققانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.شولوخوۋ سۆۋېت ھاكىميىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپدار بولۇپ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان،شۇنداقلا سۆۋېت ھاكىميىتىگە خىزمەت كۆرسۈتۈپ 36ياشتا سىتالىن موكاپاتىنى ئالغان بولسا 41يېشىدا نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىنىڭ نامزاتى بولغان.1945-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك ۋەتەن قوغداش ئوردېنى بىلەن موكاپاتلانغان،ئۇدا تۆت قېتىم لېنىن ئوردىنىگە ئېرىشكەن.ئىككى قېتىم سوتسىيالىستىك ئەمگەكتىن باتۇرى دىگەن نام ئالغان.ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمىرى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ ئىجادىيىتىنىڭ باش تېمىسىمۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن تارتىپ ئازاتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر خل ئۇرۇش-ھەرىكەتلەرگىچە چۆرىدىگەن.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ سۆۋېت ئەدەبىيات-مەدەنىيىتىنىڭ قىزىل بايرىقى بولۇپ،سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىكى ئەدەبىيات-مەدەنىيەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلاتتى.دىمەك،نوبېل موكاپاتىنى ئېلىشتا شولوخوۋنىڭ يازغۇچىلىق تالانتىدىن كۆرە نوبېل ھەيئىتىنىڭ پرۇلېتارىياتلىق مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلى بولغان ئۇلۇغ سۆۋېت ئەدەبىيات-مەدەنىيىتىنى ئېتراپ قىلمىسا بولمايدىغان سىياسى شەرت مۇھىم ئورۇندا تۇرغان.

قانداقلا بولمىسۇن شولوخوۋ نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتىغا تەلىيى بىر كىلىپ ئېرىشتى.ئەمما ئۇنىڭدىن كىيىنكى سۆۋېت ئەدەبىيات-مەدەنىيىتىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغان ئايتماتوۋنىڭ ئۆمىرى ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ مەرتىۋىدىن تەلىيى كەلمىگىنى بىر قىزىق نوقتا بولۇپ قالدى.رۇس تەتقىقاتچىلىرى«سۆۋېت ئەدەبىياتىدىكى 60-70-80-يىللار ئايتماتوۋ دەۋرى»دەپ باھالىغان.سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايانكى،ئايتماتوۋنىڭ«ئەسىر ھالقىغان بىر كۈن» رومانى 1980-يىللاردىلا 70تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تارقىلىشقا باشلىغان.شۇنداقلا ئايتماتوۋنىڭ ئىدىيىسى دۇنياۋى ماسىشتاپتا قېلىپلىنىشقا باشلىغان.ئەمما شولوخوۋنىڭ ھەممە ئەسىرى ئۇنىڭ ئاخرقى ئۆمىرىگىچە بولغان مەزگىلدە 80 تىلغا تەرجىمە قىلىنغا بولۇپ 1008قېتىمدىن ئارتۇقراق بېسىلغان.بىز ئاساسەن ئوخشاش دەۋردىكى ئاساسەن ئوخشاش ئىككى يازغۇچىنىڭ ئوخشىمايدىغان نەتىجىسىدىن ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى تەسىر-كۈچىنى سېلىشتۇرۇپ بىلەلەيمىز.ئىھتىمال ئومۇمەن ئېتراپ قىلىنىش جەھەتتىن ئايتماتوۋ سۆۋېت دەۋرىنىڭ ئۆزىدىلا شولوخوۋدىن ئاللىقاچان ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن.ھەر ئىككى يازغۇچى ئوخشاشلا 79ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن.ئايتماتوۋ ئەسەرلىرى 180تىلغا تەرجىمە قىلىنغان،بۇ تەرىپى رۇسلارنىڭ كىلاسسىك يازغۇچىلىرىدىن تولىستوي بىلەن چېخوفنىڭ سەۋىيىسىگە تەڭلەشكەن.بۇنداق بىر ئۇلۇغ ئېتراپ قىلىشقا ھېچقانداق بىر دۇنياۋى يازغۇچى ھايات چېغىدا ئېرىشەلىگەن ئەمەس.مانا ،مۇشۇنداق «ئوقۇرمىنى دۇنيا بويىچە كۆپ»بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بىر يازغۇچىنىڭ نوبېل موكاپاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرا ھەل قىلىنغان ئەمەس.ئايتماتوۋ «قىيامەت»رۇمانى ئېلان قىلىنغاندا 1987-يىلى نوبېل موكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئەڭ دەسلەپ كۆرسۈتۈلگەن.«ئىسسىق كۆل يىغىلىشى»دىمۇ ئايتماتوۋنىڭ ئىش-ئىزلىرى نوبېل ھەيئىتى تەرىپىدىن چوڭ كۆلەمدە مۇھاكىمىگە ئېلىنغان.بىراق ئاخىرقى نەتىجە شۇ بولدىكى موكاپات ئايتماتوۋغا ئەمەس،ئايتماتوۋنىڭ سىياسى رىقابەتچىسى بولغان سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدىكى «قاچقۇن شائىر»ى بىرودسكىيگە بېرىلگەن.بىردسكىينىڭ موكاپات ئالغان خەۋېرى موسكىۋاغا يېتىپ كەلگەن چاغدا سۆۋېت تاشقى ئىشلار دېپلوماتىيىسىنىڭ باياناتچىسى جېرسموۋ:«ۋاي خۇمپەر !»دەپ جاۋاپ ئېيتقان.چۈنكى بۇ موكاپات ساھىبىنىڭ ئېلان قىلىشى كىشىلەرنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىققان بولۇپ ھەتتا سۆۋېت ھۆكۈمىتىگە شەرمەندىچىلىك ئېلىپ كەلگەن.ئەسلىدە بىردسكىي سۆۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «گۇمانلىق جىنايەتچى»دەپ قارىلىپ ھەم ئەيىپلىنىپ،ئاخىرى ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن سىياسى جىنايەتچى.سۆۋېت دەۋرىدە ئۇنىڭ شائىرلىق تالانتىنى ھېچكىم تونۇپ كەتمىگەن.ھەتتا نامى ئوتتۇرا ھال سەۋىيىدىكى شائىرلار قاتارىدىمۇ بولمىغان.پەقەت جەمئىيەت تەرىپىدىن سىياسى سالاھىيىتىلا خەقنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقانلىقتىن ئەسەرلىرى سۆۋېت ئىتتىپاقى ئىچىدە بېسىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان.نوبېل موكاپاتىنى ئۇتقاندىن كىيىن ئاندىن گورباچېۋنىڭ ئاچچىق سىياسىتىگە دۇچ كەلگەن «ناتونۇش شائىر»نىڭ شېئىرلىرى ئۆز دۆلىتىدە ئاندا-ساندا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.بىراق شۇندىمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئانچە بەك ئېتراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ كىتەلمىگەن.مۇشۇنداق بىر «قوش تەۋەلىك»شائىرنىڭ سۆۋېت ئەدەبىيات-مەدەنىيىتىنىڭ تىزگىنى بولغان ئايتماتوۋ بىلەن قارشىلىشىپ مەزكۇر موكاپاتنى ئاسانلا ئېلىپ قالالىشى نوبېل ھەيئىتىنىڭ سۆۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سىياسى مۇئامىلىسىنىڭ ئىچكى «غۇم»ىنى ئاشكارىلىشى بولغان.ئوچۇقىنى ئېيتقاندا «مازارغا تاش ئېتىپ ماشايىق بولغان»بىرودسكىي بىلەن ھەقىقى تەسىر-تالانتقا ئىگە ئايتماتوۋنىڭ دۇنياۋدىكى ئورنىدا «قىل بىلەن پىلدەك» پەرقلەر مەۋجۇت.

ئەڭ ئاددىيسى،ئادەتتىكىلا يازىدىغان بىرودسكىي ئەمەس،نوبېل موكاپاتىنىڭ ئادىل ئۇتقۇچىسى دېيىلگەن شولوخوۋقا سېلىشتۇرغاندىمۇ ئايتماتوۋ ئۆز ئەۋزەللىكىگە ئىگە.بۇنىڭغا نوبېل موكاپاتىنى يەڭگەن 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى شولوخوۋنىڭ دۇنيانى قايىل قىلغان تەسىر كۈچى بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى نوبېل نامزاتى بولۇپ تۇرغان ئايتماتوۋنىڭ سۆۋېت ۋە خەلقئارادا ئىگەللىگەن ئورنى،قەدىر-قىممىتى شۇنداقلا ھەممىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان تەسىر-كۈچى بۇنىڭغا ئېنىق دەلىل بولالايدۇ.شولوخوۋدىن باشقا سۆۋېت تارىخىدا نوبېل موكاپاتىغا ئېرىشكەن باشقا يازغۇچلارنى ئايتماتوۋ بىلەن سېلىشتۇرۇشقا توغرا كىلىپ قالسا تېخىمۇ ئويلىمىغان قىزىق ئىشلار ئۇچرايدۇ. سۆۋېت خەلقىنىڭ 1965-يىلى موكاپات ئالغان شولوخوۋدىن يەنىمۇ كۆپ بىر نەرسە كۈتمەستىن 1963-يىلى سۆۋېتنىڭ ئەڭ چوڭ موكاپاتىنى ئالغان ياش يازغۇچى ئايتماتوۋغا نەزەر ئاغدۇرۇشى بەدىئىي ئەدەبىيات تارازا تېشىنىڭ شولوخوۋدىن قول ئۈزۈپ ئايتماتوۋغا مايىل بولغىنىدىن دېرەك بەردى.نىمە ئۈچۈن شۇ چاغنىڭ دەل ئۆزىدە دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئۇلۇغ ئۇستاز شولوخوۋدىنخەق ئۈمىتىنى ئۈزۈپ ئايتماتوۋغا نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ ؟نىمە سەۋەپتىن شولوخوۋ ئۆمۈرىنىڭ كىيىنكى مەزگىللىرىدە بىرەر يازمىسىنى ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنمايدۇ ؟نىمىشقا خەقلەر ئۇنىڭدىن يەنىمۇ ياخشىراق بىرەر نەرسە كۈتەلمىدى ؟ ئىھتىمال شولوخوۋ ئىجادىيىتنىڭ گۈللەنگەن ماكان-زامان كەڭلىكى چەكلىكلا بولغان.ئايتماتوۋنىڭ بولسا پۈتۈن ئۆمۈرىدىكى تەسىرى قاپلىغان تېرىتۇرىيە پۈتكۈل رۇسىيە،پۈتكۈل غەرپ،ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بولغان.ئەمما يەنىلا مۇھىم ھالقا ئايتماتوۋنىڭخىزمەت مۇھىتى،ئىجادىيەت سەپىرى ۋە ئاساسلىق ئۆمۈرى رۇسلار بولغان.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئايتماتوۋنىڭ ئوبرازى ھازىرمۇ رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۆيۈك پەللىسى بولۇپ سانىلىدۇ.

3.گ.ماركوز.ئەگەر نوبېل موكاپاتىنى شولوخوۋغا بېرىش ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولدى دەپ قارالسا،ئۇنداقتا مەزكۇر موكاپاتنىڭ 1982-يىلى جەنۇبى ئامېرىكىلىق سىھرىي رىيالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستازى ماركوزغا بېرىلىشى نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتى تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق بەلگىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.موكاپات ماركوزغا بېرىلگەندە دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە باشقىچە پىكىر-قاراشلار بولمىدى.پۈتكۈل دۇنيا مەزكۇر موكاپاتنىڭ ئەڭ ئادىل تارقىتىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلىشقان.موكاپاتنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيى بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.بۇنداق ھەممىنى تەڭلا ئېتىراپ قىلدۇرالىغان ئاساستا موكاپات ئالغان يازغۇچى يالغۇز ماركوز بولۇپ،تارىختىن بېرى ھېچقانداق بىر يازغۇچىنىڭ موكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى ماركوزنىڭكىدەك تىچ ۋە دەبدەبىلىك بولغان ئەمەس.جۈملىدىن،«يۈز يىل غېرىپلىق»-بۇ ئاتاقلىق يازغۇچىنىڭ 18يىللىق قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسى بولۇپ پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە سېلىۋەتكەنىدى.ھەتتا بەزىبىر تەتقىقاتچىلار بۇ رۇماننى «دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا يارالغان ئەڭ ئۇلۇغ ئىجادىيەت» دەپ باھالاشقان.«يۈز يىل غېرىپلىق»20-ئەسىر ئىسپان تىلى ئەدەبىياتىدىكى «ئىنجىل» بىلەن تەڭ قەدىرلەنگەن ئېسىل كىتاپ بولۇپ باھالىنىپ دۇنيا ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى سېرۋانتىسنىڭ «دونكىخوت»رومانىغا قارىغاندا خېلى ئالدىدا تۇرىدۇ.

ئىھتىمال،ماركوز بىلەن ئايتماتوۋنى سېلىشتىرۇپ تەتقىق قىلىش تارىخنىڭ بىزگە قويغان تەلىۋى بولسا كېرەك.چۈنكى،بۇ ئىككى ئىنسان 20-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بىرلا ۋاقىتتا چاقنىغان قوش يۇلتۇز بولۇپ،ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى غەرپ مەدەنىيىتىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.غەرپنىڭ ئەدەبىيات چولپانلىرىدىن دانتې،گىيۇتې،شېكىسپېر قاتارلىق ئۇلۇغلارنىڭ قاتارىدىن تونۇلىدۇ.بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ بەزى بىر ئوقۇمۇشلۇق زاتلار بۇ ئىككىيلەننى پۈتۈن ياۋرۇ-ئامېرىكا يېڭى مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ھالقىپ كەتتى دەپ قارايدۇ.مۇشۇ نوقتقدىن قارىغاندىمۇ ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى پۇختىلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.

خەن جىېجىن خانىم«ئايتماتوۋنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگو ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى 70-80-يىللاردىكى ھېمىڭۋاي بىلەن فولكنېرنىڭ تەسىرىدىن قېلىشمايدۇ.»دەپ باھا بەرگەن.مېنىڭچە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى 70-يىللاردىكى ھېمىڭۋاي دەۋرى،80-يىللاردىكى ئايتماتوۋ دەۋرى،90-يىللاردىكى ماركوز دەۋرى،2000-يىللاردىن كىيىنكى گۇندىرا دەۋرى دەپ بۆلۈش ئەقىلگە مۇۋاپىق.نىمىشقا دىگەندە ماركوزغا سېلىشتۇرغاندا جۇڭگوغا ئايتماتوۋنىڭ تەسىرى بۇرۇنراق كىرگەن.ھەم ئەمەلىي نەتىجىسىمۇ ياخشى بولغان.مەسىلەن،دەسلەپكى مەزگىللەردە ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىدىن تۈزدىن-تۈز ئۆرنەك ئېلىپ يېزىلغان جاڭ شيەنلىياڭنىڭ «شور بۇلاق»،گۇ خۇانىڭ «ھەشقىپچەك ياماشقان ئۆي» پوۋېستلىرىغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئەسەرلەر 1981-يىللىرىلا ئېلان قىلىنىپ دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئاراغا تونۇلغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىيەتلەرنى ئەدەبىيات سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىغان.شۇنداقلا «ئايتماتوۋ ھادىسىسى» جۇڭگو تۇپىرىقىدا ھەقىقى شەكىللىنىشكە باشلىغان.ماركوزنىڭ ئەسەرلىرى 1987-يىلىغا كەلگەندە «ماركوزنىڭ ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى»،«يۈز يىل غېرىپلىق»،ۋە «قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۆلۈمى»بولۇپ ئۈچ توم كىتاۋى 1982-1984-1986-يىللىرى جۇڭگوغا كىرگەن.ھەيران قالارلىقى «يۈز يىل غېرىپلىق» رومانى نوبېل موكاپاتى ئالغاندىن كىيىنكى 1982-يىلى ئاندىن جۇڭگوغا تەرجىمە قىلىپ كىرگەن ئىكەن.بىز مۇشۇنىڭدىنلا نوبېل ئەدەبىياتى موكاپاتىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرى بولسا بۇ چاغقىچە جۇڭگوغا تولۇق دىگۈدەك تونۇشتۇرۇلۇپ بولغان بولۇپ،پۈتكۈل تەتقىقاتچى،تەرجىمان ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تارىنى تىتىرىتىپ سالغان ۋاقتى ئىدى.كىيىنكى مەزگىلدە «يۈز يىل غېرىپلىق »رۇمانى تارىختا چەتتىن كىرىپ ئەڭ تېز قوبۇل قىلىنغان ئەدەبىي كىتاپ بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ئەدەبىياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتتى.بۇ كىتاپ 20-ئەسىر جۇڭگو ئەدەبىياتىدا ئەڭ قىزغىن قارشى ئېلىنغان كىتاپ بولۇپ،ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى بولغان «يۈز يىل غېرىپلىق» بىلەن كەسكىن رىقابەتكە چۈشتى.مېنىڭچە بولغاندا 80-يىللاردا ئايتماتوۋ ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى ماركوز ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە قارىغاندا ئالدىدا بولسا بولغانكى،بىراق چېكىنگەن ئەمەس.بۇنىڭغا دەلىل قاتارى ئايتماتوۋنىڭ 1980-يىللاردىكى ھەر تۈرلۈك تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان ئالتە توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى ۋە «ئەسىر ھالقىغان بىر كۈن»نىڭ ئىككى تۈرلۈك،«ئاق پاراخوت»نىڭ تۆت تۈرلۈك،«قىيامەت»نىڭ بەش تۈرلۈك ئوخشىمىغان تەرجىمىلەردە ئېلان قىلىنىشى...قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.ماركوزنىڭ بولسا «يۈز يىل غېرىپلىق»رۇمانى 1980-1990-يىللىرى ئارانلا ئىككى تۈرلۈك تەرجىمىدە تارقىلالىغان.ئەمما ئۆكۈنۈشلىك يېرى ئايتماتوۋ ئۆزىنىڭ جۇڭگودىكى ئورنىنى ماركوزغا كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەپلەر بىلەن تارتتۇرۇپ قويدى.بۇنى ئىتراپ كىلىش كېرەك ئەلۋەتتە.چۈنكى،«قىيامەت»رومانىدىن باشلاپ ئايتماتوۋنىڭ جۇڭگودىكى تەقدىرى باشقىچە بولدى.بۇ رۇماننى جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرى قوبۇل قىلالمايلا قالماستىن ئەكىس تەسىرى كۆرۈلدى.قىيامەت رۇمانى دەسلەپ ئېلان قىلىنغاندا «يۈز يىل غېرىپلىق»تىن نەچچە ھەسسە زور تەسىر قوزغىغان.ھەتتا ئوبزورچىلاردا ئالدىنقى رۇمان«ئەسىر ھالقىغان بىر كۈن»نى «يۈز يىل غېرىپلىق» بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ باھا بېرىش باش كۆتۈرگەن.بىراق ئايتماتوۋ «ئىجادىيەت سەپىرىمدىكى بۆيۈك چوققا»دەپ قارىغان رۇمان شۇ يىللىق نوبېل ھەيئىتىنىڭ تاللىشىدىن چۈشۈپ قېلىشى،شۇنداقلا ئىككىنچى يىلى يەنە سىياسى رىقابەتچىسى بىرودسكىيگە ئۇتتۇرۇپ قويىشى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.خەلقئارادا بىر تەرەپتىن «قىيامەت»رۇمانىنى گورباچېۋ قوللىغان دەپ ئەدەبىيات-سەنئەتكە گۇمان بىلەن قارىغانلار چىقسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئاۋدى ئوبرازىدىكى دىنىي قاراشلارغا بولغان زىددىيەتلىك پوزىتسىيەلەر رۇماننىڭ ئۇتۇقلىرىنى يوققا چىقىرىشقىچە بېرىپ يەتتى.جۇڭگو ئەدەبىياتىدا بولسا ئايتماتوۋنىڭ دىن ۋە سىياسىيغا تۇتقان پوزىتسىيسىنى چۈشەنمەسلىك ئەھۋالى كىلىپ چىقتى.ئايتماتوۋنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئەسەرلىرىنىڭ چوقۇنغۇچىسى جاڭ چىڭجى،جاڭ ۋىي،جان شەنلىياڭ،لۇ ياۋ قاتارلىقلار ھەممىسى دىگۈدەك ئايتماتوۋنىڭ يېڭى ئەسىرىنى،ئىدىيىسىنى،پىكىر-قاراشلىرىنى يوققا چىقىرىشتى.شۇنىڭ بىلەن ئايتماتوۋنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى 90-يىللارغا كەلگەندە بۇرمىلاندى.يەنە بىر تەرەپتىن گورباچېۋنىڭ «يېڭى ئىدىيە»سى بىلان ماسلاشقان ئايتماتوۋنىڭ دۇنياۋى ئىدىيىسىنىڭ تۇغۇندىسى سۆۋېت ئىتتىپاغى پارچىلىنىشى بىلەن ئايتماتوۋنى «سىياسى جىنايەتچى»گە ئوخشاش سالاھىيەتكە چۈشۈرۈپ قويدى دە،ئايتماتوۋ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ قويدى.ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئايتماتوۋنىڭ يەنە بىر يېڭى ئىدىيىسى-«كاسساندىرا ئىزى»نىڭ رۇس ئەدەبىياتىدا سالقىن مۇئامىلىگە ئۇچىرىشى ئايتماتوۋنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بولغان رۇس موھىتىدىن غەرپ ئەدەبياتىغا كېڭىيىشى شۇنداقلا ئايتماتوۋنىڭ بارغانسىرى غەرپ مەدەنىيىتى بىلەن باغلانغان سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۆز-ئارا ئۇقۇشماسلىقلارنى زورايتىۋەتتى.


ۋاقتى: 2012-4-1 13:21:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تەھلىل قىلىشقا تىگىشلىك ئىكەن!

ۋاقتى: 2012-5-12 15:10:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ماقالە ناھايىتى موھىم ئورۇن تۇتىدىكەن.چىڭگىز ئايتماتوپقا نىمە ئۈچۈن نوبىل مۇكاپاتى بېرىلمەيدۇ؟ بۇ ئاسىيا قىتئەسىدىكى يازغۇچىلار ئويلاپ يېتەلمەيدىغان سەۋەپلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولىشى مۇمكىن.دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچىمى نىمە بىلەن بەلگىلىنىدۇ؟......ئومۇمەن ئۆزىنى قەلەمكەشلەر سېپىدە دەپ ئويلاۋاتقان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى بۇ ماقالىنى كۆرۈپ قويۇشى زۈرۈركەن.

ۋاقتى: 2014-12-11 23:48:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12-ئاينىڭ 12-كۈنى بۇ زاتىي مۇبارەكنىڭ تەۋەللۇت  كۈنى بولغانلىقتىن،بىر قىسىم خاتىرە سۈرەتلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.
مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىگە ئاسانلىق تىلەيمىز!… 1229831952_ait-17.jpg

ۋاقتى: 2014-12-11 23:49:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
重洗4.jpg

ۋاقتى: 2014-12-11 23:51:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
重洗58.jpg

ۋاقتى: 2014-12-11 23:52:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
复件 7-10 (3).jpg

ۋاقتى: 2014-12-12 09:32:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
重洗52.jpg

ۋاقتى: 2014-12-12 10:45:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     «‹ماناس› مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە     −قىرغىزىستاننىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوفنى زىيارەت
                                       
جۇ يوكې
2007- يىل 9- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، مايا خانىم ماڭا چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ كاتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ قويغانلىقىنى، بىز ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا بىۋاستە بارساق بولىدىغانلىقىنى، ھازىر ئۇنىڭ بىر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، يىغىننى تۈگىتىپلا بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ئېيتتى.
گېزىتىمىز مۇخبىرى («شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى») سۇڭ جۈن فوتوگراف، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېشكەك ئۇنىۋېرسىتېتىدا روس تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئاسپرانتى ياڭ چىڭ خانىم تەرجىمان، نۇرلان شوپۇر بولۇپ تۆتىمىز قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەتلىك كىنوچىلار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەت بىناسىغا يېتىپ كەلدۇق، چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئىشخانىسى 2- قەۋەتتە ئىكەن. بىزنى كۈتۈۋالغان كىشى بىزگە چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ يىغىنىنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى، بىزنىڭ بىرئاز ساقلاپ تۇرۇشىمىزنى ئېيتتى.
زالدا ساقلاۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئىككى قىزمۇ بولۇپ، مەن ئۇلارنى مۇخبىر ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىرى ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنڭ ئوقۇغۇچىسى نۇرجامال، يەنە بىرى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېلىسا ئىكەن. ئۇلار چىڭغىز ئايتماتوف بىلىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇنى كۈتۈۋاتقىلى ئىككى سائەت بوپتۇ، ئۇلارمۇ چىڭغىز ئيتماتوفنى ساقلاش جەريانىدا ئۆزئارا تونۇشۇپ قاپتۇ. كۈتۈۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئورۇققىنە كەلگەن ياشانغان بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ قىزى شائىرەكەن، ئۇ قىزىغا ۋاكالىتەن چىڭغىز ئايتماتوف بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكىلى كەپتۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي يىغىن ئاخىرلاشتى، كاتىپ بىزنى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى. بىز كىرىپ كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى.
- سىزنى قايتا كۆرگىنىمگە ئىنتايىن خۇشالمەن،- دېدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ.
ئۇمۇ قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئانچە كىچىك ئەمەس ئىدى، ئۇدۇلدىكى تامغا ئۆزىنىڭ ماي بوياق رەسىمى ئېسىلغان بولۇپ، بىرەر مەشھۇر رەسسام تەرىپىدىن سىزىلغاندەك قىلاتتى. ئىشخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنغىنا يىغىن ئۈستىلى قويۇلغان بولۇپ، ئەتراپىغا ئورۇندۇقلار تىزىلغانىدى. ئىشخانىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تامغا يۆلەشتۈرۈلۈپ قويۇلغان بۇلۇڭ شەكىللىك كېرىسلولار تۇراتتى.
چىڭغىز ئايماتوف يېنىمدىكى بۇلۇڭ شەكىللىك ساپادا ئولتۇردى. ئۇ ئۇچىسىغا سېرىق رەڭلىك كاستىيۇم- بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ، كىيىمىنىڭ رەڭگى بىلەن چېچىنىڭ رەڭگى شۇنداق ماسلاشقانىدى. مەن ئۇنىڭ قاڭشارلىق بۇرنىغا ھەمدە بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزىگە دىققەت قىلدىم، ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى ئاغزىدىن دومىلاپ چىققاندەك ئېغىر ئىدى.
مەن ئالدى بىلەن « شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى سۇ جىشاڭ ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ خاتىرە بويۇمىنى سوۋغات سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم، ئۇ بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ رەھمەت ئېيتتى.
ئۇ ئۈزۈلدۈرمەي مېھمان قوبۇل قىلغاچقا، بىرئاز چارچاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
- بىز ۋاقىت بەلگىلەپ پاراڭلاشساق قانداق؟- دېدى ئۇ.
- پەقەت 30 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئالىمەن،- دېدىم مەن.
ماڭا تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىۋاتقان ياڭ چىڭ خانىمنىڭ دېيىشىچە، روس تىلىنى شۇنداق ئەركىن، شۇنداق چوڭقۇر سۆزلەيدىغان كىشىنى تېخى بىرىنچى قېتىم ئۇچرىتىشى ئىكەن. مەن روس تىلىنى بىلمىگەچكە، بۇ تەرىپىنى ھېس قىلالمىدىم،
مەن چىڭغىز ئايتماتوفقا 9- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچقۇرۇن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرى جاڭلايېف. C.A
نىڭ قىزىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقانلىمنى ئېيتتىم ھەمدە ئۇنىڭدىن:
- مەن شۇ كۈنى كەچتە سىزنى كۆرگەن، شۇ كۈنىدىكى مۇراسىم ھېلىمۇ ئېسىڭىزدە بارمۇ؟- دەپ سورىدىم.
شۇ كۈنى ئاخشىمى، مىنىستىرنىڭ قىزىنىڭ توي مەرىكىسىگە ئاران بىرنەچچە جۇڭگولۇق تەكلىپ قىلىنغانىدۇق، باش مۇھەررىر سۇ جىشاڭ مۇھىم مېھمانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى. تۆردە چەت ئەل ئەلچىلىرىدىن باشقا، يەنە قىرغىزلارنى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ چوققىسىغا چىقارغان چىڭغىز ئايتماتوفمۇ بار ئىدى،
شۇ كۈنى ئاخشىمى، چىڭغىز ئايتماتوف بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئۇ كۈنىدىكى توي مۇراسىمى مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئىنتايىن ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى بولدى. مۇراسىمدا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇغ- تۇغقانلىرىدىن باشقا، يەنە قىرغىزىستاننىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى، مەشھۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىلغان ئىدى. كىشىلەر ئارقا- ئارقىدىن كېلىپ چىڭغىز ئايتماتوف بىلەن ھاراق سوقۇشتۇراتتى، ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشەتتى، شۇ كۈنى ھەتتا توي مۇراسىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان رېستۇراننىڭ مۇلازىملىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئارقا- ئارقىدىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا، چىڭغىز ئايتماتوف يېتىشەلمەيتتى، بەزىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغانلارغا ئارقىسىنى قىلىۋېلىشقا مەجبۇر بولاتتى. توي مۇراسىمنىڭ خوجايىنلىرى بولغان مىنىستىر ئەر- خوتۇندىن باشقا، باشقىلارنى ئۆزىگە ئەڭ جەلپ قىلىۋاتقىنى يەنىلا چىڭغىز ئايتماتوف ئىدى. شۇ كۈنى، ئۇ يەنە كېلىن، كۈيئوغۇلغا ئاتاپ تىلەك تىلىدى، مەن چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ قىممەتلىك سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئېنىق ئىدى.
- ئەلۋەتتە ئېسىمدە،- دېدى چىڭغىز ئايماتوف،- شۇ كۈنى مەن سۇ باش مۇھەررىر ھەمدە ياپونىيە ئەلچىسى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغانىدىم، ئېسىمدە قېلىشىچە ئىككىمىزمۇ كۆرۈشكەن، تېخى رۇمكىمۇ سوقۇشتۇرغان.
شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن غەيرىي رەسمىي كۆرۈشكەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ، بېشىمنى لىڭشىتتىم.
- سۇ باش مۇھەررىرگە مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ،- دېدى ئۇ.
- سۇ باش مۇھەررىر تۈنۈگۈن ۋەتەنگە قايتتى، ئۇ ئەسلىدە سىزنى يۈز تۇرانە زىيارەت قىلماقچى بولغان،- دېدىم مەن.
ئۇ شىنجاڭ ھەققىدە توختالغاندا، مەن خاتىرە دەپتىرىمنى تەييار قىلدىم.
- شىنجاڭ جۇڭگونىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن ئۆلكىسى، جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، بىز جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي- سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز. شىنجاڭدىمۇ قىرغىزلار بار، سىلەر ئۇلارنى قىرغىز مىللىتى دەيسىلەر، بىز ئۇلار بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتىمىز.
چىڭغىز ئايتماتوف سۆزلىگەچ، كاتىپىغا قىرغىز خەلقىنىڭ چوڭ ھەجىمىلىك «ماناس» ئېپوسىنى ئەكەلدۈردى.
ئۇ «ماناس» ئېپوسىنى قولىدا دەڭسەپ كۆرۈپ:
- بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئون كىلوگرامچە كېلىدۇ،- دېدى ئۇ،- بۇنى ماڭا شىجاڭدىكى قىرغىز قېرىنداشلىرىم سوۋغا قىلغان. شىنجاڭدا قىرغىزچە يېزىقتا نەشر قىلىنغان.
- ھەر قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلار كەلسە، مەن بۇ كىتابنى ئۇلارغا كۆرسىتىمەن، سىلەردىن كىم بۇنداق كىتابنى يېزىپ چىقالىغان؟ دەپ سورايمەن،- دېدى ئۇ.
مەن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ قولىدىن بۇ چوڭ ھەجىملىك كىتابنى ئېلىپ دەڭسەپ باقتىم، كىتاب ھەقىقەتەن بەك ئېغىر ئىدى. ئاندىن كىتابنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم، ئۇ كىتابنى كاتىپىغا بەردى.
- يۈسۈپ ماماينىڭ خاتىرىسى مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى،- دېدى ئۇ.
مەن ئۇنىڭدىن يۈسۈپ ماماينى كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكىنى سورىدىم، ئۇ كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭدىن شىنجاڭغا بېرىش ئويىنىڭ بار- يوقلۇقىنى سورىدىم، ئۇ بېرىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭ تەرەپتىنمۇ ئۇنى ھەدەپ تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ھازىرغىچە يولغا چىقالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
تەڭرىتېغىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەرىپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چىڭغىز ئايتماتوف تەڭرىتېغىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى بەش مىليون نوپوسقا ئىگە دۆلەتتە ياشايدۇ، ئۇ ئىلگىرى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، زۇڭتۇڭ بولۇشنى خالىماي، ئۆزىنىڭ يازغۇچىلىقىنى قىلماقچى بولغان.
- بۇ كىتاب مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،- دېدى چىڭغىز ئايتماتوف يەنە «ماناس» ھەققىدە توختىلىپ.
- سىز يازغۇچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا، بۇ كىتاب قىرغىزىستاندىكى ھەربىر پۇقرا ئۈچۈنمۇ مۇھىممۇ؟ ئۇنىڭ ئادەتتىكى قىرغىز كىشىلىرى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتتى بار؟- دەپ سورىدىم مەن.
- مەنمۇ بىر ئادەتتىكى قىرغىز، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن، شۇڭا ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى بىلەن ئادەتىكى كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى ئوخشاش، چۈنكى بۇ كىتابمۇ تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەسمۇ؟- دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ.
- بۇ كىتاب قىرغىزلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ، سىلەرگىمۇ ئوخشاش،- دېدى ئۇ.
بۇ چاغدا، ئۇ مېنىڭ خاتىرە دەپتىرىمدىكى خەتلەرگە قاراپ:
- سىز خەتنى بەك تېز يازىدىكەنسىز، سىز يازغان خەنزۇچە خەت غەرىبلىكلەرنىڭ خېتىگە ئوخشايدىكەن،- دېدى.
مەن ئۇنىڭغا بۇنىڭ قول يازما ئىكەنلىكىنى،تېز خاتىرىلەش ئۈچۈن شۇنداق يازغانلىقىمنى دەپ بەردىم.
- كېيىن تونۇيالامسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ.
مەن تونۇيالايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
مەن ئۇنىڭدىن يېزىقچىلىقتىن باشقا، ھازىر يەنە قانداق مەمۇرىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى سورىدىم.

ئۇ ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بۇرۇسەيردە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ئۇ قارىماققا 80 گە يېقىنلاپ قالغان ئادەمگە ھەرگىز ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ يۈرىكى يەنە ھەدەپ دۇنيا ئەدەبىياتى ئۈچۈن سوقۇۋاتاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئارقا- ئارقىدىن يازغان «كامىلە»، «كاللا كېسىش سەھنىسى»، «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن»، « ئاق پاراخوت» قاتارلىق دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلىرىنى تىلغا ئالدىم.
- سىزنىڭ ھەممە ئەسىرىڭىز ئاساسەن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، جۇڭگودا سىزنىڭ نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىڭىز بار،- دېدىم مەن.
ئۇ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ئاندىن:
- مەن ئوقۇرمەنلىرىم ئۈچۈن يەنە كۆپلەپ ئەسەر يازىمەن،- دېدى.
- سىز ھازىر يەنە قانداق ئەسەر يېزىۋاتىسىز؟- سورىدىم مەن.
- يېقىندا «تاغلار غۇلىغاندا» ناملىق رومانىم نەشر قىلىندى، ئۇمۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى،- دېدى.
مەن ۋەتەنگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ يېڭى كىتابىنى چوقۇم تېپىپ ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
- سىز ھەركۈنى ئادەتتە قانداق چاغدا ئەسەر يازىسىز؟ كېچىدە يازامسىز ياكى كۈندۈزدىمۇ؟
- مەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە يېزىقچىلىق قىلىمەن، ئەتىگىنى ناھايىتى بالدۇر ئورنىمدىن تۇرىمەن، ئەتىگەن سائەت بەشتىن ئونغىچە ئۆيۈمدە يېزىقچىلىق قىلىمەن،- دېدى ئۇ.
- سىزنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە ئېيتىدىغانلىرىڭىز بارمۇ؟- دېدىم مەن.
- مەن ھەربىر پارچە ئەسىرىمنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن خەنزۇ تىلىنى ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن، چۈنكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى جۇڭگودا- دېدى ئۇ.
مەن خاتىرە دەپتىرىمگە ئۇنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇۋالدىم، ئۇنىڭ خەتلىرى ناھايىتى چوڭ ئىدى، خاتىرەمنىڭ ئۇستىگە دۆلىتىنىڭ ئىسمى قىرغىزىستاننى، ئوتتۇرىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى چىڭغىز ئايتماتوفنى، ئاستىغا چىسلانى، يەنى2007- يىل 9- ئاينىڭ 18- كۈنىنى يازدى.
ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، بەدىنىنى سەل ئېگىپ، مەن بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.
- سىپاسىبا ( روس تىلىدا «رەھمەت» )،- دېدىم مەن.
ئۇنىڭ سائەت بەشتە كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ كېلىشىپ قويغان يەنە بىر مېھمىنى بولغاچقا، ئالدىراپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقتۇق. ئۇ ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بارغاندا، ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغانلار ئۇنى ئورىۋېلىشتى. بىر دەمدىن كېيىن، ئاخىرى ئۇ بىنادىن چىقىپ، كوچىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر ئارىسىدا كۆزدىن غايىب بولدى.
دوستۇم ماڭا، ئۇنىڭ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى بىلگىيىگە كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
خەنزۇچە «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 2007- يىل 9- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى سانىدىن ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمە قىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 10:58  


ۋاقتى: 2014-12-13 13:30:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mmexport1418431720336.jpeg

ۋاقتى: 2014-12-13 13:31:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 10:45:53
     «‹ماناس› مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمى

بۇ تەرجىمىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن!

ۋاقتى: 2014-12-13 14:39:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_20141213_085136.JPG

ۋاقتى: 2014-12-13 14:49:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_20141213_085223.JPG

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش