كۆرۈش: 447|ئىنكاس: 7

غازى ئەھمەد ھوزۇرىدا سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
IMG_1030.JPG

ئۇيغۇر ئالىمى تەجەللى پورتىرىت سىزمىسىنىڭ ئىجادىيەتچىسى

زامانىمىزدىكى مەشھۇر رەسسام شىنجاڭنىڭ تەسۋىرى سەنئەت ساھەسىدىكى كۈچلۈك يېتەكچى


داڭلىق رەسسام، جەمئىيەت ئەربابى

غازى ئەھمەد  ئەپەندى ھۇزۇرىدا سۆھبەت


ئابدۇغوپۇر تاھىر ، مۇختەر مامۇت مۇھەممىدى




2015 -يىلى4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېھتىمال ئۈرۈمچىدىكى بۇ بىر كۈنۈمگە ياخشى سائەتلەر پۈتۈلگەن بولسا كېرەك، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ماڭا ئاكا ۋە ئۈستاز يوللۇق يېقىن بۇرادىرىم  مۇختەر مامۇت مۇھەممىدى تېلېفۇندا مېنىڭ كونسۇل كوچىسىدا ئۆزى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەھمەد ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن بىرگە بېرىشىمنى ئېيىتتى.

گەرچە ئەينى ۋاقىتتا شۈنچىلىك خۇشھال بولغان بولساممۇ، لېكىن، ئۇ كىشىگە بولغان ھورمىتىم سەۋەپلىك ئۇنىڭ ھوزۇرىدا تارتىنىپ –قورۇنۇپ سۆھبەتكە         ئەكىس تەسىر بېرىپ قويۇشۇمدىن ئەندىشە قىلىپ باھانە كۆرسۈتۈپ، بېرىشتىن  يالتايدىم .

مېنىڭ تارتىنچاق مېجەزىمنى بۇرۇندىنلا چۈشۈنىدىغان مۇختەر مامۇت ، باھانە سەۋەپلىرىمنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ مېنى ئەيىپلىگەندىن كىيىن.

- ئۇ ئادەم ياشىنىپ قالدى بىزلەر ئۈچۈن تەۋەرۈك ئەزىز مېھمان دىسەكمۇ بولىدۇ، سالامەتلىگىمۇ تازا ياخشى ئەمەسكەن شۇڭا يوقلاپ كېلىمىز. بولسىغۇ سېلىنى ئۈرۈمچىگە كەپتۇ دەپ ئىزدەپ –سوراپ ئالدىڭلارغا كېلىپ كۆرۈشسە بولاتتى... قاملاشمىغان گەپنى ئاز قىلىپ تېزراق كېلىڭلار سېلىنى ساقلايمەن. دىگەندەك قەشقەرلىك كىشىلەرلا دەل جايىنى تېپىپ دىيەلەيدىغان سېسىق گېپىدىن كىيىن سەل ئويلۇنۇپ؛ - بوپتۇلا بارسام باراي. دىدىم ئىچىمدە.

ئەسلىدىمۇ غازى ئەھمەد ئەپەندىگە بولغان غايىۋانە ھۆرمىتىم مېنىڭ شۇ چاغدىكى تارتىنىش ھەم قورۇنۇش پىسخىكامدىن غالىپ  كەلگەن  ئىدى.

مۇختەر مامۇت بىلەن كۆنسۇل كوچىسىدا ئۇچراشقاندىن كىيىن ئازراق قاخشاپ قويۇپلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم، مەن كەلگىچە ئۇ غازى ئەھمەد ئەپەندى بىلەن تېلفۇندا كۆرشۈپ بۈگۈنكى ئۇچرۇشۇشنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتىنى كېلىشىپ قويغان     ئىكەن...

بىز غازى ئەھمەد ئەپەندىنىڭ ئىشگىنى چەككەندە ئوتتۇرا بوي دوغىلاق كەلگەن يۈزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئانا دېمەتلىك ئايال خۇش-تەبەسسۈم بىلەن ئىشىكنى ئاچتى ۋە كېلىش مۇددىئايىمىزدىن ئەپەندىمنىڭ خەۋىرى بارلىغىنى ئۇقۇپ بىزنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن ئىچكىرسىگە باشلىدى.

ئۆي خېلىلا چوڭ بولۇپ بىز مېھمانلارنى باشلايدىغان كېرسىلوۋغا كېلىپ ئولتۇرغىچە ئۆينىڭ تۆت تام بۇرجەكلىرىگە ئىسىۋېتىلگەن غازى ئەھمەد ئەپەندىنىڭ شانلىق ئىجادىيەت خەزىنىسىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكى ئۇنىڭ مەنىۋى ۋەتىنىدىكى مول، مەزمۇنلۇق قىممىتى ۋە بىباھا جۇلاسىنى كۆرۈپ ئۈلگەردۇق.

تۇغۇلسام ئۆي ئىكەن نامرات ئوقەت چاغلىق بېسات ھەم ئاز،

لېكىن كۆردۈمكى تۆت تامدا نەقەشلىك داپ بىلەن جۈپ ساز.

شۇ تاپتىكى مەنزىرە ماڭا ئاتاقلىق يازغۇچى ھەم شائىر ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ  ‹‹ مۇقام ھەققىدە مۇخەممەس›› غەزىلىدىكى يۇقارقى بېيىتلارنى ئېسىمگە ئېلىشقا مەجبۇر قىلۋاتاتتى...

بىراق، مەن شۇ تاپتا كۆرۋاتقان  تۆت تامدىكىسى بولسا ساز ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ئالەمشۇمۇل پەخىرلىك ئالىملىرىدىن« يۈسۈپ خاس ھاجىپ» (1085-1019)،  (1998)cm81× 100

«مەھمۇد كاشغەرىي» (1105-1008)،(2005)cm81×100

قاتارلىق مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ كىلاسسىك ئوبرازى ئاجايىپ يۈكسەك مۇھەببەت،مەسئۇلىيەت، قان -تەر، ئالتۇندەك بىباھا ۋاقىت، بىرلىكتە يۇغۇرلۇپ بىر سىزىق –بىر چېكىتتىن ئىنچىكە ۋە ئەستايىدىل سىزىپ چىقىلغان، كۆزى ئوچۇقلىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ قايىللىغىنى قوزغايدىغان، كاتتا ماي بوياق رەسىملەر دۇنياسى ئىدى.

گەرچە بەزى ئىش ۋە مەنزىرلەر ۋەقە-ھادىسىلەر بىزنى قەرەلسىز ھاياجانغا سېلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ تېمىغا قايتىشقا مەجبۇرىمىز.

خانىمىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن بىرقولىدا ھاسا تايىنىپ ئىچكىركى ھوجۇردىن ئاستاغىنە قەدەم ئېلىپ كېلىۋاتقان غازى ئەھمەد ئەپەندىمنى كۆرۈپ،ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ،كۆرۈشۈپ سالاملاشتۇق ۋە بىرلىكتە كېرسىلوۋغا كېلىپ ئولتۇرۇشتۇق

دۇئا-تەگبىردىن كىيىن ئەپەندىم، بىزدىن قىزغىن ئەھۋال سورىغاچ، بىز بىلەن قايتا تونۇشۇپ چىقتى. شۇندىلا مەن ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزۈمدىكى تارتىنىش،قورۇنۇش، پىسخىكىسىنىڭ قاياقلارغىدۇ غايىپ بولغۇنىنى تۇيمايلا قاپتىمەن.

ئەپەندىم  مېجەز-خاراكتېر جەھەتتە: ئادىل-كەڭ قورساقلىغى، چىقىشقاقلىغى،يۇمۇرىستىكىلىقى بىلەن، يەنى ئۆزىگە خاس شەخسىيىتى بىلەن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدىكەن ۋە تەسىرلەندۈرىدىكەن، ئۇ، دوستلۇقنى ئىشەنچنى قەدىرلەيدىكەن...

بىز ۋاقىتنىڭ مەۋجۈتلىغىنى ئۇنتۇغاندەك پاراڭلىشىپلا كەتتۇق ئەپەندىمنىڭ ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزى بىزگە قىممەتلىك بىلىم ۋە تەربىيە بولدى شۇ تەرەققىدە 4- 5سائەت قىزغىن ھەمسۆھبەتتە بولدۇق، چاي-تاماقلار ئارقىمۇ –ئارقا تارتىلدى بۇ ئائىلىدىكى پەرزەنىت ۋە نەۋرىلەرمۇ بىردىن- بىردىن، قايتىپ كېلىشتى. ئۇلار ھەربىرسى بۇ ئائىلە ئۈچۈن مېھىر-مۇھەببەت ئېلىپ قايتىپ كەلگەندەكلا، يېقىملىق ۋە قائىدە يوسۇنلۇق ئىدى.

تەربىيە كۆرگەن ئائىلە كەيپىياتى مېنى تۇرمۇش ۋە كىشلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىمۇ ئازدۇر –كۆپتۇر تەسراتقا ئىگە قىلىپ ئۈلگۈردى...«بۇ ئائىلىگە كۆز تەگمىسۇن» دىدىم كۆڭلۈمدە.

-«ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر » دىگەن كىتاۋىمدا ئېيتىلغاندەك،   دەپ گەپ باشلىدى غازى ئەھمەد ئەپەندى، ئۇيغۇر ئالىمى تەجەللى ھەزرەتنىڭ پورتىرىت سىزمىسىنىڭ ئىجاد قىلىنىش ئەھۋالىنى بىزگە بىر  قەدەر تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ.

( سوھبەتنىڭ مەزكۈرقىسمى نىسبەتەن قىممەتلىك   ماتىريال چانلىققا ئىگە  بولغاچقا بىز غازى  ئەپەندىمنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىپ سۆھبەت مەزمۇنىنى تولۇق ئۈنگە ئېلىۋالدۇق ھەمدە بۇ ئەسەردىكى بۆلەككىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئېغىز تىل بايانى بويىچە ئەينەن بېرىلدى...)

-مەن بىر مەزگىل دىننىي مەكتەپتە ئوقۇغان شۇڭا مېنىڭ دىننىي ساۋادىممۇ بار.

شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىز ناۋايى ھۆۋەيدالارنىڭ شېئرلىرىنى يادىغا ئېلىپ ئوقۇيتۇق ئۆيىمىزدە بولغاندىن كىيىن قەدىمكى كىتاپلارنىمۇ ئاندا-ساندا ئوقۇغان، تەجەللىنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان، ئەمما ئۈنچە تەپسىلى ئەمەس.

مەلۇم بىركۈنى«بۇلاق ژورنىلى» دىن مەمەتتۇرسۇن باھاۋىدىن تەجەللىنىڭ ناھايىتى ئۆچۈپ ئۆڭۈپ كەتكەن بىر پارچە فوتو رەسىمىنى كۆتتۈرۈپ مېنى ئىزلەپ ئەشۇ رەسىمنى چوڭايتىپ سىزىپ بېرشىمنى ئېيتىپ كەلدى .

مېنىڭ شۇ چاغقىچە تەجەللىنىڭ فوتو رەسىمگە چۈشۈپ قويغانلىغىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن... لېكىن رەسىم ناھايىتى ئۆچەك، ئەمما تەجەللى بەك چىرايلىق ئادەم ئىكەن يۈز، قاش –كۆزلىرى ساقال- بۇرۇتلىرى...

-خوش شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى سىزىشقا شۇنداق قىززىقىپ قالدىم، ئۇ كۈنلەردە مەن بەكلا ئالدىراش ئىدىم، مەن سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ مودىرى ئىدىم،شىنجاڭ رەسساملار جەمئيىتىنىڭ رەئىسى... ۋاھاكازالار دېگەندەك، ئۇلار تۇرىۋەردى، مېنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىم سەنئەت ئۇنۋېرىستىتىدا ناھايىتىمۇ ئېغىر ئىدى.

رەسىم سىزىشقا ۋاقىت چىقىرشىممۇ ناھايىتى تەس، شۇنداق بولسىمۇ تەجەللى ھەزرىتىمنى چوقۇم سىزىپ چىقىشىم كېرەك دەپ ئويلايتىم.

مېنىڭ ئەسلىدە ماي بوياق بىلەن سىزغۇم بار ئىدى، ماۋۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىيلەرگە ئوخشاش. (ئۇ كۆزى بىلەن تامغا ئېسىقلىق يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىقلارنىڭ تامغا ئېسىقلىق نەقەشلىك چوڭ جاھازىغا ئېلىنغان ماي بوياق رەسىملىرىنى ئىما قىلىپ )

مەن يەنە ئەلشىرنەۋايى، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانىلارنىڭ پورتىرىت رەسىمىنى سىزدىم، ئەڭ دەسلىۋىدە باتۇر تەڭرىقۇت، ئەبۇنەسىر فارابى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، ئەھمەد يۈكنەكى، ئاماننىساخان قاتارلىق مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ كىلاسسىك ئوبرازىنى يارىتىپ، جەمىئيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە يۈكسەك ئالقىشىغا ئېرىشتىم.

بۇ تەجەللىگە كەلگەندە مەن بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ماي بوياق سىزىشقا پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمىدىم.

شۇنداق شارائىت ئاستىدا مەن تەجەللىنى قېرىنداش قەلەم بىلەن سىدام  سىزما قىلىپ سىزىپ چىققان ۋە شۇقېتىمقى سىزمام «بۇلاق ژورنىلى»نىڭ 16-سانىغۇ دەيمەن...بېسىلغان. (15-سانىدا بېسىلغان ئىكەن دەپ ئىزاھلاپ ئۆتتى؛- مۇختەر مامۇت سۆزقىستۇرۇپ)

-ھە!، ئۆزۈمدە يوق، ئەسلى ئەسەرمۇ ژورنالغا بېسىلغىنىمۇ مەندە يوق.

كىيىن مەمەتتۇرسۇن باھاۋىدۇن ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئورنىغا شاگىرىتى مەمەتتۇرسۇن مىرزا ئەخمەت چىقتى... بۇئىككىلىسىنىڭ ئوخشاشلىغى ھەر ئىككىلىسىنىڭ دادىلىرى كاتتا دىننىي ئۆلىما ھەر ئىككىلىسى دادىلىرىدىن تەلىم ئالغان، مەمەتتۇردى پارىس تىلىنى پۇختا بىلىدۇ، مەرھۇم مەمەتتۇرسۇن باھاۋىدىن تېخىمۇ پۇختا بىلەتتى... ھەتتا بېيجىڭغا بارسا ئىران كونسۇلخانىلىرىغا بېرىپ تونۇشۇپ ئالاقە قىلىپ تۇراتتى.

ئىران كونسۇلخانىسىدىكى دوستلىرىم بىلەن تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە يېقىندىن ئىزدىشىپ ئۆتتۇق ئۇلار بىرنەچچە قېتىم ئۆيۈمگىمۇ كەلدى ۋە بىزنى بېيجىڭغا ئىپتارلىق زىياپەتلىرىگىمۇ تەكلىپ قىلدى، بۇجەرياندا مەمەتتۇرسۇن باھاۋىدۇن ئۇلارنىڭ تىلىنى ياخشى بىلگەچكە ئۇلار بىلەن تېخىمۇ دوستانە ۋە تېخىمۇ ياخشى ئۆتكەن ئىدى.

مەمەتتۇرسۇن باھاۋىدۇننىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن مەن تەجەللىنىڭ ئەشۇ ئۆزۈم سىزغان پورتىرىت رەسىمىنى كۆپ ئىزلىدىم ... چۈنكى، كىيىن ماڭا لازىم بولدى،مەيلى توپلاملارغا كىرگۈزۈش بولمىسۇن ۋە ياكى قايتىدىن ماي بوياق سىزىش ئىستىگىم سەۋەبىدىن  بولمىسۇن ماڭا بەكلا لازىمى بولغان بولسىمۇ لېكىن ئەسلىدىكى سىزما نۇسخىنى زادىلا تاپالمىدىم.

مەن ئىزلىگەن ئۇ نۇسخا cm60×70 چوڭلۇقتا ئىدى. بەلكىم بۇ رەسىم بىر يەرگە تاشلىنىپ قالمىدى ئۇنى بىرەرسى ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان بولۇشى مۈمكىن ...

مەمەت تۇردى بىلەنمۇ بەك يېقىن ئۆتىمىز ئۇمۇ بۇ رەسىمنى  بەك كۆپ ئىزدېدى  «غازىكا ئەشۇ رەسىمنىڭ ئىزدېرىكىنى ئالالمىدۇق، مەمەتتۇرسۇنكام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن تەشكىلدىن ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشخانىسىنى رەتلەپ چىقتى لېكىن ئۇ رەسىم يوق » دېدى. دېمەك، رەسىم ھازىرغىچە تېپىلمىدى.

-سىزنىڭ «بۇلاق ژورنىلى» دىن تەجەللىنىڭ مەن سىزغان پورتىرىت رەسىمىنى  ئېلىپ «ئۇيغۇر ئالىمى تەجەللى » نامىدىكى مەخسۇس كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىشلەتكىنىڭىز ياخشى بوپتۇ. ئەپسۇسكى مەن يېشىم ۋە سالامەتلىگىم دېگەندەك بىرقانچە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ زاتنىڭ ماي بوياق پورتىرىتىنى سىزىشقا مۇۋەپپەق بولالماي قالدىم.

غازى ئەھمەد ئەپەندىم سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىسىدا ئۆزىنىڭ ھېلى ھەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقانلىغىنى، ھاياتلىغىدا خەلقىمىز مەنىۋىيىتىگە كۆپرەك سوۋغىلارنى سۇنالىسا شۇندىلا كۆڭلىنىڭ بىرئاز تەسەللىگە ئىرشىدىغانلىغىنى، ئېيتىپ ئوز ئىجادى مىۋىلىرىنىڭ پات يېقىندا يەنە  كەڭ ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىدا بولدىغانلىغى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى .

بىز ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىز نىڭ بۇنچىلىك كەڭ ۋە مول مەزمۇنلۇق بولدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمىز، ئەپەندىمنىڭ بايانلىرىدىكى ئىزچىل بوشاشماي، ئىجتىھات بىلەن تىرشىپ، ئۆزخەلقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر  خىزمەت قىلىش روھىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى قەلىبلەر تۆرىنىڭ ساھىبى قىلغانلىغى، دەل مەن ئاڭلاۋاتقان ھەم بىۋاستە كۆرۈپ تۇرۋاتقان ئەمەلىيەت ئىدى...

ئەپەندىم ساقسىز بولسىمۇ قىممەتلىك ۋاقتى ۋە كۈچ-مادار سەرىپ ئېتىپ بىزگە تولۇق يېرىم كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ قىممەتلىك سۆھبەت بايان قىپ بەرگەن ئىدى.  سەھىپە ئېھتىياجى سەۋەبىدىن سۆھبەتنىڭ قىسمەن بۆلىگىنىلا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشالىدۇق. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن غازى ئەھمەد ئەپەندىم ۋە ئايالى شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق پەرزەنت ئۇرۇق-تۇققان دوست بۇرادەرلىرىنىڭ ئەپەندىم بىلەن ئۇزاققىچە بىرگە بەخىتلىك ئۆتۈشىگە چىن دىلىمىزدىن چوڭقۇر تىلەكداشلىغىمىزنى بىلدۈرپ سۆھبىتىمىزنى ئاحىرلاشتۇردۇق...

غازى ئەھمەت ئەپەندىم، سالامەت بولۇڭ!



2015 – يىلى 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى قايتا رەتلەندى، يېڭىسار























بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-4 21:46  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-5 01:02:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلارنى ، ئاقىللارنى ، بىلىمدار ، ئۆلىمىلارنى يوقلاش ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ، سىلەردىن سۇيۇندۇم قېرىنداشلىرىم . غازى ھاجىم  دادىمىزغا  ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن !!!!

ۋاقتى: 2015-7-5 11:08:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز غازى ئەھمەد ئاكىغا سالامەتلىك يار بولسۇن. ياخشى بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغان ئەزىزلەرگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-7-5 11:40:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: ‹مەمەتتۇرسۇن مىرزا ئەخمەت› ئەمەس، مۇھەممەت تۇردى مىرزا ئەھمەت.

ۋاقتى: 2015-7-5 11:41:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازى ئەھمەد ئاكىغا سالامەتلىك يار بولسۇن

ۋاقتى: 2015-7-5 15:29:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرقۇت يوللىغان ۋاقتى  2015-7-5 11:40
ئەسكەرتىش: ‹مەمەتتۇرسۇن مىرزا ئەخمەت› ئەمەس، مۇھەممەت ...


ئەسكەرتىشكە ئەسكەرتىش: توغرىسى «مۇھەممەدتۇردى مىرزائەھمەد».
سىلى يازغاندەك «مۇھەممەت تۇردى مىرزا ئەھمەت» دەپ يازسا تۆت ئادەمنىڭ ئىسمى بولۇپ قالىدۇ. «مۇھەممەدتۇردى» بىلەن «مىرزائەھمەد» ئوتتۇرىسىغا بىرلا ئارىلىق قويۇلسا كۇپايە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-5 15:31  


ۋاقتى: 2015-7-5 15:32:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازى ئەپەندىگە سالامەتلىك تىلەيمىز.

ۋاقتى: 2015-7-7 10:33:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جەمئىيەت ئەربابى»

مەن «جامائەت ئەربابى» دېگەن باھا سۆزىنى  ئاڭلىغان. بۇنداق باھا سۆزىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.  بۇ بىر يىڭى ئاتالغۇ بوپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش