يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 0

يارغول (ت): ئاننا سېۋىر ــــــ ئۆزلۈك ۋە مەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بېشىم بىلەن تامغا ئۈسۈيمەن



ئاننا سېۋىر




پەرزەنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن
بارماقلىرىمنى ئوتقا كىرگۈپ
ئەۋلىيا بولماقنى ئىستەيمەن.

ئۆسمۈر بولۇش سۈپىتىمدە
ھەر كۈنلىكى بېشىم بىلەن تامغا ئۈسۈيمەن.

قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن
ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن
ئۆگزىگە چىقىمەن
سەكرىمەك ئۈچۈن.


ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن
پۈتۈن بەدىنىمنى پىت چىرمىدى،
يۇڭ پوپايكامنى دەزماللىغىنىمدا پىتلار پاراسلايدۇ.

ئاتمىش مېنۇت كۈتتۈم
ھۆكۈم قىلىنىشنى.
ئالتە يىل ئاچ قالدىم.

كېيىن بىر بالا تۇغدۇم،
ئۇلار مېنى كېسىپ
ئۇدا ئۇخلاتمىدى.

ئارقىدىنلا بىر چاقماق تەرىپىدىن ئۈچ مەرتە ئۆلتۈرۈلدۈم.
بىراق،ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن ئۈچ مەرتە تىرىلمىسەم بولمايىتتى،
ھېچكىمنىڭ ياردىمى مەۋجۇت ئەمەس.

ئۈچ قېتىم تىرىلگەندىن كېيىنكى بۈگۈندە
ئارام ئېلىۋاتىمەن.






ئۆزلۈك ۋە مەن






گاھىدا
ئۆزلۈكۈم بىلەن مېنىڭ بىر يەردە ئىكەنلىكىمنى
ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېنىق ھېس قىلىمەن.
بۇ ماڭا خاتىرجەملىك ۋە تەسەللىي ئاتا قىلىدۇ،
روھىمنى كۆتۈرىدۇ،
خۇددىي ستېرېئولۇق تېنىمنىڭ
ھەقىقىي سايەم تەرىپىدىن ھاياجانلانغىنىدەك.

بەزىدە مەن ھەقىقەتەن
ئۆزلۈكۈمنىڭ ماڭا ھەمرا بولىۋاتقانلىقىنى،
ئادەتتىكىدىنمۇ ئېنىق سېزىمەن.

مەن توختاپ
كوچا ئېغىزىدىن سولغا ئايلانغىنىمدا
ئەگەر مېنىڭ بەدىنىم ئوڭغا مېڭىپ قالسا
زادى نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى
بىلىپ باققۇم بار.

بۇ ئىش ھازىرغىچە يۈز بەرمىدى،
بىراق،مەسىلىمۇ ھەل بولمىدى.



خەنزۇچىدىن يارغول تەرجىمىسى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-4 14:48  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش