ئايسىزلىق، نەقەدەر سالقىن بۇ كېچە
دىلئاچار
سەن يىراق، مەن يىراق، كۆڭلىمىز يىراق،
سېغىنىش ئىلكىدە سۈرىمەن خىيال.
ئۇيقۇسىز كېچىلەر زۇلمەت سەنسىزلىك،
ئىچىمدىن ئىچىمگە ئۇرۇلار شامال.
قېنىشسىز ئىستەكتە كۈتىمەن سېنى،
ھەسرەتلىك تۇيۇشتىن يەنە دىل زىدە.
ئويلايمەن، ئويلايمەن، سېنى ئويلايمەن،
ئايسىزلىق، نەقەدەر سالقىن بۇ كېچە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-1 16:19