كۆرۈش: 516|ئىنكاس: 7

مەھمۇد سېدىق: دەرەخ يىلتىزىدىن كۆكلەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


دەرەخ- يىلتىزىدىن كۆكلەيدۇ

(دولقۇن جاپپار ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلىنغان سۆز)
                  
مەھمۇد سېدىق بۈگۈت


بۇ ھايات خىسلەتكە باي،قىسمەتكە باي
ھاياتلىق ئەجىر بىلەن پورەكلەيدۇ.
ئادەمنىڭ كۆركى مىھىر،ۋاپا بىلەن،
ۋاپادا بىر-بىرىنى يېتەكلەيدۇ.
……………………..
كىم قېنى مىڭ يىللارچە ياشالىغان،
كىم ئۆلۈم داۋانىدىن ئاشالىغان،
بەخىتتۇر ئەلگە تۆھپە قوشالىغان،
بۇ تەننى ھامان كەتمەن ئورەكلەيدۇ،

چىنارنىڭ باشلانمىقى نۇتىسىدىن،
چۈشكۈلۈك ئەمەس ئۈمىد شوتىسىدىن،
بولۇشلۇق مەلۇم دەيدۇ توپىسىدىن،
ھەر دەرەخ نۇتا بىرلە كۆتەكلەيدۇ.
(دولقۇن جاپپارنىڭ «قالمايدۇ يەردە ھەرگىز ئەجىر- مىھنەت»ناملىق شېئىرىدىن)
شۇنداق، بىر قەترە سۇدىن مۆجىزە بىلەن ئالتە كۈنلۈك ئالەمگە ئاپىرىدە بولدۇق،بىخ ئىدۇق، نوتا بولدۇق. يىلتىزىمىز ئارقىلىق ئانا توپراقتىن ئۇزۇق ئالدۇق، شاخ-يۇپۇرمىقىمىز بىلەن قۇياشتىن نۇر-ھارارەت ئالدۇق؛ شامال- بۇراندىن ھىد ئالدۇق. ئاخىرى بەزىللىرىمىز ئاسمانغا تاقاشقۇدەك، بەزىللىرىمىزنىڭ غۇلى قۇچاققا پاتمىغۇدەك، بەزىللىرىمىزچۇماققا يارىغىدەك، يەنە بەزىللىرىمىز تەمەچ قىلىپ قالىغۇدەك دەرەخ بولدۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە شۇ تۇپراققا يىقىلىمىز،كۆتىكىمىزدىن، ياكى زىمىنغا چاچقان ئۇرۇقىمىزدىن يىڭى نوتىلار ئۈسۈپ چىقىدۇ، ياكى بۇ ئارمانىمىز ھاسىل بولماي چىرىپ تۈگەيمىز، ئىشقىلىپ تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كىتىمىز، تۇپراققا ئايلىنىپ  كىتىمىز. كەتمەن بىلەن كومگەن تىنىمىز تۇپراققا ئايلانغابدىن كىيىن يەنە كەتمەن ئورەكلەپ ئاچىدۇ، كەتمەن يەنى ئەجىر- مېھنەت تۇپراققا يەنە ئۇرۇق چاچىدۇ…«كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق»، كۆككە قانچىلىك بوي سوزساق، يىلتىزىمىز ئانا توپراقتىن شۇنچىلىك ئۇزۇق ئالدى،  شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئانا تۇپراق قەدىرلىك،ئانا توپراق مىھىرلىك،ئانا توپراق مۇقەددەس…
جاھاندىكى ھەر بىر تۈپ گىياھ،ھەر بىر تۈپ دەرەخ ئۆسكەن تۇپراق شۇ گىياھ، شۇ دەرەخ ئۈچۈن خاسىيەتلىك. تەكلىماكان بارىدىكى تۇپراق تىخىمۇ خاسىيەتلىك، چۈنكى بۇ يەردىكى ھەر بىر تۈپ يولغۇن، ھەر بىر تۈپ توغراق ئۆزگىچە ئاجايىپ قىسمەتلەرگە  بەرداشلىق بىرەلىسە ئاندىن ئۆسەلەيدۇ. بۇ يەردىكى ھەر بىر تۈپ مىۋىلىك دەرەخنىڭ مىۋىسى شۈنچىلىك شىرىن، شۈنچىلىك لەززەتلىك، شۈنچىلىك چۈرۈك…
     قولۇمدا«يىللار سىرى» ناملىق بىر كىتاپ تۇرۇپتۇ. پەخىرلىك ئىنىمىز ئەكبەر سالىھنىڭ ئىجتىھاتى بىلەن ئاجايىپ ئوبرازلىق، ئۆزگىچە ھەم يىڭىچە ماھارەت بىلەن ئىشلەنگەن مۇقاۋىسىدا ئانا توپراققا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، سان-ساناقسىز دەرەخلەر تۇرۇپتۇ. ئەشۇ دەرەخلەرنىڭ بىرىنىڭ ياكى ئەشۇ بىر تۈپ دەرەختىكى ھەر تال شاخ-بولجانىڭ كەچمىش-كەچۈرمىشلىرى، روھىيەت ئالىمى رەڭدار بەتلەر ئىچىدە يۇرتۇلۇپتۇ، تۇغۇم ۋە ئۈلۈم، خۇشاللىق ۋە ئازاب، چۈش ۋە رىئاللىق،  غېرىپلىق ۋە شادىمانلىق، ئۇمىد ۋە تىلەك قاتارلىقلار؛ يۇرت، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇغقان، ئۇستاز-شاگىرت، دوست-ئەقرىبالار مۇھەببىتى… قاتارلىق ئەزەلىيلىككە ھەم ئەبەدىيلىككە ئىگە تېمىلار مۇتائىلە-تەلقىن قىلىنىپتۇ. توپلامدىكى بىرىنچى پارچە شېئىر ئانا يورت ھەققىدە باشلىنىپ،ئاخىرىدىكى 117-پارچە شېئىر يەنە شۇ تىمىدا ئاخىرلىشىپتۇ. «يىللار سىرى»دا ئانا توپراق ھەققىدە،ئانا ھەققىدە، ئاتا ھەققىدە ئەڭ كۆپ شېئىر يىزىلىپتۇ، جۈملىدىن داستان يېزىلىپتۇ. بۇلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى، ئەجداد ئەقىدىسى ۋە ھىكمىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان چوڭ ئۆي ھەققىدە مۇناجاتلىق سادالار ياڭراپتۇ . مېنىڭ شېئىر يازالمىساممۇ شېئىرنى ئۇلۇغلايدىغان پىداكار يۈرىكىم ئۆز ئۆزىدىن ھالقىش ئۈچۈن تېنىمسىز ئىلگىرلەۋاتقان بىر شائىر ھەققىدە، ئۇنىڭ كەچمىش –كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇرۇپتۇ.

        1. ئاپتۇرنىڭ مەن بىلىدىغان ئارخىپى

       1987  - يىلى 9- ئايدا چىرا ناھىيىلىك1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق سىنىپىغا ناھىيىمىزنىڭ يەتتە يېزا، بىر بازىرىدىن 250 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا بىز ئوقۇتقۇچىلار تولۇق ۋە تولۇقسىز سىنىپلارغا يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى تۇراقلاندۇرۇش، تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قايتا تەشكىللەش، دەرسلىك كىتاپلارنى تارقىتىش، تۈرلۈك پىلانلارنى تۈزۈش، ئالدىنقى مەۋسۇملۇق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاش قاتارلىق ۋاقىت خارەكتىرلىك جىددىي خىزمەتلەر بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كىتەتتۇق. چارەكلىك ئىمتىھانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىگە دەرسكە كىرگەن بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى ئاران بىلىپ بولالايتتى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز- خۇلقى، قىزىقىشى،  ئالاھىدىلىكى،  ئائىلە ئەھۋالى بىلەن تېخى تولۇق تونۇشۇپ بولالمايتتى.
      بۇ قاتلاڭچىلىقلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆكتەبىر بايرىمىغا قويۇپ بىرىشنىڭ ئالدىدا مەكتەپ بويىچە سەنئەت پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ھەر بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىككىدىن نومۇر تەييارلاپ كۆرسەتتى. يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ يۇقۇرقى تۆت تاغلىق يېزا ۋە  تۆۋەنكى يېزىلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار يېڭى ئوقۇش مۇھىتىغا تېخى تولۇق ئۆزلىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا يېڭىدىن تولۇققا قوبۇل قىلىنغان قارامۇتۇق، ۋىجىك، ئاۋازى جاراڭلىق كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى ئۆزى يازغان «ھورۇننىڭ بايانى» دېگەن يالغۇز كىشىلىك ئىتوتنى مەزمۇنغا ماس مىمىكا، ھېسىيات، چاققان ھەرىكەت بىلەن ئورۇنداپ نومۇر قويۇپ باھالىغۇچىلارنىڭ ھەم باشقا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى، پائالىيەت ئاخىرلىشىپ نەتىجىگە ئىرىشكەنلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغاندا ئاندىن مەن ئۇنىڭ تولۇق 1- يىللىق 2- سىنىپقا يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى دولقۇن جاپپار ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى يازغان ئىتوتنى يەنە ئۆزى رول ئېلىپ چىققان جاسارىتىگە قايىل بولغانىدىم.
       ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىدا ھە دېسە «ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى»گە رىئايە قىلماي ئىش تېرىپلا يۈرۈدىغان، ھەر سائەتتە دېگۈدەك بىرەر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنقىد- تەربىيەسىنى ئاڭلىمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدىغان ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن، دەرسلەردە ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلار بەكراق تونۇيتتى. دولقۇن جاپپار تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش ھاياتىغا قەدەم قويۇپ ئەمدىلا بىر ئاي بولغاندا ئۆزى يازغان ئىتوتنى ئۆزى خېلى يۇقۇرى ماھارەت ھەم جاسارەت بىلەن ئورۇنلاپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا تونۇلغانىدى.
      شۇ يىلى ئۆكتەبىر بايرىمىدىن كېيىن ھەر قايسى كۇرژۇكلارنىڭ پائالىيتى باشلاندى. ئوقۇغۇچىلار بۇ كۇرژۇكلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئايرىلغان بولۇپ دولقۇن جاپپار ئىسىملىك بۇ ئوقۇغۇچى يېزىقچىلىق، گۈزەل- سەنئەت كۇرژۇكىغا ئايرىلغانىدى. ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتدېشىم ئابدۇقادىر مەتسىدىقنىڭ ياكى مېنىڭ ئالدىمغا مەشىق ئەسەرلىرىنى ئەكىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنىلا ئەمەس ئوچۇق- يورۇق مىجەزىنى، تىنىمسىز ئىزدىنىدىغان خىسلىتىنى تونىغانىدىم.
      نويابىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك 1- سائەتلىك دەرستىن چىقىپ ئىشخانىغا كىتىۋاتسام بۇ ئوقۇغۇچى بىر دەپتەرنى كۈتۈرۈپ كىلىپ يېڭىدىن يازغان«تىرىشايلى» ناملىق مۇخەممىسىنى ماڭا كۆرسەتتى. سىنىپ بىلەن ئىشخانىنىڭ ئارىلىقىدىكى يولدا تۇرۇپ بۇ شېئىرنى ئوقۇدۇم ھەمدە بۇ شېئىرنىڭ تۇراق، قاپىيەلىرىگە بىر قۇر تۈزۈتۈش بەرگەندىن كېيىن «بۇ مۇخەممەس يامان ئەمەس چىقىپتۇ، ئەمما قۇرۇق شۇئارۋازلىق خاھىشى ئېغىرراق بولۇپ قاپتۇ» دەپ بۇ شېئىرغا ئالدىراپ خۇلاسە چىقىرىپ قويۇپ دەرسكە كىرىپ كىتىپتىمەن. ئارىدىن خېلى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋاقدېشى ھەم ياتاقدىشى، شۇ يىللاردىكى يېزىقچىلىق، گۈزەل- سەنئەت كۇرژۇكىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ئەكبەر سالىھ (ھازىر ئۇ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى)، تىنمۇ ياكى فىزىكا مودىل ياساش كۇرژىكىغا ئايرىلغان بولسىمۇ يېزىقچىلىققا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئوقۇغۇچى ھەم دولقۇن جاپپار ئوقۇغان سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى ئابلىكىم مەمتىمىن (ھازىر ئۇ «شىنجاڭ <ئىپار> بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نىڭ لىدىرى) دىنمۇ ئىشقىلىپ بىرسىدىن «قۇرۇق شۇئارۋازلىق خاھىشى ئېغىرراق بولۇپ قاپتۇ» دېگەن باھايىم ئېغىر كىلىپ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىر نەچچە كۈنگىچە ئازاپلانغانلىقىنى، كۆز يېشى قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ شۇ ياشتىكى ئوقۇغۇچى كۈتۈرەلمەيدىغان گەپنى قىلىپ، دىلىغا ئازار بەرگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلغانىدىم. شۇ يىللاردا مەن خىزمەتكە چىققىلى ئەمدىلا ئۈچ يىل بولغان قىززىققان ئوقۇتقۇچى بولغاچقا «مۇخەممەس» شېئىر شەكلىدە ئىزدەنگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يازمىسىنى يول ئۈستىدىلا ئوقۇپ، يىنىكلىك بىلەن باھا بەرگەنىدىم. لېكىن بۇ ئوقۇغۇچى شۇندىن كېيىنمۇ بۇ «مۇخەممەس» نى نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتكەنىدى. بۇ ئىشلار بولۇپ ئارىدىن ئاز ئۆتمەي «چىچەك»، «ئۆزۈڭنى بىلمىسەڭ» قاتارلىق شېئىرلىرى «خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ھەمدە 1988- يىلى 3- ئايدا مەكتىپىمىزدە ۋىلايەت بويىچە ئېچىلغان 2- دەرسخانا پائالىيتىنى كۆرەك قىلىش مۇنبىرىدە، شۇ يىلى 5- ئايدا ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2- دەرسخانا پائالىيتى كۆرگەزمىسىدە كۇرژىك ئوقۇغۇچىلىرى ياسىغان مودىللار، ئىجات قىلىنغان ۋە ئېلان قىلىنغان بەدىئىي ئەسەرلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كۆرگەزمە قىلىنغانىدى.
     دېمەك، مەن شۇ يىللاردا تۇنجى قەدەمدە تۇنىغان دولقۇن جاپپار تىرىشچان، مەيۈسلىنىپ كەتمەيدىغان، شېئىر ئۈچۈن ئازاپلىنالايدىغان، ياش تۈكەلەيدىغان، يېڭى پەللە ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىدىغان ئوقۇغۇچى ئىدى. ئەشۇ قېتىمقى ئازابى، يىغىسى بىلەن «يىللار سىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغانىدى.
      1992- يىلى 7- ئايدا دولقۇن جاپپار شىنجاڭ تەمىنات- سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ناھىيىلىك تەمىنات- سودا بىرلەشمە كوپراتىپى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئۆيۈمدە بىر نەچچە ۋاقىت مۇڭداشقانىدۇق. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، مەھمۇت سۇلايمانلارنىڭ شۇ يىللاردا تازا بازار تاپقان ئۈن ئالغۇ لىنتىلىرىدىكى بىر قىسىم لىرىك ناخشىلار بىزنىڭ قەلب ئورتاقلىقىمىزنى، پىكىر- ھېسىياتىمىزنى بىرلەشتۈرگەنىدى. بىز بۇ ناخشىلارنى نۇرغۇن- نۇرغۇن قېتىملاپ بىرلىكتە ئاڭلىغانىدۇق. بۇ ۋاقىتلاردا يەنە ئۇ شىخەنزىدە ئوقۇۋاتقان يىللاردا يازغان «سۆيگۈلەر سۇلتانى ۋەتەن سۆيگۈسى»، «ئانامغا سالام»، «سەھىرىدە سەھرانىڭ تۈمەن شېئىر بار»، «كۆزۈڭ»، «ئەڭ ياخشىسى تاللىسۇن مېنى»، «گەر چاخچاق بولسا»، «بىخلانمىغان نوتا»، «كەچمىش جىلۋىسى»، «شەھەردىكى ئۆي»، «كەنتتىكى كىچىك كۆل»، «دۇنيا ئانا»، «رەڭدار سەھەر»، «سەكراتتىكى مەنا»، «نېمانچە ئورمانغا چۆككەن سەھەر بۇ؟»، «رومالىڭنى قايرىۋەت جانان»، «يەككە- يەككە سۈرەتلەر» قاتارلىق شېئىرلىرى ھەمدە شۇ يىللاردىكى شېئىرىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە پىكىرلەشكەنىدۇق.
      شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەنا تىرەنلىكىنىڭ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىگە قايىل بولغانىدىم. پاراڭ ئارىلىقىدا ئۇ ماڭا 2000 پارچىدىن ئارتۇق ماركا چاپلانغان قارا تاشلىق بىر خاتىرىنى كۆرسەتكەنىدى. مەن شۇ خاتىرىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن پوچتا ماركىسى توپلاشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ مۇنداقمۇ بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى ئۇققانىدىم ھەمدە شۇ يىللاردا ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلتاغ باغرىدىكى بىر پوچتىخانىدا پۈتۈن شەھەر بويىچە پوچتا ماركىسى توپلايدىغان، ماركا سودىسى قىلىدىغان كىشىلەر ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان يەر ئىكەنلىكىنى،ئۈرۈمچىدىن  بۇياققا قايتىپ كېلىش ئالدىدا كانادالىق بىر يىگىت بۇ خاتىرىنى كۈرۈپ مۇۋاپىق باھا قۇيۇپ سېتىپ بېرىشنى ئۈتۈنگەن بولسىمۇ كۆزى قىيماي قايتۇرۇپ كىرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. دېمەك، دولقۇن جاپپار شىخەنزىدە ئوقۇش جەريانىدا شۇ يىللاردىكى يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ سەردارلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، نەزىرىنى يەنىمۇ كەڭ ساھەگە قاراتقانىدى، ئوقۇش ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەنىدى.
      ئۇ شۇ يىلى 8- ئايدا ناھىيىلىك پاختا- چىگە شىركىتىگە تەقسىم قىلىنىپ ئاز ئۆتمەي ئۇنى يوقلاپ چىقتىم. زاۋۇتنىڭ قورۇسىدىكى تەشۋىقات دوسكىلىرىغا سىزىلغان رەسىملەر، ھۆسنىخەتلەر، يىغىن زالىنىڭ تاملىرىغا ئىشلەنگەن نەپىس دىئاگراممىلارنى كۈرۈپ ئۇنىڭ مۇنداقمۇ ماھارىتىنىڭ بارلىقىنى بىلگەنىدىم. شۇ يىللاردا ئۇ «نۇر ئوغرىسى»، «بىر جۈپ سايە»، «سەھەر لىرىكىسى»، «سۇراق بولۇپ»، «مەكتەپداشلارگە»، «نىچۈن شۇ مىنۇتنى ئۇنۇتمىغىم تەس»، «ئارخىپلانغان كەنت»، «يىغلانمىغان يىغا»، «بالنىستتىكى كۈتۈش»، «يىراق شەھەردىكى قىز»، «يول شەجەرىسى»، «سالام دوستلار»، «سەككىزلىك لىرىكىسى»، «ئەشۇ سەھرا»، «چولپان كەلمەس بىزنىڭ بۇ يەرگە» قاتارلىق شېئىرلىرىنى روياپقا چىقارغانىدى. بۇلۇپمۇ شۇ يىللاردا «يېڭى قاشتېشى»، «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئارخىپسىز كەنت»، «چولپان كەلمەس بىزنىڭ بۇ يەرگە»، «سالام دوستلار» قاتارلىق شېئىرلىرى خېلى زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ۋە ئالقىشقا ئىگە بولغانىدى. «مارت ئېيىنىڭ يىگىرمە بىرى»، «سالام ئۈرۈمچى»، «يەر ئاستى سودا شەھەرچىسى»، «پويىز»، «چۈش خەنجىرى»، «سىتودىنتلارنىڭ ئاخىرقى دەملىرى»، «كەمتۈك تەرجىمھال»، «ئۇيغۇر قىزى»، «كۆكلەم شەھىرى»، «سالام مۇئەللىم»، «سالام دادا»، «بۇ يەردە»، «تويۇڭ بولغان كۈن»، «يىراقتىكى قىز»، «سالام دېھقان بالىسى»، «ئەتە شەنبە»، «سۆيۈش»، «يۇرتۇم»، «ئاشكارىلاش»، «قىز تۇغۇلدى» قاتارلىق شېئىرلىرىدا شۇ يىللارنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسى بىلەن دولقۇن جاپپارنىڭ سەرگۈزەشتىللىرى، روھىي دۇنياسى يۇغۇرۇلغان ئىدى.
        1997- يىلى ۋىلايەت بويىچە كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نۇرۇز بايرىمى ھارپا كۈنى كەچتە كېرىيە ناھىيىسىگە بېرىپ بىر ياتاققا چۈشتۇق. تاغدىن- باغدىن پاراڭلاشتۇق. پاراڭ ئارىلىقىدا پۇل تېپىش مەسىلىسىنىمۇ ئويلاشتۇق. چۈنكى مائاش ئاي- ئايلاپ تارقىتىلمىغان ئەشۇ ۋاقىتلاردا بۇ مەسىلىنى ئويلىشىش ئارتۇقچە ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئىككىمىز تەڭ مەبلەغ چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش خاتىرىسى سۈپىتىدە پايدىلانغىلى بولىدىغان ئەلبۇم تەييارلاپ سېتىپ پايدا ئالماقچى بولدۇق. شۇ مەسلىھەت بۇيىچە 5- ئاي بايرامدا قەشقەرگە بېرىپ ئەلبۇم باستۇرۇپ كەلدۇق. شۇ مەزگىلدە مەن دولقۇن جاپپارنىڭ قەشقەرلىك دوستلىرىدىن قۇربانجان روزى شەيدائي، ئابلىكىمجان زۇنۇن جەۋلانىيلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان ھەمدە قۇربانجان روزى شەيدائي تەييارلىغان ھۆسنىخەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تولۇمۇ ھاياجانلانغانىدىم.
      بىز ئەلبۇملارنى قەشقەردە باستۇرۇپ ئەكىلىپ بازارغا سېلىپ بولغىچە، ئۈرۈمچىدە تۈزۈلگەن شۇ تۈردىكى ئەلبۇملار بازارنى قاپلاپ كەتتى. قولىمىزدىكى ئەلبۇمنى كۈتۈرۈپ باشقا جايلارغا باردۇق، دوستلارنى ئىزدىدۇق. لېكىن بىزدىن ئىلگىرىراق بازارنى ئىگەللەپ بولغان ھېلىقى ئەلبۇملارنىڭ بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش ھالدا تارقىتىلغانلىقىنى ئۇقۇپ روھىمىز چۈشكەن ھالدا قايتىپ كەلدۇق. شۇ يىللاردا ھەر بىرىمىز تارتقان سەككىز- ئون مىڭ سوملۇقتىن زىيان بىزگە خېلى ئېغىر كەلدى. مېنىڭ مائاشتىن سىرت پۇل تېپىش ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ ئاخىرقى خام- خىيالىم شۇنىڭ بىلەن كۈپۈككە ئايلاندى. دولقۇنغا باسمىخانىنىڭ زىيىنى قۇشۇلۇپ بۇ ئىش تېخىمۇ ئېغىر كەلگەنىدى.
1997- يىلى يىل ئاخىرىدا مەن ئۇ يازغان:

مەن بۇ يىلدا شېئىر يازمىدىم،
دولقۇن جاپپار شېئىر يازمىدى بۇ يىلدا.
ياشاشنىمۇ ئىستىمىدى بىر دەقىق،
ئەۋرىتىنى ياپالمىغاچ شېئىردا.

     دېگەن ئاچچىق ئازابىغا قۇرداش بولغانىدىم. لېكىن بۇ مەزگىللەردە ئۇ «تېلىفۇن تېنى»، «بوستان تۇغۇندىلىرى»، «غېرىپلىق قەلبىمنى باسماقتا لەپ- لەپ»، «كەلگۈسىنى ئۇردى بىر ئايال»، «مەن گۈلسىز ياشىدىم شۇنچە خىرامان»، «جەنۇپتىكى ناھىيە بازىرى»، «سەھرادىكى ئوماق بالىلار»، «ئىيۇلدىكى قار تۇغۇندىلىرى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسىل شېئىرلىرىنى روياپقا چىقارغانىدى.
    بۇ يىللاردىكى مەن بىلىدىغان دولقۇن جاپپار ئايالى بار بويتاق ئىدى، غېرىپلىق كوچىسىدىكى شائىر ئىدى. ئىگىلىك تىكلەشتە بېشىچىلاپ كىرىشكەن ئەمما ئەجرىگە لايىق نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن باسمىخانا زاۋۇدىنىڭ دىرىكتورى ئىدى.


مەن توي قىلغان ئۈچ يىلدىن بىرى،
لەيلەپ تۇردى باغرىمدا چاڭقاش.
ئىھ، ئايالىم يىراق سەھرادا،
ئالقىنىدا تېمىپ تۇرار ياش.

دۆۋە- دۆۋە ھەرپلەر ئارا،
يەتكىنىدە ھارغىنلىق ماڭا.
كۈلۈمسىرەپ كۈتىدۇ شېئىر،
چاي سۇنىدۇ تۇرۇبا ئاپئاق.
ئايالى بار بويتاقمەن گويا.

نىكاھىمدا بولمىغان بىلەن،
رومكا بىلەن ياتىمەن كىچە.
كۆز ئالدىمدا توي باغاقلىرى،
رەتلىنىدۇ يېشىل ۋە قىزىل.
مۇساپىرمەن تۇغۇلغان يەردە.

(ئاپتورنىڭ «كەمتۈك تەرجىمھال» شېئىرىدىن)
دېگەن مىسرالار شائىرنىڭ شۇ يىللاردىكى روھىي دۇنياسىنىڭ تۇغۇندىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
       2000- يىللاردىن باشلاپ مەن تۈرلۈك سەۋەپلەر جۈملىدىن «ئۈچكە ئەھمىيەت بېرىش» ئۇسۇلى بويىچە مەكتەپلەرنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش ئۈگۈنۈشى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قاتار ئۈگۈنۈشلەر، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىللىقلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكرار ھەمدە مەكتەپنىڭ 50 يىللىق تويىنى ئۆتكۈزۈش پائالىيتىگە تەييارلىق قىلىش جەريانىدىكى جىددىيچىلىكلەر بىلەن مۇھىمى سالامەتلىكىمنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمىدىم. بۇ ساھەدىكى دوستلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىممۇ ئىلگىرىكىدەك قۇيۇق بولالمىدى. 2000- يىلى 11- ئايدا مەن ئۇنىڭ چىرا يېزىلىق تەمىنات سودا بىرلەشمە كوپراتىپىنىڭ مەسئۇللۇقىغا بەلگىلەنگەنلىكىنى، 2003- يىلى 11- ئايدا خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، 2007- يىلى 2- ئايدا ئۇنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىنى، شۇ يىلى 4- ئايدا ۋىلايەت بويىچە كەسپى ئورۇنلارغا كادىر قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ، يۇقۇرى نومۇر بىلەن ئىمتاھاندىن ئۈتۈپ، ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىغا خىزمەتكە چۈشكەنلىگىنى، 2008- يىلى 3- ئايدا ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۈلۈمىگە يۆتكەپ ئەكىلىنگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
      ئاشۇ يىللاردىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن نۇرۇز بايراملىرى، ناھىيە تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپلەردە ئۇنىڭ ئويناق شېئىر دېكلىماتسىيەلىرىنى، تاماششىبىنلارنىڭ ئالقىشلىرىنى ھەمدە 2003- يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بىلىق ئۇلار بەكمۇ شىتىلە»، «مۇھەببەت لىرىكىلىرى» ناملىق شېئىرلىرىنىڭ خاسىيتى بىلەن 13- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغان كۈرۈنۈشلىرىنى تېلىۋېزور ئىكرانىدا كۈرۈپ تۇردۇم، جالالىدىن بەھرام، ئەزىزى، مۇھەممەتسالىھ مەتروزى، ئەكبەر سالىھ ، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن، ئەسقەر ياسىن قاتارلىق قەلەمكەشلەر ھەم ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، شۇنىڭدەك گۇمىدىكى، خوتەن شەھىرىدىكى قەلەمكەشلەر بۇ دىيارغا قەدەم باسقان ۋاقىتلاردا دولقۇن جاپپار ساھىپخانلىقىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىر قىسىم سورۇنلارغا، چاي سۆھبەتلىرىگە داخىل بولدۇم. «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2004- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان «يىللار سىرى» ناملىق داستانى يېزىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا بۇ ئەسەر توغرىلىق تەپسىلى پىكىرلەشتىم. ئۇ ئالاھىدە ئىجتىھات بىلەن تەييارلىغان ئۈچ توپلام- «سەۋرەڭدە مەن بىللە ئىدىم»، «نادىر سۆھبەت خاتىرىلىرى»، «يىللار سىرى» قاتارلىقلاردىكى زور كۆپ قىسىم ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقىپ ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، ئىجتىھاتىدىن، بۇ ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىدىن سۈيۈنگەنىدىم. بۇ ئۈچ كىتاپنىڭ تىزراق نەشىر قىلىنىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۈرۈشۈشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم. چۈنكى «سەۋرەڭدە مەن بىللە ئىدىم» ناملىق توپلامدىكى ئەسلىمىلەر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشتا تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان، خەلق ئېتىراپ قىلغان بىر قىسىم مەرھۇم ئەدىپلەر ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ نادىر ئەسلىمىلەر ئىدى. «نادىر سۆھبەت خاتىرىلىرى» بولسا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شۆھرەتلىك قەلەم ساھىپلىرى  بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى ئىدى. «يىللار سىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن بىز 1990- يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ مەلۇم جۇلالىرىنى، سەمەرىلىرىنى كۈرۈش بىلەن بىللە كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان دولقۇن جاپپارنىڭ شېئىرىيەت دۇنياسى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايتتۇق. بۇ ئۈچ توپلامنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنى زىرىكتۈرۈپ، بىزار قىلىپ قويمايتتى. ئەكسىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىنى يەنىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايتتى. بىراق دولقۇن جاپپار تۈزگەن بۇ كىتاپلار شۇ پېتى قالدى. قۇلىمىزدىكى « يىللار سىرى» ناملىق شېئىر توپلىمىدىن باشقا قالغان ئىككى تۈزۈلمە كىتاپ جامائەت بىلەن يۈز كۈرۈشەلمىدى.
      بۇ يىللاردا مەن شائىرنىڭ «بارخان كىچىسى»، «يىغلىما ئوماق»، «بىر ئايال ۋە يەتمىش نەچچە ئەر»، «ئۆز ئىلكىمدىكى ۋاقىت»، «يوق بەلكى شېئىردەك بۈيۈك مۇزىكا»، «سەن چۇقۇم كىلىسەن»، «يەنە قىش كەلدى»، «يىراقتىكى دوستۇمغا»، «دېكابىرغا ئۇلاشقان كىچە»، «ئۈرۈمچىنىڭ يىڭى تەسۋىرى»، «بۇ يەردىكى دوستۇمغا» قاتارلىق شېئىرلىرىنى كۈرۈپ تۇردۇم.
      2004- يىلى ئاخىرلىشىش 2005- يىلى كىرىش ھارپىسىدا ئۇ ماڭا ئەۋەتكەن ئاتكىرتكىسىغا:
مەھمۇت سېدىق، ھەي مەھمۇت سېدىق،
يازمىدىڭىز، بۇ قانداق قىلىق؟
ئىجات- مېھنەت كۆلىدىن ئىسىت-
سۈزمىدىڭىز بىر ئالتۇن بىلىق.
كىتابخانلار سۇرايدۇ مەندىن،
دېدىم مەن: ئۇ تۈگەشتى ئېنىق.
يېزىڭ ئەگەر ئويغاق بولسىڭىز،
«تۆپىق» مىسال بۇ يېڭى يىللىق.
دېگەن تىلەكلىرىنى يېزىش ئارقىلىق يازغۇم بولسىمۇ ۋاقىت چىقمايۋاتقان، ئىچىمدە بىر خۇمدان ئوت كۈيۈۋاتقان، جان بېقىش قىسمەتلىرىگە تۇتۇلۇپ چارچىغان، «ھەر ھالدا مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ مىدىرلاپ يۈرگۈنۈمنىڭ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت، مۇشۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن بەخت ۋە نەتىجە» دەپ ئۆز- ئۆزۈمنى بىچارىلەرچە ئالداپ يۈرگەن روھىيتىمنى چوخچىلىغانىدى. بۇ چاخچاقنىڭ ئاخىرقى مىسراسىدا «بۆرە تۆپىقى» ناملىق ھېكايەم تىلغا ئېلىنىپ يېڭى يىلدا مۇشۇ ھېكايەمگە ئوخشاش ئەسەرلەرنى يېزىشىمغا تىلكداشلىق بىلدۈرگەنىدى. مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدىن باشقا تەرەپلەر سۇسلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ماڭا يوللانغان بۇ تىلەك مېنىڭ مەۋجۇتلۇقىمنى ئۇنتۇمىغان ئۇستازلىرىمنىڭ، دوستلىرىمنىڭ، پەخىرلىك ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ تىلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق3- يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۈتۈپ تولىمۇ ئالدىراش يۈرگەن كۈنلىرىمدە قولۇمغا تەككەن بۇ ئاتكىرتكىنى قىممەتلىك ئەستلىك سۈپىتىدە ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.  دېمەك، مېنىڭ قەلب خاتىرەمدە ساقلىنىپ قالغان دولقۇن جاپپار ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى ھەر تەرەپلىمە مەناغا، شېئىرىي گۈزەللىككە بىزەپ كەلدى. خىزمەت ھاياتىدا تىنىمسىزس ئىزدەندى، قەلبلەردىن قەلبلەرگە يول ئالدى، ئەل كۆڭلىگە ياققان ھازىر جاۋاپ شائىر بولۇپ يىتىشىپ چىقتى.
      2008- يىلى 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر چارشەنبىدە ئۇنىڭ ئانىسى ھېلىمىخان يۈسۈپ خانىمنىڭ نامىزىغا باردىم. ئارىدىن بىر يىل ئۈتۈپ يەنە شۇ 11- ئاينىڭ بىر چارشەنبىسىدە ئۇنىڭ ئاتىسى جاپپار مۇسا مۇئەللىمنىڭ نامىزىغا باردىم، كەچمىش- كەچۈرمىشلىرىنى، خۇشاللىقى، ئازابى، تىلەكلىرى، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەڭ نازۇك تۇيغۇ بىلەن لىرىك ئۇسۇلدا ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن بۇ شائىرنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولالمىدىم. تۇپراق بېشىغا چىقىپ كۈن- كۈنلەپ يىگانە ئولتۇرۇپ ياش تۆككەن، كەچمىش- كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىگەن ۋاقىتلىرىدا يېنىغا بېرىپ دوستلۇق قولۇمنى سۇزالمىدىم، مېھرى- مۇھەببىتىمنى يەتكۈزەلمىدىم. ھەممىمىز ئاخىرى شۇ تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كىتىدىغان بەندىلەر ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، پانىي ئالەمدىكى قاتىلاڭچىلىقلار، تۇرمۇش مەئىشەتلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق.
       2009- يىلى12- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا مەن «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2009- يىللىق 6- سانىنى بىر خىزمەتدېشىمدىن ئارىيەت ئالدىم، نەچچە ئايدىن بىرى مەن بىرەر ئەدەبىي ژۇرنال ياكى كىتاپ ئوقۇپ باقمىغانلىقىمغا ئەپسۇسلىنىپ بۇ ژۇرنالدىكى بارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇدۇم. شۇ قاتاردا دولقۇن جاپپارنىڭ «سالام سىزگە مېھرىبان»، «چوڭ ئۆي»، «ئال بېشىڭغا ئاتاڭنى ئۇنىڭ ھايات بارىدا» دېگەن ئۈچ پارچە شېئىرىنى نەچچە رەت ئوقۇدۇم، قەلبىم لەرزىگە كەلدى. ھەر كۈنى ھاراق بىلەن چىكىملىكنى ناشتىلىق قىلمىسا ئۆرە تۇرالمايدىغان قېرى زابويغا ناركۇز قىلىدىغان دورا- ئۇكۇللار تەسىر قىلمىغاندەك، خېلى- خېلى ئىشلارنى كۈرۈپمۇ تەسىرلەنمەيدىغان، باشقىلار داڭ- تۆھپىسىنى قىلغان بەزى ئەسەرلەرنى ئوقۇپمۇ ھاياجانلانمايدىغان بولۇپ قالغان روھىيتىم ئويغاندى. كېيىنكى سائەتلىك دەرستە بۇ ئۈچ پارچە شېئىرنى سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ بەردىم. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ھەم ئوقۇغۇچىلارنى ئىجابىي تەرەپكە يىتەكلەشكە، يېزىقچىلىق ھۈجەيرىلىرىنى، ئىستېتىك ھەۋىسىنى قوزغىتىشقا پايدىسى بار دەپ قارىغان بىرەر پارچە ئەسەرنى ھەر قېتىم سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بىرىلىپ ئوقۇۋاتسام، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان ياكى پاراڭ سېلىشىپ، قىلىق چىقىرىشىپ ئولتۇرۇپ ئادەمنىڭ ۋاقتىنى، زېھنىنى بەكلا خورىتىۋېتىدىغان، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمغا مىڭ پۇشايمان قىلدۇرىدىغان ئاز بىر قىسىم قۇلاقكەستىلەرمۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلاشتى، سىنىپ تىمتاسلىققا چۆمدى. «ئال بېشىڭغا ئاتاڭنى ئۇنىڭ ھايات بارىدا» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇۋاتقىنىمدا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرغىپ چۈشۈۋاتقان كۆز يېشىنى كۆردۈم، ئاچچىق بىر يىغا بۇزۇغۇمغا كەپلىشىپ قالدى. مەندە پەيدا بولغان بۇ يىغا يەتتە يېشىمدا جۇدا بولغان ئاتامنى، 28 يېشىمدا جۇدا بولغان ئاكامنى بېشىمغا ئېلىپ كۈتۈرەلمىگەنلىكىمگە ئازاپلىنىپ پەيدا بولغان يىغىلا ئەمەس، بەلكى بۇ شېئىر ياراتقان ئىجتىمائى ئۈنۈم، بەدىئى تەپەككۇر، ھەمدە قەلبلەردە ئابىدە بولۇپ تىكلەنگەن ئاتىلارغا بولغان ھۆرمەت- ئىھتىرامنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
      ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۈتۈپ بۇ ئۈچ پارچە شېئىرنىڭ دىكلىماتسىيەلىرىنىڭ توردا بىرىلگەنلىكىنى، يانفۇنلاردا ياڭراۋاتقانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم.
      مەن بۇ ئۈچ پارچە شېئىرنى ئوقۇپ دولقۇن جاپپارنىڭ ئەمدى ئىسمى- جىسمىغا لايىق شائىر بولالايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. يېزىقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ جاپالىق، ئازاپلىق، غېرىبانە ئەمگەكنى ئۆزىنىڭ مەلۇم مۇددىئا- مەقسەتلىرىگە يىتىشىۋېلىشىدىكى قولۋاق قاتارىدا كۈرۈدىغان يېرىم يولدىكى ئادەملەردىن بولۇپ قالمايدىغانلىقىغا چىن پۈتتۈم.  مەن بۇ ئۈچ پارچە شېئىردىن روزى سايىتنىڭ، مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ، ئەرشىدىن راشىدىننىڭ شېئىرىدا ئەكس ئەتكەن شېئىرىي پاساھەت ۋە مەتانات ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ يەتتىم، ھاياجانلاندىم، پەخىرلەندىم.

2. سورۇن ئەھلىگە سۇنىلىدىغان بىر قىسىم پارچىلار

       تۆۋەندە مەن كىتابخانلارنىڭ، جامائەتنىڭ نەزىرىگە  دولقۇن جاپپارنىڭ ئىجادىيتىگە بىرىلگەن باھالاردىن بىر قىسىم پارچىلارنى سۇنىمەن:
      1) «ئەكبەر سالىھ بىلەن دولقۇن جاپپارنىڭ شېئىرلىرىمۇ ئىجتىمائىي ئازاپنى كومىدىيىلىك رەۋىشتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىشكە ئۇرۇنغان، شۇنداقلا باشقا ئاپتورلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ يېڭىچە جۇلا بىلەن مەيلىمىزنى تارتىدۇ. »
باتۇر روزىنىڭ «سۇيۇقلاندۇرۇلغان شېئىرىيەت ۋە كىچىك تولغاق» ناملىق ئەسىرىدىن. («شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 1992- يىلى 8- سان)
       2) «سەھرا تۇرمۇشىنى ئېسىل كارتىنىغا ئالغان كۈچلۈك مىللىي پۇراق، ھەر خىل سۈنئىي، ياسالمىلىقتىن خالىي بولغان ساپ ھېسىيات ۋە ئەركىن تەپەككۇر ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ جەزبدارلىقىنى، ئىناۋىتىنى كۈچەيتىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغانلا كىشى ئادەمنى تولىمۇ سۈيۈندۈرىدىغان بىر خىل شېئىرىي مۇھىت قوينىغا ئىختىيارسىز كىرىپ كىتىدۇ.»
(مۇھەممەتسالىھ مەتروزى «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» 1997-يىلى 3- سان)
      3) « مەن‹يېڭى قاشتېشى› ژۇرنىلىنىڭ 1996- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان ياش قەلەم ئىگىسى، دولقۇن جاپپارنىڭ ‹بالنىستتىكى كۈتۈش› ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ تولىمۇ سۈيۈنۈپ كەتتىم. خۇددى ئۆزۈمنى شېئىرىيەت دۇنياسىدا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.
     بۇ شېئىردا بالنىستتا ساقسىز بولۇپ يېتىپ قالغان يىگىتنىڭ ئۆز مەھبۇبىسىنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن چاغدىكى كارىدوردىكى ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلغان شادلىق تۇيغۇسى يېزىلغان.» «ئاپتور رېئاللىقتىكى بۇ خىل ھالەتنى شېئىرىيەت ئىچىگە سۆرەپ كىرىپ شېئىرغا يۈكسەك دەرىجىدە ئىستىتىك زوق، بەدىئىي ئۈنۈم ئاتا قىلغان.»(ئەمەتجان قۇربان «‹بالنىستتىكى كۈتۈش›- سۈيۈملۈك شېئىر» «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى 1997- يىلى 1- سانىدىن)
     4) «ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى خېلى نۇپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان ‹يېڭى قاشتېشى›ژۇرنىلى يېقىندىن بىرى ئوبرازلىق تىل، يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان شېئىرلار ئارقىلىق كىتابخانلار قەلبىگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. بۇ ژۇرنالنىڭ 1996- يىللىق 3- سانىغا بىرىلگەن شائىر دولقۇن جاپپارنىڭ <كۆكلەيدىكەن سېغىنىش دېگەن> ماۋزۇ ئاستىدىكى شېئىرلىرى ئەنە شۇنداق ياخشى شېئىرلارنىڭ ۋەكىلى».
(ئىدرىس رۇسۇلنىڭ «تونىۋال، ئۇ سېنىڭ ئوغلۇڭ» ناملىق ئوبزورىدىن. «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى 1997- يىللىق 4- سانىدىن)
5)
ئۈركۈپ تۇرسا تۇقايلىقتىن غەمكىن بوز تورغاي،
بىر كەنتتىن بالقىپ چىقتى جىمجىت ھاياجان.
پۇل ھەقىقەت دەپ تۇيۇقسىز پادىچى بالا،
ئېچىرقىغان قارچۇقلارغا كىرگۈزمەكتە جان.
مىڭ شېئىرلىق ئازاپ بىلەن يۈرسەڭ چۆللەردە،
بىر موچەنلىك مۇختاجلىققا تۈرتىدۇ جاھان.
(ئابلەت ئەخمەتنىڭ «قەلبىمدىكى 12 لۈكچەك» ناملىق شېئىرىدىن. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق1-سان)
     يۇقۇرىقىلاردىن باشقا يەنە ھۆرمەتلىك شائىرىمىز تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ دولقۇن جاپپارغا يازغان سالامنامىسىنى ھەم بۇ سالامنامىنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان تولۇق تېكىستىنى، مۇھەممەت شاۋۇدۇننىڭ «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 50 يىللىقى ۋە 50 يىللىق شېئىرىيەت» ناملىق ماقالىسىدا تىلغا ئېلىنغان شائىرلار قاتارىدىكى دولقۇن جاپپارنى، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا«دولقۇن جاپپارنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدە دەيدىغانلىرى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا تونۇشتۇرۇلغان تەرجىمھالىنى ۋە ئالتە پارچە شېئىرنى، بۇ شېئىرلاردىن كېيىن بىرىلگەن شېئىر ھەققىدىكى بايانلارنى بۇ سورۇندا بىر- بىرلەپ كۆرسىتىپ ئۆتۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مەن سورۇن ئەھلىنىڭ ۋە كەڭ كىتابخانلارنىڭ دولقۇن جاپپارنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسى، ئىجادىيتى ھەققىدە يېزىلغان نۇرغۇن- نۇرغۇن يازمىلارنى كۆرۈدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
     مەن چىرىنىڭ ئانىرىنى پىيالمىنىڭ ئانىرى بىلەن، كىسىلىپ مىۋىسى ئازلاپ كەتكەن ئۈرۈكلىرىنى، گۇمىنىڭ ئۈرۈكلىرى بىلەن، توشقان زەدىكىنى كېرىيىنىڭكى بىلەن، سۇ مەنبەسى قۇرۇم تاغدىن باشلىنىپ ئاخىرقى تامچىلىرى تەكلىماكانغا سىڭىپ كىتىدىغان، ناھىيە  بازىرىنى جەنۇپتىن شىمالغا كىسىپ ئۆتكەن ئوق ئۆستىڭىنى يەنە بىر يەرنىڭ ئۆستىڭى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ- يوق بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما دولقۇن جاپپارنىڭ شېئىرلىرىنى جۈملىدىن «چوڭ ئۆي»،«ئال بېشىڭغا ئاتاڭنى ئۇنىڭ ھايات بارىدا»،«سالام سىزگە مىھرىبان» قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرىنى مۇشۇ مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى خالىغان شېئىرلار بىلەن سېلىشتۇرالايمەن.
      خۇلاسە كالام شۇكى، مەن بۇندىن 24 يىل بۇرۇن تۇنۇغان دولقۇن جاپپار كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدە نەققاش بولدى، خەتتات بولدى، نابۇرچىك بولدى، دىرىكتور بولدى، يەككە ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولدى، بۇغالتىر بولدى، پارنىك باشقۇرغۇچى بولدى، ياشاش قىسمىتى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە باقماي بىر كوچىدىن يەنە بىر كوچىغا سۆرەپ تۇردى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بۇ كوچىلاردىن ئەمەس شېئىرىيەتتىن تاپتى. بۇ جەرياندا ئۇ شېئىرىيەت بىلەن سىرداش، قەلبداش بولدى. شېئىردىن تەسەللى تاپتى، شېئىردىن ھايات مەناسىنى تاپتى. شائىر ئابدۇقادىر مەتسىدىق 1980- يىللاردا يازغان بىر شېئىرىدا:
«بۇلاي دېسەڭ ھەقىقى شائىر،
سۆيۈپ باققىن ۋاپاسىز يارنى.»
دەپ يازغىنمغا ئوخشاش بۇ كۇچىلاردىكى كەچمىش- كەچۈرمىشلەر، ياش ۋە كۈلكىلەر، ئارقا- ئارقىدىن كەلگەن مۇسىبەت ئازابى ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنى، قەلىمىنى تاۋلىدى.

3. « يىللار سىرى» يېلىنجاتقان خىياللار
      ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئۇستازلار، دوستلار.
     يۇقۇردا مەن دولقۇن جاپپارنىڭ قەلبىمدىكى ئارخىپىنى ئۇقۇپ ئۆتتۈم ۋە بىر قىسىم پارچىلارنى سۇندۇم.
بۈگۈن بىز ھاياتىمىزدىكى ئۆزگىچە، ئەھمىيەتلىك، خاسىيەتلىك پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتىمىز،بۇنداق پائالىيەت بىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىمىز بولغان ئۈرۈمچىدە پات- پات ئۆتكۈزىلىپ تۇرسىمۇ، بىز ياشاۋاتقان بۇ ماكاندا كەمدىن- كەم كۆرۈلىدۇ. ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگەن، ساغلام بولغان ماددى يۈكسەكلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى_مەنىۋى يۈكسەكلىك ئىكەنلىگىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن رەھبەرلىرىمىزنىڭ، ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشى بىلەن بۇ سورۇنغا جەم بولدۇق.ماددى ئىھتىياج، تۈگىمەس ماددى ئىستەك،ماددى مەئىشەت،ئۇتى يامان بايلىق، چېكى يوق ھۇزۇر- ھالاۋەت،ئابروي ئۈچۈن چېپىپ چارچىغان،تالجىققان ئەقلىمىزنىڭ،قەلبىمىزنىڭ مەنىۋى ئاراملىقى بولغان شېئىرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق.
      بىز ھازىر شىئېردىن ئىبارەت مۇقەددەس كۈي ئارقىلىق قەلب دۇنيايىمىزنى تىڭشاۋاتىمىز، ھاياجانلىنىۋاتىمىز، خۇشاللىنىۋاتىمىز. بىزلا ئەمەس بەلكى ئەلشىر نەۋائي ھەززەتلىرىنى ھەر جەھەتتىن ئۇستاز تۇتۇپ ئۆمرى جاھاننىڭ ئىشلىرىنى تاسقاش بىلەن ئۆتكەن، ھاياتنىڭ ماغزاپ-كۆپۈكلىرىنى،  چىركىنىلىكلىرىنى قامچىلىغان، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھەل قىلغۇچ بىر ئۆتكۈنچى دەۋىرنىڭ رىياللىقىنى كۈندەك روشەن يورۇتوپ بەرگەن موللا نىيازنىڭ (1776-؟)، سەرسان- سەرگەندانلىقتا ياشىغان موللا قۇرباننىڭ (1820-؟) ھايات كەچمىشلىرىنى لىرىك يول بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن مۇھەممەتئەيسا ھاجى (كامالى) نىڭ (1884-1957)، توخسۇن توختى ھاجى (1859-1942) نىڭ، ھايات قىسمەتلىرىگە ئاچچىق كىنايە قىلغان،ئارمان بىلەن كەتكەن سېلىم ئەلەمنىڭ (1889-1961)، مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز (سۈزۈك) ئەپەندى (1920-1992 ) قاتارلىق بۇيۇرتقا كىندىك قىنى تۈكۈلگەن شائىرلارنىڭ ھەم بۇ يۇرتنىڭ باغۇ بوستانلىقلىرىغا، شېرىن- شىكەر يىمىشلىرىگە، بۇلارنى ئەھيا قىلغان مىھنەتكەش خەلققە ئاپىرىن ئېتىپ ئوتكەن مۇھەممەت سىدىق زەلىلى، بابا رېھىم مەشرەپلەرنىڭ روھى خۇشال بۇلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ روھى يادلىنىۋاتىدۇ.
      بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان روھىنىڭ، قەلب دۇنياسىنىڭ ھۆرمىتىدۇر. ئىنسان مەنىۋىيىتىنىڭ جۇلالىنىشى ۋە كۆرەك پائالىيىتىدۇر. ئىنساننىڭ ئۆز مەنىۋىيىتىگە، قەلپ دۇنياسىغا، پەزىلىتى ۋە ۋىژدانىغا بىلدۈرگەن ھۆرمىتىدۇر، روھىيەت دۇنياسىنىڭ تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالغانلىقىنڭ بەلگىسىدۇر.
     ئىنسان ئۇ تەن ۋە روھنىڭ بىرىكمىسى، ئۇ ماددى ئىھتىياجغا ئىگە بولماقلىقى بىلەن نەپىس ئوتىدا كۆيگۈچىدۇ. مەنىۋى ئىھتىياجغا ئىگە بولماقلىقى بىلەن روھىي چوڭقۇرلۇققا مۇپتىلا بولغۇچىدۇر، ئىنسانىي مۇكەممەللىكنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى روھىي مۇكەممەللىكتۇر. روھى مۇكەممەللىكنىڭ ئاساسى ئىتىقادتۇر. روھ- تەننىڭ پاكىزلىقى، ھاياسى، ۋىجدانى، پەزىلىتىنىڭ ئاساسى بولسا، ئىتىقاد روھنىڭ ئاساسىدۇر. ماددىي ئىھتىياج جەھەتتىن خېلىلاتۇيۇنغان ئەمما مەنىۋى ئاچلىق ھىس قىلغان كىشىللىرىمىزنىڭ مۇھتاج بۇلۇۋاتقىنى مەنىۋى تۇۋرۈكتۇر.
     مەن بۇندىن 24 يىل ئىلگىرى تۇنۇغان دولقۇن جاپپارنىڭ تۇنجى شىئرلار توپلىمى يەنى تىنىمسىز سۇقۇۋاتقان يۈرىكى، دىل كۈيى قۇلۇمدا تۇرۇپتۇ. مەن بۇ توپلامدىكى 1- پارچە شىئر « سۆيگۈلەر سۇلتانى ۋەتەن سۆيگۈسى» دىگەن شىئردىن باشلاپ توپلامنىڭ ئاخىردىكى شىئر « سۈيىمەن ئانا يۇرت، بىر ئۆمۈر سېنى» ناملىق شىئرغىچە بىرمۇبىر ئۇقۇپ چىقتىم. بەزى شىئرلارنىڭ ماۋزۇسىغا بىرقاراپلا   قەلبىمدە ئورنىشىپ قالغان مىسرالار ئىسىمگە كەلدى. بۇ « يىللار سىرى» دا 1987- يىلى كۈزدە ئۇنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ 1- يىللىقىغا قۇبۇل قىلىنغان ۋاقىتتىكى قەدىمىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتىكى روھىيەت مۇساپىسى، كەچمىش- كەچۇرمىشلىرى يەنى ھاياتلىق، ئۈلۈم،ھىجران، ۋىسال، خۇشاللىق، ئازاپ ھەققىدىكى قەلب مۇنۇلۇگلىرى ئەكىس ئېتىپتۇ. دوستلۇق ھەققىدىكى، يۇرت ھەققىدىكى ئانا ھەققىدىكى ، ئاتا ھەققىدىكى ، ئەۋلاد ۋە ئەجداد ھەققىدىكى ئوتلۇق سەترىلەر جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. قارا قۇرۇم تېغى باغرىدىكى بىر ئۆمۈر ياشىغان 95 ياشلىق  مۇھەببەت ئاخۇن ئىسىملىك بوۋاينىڭ دەريادەك كەڭ قەلىپ دۇنياسىدىن، دامكۇ مالقالغاننىڭ ئايىغىدىكى بىر  دۆڭلۈكتە قۇمۇشلۇقتا ئوتلاۋاتقان پادىلارغا قاراپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان چوپاننىڭ روھى دۇنياسىغىچە بولغان سۈرەتلەر، مارجان سۆزلەر بىلەن كەچمىش يىپىغا ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. راۋان يوللار، ئاسايىشلىق تۇرمۇش، يىڭىچە ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات مەدھىيلىنىپتۇ. بالىلىق ۋاقتىدىكى ئۆزلۈك ئېڭى، شېئرىي دۇنياسى، شېئرى تىلى خامراق بولغان دولقۇن جاپپاردىن 40 ياشلىق مۇساپىگە يېقىنلىشىۋاتقان، توختالغان، ھەر بىر مىسرادىن دەمدەرنىڭ بوغۇق ئۈنلىشى ئاڭلىنىپ تۇرغان، يۇرتنىڭ  ھەر بىرچىمدىم توپىسى، ھەر بىر تال چىچىكى، شورلۇقلىرى، قۇملۇقلىرىنىڭ ھىدى، قۇشقاچ تورغايلارنىڭ  سايراشلىرى؛ پاتمىچۇق، كىلەلەرنىڭ ئۇسۇل ئويناشلىرى؛ چوڭ ئۆيدىكى مىھرى- مۇھەببەتنىڭ،  ھەتتا كونا تاملىقلىرىدىكى تام پوتلىسىنىڭ مىھرى- خاسىيىتى ئەكىس ئىتىپ تۇرغان روھىيەت ئالىمى يۇرۇتۇپ بىرىلىپتۇ. ئۇ غېرىپسىنىپ ئولتۇرغان دۆڭلىكتىكى قۇم بارخانلىرى  زۇۋانغا كىرىپتۇ، ئۇ شادلانغان سورۇنغا جان كىرىپتۇ. مەن ئۇنى تۇنۇغان 24 يىلدىن بېرى تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتى تۇسۇن تايدەك چاپچىش ئىچىدە ئۆتكەن، كېيىنكى ھاياتىدا نەققاش بولغان، خەتتات بولغان، نابۇرچىك بولغان، دېرىكتور بولغان، يەككە ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولغان، بۇغالتىر بولغان، پارنىك باشقۇرغۇچى بولغان، ۋەيرانە بويتاق بولغان، ئاتا بولغان، يىتىم بولغان جەرياندىكى كەچمىش- كەچۈرمىشلىرى ئىچىدە شېئىر بىلەن سىرداش، قەلىپداش بولغان، شېئردىن تەسەللى تاپقان، شېئردىن ھايات مەنىسىنى تاپقان ئەشۇ مەنا جەريانىدا بارا- بارا شائىرلىق كۇچىسىغا قاراپ ماڭغان دولقۇن جاپپارنىڭ قەلىپ دۇنياسى يۇرۇتۇلۇپتۇ.
     « يىللار سىرى» دا كۈلكە، ئازاپ، ئىزتىراپ، ئارزۇ- ئارمان، تىلەك ئەكىس ئىتىپتۇ، شادلىققا چۆمگەن قەلىپتىن ياڭرىغان شاۋقۇن- سۈرەنلىك سىمپونىيەمۇ، مۇڭلانغان ۋاقىتتىكى يىگانە، غېرىپ كۈيمۇ ناۋا ئەيلەپتۇ.
مەن« يىللار سىرى» توپلىمىدىكى شىئرلارنى ئۇقۇپ ئولتۇرۇپ  « شئىر دىگەن نىمە؟» دىگەن سۇئال ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم. ئەسلىدە مەن 27 يىلدىن بېرى شېئىر ھەققىدە نۇرغۇن قېلىپلاشقان نەزىرىيەلەرنى سۆزلىگەن ئىدىم. قەلىپلەرنى ھاياجانغا سالغۇدەك شئىرلارنى يازالمىساممۇ ئەمما ئەشۇنداق شېئىرلارنى ياخشى كۆرەتتىم، قىسمەنلىرىنى يادقا بىلەتتىم. لېكىن ھازىر بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمىدىم. ئوبزورچى ياكى تەنقىدچى بولمىغانلىقىم، شېئىريەت نەزىريىسى ھەققىدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى ئىزچىل كۆرۈپ تۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن گاڭگىراپ قالدىم. ئاخىرى يەنە لۇغەتلەرنى، ژورناللارنى ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ يازمىلاردىكى ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنى ، تەبىرلەرنى كۆرۈپ تېخىمۇ گاڭگىرىدىم. نوبىل ئەدەبىياتىنىڭ ساھىبى بولمىش بىر قىسىم شائىرلار شېئىرنى دېڭىزنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن تەرىپلەپتۇ. يەنە بەزىلەر بۇلۇتنىڭ، گۈلدۈرمامىنىڭ، چاقماقنىڭ، يامغۇرنىڭ، قارنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن تەرىپلەپتۇ. يەنەبەزىلەر جۈملىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى قاباھەتلىك يىللاردا ياشىغان خەلق قەلبىنى ئۈمىدۋارلىققا تولغان شىئىرلىرى ئارقىلىق ئىللىتقان گابلىرا مىستىرال خانىم (1899-1957) شېئىرنى ئۇرۇش، ۋەھىمە، ئاچلىق، يالىڭاچلىق، قەھەتچىلىك، زىمىستان، قارا تۈن ئىچىدە يالىلدىغان ئۈمىد ئۇچقۇنى دەپ قاراپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. يەنە بەزىلەر شېئىرنىڭ ساپ تۇيغۇ سەنئىتى ئىكەنلىكىنى، ئىجتىمائىلىقتىن، تاشقى دۇنيادىن خالىي تۇرىدىغانلىقىنى شەرھىلەپتۇ. بەزىلەر «ئىنتىرناتسىئونال» شېئىرىدىن «كاتيۇشا» شېئىرىغا قەدەر مىسال ئېلىپ شېئىرنىڭ ئىجتىمائى قىممىتىنى شەرھىلەپتۇ. يەنە بەزىلەر ھەممىنى ئىنكار قىلىپ: «شېئىر ھېچنىمە ئەمەس» دەپتۇ. 1990- يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولمىش ئوكتاۋىئو پاز (1914- 1994) ئەپەندىم مۇخبىرلارنىڭ زىايرىتىنى قۇبۇل قىلغاندا سۆزلىگەن بىر سۆزىدە: «ئەگەر بوش بىلەن سادام شېئىر ئوقۇغان بولسا بۇ دۇنيا گۈزەللىككە تولغان بولاتتى» دەپتۇ.
      مەن بۇ قاراشلار ھەققىدىمۇ كۆپ ئويلاندىم، ئۇبۇلقاسىم پىردەۋسنىڭ «شاھنامە» ئەسىرىدىكى بىر بېيىت شېئىرنىڭ ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تىنىچلىقنىڭ  ئەسلىگە كىلىشىگە قەلب ئەلچىسى بولغانلىقىغا ئائىت ھېكايەتلەرنى ئەسلەپ شېئىرنىڭ ئىنسانلار قەلبىگە تىنىچلىق، گۈزەللىك ئۇرۇقى چېچىشتىكى كۈچ- قۇدرىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئوكتاۋىئو پاز ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىنى چۈشەندىم. ئەمما مەن «شېئىر ھېچنىمە ئەمەس» دېگەن گەپلەرنى چۈشەنەلمىدىم. چۈنكى مەن ئەجداتلىرىمىز ئاچقان،گۈللەندۈرگەن، تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرغان كارۋان يوللىرىنى، تەكلىماكان باغرىدىكى بىپايان قۇملۇقلاردىكى ھاياتنى شېئىرسىز تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. بۇ يۇرت تەۋەلىكىدىكى ئۇزۇنتات، دەندەن ئۆيلۈك، قارا چىن، كونا دامىكۇ، راۋاق خارابىلىقلىرىنى شېئىرسىز تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. چۈنكى بۇ يەردە تەبىئەت ھېچبىر ھاياتلىقنى پەپىلىمەيتتى. بۇ يەردىكى خۇشاللىق، ئازاپ، ۋەھىمە، ئۈمىد، تەسەللى، گۈزەللىك، خۇنۈكلۈك... شېئىردا ئەكس ئىتەتتى. تاڭ خورىزىنىڭ چىللاشلىرى، تۇلپارلارنىڭ كىشنەشلىرى، تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرماما ئاۋازى، تونۇرنىڭ تەپتىدەك قىززىق، قۇرغاق ھاۋا، سانجاق- سانجاق قۇم بارخانلىرى ئۈستۈگە قونغان تولۇن ئاي، قورقۇنۇچلۇق نەرە تارتقان بوران، بىر كىچىدىلا غايىپ بولغان قايناق شەھەر- بازارلار، كىمخاپتەك بوستانلىق... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە شېئىر بار ئىدى. تەبىئەت بۇ يەردە ياشىغان ئادەملەرگە ئاتا قىلغان بۇ شېئىرنى، بۇ روھ تىۋىشلىرىنى شائىرلار يارقىن سۈرەتلەپ بىرەلەيتتى. شۇڭا ئۇلارغا شېئىر بولمىسا، شائىربولمىسا بولمايتتى.  
شۇنداق، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى قۇرغاق، تاغلىرى قاقاس، قۇملۇقلىرى پايانسىز ئىدى. بۇ يەردە ھايات جاپالىق ئىدى. دېڭىز- ئوكيانلار، يامغۇرلۇق ئورمانلار بىلەن قاپلانغان قۇم- بوراندىن خالىي، ھۆل- يىغىنى كۆپ مۇسسۇن ئىقلىم رايۇنلىرىدىكى ھايات بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى.
      بۇ يەردە ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ سۇنماس جاسارىتىگە، ئىرادىسىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايتتى. بۇ خىل روھقا شېئىر ھەر دائىم ھەمراھ ئىدى. قورغاق قەلب بوستانلىقى شېئىر بۇلىقىدىن ياشىراتتى.  بۇ يۇرتتا ھاشى، ھاسا خارابىسى، ئۇزۇنتات، دەندەن ئۆيلۈك، كونا دامىكۇ، قارا چىن، راۋاق خارابىسىدىكى شۇنىڭدەك باشقا قۇملۇق ۋە بوستانلىقلاردىكى سەلتەنەتلەر، مەردۇ- مەردانىلەرنىڭ ئاۋازى، سىماسى، روھىي دۇنياسى_ بۇ يۇرتقا كىندىك قىنى تۈكۈلگەن مەرھۇم شائىرلار يازغان  «تۆت ئىمام تەزكىرىسى»، «ئەزىزنامە»، «قىسسەسۇل غەرايىپ»، «دىۋان نىيازى»، «تارىخىي ۋاپانامە»، «"ئات" بىلەن "تۆگە"نىڭ مۇنازىرىسى» (موللا نىيازنىڭ)، «ھەجنامە»، «ۋەسىيەتنامە» (توخسۇن توختى ھاجىنىڭ)، «مەجمۇئەتۇن نىساھ» (مۇھەممەت ئەيسا ھاجى كامالنىڭ)، «دىۋانى ئىمام جەئفىرى سادىق» (موللا قۇرباننىڭ)، «لەۋھەتۇل ئەسەر» (سېدىق ئاخۇنۇمنىڭ)، «يادىكار»، «پەرھات- شىرىن»، «سەنۇبەر» (مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز سۈزۈك ئەپەندىنىڭ)، «گۈلئەھمەر» (مۇھەممەتسىدىق مۇھەممەترېھىمنىڭ).... قاتارلىق شېئىرىي ئەسەرلەردە، توپلاملاردا ئەكس ئەتكەنىدى.
      مەن «يىللار سىرى» توپلىمىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان شېئىرىيەت مىللىتى پەلسەپە مىللىتىگە ئايلىنالمىسا روناق تاپالمايدىغانلىقىغا ئائىت قاراشلار ھەققىدە ئويلاندىم. ئويلىنا-ئويلىنا ئاخىرى ھەقىقى شېئىردا پەلسەپە بارلىقىنى،پەلسەپە يوق شېئىردىمۇ مەلۇم ئىجتىمائىيلىقنىڭ تامغىسى بېسىلىدىغانلىقنى چۈشەندىم.  شېئىر- ئىنسان ئۆز- ئۆزىنى تونىغان كۈندىن باشلاپ شەكىللەنگەن ئەڭ قەدىمى ژانىر ئىدى. بىر مىللەتنىڭ روھىيەت ئالىمىنىڭ شەجەرىسى ئىدى. قوغۇسۇر ئالتۇننىڭ «چوغاي تاغلىرى»، ئاپىرىن چۇرتېگىننىڭ «مۇھەببەتنامە» سىدىن بۇغدا ئابدۇللانىڭ «سالغا تېشى»، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «تاش پەلسەپىسى»،ئادىل تۇنىيازنىڭ « سالام ئېتىزدىكى پەيلاسوپلار» قاتارلىق   ئەسەرلىرىگىچە بولغان جەرياندىكى شېئىرلارنىڭ ھەممىسى ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيەت، مەدەنىيەت ئالىمىنى، روھىيەت سەپىرىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. ھايات مەناسى بار ئىدى. ئۆزلۈك ھەققىدە،توغۇم ۋە ئۈلۈم ھەققىدە تويۇنغان، بالقىغان، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان پەلسەپە بار ئىدى. نەۋائى ھەزرەتلىرىنىڭ يەتتە يېشىدا يازغان «كۆزلىرىمدىن ھەرلەمزە ياش ساچىلۇر» دېگەن مىسرا بىلەن باشلانغان شېئىرلىرىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە ھۆسەيىن باپقارانىڭ ئالدىغا چىقىش سەپىرىدە كىتىۋېتىپ قىلغان نىدالىرىغىچە؛ تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ تۇنجى شېئىرى «جەڭچى ئاكامغا» دىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دىكلىماتسىيە قىلغان «سوغۇق سۇمۇ كۆيدۈرىدىكەن» دېگەن شېئىرىغىچە ئەشۇ شەخسلەرنىڭ ئۆمۈر سەرگۈزەشلىرى بار ئىدى. روھىيەت تامغىسى ياكى دەۋر تامغىسى بېسىلغانىدى. بىز بۇلاردىن بىر شەخسنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىلا ئەمەس بىر دەۋرنىڭ كارتىنىسىنى كۆرەلەيتتۇق، پەلسەپىۋى يەكۈنلەرگە ئېرىشەلەيتتۇق. ھەتتا بىر ئۆمۈر شېئىر يازغان بىر شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن ئەل قەلبىگە ئۆزلىشىپ كېتەلەيدىغان ياكى ئەۋلادلارغا روھ ئاتا قىلالايدىغان بىرەر پارچە شېئىرى مىراس قالالىسا، خەلق ئۇلارنى ئۇنتۇمايتتى.
      مەن «يىللار سىرى» توپلىمىسىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ دۇنيا ھەققىدە ئويلاندىم. شېئىرنىڭ تىلى دۇنيانىڭ تىلى ئىكەنلىكىنى، شېئىرنىڭ كۈلكىسى دۇنيانىڭ كۈلكىسى ئىكەنلىكىنى، شېئىرنىڭ يىغىسى دۇنيانىڭ يىغىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەمما شېئىرغا بەرگەن تەبىردە ھەر بىر قەۋىم، ھەر بىر ئوبزورچىنىڭ شەرھىيىسىدە پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندىم. چۈنكى شېئىر قەلبنىڭ، ۋىجداننىڭ، ئۆزلۈكنىڭ جۇلالىنىشى، زامان ھەم ماكاننىڭ تامغىسى ئىدى.
مەن «يىللار سىرى» توپلىمىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈم ھەققىدىمۇ ئويلاندىم. چۈنكى شېئىر كەڭ ۋە تار مەنىدىكى ئۆزلۈكنىڭ جۇلالىنىشى ئىدى. مەن   شېئىرنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىمنى، شېئىرنى سۆيىدىغانلىقىمنى، شېئىردىن ئايرىلالمايدىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. چۈنكى شېئىر ئىنسان ئەڭ بۇرۇن ياراتقان، ئۆزىنى تونۇشقا باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ شەكىللەنگەن قەلب ھەمراسى ئىدى. ئەجداتلىرىم بۇ ھەمراھىغا ئەڭ سادىق بولغان، ئەڭ كۆپ ناۋا قىلغان، مەن بۇدۇنياغا كۆز ئاچقاندا ئانام شېئىر ئوقۇپ مېنى ئەركىلەتكەنىدى. ئاتام بولسا قىشنىڭ ئۇزۇن تۇنلىرىدە يېقىنقى خوتەن- چىرا يۇلى بويىدىكى  راۋاق خارابىسىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى كەڭرى كەتكەن ئايۋان- سارايلىرىمىزغا، ياز كۈنلىرىدە پىشايۋان ئاستىغا، كەڭرى ھويلىغا توپلانغان كىشىلەرگە ئاي يۇرۇقىدا ياكى جىن چىراق يۇرۇقىدا ئولتۇرۇپ داستان قىسسەلەرنى، كەچمىش- كەچۈرمىشلەرنى، ھېكايەت- چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرەتتى ياكى سۆزلەپ بېرەتتى. يىل- يىللاپ،ئاي- ئايلاپ ئۆيىدىن ئايرىلىپ، سايلىقتا، چۆللۈكلەردە يېتىپ ئېرىق- ئۆستەڭ، ئامبار، يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەر ئارىسىدىمۇ ھېكايە- چۆچەكچىلەر، راۋاپچىلار، ھازىر جاۋاپ شائىرلار بۇلاتتى.  جاپالىق ھايات، غۇربەتچىلىك ئىچىدىكى تۇرمۇشتىن كىشىلەر ھايات مەناسىنى تاپاتتى. تۇغۇم ۋە ئۈلۈم ھەققىدە فولكلور بايلىقى زىمىنىمىزدا ھەممە ئادەم چىن پەيلاسوپ ئىدى.  ئالتە يېشىمدا ئاتام تۈگەپ كەتكەندە  ئۇنىڭ دوست- ئەقرىبالىرى ھەم ئانام شېئىر ئوقۇپ ھازا تۇتقانىدى. شېئىر مىنىڭ مۇھەببىتىمنى، نەپرىتىمنى نۇرلاندۇرغانىدى. ھاياجانغا، ئالەمچە خۇشاللىققا ۋە ئازاپقا مۇپتىلا قىلغانىدى. يۈرەك تارىمنى چەككەنىدى. بالامنىڭ گۇڭۇلدىغان ئاۋازىدىن شېئىر ئاڭلاپ ھاياجانلانغانىدىم. ھازىر يەنە ھاياجانلىنىپ بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتىمەن. كۈنلەرنىڭ  بىرىدە مەن قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەندە بىر كىملەر مەن ئۈچۈن شېئىر ئوقامدۇ- ئوقۇمامدۇ بۇنى بىلمەيمەن، ئەگەر شۇ چاغدىمۇ شېئىر ئاڭلىيالىسام بۇ مېنىڭ ئىزىم قالغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن. ھېچ بولمىغاندا كۆز نۇرۇم، ئۈمىدىم بولغان پەرزەنتلىرىمنىڭ دىلىدىن، مۇھەببىتىدىن بولسىمۇ شېئىر ئاڭلىيالىسام بۇ مېنىڭ بەختىم ئىكەن. مەندىكى مۇھەببەتنىڭ ئەۋلاتلىرىمنىڭ ۋۇجۇدىدا داۋام ئەتكەنلىكىنىڭ نىشانى ئىكەن، ئەجداتلىرىمىزدىن ئۇدۇم قالغان، بۇ خىل روھ ، بۇ خىل مۇھەببەت بىزنىڭ ئەڭ زور بايلىقىمىز، بەختىمىز، ئۈمىدىمىز، روھىي تۈۋرۈكىمىز ئىكەن. مانا مۇشۇ سەۋەبلەرگە ئاساسەن ئىنىمىز دولقۇن جاپپار ئاتا-ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ شېئىر يازغان ئىدى، ئەجداد روھىنى ئۇنتۇمىغان ئىدى، پىداكار روھنى ئۇنتۇمىغان، نۇرلاندۇرغان ئىدى.
     مەن «يىللار سىرى» توپلىمىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ كەڭ ئاۋام خەلق ھەققىدىمۇ كۆپ ئويلاندىم. ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىز يۇرت ئىشقىدا، ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققان، دوست- ئەقرىبالار ئىشقىدا شۇنىڭدەك ئەڭ كۆپ مەجاز قىلىنغان «يار ئىشقىدا» ناخشا توۋلاپ كەپتۇ. سەرسان- سەرگەردانلىق، ئازاپ- كۈلپەت، ھاياتلىق ۋە ئۈلۈم ھەققىدە ناخشا توۋلاپ كەپتۇ. ئەمما ئالتۇن- كۈمۈشلىرى چەككە يىتىپ ئۆگزىسىگە ئەلەم چىقارغان بىرەر باي ياكى قارۇننى ھەيرەتتە قالدۇرغىدەك دەرىجىدىكى مال- دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قاقسەنەم بولۇپ قالغان بىرەر باي ئالتۇن- كۈمۈش، مال- دۇنيانىڭ ئىشقىدا ناخشا توۋلاپ باقماپتۇ. توۋلىغان بولسىمۇ بۇ ناخشا ئاۋام ئارىسىغا سىڭمەپتۇ. بەلكى: «ئۈنچى- مارقان تاش ئىكەن، ئارپا- پۇرچاق ئاش ئىكەن» دېگەن ئاددى مىسرالار ئارقىلىق ئەجىر- مىھنەتنى، چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ھېكمەتنى، ئۇزاق تارىخنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ. «ناسىرجان»، «سائادەتخان»، «زورىخان» («چىرا ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىشلىرى تارىخى» ناملىق كىتاپقا ۋە چىرا ناھىىلىك خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ 2009- يىلى 29- نومۇرلۇق ھۆججىتىگە قاراڭ)، «جېنىم قىزىم سەلىمەم» (ئابدۇكىرىم راخماننىڭ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابىغا قاراڭ) دېگەنگە ئوخشاش شېئىرلار ئارقىلىق چوڭقۇر مۇھەببەتنى، ئازابنى، ھىجراننى ئىپادىلەپ كەپتۇ. «ۋاچاك» لەقەملىك موللا نىياز شائىرنىڭ چاقا كەنتىدىكى قەبرىگاھىنى ھازىرغىچە تاۋاپ قىلىپ كەپتۇ.
     مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا مۇنداق ۋەقەنى ئاڭلىدىم، يەنى ناھىيىمىزنىڭ دامىكۇ يېزىسى چوقۇباش كەنتىدە ياشاپ 1920- 1930- يىللاردا ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن دىداكتىك شائىر ۋە تارىخچى، خەتتات توخسۇن توختى ھاجىنى ئاۋام خەلق بەك چوڭ كۆرىدىكەن، ئۆزلىرى ياسىغان ئەڭ سۈپەتلىك خوتەن قەغىزىنى ئەكىلىپ بىرىدىكەن. قاراقات، قارا ئۈجمە قاتارلىق يىمىشلەردىن سۈپەتلىك رەڭ ياساپ ئەكىلىپ بىرىدىكەن، ئۆيى ئالدىدىكى يولدىن كىچە- كۈندۈز مېڭىپ تۇرىدىغان يۇلۇچىلار بۇ شائىرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئىككى- ئۈچ پوتەي ئارىلىق قالغاندا توۋلاۋاتقان ناخشىسىنى توختىتىپ، مىنىۋالغان ئات- ئۇلاغلىرىدىن چۈشۈپ پىيادە مېڭىپ ئۆتىدىكەن. «ھاجىم ئەشئار يېزىۋاتىدۇ، دەخلى قىلسا يامان بولىدۇ» دەپ قاراپ مۇشۇنداق ھۆرمەت قىلىدىكەن، بۇ كىشىنىڭ يىرىگە سۇ تۇتىدىغان ئىشلىرىنى، ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنى خالىس قىلىپ بېرىدىكەن.  دېمەك، بىزنىڭ خەلقىمىز نادان ئەمەسكەن، شېئىرنىڭ نىمىلىكىنى، شائىرنىڭ خىسلىتى ۋە قىممىتىنى دىلىدا بىلىدىكەن، نان قايغۇسى، جان قايغۇسىدا قالغان يىللاردىمۇ ئۆزلىرىنىڭ شائىرلىرى ئۈچۈن ئالتۇن- كۈمۈش تارتۇق قىلالمىسىمۇ ئالتۇندىن ساپ كۆڭلىنى ئىپادىلىگەنىكەن. ھۇجۇدىدا شېئىر ئوخچۇپ تۇرۇدىغان خوتەن خەلقى  مۇھەممەت سىدىق زەلىلى ھەزرەتلىرىنىڭ مازىرىنى قاتۇرۇپ ئەۋلىيا سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ كەلگەنىكەن، شاھ مەشرەپنى ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە كۈتۈرۈپ ئۇلۇغلىغانىكەن. ئەڭ ئۇلۇغ كىشىللىرىنى ئەڭ قەدىرلىك كىشىللىرىنى شېئىرى تىل، شېئىرى ھىسىيات بىلەن سۈپەتلەپ كەلگەن ئىكەن، شېئىر ۋە شائىر خەلقنىڭ مەنىۋىي بايلىقى ئىكەن.« خەمسە نەۋائىي»، « خەزانىئۇل مەئانىي»، « دىۋان مەشرەپ»،« دىۋان ھۆكمەت»، « سوپىئاللايار»، « رۇستەمىي داستان» ( « شاھنامە»...دىگەنگە ئوخشاش كىتابلاردىكى ھەر بىر مىسرانى چىرايىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرغان خەلقىمىز سىلكىنىپ تۇرۇپ، بۇقۇلداپ تۇرۇپ، بوزلاپ تۇرۇپ ئۇقۇپ كەلگەن     ئىكەن.
     بۈگۈنكى كۈندە روزى سايىت ئاكىمىزغا مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك سوۋغا قىلغانلىقى، تون كەيدۈرگەنلىكى شۇ مەنىۋى خىسلەتنىڭ جۇلالىنىشى ئىكەن. دولقۇن جاپپار يازغان «چوڭ ئۆي»، «ئال بېشىڭغا ئاتاڭنى ئۇنىڭ ھايات بارىدا» ناملىق شېئىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھەمدە «يىللار سىرى» توپلىمىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقىمۇ مۇشۇ خىسلەتنىڭ ۋە ھىممەتنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
    ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ھېسىيات- شېئىرنىڭ جېنى، تەسەۋۋۇر- شېئىرنىڭ قانىتى. مېنىڭچە ھېسىياتسىز ئادەم ھەم تەسەۋۋۇردىن خالىي ئادەم بولمىسا كېرەك. ئەمما ھېسىيات ۋە تەسەۋۋۇرغا ئىگە ئادەمنىڭ ھەممىسى شائىر بولالىغان ئەمەس. ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ، ھەقىقى ئازاپنىڭ، ھەقىقى ۋىسال ۋە ھىجراننىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەن ئادەممۇ شائىر  بولالىغان ئەمەس. بىز شائىر ئاتالمىسىمۇ ئەمما شائىرنىڭ دۇنياسىدەك ئوتلۇق قەلبلەردىن ئۇرغۇپ چىققان ئوتلۇق ناخشىنى ھەممە يەردىن ئاڭلايمىز. چەت سەھرانىڭ چىغىر يولىدا ئاي نۇرىغا كۈمۈلۈپ كىتىۋاتقان يىگىتنىڭ، كۇلۇڭ ئالدىدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان چالنىڭ، زاكىدىكى بۇۋىقىنى ئەللەيلەۋاتقان ئانىنىڭ.... تىلىدىن بۇ ناخشىلارنى ئاڭلايمىز. بىز ئاڭلىغان ئەشۇ ناخشىلارنى ئوتلۇق قەلبلەر، سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلغان، چۈشەنگەن پىرچەڭگى بۇۋىمىزنىڭ روھى، ئۆزلىرىنىڭ قەلب دۇنياسىدىن ئۇرۇن ئالغان شائىرلار ئوتلۇق قەلبىدىن يەنە تۈمەنلىگەن ئوتلۇق قەلبلەرگە يەتكۈزۈپ كەپتۇ.
مەن «يىللار سىرى» توپلىمىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ شېئىرنىڭ پىداكار روھىنىڭ، ساداقەتمەن يۈرەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، روھىيەت ئالىمىنىڭ ساداسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. چىن شائىرلار تەبىئەتنىڭ پاك ھېسىياتلىق، سەبىي پەردازسىز، ياسالمىلىقتىن خالىي بولغان بالىلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. قەلبىدە مۇھەببەت يالقۇنى ئۆچمىگەن شائىر تۇرمۇش ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىن يىڭى- يىڭى ئىلمىنتلارنى داۋاملىق بايقاپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن قۇلۇمدىكى «يىللار سىرى» نىڭ داۋامىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ يېڭى، تىرەن مەنالار بىلەن تولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
ھاياتلىق ئالىمىدە تۇغۇم ۋە ئۆلۈم مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا شېئىر مەڭگۈ ياپ- ياشتۇر. ئەجداتلىرىمىز كەڭ تەبىئەت ھەققىدە، جەمئىيەت ھەققىدە، ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققان، دوست- ئەقرىبالار ھەققىدە، تۈرلۈك- تۈمەن كەچمىش- كەچۈرمىشلەر ھەققىدە نۇرغۇن-نۇرغۇن شېئىرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولسىمۇ بىز يەنە شۇلار ھەققىدە يېڭى شېئىرىي مەنالارنى، قەلب ئىزھارلىرىمىزنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەي تۇرالمايمىز. چۈنكى ئەجداتلىرىمىز تۈنۈگۈن ياراتقان روھىيەت گىنىنىڭ، تۈنۈگۈن تېرىغان ئاشلىقنىڭ، گۈل- گىياھنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتى، ھىدى بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا بولسىمۇ، ئەمما بىز ئەتراپىمىزدا ياشاۋاتقان ھەم ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ  قەلب ئىكىنزارلىقىغا يەنە ئۇرۇق چاچمىساق، بۇ ئىكىنزارلىقنى بارا- بارا ياۋا ئوت- چۆپلەر قاپلاپ كىتىدۇ.
      شېئىرنىڭ ھۆرمىتى ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان ھۆرمىتىدۇر. ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان خالىس، پاكىزە ئىھتىرامىدۇر. ئەنە شۇنداق ھۆرمەت بىلەن، ئەنە شۇنداق مۇھەببەت بىلەن بۇ سورۇنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان قەلەمداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ھەممە نەرسە تاۋارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن مۇشۇ كۈنلەردە پاكلىق ۋە پەزىلەتنى، ئىزدەش ۋە ئىزدىنىشنى ئۇنتۇمىغان دوستلارغا تازىم قىلىمەن.
      كۆپ يىللاردىن بۇيان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۈچ توپلىمى ۋە قەرەلسىز ژۇرنىلىمىزنىڭ، تارىخى ماتېرىياللىرى 1-،2-،3-،4-،5-،6-توملىرىنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن باش بولغان، شارائىت يارىتىپ بەرگەن، قوللىغان رەھبەرلىرىمىزگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بىرى ناھىيە ياكى يېزا بويىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان ھەر يىللىق نورۇز ھەم 13 قېتىملىق مەشرەپ، ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق نۇرۇز پائالىيتى جەريانىدا سەنئەت سۆيەر خەلقنى، ھەر ساھە زاتلارنى ئەڭ مۇھىمى تاغلاردا، باغلاردا ياشاۋاتقان خەلق سەنئەتكارلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان، ئۇلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، سىردىشىش، چۈشۈنۈشى ئۈچۈن، ئالدىنقىلار ياراتقان فولكلور گىنىمىزنى كىيىنكىلەرنىڭ ئۈگىنىشى، ئۆرنەك ئېلىشى، ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن سورۇن ھەم شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن، ئۇلارنى ناھىيىمىزدىكى 157 مىڭدىن كۆپرەك نۇپۇسقىلا ئەمەس بەلكى ئاپتونوم رايۇنىمىزغا تونۇتقان رەھبەرلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. «چىرا قارا بوز تەلپىكى»، «گۇلاخما كۈمىچى»، «چېلىشىش»، «تاغ ئائىلە مەشرىپى»، «قەغەز ياساش»، «تۆگە چەكمىنى»، «مىس چەينەك»، «چىلان قوشۇقى، ياغاچ ئاياق»، «ئوغلاق تارتىشىش»، «ياغاچ ئۆچكە ئۇسۇلى»، «سىرىلما»، «بالىمان»، «زورىخان»،«چىرا سەنىمى»، «چىرا تاغ مەشرىپى»، «گۈلئەنبەرخان»، «گۈلنارا»، «ناسىرجان»، «گۈلسەيدىخان»، «شەرۋازىم»، «مەرەمنىساخان»، «مەن بۇزاڭدىن قارىسام»، «كۆمەچ رىۋايىتى»، «جۇۋان توي»... (چىرا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2009- يىلى 29- نومۇرلۇق ھۆججىتىگە قاراڭ) قاتارلىق ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى تۇرغۇزۇش، كۆلەملەشتۈرۈش، فولكلور مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئىشلىرىغا باشچىلىق قىلغان، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ئىچى- سىرتىغا تونۇتۇشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن رەھبەرلىرىمىزگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
      بۈگۈن مەندە ئوتلۇق بىر ھاياجان بار، گۈزەل بىر تىلەك بار، ئۇ بولسىمۇ نەچچە يۈز يىللاردىن كىيىن بىزنىڭ سۆڭىكىمىز توپىغا ئايلانغاندىن كىيىنمۇ نەچچە مىڭ يىللاردىن كىيىن باغلار تاغلارغا، چۆللەر بوستانلىقلارغا، ھەيۋەتلىك، ئاسمانغا تاقاشقان بىنالارنىڭ ئورنى داغدام يوللارغا ئۆزگەرگەندىمۇ بۈگۈنكى روھنىڭ، بۈگۈنكى يۇرتنىڭ ھەر بىر چىمدىم توپىسنىڭ، ھەر بىر تۈپ گىياھىنىڭ ھىدى كىلىپ تۇرغان يېزىقلار خاتىرىسىنىڭ يەنى كىتاب- ژۇرناللىرىمىزنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.تۈنۈگۈننىڭ يادىكارى، بۈگۈننىڭ روھى بولۇپ ئەۋلادلارغا مىراس قالىدىغان روھىيەت گىنىمىزنىڭ، مەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپلەپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى بىزنىڭ مەرىپەتپەرۋەر رەھبەرلىرىمىز بار. چاچقۇن بولسىمۇ ئەمما پىداكار روھقا ئىگە ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر قوشۇنى بار. شاھ مەشرەپ ئېيتقاندەك: «شاھنىڭ تەختى بولسا، گاداينىڭ بورىياسى بار» دەپ ياشايدىغان، ھاياتنىڭ مەناسىنى، قىممىتىنى روھىيەت ئالىمىدىن تاپقان، غورۇرلۇق، مەنىۋىي جەھەتتىن باي بولغان، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قەلەمكەشلەر قوشۇنى بار.
بۈگۈن مەندە ئوتلۇق بىر ھاياجان بار، گۈزەل بىر تىلەك بار، ئۇ بولسىمۇ «يىللار سىرى» نىڭ خاسىيتى بىلەن قەلبلەر رىشتىنى چاتقان، بىر يەرگە جەم قىلغان مۇھەببەتتىن ئىبارەت. بۈگۈن مەندە ئوتلۇق بىر ھاياجان بار، گۈزەل بىر تىلەك بار، ئۇ بولسىمۇ خىرامانلىق، بىغەملىك ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان ناخوش قەلبىمنى، تۇرغۇنلۇق ھالىتىدە قالغان تەپەككۇرۇمنى ئويغاتقان، ئىللىتقان شېئىرىي ھارارەتتىن ئىبارەت. بۈگۈن مەندە ئوتلۇق بىر ھاياجان بار، گۈزەل بىر تىلەك بار. ئۇ بولسىمۇ كېيىنكى «يىللار سىرى» نىڭ يەنىمۇ رەڭدار، يەنىمۇ جۇلالىق بولۇشىنى كۈرۈپ يەتكەن ئۈمدتىن ئىبارەت.
مەن ئارزۇلارنىڭ ئارزۇلارغا ھەمدەم بولۇشىنى، تىلەكلەرنىڭ تىلەكلەرگە قۇشۇلۇپ كارۋان بولۇشىنى، بۇ كارۋانلار توپىنىڭ ھەر  بىرى ئۆز قەلبىدىكى ئۆزىگە خاس چىغىر يوللىرىغا ھۆرمەت قىلىشىپ، ئورتاق بولغان كارۋان يولىدا بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، بىر- بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، بىر- بىرىگە يار- يۆلەك بولۇپ، تەڭ- باراۋەر بولۇپ ئورتاق ھالدا كارۋان سىمپونىيەسىنى ياڭرىتىشىنى، كىلەچەكنىڭ جۇلالىق يازمىلار بىلەن بىزىلىشىنى، دەرتكە داۋا، رەنجىگە شىپا، روھلارغا دەرمان، نىمجانلارغا قۇۋۋەت، شىجائەت بەخىش ئىتەلەيدىغان رەڭگا- رەڭ خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ ئۈنۈشىنى، ئەۋلادلىرىمىز ئۆرنەك ئالالايدىغان تىرەن مەنالارنىڭ، ساداقەتلىك ۋە پىداكار روھنىڭ داۋام ئىتىشىنى، ئىجات- مىھنەت، مەنىۋىيەت بۇلىقىنىڭ لېيىپ قالماسلىقىنى، تىنىپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-30 18:42  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 18:48:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ قاۋۇل باشلامچىسى دولقۇن جاپپارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-7-1 00:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخمۇت مۇئەللىم شائىر دولقۇن جاپپار ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا مەن بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم مەخمۇت مۇئەللىم دەل كەلتۈرۈپ چۈشىنىشلىك، كىشىنى قايىل قىلارلىق سۆزلىرى بىلەن يىغىن كەيپىياتىنى يۇقىرى كۈتۈرگەن ئىدى. ئەمدى بۇ سۆزلەرنىڭ ماقالە قىلىنىپ مۇنبەرگە يوللىنىپ بۇنداق ياخشى تىما بىلەن  يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشى پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكىم ھەم ئۈزۈم بىۋاستە ئۇقۇپ ھۇزۇر ئالالايدىغان بولغانلىقىم ئۈچۈن بەك خوشالمەن. شائىر دولقۇن جاپپارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئجادىيىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي ئۇقۇرمەنلەرنى ئىزچىل نادىر ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-7-1 14:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مەھمۇت مۇئەللىمنىڭ تېنى ئامان، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن. دولقۇن جاپپار ئىجادىيەت مۇھاكىمە يېغىنىغا مۇبارەك بولسۇن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-1 14:44  


ۋاقتى: 2015-7-1 19:41:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئ‍انار چېچەكلىرى ژورنىلىنىڭ ئ‍ۆتكەن يىلقى سانىدىن ئ‍وقۇپ زوقلانغان ئ‍ىدىم بۇ ماقالىنى، بۈگۈن يەنە قايتا ئ‍وقۇپ چىقتىم. ئ‍اپتور مەھمۇد سېدىق ئ‍ەپەندىنىڭ ئ‍ەزىز تېنىگە سالامەتلىك، ئ‍ىشلىرىغا ئ‍وتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-7-1 19:45:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       دولقۇننىڭ تەۋسىپىنى قىلغان ساۋاقدىشىم ماخمۇتقا قۇت يار بولسۇن!
       قەلەمنى تاشلاپ قويما دوستۇم. مەن ساڭا ئىشىنىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-30 22:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى بەكمۇ كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن.دولقۇن جاپپار ئاكىمىزغا ئامەت يار بولغاي،ئۇستازىمىز مەھمۇت سېدىقنىڭ قولىدىن قىزىل گۈل ئۈنگەي.

ۋاقتى: 2015-12-3 21:41:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۇستازىمىز مەھمۇت مۇئەللىمنى سېغىندۇق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش