كۆرۈش: 1388|ئىنكاس: 0

گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۈلبوستان ئابدۇرېھىم
gulbostan.jpg


       شائىرە ۋە يازغۇچى گۈلبوستان ئابدۇرېھىم 1972-يىلى 12-ئايدا قەشقەر شەھرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1989-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان.-1993يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىۋىگە تەقسىم قىلىنغان، ھەزىرغىچە شۇ مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
      گۈلبوستان ئابدۇرېىم 1982-يىلى 《شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى》گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان 《ۋەتەن سۆيگۈسى》ناملىق شېرى بىلەن ئەدەبىيات سىپىگە قەدەم قويغان بولۇپ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى گېزىت-زورناللاردا1000 پارچىغا يېقىن شېئىر ئىلان قىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا نەسىر ۋە ئوقۇتۇش-تەتقىتات ئىلمى ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان.
     گۈلبوستان ئابدۇرېىمنىڭ بالىلار شىېئىرى ئىجادىيتىدىكى نەتىجىلىرى ئەلاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ،ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار تىمىسىدا يېزىلغان.ئۇنىڭ بالىلار تىمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلىرىدىن 《گۈزەل ئارزۇ》،《يار بىزگە گۈزەل ئەخلاق》،《بىز تەڭرىتاغ ئوغۇل-قىزلىرى》،《ئۇستازىم》،《چىچەككە قاراپ》،《پەخىرلەن ئانا》،《يامغۇر بولۇپ》،《مەكتىۋىمىز گۈزەل باغ》،《تاڭ قىزىمەن》،《ئاي نۇرى》قاتارلىقلار ۋەكىللىك خارەكتېرىگە ئىگە بولۇپ ،ئۇلاردا ئاساسلىق قىلىپ بالىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتى،ئۈگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا مۇناسىبەتلىك ئىدىيىۋى ھېسسىياتلىرى،بالىلىقتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى،ئويۇن ۋە كۆڭۈل ئېچىشلىرى تەسۋىرلەنگەن.بۇ شېئىرلارنىڭ تىلى چۈچۈك،ئاممىباپ،مەزمۇنى ئېنىق،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك،قۇرۇلمىسى ئاددى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.گۈلبوستاننىڭ كۆپلىگەن بالىلار شېئىرلىرى ناخشا تېكىستى قىلنغان،ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن،دەرسلىك كىتاپلارغا ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن.
    گۈلبوستان ئابدۇرېھىم بالىلار شىېرلىرىدىن باشقا يەنە ھايات ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئىپادىلەنگەن،قەلىبتىكى چوڭقۇر ئىديىۋى ھىسسىياتلىرى ئىزھار قىلىنغان،ئەخلاقى-تەربىيىۋى ئەھمىتى كۈچلۈك بولغان،لىرىكىغا تويۇنغان،تىلى تاۋلانغان، ئوبرازلىرى ئۆزگىچە بولغان《يۈرەكلەرگە چۈشمىسۇن قورۇق》،《سۆيگۈ》،《نۇر چەشمىسى كۆزلىرىڭ ئانا》،《جۈپ-جۈپ كۆزلەر باقار خۇمارلىق》،《ئاتا قەسىدىسى》،《ئەسسالام سىلەرگە مۆھتىرەم چوڭلار》،《تاڭ لىرىكىسى》،《دېرىزەمدە ئاينىڭ شولىسى》،《نۇرغا چۆمگەن قەدىمىي شەھەر》،《يۈرىكىم شاخلاردا قالدى ئېسىلىپ 》قاتارلىق بىر تۈركۈم شىېئىرلارنى يېزىپ ،ئەدەبىيات ساھاسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان .ئۇنىڭ 50 پارچىدىن كۆپرەك شىئېرى 《تاڭدىكى ئۇچقۇنلار 》،《ئاق مارجان》قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
     گۈلبوستان ئابدۇرېھىم يەنە ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە بالىلار تەربىيىسى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىزدىنىپ ،ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 《تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى توغرىسىدا》،《ئوقۇغۇچىلارغا بولغان پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسىنى قانداق ئىشلەش كىرەك؟》،《تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرس بايلىقىدىن قانداق پايدىلنىش كىرەك؟》،《قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى تىل –ئەدەبىيات ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟》،《تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېزىقچىلىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك》قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.ئۇ مۇشۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئۇدا 10 قېتىم 《شىنجاڭ گېزىتى》،《شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى》 ،《قەشقەر گېزىتى》تەرپىدىن مۇنەۋۋەر ئاپتور مۇكاپاتىغا؛《چىچەككە قاراپ》ناملىق شېئرى 《تارىم 》ژۇرنىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ؛《ئىسلاھات ۋە ئاياللار 》ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايۇنلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ؛《گۈزەل ئارزۇ》،《يار بىزگە گۈزەل ئەخلاق》قاتارلىق ناخشا تىكىستلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئۆتكۈزگەن ناخشا ئىجادىيىتى مۇسابىقىسىدە 1-2 دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.2013،2014-يىلى «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى تەرپىدىن 1-دەرجلىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
      يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئۇ يەنە پروزا ئىجادىيىتىگە يۈرۈش قىلىپ 《تارىم》،《قەشقەر》،《ئاقسۇئەدەبىياتى》،《شىنجاڭ ئاياللىرى》،《شىنجاڭ گېزىتى》قاتارلىق گېزىت ‍‍-‍‍‍‍ ژورناللاردا20پارچىدىن ئارتۇق پوۋىست، ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى.ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-30 19:01  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش