يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 319|ئىنكاس: 5

ھەسەنجان ئابدۇراخمان: ئەبجەش قوشاقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەبجەش قوشاقلار


(مەزكۇر قوشاقلار «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» كاتگورېيىسىگە كىرسە ئالەمچە سۆيۈنگەن بولاتتىم.)


ھەسەنجان ئابدۇراخمان


1

مەن خەت يازغان قەلەمنىڭ،
قارا سىياھى قالمىدى.
خەت يازساممۇ يار ئۈچۈن،
قوللىرىم ھېچ تالمىدى.


*** *** *** *** ***


چاپىنىمنىڭ ئوڭ پېشى،
قىزىل رەختتە ياماقلىق.
تۇنجى سۆيگەن شۇ يارىم،
ئۆز ئۆيىدە قاماقلىق.


*** *** *** *** ***


بۇغداي، قۇناق بولمىغاچ،
كەپتەر باقتىم تېرىقتا.
ئوغلۇم ياۋاش بولمىغاچ،
كېلىن كۆردۈم قىرىقتا.


*** *** *** *** ***


ئاخشام ئۆلگەن ئاق قوينىڭ،
تېرىسىنى سويۇپ قويدۇم.
ئۆيىگە ماڭغان يارىمنىڭ،
مەڭزىگە سۆيۈپ قويدۇم.


*** *** *** *** ***


سۇ بولمىسا كۆلچەكتە،
بېلىق سەكرەپ ئوينامدۇ؟
پۇل بولمىسا چۆنتەكتە،
يارىم مېنى ئويلامدۇ؟


*** *** *** *** ***

گۈل ئۆستۈرگەن تەشتەكنى
قارىماي، چېقىپ قويدۇم.
يارىم مېنى تاشلىسا،
باشقا يار تېپىپ قويدۇم.


*** *** *** *** ***


ھويلامدىكى تېرەككە،
قاغا قونسا لىڭشىيدۇ.
ئوت تۇتاشسا يۈرەككە،
ئېغىر مۇڭلۇق غىڭشىيدۇ.


*** *** *** *** ***


خاماندىكى ساماننى،
بەش ئارىدا سورىدىم.
ئىشچان، چېچەن شۇ يارنى،
قاش بويىغا توۋلىدىم.


*** *** *** *** ***


مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇق،
توختىماستىن غىچىرلار.
شۇ يارىمغا ئانىسى،
گەپ ئۆگىتىپ پىچىرلار.


*** *** *** *** ***


مەن يىلاندىن قورقىمەن،
يىلان ئادەم چاقىدۇ.
ئەمما ياردىن قورقمايمەن،
يار ناز بىلەن باقىدۇ.

*** *** *** *** ***

2

ئاخشام ياغقان يامغۇردا،
ئەنجۈلىرىم ھۆل بولدى.
ئويمان بولغاچ قاش بويى،
سۇ يىغىلىپ كۆل بولدى.


*** *** *** *** ***


قاينام بولغاچ كۈندۈزى،
خامان ئالدۇق كېچىچە.
بەك ھارغاچقا، بۇغداي-چەش
ئېتىزدىدۇر تېخىچە.


*** *** *** *** ***


بۇ كەمدىكى ئېتىزلار،
قاتار-قاتار ياڭاقلىق.
ئۇلىغاچقا ھەر يىلى،
ئاچا-ئاچا تاياقلىق.


*** *** *** *** ***


گۈلچاي تېرىپ بىر يازدا،
ئون كوي بولدى كېلوسى.
ئىششەك پۇلغا تەرگۈزۈپ،
باشقا چىقتى «دېلو»سى.


*** *** *** *** ***


قۇناق شېخى بەك ئېگىز،
ئەمما بولدى بىر باشلىق.
شۇنداق بولغاچ بۇ يىلى،
بەك ئاز بولدى نان-ئاشلىق.


*** *** *** *** ***


3


تاۋۇز ئېلىپ بىر مەپە،
ساتالمىدىم كەچكىچە.
جاپا تارتتىم ساق بىر كۈن،
ئىز پۇلىغا يەتكۈچە.


*** *** *** *** ***


تاشلاپ قويۇپ تاۋۇزنى،
قوغۇن ساتتىم، ئاز ئالدى.
ئىز پۇلىغا چىقىشماي،
زىيان چىققىلى تاس قالدى.


*** *** *** *** ***


ئويلاپ قالدىم شاپتۇلنى،
خەق ئالارمۇ، ئالماسمۇ؟
رامىزان بولغاچ بۇ ئايلار،
ئېشىپ قالارمۇ، قالماسمۇ؟


*** *** *** *** ***


قاراقاشنىڭ بازارىدا،
ساتتىم سەۋزە، بەرەڭگە.
بۇنىڭدىنمۇ زىيان چىقسا،
قانداق چىداي ئەلەمگە.


*** *** *** *** ***


سېتىپ بېقىپ ھەر نەرسە،
پىشىپ قالدىم سودىغا.
بىكار قېلىپ بەزىدە،
سودا قىلدىم زورىغا.


*** *** *** *** ***

2014-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-30 22:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-1 00:45:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشاق ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەنا ئىپادىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن،«ئەبجەش»ئاتالمىسى بىلەن ئىزاھلاش ئارتۇقچە.
كۆپىلىرىمىز قوشاقنىڭ شەكىل قۇرۇلمىسنىلا دىققەت مەركىزىمىزگە قويۇۋالىمىز-دە،ئاڭسىز ھالدا «قاپىيە قېلىپى»غا كىرىپ قالىمىز. ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئىددىيە،تىلدىكى مەنىدارلىق،ئاھاڭدارلىققا چۆكەلمەيمىز. بولمىغىنىدا،قوشاققا يۈزە مۇئامىلە تۇتماس ئىدۇق.

ۋاقتى: 2015-7-1 19:56:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئ‍ۆز ئ‍ىجادىيەتلىرىڭىزمۇ يا باشقىلار سۆزلەپ بەرگەننى توپلاپ رەتلىگەنمۇ، مەنبەسىنى بىر ئ‍ەسكەرتىۋەتمەپسىزغۇ؟ بۇنى ئ‍ەبجەش قوشاقلار دېمەي مۇھەببەت قوشاقلىرى دېسەك بولغۇدەك، تىلى ياخشى قوشاقلاركەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-3 16:29:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2015-7-1 19:56
ئ‍ۆز ئ‍ىجادىيەتلىرىڭىزمۇ يا باشقىلار سۆزلەپ بەرگەنن ...

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم:
    بۇ ئۆزۈم ئىجاد قىلغان قوشاقلار ئىدى، مەزمۇن بىرلىكى، ئىددىيە ئورتاقلىقى، مەنىدارلىقىغا ئىمكانقەدەر دىققەت قىلغان ئىدىم. ئۇستازلارنىڭ پىكىرىنى قىممەت بىلىمەن، ئايىمىغايسىزلەر!

ۋاقتى: 2015-7-3 17:12:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشاقنى ياخشى يىزىپسىز،بىراق نېمە ئۈچۈن ئەبجەش قوشاقلار دەيسىز؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-3 17:16:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم1 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-3 17:12
قوشاقنى ياخشى يىزىپسىز،بىراق نېمە ئۈچۈن ئەبجەش قوشاقل ...

    كۆپ مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قوشاقلار تېزىسى بولغاچقا، ‹‹ئەبجەش قوشاقلار›› دەپ ماۋزۇ قويغانىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش