ھەممە نەرسە ساڭا يوشۇرۇنغان
جان يۈجەل (تۈركىيە )
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : رەشىدە ئوسمان
يەرسېنى تارتقانچىلىك ئېغىرسەن ،
قاناتلىرىڭ قاققانچىلىك يېنىكسەن .
يۈرۈكۈڭ سوققانچىلىك جانلىقسەن ،
كۆزلىرىڭ كۆرگەنچىلىك ياشسەن .
ياخشى كۆرگەنچىلىك ياخشىسەن ،
ئۆچ كۆرگەنچىلىك ئەسكى ...
قاش كۆزۈڭ قانداق رەڭدە بولسا بولسۇن ،
ئالدىڭدىكىسى كۆرگىنىدەك رەڭدە ...
ياشىغانلىرىڭنى ئەرزىمەس دېمە ،
ياشىغانچىلىك يېقىنسەن ئاخىرەتكە .
قانچىلىك ياشىساڭ ياشا،
سۆيگۈنىڭچىلىكتۇر ئۆمرۈڭ .
كۈلەلىگىنىڭچىلىك بەخىتلىكسەن ،
مەيۈسلەنمە ، بىلكى يىغلىغىنىڭچىلىك كۈلىسەن .
ھەرگىز ھەممە نەرسە تۈگىدى دەپ ئويلىما .
سۆيگۈنۈڭچىلىك سۆيىلىسەن ،
قۇياشنىڭ تۇغۇشىدىدۇر تەبىئەتنىڭ بەرگەن قەدرى ،
ۋە ئالدىڭدىكىلەرگە بەرگەن قەدرىڭچىلىك ئىنسانسەن.
ئەگەر بىر كۈنى يالغان سۆزلىسەڭ ،
قويۇپ بەر ، ئالدىڭدىكىسى ساڭا قانچىلىك ئىشەنگەن بولسا، سەنمۇ شۇنچىلىك ئىنسانسەن .
ئاي يورۇغىدادۇر سۆيگۈ ھەسرىتى ،
ۋە سۆيگۈ ھەسرىتىچىلىك يېقىندۇر ساڭا .
ئۇنۇتما يامغۇر ياغقانچىلىك ھۆلسەن ،
قۇياشنىڭ سېنى ئىسسىتقىنىچىلىك ئىسسىق ،
يالغۇز ھېس قىلغانچىلىك يالغۇزسەن ،
ۋە چىدامچان ھېس قىلغانچىلىك چىدامچانسەن ،
ئۈزۈڭ گۈزەلمەن دېگىنىڭچىلىك گۈزەلسەن .
ھايات دېگىنىڭ مانا مۇشۇ ،
ھايات دېگىنىڭ مانا مۇشۇ ، قانداق ھېس قىلساڭ شۇنداق ياشايسەن ،
بۇنى ئۇنۇتقىنىڭدا ، ئالغان ھەر نەپىسىڭچىلىك ئۈششىيسەن ،
ۋە ئالدىڭدىكىلەرنى ئۇنۇتقانچىلىك ئۇنىتىلىسەن .
گۈلنى سۇغارغاچقا گۈزەل ،
قۇشلار سايرىغاچقا سۆيۈملۈك ،
بۇۋاق يىغلىغاچقا بۇۋاق ،
ۋە ھەرنەرسىنى ئۈگەنگىنىڭچىلىك بىلىسەن ، بۇنىمۇ ئۈگەن ،
سۆيگۈنۈڭچىلىك سۆيىلىسەن .
خۇددى ھەممە نەرسە ساڭا يوشۇرۇنغان ... مۇھەببەتلەر ، ئۈمىتلەر ، ئازابلار ، بەخىتلەر ... سۆيگۈنىڭچىلىك سۆيۈلىسەن ، ھەممىسى سەن ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-30 13:13
|