كۆرۈش: 242|ئىنكاس: 0

ئېزىز پىراۋىدىن: دادام ۋە ئاق تېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
( يېشى 60 لارغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن تىنىمسىز مېھنەت قىلىۋاتقان  بىر ئاكىمىزنىڭ بىر تۈركۈم يازمىلىرىنى  ئۆزىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يوللىدىم. گەرچە بۇ خاتىرىلەرنىڭ بەدىئىي قىممىتى ئۇنچە يۇقىرى بولمىسىمۇ ئەينى دەۋر رېئاللىقىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن)


دادام ۋە ئاق تېرەك

(ئەدەبىي خاتىرە ۋە ئەسلىمىلەر)

ئېزىز پىراۋىدىن



دادامنىڭ سىماسى


ئىسىمنى  بىلسەم،دادام كۈنلۈكى ئەتتىگەندە كىيىملىرىنى رەتلىك كىيىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتسە يەنە شۇ پېتى قايتىپ كېلىدىغانلىقنى بىلگەن ئىدىم. بۇ كۆرۈنۈشلەر مىنىڭ سەبئى چاغلىرىمدىكى غۇۋالىق مەزگىلىم ئىدى. كېيىنچە ھويلا-ئاراملاردا ئويناپ دادامغا خۇش دەپ قايتىپ كەلگەندە ئالدىغا يۈگرەپ بېرىپ بويۇنلىرىغا ئېسىلىپ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان چاغلىرىمغا يەتتىم. ئىنىممۇ چوڭ بولدى. ئۇ تاپپۇ-تۇپپۇ دەسسەپ ئارقامغا ئەگىشىپ يۈرۈپ ئويناشقا باشلىدى. ئاي-يىللار ئۆتۈپ ئانچە-مۇنچە ئەقىل ھوشلۇق بولغاندا «رايونلۇق ھۆكۈمەت ،كوممۇنا» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولۇشقا باشلىدىم. ئوچىسىغا كالتە كىيىم، بېشىغا شەپكە كىيىۋالىدىغان ھەر قانداق  كىشىنى كۆرگەندە كادىر دەپ تونۇيدىغان ئاشۇ دەۋرىدە  كىشلەر نەزىرىدىكى شۇ كىيىملەرنى دادامنىڭ ئۈستى-بېشىدا كۆرۈپ، دادام كادىر  ئىكەن دېگەن تۇيغۇغا كەلگەن ئىدىم. راست شۇنداق، ئۇ چوڭ كادىر ئىكەن ، يەر ئىسلاھاتىنى ، ئىجارە كېمەيتىش دېگەندەك تارىختىن ئۆچمەيدىغان ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدە كېچە-كۈندۈز سىرتتا يۈرۈپ ئاچ-تۇق دېمەي ئاكتىپ رول ئوينىغان بۇ كادىر ھۆكۈمەت تەربىيەسىدە پىشىپ يىتىلىپ ئاخىرى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى كادىرغا ئايلانغان ئىدى. مەن چوڭ بولغانسىرى داداممۇ شۇنچە سالاپەتلىك كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى. بەزى چاغلاردا دادامغا ئەگىشىپ بارغان –تۇرغان يەرلىرىدە بىللە بولاتتىم. ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى   موھىم ئىشلاردىن باشقا چاغلاردا كۆپىنچە سىرتتا يۈرگەنلىكىنى كۆرەتتىم.
يېقىن ئەتراپتىكى كەنت –مەھەللىلەردىن باشقا بىزلىي، قارقىي، قاتارلىق سامپۇلغا قاراشلىق يىراق يۇرتلارغا ۋە سامپۇلنىڭ يەنە بىر يىراق تەرەپلىرىگەئىشەكلىك باراتتى كوچا تەخىرى دەپ ئاتىلىدىغان بوز ئېشەك ئىگەر–يۈگەنلىك، بۇي-بەستى ئاجايىپ چوڭ ۋە قاملاشقان ، ھەممىگە تونۇشلۇق، ئاتتىن قالمايدىغان ، يورغا ئاياق جانىۋار ئىدى. مەن چوڭ بولغاندا بۇ ئېشەكنى نەدىن  سېتىۋالغانلىقنى سورىسام، قايسىدۇر بىر يۇرتتىن كەلتۈرگەنلىكىنلا ئېيتقانىدى. ئۇ زامانلاردا ھۆكۈمەت ئورگىنىدىمۇ نەچچە تۇياق ئات، نەچچە تۇياق ئېشەك بار ئىدى. ئۇلار شۇ دەۋىرنىڭ قاتناش قوراللىرى بولۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. ئەمما دادام ئۆز ئىشىكىگە مىنىپ يۈرۈپ خىزمەت قىلاتتى.ئېشەك ئۆزى بىلگەنچە قالايمىقان ھاڭرىمايتتى. ئۇ ھەر بىر يۇرت مەھەلىلەرگە بېرىپ ئۆز مەنزىلىدە توختىغاندا ئاندىن ھاڭرايتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ھەم مۇڭلۇق ئىدى. بۇ تونۇش ئاۋاز پۈتۈن سامپۇلنىڭ ھەممىلا يېرىگە سېڭىپ كەتكەچكە بۇ ئاۋاز ئاڭلانغان يەردىكى  ھەر قانداق  كىشى:«پىراۋىدىن چۈيۋى  كەپتۇ» دېگەن تۇيغۇغا كېلەتتى. دادام ھەر بارغان يېرىدە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىشلەيتتى. پۇقرالارنىڭ دەرد ئەھۋالىنى زەن قۇيۇپ ئاڭلايتتى.  


دادام ۋە ئاق تېرەك

لوپ بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان  قەدىمى يۇرت ، قەدىمى بوستانلىق گۈزەل سامپۇلنىڭ مەركىزى يەنە ئەينى يىللاردىكى سامپۇل رايونلۇق  خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دەرۋازىسى ئالدىدا ئايلانمىسى يەتتە مىتىردىن ئاشىدىغان بىر تۈپ قەدىمى چوڭ تىرەك ئوزون يىللاردىن بويان ئەتراپىغا سايە تاشلاپ كىشلەرگە ھوزۇر بېرىپ تورىدۇ.
«سامپۇل» دېيىلىسە كىشىلەر ئالدى بىلەن مۇشۇ تېرەكنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرشىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ يورتنىڭ پەخرى ۋە سىماسى . كىچىك چاغلىرىمدا تېرەكنىڭ قاپتىلىدىكى غول ياغاچلىرى ئوتتۇرىسىغا قېلىن تاختايلار بىلەن ئالاھىدە   كارۋات شەكىللەندۈرگەن  بولۇپ ئۈستىدە ئەلنەغمىچىلەر بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ ناغرا-سۇناي، داپ قاتارلىق چالغۇلارنى بولىشىغا چېلىپ پۈتۈن سامپولنى زىل-زىلگە سالغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ چاغلاردا ھېيت-بايرام، خاتىرە كۈن ۋە چوڭ يىغىلىشلارنىڭ تەنتەنىسى ۋە ھەشەمىتى مۇشۇ ئېگىز سەھنىدە ياڭرىغان   مىللىيچە مۇڭلۇق كۆيلەردىن تارايتتى. بۇنىڭدىن پۈتۈن سامپۇل خەلقى ھۇزۇر ئالاتتى. تېرەكنىڭ ئەڭ ئىگىز يەرلىرىگە قاغا قاتارلىق ياۋا قۇشلار نۇرغۇن ئوۋىلارنى  ياساپ ئەۋلات قالدۇرۇپ ئۇچۇم بولاتتى. بەزى چاغلاردا سان-ساناقسىز قاغىلار كۆكتە ئۇچۇپ يۆرۈپ خالىغان پەدىگە سايرىشىپ بىردەمدىن  كېيىن يوقۇلاتتى. مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەر موشۇنداق مەنزىلەر تېرەكنىڭ ھەيۋىسىنى يەنىمۇ بىر بالداق يوقىرى ئۆستۈرەتتى. تېرەك قايسى زامانلاردا ۋە كىملەر تەرىپىدىن تىكلەنگەنلىكى نامەلۇم بولسىمۇ  كىشلەر ئۇنى ئولۇغلاپ «بۇزرۈكۋار  تېرەك»  دەپ ئاتاپ كەلگەن. مەن بۇ تېرەككە ئالاھىدە چوقۇنىمەن. ۋە دادام ئورنىدا كۆرۈپ بىر ئۆمۈر ياد ئىتىمەن. بۇنداق دىيشىمنىڭ تۈۋەندىكىدەك سەۋەبى بار. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرى ياز پەسلى  بولسا كېرەك. ئۇچىسىغا ئاق كۆينەك، ئەترەڭ شىم، پوتىغا چىپەرقۇتتىن تىكىلگەن يالاڭ خەي، بېشىغا كۆكۈش شەپكە كىيىۋالغان، ئوتتۇرا بوي ، ئاق پىشماق ئىشقىلىپ شۇ زاماننىڭ مەدەنيىتىگە ماس قىياپەت بىلەن تەبئى يۆرۈيدىغان 40 ياشلار ئۆپچۈرىسىدىكى بىر ئادەم كۆپىنچە ھاللاردا مۇشۇ چوڭ تېرەكنىڭ تۈۋىدە كىمدۇر بىرسىگە يوليۇرۇق بېرىۋاتقان، بىرسى بىلەن  قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان ، بىرسىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلۋاتقان، يەنە بىرسىنى ئوزۇتىۋاتقان ھالەتتە ئالدىراش ئۆتەتتى. ئۇ كىشى شۇ يىللاردىكى رايونلۇق پارتكومدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋتقان مېنىڭ ئۆز دادام پىراۋىدىن ئىمىن ئىدى. ئۇ پارتىينىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ، ئاددى –ساددا كىچىك پىئىل ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ھۆرمىتى ، ئىناۋىتى يۇقىرى بولۇپ مىللى كادىرلار ئىچىدە ئالاھىدە سانىلاتتى. ئۇ ئاساسلىق پارتىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ رايون تەۋەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش بىلەن ھەر يىلى قەرەللىك ئېچىلىدىغان پارتىيە مەكتەپلىرىدە دەرس سۆزلەيتتى. ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ يەر كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمسىمۇ ئالما، نەشپۈت، ئەينۇلا قاتارلىق مىۋىلەر قورو ئىچىدە ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئۇلار كەينى- كەينىدىن پىشىپ كەچ كۈزگىچە بۇ يەرنى جەننەتتەك قىلىۋىتەتتى. دادامنىڭ ئىشخانىسى يېنىدا ئىككى تۈپ قىزىل ئالما دەرىخى بار ئىدى. ئۇ بولىقىغا كىرگەندىن تارتىپلا قىزىرىشقا باشلىغانلىقتىن ئادەمگە تولىمۇ زوق  بېرەتتى.بىر كۈنى چۈش مەزگىلىدە ئىنىم بىلەن ئىككىمىز دادامنىڭ قېشىغا ئوينىغىلى باردۇق. دەم ئېلىش ۋاقتى بولسىمۇ دادام ئىشخانىسىدا بېشىنى كۆتۈرمەي ماتىرىيال يېزىۋاتقان ئىكەن. دادام بىزگە قاراپ :«باللىرىم مېنىڭ ھازىر  جىددى  ئىشىم بار، سىرتتا ئويناپ تورۇڭلار« دېدى-بىزگە مۇلايىملىق بىلەن، بىز چىقىپ كەتتۇق. ئەمما بۇ يەردىكى قىزىل ئالمىلار بىزنى تەقەززا قىلىۋەتتىمۇ ،سىرتقا مېڭىشتىن  توختاپ قالدۇق. دەل مۇشۇ پەيتتە ماپىخەي «ئورگان ئىشچىسى» تاغىمىز پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ بىزنى تونۇيتتى. –بۇ يەردە تۇرۇپسىزغۇ  ، جۈپتەكلەر كىلىڭلار» دېدى-دە بىزنى ئانچە- مۇنچە ئەركىلەتتى. كېيىن ئىككى ئالما ئۆزۈپ بېرىپ بىردىن تۇتقۇزدى ۋە :- چۈيۋىي ئالدىراش ئىشلەۋاتىدۇ. تاماققىمۇ بارمىدى. ئۇنىڭغا دەخلى قىلماڭلار ،خاپا بولماي قايتىپ تۇرۇڭلار باللىرىم-دېدى. بىز قايتىپ كەتتۇق. دادام كەچتە ئۆيگە بارغاندا ئەھۋالنى ئۇقۇپتۇ. – باللىرىم ، ئالمىنى ئۆزۈڭلارچە ئېلىۋالغان بولساڭلار خاتالىق ئۆتكۈزگەن بۇلاتتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېۋىلەر ئومۇمنىڭ نەرسىسى. ماپىخەي سىلەرنى دېمىگەن بولسا ئالمىنى ئۈزمەيتتى. مەن ئىمتىيازىمدىن پايدىلانسام بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى شىرنىگە كىرمىگەن مېۋە تۇرسا ھەي...!
بىز شۇنىڭدىن تارتىپ  ئۇ تەرەپكە ئاز باردۇق. بارغانمدىمۇ مېۋىلەرگە چېقىلمىدۇق. دادامنىڭ خىزمەت ئارلىقىدىكى بوش ۋاقىتلاردا ھەمىشە تېرەك تۈۋىدىكى ئوزۇنچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دەم ئېلىشى ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇنداق چاغلاردا ئۆتكەن-كەچكەنلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋاقىت چىقاتتى. دەرتمەنلەرنىڭ ھال-مۇڭلىرىنى ئاڭلايتتى. كادىرلار بىلەن خىزمەت توغرۇلۇق پىكىرلىشەتتى.
يىللار ئۆتتى. مەن ۋە ئىنىم ئوقۇش يېشىغا توشۇپ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشقا باشلىدۇق. دادام بىزنى ياخشى ئوقۇشقا ، كەسىپ ئىگەللەيتتى. ۋاقىت چىقسىلا بىزگە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى. دادامنىڭ كونا ئۆپكە كىسىلى بار ئىدى. ھەرخىل دورىلارنى يەپ ئۆزىگە زىمات قىلاتتى. تەشكىل ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ يوقىرى ئورۇنلارغا بېرىپ داۋالىنىشقا ئۈندىسىمۇ  يېقىندىكى دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنۈپلا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خېلى زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىرى 1973-يىلدىكى قىش پەسلىدە قازا قىلدى.
مەن دادامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە قايغۇرۇپ يۈرگەن بولساممۇ ئۇنى خۇددى ھاياتتەكلا بىلىپ كەلدىم. چۈنكى دادامنىڭ روھى بىلەن مۇجەسسەملىنىپ كەلگەن چوڭ تېرەك تېخى ھايات. مەن تېرەكنى ۋە تېرەك تۈۋىدىكى بىر-بىرىگە قارىشىپ تورىدىغان ئوزۇنچاق ئاددى ئوروندۇقنى ھەر بىر كۆرگىنىمدە دادام ھېلىمۇ شۇ يەردە باردەكلا بىلەتتىم. دادامنىڭ سىماسى ئۇ يەردىن مەڭگۈ ئۆچمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كىلەتتىم. ئوزون زامانلار ئۆتتى. بۈگۈنكى كۈندە ياش چوڭىيىپ ئاق ساقاللىق بوۋايغا ئايلاندۇق. نەچچە ئون يىل ئىلگىرى سامپۇل يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورگىنى باشقا جايغا  يۆتكىلىپ كەتكەن بولسىمۇ تېرەك ئۆز جايىدا ساقلىنىپ كۆكلەپ تۇراتتى. بىراق يېقىنقى يىللاردا كۆكەرگەن شاخلىرى تەدىرجى ئازلاپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەپسۇس! تەبىئەتنىڭ قانۇنى رەھىمسىز ئىكەن. دۇنياغا پەيدا بولغان ئۆسۈملۈك بولسۇن ، ئادەم ۋە باشقا ھەر قانداق جانلىقلار بولسۇن بىر زامانلارغا بارغاندا ئۇلار بۇ دۇنيادىن ھامىنى ئايرىلىدىكەن. مەن يېقىندا سامپۇلغا بارغان ئىدىم. قارىسام تېرەكمۇ كاردىن چىقىپ بوپتۇ. كۆكەرگەن شاخلىرىدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ. ،ئۇ خۇددى بىر دانە ئىسكىلىتقىلا ئوخشاپ قاپتۇ. بىر زاماندا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نام بىرىپ قاداپ قۇيۇلغان «ئاق تېرەك» خېتى  يېنىدىلا تۇرۇپتۇ. مەن بۇ ئابىدىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولغاندەك ئۆتمۈشكە قايتتىم. دە دادامنىڭ سىماسىنى ئىزدىدىم . مەن بىر ئىشلارنى ئويلاۋېتىپ قىزارغان كۆزۈمنى سۈرتۈپ ئۇنسىز دۇئا قىلدىم. «ئى بۇزرۈكۋار تېرەك، سەن ئۆلمەيسەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغرىڭدىن بىر تال نوتا ئاپرىدە بولۇپ ئىزىڭنى بېسىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. مەن ئاشۇنداق مۆجىزىنىڭ يارىتىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. چوقۇم شۇنداق بولغاي ئىلاھىم. !شۇ چاغدا مەنمۇ دادامنىڭ سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولاتتىم...»

دادامنىڭ قىسمىتى

1962-يىلى كۈزدە مەن ۋىلايەتلىك دوڭغىڭ ئوتتۇرا مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىرگەن تۈنجى يىلىم ئىدى، قىشلىق تەتىل كەلدى. مەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. بۇ مەزگىلدە سامپۇل رايونىغا تەۋە ھەممە ئورۇنلاردىكى شودۈيجاڭدىن يۇقىرى بارلىق ئاساسى قاتلام كادىرلىرىغا كاتتا چوڭ يىغىن چاقىرىۋاتقان ئىكەن. دەل مۇشۇ چاغدا توغۇلۇپ كۆرۈپ باقمىغان، ئۆلۈمدىن يامان، يەڭگىلى بولمايدىغان،قېچىپ قۇتۇلغىلىمۇ بولمايدىغان كەلگۈلۈك بىزگە كەلدى. ئەينى يىللاردىكى سامپۇل رايۇنىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ئۇ چاغلاردىكى ئولتۇراق ئۆيىمىز بازار ئىچىدە بولغاچقا  ھەممە ئىشقا  قولايلىق ئىدى. يىغىن باشلانغان كۈنلەردە داداممۇ يىغىنغا كېتىپ كەچتە خاتىرجەم قايتىپ كېلىۋاتاتتى. لېكىن بىر كۈندىكى ئىش ئوخشىمىدى. دادامنىڭ چىرايى سەل تۇتۇلغان ھالدا قايتىپ كەلدى. دادام ئەتىسى سەھەردە ھەممىمىزدىن بۇرۇن تۇرۇپ ئازراق ناشتا قىلۋالغاندىن كېيىن: باللىرىم، بۈگۈن ھېچقايسىڭلار ئۆيدىن چىقماڭلا ، ئەگەر چىقىپ قالساڭلا ئاشلىق پونكىتى تەرەپكە  ئۆتمەڭلا...دېگەندەك سۆزلەرنى جىكىلەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بىز كىچىكلەر دادامنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى     چۈشەنمىگەن بولساقمۇ ئۆگەي ئانام ھەممە ئىشتى خەۋەردار بولغان ئىكەن. ئارىدىن بىر ئاش  پىشىم ئۆتتى.  ئاشلىق پونكىتى تەرەپتىن ئالەمنىڭ قارنىنى يارغۇدەك ئۈنلۈك شۇئار ئاۋازلىرى توختىماي كېلىشكە باشلىدى. مەن بۇنداق كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى بۈرۇن ئاڭلاپ باقمىغان  بولغاچقا شۇ يەرگە بېرىشقا ، يېقىن بېرىپ ئاڭلاشقا قىززىقىپ قالدىم. ئۆگەي ئانام ھېلى سىرتقا، ھېلى ئۆيگە دېگەندەك كىرىپ- چىقىپ يۈرەتتى، ئەتراپنى نىشانسىز ئايلىناتتى. مەن ئۆيدە بوروقتۇرما بولۇپ زىرىكىپ كەتكەچكە ھېلىقى تاماششا بولۇۋاتقان يەرگە بارغۇم كىلىپ زادىلا تۇرالمىدىم. بىر دەمدىن كېيىن تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى. ئۆگەي ئانام ھەممە ئىشتىن خەۋەردار بولغان ئىكەن. ئارىدىن بىرئاش پىشىم ئۆتتى. ئاشلىق پونكىتى تەرەپتىن ئالەمنىڭ قارنىنى يارغۇدەك ئۈنلۈك شوئار ئاۋازلىرى، توختىماي كىلىشكە باشلىدى. مەن بۇنداق كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى بورۇن ئاڭلاپ باقمىغاچقا شۇ يەرگە بېرىشقا، يېقىن بېرىپ ئاڭلاشقا قىزىقىپ قالدىم. ئۆگەي ئانام ھېلى سىرتقا، ھېلى ئۆيگە دېگەندەك كىرىپ –چىقىپ يۈرەتتى. ئەتراپنى نىشانسىز ئايلىناتتى. مەن ئۆيدە بوروقتۇرما بولۇپ زىرىكىپ  كەتكەچكە ھېلىقى   تاماششا بولۇۋاتقان يەرگە بارغۇم كىلىپ زادىلا تۇرالمىدىم. بىر دەمدىن كېيىن تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى. ئۆگەي ئانامنىڭ دېھققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ شىرتتىدە ئۆيدىن چىقىۋالدىم. مەن شۇ قاچقانچە ئاشلىق پونكىتى تەرەپكە يۈگۈرۈپ بارسام نۇرغۇن بالىلار چوڭ دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ يەرنى خەۋەر ئېلىۋاتقان ئىككى كىشى ئۇلارنى يېقىن كەلتۈرمەپتۇ. بۆگۈن بۇ ئەتراپنىڭ مۇداپىيەسى بەك كۆچلۈك ئىكەن. ئاشلىق پونكىتنىڭ دائىرىسى ناھايىتى چوڭ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاملىرى بەك ئېگىز بولغاچقا ئۇچار قاناتلاردىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شوئار سادالىرى ئۆزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرغاچقا زادىلا چىداپ تۇرالمىدىم. دەرۋازا ئالدىدىن قايتىپ تامنى ئايلىنىشقا باشلىدىم. بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن شىمالى تەرەپكە قارىسام ، تامغا ئەڭ يېقىن ئۆسكەن بىر تۈپ چوڭ ئۈژمە دەرىخى تۇرۇپتۇ. يۈگۈرۈپ شۇ يەرگە باردىم. دە ئۈژمە دەرىخىگە يامىشىپ تام ئۈستىگە چىقتىم. بۇ ئەتراپنى خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولمىغاچقا ئىچى تەرەپكە خاتىرجەم قارىدىم. ھېلىقى مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان سانسىز كىشلەرمۇ مۇشتۇملىرىنى چىقىرىپ ئارىغا ئېلىۋالغان بىرلا كىشىگە چىنەپ شوئار توۋلاۋاتقان ئىكەن. ئارلىق يىراق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپى ئۇچۇق ، ئۈستى يېپىلغان بۇ يەردە كۆپ ئادەملەرنى بىلگىلى بولغان بىلەن كۆرەشكە تارتىلىۋاتقان بىر ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. مەن قارىغانسىرى كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيغاندەك ھالەتكە كېلىپ قالدىم. « بۇ مېنىڭ دادام ئەمەستۇ، ياق،ياق بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس، دادام دېگەن چوڭ كادىر. مۇشۇ يۇرتنى باشقۇرىۋاتقان ئادەم، دادام ھازىر ئاشۇ چوڭ سورۇندىكى سانسىز ئادەملەرگە باش بولۇپ ئوتتۇرىدىكى دۈشمەنگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتىدۇ. » دەپ ئويلىدىم ، ئەمما قارىغانسىرى  كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىرقىسىملا بولۇپ كەتتىم. تام ئۈستىدە تۇرۇپ يەرگە قارىسام كۆزۈم غۇۋالىشىپ قاپتۇ. مەن ئۈژمىدىن قانداق يوسۇندا چۈشكىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن. شوئارلار توۋلىنىپ ئۆز پېتىچە قالدى. مەن كەلگەن يولۇم بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. مەندە بايىقىدەك كۆرەشكە ئىنتىزار بولۇۋاتقان تاماششانىڭ قىزغىنلىقىدىن ھېچنىمە قالمىغانىدى. مەن ئۆزۈمنى قانغۇچە ئالداپ ، قانچە يىراقلاپ تۇرۇۋاتساممۇ كۆڭلۈم بىر ئىشنى تويۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
كەچكە يېقىن شوئار ئاۋازلىرى پەسلەپ بىر ئاش پىشىمدىن كېيىن دادام قايتىپ كەلدى. ئەمما ئىككى ناتۇنۇش كىشىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا يالاپ ئېلىپ كېلىندى. دادامنىڭ چىراينىڭ ئوڭى يوقاپ ھىچ ھالى قالمىغانىدى. تاش كىيىمىنىڭ ئىككى تۈگمىسى ئۆزۈلگەن ، يەڭ قوندۇرغىچىنىڭ بىر تەرىپى يىرتىلغان، سول يۈزىدە كىچىككىنە تىرناق ئىزى بار ئىدى. مەن ئالدىراپ :«دادا بۇ يىرىڭگە نىمە بولدى» دىسەم ئۇ « ھېچ  گەپ يوق،  ئۆزۈمنىڭ قولى تىگىپ كەتتى»دېدى. بىللە كەلگەنلەر «سىلى، ئۆزلىرى»دەپ چاقىراتتى. ئۇخلاش ۋاقتى كەلگەندە دادام ئولارغا « سىلەر خاتىرجەم بۇلۇڭلار، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار، مەن ئۆزۈمنى ھېچنىمە قىلىۋالمايمەن. تىچ يېتىپ، تىچ  قوپىمەن، ئەتە ئەتىگەندە يەنە يىغىنغا بېرىشمىز كېرەك. »دەپ ئەسكەرتىپ قويدى. ئۇلار خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن ياندىكى ئۆيدە ئۇخلاپ قېلىشتى.ئەتىسى كەچتە ئاز-پاز تونۇشلۇقى بولغان  ئىككى كىشى تەرىپىدىن يەنە يالاپ ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار« قىل، ئەت» دېگەن سۆزلەر بىلەن سەنلەپ چاقىردى. بىز بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ رەنجىش ھىس قىلغان بولساقمۇ دادام قىلچە پەرۋا قىلماستىن ئالدىنقى كۈندىكى سۆزلەرنى تەكرارلاپ ئۇلارنى خاتىرجەم ھىس قىلدى. ئۈچىنچى كۈنى يەنە ناتۇنۇش ئىككى كىشى بىللە ئەكىلىپ بىر دەمدىن كېيىن ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. دادامنىڭ ئىشلىرى شۇ كۈنلەردە ئاخىرلىشىپ ئىككىنچى بىر دۇيشاڭنى كۆرەش قىلىش باشلانغان ئىكەن.
يوقارقى ئىشلار شۇ يىللاردىكى بىر قېتىملىق سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەركىتى بولۇپ سامپۇل رايۇنى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە  مۇشۇ ھەركەتنىڭ تۇنجى سىناق نوقتىسى قىلىنغان ئىكەن.
ھەممە ئىش تۈگىدى. دادامغا «يوشۇرنىۋالغان پومشىك، پارتيىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان» دىگەندەك نام بىلەن ئەنزە بىكىتىپ قالپاق كىيدۈرۈلدى. يەنە بىرسىگە ھۇزدا پومشىك( بايلارنىڭ  يىللىقچىلىرىنى ئىشقا سالغۇچى)دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلدى.
بىز قىقۇدىكى ئەسلى ئۆيىمىزگە كۆچۈپ كەتتۇق. دادام گوڭشىدىكى يېڭى رەھبەردىن مېنىڭ مەكتەپكە قايتا بېرىش بارماسلىقىم توغرىسىدا سورىغاندا ئۇ بالىدا: «گۇناھ يوق، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرسۇن » دېدى. مەن مەكتەپكە كەتتىم. دادام ئۆز مەھەللىسىدە خاتىرجەم ئەمگەككە قاتناشتى. ئۆگەي ئانام نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن خېتىنى ئېلىپ باشقا بىرسىگە ياتلىق بولدى.


سەبىيلىكتىكى دۇڭغىڭ ئوتتۇرا

مەن 1962-يىلنىڭ تۈنجى ئوقۇش مەۋسۇمىدا خوتەن ۋېلايەتلىك دۇڭغىڭ ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ تولۇق قىسمىغا ئوقۇشقا كىردىم.  بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ خۇشال بولغان كۈنلىرىم ئىدى.  چۈنكى مىنى لوپتىن  قوبۇل قىلىپ ئەكەلگەن داۋۇت ساۋۇت  موئەللىم مېنى ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدىن چاقىرۋىلىپ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: « بۇ بالا ئۆز مەكتىۋىدە ئودا ئۈچتە ياخشى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتتاتلىقنى بىلگەچكە مەكتەپ ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلنىپ كەپتۇ...» دېگەندەك گەپلەر بىلەن مېنى ماختاپ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تونۇشتۇردى. مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ روھلىنىپ ، ھودۇقۇش ۋە تەمتىرەشتىن توختاپ خۇددى ئۆز ئۆيۈمگە كەلگەندەك ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا سىڭىپلا كەتتىم. مەن يۈك-تاقامنى يۈدۈپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن تۇنجى كىرگىنىمدە كەڭرى كەتكەن مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى  يۈگۈرۈش  مەيدانى بۇ يەردە ھەر خىل ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان سانسىز بالىلار، ئەتراپنى قويۇق قاپلىغان سۇۋادان تېرەكلەر، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كەينىدىكى نەچچە مو يەردە  بىنا قىلىنغان شاپتۇل، ئالما، نەشپۈتلۈك باغ، ئۇدۇل تەرەپتىكى ئىشخانا، ئوقۇتۇش بىنالىرى ، ئوڭ تەرەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، سول تەپتىكى تەجىربىخانا،مەكتەپ داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلار مېنى ئۆزىگە خېلىلا جەلپ قىلىۋالغان  ئىدى. مەكتەپ ئىچىدىكى بىنالارنىڭ ھەممىسى بىر قەۋەت بولسىمۇ ئىشقىلىپ بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ماڭا ناھايىتى سۈرلۈك، ئوقۇتقۇچىلار بىر-بىرىدىن سالاپەتلىك، مېھرىبان ۋە ئىللىق تويۇلغانىدى.  شۇنداق قىلىپ 1-ماۋسۇملۇق ئوقۇش باشلاندى. . مەن سىنىپقا كىرگەن تۇنجى كۈنىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىگە بەكمۇ قىززىقىپ قالدىم. مەندە  چوقۇم ياخشى ئوقۇش ئىرادىسى تىكلەندى. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەخلاق ، ئۆگىنىش  ۋە باشقا جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدىم. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك ، بىر قېتىملىق پىئىۇنىرلار تەشكىلى ئاپراتىنى تورغۇزۇشتا بۇ ئاپراتنىڭ نامزاتى بولۇپ قالدىم. (شۇ يىللاردا تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ پىئىۇنىرلار ئەترەتلىرى بار ئىدى. ) مەن پېۇنىرلار  ئەترىدىنىڭ ئۈچ سىزىقلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقىغاندا قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى  نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى  دېمەيلا قوياي، ئەمما يۈكۈمنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشىمنىڭ لازىملىقىنى بىلگەن ئىدىم. چوڭ ئەترەت  باشلىقلىرىنىڭ ئايرىم- ئايرىم ۋەزىپىسى بار ئىدى. مېنىڭ ۋەزىپەم تەشۋىقاتچىلىق خىزمىتى بولغاچقا ئىشىم كۆپرەك چىقاتتى. شۇ يىللار ماۋجۇشنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا لېي فىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىنغان تۈنجى  يىلى بولغاچقا مەكتىۋىمىزدە بۇ جەھەتتە دولقۇن كۆتۈرۈلگەن ئىدى. مەن مەكتەپ تەشكىلىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۆز ئوقۇشۇمدىن سىرت قارا دوسكا تەشۋىقاتى ئىشلەش، شېئىر ئوقۇش ۋە باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە باشلامچى بولاتتىم .
ئىككى ئوقۇش ماۋسۇمى شۇ تەرىقىدە تىزلا ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپنىڭ چوڭ  يىغىن زالدا ئېگەرچى يېزىسىدىن مەمەت موسا ئىسىملىك بىر بوۋاينىڭ كونا جەمىيەت بىلەن يېڭى جەمىيەتنى سېلىشتۈرۈپ سۆزلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ھەققىدىكى سۆزى، مەكتەپ مودىرى توختى قۇرباننىڭ پايتەختىمىز  بېيجىڭنى كۆرۈپ كەلگەندىكى  ساياھەت خاتىرىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۆزۈلگەن تەپسىلى بايانى ، بىر قېتىملىق كۆزلۈك يىغىم –تېرىم مەزگىلىدە پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ياتاقلارنى يۆتكەپ بىر ھەپتە ئېگەرچى يېزىسىدا كۆللىكتىپ ئەمگەككە قاتناشقانلىق قاتارلىق چوڭ ئىشلار ھېلىھەم ئىسىمدە. 1963-يىلنىڭ 1-ئوقۇش ماۋسۇمى باشلىنىپ ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بولغىنىدەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپ بويىچە چوڭ يىغىن بار دەپ بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار مەيدانغا يىغىلدى. مەكتەپ مودىرى توختى قۇربان چاۋاك ئالقىشلار بىلەن جوزا- ئوروندۇقلار تىزىلغان مۇنبەر ئالدىغا كەلدى. ۋە –ھازىر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بىر پارچە موھىم ئاخباراتىنى يەتكۈزىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن... ئاخبارات يەتكۈزۈشنى تاپشۇرۋالغان ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۈپپىسنىڭ باشلىقى مامۇت مەمەت ماتىرىيال  ئوقۇشنى باشلاپ بىر يەرلەرگە كەلگەندە نېمىشقىدۇر دېھقىتىم مەركەزلىشىپ يۈرىكىم جىددى رېتىمدا سوقۇشقا باشلىدى. ماتىرىيال مۇنداق داۋاملىشۋاتاتتى: «لوپ ناھىيە خوڭچى گوڭشى پارتكۇمنىڭ  سابىق شۈجىسى پىراۋىدىن ئىمىن پارتىيەگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ... پارتكۇمنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان . ... ھازىر ئۇنىڭ ....لىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يوشۇرنىۋالغان پومشىك دېگەن كىيدۈرۈلدى. ...بۇ ئاخبارات ئاشۇنداق مەزمۇندا ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا دادام بىلەن بىللە تارتىپ چىقىرىلغان يەنە بىر باشلىقىممۇ «ھوژدا پومىشىك (پۇمشىكنىڭ يىللىقچىلىرىنى ئىشقا سېلىشقا مەسئۇل كىشى)دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ ماترىيالى بىللە ئوقۇلدى. بۇ چاغدا مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا قانداق ئولتۇرۋاتقانلىقىمنى، نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىمنى سەزمەي قالغان ئىدىم. بەختىمگە يارىشا سامپۇللۇق بالىلارلا  ماڭا پات-پات بويۇنداپ قارىشاتتى. شۇ كۈنلەردىن  كىيىن ئۇزۇنغا قالماي، مەكتەپنىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. : كادىرلار، تىجارەتچىلەر، ۋە قالپىقى بار ئۇنسۇرلارنىڭ باللىرى ئەسلىدە مەكتەپكە تۈلەپ كەلگەن ئۈچ يۈەن تاماق پولى ئۇن يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. ماڭا نىسبەتەن  ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى پىئونىرلار تەشكىلدىن  ھەيدىلىپ يەڭ بەلگەم قايتۇرۋېلىندى. تاماق پۇلىنى تۈلىيەلمىگەچكە تامىقىم توختىلدى. مەن تامىقىم توغرىلىق داۋۇت ساۋۇتنى تېپىپ ئەھۋالنى ئېيتقان  بولساممۇ ئۇ :«ئۇكام مەن سىزنى ھەممەيلەندىن ئوبدان بىلىمەن،سىز ياخشى بالا ئەمما مەكتەپنىڭ تۈزۈمى شۇنداق  بولۇپ قالدى. پۇل بولمىسا تاماق بىرىلمەيدۇ؛» دېدى.مەن ھەممىدىن ئوبدان تونۇيدىغان ئادەمدىنمۇ شۇ گەپنى ئاڭلىدىم. كېيىن باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدىدىم. ئەمما نەچچە قېتىم بېرىپمۇ ئۇنى زادىلا تاپالمىدىم. باشقىلاردىن  سورىسام ئوخشاشلا «بىلمەيمىز» دىيىشتى. قورسىقىم ئاچ بولسىمۇ ئىككىلەنمەي دەرسكە كىرىۋەردىم، سامپوللۇق  بالىلار ئاشقان-تاشقان  تاماقلىرىنى بىرىپ باقتى. لېكىن ئۇلاردىمۇ ئارتۇق يوق ئىدى. بەزىدە يەۋاتقان تاماقلىرىنى زورىغا ئاشۇرۇپ بېرەتتى. كېيىن ئۇلارمۇ بولالمىدى. كۈن بويى تاماق يىمەي يۈرگەچكە بارا-بارا پۇت-قولۇمدا ماغدۇر قالمىدى. ئىشقىلىپ ئۆرە يۆرۈيمەن. مېنىڭ بۇ يەردىكى ئاچارچىلىق، غېرىپچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن بىر ھەپتەم شۇنداق ئاخىرلاشتى. روھى چۈشكۈنلىكىم ئاخىرقى چەككە يەتكەچكە ئوقۇماسلىق ۋە مەكتەپتىن  قېچىپ كىتىش قاراىغا كەلدىم. ئەمما مەكتەپ دەرۋازىسىدا كېچە-كۈندۈز پوستا تۇرىدىغان بولغاچقا قېچىپ كېتىشكە بولمايتتى. مەن ھېچ ئىش قىلالمىغاچقا مەكتەپنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى ئارقا تامنى ساقلايدىغان بالىلارنىڭ قېشىغا بېرىپ كۆڭلۈمدىكى ئېيتتىم. ھەمدە يىغلاپ تۇرۇپ يېلىندىم. ئۇلار مەندىن چوڭراق بولۇپ مېنى تونۇيتتى. ئۇلار بىر- بىرىگە قارىشىپ بىردەم شۈكلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن: « بوپتۇ ئاداش، دەردىڭنى چۈشەندۇق، جېنىڭنى جايلا، بىز سېنى كۆرمىدۇق» دېدى دە، مېنى يۆلەپ تامغا چىقاردى، بىرسى بەرگەن زاغرىنى چىڭ تۇتقىنىمچە تامنىڭ كەينىگە سىرىلىپ چۈشتۈم. مەن شۇ سائەتتىن باشلاپ، بو يەردىكى ئۇقۇش ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۈپ سامپۇل تەرەپكە يول ئالدىم.


تۈنجى ئۇچراشقان باشتوغراق

1963-يىلى قىشتىكى سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەركىتىدە دادام تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆز مەھەللىسىدە ئومۇمنىڭ ئېتىزىدا ئەمگەك قىلدى. بۇ جەرياندا بەزىلەر بۇرۇنقىدەك ھۆرمەت بىلەن قارىسا بەزىلەر ئۇنىڭ ئەكسىچە قىلدى. كىشىلەرنىڭ كۆز قارشى ۋە مۇئامىلىسى ئوخشاش بولمىدى. ئۆز ۋاقتىدا دادامنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن پارتىيىگە كىرگەن كادىرلار ۋە دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمى يەنىلا مەنسەپ ئەمىلىنى ئاتاپ تۇرۇپ، « تەخىر قىلسىلا چۈيۋىي سىياسەت شۇنداق بولۇپ قالدى، پارتىيە ھامىنى ئاق –قارىنى ئايرىيدۇ، ھازىرچە مۇشۇنداق ئىشلەپ تۇرسىلا» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بەزلەپ قويۇشاتتى. دادام ئەزەلدىن سەۋرىچان، ئېغىر-بېسىق، ئادەم بولغاچقا  ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئارتۇقچە سۆز قىستۈرمايلا: «  مەن پارتىيىگە ئىشىنىمەن ، بۇ دېگەن تەقدىر، باشقا كەلگەننى تارتىش كېرەك» دەيتتى.
دادام دادۈيدە ئىشلەۋاتقان كۈنلەردە ئۇرۇنلاشتۈرۈشقا ئاساسەن باشتۈغراقتىن قىغ ئەكىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالدى، دادام ئۆزىگە يانداپ بىرىلگەن بىرياش بىلەن ئالتە ئېشەكنى ھەيدەپ 45كېلومىتىردىن ئارتۇقراق مۇساپىدىكى باشتوغراققا كەتتى. قىغ ئەكىلىش مۇشۇنداق داۋاملىشىپ، بىر نەچچە قېتىمغا يەتتى. دادام ھەر قېتىم قىغ ئەكىلىش سەپىرىدە، بېرىشتا ئانچە- مۇنچە ئىشەككە مىنىپ ماڭسا، كېلىشتە قىغ ئارتىلغان ئېشەكلەرنى ھەيدەپ چوقۇم پىيادە كىلەتتى. ئۇ ئاشۇنداق مېڭىشلارغا تەبىيلا كۆنۈپ قالغاچقا روھى ھالىتىمۇ خېلىلا كۆتۈرلۈپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى دادام ئۆيدىكىلەرگە:«دېھقانلار بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىش، يىراققا سەپەر   قىلىش بەك كۆڭۈللۈك بولىدىكەن. قاراڭلار ئەپتىمگە خۇددى دېھقان يىگىتكە ئوخشاپتىمەنمۇ» بۈگۈن   نېمىشقىدۇر دادامنىڭ شوخلىقى تۇتۇپ قالغان ئىدى.  ئۇ يەنە بىر گەپنى دېسەم ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ بەلكىم بۇنىڭغا قوشۇلماسلىقىڭلار مۇمكىن، لېكىن مىنى ياندۇرالالمايسىلەر» دېدى. ئۇ گېپىنى سىرلىقلاشتۇرۇپ   بىز دادامنىڭ نېمە دېمەكچى بولىۋاتقانلىقىغا تەمە كۆزلىرىمىزنى تىكىۋاتقىنىمىزدا ئۇ «ئەمىسە ئاڭلاپ تۇرۇڭلار، ھەممىڭلارغا مەلۇم، مەن باشتۇغراققا بېرىپ –كىلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. مېنىڭ ئۇ يەرگە مېھرىم چۈشۈپ قالدى. قانداق دېسەڭلار تەخمىنەن بەش موچە كىلىدىغان ئەللىك نەچچە ئائىللىك ياشايدىكەن، ئۇلار شۇنداق ئىناق، ئۆيلەر كۆپىنچە كەپە بولغاچقا ئۇلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۈڭلىرى يەر تېگىدىن ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. كۈندۈزلىرى ئىشتىن چۈشكەندە بىر چوڭ دوقمۇشقا يىغىلىپ مەرە ۋە باشقا ئويۇنلارنى ئويناپ ھاردۇقىنى چىقىرىدىكەن. ئاجايىپ كۆڭۈللۈك دەڭلار، ئۇ يەردىكىلەر بىر كۈنلۈك ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىسلا بېغەم يۈرۈيدىكەن. مەن ئۇ يەردىن ئون يۈەنگە بىردانە كەپە ئۆي سېتىۋالدىم، ئاز كۈندە ئۇ يەرگە كېتىمەن» دېدى.
      دادامنىڭ گەپلىرىنى زەڭ قۇيۇپ ئاڭلاۋاتقان ئۆگەي ئانام: « ۋاي خۇدايىم بۇ قانداق گەپ ئەمدى، باشتۇغراق دېگەن مەجبۇرلانغانلار بارىدىغان جاي، بىزنىڭ بۇ يەردىن كەتكەنلەرمۇ شۇنداق بولدىغۇ، سىلىنى كىم مەجبۇرلىدى. بۇنداق ئاخماقلىقنى قىلمىسىلا بولاتتى» دېدى ئۇ نارازى بولۇپ.
ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگىچە ىچىدە كۆيىمەن. بۈگۈنكى كۈندە مەندەك غېرىپچىلىققا قالغان نەدە  بار، بۇ ئۆز يۇرتىدىن بويۇن قىسىپ مۇساپىرچىلىق تارتقاندىن مىڭ ياخشى، مەن بىر قارارغا كىلىپ بولدۇم. دېدى ئۇ كەسكىنلىك بىلەن.
شۇ كۈنلەردە دادامنىڭ بەشتوغراققا كىتىش پىلانى سىرتقا ئاشكارلىنىپ قالغاچقا دادۈينىڭ سېكرىتارى قوشۇلماپتۇ. ئەسلىدە دادامنىڭ  كونا ئۆپكە كىسىلى بارلىقنى يۇقىرى تۆۋەن ھەممىسى بىلگەچكە تەن سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتقان ئىكەن. دادام بەشتۈغراققا كىتىش پىلانىدا چىڭ تۇرۇۋالغىنى ئۈچۈن ئەھۋالىنى گوڭشىغا مەلۇم قىلىپتۇ. گوڭشىدىكىلەر دادامنى چاقىرىپ: «بەشتۇغراقنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، بۇنداق ھاۋا ئۆپكە كىسىلى زىيانلىق، بىز سىزنىڭ ئىدىيىڭىزگە قارشى. جىسمىڭىزغا قارشى ئەمەس، سىز بىزگە رەھبەر بولغان ئادەم، ئاڭلىق بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يۇق. ياخشىسى بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلاپ ئۇ يەرگە بېرىشتىن ۋاز كىچىڭ، دېگەندە دادام: «توغرا ئېيتتىڭلار ئەلبەتتە سىلەرنىڭكىنى ئاڭلايمەن. ئەمما مەن ئاشۇنداق جاپالىق شارائىتتا ئىشلەپ ئۆزگىرىشىم كېرەك. شۇڭا بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ئەلبەتتە ماڭا بېرىشىڭلار لازىم» دەپ ئاخىرى ئۇلارنىمۇ قايىل قىلىپتۇ. (باشتوغراق ئەسلىدە سامپۇل گوڭشىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى بولۇپ لوپ بازىرىنىڭ شەرقى شىمال تەرىپىگە جايلاشقان. لوپ بازىرى بىلەن بولغان  ئارلىقى تەخمىنەن ئوتتۇز بىر كېلومىتىر كېلىدۇ.) كۆتكەن كۈنلەر ئاخىرى يىتىپ كەلدى. دادام ماڭا: « بالام ، سېنىڭمۇ مەكتەپتىكى ئەھۋالىڭ ئاشۇنداق، كىم سېنى مەندەك ئادەمنىڭ بالىسى بولسۇن دەپتۇ. خالىساڭ بەشتوغراققا بىللە كېتەيلى»دېدى. مەن ئاكتىپلىق بىلەن قوشۇلدۇم ، شۇنداق قىلىپ سەپەر تەييارلىقىمۇ پۈتۈپ قالدى. بىز مۇۋاپىق بىر كۈننىڭ تاڭ سەھىرى مەزگىلدە بەشتوغراققا قاراپ يول ئالدۇق. بىز بىز ئۇ يەردە ھالال تەر ئاققۇزۇپ بىر ئۆمۈر تۇرۇش ئۈچۈن ماڭغان ئىدۇق.
ئىشەكنىڭ يۈكى ئېغىر ھەم كېلەڭسىز بولغاچقا مېنىۋالغىلى بولمايتتى. دادام تايىقىنى كەينىگە تۇتۇپ  ئىلگىرلىسە مەن ئۇيقۇچان كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلاپ ئەسنەكلىرىمنى ياندۇرۇپ يىتىشىپ ماڭماقتىمەن. تاڭ يورۇدى، ھەممە نەرسە ئۆز شەكلىنى، ئۆز رەڭگىنى كۆرسەتتى. بىز سامپۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۈگەنچىسىگە جايلاشقان قوتاز مەھەللىسىدىن ئايرىلىپ بۇ يەردىن باشتوغراققا تارتىلغان غىلاڭ سايدىكى تېلغۇن تۈۋرۈكلىرىنى بويلاپ ماڭدۇق. ( ئۇ چاغلاردا مۇشۇنداق يوللاردىن باشقا مۇقىم يول يۇق ئىدى)مەن بۇنداق كەڭ سايدا نەگە كەلگەنلىكىمىزنى، قانچىلىك ماڭغانلىقىمىزنى بىلمەيلا يىراقتىن  كۆز  ئالدىمىزدا پەيدا بولغان قۇيۇققىنە بوستانلىققا ئاخىرى يىتىپ كەلدۇق. ھاردۇق، ئاچتۇق، چارچىغىنىدىن كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن دادام ماڭا: «قارىغىنا بالام، يازغىچە بۇ دەرەخلەر كۆكەرسىلا يەر يۈزىگە كۈن چۈشمەيدۇ، بۇ يەرنى يېڭى لەنگەر دەپ ئاتايدۇ،» دېدى ئۇ ھارغىنلىقىنى چاندۇرماسلىققا سېلىپ، بىز بۇ يەردە سۇ ئىچىپ ، نان يەپ ئىشەككە ئوت بىرىپ خېلى ئۇزۇن دەم ئالدۇق. باش باھارنىڭ  سوغۇق شامىلى يۈزلىرىمىزنى سىپاپ تورسىمۇ كۆزۇمدىن ئۇيقۇ ئەگىييتتى، ماڭا خېلىلا ھاردۇق يەتكەن ئىدى. دادام ماڭا «ماڭايلىمۇ» دېگەندەك بىشارەت بىلەن قارىدى. كۈن خېلىلا پەسلەپ كەتكەچكە مەنمۇ ئىلاجىسىز ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلدىم. يېڭى لەنگەردىن ئۆتسىلا ئۈچ چاقىرىم ئارىلىق سۇزۇلۇپ ياتقان گىياھىسىز قۇم دۆڭلىرى بار ئىدى. بوران چىقسىلا چۆلنىڭ ئىزنالىرى يوقاپ ھەر قانداق نەرسە ئېزىپ قالاتتى. بەختىمىزگە يارىشا بۆگۈن  ھاۋا تىنىچ بولغاچقا خاتىرجەم ماڭدۇق، ئەمما مۇھىم ئىش مېنىڭ يىتىشىپ مېڭىشىمدا قالغان ئىدى. .دادام پات-پات كەينىگە قارىغاچ سۈرئىتىنى ئاستىلتاتتى. ئېشەكنىمۇ تاياقلىمايتتى. دادام ئەزەلدىن مېنىڭ بۇنداق جاپانى كۆرمىگەنلىكىمنى بىلگەچكە مېنىڭ رايىم بويىچە مېڭىشقا كۆنگەن ئىدى. دادام مىنى ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئالداپ-سىلاپ ھاردۇرماسلىقنىڭ كويىدا بولاتتى. « مانا قارىغىنا يايلىغانغا كەلدۇق»، كەچكى شەپەق ئۆز قېنىغا كىرىپ كەتتى. يول بارغانسىرى ئۇزىراپ كېتىۋاتقان ، نىشان بىزدىن قېچىۋاتقاندەك تويۇلماقتا ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ باشتوغراق تەۋەسىگە كىرىپ بوپتىمىز. ئۇ يەر- بۇ يەرلەردە ئېرىق-ئۆستەڭ، ئاي قاراڭغۇسىدا يول ئىزنالىرىغا شەكىل بېرىۋاتقان ھەر خىل ئورمان ۋە باشقا ئوت-چۆپلەر بىزگە مەدەت بېرىۋاتقاندەك  قىلاتتى. بىردەمدىن كېيىن مۇقىملاشتۈرۇپ  ئېلىنغان ئوق يولغا كىرىپ قالغىنىمىزنى تۇيمايلا قالدۇق. بۇ چاغدا مەنمۇ روھلىنىپ قالغاندەك قەدەملىرىمنى  بارغانسىىرى تىزلىتىشكە   باشلىدىم.
-«بالام ئەمدى قارا، ئاۋۇ ئالدىمىزنى توسقان قارا سىزىقنى كۆردۈڭمۇ، ئۇ ئېگىز ئۆستەڭ، بىز شۇ يەردىن ئۆتسەكلا قونالغۇغا بارىمىز» دېدى. بىز ئۇزۇن ماڭمايلا چوڭ كۆۋرۈك سېلىنغان ئېگىز ئۆستەڭگە چىقتۇق،مەن بۇ يەردە تۇرۇپ ئالدى تەرىپىمگە قارىسام خۇددى بولۇتسىز ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىدەك سانسىز چىراق نۇرلىرى كۆزۈمنى چاقنىتىۋەتتى. . بۇ چاغدا مەن :«دادا ئۇ قانداق يەر، بۇنداق كۆپ چىراقلارنى مەن خوتەندىمۇ كۆرۈپ باقمىغان» دېسەم دادام: « ئالدىرىما بارغاندا بىلىسەن» دېدى. ھاردۇقلىرىم نەگىدۇر يوقاپ كەتتى. مەن ئاشۇ مەنزىلگە يىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرلىدىم. بىز ئاخىرى نىشانغا يىتىپ كەلدۇق، سامپۇللۇق قوشنىمىز ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى كەپىسىگە باشلىدى. مەن كۆۋرۈك ئۈستىدە كۆرگەن چىراقلارنىڭ بىرسى بۇ يەردىكى  ئېگىز تۈۋرۈكتە يېنىق تۇراتتى. خوشنىمىز  ئىتىپ بەرگەن ئىسسىق تاماقنى يەپ بولغۇچە ئالەم خېلى بىمەھەل بولغان ئىدى. بىز يېتىپ ئۇخلىدۇق.
جاپالىق سەپەرنىڭ ھاردۇقىمۇ ئىشقىلىپ بۇ يەردىكى ئاددىيلا دېھقان كەپىسىدە ئۆتكەن تۇنجى كېچە ئىنتايىن شېرىن ئۇيقۇ بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئالدىراپ سىرتقا چىقتىم. قارىسام يەر يۈزىدىن ئازراق پەرقلىنىپ تۇرىدىغان پاكار ئۆيلەردىن  باشقىسى يەر  تېگىگە كولاپ ئېتىلگەن ئۆيلەر ئىكەن. مەن بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ دادامنىڭ سامپۇلدىكى ئۆيدە بۇ ھەقتە ئېيتىپ ەرگەن بايانلىرىنى ئېسىمگە ئالدىم. مەن ئەتراپنى  تۇلۇق كۆرۈش ئۈچۈن قىزىقىپ قالغاچقا ئىچكىرلەپ كېتىپ قاپتىمەن. بۇ يەردە دوقمۇشلار بەك كۆپ ئىكەن. ھەر بىر دوقمۇشقا ئۇرنىتىلغان تۈۋرۈكلەردىكى ئېلىكتىر چىراقلىرىنى كۆرۈپ ئاخشامقى كۆزۈمنى  كۆزۈمنى چاقناتقان نۇرلارنىڭ مۇشۇلار ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلدىم
بىز شۇ كۈنى ئۆزىمىزىنىڭ ئون كويغا سېتىۋالغان كەپىمىزگە كۆچتۇق. بۇ يەردىكى سامپۇللۇق بىر مەھەلىلىك كىشىلەرنى مەن تونىساممۇ مېنى ئانچە تونىمايتتى. چۈنكى كېچىكىمدىن باشلاپ مەكتەپلەردىن كەلمىگەچكە ئۆز مەھەللىمىزدە ئانچە كۆرۈنمەيتتىم. بۆگۈن چاغاننىڭ ھارپا كۈنى بولغاچقا كىشىلەر ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش ئىچىدە ئۆزلىرى خالىغان تاماقلارنى ئېتىپ يەپ ئەركىن يايراپ بۇ كەڭ دالىنىڭ پەيزىنى سۆرۈۋاتقان ئىكەن. بۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بويتاق ياشلار بولۇپ ۋاقىت تاپسىلا «مەرە ئويۇنى»،«شە تۇپ ئويۇنى»،«گاڭگاچاق ئويۇنى» قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلار بىلەن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىكەن.
بۈگۈن بىزنىڭ ئىككىنچى كۈنىمىز، ئەتتىگەندە ھاۋا ئىنتايىن ئۇچۇق،  كۆپكۈك ئاسمان، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆتكۈر نۇرلىرىنى كەڭ زېمىنغا يايدى. كەپىلەردىن چىقىپ ئوياق- بۇياققا ئۆتۈشىۋاتقان   كىشلەرنىڭ چىراي تەبەسسۇمىدا تېتىكلىك بىر خىل ئىللىقلىقنى كۆرگىلى بولاتتى. ئارىدىن ئىككى سائەتچە ئىككى ئۇشتۇمتۇت ياڭرىغان داقا-دۇمباق، مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە ئۆزگىچە كىيىملىرىنى كىيىپ، چاڭچىلە كىيمىلەر بىلەن ياسىنىۋالغان بىر توپ خەنزۇ دېھقانلار بۇ يەردىكى بىر پارچە تۈزلەڭدە پەيدا بولدى. ئويۇن باشلىنىپ كەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن يىغىلغان كىشىلەر ئويۇننى كۆردى. مەن ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ چوقچىيىپ ئولتۇردۇم. ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن  دېھقان ئارتىسلىرىنىڭ قىزىقارلىق ئويۇنلىرىغا مەستخۇش بولۇۋاتقىنىمدا يەنە بىرسىنىڭ ئىككى قولىقىغا بىردىن لازا ئېسىپ، پاختىدا ساقال بۇرۇت ياساپ ئوينىغان ئويۇنلىرىغا  قاراپ تېخىمۇ ھەيران قالغان ئىدىم . بۇ ھاياتىمدىكى مەن كۆرگەن تۇنجى چاغان ئىدى.
يەنە بىر كۈن ئۆتتى، ئالدىنقى كۈندىكى ئەتتىگەنلىك ئۇچۇق ھاۋادا شەرقى جەنۈپ تەرەپتىن يىراقتىن  كۆرۈنگەن قويۇق، ئورمانلىق ماڭا يىگانە ئارالدىكى بىر پارچە بوستانلىقتەك كۆرۈندى. مەن ئۇ يەرگە قىزىقىپ قالدىم ۋە يېڭىلا تونۇشۇۋالغان ئاكا-ئاغىنە مېنى شۇ يەرگە ئاپىرىشقا كۆندۈردۈم . ئۆيدىن ئارغامچا ئېلىۋالغاچ ئۇ تەرەپكە ماڭدۇق. ئۇ يەر يولغۇن ۋە قويۇق توغراقلار بىلەن قاپلانغان ئېگىز-پەس دۆڭلۈك بولۇپ سىرتتىن قارىماققا مەخسۇس بىنا قىلىنغان ساياھەت باغچىسىغا ئوخشايتتى. يەر جاھان ئىسسىغاندىكى  بۇ يەرنىڭ يېشىللىق مەنزىرسى دەرھال كۆز ئالدىمغا كەلدى. بىز بۇ يەرلەرنى خېلى ئۇزۇن سەيلى تاماششا قىلغاندى كېيىن بىر يۈدە ئوتۇن ئالغاچ كەلدۇق.
دادام سالامەت قايتىپ كېلىشىمنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن، ئالدىمغا كېلىپ ئۆشنەمدىكى ئوتۇننى ئېلىۋىتىپ :« رەھمەت بالام، سەن ئەمچى چوڭ بولۇشقا باشلاپسەن ، ئەمگەك قىلىشنى ئۆگىنىپسەن » دېدى. ئۇنىڭ مېنى تۇنجى  قېتىم ماختىشى  ئىدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەن بۇ يەرگە تىزلا كۆنۈپ كەتتىم. بۇ يەر ئۆز يۇرتمىزدىن ئاسمان-زېمىن پەرقلەنسىمۇ  دادا- بالا ئىككىمىزدە غېرىپ-مۇساپىرچىلىقتىن قىلچە ئەسەر قالمىغان ئىدى. بۇ مەن تۇنجى ئۇچراشقان باشتوغراقنىڭ قەلبىمگە ئورنىغان گۈزەل ئەتىسىگە ئومىد باغلىغانلىقمدىن دېرەك بېرەتتى .


دېھقانلار ئارىسىدا

چاغاننىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى توشۇپ ئەمگەك كۈنلىرى باشلانغان تۇنجى كۈندە مەيدان بويىچە بارلىق ئەزالارنى ئۆستەڭ ئەمگىكىگە چىقىشقا سەپەرۋەر قىلدى. بۇ قارا كۆل سۇ ئامبىرىنىڭ سۆيىنى ئىچىدىغان ئوق ئۆستەڭنىڭ يىل بېشىدىكى رېمنۇت ئەمگىكى بولۇپ يېڭى يىلدىكى تۇنجى باھار سۆيىنىڭ ئالدىن تەييارلىقى ئىدى.
تۇشمۇ –تۇشتىن چىقىپ كەلگەن دۈي ئەزالىرى بىر دەمدە ياتاق ئالدىدىكى بىر پارچە بوش يەرگە يىغىلدى. دۈيجاڭ مەيدان داڭۋىيسىنىڭ ئۆستەڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى قارارىنى تەپسىلى يەتكۈزدى. ئۇ يەنە : «يولداشلار بىز بۇ قېتىمقى ئۆستەڭ چېپىشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشىمىز لازىم. بارلىق ئەمگەك كۈچى تولۇق ئاتلىنىمىز ھەر بىر ئەزاغا ئايرىم- ئايرىم چام بىرلىدۇ. ئاخىرى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىنىدۇ. ئۆستەڭ يار كېتىش سەۋەبىدىن سۇ ئىسراپچىلىقى  كۆرۈلسە چام ئىگسى سۆرۈشتۈرلۈپ بارلىق ئاقىۋەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىقى سۇ ئادەم قېنى بىلەن ئوخشاش،چۈشەندىڭلارمۇ...»بۇ مەن تۇغۇلغاندىن بۇيانقى دۈيجاڭ زاتىنىڭ ئورۇنلاشتۈرشىنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم ئىدى. ئورۇنلاشتۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تولۇق قۇراللانغان ئەمگەكچى ئامما ئىش ئورنىغا يۈرۈپ كېتىشتى. شۇ قاتاردا داداممۇ كەتمىنىنى ئۆشنىسىگە سېلىپ ئالدىمدا ماڭدى. مەن چايدان بىلەن ناننى ئېلىپ كەينىدىن ماڭدىم . بىز ئۆستەڭ چېپىشقا چىققاچ مىغ-مىغ ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئۆز تەۋەلىكىمىزگە كەلگەندە دۈيجاڭ ھەر بىر ئادەمگە تېگىشلىك چاملارنى قەدەملەپ ئايرىم پوم سېلىۋاتقان ئىكەن. دادام ئىككى پوم ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزىنىڭ چېمىغا كىلىپ چېپىشقا تەرەددۇتلاندى. مەن كېچىك ھەم ئەمگەكچى ھېساپلانمىغاچقا چام بېرىلمىدى. كۆچۈمنىڭ يېتىشىچە دادامغا ياردەملەشتىم. ھەر نېمە دېگەنبىلەن ئاز-تولا دالدا بولدۇم.
بۇ قېتىمقى ئىككى كۈنلۈك ئۆستەڭ چېپىش ئىشىنى تۈگەپ قايتىپ كەلگەن  كۈننىڭ ئەتىسلا يەنە كەتمەنلەرنى ئېلىپ دۆڭ تۈزلەپ يەر ئېچىشقا ماڭدۇق. مەن ئادىتىم بويىچە چايدان بىلەن ناننى ئېلىپ دادامنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. دادامنىڭ كونا ئۆپكە كىسىلى بولغاچقا  تۆت پەسىلنىڭ ھەر قانداق مەزگىلىدە قايناق سۇغا ئېھتىياجلىق ئىدى . شۇڭا كۈن بويى چايداننى ھەمراھ قىلىش ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
دۆڭ تۈزلەپ يەر ئېچىش ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. ئۇ زامانلادا دۆڭ تۈزلەيدىغان ھېچقانداق قۇراللار بولمىغاچقا كەتمەنگە تايىنىشتىن باشقا ھېچقانداق باشقا چارە- ئامال يۇق ئىدى. بۇ كۈنلەردە دادام سامپۇلغا كېتىپ مەن يالغۇز قالدىم. بۇ جەرياندا دادامنىڭ كەتمىنىنى ئېلىپ ئۆزلۈكۈمدىن ئىشقا چىقتىم. بۇ چاغ ئەتىيازلىق قوناق تېرىش مەزگىلى ئىدى. دادامنىڭ كەتمىنى ماڭا نىسبەتەن چوڭ ھەم ئېغىر ئىدى. مەن كەتمەننى سۆرەپ يۈرۈپ بولۇشىغا ئىشلەيتتىم. بىر كۈنى دۈيجاڭ ماڭا : « ئۇكام، غەيرەتلىك ئىكەنسەن، ئەمما بۇنداق ئۆزۈڭگە ماس كەلمەيدىغان كەتمەننى چېپىۋەرسەڭ جىسمىڭغا تەسىر يېتىدۇ. سەن تېخى ئۆسمۈر بالا. ساڭا مەجبۇرى .ئەمگەك يۇق . شۇڭا ئۆز رايىڭ بويىچە ئىش قىل، مەسىلەن قوربىڭ يىتدىغان ئىشلارنى . مەن دۈيجاڭ ئاكىنىڭ مەسلىھەتى   بويىچە ئىش قىلدىم. ئىشقا بارسام كەت دېمىدى. بارمىسام كەل دېمىدى. ئىشقىلىپ ئېتىزدىن ئايرىلمىدىم، ئىشتىن قايتقاندا ئۆزۈم تاماق ئېتىپ يىدىم. كەچ تەرەپلەردە دوقمۇشتىكى مەرە ئويۇنى قىززىيدىغان يەرگە بېرىپ زىرىكىشىمنى تۈزىدىم.   مەن كۈنلىكى ئېتىز ئەمگىكىگە قاتنىشىۋېرىپ كۆنۈپ قاپتىمەن. بىللە ئەمگەك قىلغان ئاكا- ھەدىلەر ماڭا ئامراق بولۇپ كەتتى. بەزىلەرنىڭ: «نېمە دېگەن ئوماق بالا بۇ ...»دېيىشلىرى قۇلىقىمغا كېرىپ قالاتتى.
مەن دېھقانچىلىقتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇلاردىن ئۆگەندىم. ئۇلار مىنىڭ ئۇستازلىرىمدەك ، ھىمايىچىلىرىمدەك كۆرۈنەتتى.
دادام بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتىپ كەلدى، ئۇ ماڭا ئاتاپ كىچىككىنە بىر كەتمەن سۇقۇپ ئېلىپ كەپتۇ. كەتمەن خۇددى بوۋاقنىڭ بۇدرۇق قوللىرىدەك ئوماق ئىدى. مەن كەتمىنىمنى چېپىشقا ئالدىراپ ئېتىزغا ئەتتىگەن چىقىشقا كۆنۈپ كەتتىم. ئەزالار كەتمىنىنى ماختاپ تەۋىمنى ئۆستۈرۋەتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ كېچىكلىكىگە باقماي بارا- بارا خېلى مۇكەممەل دېھقانغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. مەن قاچانلاردىن باشلاپ بىر كىشىلىك ئەمگەكچى سانىلىپ قاتارغا قوشۇلۇپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن.
پەسىل ئالمىشىپ ئالتۇن كۆز يىتىپ كەلدى. قوناقلار سارغىيىپ پوستىدىن ئاجرىدى. ئەتىيازدا تاختا- تاختىلاپ تېرىغان قوغۇن تاۋۇزلار پىشىپ مىزىلىك ھىدلىرىنى ئەتراپقا چاچتى. مانا يىللىق ئەجىرنىڭ ھالال مېۋىسى. ئۇ ئاخىرى ئېغىزىمىزغا تەگدى. ئۆستەڭ چېپىشتىن باشلانغان جاپالىق ئەمگەكلەرنىڭ بىر يىللىق نەتىجىسىگە مەندەك كىچكىككىنە يېڭى دېھقاننىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسى قوشۇلدى. بۇ تۇنجى يىلدىكى قىسقىغىنە مۇساپىدە ئازراق قارىداپ كەتتىم شۇ ، لېكىن مىننەتسىز سېڭىشلىك تاماق ماڭا كۈچ –قۇۋۋەت بېرىپ مېنى تىمەن ئادەمگە ئايلاندۇردى.
مەن دېھقانلار ئارىسىغا سىڭىپ كېتىپ ھەممىنى ئونتۇغاچقا سامپۇلنى ئانچە ئويلاپ كەتمىگەن ئىدىم. يېقىندا نېمە بولدىكىن سامپۇلدىكى كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئۆيلەر، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز، ۋە پات-پات دادام بىلەن بىللە يوقلاپ تۇرىدىغان ئۆز ئانام، بوۋا-مومىللىرىمىزنىڭ قەبرە بېشى خىيالىمىدىن كېچىپ قالدى. مەن بۇ ئويلىرىم  بىلەن سامپۇلغا بېرىپ –كىلىش پىلانىنى تۈزۈپ مېڭىشقا تەرەددۇت قىلدىم. بىراق ئۆيدىكى ئېشەكنى سېتىۋەتكەنلىكىمىز ئۆچۈن پىيادە مېڭىشقا توغرا كەلدى. مەن خۇرجۇنغا ئىككى قوغۇن، تۆت زاغرىنى سېلىپ ئۆيدىن چىقتىم. شۇ كۈنى يېڭى لەنگەرگىلا ئۇلىشىپ ئۇ يەردە بىر ياخشى ئادەمنىڭكىدە كېچىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سەھەردىلا يەنە يۈرۈپ كەتتىم. مەن دادام  بىلەن كەلگەن چاغدىكى غىڭ ساينىڭ ئاشۇ سىم تۈۋرۈكلىرىنى بويلاپ مېڭىپ قوتاز كەنتىگە ۋە ئەڭ ئاخىرى قىقودىكى ئۆز ئۆيىمىزگە يېتىپ كەلدىم. ئىنىم ۋە باشقا تۇغقانلار مېنى قىزغىن كۆتۈۋېلىشتى. مېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان سۈپىخان ئانام(دادامنىڭ بىر قۇرساق سىڭلىسى)مېنى قۇچاقلاپ يۈزلىرىمگە سۆيۈپ:« شۇنچە ئۇزۇنمۇ يۇقاپ  كېتەمسەن ، سەن ئەسلىدە  سۈت پاقلىنىدەك سۇلتان بالا ئىدىڭ، قارا ئەپتىڭگە، تىرىلىرىڭ قارىداپ قېرىمۇق بوپ قاپسەن، قانداق يەر ئۇ ئادەمنى مۇشۇنداق قىلىۋېتىدىغان»ئۇ مېنىڭ ئۆسكەن بۇيۇمغا ۋە تىمەن ھالىتىمگە قاراپ ھەۋەس قىلدى. بىر دەمدىن كېيىن تاماق راسلىنىپ ئوپچە مېھمان بولدۇق. ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۆز ئانام ۋە بوۋا– مومىللىرىمنىڭ قەبرە بېشىنى يوقلىدىم. كېيىن كۆڭلۈم خالىغان يەرلەرنى سەيلى قىلدىم. ھەش-پەش دېگۈچە ھەپتە بولاي دەپ قاپتۇ، مەن بۇ يەردىكى باغۇ-بوستانلىق ۋە ئازادە ئۆيلەردىن ھۇزۇر ئېلىپ يۈرگەن بىلەن سەھرانىڭ سەھراسىدىكى ئاشۇ كەڭ زېمىننى، كەپە بولسىمۇ دەككە-دەشنەمسىز . ئالەمنى ئۇنتۇپ بىغەم ئولتۇرۇپ قوپىدىغان كچىكىكىنە   خانىمىزنى ئويلىماقتا ئىدىم. مەن مېڭىش تەييارلىقى بىلەن چوڭ دەرۋازىدىدىن ئۆتۈپ يولغا  چىققاندا بىر يىل بۇرۇن مۇشۇ دەرۋازا تۈۋىدە مەتنىياز قولاقنىڭ دادامنى دۈكۈشلەپ ھەيۋە كۆرسىتىپ بىر نېمىلەرنى دەۋاتقان كۆرۈنىشى غىل=پال كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ قالدى. مەن خىياللىرىمنى يىغىپ قارىسام ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى ئوزىتىۋىتىپتۇ. مەن يات مەھەللىدىن ئايرىلغاندەك يولۇمغا راۋان بولدۇم.
شوخا مۈڭگۈز

ئاپرىل ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى ئېتىزنىڭ ئالدىراش مەزگىلى ئىدى.قوناققا ئورۇق سېلىشنىڭ ھالقىلىق پەيتى يىتىپ كەلدى. مەن ئورۇققا تاپ ئاچىدىغان ئۆكۈزنى يىتىلەشكە بەلگىلەندىم  . مەن تېخى قۇرامىغا  يەتكەن ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا ئۆكۈز يىتشىمەي ماڭا يىتىلەش تازا مۇۋاپىق كېلەتتى. بۇنداق ئىشقا ئانچە كۈچ كەتمەيتتى. قوشقا كۆنۈك پىشقەدەم ئۆكۈزلەر ئۆزلىرىچە مېڭىپ ھەيدىگۈچىلەرنى ئاۋارە قىلمىغاچقا كۈن بويى يەر  ئاغدۇرۇپ سىلىقلاپ تۈزلەيدىغانلارغا ئولگۈرتۈپ تۇراتتى. لېكىن تاپ ئېچىش ئىشىغا ئۇنداق ئۆكۈزلەر يىتىشمەيتتى.
يېقىندا قايسىدۇر بىر بازاردىن چوڭ-كىچىك 3دانە موزاي سېتىۋىلىپ ئەكەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى خېلىلا چوڭ بولۇپ كۆندۈرۈش نۆۋىتىگە يىتىپ قالغانىدى، ئۇنىڭ رەڭگى قوڭۇر سېرىق، كۆركەم بولغاننىڭ ئۈستىگە ئاجايىپ ئوستىخانلىق ئىدى. بۇرۇندىن قوش ھەيدەپ كۆنۈپ قالغان سايىم ئاكا ياش ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئۇستا ئىكەن. ئۇ تۇنجى بولۇپ سېرىق ئۆكۈزنى قوشۇپ مېنى يىتىلەشكە بۇيرىدى. مەن تەستە كېلىپ تىترىگەن قوللىرىم بىلەن ئارغامچىنى تۇتتۇم. سايىم ئاكا تاپ ئاچىدىغان بوغۇسنى چىڭ تۇتقىنىچە «چۇ»دىيشىگە بىرلا ھۆركۈپ قولۇمدىن چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا سايىم ئاكىنىڭ قانچە كۆچەپ بۇغۇسىنى يەرگە تىرەپ تۇرۇۋېلىشلىرىمۇ كارغا كەلمىدى. ياش ئۆكۈز بىر دەمدىلا تاپتىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئۇزۇن قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ شۇ دائىرىدە چېپىپ يۈرەتتى. ئۆكۈزنىڭ شۇنچە جىددىيلىشىپ توختىماسلىقى-كەينى پاقالچەككە توختىماي ئۇرۇپ كېلىۋاتقان  بوغۇسنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى. سايىم ئاكا بوغۇسنى ئۇنىڭ بويۇنلىرىغا پۇختىلاپ تېڭىۋەتكەن ئىدى. چەتتە قاراپ تۇرغان كىشىلەر خەتەردىن دالدىلنىش ئۈچۈن دەرەخ ئۈستىگە ۋە ئۆستەڭ قېشىغا چىقىۋالغان ئىدى. ياش ئۆكۈز ئاخىرى بىر تۈپ كىچىك توغراققا ئىلىنگەن بوغۇسنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن توختىدى، سايىم ئاكا ئۆكۈزنىڭ قېشىغا كىلىپ ئالدى بىلەن بويۇنلىرىنى ۋە پۈتۈن ئۇستىخانلىرىنى كۆڭۈل قۇيۇپ قاشلاپ چىقتى. ئۇنىڭ خاسىيەتلىك قوللىرى داۋا بولدىمۇ ئىشقىلىپ ياش ئۆكۈزنىڭ جىددىيلىكى ئازراق پەسكويغا چۈشكەندەك قىلاتتى. سايىم ئاكا بوغۇسىنى ئېلىۋىتىشكە ئالدىرمىدى. ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ تەكشى  يەرلەردە قايتا يىتىلەپ نەچچە قېتىملاپ ئايلاندۇردى. ئۆكۈزدىكى تەرلەر قۇرۇپ ئۆز ھالىتىگە كىلىش بىلەن ئانچە-مۇنچە كۆنگەندەك قىلاتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئۆكۈزنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ شۇ بويىچە ئايلاندۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇ مىنى ياتلىمىدى. ئۇنىڭ ھېرىپ-ماغدۇرىدىن  كەتكەن ھالىتىدىن پايدىلنىپ تاپقا ا قايتا كەلدۇق. شۇنىسى ئازراق ئۇۋال قىلدۇق. بۇ سايىم ئاكىنىڭ  تەجىربىسىچە ھايۋانلارنى كۆندۈرۈشنىڭ ياخشى پورسىتى ئىكەن. بۇ قېتىم سايىم ئاكىمۇ ، مەنمۇ بەك ئىھتىيات قىلدۇق . ئۇ بىر يۈگۈرۈپ، بىر توختاپ، نەچچە قېتىم پۇشقۇرۇپ بولسىمۇ ئازراق ئەيۋەشكە كەلدى. ئەگرى-بۈگرى ئېچىلغان تۇنجى قەدەمدىكى نەچچىلا ئورۇق تىپى ئۆكۈزنىڭ نەتىجىسى بولدى. شۇ كۈنلەردىن باشلاپ بىزنىڭ بۇ ياش ئۆكۈزىمىز كۆللىكتىپ ئۈچۈن كۆچ چىقىرىدىغان توھپىكار دوستىمىزغا ئايلاندى.
ئۆكۈزنىڭ يېشى كىچىك بولغىنى بىلەن بەك ئۇستىخانلىق ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي يەنە كۈنلەپ چوڭىيىۋاتقاندەك قىلاتتى. جامدەك كۆزلىرى ئوتتورىسىدىكى گۆھەر قىسمىنى ئوراپ تۇرغان كۆز ئېقى بەك چوڭ بولغاچقا ئىنسانلارغا ھورپىيىۋاتقاندەك ھېلىلا بىر ئىشقا ئاچچىقلاپ ۋەقە تۇغدۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندەك سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. ئۇ قارىماققا ئاشۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدى. خالىغان كىشىلەر ئونىڭغا يېقىن كىلىشكە پېتىنالمايتتى. ئۇ يېڭى كەلگەندە مۆڭگۈزلىرى ئەمدىلا چىقىۋاتقان ئىكەن. ئۆزۈن ئۆتمەي بۇ مۆڭگۈزلەر تەرەققى قىلىپ خېلىلا ئۆسۈپ كەتتى. ئۆسكەندىمۇ ئوچلۇق،چىرايلىق ئۆستى. مەن ئۇ نەرسىنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولىشىنى خالىمايتتىم. چۈنكى  ئۇ بۇ جانۋارنىڭ ئاشۇ بەستىگە ئاجايىپ ماسلىشىپ ئىسكەت  ئۈستىگە ئىسكەت قوشقان ئىدى. ئۇ خۇددى ئۆسكىلەڭ يىگىتكە بۇرۇت چىققاندەك ياراشقان ئىدى. خېلى ۋاقىتتىن  كىيىن  تىلەكلىرىم ئجابەت  بولۇپ ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئۆسۈشتىن توختىدى. چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس دەل جايىدا يارىشىملىق يېرىدە توختىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا شوخا مۈڭگۈز دەپ ئىسىم قويۇشتى. شوخا مۈڭگۈز قۇرامىغا يەتكەنسىرى شۇنچە سالماقلىشىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆن بۇيى بىللە ئۆتكەچكە ئۇنىڭ مىجەزىنى ئۇبدان بىلەتتىم. ۋاقىت تاپساملا بويۇنلىرىنى، ئوستخانلىرىنى قاشلاپ توختىمايتتىم. ئۇنىڭ ئالايغان كۆزلىرى ، پات-پات پۇشقۇرۇشلىرى قارىماققا قورقۇنچلۇق بىلىنسىمۇ ماڭا ئۇنداق تويۇلمايتتى. ئۇ ماڭا يىراققا كەتمەسلىكىمنى، چۈشتە تۇيغۇدەك ئوت –چۆپ ، قانغۇدەك سۇ بىرىشىمنى ئۆتۈنگەندەك تۇيغۇ بېرەتتى. مەن كۈنلىكى ئۇنى قوتاندىن چىقىرىپ كىلىشكە بارغاندا مېنى كۆرگەن ھامان كۆشەشتىن توختاپ ئورنىدىن دەس تۇراتتى. ئاندىن ئوزون قويرۇقىنى ئىككى يانغا يىنىك ئۇرۇپ ، مېڭىشقا تەييارلىنىپ تۇراتتى. مەن قىلچە ھودۇقماستىن ئۇنى باغلاپ ئىشىكتىن چىقاتتىم. ئۇ مېنى تونۇپ قالغان ئىدى. چۈشتە قوشتىن چىقىرىپ ئۆزۈم ئوت-چۆپ بېرىپ ئۆزۈم سوغۇراتتىم. بىر چىلەك سۇ ئىككى شوراشقا يىتەتتى. مەن ئۇنى قانغۇچە سۇغۇرۇپ ئاندىن بولدى قىلاتتىم، يىللار ئۆتكەنسىرى شۇخا مۆڭگۈزنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچقانداق قورقۇنچلۇق يېرى قالمىغانىدى. بۇ قېتىم ھوركىرەتكەن تاشىقى دېگەندەك ئۇنىڭ ئاشۇ نەرسىسى كىچىك چېغىدىلا ئېلىۋىتىلگەچكە ئۇنىڭ خەتەرلىك تەرەپلىرىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يۇق ئىدى. ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. كۆللىكتىپ ئۈچۈن كۆچ چىقاردى.
يىللار ھەممىمىزنى قېرىتتى. سايىم ئاكىمۇ مۈكچەيگەن بەللىرىنى سۆرەپ  ئۆيى ئالدىدىكى سۆگەت ئاستىغا چىقىپ راھەتلىنىپ ياتتى. مەنمۇ قولۇمغا خىزمەت ئېلىپ بۇ يەردىن چىقىپ كەتتىم . شۇ يىللاردا كۆللىكتىپ ئەمگەكلەر  ئاساسەن ئاخىرلىشىپ قالغان ئىدى. كۆللىكتىپ ئىگىلىكىدىكى يەر، ئورمان  ۋە چارۋا ماللارنى  ئائىلەرگىچە ھۆددىگە بىرىش، سېتىش باشلانغان چاغلاردا مەن ئوزون يىل ئايرىلىپ كەتكەن شوخا مۈڭگۈزنى ئەسكە ئالدىم. ئۇنىڭ بۇ كۈنلەردىكى تۇرقىنى كۆرگۈم كەلدى. بىر كۈنى ئالدىراشلىقىمنى قايرىپ قۇيۇپ دۈينىڭ كونا قۇتىنى تەرەپكە قايرىلدىم. ئەينى يىللاردىكى كونا قوتاننىڭ تۆت ئەتراپى يىقىلىپ كەتكەچكە شاخ-شۇمبىلاردا ۋاقىتلىق توسۇپ قۇيۇلغان. شۇ دائىرە ئىچىدە قوشامداپ ئەتكەن كىچىك قوتانلار ئۆتمۈشۈك بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇ كۈنلەردە قوي، ئۆچكە دېگەندەك ئۇششاق چارۋىلار تەقسىملىنىپ بولغاچقا ، چوڭ چارۋىلار تېخىچە قوتاندا تۇراتتى. بۇلار ئىچىدىكى شوخا مۈڭگۈز ئايرىم قوتاندا كۆشەگلىرىنى  چايناپ يۇغان كۆزىنى يېرىم ئېچىپ ئىشىككە قىيسايغىنىچە بىغەم ياتاتتى. مەن ئۇنىڭ ئۆرە ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھۆركۈتسەم كۆزلىرىنى پۈتۈن ئېچىپ ماڭا ۋە ئەتراپقا قارىدى. قولۇمغا تاياق ئېلىپ كۆتۈرسەم ئىككى قېتىم دەلجىگنىپ ئاران تەستە ئورنىدىن قوپتى. مەن ئۇنىڭ قېرىپ ھېرىپ قالمىغانلىقىنى، ئۇستىخانلىرىنىڭ  گۆشلىرى سىزىپ ماغدۇرىدىن كەتكەنلىكىنى، ئەينى يىللاردىكى كۆركەم ئۇچلۇق مۆڭگۈزلىرىنىڭ  خالىغانچە ئىگىلىپ كۆرۈمسىز ھالەتكە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولدى. تەبئىەتنىڭ قانۇنى شۇنداق، ھەر بىر جان ئىگىسىگە ،جۈملىدىن ئىنسانلارغىمۇ ئوخشاش. شوخا مۈڭگۈز بۇ قېتىم مېنى ئازراقمۇ تونۇمىدى. مەن ئىنسان بولغىنىم ئۈچۈنلا ئۇنى تونۇيمەن ئەلۋەتتە.
مەن بۇ يەردە تىمسىقلاپ يۆرۈۋاتقاندا چارۋىچى كەلدى. بىز دىدارلاشمىغىلى ئوزۇن بولغان بۇ ئاكىمىز بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۈق.
–سىلى بۇنداق يەردە نىمە ئىش قىلىپ يۆرۈيلا؟ دېدى ئۇ-ھەيران بولۇپ:
-كونا دوستۇمنى كۆرگىلى كەلگەن. دىدىم مەن شوخا مۈڭگۈزگە قاراپ‹
-شۇنداق سىلى بۇنىڭ بىلەن كىچىك چاغلىرىدا دوست بولۇشقان. ئۇ سىلىگە بەك قايىل ئىدى. سىلى ئۇنى نەچچە ئۇن يىل يىتىلەش جەريانىدا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلغاچقا سىلىنى تونۇپ  قالغان گەپ، ۋىجدانلىق ئىكەنلا. ھايۋان بولسىمۇ سېغىنىپ كەپلا. ئۇ چاغلاردا مەنمۇ ئۇنىڭ ئەلپازىدىن ئەيمىنەتتىم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ پوشقۇرىشى بىلەن ئاشۇ جۈپ كۆزىدىن ،-دېدى ئۇ شوخا مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ.
-بۇ دوستلۇقتا سايىم ئاكىنىڭمۇ نەتىجىسى بار. ئۇ شوخا مۈڭگۈزگە پەقەتلا تاياق كۆتۈرمەيتتى. مېنىڭ يىتلىشىمگىلا قارايتتىم  دېدىم مەن بىر ئىشلارنى ئەسكە ئېلىۋىتىپ.
-ئۇششاق چارۋىلارنى تالىشىپ بىر كۈن ئىچىدە ھەممىنى تۆگىتىشتى. ئەمدى چوڭ چارۋىلارنىڭ نۆۋىتى كەلدى. تەڭلە ئۆگۈن نىمە ئىش بولاركىن تاڭ. ھە راست، مەن بالىلار بىلەن ئويلاشتىم. شوخا مۈڭگۈزنى ئېلىپ قېلىپ ئۆزۈم  ئەكىتەيمىكىن دەيمەن، نېمىشقا دېگەندە ئۆكۈزنىڭ بۇنداق چوڭىنى تاپماق تەس. بۇنى ياخشى بېقىپ بورداققا سالساق نۇرغۇن گۆش چىقىدۇ. دېدى ئۇ پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ.
-ۋاي ئاكا، ئۇنداق جىق گۆشنى نىمە قىلىلا. دېسەم ئۇ:
- نېمە قىلاتتىم، بۇ كۈنلەردە مەنمۇ قېرىدىم، ئويلاپ باقسام بىر ئۆمۈر ياشاپ ساۋاپلىق ئىش قىلالماپتىمەن. ھەجگە بېرىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.شۇڭا كىلەركى يىلى قىش كىرىشى بىلەن ئۇنى گۆش قىلىپ پۈتۈن مەھەللىگە تارقىتىپ بىرىمەن. بۇ پىلانىم بولامدىكەن دېدى چارۋىچى مەمنۇنلۇق بىلەن.
-پىلانلىرى بولغۇدەك، بۇ دوستۇمنىڭ كوچىمۇ ،گوشىمۇ ئوخشاشلا پەزىلەتلىك ئۆتىدىغان بولدى. ئەمما بۇ رەھمەتلىكنى ياخشى باقالا دىيشىمگە ئۇ:
-نەدىكى رەمەتلىككەن ئۇ، كۆشەپ ياتمامدۇ ئەنە!
ھا،ھا،ھا


جىياڭسۇلۇق ياشلار


1964-يىلى كۈز، باشتوغراق مەركىزىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى تەخمىنەن تۆت كېلۇمىتىرچە كېلىدىغان ئىسلىغ دۆڭ ئەتراپىدىكى تەبئى تۈزلەڭلىكتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياغاچ قۇرۇلمىلىق نۇرغۇن قورلۇشلار بارلىققا كەلدى. بۇ قورلۇشلار شۇ دەۋىردە زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ لاھىيەلەنگەن بولۇپ، كۆللىكتىپ يېتىشقا بولىدىغان رەت-رەت ياتاق ئۆيلىرى، نەچچە يۈز ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئوپچە تاماق يىيىشكە بولىدىغان كۈلۈپ شەكىللىك چوڭ ئاشخانىلار بار ئىدى. لېكىن مەن بۇ قورلۇشلارنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. كېيىنكى يىلنىڭ ياز ئايلىرى ئاخىرىدا مەن ئېگىز ئۆستەڭدىكى چېلەك زاكۇ كۆۋرۈكىدە بىر بۆلۈك كىشىلەر ئارىسىدا تۇراتتىم. بۇ چاغ چۈشتىن بۇرۇنقى بىر مەزگىل ئىدى. بىر دەمدىلا توپىلىق ئوق يولدا چاڭ-توزانلار ئارىسىدىن چىقىپ كەلگەن ئازات ماركىلىق ئاپتۇمبىللار ئارقا-ئارقىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئاپتۇمبىللارغا خەنزۇچە خەت يېزىلغان لوزۇنكىلار تارتىلغان ئىدى. . ئىچىدە ساپلا 20ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى خەنزۇ-قىز ئوغۇللار ئولتۇرشاتتى. بىز ئاپتۇمبىلارنىڭ كۆپلىكىگە ۋە ئىچىدىكى ئادەملەرگە ھەيرانلىق نەزىرىمىز بىلەن ھاڭ بېقىپ تورۇشاتتۇق. خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاپتۇمبىللارنىڭ باش-ئاخىرى ئۆزۈلدى. . بىز ئۇلارنىڭ كىملىكىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى دەمالىققا چۈشىنەلمىگەن بولساقمۇ ئاخىرى چۈشەندۇق.ئۇلار پارتىيە مەركىزى كۆمتىتنىڭ چەت رايۇنلارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى يوليۇرىقىغا ئاۋاز قوشقان جاڭسۇلۇق بىر تۈركۈم زىيالى ياشلار ئىكەن. ئۇلار چاڭبۇ ئەتراپىدا توختىماي ئۇدۇللا ئىسلىغ دۆڭگە بېرىپ ھېلىقى يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرگە ئورۇنلاشقان ئىكەن. كېيىن بىر ئاڭلاشلاردىن مەلۇم بولىشىچە شۇ ياشلار ئىچىدە ئەينى يىللاردىكى گوۋۇيەننىڭ فۇ زۇڭلىسى لى شىيەنيەننىڭ بىر نەۋرىسمۇ بار ئىكەن. زىيالى ياشلار شۇ كۈنى يۈك-تاقلىرىنى ئورۇنلاشتۈرۈبپ ئىسلىغ دۆڭگە ماكانلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئەتىسى ئەتراپتىكى كەنت- مەھەللەرنى كۆرۈپ سەيلى تاماششا قىلىش ئۈچۈن بۇ تەرەپكە چىقىشتى. مەن يېقىن ئەتراپتا سۇ تۇتۇۋاتقاچقا ئېرىق لىۋىدە تۇراتتىم. ئۇلار بۇ ئەتراپنى بىر ئالغىنىچە كۆلۈشۈپ ، چۇقۇرشۇپ ئەركىن مېڭىشاتتى. بەزىسى ئېتىز-قىرلاردىكى يانتاق –خۇخا قاتارلىق ياۋا  ئۆت- چۆپلەرنى  يۇلۇپ بىر-بىرىەە چىنىشىپ قىززىقچىلىق قېلىشاتتى. بىر-بىرنى قوغلىشاتتى. مەن بۇ ئازادە كۆڭۈللەرگە ھەۋەسلىنىپ تۇرۇۋاتقىنىمدا بىرسىقېشىمغا كىلىپ بىرنىمەلەرى دېگەچ قولۇمدىكى كەتمەننى ئېلىۋالدى. ۋە سۇ لېۋىدە قاراپ تۇرۇشقان قىزلارغا كەتمەننىڭ پاينىكى بىلەن سۇ چاچتى. قىزلار چورقىرىشىپ قېچىشتى. تەمبەلراق كەلگەن بى رقىز ئىشتىنىنى تۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا سۇغا سەكرەپ كىرىپ كەتمەننى تارتىۋالدى. ئوغۇل يېڭىلگەن بولۇ قېچىپ كەتتى.
مەن ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى روھى-ھالىتىنى كۆرۈپ غېرىپ مۇساپىرچىلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى قىلچە سەزمىگەندەك قىلاتتىم.
زىيالى ياشلارنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ بۇ يەر دۆلەت ئېگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئۆزگىرىپ «خۇڭچى نۇڭچاڭ»دىگەن نام بىلەن ئاتالدى. زىيالى ياشلاردىن تارتىپ ئەسلىدىكى يەرلىك ئۇرۇنلارنىڭ مەمۇرى نام ئىسىملىرى«لىيەن، پەي» دەپ ئاتالدى . ھەر بىر لىيتەندە زىدۇيەن، لىئەنجاڭ، پەيجاڭ دېگەن ئەمەل ناملىرى يوغا قۇيۇلدى. ( مەن بۇ ئەسلىمەمنىڭ بايانلىرىدا يۇقارقى ناملارنى ئىشلەتمىدىم) ، شۇ يىللاردا ئىسلىغ دۆڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن بىنام يەرلەر تېرىلغۇغا كىرىپ كۆكەرتىلىدى. كەچكۈن پەسلىدە مەيدان تەۋەسىدىكى ھەممە ئادەم يايلىغاندىكى ئوق ئۆستەڭ بولىكىنى تاش ئۆستەڭ قىلىپ ئۆزگەرتىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا زىيالى ياشلار ئاكتىپ پۇزىتسىيە تۇتۇپ ئۆستەڭ قۇرلىشىغا ئاتلاندى. ئۇلارنىڭ سانىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىسىمۇ كۆپ ساننى ئېگەللەيتتى. بۇ سۇغۇق چۈشكەن مەزگىل بولغاچقا ئىش ئۇرنىغا ئانچە يىراق بولمىغان يېڭى لەنگەردىكى دېھقان ئۆيلىرىدە قۇنالغۇ تۇتقان  ئىدۇق. زىيالى ياشلار تۈز يەرلەرنى تاللاپ ئوزونچاق گەمىلەرنى  كولاپ ئۇرۇنلاشقان ئىدى. بى ركۈنى دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئۆز ئىچىدە شېئىر ئۆگۈتۈۋاتقان بىرسىنىڭ ئاجايىپ مۇڭلۇق ۋە جاراڭلىق ئاۋازىنى سىرتتىن ئاڭلاپ مەستخۇشلۇق ئىچىگە غەرق بولغاندىم. ئۇلار ئاشۇنداق غېرىبانە سەھرادىمۇ كۆللىكتىپ تۇرمۇشنى بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزگەنىدى.
جاڭسۇلۇق زىيالى ياشلار بۇ يەردە ئۇن يىللىق بۇران –چاپقۇنلارنىڭ سېناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى قايتىپ كەتتى. شۇ يىللار ئچىىدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ ئوماق پەرزەنتلىرىنى بىللە ئېلىپ كەتتى. ئۇلار بۇ يەردىكى يەرلىكلەر بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، ئىتپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ بۇ يۇرتنىڭ مەدەنىيەت ، سوتسىيالىستىك قۇرلۇش، تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئىز قالدۇرۇپ كەتتى. مەن ئۇلار ئىچىدىكى بىر دوستۇمدىن «يەنە قايتىپ كېلەمسەن؟؛»دېگندە ئۇ «ھككۈمەت بىزنى يۆتكىدى ، ئەمدى قايتىپ كېلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما، كۈنلەرنىڭ بېرىدە مەن ھەر نېمە قىلىپ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ كېتىمەن» دېدى.
2005-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىدى. مەن تەۋەيىمىزدىكى سىياۋشۇللا كەنتە مەكتىۋى قورۇسى ئىچىدىن سىرتقا چىقىشغىمغا بىر دانە ئالىي تىپلىق ماشىنا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى. مەن ماشىنغا قاراپ تۇرۇۋاتقىنىمىدا 60ياشلار چامىسىدىكى سالاپەتلىك بىر جۇپ ئەر-ئايال ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ يەرگە چۈشتى. ماشىنا ئىچىدە يەنە ئىككى  ياش ۋە چوڭ –كېچىك قىز-ئوغۇل بالىلار ئولتۇرشاتتى. بۇ ياشانغان كىشىلەر مەندىن بىر نەرسىنى سۇراشقا تەمشىلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ مەقسدىنى ئاللىبۇرۇن پەرەز قىلىپ بولدۇم. ئۇلار چۇقۇم يول سۇرايدۇ دەپ ئۇيلىدىم،شۇڭا مەن بېرىنچى بۇلۇپ خەنزۇچىغا چالا تىلىم بىلەن بۇ ناتۇنۇش كېشىلىرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، نەگە بارىدىغانلىقنى سورىدىم. ئۇلار بېيجىڭدىن كەلگەنلىكىنى ، ئەينىن يىللاردا ئىسلىغ دۆڭدە يەنە مۇشۇ زېمىندا ئون يىللىق ھاياتنىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇگۈنكى كۈندە ئاشۇ ياشلىق دەۋرىنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ئەۋلاتلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرنى سەيلى -تاماششا قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار يەنە: «بىز بۇ يەرنىڭ ھېچنىمىسىنى پەرق ئېتەلمىدۇق، ئىسلىغ دوڭ قەيەردە »دەپ سورىدى. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ ئاساسى مەقسىدىگە يەتكەن ئىدىم. ئۇلار ئازېاق سۈكۈت قىلىشتى. ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن  نېمە قىلىشنى، قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلمەي قېلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. مەن ئەزەلدىن باغرىم يۇمشاق، باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىشنى بېلىدىغان ئادەم بولغاچقا ۋىجدانىم جىم تۇرۇۋېلىشقا يول قويمىدى. ئۇلارنى باشلاپ مېڭىشا ئۈندىدى. مەن گەپ-سۆزسىز ئۇلارغا ئىشارەت بىرىپ مۇتۇسىكلىتىمغا مېنىپ ئۇلارنى باشلاپ ماڭدىم. ماشىنا كەينىمدىن ئەگەشتى. مەن شۇ مېڭىشىمدا زامانىۋى ئۇسلۇبتا  سېلىنغان رەت-رەت دېھقان ئۆيلىرى ئالدىدا توختىدىم. ماشىنمۇ توختىدى. «مانا ئىسلىغ دۆڭگە كەپ قالدۇق، ئەينى يىللاردا سىلەر ماكان تۇتقان ياتاقلارنىڭ ئورنى دەل مۇشۇ. بۇ سىلەر كەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزگىرىشى» دەپ چۈشەنچە بەردىم. ئۇلار ماشىندىن چۈشۈپلا ئۆزىگە  تۇنۇش بولغان  جەنۇپ تەرەپتىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېگىز دۆڭگە قاراپ كەتتى. شۇ يىللاردا زىيالى ياشلار ئاشۇ دۆڭگە يېقىن ئەتراپتىكى تۈز كەتكەن مۇنبەت توپراقتا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇلار بىزى چاغلاردا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن دوڭنىڭ ئەڭ ئېگىز يەرلىرىگە چىقىۋېلىپ باشتوغراقنىڭ كەڭ زېمىنغا نەزەر تاشلاپ يېشىللىق ۋە بۇستانلىقلردىن ھۇزۇر ئالاتتى.بۇ دۆڭ چۆللەردە ئېزىقىپ يۈرگۈچىلەرنىڭمۇ نەچچە ئون چاقىرىم يىراقلىقتىن كۆزىتىدىغان بەلگە سېستىمسىىغا ئايلىنىپ قالغان، دۆڭلەرنىڭ شاھى دەپ نام ئالغان بۇ ئېگىزلىك قايسى زامانلاردىن باشلاپ «ئىسلىغ دۆڭ» نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
ئۇلار دۆڭ تەرەپكە قاراشتىن توختىدى. خېلىدىن بېىرى ئېگىز قاشادا  ئۆرە تۇرۇپ توختىماي  سۆزلەشكەن بۇ قەددىناسلار ئاستا كىلىپ سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىق لىۋىدە ئولتۈرۈشتى. قېشىدىكىلەرگە نېمىلەرنىدۇ سۆزلىگەچ قوللىرىنى  پات-پات ئەتراپقا سۇزاتتى. بالىلار  سۇدا ئويناپ شوخلۇق قىلىۋاتقاندا بىرسى بالىلارنى ۋە ئەتراپتىكى مەنزىرلەرنى ھەدەپ سۈرەتكە تارتتى.
بىز ئاخىرى قايتماقچى بولدۇق. ئەمما ئۇلار مېنى ئاستىراق مېڭىپ پات-پات توختىشىمنى ئومىت قىلىدى. مەن ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدىم. ھەر بىر دۇقمۇشتا ،كۆلەملەشكەن چېلانزارلىقلاردا توختىدۇق. يەنە ئازراقتىن كېيىن خەنزۇلار كەنتىنىڭ بۇك-باراقسان بوستانلىقى ئارىسىدىكى رەتلىك سېلىنغان ئاھالىلار رايۇنى ئالدىدا توختىدۇق. بۇ چاغدا مەن :«بۇ ئەينى يىلاردىكى 5-لىيەن . ھازىر ئۆز ۋاقتىدىكى سىلەر بىلىدىغان پىشقەدەم دېھقانلار ئاساسەن قالمىدى. بۇ يەرنى شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى گۈللەندۇرۋاتىدۇ» دەپ ئىزاھلاپ قۇيدۇم.(5-لىيەن دەپ ئاتالغان بۇ يەر، ئەينى يىللاردا ئىسلىغ دۆڭدىكى زىيالى ياشلارغا خۇشنا كېلىدىغان ئەڭ يېقىن خەنزۇلار كەنتى ئىدى) .بىز ئاخىرى مۇشۇ يەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئۇلار ماشىنىغا چېقىشتىن بۇرۇن قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ كۆپ تەشەككۇر ئېيتتى. ۋە : « بىز سىزنى ئۇنتۇمايمىز، سىزمۇ بىزنى ئۇنتۇماسلىقىڭىزغا ئىشىنمىز، پۈرسەت چىقسا يەنە كېلىمىز» دېدى.
ئۇلار ئوق يو بىلەن ئۇدۇل كەتتى. مەن شۇ يەردىنلا ئۆيۈم تەرەپكە قايرىلىدىم .



خەتتاتلىق ماھارىتى بىلەن تونۇلۇش



مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى باشلىنىپ ئىككى يىل بولمايلا جەمىيەتنىڭ ھەر  بىر كوچا –دوقمۇشلىرىدا شوئار ۋە دازىباۋلار كۆپىيىپ كەتتى. قانداق مەزمۇندا بولمىسۇن خەتلەرنىڭ شەكىللىرى بىر-بىرىدىن كۆرۈمسىز ۋە قالايمىقان بولغاننىڭ ئۈستىگە ئىملا خاتالىقى خېلىلا ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيتتى. مەن بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئۇيغۇر يېزىقىغا نومۇس كەلتۈرىدىغان بۇنداق سەتچىلىككە پىكىرىم توغولغان ئىدى. چۈنكى مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدىن باشلاپ خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان ئىدىم. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئۆلچەملىك خەتلىرىم مەكتەپنىڭ چوڭ سەھنىلىرىدە چاقناپ خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپ قالغان  ئىدىم. مۇشۇ كۈنلەردە كىشىنىڭ نەزىرىگە ئېلىنمايدىغان ، تەشكىلمۇ تونىمايدىغان ئاددىيلا بىر بالا دېھقاننىڭ ھېلىقىدەك ئىشلارغا پىكىر قىلىپ تۈزەش ئېلىپ بارىمەن دېيىشى ئەرزىمەس ئىش بولسىمۇ   ئۆلگە كۆرسىتىشكە ۋە تەۋەككۈل قىلىشقا بولاتتى .
مەن تۇرغان دادۇي مەيدان تەشكىلى مەركەزگە يېقىن بولغاچقا بۇ يەر ئۆتكەن –كەچكەنلەرنىڭ مەركىزى نوقتىسىغا ۋە قايناق ئۆتەڭگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇڭا بۇ يەر ھەر ئەللىك مىتىردا بىردىن دوسكا ياسىلىپ ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۆزۈندە يېزىشقا تەييارلىق كۆرۈلگەنىدى. مەن قەتئى نىيەتكە كەلدىم. ئائىلە كېلىپ چىقىشىمنىڭ نىمە بولىشىنى  قايرىپ قويۇپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرماقچى بولدۇم. بىر كۈنى دادۈي بوغالتىرى ھەسەن توختىنى ئۇچراتتىم-دە ئۇنىڭغا:« كويجى ئاكا ، مەن چوڭ خەت يېزىشنى بىلىمەن. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئۆلچەملىك چوڭ خەت يازاتتىم. » دېدىم.
-بىز ھازىر مۇشۇنداق كىشىگە موھتاج بولۇۋاتىمىز . بىز ئەسلىدە نۇڭشۇدىكى بالىلاردىن ئىزدەيلى دەپ تۇرغان ئىدۇق. بوپتۇ .ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتتىگەندە يېنىمغا كېلىڭ، مەن سىناپ باقاي، دېدى ئۇ سەمىمىلىك بىلەن ( نۇڭشۇ بىزنىڭ تەۋەلىككە يېقىن يەردىلا قۇرۇلغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتىۋى) مەن دېگەندەك ئەتىسى ئەتتىگەن كوجىينىڭ قېشىغا باردىم. ئۇ تەشكىل ئالدىدىكى  كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان بىر دوسكىنى كۆرسىتىپ قۇيۇپ نەگىدۇر كېتىپ قالدى. مەن پۈتۈن زېھنىمنى ۋە بارلىق قابىليىتىمنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئۆلچەملىك خەت نۇسقىسى بىلەن دوسكىنى توشقۇزدۇم. يولدىن ئۆتكەنلەر توختاپ تۇرۇپ خەتنى ئوقىدى ۋە يوقىرى باھا بېرىشتى. كېيىن ھەسەن  توختى پەيدا بولۇپ ناھايىتى خۇشال ھالدا :« ئۇكام بىز سىزنى ئاخىر بايقىۋالدۇق. ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ كۈنلىكى كىلىپ بارلىق دوسكىلارنىڭ خېتىنى يېزىڭ. ۋاقىت چەكلىمىسى يوق» دېدى. مەن شۇندىن باشلاپ دۈينىڭ كېچىلىك ئەمگەك دولقۇنىدىن كېيىنلا خەت يېزىش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدۇم. ھەر بىر ھەرپ ھەر بىر خەتنى ناھايىتى ئىجتىھات بىلەن يازدىم. كېيىنچە مېنىڭ ھۆنىرىمنىڭ داڭقى مەيدان تەشكىلىگە ۋە باشقا جايلارغىچە تاراپ كەتتى. مەيدان بويىچە ئېچىلغان ھەر خىل شەكىلدىكى داغدۇغىلىق يىغىنلارنىڭ خەتلىرىمۇ مېنىڭ قولۇمدىن چىقىشقا باشلىدى. مەن ئاخىرى بۇ مەيداندىكى ئەتىۋارلىق ئادەمگە ئايلىنىپ  قالدىم.
ھەر يىلى ھەر پەسىلدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تازا جىددى  پەيتلىرىدە «سىياسىنى گەۋدىلەندۈرۈش»كە دائىر سىياسەتلەر تازا ئەۋج ئالاتتى. بۇنداق ئىشلار يەنىلا خەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا مەنمۇ ئېتىزنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتىم. مەن مۇشۇنداق راھەت ئىچىدە ئۆتكەن چاغلىرىمدا ئۆتمۈشنى ۋە ئۆزۈمنىڭ سالاھىيتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتىم. ھەر قېتىملىق خەت ئىشلىرى تۈگىسىلا يەنە ئاشۇ جاپاكەش دېھقانلار ئارىسىغا بارىدىغانلىقىمنى ، نۆۋىتى كەلگەندە دەككە-دەشنەملەر ئىچىدە ئوتىدىغانلىقىمنى ئوبدان بىلەتتىم. مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى روھى تەييارلىقىم ھەر ۋاقىت ئۇنتۇلۇپ كەتمەيتتى.



ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەر



مەدەنىيەت زور ئىنىقىلاۋىنىڭ بورىنى تازا ئولغىيىۋاتقان يىللاردا  « دوپىگەي ئوقۇمىدىكى بىر يىڭى سىياسەت ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولدى. بۇ چاغ سىنىپى كۆرەشنىڭ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن مەزگىلى بولدى. ھەممە ئىش جىددىي ھالەتكە ئۆتتى. ھە دىسىلا  سىنىپىي كۈرەش يىغىنلىرى ئېچىلىپ تۆت خىل ئۇنسۇلار ئېتىزلاردىن ھەيدەپ كىلىنىپ كۆرەش پىپەنگە سېلىناتتى. ئۇلارنىڭ بال- چاقىللىرىنى پىكىر بىرىشكە، ئىبرەت ئېلىشقا قىستايتتى. يىغىن باشچىلىرىنىڭ نەزەرىدە شۇ نۆۋەتلىك يىغىن تۆگىسىلا بىر قېتىملىق سىنىپى كۆرەشنىڭ تۆگىگەنلىكى ھېساپقا ئىلىناتتى. ئۇ چاغلاردا چۈشىنىش  ئاز، ئىشلار ھەمىشە قاراملىق بىلەن ئېلىپ بىرلاتتى. موشتۇمزۇلار كۈچ كۆرسىتىپ ئۆزلىرىنى نامايەن قىلاتتى. ئۇندىن باشقا يەنە  بىر تەرەپتىن تەرەپبازلىققا دائىر زىددىيەتلەر باش كۆتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن  ھوقۇقدارلاردىن  ھىساپ ئېلىش، كۆرەش ،پىپەنگە سېلىشتەك تۈرلۇك –تۈمەن ئىشلار ئۆزۈلمەي يۈز  بىرەتتى. بۇنداق ئىشلارغا ھەممە ئادەم كۆنۈپ قالغاچقا كىشلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر ئورتاقلىقتەك بىلىنەتتى. دۆينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىمۇ ئوخشاشلا جىددىيلىك پەيدا بولدى. تۈن كېچىدە دۈيجاڭنىڭ ئۆزۈندە ئاۋازى توختىشى بىلەن تەڭ ئېتىز ئۈستىگە ھازىر بولمىغانلار قانداق كىشى بولىشىدىن قەتئى نەزەر تەنقىدكە ۋە ئىزا-ئاھانەتكە ئۇچرايتتى. ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىدىغان يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش پۇرسىتى  تۆت خىل ئۇنسۇرلارغا بېرىلمەيتتى. ئۇلار ئىشقا بورۇن بېرىپ كەچ قايتاتتى. ئىش ئۈستىدىكى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا باشقىلاردىن ئايرىۋىتىلەتتى. دادا، بالا ئىككىمىزنىڭ كۈنلىرىمۇ ئاشۇنداق شارائىتتا ئۆتكەنىدى.
ئۇ دەۋىردە يەنە تۇيۇقسىز ئىشلار يۈز بىرەتتى. كۈنلۈك ۋەزىيەتتە نەچچە خىل ئشلار كۆرۈلەتتى. بەزىدە« پالانىنى يوقىتايلى ، پۇستاننى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى...نىڭ ئىت كاللىسنى يەنچىپ تاشلايلى» دېگەندەك  شوئارلار تەرەپ–تەرەپتىن ئاڭلىنىپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا دۈي ئەزالىرى: « بۈگۈن قايسى تەتۈر پىشانە پىپەن قىلىنىۋاتىدۇ » دېگەندەك مۇلاھىزىلەر ئىچىدە ئۆتەتتى. بىر كۈنى دادۈي بويىچە چوڭ يىغىن ئېچىلۋاتاتتى. بۇ چۈشتىن بۇرۇنقى مەزگىل بولۇپ ھاۋا خېلى ئۇچۇق ئىدى. بۇ چاغدا غەرب تەرەپتىن داقا-دۇمباق ۋە توم – ئىنچىكە توۋلانغان شوئارلار ئىچىدە سۈر ھەيۋە بىلەن كېتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر ھەممىمىزنىڭ دېھقىتىنى تارتتى. بۇ خوشنا دادۈينىڭ دۆپىگەي مەزگىلدىكى بىر قېتىملىق چوڭ تۈزەش، چوڭ يوقىتىش ھەركىتى ئىكەن. ئۇلار 30دىن ئاشقان ئەر-ئايالنى ھەرخىل ناملار بىلەن تارتىپ چىقىرىپ بەزىلىرىنىڭ  بويۇنلىرىغا زاڭ ماللارنىڭ ئەۋرىشكلىرىنى  ئېسىلغان، بەزىللىرىنىڭ يۈز-كۆزلىرى ھەرخىل رەڭ بىلەن بويۇلۇپ غەلىتە شەكىللەرگە كىرگۈزۈۋېتىلگەن. قوللىرى ئوخشاشلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ھالەتتە ئىككى رەت كىشىلەرنىڭ يالاپ ئېلىپ كىلىشى بىلەن دادۈي ئالدىدىكى توپىلىق ئوق يولدا توختىتىلدى.
«سىنىپى يات ئۇنسۇرلارغا قارشى تۇرايلى، نەشىكەش قىمارۋازلارنى يوقىتايلى، تەتۇر تەشۋىق قىلىپ قالايمىقان شۇئار توۋلىغانلارنىڭ ئاغزىغا  ئوت ياقايلى، كۆللىكتىپ مۈلكىگە سوغۇق قول تەككۈزگەنلەرنى قېزىپ چىقىرايلى... !»دېگەندەك شوئارلار ئەۋجىگە چىقاتتى. ئۇلار بۇ يەردە بىردەم توختاپ، ئېلىپ كىلىنگەنلەرنىڭ جىنايەتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەپسىلى تونۇشتۇردى. ئۇلار قوللىرىنى ئگىز كۆتۈرۈشۈپ تۇراتتى. تونۇشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن دۇمباقلار يەنە ئورۇلدى، شۇئارلار توۋلاندى. ئۇلار شۇ رېتى بويىچە باشقا بىر  تەرەپكە كېتىپ قېلىشتى.
-خوشنىلار ھەقىقەتەن قوزغىلىپتۇ، بۇنى ھەممىڭلار كۆردىڭلار ، ئۇنداق ئىشلار بىزدىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. بىزغۇ بىر كۈنى ھامىنى قوزغىلىمىز. بىز كەمبەغەل تۆۋەن-ئوتتۇرا دېھقانلار ھوشيارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ ھەرىكەتنىڭ تىغ ئوچچىنى پومشىك، باي دېھقان ، بوزۇق ئونسۇلارغا قارىتىشمىز كېرەك. دېدى يىغىن باشقۇرغۇچى. ئۇ بۇ سۆزلەردىن كېيىن نۇرغۇن ئۇرۇنلاشتۈرۈشلارنى قىلىپ  يىغىندىن قۇيۇپ بەردى.
ھەپتە ئۆتتى. دادۈي بويىچە 15ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بىر تەكشۈرۈپ-يىغىۋېلىش گورۇپپىسى دادۈي قورۇسىدىن چىقىپ تۇنجى قەدەمدە «تۆت خىل ئۇنسۇر»لارنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆيلىرىنى ئاغدۇرۇشتىن ئىش باشلىدى. بۇ مەزگىلدە دادام كېسەك سەۋەبى بىلەن سامپۇلدا داۋالىنىۋاتتاتتى. نۆۋەت بويىچە تەكشۈرگۈچىلەر بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى. مەن ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپ سىرتتا توردۇم. ئۇلار بىر دەمدىلا ئۆي ئىچىنى  ئاختۇرۇپ  ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى. ئۆيدە بىر دانە سەيپۇڭ ماشىنىسى ۋە تۇلۇقسىز ئۆي جاھازىلىرىدىن باشقا ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يۇق ئىدى. ئۇلار ئۆيدە بىر كىشىلىك ياتاق قالدۇرۇپ قالغان ھەممە نەرسىنى سىرتقا تاشلىدى. كېيىن بىرسى:
-        ھەي بالا، بىز ساڭا  كەڭچىلىك قىلايلى . راست گەپ  قىل، يوشۇرغان ئالتۇنلار نەدە دېدى.
-        -ئاكا، مەن كېچىك بالا ئالتۇن دېگەننىڭ قانداقلىقنى بىلمىسەم، بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداق نەرسە نېمە ئىش قىلسۇن،-دېدىم。
-ئالتۇن دېگەن سەندەك پومشىكلارنىڭ ئۆيىدە بولماي نەدە بولاتتى. «قېزىڭلار» بويرۇق  ناھايىتى تىز چۈشتى. ئۇلار سۈكۈت قىلمايلا مورىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى  بىر پارچە سېلىنجىنى چۆرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇ يەرنى بىر گەز چوڭقۇرلۇقتا قېزىۋەتتى، ئەمما بىكار ئاۋارە بولۇشتى. ئۇلار ئاخىرى باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ بۇ يەردىن كەتتى. مەن ئۆرەكنى تىندۇرۇپ ئۆي ئىچىنى تۇرغۇدەك قىلدىم .ئۆي ئىچى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. . بىر كېچە نېمىلەرنى ئويلاپ، نېمىلەرگە  قاخشاپ تۈننى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلمەيمەن. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ يەنە بىر گۈرۈپپىسى كەلدى. بۇ گۇرۇپپا ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىگە سوغۇق قول تەككۈزگەنلەرنى تەكشۈرۈپ يىغىۋېلىش گورۇپىسى بولۇپ تەركىبى ئايرىلمايدىكەن. ئۇ زامانلاردا باشتۈغراقنىڭ نەرىگە قارىسا جىگدە ياغىچى ئىشلىتىلمىگەن بىرەر ئۆي ، جىگدە ياغىچىدا قۇرۇلمىغان بىرەر  چەللىنى تاپقىلى بولمايدىكەن . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چەللىمىز يىقىلىپ يەرگە چۈشۈپ قالدى. جىگدە  ياغاچلىرى ئېلىپ كېتىلدى. ياخشى يىرى ئۆيدىن ئېلىپ كېتىلگەن ھەر قانداق نەرسىگە ھۆججەت يېزىپ ئەكىلىپ بەردى. (مەن ئۇ ھۆججەتلەرنى تارىخىنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ئەمدىگىچە ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئۆيدىن- ئۆيگە كۆچۈش كۆپ بولۇپ كەتكەچكە ئۇنى يوقىتىپ قۇيدۇم)
ئانچە ئۇزۇنغا قالماي ئۆيدىن ئېلىپ كەتكەن جىگدە ياغىچىدىن باشقا نەرسىلەرنى تىزىم بويىچە قايتۇرۇپ بەردى. مەن ئەزەلدىن توغرا يولنى تاللىغاچقا ئۆزۈمگە گەپ كەلتۈرمەيتتىم. كىشىلەرگە  زىيان يەتكۈزمەيتتىم. باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتەتتىم. ئادەتتىكى يۈرۈش-تۇرۇش ۋە گەپ –سۆزلەرگىمۇ دېھقەت قىلاتتىم . كۆزلۈك يىغىم –تېرىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ئىدى. ئومۇمنىڭ خامىنىدىكى قوناقلار سوقۇلۇپ ئامبارغا كىرىم قىلىش باسقۇچىغا كىرىپ قالغانىدى. بۇ چاغدا كىلۇنلانغان ئاشلىقنىڭ سانىنى تىزىملاپ ئامبارغا كىرگۈزۈشنى  ماڭا تۇتقۇزدى. مەن ئىشنى ئنتايىن  ئەستايىدىللىق بىلەن قېلىشىنى داۋاملاشتۇرۇدۇم. دۈيدىكى كادىر ۋە ئاممىنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئىشلار پۇختا ۋە ئىنچىكە يۈرۈشىۋاتقان  مەزگىلدە مەيدان تەشكىلىنىڭ كۆزلۈك ئاشلىق كىرىم قىلىشقا مەسئۇل قىلىپ كىرگۈزگەن بىر ئورگان كادىرى ماڭا پىكىر قىلىپتۇ. ئۇ مېنىڭ يۇقىرى تەركىپ ئىكەنلىكىمنى بىلەتتى. ئۇ كادىرلارغا :«بۇ ئىشىڭلار بولماپتۇ، ساپ نەرسىگە غوجام ئارلىشىپ  قاپتۇ. موشۇنداق موھىم ئىشنى يۇقىرى تەركىپ ئائىلىسىگە تۇتقۇزۇپ قۇيغۇنىڭلار نىمىسى» دىگىنىدەك گەپلەرنى قىلىپتۇ. دۈيجاڭ ئۇنىڭغا جاۋابەن: «بۇ بالىنىڭ مەدەنىيەت  سەۋىيسى بار ، نىيىتى دورۇس، ئىشەنچلىك، ئەگەر مەسىلە چىقىپ قالسا ئۆزۈم ئىگە - دەپتۇ . مەن دۈيجاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ روھلىنىپ يۈرگەن بولساممۇ ھېلىقى  كادىرنىڭ گېپى مېنى رەنجىتىپ قويدى. شۇ كۈنلەردە بىرەرسى ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ: «ھازىر جۇڭياڭنىڭ سىياسىتىدە دوستنى كۆپەيتىش، دۈشمەننى ئازايتىش، ، تەربىيىلەپ كېتىشكە بولىدىغان پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ–يېتىشتۈرۈش دېگەن سىياسەتلەر تەكىتلىنىۋاتىدۇ، شوڭا ئۆمىتۋار بولغىن ئۇكام»دېدى. مەن ئۇ سۆزلەر بىلەن دەماللىقچە ئۇسسۇزلۇقۇمنى قاندۇرغان بولساممۇ تۆۋەندىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ يەنىلا روھىم چۈشكۈن – ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكەن ئىدىم.


دوزاخ ئۆي


«سىنىپى كۆرەش تۇتقا، تۇتقا تۇتۇلسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ»دېگەن بۇ  سىياسەت ئەينى يىللاردا بىر مەزگىل ئۆز رولىنى كۆرسەتتى. بۇ مەزگىلدە يىغىن ئېچىش توختىمايتتى. كۈندۈزى ئېتىز ئەمگىكى قىلغان دېھقانلار كەچتىكى مەجبۇرى يىغىنغا قاتناشمىسا قەتئى بولمايتتى. يىغىن مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئىنتايىن ئاز تىلغا ئېلىناتتى. يىغىن سىنىپى كۆرەشنى چىڭ تۇتۇش، سىنىپى كۆرەشكە دائىر ماتىرىياللارنى ئوقۇش، مەركەزدىن تۆۋەنگىچە بولغان تۈرلۈك ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش ۋە باشقا ماتىرىياللارنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۇندىن باشقا ھەر بىر مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنىڭ مەزمۇنىغا بىرىكتۈرۈپ تۆت خىل ئۇنسۇرلارنى كۆرەش، پىپەن قىلىپ ئۇلاردىن ھېساپ ئېلىش قاتارلىق ئىشلار  بىلەن  ئاخىرلىشاتتى. شۇ كۈنلەردە دۈينىڭ يىغىن ئاچىدىغان قۇلايلىقراق بىر ئورنى بولمىغاچقا شۇ شارائىتنى كۆزدە تۇتۇپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە خام كاھىشلىق ئىككى ئېغىزلىق ئۆي سېلىپ پۈتكۈزدى. بۇ ئۆي ھەممىگە قولايلىق قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ كۆرەش ، پىپەن قىلىدىغانلارنى ئۆرە تۇرغۇزۇشقا ، ئولتۇرغۇزۇشقا ، باشقا ئامما ئازادە ئولتۇرۇشقا بولىدىغان شارائىت ئاستىدا ئاستىدا سېلىنغان ئىدى. ئۆينىڭ سىرتقى بىر تەرىپىدە كىچىككىنە كۆل، يەنە بىر تەرىپىدە دۈينىڭ خامىنى بار ئىدى. ئۆينىڭ ئالدى تەرىپى كۈن چىقىشقا قارىتىلغان بولۇپ قارشى تەرىپىدە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان دۈينىڭ چارۋا –مال قوتىنى بار ئىدى. يېقىن ئەتراپى دېھقانلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى بولۇپ ، يىغىن ئۆيىگە كېلىپ-كېتىشكە قولايلىق بولغاچقا كىشىلەرمۇ دېگۈدەك كۆنۈپ كەتكەنىدى.
ئېتىز ئىشلىرى ئاخىرلاشقان قىش كۈنلىرىدە بولسا ئودا يىغىن ئېچىلاتتى. بۇ چاغلاردىمۇ ئوقۇيدىغان ماتىرىيال، قىلدىغان گەپلەرمۇ  تۈگىمەيتتى. يىغىن ئېچىلىۋاتقان ھەر قانداق شارائىتتا تۆت خىل ئۇنسۇرلار قوتاندىكى قىغلارنى چىقىراتتى. قىغلار تۈگىسە ئوتۇن ياراتتى. ئۇلار ھەمىشە يوۋاشلىق بىلەن ئىشلەيتتى. ھە دېسىلا يىغىن مەيدانىغا ھەيدەپ كېرىلىپ كۈرەش پىپەنگە سېلىناتتى. ئۇلار ئىشىكتىن كىرىشىگىلا :« سىنىپى دۈشمەنلەرنى يوقىتايلى، سىنىپى كۆرەشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارايلى. ...»دېگەندەك شۇئارلار ئويىنى ئۆرۈۋەتكۈدەك تۇتۇۋىلىناتتى. بىر كۈنى ئۇلار ئوتتۇرىدا ئولتۇرغۇزۇلۇپ سوراققا تارتىلۋاتقاندا ئامما ئارسىدىكى بىرسى بىر قاتتىق نەرسىنى پوتىنىڭ ئوچىغا چىگىپ تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن. ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن قوپۇپ ئۇ يەردە ئولتۇرغان 5كىشىنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ بىردىن ئۇرۇپ چىقتى. دادام ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز ۋە كېسەلچان ئادەم بولغاچقا تاياقنى كۆتۈرەلمىدى. ئۇ دۈم چۈشۈشى بىلەن ئاكا – ئۇكا ئىككىمىز كىلىپ يۆلەپ تۇرغۇزدۇق. دادام ئوزىچە ئۆرە بولالمىدى. بىز رۇخسەتكە ئاساسەن دادىمىزنى ئۆيگە ئېلىپ كەتتۇق. دېمى سىقىلىپ تىنالماي ئۆيدە ياتتى. ئۇ چاغلاردا باشتۈغراقنىڭ داۋالاش شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا ، دادامنى سامپۇلغا ئېلىپ كەتتۇق، دادام بىزگە: « سىلەر ئىشىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، ئۇلارغا يامان كۆزدە بولماڭلار، بۇ دېگەن تەقدىر ساقايساملا يەنە ئەمگەككە قاتنىشىمەن. »دېدى. دادام ھەمىشە مۇشۇ يۇسۇن بويىچە سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ كەڭ قۇرساق ۋە ئەپۇچانلىق روھى ماڭا كۆپ تەسىر قىلغانىدى.
يىغىنلار ئاۋۋالقىدەك  داۋاملىشىپ مېڭىۋەردى. ۋەزىيەت جىددى ۋە كەسكىن بولغاچقا ھەر قانداق ئىشتا ئۆزۈمگە گەپ كەلتۈرمەسلىككە  تىرىشاتتىم. ئۆزۈمنى ئاياش شەرتى ئاستىدا يىغىنغا بالدۇر كېلەتتىم. بىرەر قېتىممۇ كېچىكىپ قالمايتتىم. قىسمەن چاغلاردا يىغىننىڭ باشلىنىشى ۋە باشلىنىپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرى تەركىب ئائىلە تاۋاباتلىرىنى يىغىن مەيدانىدىن تۇيۇقسىز چىقىرۋىتىپ  سىرتتىكى سوغۇقتا ئۆگىنىشكە  سېلىش جازاسى ببرىدىغان يېڭى ئىشنى پەيدا بولدى. مۇشۇنداق .ئىشلار پات-پات كۆرۈلۈپ ئاممىدىن ئايرىۋىتىلەتتۇق. يوقىردىن بىزنى «تەربىيەلەپ كېتىشكە بولىدىغان پەرزەنتلەر» دېسە بۇ يەردىكىلەر بىزنى «ئالا كالىنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق»ئۇلار ئۆزگەرمەيدۇ دەيتتى.
بىر كۈنى ئادەت بويىچە يىغىن داۋاملاشتى. ماتىرىيال ئوقۇلۇپ بىر يەرلىرىگە كەلگەندە تۆت خىل ئونسۇلار يەنە ھەيدەپ كېرىلدى. شوئارلار توۋلىنىپ ئۇلارنىڭ قوللىرى كۆتۈرگۈزۈلدى. ھىساپ ئېلىش يەنە باشلاندى. بۈگۈنكى يىغىننىڭ كەيپىياتى باشقىچىرەك ئىدى. ئۇلار مۇشت-تېپىكلەر ئىچىدە شۈكلىشىپ قالغان بىرسىنىڭ «ئەمدى  ئۇرماڭلار، توختاپ قېلىڭلار، ئۇلار يەنە لازىم بولىدۇ، ئەتە يەنە ئەمگەك قىلىدۇ دىيىشى بىلەن جىم بولۇشتى. بۇ چاغدا ئىنىم بىلەن ئىككىمىز بۇرجەكتە ئولتۇراتتۇق. بىرسى بىزگە : « داداڭلار بۇ يەردە بولمىغاندىكىن ھىسابنى سەنلەردىن ئالساق بۇلاتتى، ئەمما بۇ قېتىم مەيلى ، دىيشىگە ئىنىم: «ئۇنداق ھىساپنى بىز بېرەلمەيمىز» دېدى،-«ھەي شۇمتەك، بىزگە  گەپ ياندۇرغىدەك بولدۇڭمۇ، سەنلەر بېرەلمىسەڭ بىز ئالالايمىز، يوۋاش بولۇش، ئىنامىڭغا پېتىش، ھۇ مەدەكلەر دەپ تىللىدى. بىز قورققىنىمىزدىن تۈگۈلۈپ بۇرجەككە تېخىمۇ كېرىپ كەتتۇق.
دۈي بويىچە ئېچىلغان يىغنلاردىن باشقا قىسمەن چاغلاردا دادۈي بويىچە پەۋقۇللادە چوڭ يىغىن ئېچىلاتتى. بۇ يەردىكى يېغىنلارمۇ مەخسۇس ئاتاپ سېلىنغان دادۈينىڭ چوڭ ئۆيىدە بولاتتى. يىغىننىڭ خاراكتىرى ئوخشاش بولۇپ كۆپىنچە سىنىپى كۆرەشكە دائىر ئېچىلاتتى. بۇ ھەقتە ماتىرىيال  ئوقۇلۇپ  تۆگىشى بىلەنلا كۆرەش پىپەن باشلىناتتى.
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەشەددى بىر يىغىن ھېلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ، كەچ ئىدى. قورقۇنچلۇق شۇئارلار ئىچىدە دادۈي بويىچە قالپىقى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئارقا-ئارقىدىن ھەيدەپ كېلىندى. ئۇلار سەھنىدە تۇرغۇزۇلۇپ ھىساپ ئېلىش باشلاندى. يىغىننىڭ ھەيۋىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئارىلاپ-ئارىلاپ شۇئارلار ئۆزۈلمەيتتى. يىغىن مۇشۇنداق داۋاملىشىۋاتقاندا توك چىراقلار تۇيۇقسىز ئۆچۈرۈلدى، قىيا –چىيا، چوقان ، سۆرەنلەر ئىچىدە تاياق، تىپىك ،مۇشت ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ كەتتى. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ يەردە كۆرەش. ، پىپەن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يارىلىنىپ ئىڭراپ يېتىشاتتى. چىراقنىڭ قايتا يېنىشى بىلەن ھەممە نەرسە ئاشكارا بولدى. ھەممە ئىش پەسكۇيغا چۈشتى. يارىدار بولغانلارنى بالا-چاقىلىرى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئېلىپ كىتىشتى. بۇ ۋەقە ئىنقىلاۋى ئامما ئىچىدىكى بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كىشلەرنىڭ شەخسى ئۆچمەنلىكى تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەنىدى. ئەمما ئۇ دەۋىردە ھېچكىم قالپىقى بارلارنى تاياقتىن  توسۇشقا ،ئىچ ئاغرىتىشقا پېتىنالمايتتى.  مەن ئەسلىدە ئورنىدا بايان قىلىنغان بۇ ئىش ئىشلار ئاشۇ يىغىن ئۆيىدە ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىمنىڭ  ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بولۇپ بۇ ئۆيدە يۇمران دىللىرىم تالاي  قېتىم يانچىلىپ ، گۈللىرىم سۇ ئىچەلمەي سولغان ئىدى.
ئوزون يىللار ئۆتتى. دەۋىر ئالماشتى. شۇ يىللادىكى كىشلەرنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ نەۋرىلىك بولدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاق ساقاللىق بىر بوۋاي شۇ ئىشلارنى ئەسلەپ يۈرۈپتىمەن. مەن يېقىندا ئۆتمۈشنىڭ يالدامىسى بولغان ئاشۇ يەرلەرنى قايتا كۆرۈش ئۈچۈن ئەللىك كېلۇمىتردىن ئارتۇق يول بېسىپ باشتۈغراق يېزىسىغا كەلدىم. بۇ يەردىكى يېڭى ئەۋلاتلار ئىچىدە ھېلىقى ئۆينىڭ ئورنىنى بىلىدىغانلار چىقمىدى. كونىلار ماغدۇرىدىن كەتكەچكە ئۇلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمىدىم. مەن ئۆزۈمچىلا ھەركەتلىنىپ ئۇ يەردە  يېقىنلاپ كەلدىم. سىنچىلاپ ئىنچىكە كۆزىتىشىم ئاخىرى نەتىجە بەردى. ئەينى يىللاردىكى كىچىككىنە كۆلنىڭ ئىزىنى تېپىش بىلەن ئۆي ئورنىنى موقىمداپ چىقتىم. مەن بۇ ئۇرۇندا تۇرۇپ ئەتراپقا قارىسام بۇ يەردە شۇ يىللاردىكى مۇنبەتچىلىكتىن قىلچە ئەسەر قالماپتۇ. بۇ يەرلەر شورلىشىپ ئاندا- ساندا يولغۇندىن باشقا ھېچنەرسە كۆزۈمگە چېلىقمىدى. مەن ئۆي ئورنىغا ۋە ئەتراپقا يەنە بىر قېتىم قارىدىم. بۇ چاغدا خىياللىرىم چېچىلىپ بۇ ئۆيگە بولغان ئۆچمەنلىكىم نېمىشقىدۇر يوقاپ ئۇنىڭ ئورنىنى شۇ يىللاردىكى ياشلىقىمنى سېغىنىش ئىگەللىدى.
كۈن كېرىپ كېتەي دېگەندە بۇ غېرىبانە يەردىن ئايرىلىپ يېڭى مەھەللە تەرەپكە يول ئالدىم.


ئاچچىق سۇ ئامبىرىدا



ئاچچىق سۇ ئامبىرى كوئىلۇن تاغلىرى ئېتىكىدىكى جەنۈبتىن شىمالغا سۇزۇلغان ئاچچىق باشقۇرۇش رايوننىڭ ئاخىرقى تۆگەنچىسىدىكى ماك توقىيى بوغىزىغا قۇرۇلغان كېچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى ھىساپلىنىدۇ. بۇ قۇرلۇشقا لوپ ناھىيەسىدىكى پۈتۈن ئەمگەك كۆچىنىڭ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق قان-تەرى سىڭگەن بولۇپ 1968-يىلى ئىش باشلاپ 1971-يىللىرى ئاساسى جەھەتتىن ئاخىرلاشقان.
مەن شۇ دەۋىردە تېخى كېچىك بولساممۇ دۈينىڭ بويرىقىغا ئاساسەن بۇ سۇ ئامبىرنىڭ قۇرلۇش ئەمگىكىگە ئىككى قېتىم چىققان ئىدىم. بىرىنچى قېتىمدا قورلۇشنىڭ ھولىنى تۇتقان تۇنجى مەزگىل ئىدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەمگەك ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ ئەمگەك كۈچى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئىككى چېقىل ئوتتۇرىسى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئىشنى يەڭگىللىتىدىغان ھېچقانداق بىر ئەمگەك قۇرالى بولمىغاچقا كەتمەن بىلەن تاغارغىلا تايىنىلسىمۇ  دېھقانلارنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى. ھەر بىر ئىش ئورنىغا قىزىل بايراقلار قادالغان ، تۆمۈرچى ئاددى كانايلاردا ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۆزۈندىلەر ئوقۇلۇۋاتقان ھالەتتە ئىش مەيدانلىرى جانلىنىپ كېتەتتى. ئۇندىن باشقا دول يېزىسدىن چىقىپ بۇ يەردە ئەمگەك قىلىۋاتقان دېھقان خەلق ناخشىچىسى سۇلايمان ئاكا ئېيتقان جاراڭلىق ناخشىلار ئىككى تاغ ئارىسىدا ئەكس سادا قوزغاپ بۇ يەرنى زىل-زىلىگە سالغان ئىدى. ئۇ تاغاردىكى توپىنى يۈدۈپ ناخشىسىنى توۋلاپ ماڭغاندا نۇرغۇن ياشلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ناخشىغا جۇر بولۇپ كەينىدىن ماڭاتتى. ئۇلارنىڭ مېڭىۋاتقاندىكى ھالىتى خۇددى بىرخىل رىتىمدا  تەڭشەككە چۈشۈۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ئەگەشمىگەنلەر سىرتتىن ئاڭلاپ ھوزۇر ئالاتتى. مۇقام تۈسىنى ئالغان بۇ جاراڭلىق ناخشىلار ھەر قانداق كىشىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىراتتى.
يايرىم كۆڭلەك كىيىپتۇ،
گۈلى يوغان تاۋادا.
دۈشمەنلىك بولۇپ قالدۇق،
سۆزلەشمەيلى تالادا ،
گەپلەشمەيلى بازاردا...
يوقارقى ناخشا سۇلايمان ئاكا ئەينى يىللاردا ئاچچىق سۇ ئامبىرىدا ئېيتقان ناخشىلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ خەلق ئونى تا بۈگۈنگىچە ئېسىدە ساقلاپ كەلمەكتە.
مەن ئاچچىق سۇ ئامبىرىغا ئىككىنچى قېتىم چىققاندا  ئىش نىسپى بولغان ئىكەن. مەن بىر ھەپتە نورمال ئەمگەك قىلغانىدى كېيىن ئۆشنەمدىكى تاغار ئۆزلىكىدىن سىيرىلىپ كەتتى. ئىش مۇنداق بولغان ئىدى. .
بىر كۈنى توغان ئۈستىدە ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا بىر تاغار توپىنى يۈدۈپ كېتىۋاتسام گوڭشى مەسئۇلى مەتكىرىم توختى ئاكا مېنى ئالاھىتەن چاقىرىپ سالدى. ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەمدىن تارتىپ ئۇجۇر –بۇجۇرىغىچە سوراپ كەتتى. مەن باشلىقنىڭ بۇ سوئاللىرىغا ھەيران قالدىم. ۋە گاڭگىراپ تۇرغىنىمدا  ئۇ يەنە :«ئۇكام مۇھىم بىر ئىش بار، مەن ھازىر سىزدەك بىر ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىمەن. گەپنىڭ قىسقىسى  سىز بۆگۈندىن باشلاپ بۇ يەرنىڭ ئىستاستىكا خىزمىتىنى ئىشلەپ  بىرىڭ.«بىلمىگەن ، تالغان يەرلىرىڭىزگە مەن بار» دېدى. مەن ئۇ سۆزلەرگە ۋە ئۆزۈمگە ئىشەنمىگەندەك لام –جىم دېمەي تۇرۇپ قالدىم. مەن يەنە بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ تورغىنىمدا ئۇ :«بولدى سۆزلىمەڭ،يۇقىرى تەركىب ئائىلىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، ئۆزۈم قىلغان ئىشقا ئۆزۈم ئىگە، ماڭا ھازىر جانغا ئەسقاتىدىغان ئادەم كېرەك. ھازىردىن باشلاپ ئىشنى قولىڭىزغا ئېلىڭ» دېدى ئۇ كەسكىن ھالدا . مەن شۇ كۈندىن باشلاپ قولۇمغا قەغەز –قەلەم ئېلىپ  توغان ئۈستىگە  تۆكۈلگەن توپىلارنى كۇپلاپ تاپشۇرۋېلىشنى باشلىدىم. پۇزىتسىيەم ئىلمى، خىزمىتىم ئەستايىدىل بولغاچقا ئەمگەكچى ئامما مىنى تەبىيلا ياقتۇرۇپ قېلىشتى. مەن ئوزۇن ئۆتمەي باشلىقنىڭ پىكىرى بويىچە ياتىقىمنى يۆتكەپ كېلىپ مەش قۇيۇلغان چېدىرغا ئورۇنلىشىپ قالدىم. بۇ چېدىر سەرەمجانلاشتۈرۈلغان ئىشخانا ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشخانىدا ھەم ياتاقداش ھەم خىزمەتداش بولۇپ ئۆز –ئارا پىكىرلىشىپ خىزمەتلەرنى مۇلاھىزە قىلاتتۇق. ئۇ ماڭا ئۆز ئىنىسىدەك مۇئامىلە قىلىپ كەلگەچكە روھىممۇ كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئىدى. ئەمما بۇ كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. شۇ كۈنلەردە مەلۇم ئىھتىياج سەۋەپلىك دادۈينىڭ ئوقتۇرىشى  چىققاندىن كېيىن ئاچچىق سۇ ئامبىرىدىن قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇ كۈنى باشلىقىم ماڭا:«ئىشلار ئوبدان يۈرۈشىۋاتاتتى. ھېلىمۇ ھېچقىسى يوق. دادۈيگە قايتىش بۇ يەرنىڭ جاپاسىدىن ياخشى، شۇنىسى مەن يەنە كىمنى ئىزدەيمەن. مەن گوڭشىگە قابىلراق ئىستاستىكىچىدىن بىرنى ئىبەرتىش توغرىسىدا بىر پارچە خەت يېزىپ قۇيدۇم. بۇ خەتنى سىز ئالغاچ كىتىپ تەشكىلگە بېرىپ قۇيۇڭ»دېدى. مەن ئەتىسى قايسىدۇر بور ئۇرۇننىڭ بۇ يەردىن ئۆتىدىغان ئات ھارۋىسىغا يۈك-تاقلىرىمنى تاشلاۋاتقاندا باشلىقىمنىڭ: «ۋاي ئىسىت» دېگەن بىر ئېغىز سۆزى  قولىقىمغا  كىرىپ قالغانىدى.

بوشقان باغدىكى ۋەھىمىلىك يىغىنلار


تۆت ئەتراپى قويۇق جىگدە ئورمىنى بىلەن قاپلانغان بۇ باغدا مەتنىياز ئاخۇن بوشقان دېگەن بىر پىشقەدەم دېھقان خېلى بۇرۇنلا ماكان تۇتۇپ بىر مەزگىل ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆچۈپ كەتكەن. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ يەردىكى  جىگدىلەر كىسىۋېتىلىپ ئاق يەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىمۇ شۇ كىشىنىڭ لەقەم نامى بىلەن «بوشقان باغ» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋەرگەن.
بوشقان باغ كونا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شەرقى تېمى بىلەن تۇتاش، كونا چاڭبۇغا يېقىن بولغان بەش مو چامىسىدىكى قولايلىق تۈزلەڭ ئىدى. 1969-يىللىرىدىكى خۇڭئەرسى، لىيەنزۇڭ دەپ ئاتالغان ئىككى خىل كۆز قاراشتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار دەۋرى سىنىپى كۈرەشنىڭ تازا ئوچچىغا چىققان مەزگىللىرىدە بۇ مەيدان بويىچە چوڭ يىغىن ئاچىدىغان كاتتا مەركىزى نوقتىغا ئايلىنىپ مەخسۇس يىغىن سەھنىسى ياسالغان ئىدى. تۆۋەننىڭ ھەر قايسى بولۇڭ-پوشقاقلىرىدا ئېچىلغان يىغىنلاردىن باشقا نەچچە ئون كۈندە بىر قېتىم پۈتۈن مەيدان بويىچە بۇ يەردە كاتتا يىغىنلار ئېچىلاتتى. بۇ دەۋىردە بۇ يەردىكى خەنزۇلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن 30پىرسەنتتىن ئاشاتتى. ھەر قېتىملىق يىغىن باشلىنىشتىن بورۇن يۇقىرى بېسىملىق رادىئۇ كانىيىدىن قۇيۇپ بىرىلگەن ئىنقىلاۋى مۇزىكىلارنىڭ ياڭراق ئاۋازى كەڭ زېمىننى زىل-زىلىگە سالاتتى. يىغىن مەيدانى بىر خىل سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىۋاتقاندا تەرەپ-تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئىنقىلاۋى ئامما رەتلىك قەدەملىرى بىلەن سەپ تارتىپ ،داقا-دۇمباقلىرىنى بولۇشىغا چېلىپ، بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىرىنى ياشىسۇن دېسە، بىرىنى يوقالسۇن دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ، بىرنىڭ كەينىدىن –بىرى ئولىشىپ مەيدانغا كىرىپ ئورۇن ئېلىشاتتى.قوشۇن مەيداندىن ئۇرۇن ئېلىپ بولغانىدى كېيىنمۇ خېلى ئوزۇنغىچە دۇمباق ۋە شۇئار سادالىرى توختىمايتتى. ھەر قېتىملىق چوڭ يىغىن مۇشۇ تەرتىپ  مۇشۇ شەكلى بويىچە  باشلىناتتى. ھەر قېتىملىق يىغىننىڭ  خاراكتىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى. بەزى چاغلاردا مەركەزنىڭ ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش ۋە باشقا يوليۇرۇقلىرى بىۋاستە ئوقۇپ يەتكۆزۈلگەندىن كېيىن، ئىنقىلاۋى ۋىييۇەنخۇينىڭ مەسئۇللىرى ئارقا –ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ ئورۇنلاشتۈرۈش قىلاتتى. ئەمما بۇنداق ياۋاش، نورمال يىغىنلار ئاز ئېچىلاتتى. سىنىپى كۆرەش يىغىنى ئېچىلغاندا ھەر قايسى جايلاردىكى قالپىقى بار تۆت خىل ئۇنسۇلار ئېلىپ كىلىنىپ سەھنىگە تۇرغۇزۇلاتتى. ئۇلار ئىچىدىكى بىر-قىسىم قېرى-چۆرە، كىسەلچانلىرى ھاسا تايىنىپ كەلگەن بولسا ھاسىللىرى تارتىۋېلىنىپ سۇندۇرۇپ تاشلىناتتى ھەم مەجبۇرى ئۆرە تورغۇزۇلاتتى. بۇنداق چاغلاردا شەخسى ئۆچى بارلار سەھنىگە دەرھال سەكرەپ چىقىپ ئۇلارنى ئۇرۇپ-تىللاپ تەن جازاسى بېرەتتى. ئۇنداقلار شۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە ئاكتىپ رول ئوينىغان ھىساپلىناتتى. بۇنداق ئىشلارنى  ھاي  دىيىشكە ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايتتى. بۇنداق يىغىنلار ئارىلاپ- ئارىلاپ ئېچىلىپ قالاتتى. بەزى يىغىنلار نورمال ئېچىلشىنى مەقسەت قىلىپ باشلانسىمۇ كېيىن شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىپ، باشقۇرۇشقا ئامالسىز قىلىناتتى.  بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئىش ھېلىغىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ؛ ئۆز نۆۋىتىدە   ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا ھېلىقىدەك دەبدەبە بىلەن يىغىن مەيدانىدىن ئورۇن ئېلىپ جىم بولۇشتى. ئەمما كۆتۈلمىگەندە مەيداننىڭ سول تەرىپىگە تىزىلغان بىر توپ كىشىلەر تۇيۇقسىز ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ كۆپ سانلىق كىشىلەرگە قارىتىپ شوئار توۋلاشقا باشلىدى. قارشى تەرەپمۇ ئۇلارغا قارىتىپ شوئار توۋلاشقا باشلىدى. بۇ شۇ چاغدىكى كۆز قارشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ  بىر-بىرى بىلەن تىركەشكەن زىددىيەتلىك كۆرەشلىرى ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمۇ –قارشى شۇئارلارنى توۋلاۋېرىپ، ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ كېتىشتى. يىغىن سورۇنى پاتپاراق بولۇپ كەتتى. مەن بۇ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن ھەيران قالسام ، يەنە بىر تەرەپتىن يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدىم. يىغىن باشقۇرغۇچىلارمۇ ئامالىسز قېلىۋاتقاندەك، نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ قېلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ ۋەقە يىغىن باشلىنىشتىن بورۇن يۈز بەرگەچكە رىياسەتچى يىغىننىڭ نېمە مەقسەت، نېمە مەزمۇندا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا  ئۆلگۈرەلمىگەنىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەسلى مەقسىدىنى بىلگىلى بولمايتتى. كېيىن بۇ مەيداندىكى ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشلار ئىسىمدە قالماپتۇ.
ئۇندىن باشقا بوشقان باغدىكى يىغىن سەھنىسىدە ئىنقىلاۋى كىنۇلار كۆپ قۇيۇلغاندىن باشقا شۇ تەرىقىدىكى ئۇسسۇل، ناخشا، كومىدىيىلەر  كۆپ ئوينىلاتتى.

پىشقەدەم كادىرنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىشى

1967-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولسا كېرەك. باشتوغراق مەيدانىنىڭ خەنزۇلار كەنتىدە بىر قىسىم ناتونۇش كىشىلەر پەيدا بولۇپ ئۇلارنىڭ سانى ئايمۇ-ئاي ئېشىپ باردى. ئۇلار مەدەنىيەت سىڭگەن سالاپەتلىك كىشىلەر بولۇپ يەرلىك دېھقانلاردىن خېلىلا پەرقلىنىپ تۇراتتى.مەن ئۇلارنىڭ كىملىكنى، نەدىن كەلگەنلىكنى بىلمەيتتىم. ئۇ چاغلاردا ئېرىق –ئۆستەڭ چېپىش، يوللارنى رىمنوت قىلىش، ئورمان تىكىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئوپچە ئەمگەكلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا بىز ئۇلار بىلەن ئاشۇنداق يەرلەردە كۆپرەك ئۇچرىشاتتۇق. كېيىنچە ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ۋە نەدىن كەلگەنلىكىنى ئانچە-مۇنچە بىلىۋالدىم. ئۇلار ئەسلىدە ۋىلايەت-ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان. رەھبەر ۋە ئورگان كادىرلىرى ئىكەن.  ئۇلار مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھوقۇق تارتىۋىلىش كۆرىشىدە ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغان كىشىلەر ئىكەن. ئۇلار ئاساسەن خەنزۇ مىللىتىدىن تەركىب تاپقاچقا  تۇرمۇش، يېمەك- ئىچمەك جەھەتلەردە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، باشتۈغراقتىكى خەنزۇ دېھقانلار بىلەن بىللە يېتىپ قوپۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ نازارەتچىلىكى جاپالىق شارائىتتا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمىسەممۇ تەخمىنەن 20دىن ئاشاتتى. ئۇلار دېگۈدەك ئاڭلىق كىشلەر بولغاچقا ۋەزىيەتنى توغرا چۈشەنگەن، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىقلىق بىلەن قوبۇل قىلغان ، دېھقانلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتكەن ، تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا، بولۇپ باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرگەن. كوللىكتىپ ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن. ئەمگەك ۋە باشقا پائالىيەتلەردىن سەۋەپسىز  ئايرىلمىغان، بولۇپمۇ يايلىغان دائىرىسىدىكى  سۇ قۇرلۇش، يول قۇرلۇش، ئەمگەكلىرىدە شۇ يەردىكى  ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
ئۇ زامانلاردا مەن تېخى كىچىك بولغىنىم بىلەن جەمىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە  ناھايىتى دىققەت قىلاتتىم. ئىجابى ياكى سەلبى بولسۇن جەمىيەتتە ئالدىن رول ئوينىغان ئالاھىدە داڭلىق شەخىسلەرگە بەك دىققەت  قىزىققاتتىم.
ئېتىز ئەمگىكى راسا قاينىغان كېيىنكى يىلنىڭ ياز پەسلى ئىدى. بىر كۈنى دېھقانلار ئارىسىدا :« خوتەن دىۋىينىڭ شۈجىسى خۇاڭچىڭ كەپتۇ كەپتۇ، ئۇ چېلەك زاكۇدىكى تۆتەندە جىگدە ئورمانلىرىنى چاتاۋېتىپتۇ. ئۇنىمۇ تارتىپ چىقىرىپ بۇ يەرگە ئۆزگەرتىشكە ئىبەرتكەن ئوخشايدۇ »دېگەندەك گەپ-سۆزلەر پەيدا بولدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ دىۋىي شۈجىسىدەك  چوڭ رەھبەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، تەققى تۇرقىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن قىززىقىپ قالدىم . شۇ كۈنلەردە بىز دۈي ئەزالىرىنىڭ ئەمگەك ئورنى سەل يىراق بولغاچقا چېلەك زاكودىكى توتەنگە بېرىش پۇرسىتى بىر قېتىملىق چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئاران قولغا كەلدى. مەن ئالدىراپ–تىنەپ ئۇ يەرگە بارسام جىگدە چاتاۋاتقان بىرەر كىشى كۆرۈنمىدى. مەن ئورمان ئېتىزلىرىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئالا قۇيماي ئىزدەپ يۈرۈۋاتقىنىمدا يېڭىلا كېسىپ تاشلانغان جىگدە شاخلىرى ئۇچراپ قالدى. . بۇ يەردە بىر دانە چىغ قالپاق ئورمانغا ئېسپ قۇيۇلغان ، بىر جۈپ لاتا خەي قىر ئۈستىگە تاشلاپ قۇيۇلغان ھالەتتە تۇراتتى. بۇنىڭدىن جىگدە چاتىغۇچىنىڭ تاماققا ياكى دەم ئالغىلى كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. مېنىڭمۇ ۋاقتىم توشۇپ قالغاچقا قايتىپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئىش قىلىۋاتقان ئورنىغا قايتا بېرىشقا ۋاقىت چىقمىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي خۇاڭچىڭنى پىپەن قىلىشقا دائىر بېسىپ تارقىتىلغان بىر پارچە كىتابتا ئۇنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ قارامتۇل، سېمىز، بېشىغا شەپكە كىيىۋالغان ھالەتتىكى ئادەم ئىدى.
ئەمگەك   بىلەن ئۆزگىرىۋاتقان ھېلىقى كادىرلارنىڭ بۇ يەردىكى ۋاقتى بىر يىلدەك بولدى. مەن بىرسى بىلەن پەۋقوللادە ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىپ قالغان ئىدىم. ئۇ ماڭا: « مەن خۇاڭچىڭنىڭ كاتىۋى »دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە: « بۇ يەرگە كۆنۈپ كەتتىم، بۇ يەرنىڭمۇ ھاۋاسى ياخشى ئىكەن، تاماقنىمۇ كۆپ يەيدىغان بولدۇم. شۇنىسى پات ئارىدا خىزمەت ئورنۇمغا قايتىدىغان ئوخشايمەن» دېگەن ئىدى. ئۇلار شۇ بىر يىل ئىچىدە بىر-بىرلەپ كىتىپ تۈگىدى.
1985-يىللىرى بولسا كېرەك، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شۇ چاغدىكى كاتىۋى ھەسەن توختى ئاكىمىز مەلۇم بىر ماتىرىيال  ئىزدەش ئىشى بىلەن مېنىمۇ بىللە خوتەنگە  ئېلىپ باردى. بىز ئالدى بىلەن ۋىلايەتلىك پارتكوم قورۇسىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن ئۆتۈپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بىر تونۇشىمىزنى  بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. ھېلىقى يىللاردا «مەن خۇاڭچىڭنىڭ كاتىپى..» دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ بىزنى كۆرۈپ ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيتتى. « مەن ھەر ئىككىڭلارنى تونۇيمەن. خۇڭچى نۇڭچاڭدا ئەمگەك بىلەن چېنىقىۋاتقاندا ناھايىتى ساغلام كۆچلۈك بولۇپ كەتكەنىدىم. قوللىرىمغا قاراپ ھازىر پاختىدەك بولۇپ كەتتى. بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. مەن ھېلىمۇ ئۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن. سېغىنىمەن. قېنى ئېيتىڭلار بۇ يەرگە نېمە مەقسەت، قانداق ئېھتىياج بىلەن كەلدىڭلار ، مەن ياردەملىشىدىغان ئىش بارمۇ دېدى. بىز سان-سىغىرغا دائىر ماترىياللارنىڭ ئېھتىياجى    بىلەن كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق،ئۇ ئالدىمدا چېپىپ يۈرۈپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىپ ئىشلىرىمىزنىڭ يەڭگىل ھەل بولىشىغا ياردەمدە بولغانىدى.


ئوتۇن سېتىۋالغىلى كەلگەن ھاكىم


1968 –يىلى كونا داڭ چاڭۋىي ئىشخانىسنىڭ ئالدى يان تەرىپىدىكى بىر پارچە ئورمان ئېتىزىدا بۆككىدە ئۆسكەن جىگدە كۆچەتلىرى تۇمۇزنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ئۆز ئەتراپىغا سايە تاشلاپ تۇرغاچقا بۇ يەر ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ بىردەم –يېرىم دەم راھەتلىنىپ ئۆتىدىغان ئارامگاھىغا ئايلىنىپ قالغان  ئىدى. ئۇزۇن- ئۇزۇندا ئاران بىر قېتىملاپ سۇ كۆرىدىغان  قۇم تۇپراق خۇددى ئىككى قات كۆرپە ئۈستىدەك راھەت ئىدى. مۇشۇ كۈنلەردە بۇ يەرنى كۆڭلى تارتىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى.
بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا ئىسسىق قاينىدى، مەن مۇھىم بىر ئىش بىلەن بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئاشۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئولتۇرغان بىرسى ماڭا تونۇشتەك كۆرۈندى. مەن ئالدرىغىنىمغا قارىماي ئۇ تەرەپكە بېرىپ سالام قىلدىم. ۋە ئۆزەمنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇم. ئۇ بىر ئىشلارنى ئەسكە ئالغاندەك قىلىپ ئازراق سۈكۈتتىن كېيىن ئاخىرى مېنى تونىدى. ئۇ ئەسلىدە 1963-1964-يىللاردىكى لوپ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمى مەمتىمىن توختى ئاكا بولۇپ مېنىڭ ئانا جەمەت شىرەم تۇغقىنىم ئىدى. كېيىن ئۇ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك سۇ ئىدارىسنىڭ باشلىقى، ۋىلايەتكە بېۋاستە ئۈچ ئامبۇلاتۇرىيەنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىكەن.
50 ياشلار ئۆپچۈرىسدىكى بۇ ئادەمنىڭ چىرايى سۇلغۇن، غېرىپلىق، يالغۇزلۇق ئىپادىلىرى شۇ تۇرقىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ئامما ئۇ ھېيىقىشقا ئەرزىيدىغان ئادەم بولسىمۇ مەن قورۇنمايلا گەپ باشلىدىم. بۇ يەرگە  نېمە ۋەجىدىن كەلگەنلىكىدەك سوئاللارنى سورىغىنىمدا ئۇ بالام:«ھازىر خوتەندە كۆمۈر ناھايىتى  قىس، شەھەر ئىچىدىكى ئىدارە –ئورگانلار قىش غېمىنى قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئىدارىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلىۋاتىمىز، بىر ماشىنا ئوتۇن كىتىپ بولدى. يەنە بىر ماشىنا ئوتۇن سېتىۋالساق ئىش پۈتىدۇ. ھەمراھىم شۇ ئىش بىلەن يۈرۈيدۇ»دېدى، ئەمما ئۇ مەن ئاڭلىماقچى بولغان مۇھىم سۆزلەرنى قىلمىدى. مەن سوراشقا پېتىنالمىدىم. كېيىن ھەممە ئەھۋالنى ئۇقتۇم. گەپنىڭ يىغىندىسى مۇنداق ئىدى: مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىكى ھوقۇق تارتىۋېلىش كۆرىشىدە ئۇ ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ نەزەر بەند ئىچىدە يۈرۈۋاتقان كۈنلەردە ئۇنى بىر ئادەمگە  قوشۇپ بەشتوغراققا ئوتۇن سېتىۋالغىلى ئىۋەتكەن ئىكەن.   
بىز قىزغىن پاراڭلاشتۇق، ئۇ ھەر بىر سۆزىدە  ماڭا« بالام» دېگەن سۆزنى ئىشلىتەتتى.  
مەن بۇ سۆزدىن بىر خىل ئىللىقلىقنى ، بىر خىل مېھرىبانلىقنى ھىس قىلاتتىم. بىز جىگدە سايىسىدە بىر دەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆيۈمگە بېرىشقا  قوشۇلدى. بىزنىڭ ئۆي ئانچە يىراق بولمىغاچقا يولدىكى پارىڭىمىز تۆگىمەستىنلا ئۆيگە كەلدۇق. ئۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ، يېيىلىپ كۆڭۈل ئازادىلىكىگە چۈمگەندەك قىلاتتى. ئۆزى ئاددى ۋە ھاۋالىق ئىشلىگەن ئۆيۈمنىڭ ھويلىسى ناھايىتى سالقىن ۋە پاكىز ئىدى. سۆكىدىكى بورا ئۈستىگە  بىر پارچە كىگىز سېلىنغان بولۇپ، قانداق ئولتۇرساڭ شۇنداق ئولتۇرۇپ دەم ئالغىلى بۇلاتتى. ھاكىم شۇ يەرگىلا ئۆزىنى تاشلىدى. باش كىيىمنى ئېلىپ چۆرۈۋەتتى. جوڭىيىنىڭ تۈگمىللىرىنى يىشىۋېتىپ ئەتراپقا ۋە چەللە ئۈستىگە قاراپ :«بالام  چولۇڭ تەگسە  بىر يۈدە چىڭگىلىك ئەكىلىپ ئاۋۇ يەرلەرگە تاشلىۋەتسەڭ  سايە بولغۇدەك»دېدى. ئۇ بۈگۈنكىدەك قاينام ئىسسىقتا ئۆزىگە پاناھ بولۇۋاتقان بۇ ئاددى ھويلىدىن بەكمۇ ھۇزۇر ئېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن بىر تال ياستۇق ئەچىقىپ تاشلىدىم. ھاكىم ياستۇققا بېشىنى قۇيۇش بىلەنلا ئۇيقۇغا ا كەتتى.  ئۇنىڭغا راستىنلا ھاردۇق يەتكەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بەزىدە يىنىك پوشۈلداپ، ئانچە-مۇنچە خوررەك ئىزنالىرىنى چىقىرىشى بوۋاق بالىلارنىڭ بىغەم ھالەتتىكى شىرىن چۈشلىرىنى ئەسلىتەتتى. ئۇ بىغەم ئۇخلاۋاتاتتى. مەن شۇ پۇرسەتتە كان ئوچاققا قازان ئېسىپ كۆك چامغۇر ۋە قوشۇمچە نەرسىلەرنى سېلىپ قوناق ئونىدا دېھقان ئېشى ئەتتىم. مۇشۇ چاغدىكى شەپە-شۇپۇرلۇرۇم ئوقى ئويغىتىۋەتتى بولغاي ، ئۇ دەرھال كۆزىنى ئېچىپ ئۆرە بولدى ۋە :«نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن بالام، ئاش ئەتتىڭمۇ نېمە»دېدى. مەن ئاش ئەتكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ بولغاندىن  كېيىن دەرھال خېمىر يۇغۇرۇپ قىززىغان ئوچاققا نان چاپلىدىم. ھاكىم ئالدىغا كەلتۈرۈلگەن ئاشنى ئىشتىھا بىلەن ھۇزۇرلىنىپ يەۋاتاتتى. ئارىلاپ-ئارىلاپ رەھمەت ئوقۇيتتى. مەن ۋاقىت ئارلىقىدا كۆك قوناق ئەكىرىپ پوشۇرماقچى بولغاندا ئۇ :«بالام ، باشقا ئىشىڭ بولسا قىلىۋەر ،قوناقنى مەن پوشۇراي، »دەپ قولۇمدىن ئېلىۋالدى. ئۇ ئوچاق بېشىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قوناقنى پوشۇردى. ئىككىمىز خۇددى ئاتا- بالىدەك ئىجىللىشىپ كەتتۇق. ئۇنىڭدا چۈشتىن بۇرۇنقى سۇلغۇنلۇق ۋە مىسكىنلىكتىن قىلچە ئەسەر قالمىغان ئىدى.
مەن ئوچاقتىكى نانلارنى قومۇرۋاتقاندا ھاكىممۇ قايتىپ كىتىشكە تەرەددۇت قىلدى. مەن ئىككى زاغرىنى قول  ياغلىققا ئوراپ تۇتقۇزدۇم . ئۇ يەنە قايتىلاپ رەھمەت ئوقۇپ ئۆزرە ئېيتتى. ۋە ۋاقىت چىقىرىپ خوتەنگە بېرىشىمنى ،بالىلار تۇنۇشۋېلىشىمنى ئېيتتى . مەن كوچىنىڭ ئۇ بېشىغىچە بىللە بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويدۇم. مەن ئۇ يەردە ئازراق تۇرۇپ قالدىم. ئۇ مەن تۇتقۇزغان ئىككى زاغرىنى ئوڭ قولىدا ساڭگىلاتقىنىچە ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كەتتى.
.ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تاماق ئېتىپ ياتىقىغا يوقلاپ باردىم. كۆتكۈچى ماڭا :« ھاكىم شامال دارىپ قالغان  ئىكەن، تۈنۈگۈن سىرتقىمۇ چىقماي بۇ يەردە ياتقان ئىدى. بۆگۈن ئەتتىگەن خوتەنگە قايتىپ كەتتى.»دېدى . ھاكىم بىلەن كۆرۈشكىنىم شۇ بولدى. قايتا كۆرۈشۈشكە شارائىت يار بەرمىدى. خېلى زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن ئاڭلىسام ، خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ ئوزون ئۆتمەي كېسەك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بوپتۇ.

ئەقىدە


مەن باشتۈغراققا تۈنجى  قېتىم كۆللىكتىپ ئەمگەككە قاتناشقاندا بۇ يەردىكى دېھقان ئەمگەكچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقنى كۆرۈپ ئۇلارغا تولىمۇ ھەۋەس قىلغان ئىدىم . كېيىنچە. ئۇلار ئىچىدىكى  بىر قىسىم ئەمگەكچىلەرنىڭ باشقىچىرەك، مۇنداقچە ئېيتقاندا قوپالراق مۇئامىلىدە باشقۇرۇلۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى سەزگەن  ئىدىم. ئۇلار زادى كىم، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا كۆللىكتىپ ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان يوقىرى تەركىپلىك ئەمگەك كۈچلىرى ئىدى. بۇلار ئىچىدىكى 35 ياشلار چامىسىدىكى  ئېزىز ھاجىم ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ قۇۋۋىتىنى ئايىماي كۆللىكتىپقا سەرپ قىلىۋاتقان سېخى ئەمگەكچى ئىدى. ئېرىق –ئۆستەڭ ۋە ئېتىز ئەمگەكلىرىدە ھەممىنىڭ ئالدىدا باشلامچى بولۇپ كەينىدە قالغانلارنى يېتەكلەپ ماڭاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھۆرمىتى بار ئىدى. ئۇ ھەر نېمە قىلىپ ئۆزىگە  گەپ كەلتۈرمەسلىككە ، ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلاشقا تىرىشاتتى.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى باشلىنىپ ئوزۇن ئۆتمەي سىنىپى كۆرەشنىڭ يېڭى دولقۇنى باشلىنىپ كەتتى. شۇ يىللاردا ئېزىز ھاجىم تەشكىلنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە  ئېرىشىش ئۈچۈن نەتىجە يارىتىش مەقسىدىدە  چىلەك زاكۇ ئەتراپىدىكى توتەندىن 10 مو كىلىدىغان بىر تاختا يەرنى تاللاپ تەجرىبە  ئېتىزى قىلىپ تېرىدى. تەشكىلمۇ ئۇنىڭ ئىشىنى قوللىدى. بۇ يەرگە قوناقتىن باشلاپ تېرىغان زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە  يۇقىرى ھوسۇل بەردى . بىرلىك مەھسۇلاتى ئاشتى. . ئۇ كۆللىكتىپ ئەمگەكلەردىن سىرتقى ۋاقىتلاردىلا تەجىرىبە ئېتىزىغا ئىشلەيتتى. كۆيۈمچان ئانىسى سائادەت خان  ئاچا ھەمىشە ئېتىز ئۈستىگە تاماق ئاپىرىپ بېرەتتى. بەزى كېچىلەردە ئېتىزدا يېتىپ ئۇخلاپ قالاتتى. ئۇ مېنىڭ :«مېنىڭ  كوللىكتىپقا قىلغان ئەقىدە مېنى بەندە كۆرمىسە ئاللاھ كۆرىدۇ، مەن بۇ ئىشلارنى كۆز-كۆز ئۈچۈن قىلمىدىم »دەيتتى. دېمىسىمۇ سىنىپى كۈرەش دولقۇنى ئەۋجىگە چىققان ئاشۇ كۈنلەردە ئېزىز ھاجىمنىڭ نەتىجىللىرىنى  مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ياكى ئۇنى بىر قېتىم بولسىمۇ «ياخشى» دەپ  ماختاپ قۇيىدىغان بىرەر تەشكىل ، بىرەر شەخسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ سىنىپى دۈشمەنلەرنى يوقىتىش دەۋرى، سىنىپى يات ئۇنسۇرلارغا زەربە بىرىش دەۋرى بولغاچقا  كىشى ھۆركىيتتى، بىر-بىرىدىن قورقۇشاتتى. ھېچكىم ئۆز- ئارا ئىشنىشمەيتتى. سىنىپى كۆرەش كەسكىنلەشكەنسىرى ئۇنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ تېخىمۇ يامانلاشتى.تالاي قېتىم كۈرەش پىپەنگە ، تەن جازاسىغا ۋە روھى زەربىلەرگە ئۇچرىدى. شۇنداق ئەھۋالدىمۇ دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ تەقدىرگە تەن بىرىپ ئۆتكەنىدى. بىرەر قېتىم داتلىنىپ تەسىرى يامان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ تولىمۇ كەڭ قۇرساق، سەۋىرچان ئادەم ئىدى.
بىز كۆپىنچە بىللە ئەمگەك قىلاتتۇق. ئىككىمىزنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولغاچقا دۈيجاڭ ھەر قېتىملىق ئىش تەقسماتى قىلغاندا-«ئىككى ئېزىز ئاخۇن ...» دەپلا بىر يەرگە ئىشقا بۇيرۇيتتى. بىزمۇ ھەمىشە بىللە ئەمگەك قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئىدۇق. ئۇ مېنى: «قىلسىلا، ئەتسىلە» دەپ چاقىراتتى . مەنمۇ ئۇنى شۇنداق چاقىراتتىم. بىر-بىرىمىزنى  ەكلا ھۆرمەت قىلىشاتتۇق.
1970-يىلنىڭ باشلىرىدىكى ياز ئايلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى كۆپ يۈز بىرىپ ئۆستەڭلەرنى يار ئېلىپ كېتىشى ئودا يۈز بىرىپ ئارتۇق ئەمگەكلەر كۆپىيىپ كېتەتتى. بىر كۈن ئىچىدە نەچچە قېتىم يار ئېتىشكە مەجبۇر بولىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇراتتى. كۆپ كۈچ كىتدىغان بۇنداق ئەمگەكلەردە  تۆت خىل ئونسۇرلارنى ئەڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ سالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئېزىز ھاجىم بىرىنچى بولۇپ كۈچ چىقىراتتى. ھەر قېتىملىق يار ئىتىش ئەمگەكلىرى مۇشۇنداق ئۆتەتتى.
كۆز پەسلى كىلىپ ھاۋا سوۋۇپ كەتتى. كۈزلۈك سۇنىڭ جىددى بىر كۈنىدە ئېگىز ئۆستەڭدە ئولۇغ سۇ ئېقىۋاتاتتى. ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن تۇيۇقسىز سۇ ئېتىلىپ چىقىپ يارغا ئايلىنىپ كەتتى. موغا تۈشۈكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ئاپەت ھەممەيلەننى جىددى ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويدى. چۈنكى ئۆستەڭ لىۋىدە تېرىلغان بۇغدايلارنى ساقلاپ قېلىش بەكمۇ مۇھىم ئىدى. بۇ ھالقىلىق پەيتتە ئېزىز ھاجىم كىيىملىرىنى سېلىشقا ئولگۈرمەيلا سۇغا سەكرەپ چۈشتى. توپىلار تاشلىنىپ يار ئورنى كىچىكلىتلگەن بولسىمۇ سۇنى ئۈزوپ توختىتىش مۇمكىن بولمايۋاتاتتى. ھەممە ئادەم ھالسىرىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا سۇنى پۈتۈن بەدىنى بىلەن توستى. كۆچلۈك ئېقىن پەسىيىپ توپا ئۆزۈشكە شارائىت يارىتىلدى. بۇ چاغدا ئېزىز ھاجىمنىڭ باشقا ھەممە يىرى لاي ئاستىدا قالغان بولسىمۇ ئاستا-ئاستا كولاپ چىقىرۋىلىندى. ئۇ ئاشۇنداق جاسارىتى بىلەن كۆللىكتىپ مال-مۈلكىنىڭ نۇرغۇن زىيىنىنى ئازايتقان ئىدى. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە قەھرىمان ھىساپلىناتتى .
ئۇ كۆللىكتىپقا بەك كۆيۈنەتتى. قانداق كىشى بولىشىدىن قەتئىنەزەر قول ئوچچىدا ئىش قىلغان ، ئومۇمغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلانى كۆرگىنىدە غەزەپلىنىپ كېتەتتى. مەن ئۇنىڭدىكى بۇنچىۋالا ئەقىدە  كۆيۈمچانلىقىنى كۆرۈپ بۇ تۇغۇلما مىجەز بولسا كېرەك دەپ ئويلايتتىم.
سۇ ئېچىشنىڭ راسا ھالقىلىق بىر پەيتىدە بىز ئىككىمىز ئىسلىغ دۆڭدىكى يەرلەرنى سوغۇرۇشقا بەلگۈلەنگەن ئىدۇق. سۇ  ئولۇغ بولغاننىڭ ئۈستىگە كېچىگە توغرا كەلدى. يەنە كېلىپ تۈن قاراڭغۇسى بولغاچقا قىيىنچىلىق خېلى ئېغىر ئىدى. بىز ئالدىن قىلىۋالغان تەييارلىقىمىز بويىچە سونى ئېتىزغا باشلىدۇق. سۇ راۋان ئىدى. بىرسىمىز ئېتىزنىڭ ئۇ بېشىدا، بىرسىمىز  بۇ بېشىدا ئىدۇق. تۈن ھەممىسىگە ئۇلاشتى. ئۇيقۇم كىلىپ كۆزۈمنى زادىلا ئاچالمىدىم. مەن ئاخىرى قىر ياقىسىدىكى ياندامغا كاللامنى قويغان پېتى ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر ۋاخلاردا ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچسام نۇرغۇن يەرلەر سۇغۇرلۇپ بوپتۇ. مەن خىجىل بولغانلىقىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم. تىلىم گەپكىمۇ كەلمىدى.  ھېچ بولمىغاندا چېراق تۇتۇپ بەرگەن بولسامچۇ كاشكى، ئېزىز ھاجىم توختىماي ئىشلەۋاتاتتى. غۇۋالىشىپ قالغان چېراق نۇرى ئاستىدا كەتمەننىڭ سۇدىكى شاتاق-شوتۇقلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ قېشىغا ئىتتىك بېرىپ: «ۋاي ئاكا مېنى ئويغىتىۋەتسىلە بولاتتىغۇ...» دېدىم ناھايىتى تەستە.
-ھېچقىسى  يوق ئۇكام، سىلىدەك ياش بالىلارنىڭ ئويقۇسى بەك شېرىن بولىدۇ. ئويغۇتىۋىتىشكە پايلىمىدىم-،دېدى. مەن ئۇنىڭ ئاتىلارچە سۆزلىرىدىن بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم. شۇ كۈنلەردە مەنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ ئۇنداق پۇرسەت ماڭا كەلمىگەنىدى.بۇراق –چاپقۇنلۇق يىللار ئاخىرى ئۆتۈپ كەتتى. قالپاقلار ئېلىنىپ سىماسى ھوقۇقى ئۆز قولىغا بېرىلگەن ھېلىقىدەك كىشىلەر يېڭى سىياسەتكە مىڭ قەدرى بارىكاللا ئېيتىشتى. زامان كەڭرىدى. 1980-يىللار مەرھەمەت قىلغان تۈنجى باھاردا ھەر كىم ئېتىز بېشىدا ئالدىراش ئىدى. ئېزىز  ھاجىم ئۆزىگە تەقسىملەپ بىرىلگەن ھوددە يەرلىرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقىپ يىل بېشىدىلا پۇختا پىلان تۈزدى ۋە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلدى. شۇنىسى ئۇ بۇ كۈنلەرگە ئىرىشىپ ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولغاندا 50دىن ھالقىپ گەۋدىسى ئازراق مۈكچەيگەنىدى.ئامما نىيىتى دورۇس، جىسمى پولاتتەك تاۋلانغان بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ قالدۇرۇق يەرلىرىدىن  ئودا مول –ھوسۇل ئېلىپ بېيىش يولغا قاراپ ماڭدى.
كېيىن ئۇ كېۋەز،  قوغۇن –تاۋۇز قاتارلىق ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى كۆپلەپ تېرىپ كىرىمنى ئاشۇردى. ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھالال تەرى بىلەن توپلانغان ئىقتىسادى بىلەن ھەج تاۋاپ پائالىيتىنى ئورۇنلاپ كەلدى. (مەن بۇ ئەسلىمەمدە ئېزىز ھاجىمغا بولغان ھۆرمىتىم ئۈچۈن«ھاجىم» دېگەن نامنى قوللاندىم)
ئېزىز ھاجىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىمۇ مۈكچەيگەن بەللىرىنى سۆرەپ ياش كىشلەردەك ئېتىز ئەمگەكلىرىنى بىمالال قىلاتتى. ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز كېسەل تەگدى. ۋاقىت ئۆتتى. رەھىمسىز ئەجەل يېقىنلاپ كەلدى. ئۇ ئاخىرى 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى باشتۈغراق يېزىسىنىڭ سىياۋشۇللا كەنتىدىكى ئۆيدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ خىزىر سۈپەت سالاھىيەت بىلەن كەتتى.
مەن ئېزىز ھاجىمنىڭ ئوزون يىللىق كونا سەبدىشى ۋە ئىش –ھەركەتلىرنىڭ شاھىدى بولۇش سالاھىيتى بىلەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى ئىنساندىكى ئەپۇچانلىق ۋە ئەقىدە ئخلاسمەنلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئاخىرى تونۇپ يەتتىم.  

بەش يۈەنلىك قەرز ئېلىش ھۆججىتى


ھەممە نەرسىنىڭ پايدىلىنىدىغان ئۆز لايىقى، ئۆز يولى بولغىنىدەك بۇ يەردە ئاش –ئوزۇق يېتەرلىك بولغىنى بىلەن تۇرمۇش ئىشلىرىدا پۇل بولمىسىمۇ بولمايتتى. سودا سارىيىغا يېڭى مال كەپتۇ دېسە ئالدى بىلەن بىزنىڭ دۈيدىكىلەر بىرىنچى  بولۇپ ئاڭلايتتى. چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەر گوڭشى مەركىزىگە ئەڭ يېقىن بولغاچقا ئىدارە –جەمىيەتلەردىكى ئائىلە-تاۋاباتلارنىڭ كۆپىنچىسى بىزنىڭ دۈيگە نوپۇزىنى ئالدۇرۇپ مۇشۇ يەردە ئەمگەككە قاتنىشاتتى. جۈملىدىن سودا سارىيىدىن كېلىپ بىز بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىدىغان بىر ئايال يېڭى كەلگەن مال ئۇچۇرلىرىنى ئېتىزدىلا خەۋەر قىلىپ يېيىۋىتەتتى. پولى بارلار كېچىنى تەستە تاڭ ئاتقۇزۇپ يېڭى كەلگەن ماللاردىن تالىشىپ سېتىۋالاتتى. ئۇندىن باشقا گۇڭشى بازىرىدا سودا سارىيىدىكىلەر ئاچقان ئاشخانىدىكى تاماق ۋە گوشگىردىلەرنىڭ مىزىلىك ھىدلىرى دىماقلارغا ئورۇلۇپ ئىشتىھانى قوزغاپ ئادەمنى ئارامىدا قويمايتتى. بۇلارغىمۇ يەنىلا پۇل كېتەتتى. بۇنداق يەرلەرگە ئاز ساندىكى كىشىلەرلا كىلەلەيتتى.  ئەمما بۇنداق كۆتۈشلەر مەن ئۈچۈن بىر شېرىن خىيال بولۇپ، ئەگەر پۇلۇم بولسا ئەمگەك قوراللىرىمنى تولۇقلاشنى ئويلايتتىم.
بىر كۈنى «گوڭشىغا نۇرغۇن كەتمەنلەر كەپتۇ، يېقىندا تەقسىملەپ تۆۋەنگە تارقىتىدىكەن، ئەمما نەخ پۇلغا ساتىدىكەن» دېگەن خەۋەر تىز تارقالدى. ئۇ چاغلاردا كەتمەن قىس بولغىنى بىلەن نەرقى ئەرزان ئىدى. ئەسلى كەتمىنىم كۆنىراپ كەتكەچكە مەن بۇ خەۋەرگە بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم. . لېكىن پۇلۇڭ بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك. ئاخىرى ئويان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ پۇل قەرزى ئېلىش قارارىغا كەلدىم. دە دادۈيگە بېرىپ بەش يۈەن قەرز ئېلىش ھۆججىتى قىلدۇرۇدۇم. بۇ ھۆججەت ئۈچ كىشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك  ئىكەن. مەن ئۇلارنى ئىزدەپ نەچچە كۈندىن كېيىن ھۆججەتنى كۈچكە ئىگە قىلىپ بانكىغا چىقتىم. بۇ چاغدا بانكا ئىش بىجۈرگۈچىسى ماڭا: « ئۇكام ، ھازىر يۇقىرىنىڭ ئايرىم بەلگۈلمىسى بار. سىلەردەك يۇقىرى تەركىپ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا قەرز بېرىشكە بولمايدۇ خاپا بولماي قايتىپ تۇرۇڭ»دېدى. قايتماي نېمە ئىلاج. نەچچە كۈن يول مېڭىپ ئاران  تەستىقلانغان بەش يۈەن قەرز ئېلىش ھۆججىتى مىنۇت ئىچىدىلا بىكار قىلىندى. مەن رەنجىمىدىم. تەڭسىزلىككە چىدىدىم. ئۆزۈمنىڭ بۇنچىۋالا شور پىشانە ئىكەنلىكىمگە قاقشىدىم. ئەمما تەقدىرگە تەن بەرمەي بولمىدى.
بۇ مەزگىل كۆزلۈك يىغىم-تېرىمنىڭ راسا ئالدىراش مەزگىلى بولۇپ ئېتىزىدىكى قوناقلار بىر تەرەپتىن ئېلىنىپ خامانغا توشۇلاتتى. خاماندا ھەر بىر ئەمگەكچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان تاختا قوزۇقلار رەتلىك قېقىپ قويۇلغان بولۇپ ئېتىزىدىن توشۇلغان قوناقلار ئاشۇ قوزۇقلارنىڭ تۈۋىگە تاغارلاپ تۆكۈلەتتى. قوناق شۇ كۈنى ئاقلاپ تۆگىتەلمىسە ئەتىسى يەنە تۆپىلەپ قۇيۇپ قۇيۇلاتتى. شوڭا كۆنلىكى تۆكۈلگەن قوناق كۆنلىكى ئاقلىنىپ تۆگىتىلىشى كېرەك ئىدى. مەنمۇ شۇ بويىچە قوناقلىرىمنى ئاقلاپ تۈگەتتىم. ھەر قانچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ چىداپ ئۆتەتتىم. بۇنداق چاغلاردا تەييار تاماق بولسا يەپ، يەيدىغان نەرسە بولمىسا ئاچ قۇرساق يېتىپ ئۇخلاپ قالاتتىم.
مەن خوشنام مەتتۈمۈر ئاكا بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ .ئۆتەتتىم. بىر-بىرىمىزنىڭ ھالىغا ھال، ، مۇڭىغا مۇڭ بولۇشاتتۇق. بىر كۈنى ئۇ ماڭا: «ئۇكام،بەش  يۈەنلىك قەرز ئېلىش ئۈچۈن چىراي سارغايتىپ بىكارغا ئاۋارە بولغىنىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم. مەن سىزگە يول كۆرسىتەي، بىز ھەر كۈنى خاماندىكى قوناقنى .ئاقلاپ بۇلغان ھامان بالدۇر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن شۇ چاغدا كېرىپ چۆلدىن ئوتۇن ئاچىقىپ ساتايلى، بىز ياش بولغاندىكىن ئەڭ ياخشىسى جاپاغا  چىداپ ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ پۇل تاپايلى. »دېدى . ئويلاپ باقسام ئازراق ئۇيقىدىن كەچسەكلا بولىدىكەن.
بىز شۇ كۈنىدىن باشلاپ كەچتىكى قوناق ئاقلاش ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ  بولغاندىن كېيىنلا ئېشەكنى ھەيدەپ چۆلگە مېڭىشنى ئۆگىنىپ قالدۇق. ھاۋا ئۇچۇق ئايدىڭ كۈنلەردە تەلىيىمىزنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى بولدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە كۈنلەردە ئوتۇن بار يەرلەرنى سىلاشتۈرۈپ  بولسىمۇ ھەر نىمە قىلىپ ئوتۇن ئاچىقتۇق. ياش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەر قانداق جاپاغا چىداپ ئۆتتۇق. بەزى كۈنلەردە ئوتۇننى ئېلىپ چىقىپ ئازراق ئوخلىۋالدۇق. بەزى كۈنلەردە دۈيجاڭنىڭ ئۆزوندە ئوقىۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كىلىپ كۆز يۇممايلا ئېتىزغا ماڭدۇق.
ئويلىغاندەك بىر كۈنى ئوتۇن سېتىۋالغىلى ماشىنا كەلدى. ئوتۇن سودىسىغا پىششىق بىر خوشنام ئوتۇنۇمنى 20يۈەنگە سېتىپ بەردى. مەن پۇلنى قولۇمغا ئېلىپ كۆزۈمگە سۈرتتۈم. قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى ئۆزەملا بىلدىم. بەش يۈەن پۇل ئۈچۈن نەچچە رەت يول مېڭىپ ئاخىرى نۆل پىرسەنت نەتىجە بىلەن قايتقان ئىدىم. مانا قولۇمدا ھالال تەرىم بەدىلىگە كەلگەن  مىننەتسىز ، ئۇنىڭدىن تۆت ھەسسە ئارتۇق پۇل تۇرۇپتۇ.
ئارىدىن نەچچە ئۇن يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئالەمنى مەمۇرچىلىق قاپلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەت-چەك ساقلايدىغان كونا قاپچۇقۇم ئىچىدە سارغىيىپ ئوڭى بۇزۇلغان كىچىككىنە بىر پارچە قەغەرنى كۆرۈپ قالدىم . بۇ دەل ئەينى يىللاردىكى مەن كۆتۈرۈپ يۈرگەن بەش يۈەنلىك قەرز ئېلىش ھوججىتى ئىدى. ئۇنىڭدا شۇ يىلاردىكى ئۈچ نەپەر كىشىنىڭ ئىمزاسى ئېنىقلا تۇراتتى. ھۆججەت ئاخىرىدا 1973-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى دەپ يېزىلغان ئىدى. گەرچە بۇ ھۆججەتكە پۇل ئالالمىغان بولساممۇ مەن ئۇلاردىن رازى ئىدىم. چۈنكى  ئۇلار شۇ زامانلارىدىمۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. بۇ پىشقەدەملەر ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ مەن ئۇلارنى يەنىلا سېغىنىمەن ۋە ئەسلەيمەن.

مەڭگۈ ئىزى ئۆچمەيدىغان شۆجى

1965-يىل باش باھار، ئىچكى قىسمىدىكى ئېرىق – ئۆستەڭلەرنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ رىمنۇت ئەمگىكى باشلاندى. بىز يار كوچىدىن باشلانغان ئوق ئۆستەڭ بۆلىكنى چېپىش بىلەن ئالدىراش ئىدۇق. بېشىغا قارا تىرە تۇماق، ئوچىسىغا ئاددىيغىنە زىغىر رەڭ چاپان كىيىۋالغان 40ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا بوي، كېلىشكەن بىر ئادەم  بىر بۆلۈك دېھقان كادىرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بۇ مېنىڭ ئانا جەمەت  يېقىن تۇغقىنىم تاشتۈمۈر ئىسرائىل ئىدى. ئۇ شۇ يىلى قىشتا يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۈرىشىغا ئاساسەن مەيدان داڭۋىينىڭ شۆجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن چىققان ئىكەن . ئۇ كىلىپلا ئورۇنلاشقان ئۆي ياغاچ قورولمىلىق ۋادەك تام ئۆي بولۇپ، دېھقان ئۆيلىرىدنن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. شۇندىن باشلاپ 6نوپۇسلۇق بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ كىچىككىنە ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى باشلىدى. بۇ چاغدا بالىلارنىڭ كەنجىسى تېخى بۆشۈكتە ئىدى. تەشكىل ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن ياخشىراق ئۆيگە كۆچۈرۈپ قۇيۇشنى ئېيتقاندا ئۇ: «ھېچقىسى يۇق، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا . قارىسام بۇ يەردە مەندىن ئېغىر تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلارمۇ بار ئىكەن. كۆچۈرسەڭلا شۇلارنى كۆچۈرۈپ قويۇڭلا، مەن بىر ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن. ھازىرچە مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇراي. كېيىنچە بىر گەپ بۇلار» دېگەن ئىكەن. مەن بۇ گەپلەرنى  سىرتتىكىلەردىن ئاڭلىغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ رابىخان ئاچا ئالدىدىكى تۆت بالىنى مۇشۇ ئەسكى ئۆيدە نەچچە يىل بېقىپ قاتارغا قوشتى. تاشتۈمۈر ئاكا تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلارنىڭ قاينىمىدا ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە دېھقانلار ئارىسىدا جىددىي ئۆتتى. ئۇ باشتۈغراقنىڭ جۇدۇن- چاپقۇن، قاينام ئىسسقىلىرىدا كۆيۈپ-پىشىپ يۈرۈۋاتقان كۈنلىرىدە پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر كىلىپ ئىشلار مالىمان بولۇشقا باشلىدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ ھوقۇق تارتىۋېلىش شامىلى ئۇنىڭغىمۇ تەگدى. شۇ قاتاردا ھوقۇق تارتۋىلىنغانلار كۆرۈش ، پىپەنگە چۈشتى. ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى. تەرەپ-تەرەپتە ، دوقمۇش-دۇقمۇشلاردا ، مەيدان داڭۋىينىڭ ئاھادە تاملىرىدا شوئار، دازىباۋلار چاپلىنىپ دەبدەبە  قىلىندى. مۇشۇ يىللاردا ئۇنىڭ خىزمىتى توغرىلىق مەلۇم توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ئۇ قىلچە تەۋرەنمەي  بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تۇرۇپ خەلققە باشلامچى بولدى. ئەمما مۇشتۈمزۇرلار غالجىرلاشقان جىددى پەيتلەردە ئۇ مەلۇم مەزگىل ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ ئازراق يوقاپ كەتتى. بۇ مەزگلىدە  ھوقۇق ئىگىلىرى ئۆزلىرى خالىغانچە ئىش باشقۇرۇپ ئاممىغا ياخشىچاق بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزىدىدى. ئېغىزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ بۇرۇنقىلارنى   سۆكتى. ئۇلار ئىنقىلاپنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەن بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئاتارمەن-چاپارمەنلىرى بىلەن ئىنقىلاپ قىلدى. ياۋاش-ساددا دېھقانلار كېچىنى–كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ئېتىزدىن ئايرىلماي ئىشلىدى. ئشلىگەنلەر ئىشلەپ ھالىدىن كەتتى. ئىشلىمىگەنلەر چەتتە تۈرۈپ تاماششا كۆردى.  يوۋاشلارنى بۈزەك  قىلىپ ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلدى. ئاخىرلاشمايدىغان زىياپەت بولمىغىنىدەك ئوزون ئۆتمەي ۋەزىيەتمۇ پەسكۇيغا چۈشتى. تا شۈجى دەرھال قايتىپ كىلىپ ئۆز خىزمىتىنى داۋام ئەتكۈزدى. بۇ چاغدا يەنىلا مەغلۇبىيتىگە تەن بەرمەيۋاتقان ئاز ساندىكى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى بويسۇندۇرۇش،ياۋاشلىتىش مەقسىتىدە ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ تەھدىت سالماقچى بولدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ پارتىيۋىلىك مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ پارتىيە –ھۆكۈمەتنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈرىدىغان ئەمىلى ئىش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىپ قۇياتتى. شۇ يىللارنىڭ مەلۇم بىر كەچكۈز پەسلى ئىدى. بىر كۈنى كونا چاڭ داڭۋىي ئىشخانىسنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتىم. تا شۆجى بۇ يەردە بىرسى بىلەن قول شىلتىشىپ ، بىر- بىرىنى سەنلىشىپ ئۆز-ئارا زاكونلىشۋاتقان ئىكەن. قارشى تەرەپ شۇ دەۋىردە سولچىل لوشيەننى ئاكتىپ ئىجرا قىلغۇچى كاتىۋاشنىڭ يانتاياقچىسى ئىدى. ئۇ شۈجىنى بوي ئەگدۈرۈش، ئۆزىگە ئەل قىلىش مەقسىتىدە ھەيۋە كۆرسىتىۋاتاتتى.
-سەن كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار ئىدىڭ. بىز سىنى بوش قويىۋىتىپتۇق، سەن جىنايەتلىرىڭدىن ھۆركۈپ قېچىپ كەتكەن ، ئەمدى قايتىپ كىلىپ يەنە ھوقۇق يۈرگۈزىمەن دېمە. ..دېدى يان تاياقچى ئەزۋەيلەپ .
-سەن ماڭا ئوپرايمەن دەپ  ئاۋارە بولما. ھوقۇق تارتىۋالدۇق دەپ كۆرەڭلەپ كېتىشمە. سەنلەرگە كىم ئىشىنىدۇ. ھامىنى بىر كۈنى ئەلنىڭ قاغىشىغا، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايسەن. جېنىڭ تومشۇقۇڭغا كەلگەندىمۇ قاۋاپ يۈرەمسەن. يوقارقى گەپلىرىمنى چوڭ غالچىغا يەتكۈزۈپ قوي. ئۇ ساۋابلىق ئىش قىلىپ گۇناھلىرىنى يۇيۇشنىڭ  كويىدا بولسۇن، دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن ، شۈجى ئالدىن تۈگۈپ قۇيۇلغان بىر تال تاماكىنى قاپچۇقتىن ئېلىپ قايتا-قايتىلاپ شورىدى.
بۇ يەرگە يىغىلغان بىر توپ كىشىلەر ئىچىدە يانتاياقچىغا بولۇشىدىغان بىرەسى چىقمىدى. ئۇ شۈجىگە قايتىلاپ ئىنكاس قايتۇرالمىدى. ئۇنىڭ دىڭگايغان قۇيرۇقى چۈشۈپ كەتتى. شۇجى  بۇ قېتىم  غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئىشخانىسىغا خاتىرجەم كىرىپ كەتتى.
ئاپەتلىك، ئەندىشىلىك يىللارنىڭ سىناقلىرى ئۇنى تېخىمۇ تاۋلاپ چىقتى. ئىسمى جىسمىغا لايىق تاشتۆمۈر ئەمدى گىگانت ئادەمگە ئايلاندى. ئۇ مۇشۇ يەر ئۈچۈن تۇغۇلۇپ ، مۇشۇ يەر ئۈچۈن ياشايدىغاندەك تىنىم تاپماي ئىشلەيتتى. ئۇ سەمىمى ئىلمى ھەم كەسكىن ئىدى. بىر كىشى ھال –مۇڭ ئېيتىپ كەلسە دىھققەت بىلەن تىڭشاپ سەمىمىلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتى. دېھقانلار ئۇنى ئەمەلداردەك ئەمەس كونا سىردىشىدەك كۆرەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئامما ئارىسىدىكى  ئىناۋىتى ۋە ھۆرمىتى يۇقىرى ئىدى.
1977 يىلى باھاردا باشتۈغراق گوڭشىسى خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىردىن بىر«داجەيچە گوڭشى» بولۇپ قورۇلغاندا بۇ گوڭشىنىڭ  نەتىجىللىرى ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈرلۈپ خوتەن ۋىلايىتىگە، جۈملىدىن لوپ ناھىيسىگە، باشتوغراق خەلقىگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەنىدى. ئارقىدىن گوڭشى پارتكۇم نامىدا ھۆججەت چۈشۈرۈلۈپ مەغرورلانماسلىققا ، شەرەپنى قولدىن بەرمەسلىككە ، ئالغا قاراپ ئىلگىرلەشكە  گۇڭشى بويىچە يەنە بىر قېتىم سەپەرۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئاكتىپلار ، نۇرغۇن باشلامچىلار مەيدانغا كىلىپ باشتوغراق    گوڭشىسىنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈلگەنىدى.
تاشتۈمۈر ئاكا يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن ياشلار خىزمىتىگە، ئىز باسار يىتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ خىزمەت مۇساپىسىدە بۇ ئىشلارنى قىلچىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. ئۇ يىتىشتۈرگەن ئىز باسارلارنىڭ بىر قىسمى پارتيىيە ھۆكۈمەت ئورونلىرىدا ئوزۇنغىچە موھىم خىزمەتلەرنى قىلدى.
1970-يىللارنىڭ بېشىدا بۇ يېزىنىڭ سۆگەت بوستان كەنتىدە ئەمدىلا 20ياشلاردىن ئاشقان بىر ياش شۈجىنىڭ كۆزگە چېلىقىپ ئۇنىڭ كۆزىتىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇجى ئۇنىڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆزىدىنلا ئۇنى بايقىۋېلىپ تەربىيەلەشكە باشلىدى. تۈنجى قەدەمدە ئاساسى قاتلامنىڭ ئەڭ تۆۋەن باسقۇچىدىن پەللىمۇ-پەللە ئۆرلىتىپ ئاخىرى خەلقنىڭ پىشقان خىزمەتكارىغا ئايلاندۇردى. ئۇ بولسىمۇ 1990-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى سابىق باشتوغراق يېزىلىق پارتكومنىڭ شۈجىسى، لوپ ناھىيەلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئوسمان ئەخمەتشاھ ئىدى. بىز بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا قىزغىن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ باللىرىنى  ۋە خىزمەت مۇساپىسىنى ئەسلەپ: «بالىلىق چاغلىرىمدا كادىر بولۇش چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى، ھەممىگە سەۋەپ بولغىنى ئاشۇ بىر ئادەم، تا شۈجى مىنى قوللاپ تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەن. ئۇ مىنىڭ رەھبىرىم ۋە ئۇستازىم ئىدى. مەن ئاخىرى مەرھۇم شۆجىگە ئوخشاش نەچچە يىل ۋەزىپە ئۆتەپ دۆلەتنى خەلقنى رازى قىلىپ كەلگەن بولساممۇ يەنىلا مەرھۇم شوجى ئالدىدا ئۆزۈمنى قەرزداردەك ھىس قىلىمەن. ئۇ ھوقۇق تۇتقان چاغلار تىنىچ ئەمەس. ۋەزىيەت كەسكىن، زىددىيەت كۆپ، بوران-چاپقونلۇق دەۋىر ئىدى. ئۇ ئاشۇنداق جىددى ۋەزىيەت ئاستىدىمۇ قىيا تاشتەك تىك تۇرۇپ پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ سۇنماس ئوبرازىنى ساقلىغان ئىدى. مەن تىنىچ دەۋىردە رەھبەر بولدۇم. ئۇنچىلىك ئىشلارغا دۈچ كەلمىدىم. گەرچە مەن پىنسىيىگە چىققان بولساممۇ ئۆتمۈشۈمنى قىلچە ئۇنتۇمىدىم. باشتوغراق تارىخىنى، باشتوغراق خەلقىنى ئۇنتۇمىدىم. بۇندىن كېيىنمۇ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە باشتۈغراق باشتۈغراق يېزىسىنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايمەن. شۇنداق قىلساملا مەرھۇم شۆجىنىڭ روھىغا يۈز كىلەلمەيمەن دەپ ئويلايمەن»دېدى. مەن سۆزلەرنى ئاڭلاۋېتىپ يەنە بىر تەربىيە ئالغاندەك بولدۇم. مەن دوستۇمنىڭ سۆزىنى دىھققەت بىلەن ئاڭلىدىم. گەپ ئارىلاپ قوشۇق سالمىدىم. ئۇ شۇ مىنۇتلاردا ھاياجانغا چۈمگەندەك قىلاتتى. ئۇ يەنە بىر نىمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ تۇرغاندا يانغۇنى  سايراپ كەتتى. ئۇ جىددىيدەك  قىلاتتى. مەن دوستۇمنى تەڭقىسلىقتا قويماسلىق ئۈچۈن ئىشارە بېرىپ خوشلىشىپ قايتىپ كەتتىم. مول ھوسۇللۇق يىللار ئاخىرى 1980-يىللارغا ئولاشتى. ئالدىنقى يىلى مەھسۇلاتنى ئائىلەرگىچە ھۆددىگە بىرىش سىياسىتى ئوتتۇرىغا  قۇيۇلغاندا، تا شۈجى بۇ سىياسەتنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىش ئىشىنى، دەرھال باشلىۋەتتى. ئۇ تۆۋەنگە چۈشكەنلەرگە  يەرلەرنى ھەق-ناھەق قىلماي تەقسىملەشنى، ئۈنۈملۈك ، ئۈنۈمسىز يەرلەرنى ياخشى پەرقلەندۈرۈشنى قايتا-قايتا جىكىلىدى. ئارقىدىنلا ئۆزى بېۋاستە تۆۋەنگە چۈشۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا ۋە ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقىتلىرى تەدىرجى ئازلاپ كەتتى. بۇرۇن كۆللىكتىپ ئىشلەيدىغان يىللاردا ھەر بىر مەھەللىگە تەۋە تۆتەن، ئۆنۈملۈك ۋە ئۆنۈمسىز تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ نەدە، قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكى، يەر ناملىرى، نەچچە تۈپ ئورمان، نەچچە تۇياق چارۋا دېگەندەك ئىشلار ئۇنىڭغا نەش قولدەك ئايان بولسا . ھازىر ئاشۇ نەرسىلەر ئائىللەرگىچە تەقسملىنىپ كەتكەچكە ئىشلار بۇرۇنقىدىنمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنىدى. شۇڭا ھەر بىر دېھقان بىلەن سىردىشىش، تەقسىملەنگەن يەرلەرنى قانداق باشقۇرۇش، نېمە تېرىش، كىمنىڭ يېرى  قايسى تاختىدا ، كىمنىڭ يىرى بىلەن خوشنا، ئۇ يەردىكى ئورمانلار كىمگە تەۋە، نەچچە توپ، چارۋىلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلار ئۇنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە دېھقانلاردىن ئايرىلالمايدىغان، دېھقانلار ئۇنى كۆرسە يولىغا قارايدىغان   بولۇپ قالغان ئىدى.
يىللار ئۆتىۋەردى 1984-يىلى يازدا يۇقىرىنىڭ يوليورىقىغا ئاساسەن ئۇ بۇ يېزىدىن يۆتكىلىپ كەتتى. شۈجى يېڭى خىزمەت ئورنىغا مېڭىش ئالدىدا ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا توپلىشىۋالغان نۇرغۇن ئامما كۆز يېشى ئىچىدە خوشلاشتى. ئۇ ئاخىرى 19يىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ چۆلنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغان ئولۇغ نامى بىلەن بۇ يەردىن  كەتتى.
تاشتۈمۈر ئاكا باشتۈغراق تارىخىدىكى ئەڭ ئوزون ھوقۇق تۇتقان ئىككىنچى ئەۋلات رەھبەر ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا كۆپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ مەدەنىيەت سەۋىيەسى  نۇتۇق قابىليىتى يۇقىرى بولغاننىڭ ئۈستىگە نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئۆزى سالماق، رەھبەرگە چۈشكەن رەھبەرلىك ئىدى. گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام مەن قالپىقى بار ئادەمنىڭ بالىسى بولغانلىقىم ئۈچۈنلا بۇ تۇغقىنىمغا انچە يېقىن يولىمايتتىم . ئەمما ئۆستەڭ بويلىرىدا،  يوللاردا، ئېتىز ئۈستىلىرىدە پەۋقۇللادە ئۇچرىشىپ قالساق توختاپ تۇرۇپ ، تىنچ-ئامانلىق سورايتتى. بۇنداق چاغلاردا كۆڭلۈم سۇ ئىچىپ ياشىرىپ قالاتتى. شۇ يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇ مېنى پات-پات چاقىرىپ بەزى چوڭ يىغىنلارنىڭ سۆز تىكىستلىرىنى يازدۇراتتى. ئۇ دەپ بىرەتتى. ،مەن يازاتتىم. ئۇ مەن يازغان خەتلەرنى بەك راۋان ئوقۇيتتى. بەزى چاغلاردا بۇ سۆز تىكىستىنى گوڭشىنىڭ ۋە ناھىيەنىڭ رادىئۇ ئوزۇللىرىدا قايتا- قايتا ئاڭلىتىپمۇ قالاتتى. مەن ئۇنىڭ جاراڭلىق، جۇشقۇن ئاۋازىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتىم. نۇتۇق قابىليىتىگە ھەقىقەتەن قايىل ئىدىم. .«مەن يازغان خەتنى ئوقۇۋاتىدۇ» دەپ ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولاتتىم.
ئۇ كىچلىرى ئاز ئۇخلايتتى. كۈنلىكى توخۇ چىللاشتىن بورۇن ئورنىدىن تۇرۇپ يېقىن ئەتراپتىكى كەنت-مەھەللىلەرنى ، سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرىنى ۋە ئېتىز –قىرلارنى ئايلىناتتى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ جىمجىت سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىغا كۆنۈپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى بەك رەتلىك ئىدى. ياز كۈنلىرى بېشىدىن ئالماي كىيىپ يۈرۈيدىغان بادام دوپپىسى، قىش كۈنلىرى كىيىۋالدىغان يارىشىملىق بوز كۆرپە تەلپىكى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمەيدۇ. مېڭىۋاتقاندا ئۇچرىغانلىكى كىشىگە مۇۋاپىق چاقچاقلارنى قىلىپ ئۆتۈشلىرى ، كىچىك بالىلارنى كۆرگەندە سەبىيلەرچە سۆز قېتىپ ئەكىلىشتەك كىچىك پىئىل خۇشچاقچاق ھالىتى ھېلىمۇ ئىسىمدە.
ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن يېڭى خىزمەت ئورنۇمدىن پىنسىيىگە چىقىپ لوپتىكى ئۆيدە دەم ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. يىراقتىن قارىسام ساپ-ساقتەك، يۆرۈش-تۇرۇشىدىن كېسەلگە دائىر بىرەر غەيرى ئالامەتنىڭ بارلىقنى سەزمىگەن ئىدىم. ئەپسۇس بۇ جاھان ھېچكىمگە باقى ئەمەس ئىكەن. ياخشىلارمۇ ، يامانلارمۇ ھامان بىر كۈنى كېتىدىكەنمىز،« تا شۈجى كىسەل بولۇپ قاپتۇ» دېگەن خەۋەر تارقىلىپ نەچچە كۈن ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن. ئەمما بىر كۈنى«تا شۈجى قاشا قىپتۇ»دېگەن شۇم خەۋەرنى تويۇقسىز  ئاڭلاپ يۈرىكىم «قارت»قىلىپ قالدى.نامازغا كەلدۇق. بۇ يەردە پىشقەدەملەرنىڭ سەركىسى، لوپتىكى بىردىن بىر ئادەم ساۋۇت سايىت ئاكا ماتەم مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرىغا توختىماي سۆزلەۋاتاتتى. مۇسىبەت ئىگىللىرىنى تىنىچلىنىشقا ئۈندەۋاتاتتى. ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ماتەم مۇراسىمى ھەسرەت، نادامەت ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ غۇرۇرى بىلەن ئادەمدەك ياشاپ ھەقىقى ساۋاپلىق ئىش قىلغان بىر مۆتىۋەر ئارىمىزدىن  كەتتى. مەرھۇمەنىڭ نەپەس ئۈزگەن 1994-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بىزنىڭ ئەستىن چىقارمايدىغان خاتىرە كۈنىمىز بولۇپ قېلىشىنى تىلەيمەن.

ئىڭىمغا سىڭىپ كەتكەن ئۇيغۇرچە «قىزىل چېراق خاتىرىسى»فىلىمى

1970-يىللارنىڭ ئوتتورلىرىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ قايتا ئىشلەنگەن ئىنقىلاۋى فىلىم «قىزىل چېراق خاتىرىسى» پۈتۈن شىنجاڭدا زىل-زىلە قوزغىغان ئىدى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى 12 مۇقام ئاھاڭلىرى بويىچە ئېيتىلغان بولۇپ يۈرەكلەرنى لەززىگە سالىدىغان مەرت-مەردانىلىق ئەكس ئىتەتتى. مەن ئۇ ناخشىلارنى كۆپىنىچە ئومۇمنىڭ ئەمگەك مەيدانلىرىدىكى ئىش ئۈستىدە ياكى ئائىللەردە تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازلىق رادىئۇ كانايلىرىدىن ۋە كىچىك رادىئۇلاردىن ئاڭلايتتىم. بەزى چاغلاردا كىنۇ ئىكرانلىرىدا كۆرۈپ زوقلىنىپ كېتەتتىم. مەن ئۇنى تەكرار-تەكرار كۆرسەممۇ ، ئاڭلىساممۇ قانماي ئۆتكەن ئىدىم. مەنلا ئەمەس ھەر قانداق كىشى زوق ئىشتىياقى بىلەن كۆرەتتى ۋە ئاڭلايتتى. ئويغۇرچىدا لى يۇيخىنىڭ رولىنى ھېيتەم ھۆسەيىن ، لى مۇماينىڭ رولىنى ئالغان مەرھۇم ھەدىمىز ئايشەم خانىم ، لى تىمىننىڭ رولىنى ئالغان تۇرنىسا سالاھىدىن قاتارلىق مەشھۇر چولپانلارنىڭ ياراتقان ئوبرازلىرى ، ئىكراندىكى تەبئى سىمالىرى ھازىرمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ ۋە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى رول رول ئېلىپ ناخشىنىمۇ ئۆزلىرى ئېيتىپ ۋايىغا يەتكۈزگەن ئىدى. شۇ يىللاردا ئايان بولىشىچە ئۇ ناخشىلارنى دوراپ ئېيتىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتكەن ئىدى. جۈملىدىن بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى كەسپى سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ياكى ۋاقىتلىق تەشكىللەنگەن سەنئەت ئۆمەكلىرىدە بولسۇن ، قىزىل چېراقنىڭ ناخشىلىرىنى نۇمۇرلاشتۇرۇپ ئورۇندايدغىان ئىشلار ئوخشاشلا ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. كۆپىنىچە كىشىلەر ئېتىز ئەمگەكلىرىدە ياكى ئىختىيارى يۈرۈۋاتقانلىرىدىمۇ شۇ ناخشىلارنى خالىغانچە ئېيتىپ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىراتتىم. ئالەمنى ئۇنتاتتىم.
مەن شۇ يىللاردىكى قىزىل چېراق خاتىرىسى فىلىمىنى سېغىنىش، ياد ئېتىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ رەسىملىك كىتاۋىنى ۋە بىر دانە ئۇنئالغۇ پىلاستىنكىسنى ساقلاپ كىلىۋاتىمەن. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ كىنۇلاردا رول ئالغان ھېيتەم ھۈسەيىن، تۇرنىسا سالاھىدىنلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك  ئۆمرىنىڭ ئوزون بولىشنى تىلەش بىلەن بىرگە مەرھۇم ئايشەم ھەدىنىڭ ئەۋلاتلىرىغا سالام يوللايمەن.

دادامنىڭ قالپىقىنىڭ ئىلىۋىتىلىشى

1979-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يىرتىلىپ جۇللىقى چىقىپ كەتكەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۋىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. (خەت باشقىلارنىڭ يانخۇقىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان ئىكەن) ئۇ لوپ ناھىيەلىك ئىنقىلاۋى كومتىتنىڭ يەر ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى تارىخى ھەركەتلەر داۋامىدا تۇلۇقلاپ ئايرىلغان تەركىبلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى 100-نومۇرلۇق ئۇختۇرىشى ئىدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ يېزىلغاندى: لوپ ناھىيە خۇڭچى گۇڭشى 3-گۈەنلىچۇي 1-دادۈيدىن پىراۋىدىن ئىمىننىڭ تەركىبى يەر ئىسلاھاتى داۋامىدا كەمبەغەل دېھقان دەپ ئايرىغان 1963-يىلى سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەركىتىدە قايتىدىن تۇلۇقلاپ پومشىك دەپ ئايرىلغان .ھازىر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ  1979-يىلى 130 –نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۇنىڭ تۇلۇقلاپ ئايرىلغان پومشىك تەركىۋى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئەسلىدىكى كەمبەغەل دېھقان تەركىۋى ئاساس قىلىنسا بولىدۇ.
لوپ ناھىيەلىك ئىنقىلاۋى  كۆمتىت
1979-يىلى 12-15
بىز ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىدىن خەۋەر تېپىپ خۇشاللىققا چۈمگەن بولساقمۇ يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلىمىزنىڭ يېرىمىلىقىغا ھەسرەت چەككەن ئىدۇق. چۈنكى دادىمىز بۇندىن 16-يىل بۇرۇن قازا قىلىپ كەتكەچكە بۇ ھۆرلۈكنى، بۇ كۆڭۈللۈك زاماننى كۆرەلمىگەن ئىدى. كېيىن يەنە ئۇۋال قىلىنغان ناھەق، يالغان ئەنزىلەرنى بىتەرەپ قىلىشى سىياسىتىدە دادامنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرلۈپ دەپنە راسخۇدى بېرىلدى.
دادامنىڭ 16-يىللىق سىياسى ھوقۇقىنى بېسىپ يېتىۋالغان بۇ ئېغىر كىشەن چېقىپ تاشلاندى. بۇ 16يىلدا داداملا ئەمەس ئىنىم بىلەن ئىككىمىزمۇ قېقىلىپ-سوقۇلۇپ دەككە-دەشنەملەر ئىچىدە ئۆتكەن ئىدۇق. مەن ئىككى يىل بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقى بويىچە خەلق  ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ئىدىم. ئىنىم بولسا نۆۋەتتە ئۆزىگە تەقسىملەنگەن يەر-مۈلۈكلەرنى باشقۇرغاچ بازاردا دۇكان ئېچىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللاندى. دادىمىزنىڭ قالپىقى ئېلىنغاندىن كېيىن بىزمۇ قەددىمىزىنى رۇسلاپ رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ زامانىۋىلاشتۈرۈش قورلىشى ئۈچۈن ئورتاق قەدەم باستۇق..

ئوقۇتقۇچى بولغان تۈنجى ھىسىياتىم

مەن ئۆيۈم ئەتراپىدىكى بىر پارچە ئاق يەردە ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىشنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئەزالار ئارىسىدا ئالدىراش ئەمگەك قىلىۋاتاتتىم. بۇ چۈشتىن كىيىنكى مەزگىل ئىدى دەل مۇشۇ چاغدا مەن تونۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كاسسىرى ئابدۇللا روزى يىراقتىن كۆرۈنۈپ ئۇدۇللا مەن تەرەپكە كەلدى. ئۇ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن ، دۈيجاڭغا قاراپ:« مېنى گوڭشىدىن چاقىرغانلىقىنى ، راست گەپنى قىلغاندا ئوقۇتقۇچى بولىدىغانلىقىمنى ئەسكەرتتى» دۈيجاڭ قوللىغان ھالدا:«بەك ياخشى بوپتۇ، مۇشۇنداق ئادەم ئوقۇتقۇچى بولىشى كېرەك. بۇنىڭدىن بۇرۇن يۇقىرى تەركىپ ئائىلىسى بولغىنى ئۈچۈنلا نۇرغۇن ئىشلاردىن مەھرۇم قالغان ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى ، تەشكىل خالىغان بولسا بىزنىڭ پىكىرمىز يوق..»دېگەندەك تەكەللوپلار بىلەن مېنى قوشۇپ قۇيدى . مەن دەرھال ئۆيگە بېرىپ مېھمانلىق ئۈچۈن زاپاس ساقلاپ قۇيغان كۆمۈش رەڭلىك جۇڭىيىمنى  ۋە ئەترەڭ شەپكەمنى كىيىپ ماڭدىم. ئابدۇللا روزى مېنى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە باشلاپ چىقىپ ئودۇللا ئۆزىنىڭ كاسسىر ئىشخانىسىنى كۆرسەتتى، بىز رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىشخانىغا كىردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن تارتمىسىدىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىسمى يېزىلغان بىر پارچە جەدىۋەلنى ئالدىمدا قويدى. كېيىن ئىشكاۋىنى ئېچىپ ئالقاندەك قەغەزگە ئورالغان نەخ پۇل قىسقۇچتىن ئاجرىتىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى ۋە «بۇ سىلىنىڭ مائاشلىرى»دەپ ئەسكەرتتى. (ئۇ چاغلاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئاي بېشىدا تارقىتىلىدىكەن.بۇ 18يوەن نەخ پۇل بولۇپ ئون يۈەنلىك بىر تال بەش يۈەنلىك بىر تال، ئىككى يۈەنلىك بىر تال، بىر يۈەنلىك بىر تال يىپيىڭى پۇل ئىدى. مەن پۇلنى قولۇمغا ئالغاندا ھاياجانلانغانلىقىمدىن دەرھال يانچۇقۇمغا سېلىشقىمۇ پېتىنىالماي قالغانىدىم. بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى تۇنجى ئايلىق، تۇنجى مائاشىم ئىدى. مەن جوزا ئۈستىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇرغا تىزىلغان ئىسمىمغا قول قۇيدۇم. بۇ يەردىكى ئىش تۈگىگەندىن كېيىن مەكتەپ مۇدرىنىڭ ئۆيىگە باردۇق. بىز ئىشىكتىن  كىرىشىمىزگە 40 ياشلاردىن ھالقىغان ، تولغان پۇرچاقتەك، چاچلىرى قۇيۇۋېتىلگەن مېھىرى ئىسسىق زۆھرە خانىم بىزگە سالام قىلدى ۋە « كەلسىلە مۇئەللىم» دەپ  ئىسەنلىك سورىدى . مەن «مۇئەللىم» دېگەن بۇ ئۇلۇغ، ھۆرمەتلىك ئىبارىنى تۇنجى قېتىم مەكتەپ مۇدىرى زۆھرە خانىمدىن ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ كۈن دەل 1977-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 5ئەتراپى ئىدى.
مەن مەكتەپ مۇدىرنىڭ  ئورۇنلاشتۈرىشى بويىچە ئەتىسى ئەتتىگەندىن باشلاپ ئۆيۈمدىن تەخمىنەن تۆت كېلۇمىتىر كىلىدىغان باشتۈغراق كەنتە مەكتەپنىڭ 2-يىللىق سىنىپىنى تۇتۇپ ئۇقۇشقا چقىدىغان بولۇپ قايتىپ كەتتىم. مەن بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن كېچىچە زادىلا ئۇيقۇم كەلمىدى. چۈنكى ماڭا نىسبەتەن بۇ ئۆمرۈمدە ئويلاپمۇ يىتەلمەيدىغان خىزمەت، يەنە كېلىپ ھەممىدىن ئۈستۈن تورىدىغان مۇئەللىملىك خىزمىتى ، مۇئەللىم ئادەم تەربىيەلەيدۇ. بىلمىگەننى بىلدۇرىدۇ. ئىنسانلارنى ياخشى يولغا باشلايدۇ. ، يامان يولدىن قايتۇرىدۇ. قاراڭغۇ دىللارنى يۇرىتىدۇ.  تاڭ ئاتسىلا مۇئەللىملىك سالاھىيتىم بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېنى كۆتۈۋاتقان ئوماق بالىلارنىڭ قېشىغا بارىمەن. ئەمما تۈنجى قەدەمدە نېمە دەيمەن. قانداق يوسۇندا كۆرىشىمەن؟ مەن ھاياجان ئىلكىدە ئۆز-  ئۆزەمگە سوئال قۇيۇپ مۇنازىرلىرىم چېڭىغا كۆتۈرلىۋاتقاندائەتراپتىكى خورازلارنىڭ چىللاشلىرى ئەۋجىگە چىقتى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ پۇختا تەييارلىق قىلدىم، ئەتتىگەنلىك تامىقىمنى مۇددەتتىن بۇرۇن يەپ ئالدىراش يولغا چىقتىم. بۆگۈنكى ۋاقىت كەڭ تاششا بولغاچقا ئوق يول بىلەن مېڭىپ نېمىلەرنىدۇ ئويلىغاچ كېتىپ بارىمەن. مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىشمگە ئەتراپى قويۇق سۇۋادان تېرەكلەر بىلەن قاپلانغان، ئىچىدە ئۆرۈك –ئۈجمىلەر بولىقىغا يەتكەن، رەتلىك ياسالغان تال-بوستانلىق مەكتەپ قورۇسى مېنى ئاۋۋال ئۆزىگە تارتىپ ياخشى تەسىر بەردى. بوينىغا گالاستۇك تاقىۋالغان بىر-بىرىدىن ئوماق بالىلار قاتۇرۇلمىغان مەكتەپ قورۇسىدا تازلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا رەتلىك كىيىنگەن، پاكىز چىراي، ياغلىقى كەينىگە قايرىلىپ چېگىلگەن ئايشەم خانىم تۇنجى بولۇپ ئالدىمغا كىلىپ مېنى قارشى ئالدى. مەن شۇ مىنۇت ئىچىدىلا ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئېرىشتىم. ئەتىگەنلىك گىمناستىكا يىغىلىىشدا پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئىمىن رىجەپ مېنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئىلغار تەرەپلىرىم بىلەن كۆككە كۆتۈرۈپ تونۇشتۇردى. مان ھاياجانغا چۈمدۈم. مەكتەپنىڭ ھەممىلا يىرى ماڭا ئىللىق تۇيۇلدى،
مەن سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۈنجى كۆرۈشكەندە «باللىرىم»دېگەن سۆز بىلەن ئېغىزىم ئېچىلدى. ئادەمگە مېھرىبانلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان بۇ سۆزنى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا قەدىرلەپ، قايسى مەكتەپ ، قايسى سىنىپ، قانداق شارائىت، قانداق سورۇندا بولمىسۇن ئودا ئىشلەتتىم. مەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ ماڭا ئىشەنگەن تەشكىلنىڭ ئومىدىنى يەردە قۇيماسلىق ئۈچۈن چۇقۇم تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشىم كېرەك دېگەن ئىرادىگە كەلگەن ئىدىم. ئۇ چاغلاردا ھېچقانداق قاتناش  قۇرالى بولمىغاچقا ئېگىز-پەس دۆڭلۈكلەردىن ئۆتۈپ ئويداڭ چۇققۇ دىمەي مەكتەپ تەرەپلەرگە  قاراپ ئودۇل مېڭىۋىرەتتىم. قىلچە ھارغىنلىق ھېس قىلمايتتىم. ئوقۇشتا مەدەنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن بولغاچقا شۇ مەكتەپتىكى پىشقەدەملەردىن تەلىم ئالاتتىم بىز ئۆز- ئارا ناھايىتى تىزلا چىقىشىپ كەتكەن ئىدۇق. مەن ئۇلارنىڭ ھىمايىسىدە تىزلا ئالغا باستىم. يىللىق باھالاشتا ئىلغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ سايلاندىم. كىيىنىكى يىلدا گوڭشى پارتكۇم ئاچقان 3-دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنننىڭ نامزاتى بولۇپ سايلىنىپ يىغىنغا قاتناشتىم. ئۇندىن باشقا مەكتەپنىڭ ۋە گوڭشىنىڭ خەتتاتلىق ئىشلىرىدا قايتا كۆزگە كۆرۈنۈپ ئەتىۋارلىق ئادەمگە ئايلاندىم. ماڭا مۇشۇنداق شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئالاھىدىلىكلىرىمنى جارى قىلدۇرۇشقا سەۋەپچى بولغان ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى مېنىڭ مەڭگۈلۈك قەدىرلەپ ئۆتىدىغان يول ئاچقوچۇم بولۇپ قالغۇسى.

مىنىڭ نەزىرىمدىكى سالاپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار

ئەينى يىللاردىكى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇلاردىن تەركىپ تاپقان مىللەتلەر ئىتپاقلىقى ئاساسىدىكى چوڭ مەكتەپ ئىدى. ھەپتىدە بىر كۈن كەسپى ئۆگىنىش بار ئىدى. ئۆگىنىشكە كىلىدىغانلار ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، خەنزۇلار ئايرىم ئۆگىنىش قىلاتتى. ئۆگۈنۈشكە  قاتناشقان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنىچىسى ماڭا ناتونۇش ئىدى. مۇنبەردە تۇرۇپ دەرس سۆزلەديغانلارمۇ ئالمىشىپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئانچە بىلمەيتتىم. مېنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم يۇقىرى بولغاچقا ئۇلارنىڭ دەرس ئۆتۈش مىتۇدىغا، دەرس مەزمۇنىغا بەك دىھققەت قىلاتتىم. بىر قېتىملىق ماتىماتىكا دەرسىدە ھەر خىل، دىئاگىراممىلارنى ۋە جەدىۋەللەرنى سىزىشنىڭ ئوسسۇللىرىنى تىز ئوگىنىۋالغانلىقىم ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچۇم مېنى خېلىلا ماختاپ كەتكەنىدى. مەن كېيىنچە شۇ ئىشتا تەرەققى قىلىپ ناھىيەنىڭ ئېغىزىغا ئېلىنغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئاشۇنداق بىلىمى  يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ئىدى. ئاي-يىللار ئۆتتى. ھەممىمىز ئۆز بولۇپ ئۆتتۈق. ياتسىراشنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىدى. ئەمما مەن ئۇلارنى يەنىلا ھۆرمەتلەيتتىم. ئۇلارغا چوقۇناتتىم. ئۇلارمۇ كەمتەر كىچىك پېئىل ، مۇلايىم كىشىلەر ئىدى. بەشتۈغراق زېمىنغا ئادەم پەيدا بولۇپ ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يەرگە بىر مۇئەللىم كەلدى. ئۇ لوپ ناھىيەلىك مائارىپ بۆلۈمى ئىبەرتكەن بۇ زېمىندىكى تۈنجى مۇئەللىم مەتتوختى ھىسامىدىن ئىدى.ئۇ بۇ يەردىكى تۈنجى ئىشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېگىنى تېپىشقا قارىتىپ ئۆيمۈ-ئۆي كىرىپ ئىنچىكە كۆزىتىش نەتىجىسىدە ئەڭ ئاۋۋال  23نەپەر ئوقۇش يېشىدىكى بالىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزدى. كېيىن بۇ بالىلارنى بىر كەپە ئۆيگە يىغىپ ئوقۇشنى باشلىۋەتتى. ئەمما بۇ بالىلار چوڭ –كىچىك بولۇپ ئۇلار بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلەنگەچكە قوشما تەلىم ئوسۇلىنى قوللاندى. بۇ ئۇسسۇل ئۇقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ بۇ ئۇلارنى ئويلاپ كەتمىدى. بىر قانات  تاختا ئىشىك دوسكا قىلىپ ئىشلىتىلدى. ئوقۇغۇچىلار   خەتنى يەر تېگىدە ئولتۇرۇپ دەپتەرنى تىزىدا قۇيۇپ يازاتتى. ئۇ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ئۆز بالىسىدەك ئاسرايتتى ۋە كۆيۈنەتتى.  ئۇ شۇ يىللاردىن باشلاپ بۇ زېمىندا ئاخىرغىچە ئىشلەپ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى. مەتتوختى ھېسامىدىن باشتوغراق زىمىنىغا مائارىپنىڭ ئورۇغىنى چاچقۇچى تۇنجى مۇئەللىم. توھپىكار باغۋەن بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتۈغراقتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ ۋە قەدىرلىنىدۇ.
ئۇندىن باشقا بۇ زېمىنغا ئارقا-ئارقىدىن كىلىپ يىلتىز تارتىپ نەچچە مىڭلىغان سەبئى بالىلارنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان ئۇستازلىرىمدىن تورسۇنىياز يۈسۈپ، زۆھرە خانىم، ئابدۇۋەلى ھاشىم، مەمتىمىن ياسىن، مەتتۈرزى ماخمۇت، مەمتىمىن زاكىز، بايىز قادىر، ۋاڭ گەييى، لىڭ چڭڭى، ئىگەمبەردى چاۋار، ئاينىسە توختى، ۋىللا تالىپ، ئايشى قادىر، ئاتاۋلا جامال قاتارلىق ۋەكىل خارەكتىرلىك نۇرغۇن ئۈستازلار ماڭا ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ئىش-ھەرىكلەتلىرى ئارقىلىق زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق يىللىرىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىز بىلەن مەڭگۈ ۋىدالاشقان بولسىمۇ يەنە بىر قىسمى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە مۇشۇ زېمندا يىلتىز تارتىپ مۇنبەت توپراقنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ئۇلار يەنە ئۆزىنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى كىيىنكى ئەۋلاتقا تاپشۇرۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ سىماسى قەلبىمىزدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. مەن تىلغا ئالغان يوقارقى كىشىلەر مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ سالاپەتلىك كىشىلەردۇر.

مىنىڭ توي ئۆتكىلىم

1979-يىلى ئالتۇن كۆزنىڭ خەيرىلىك بىر كۈنى ئىدى. يورۇڭقاش بازىرىدىكى ئاددىيغىنە بىر ئۆيدە ئۇرۇق-تۇغقان، خولۇم-خوشنا، يېقىن –يورۇقلار جەم بۇلغان توي مۇراسىمدا نىكاھ ئۇقۇلدى. بۇ مېنىڭ تويۇم ئىدى. ئۇ زامانلاردا يۇرۇڭقاش بىلەن بەشتوغراق ئارلىقىدىكى 52كىلۇمىتىرلىق يولنىڭ شارائىتى بەك ناچار بولغاننىڭ ئۈستىگە قاتناش ۋاستىللىرىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ قىيىن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى موساپە خۇددى مۈشكۈل سەپەر يولىدەك ئېغىر بىلىنەتتى. توينىڭ ئالدىدىكى بۇ مەسىلە مەندىن باشلاپ ھەممىمىزنىڭ كاللىسىنى قاتتۇرغان ئىدى. مەن توينى قانداق كۆچۈرۈش توغرىسىدا نېمە قىلارىمنى بىلمەي يۆرۇۋاتقاندا بىرسىنىڭ مەسلىھەتى كاللامنى سەگىتتى. مەن شۇ بويىچە رەھبەرلىككە ئىلتىماس سۇندۇم. رەھبەر ئىككىلىنىپ تۇرمايلا تىراكتۇر زەننىڭ تۇتقۇچلۇق شوپىرى ئىسلام سەيدىنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە « سىلەرنىڭ پات-پات دەريادىن تاش ئەكىلىدىغان ئادىتىڭلار بار . سىلەر بىر نۆۋەتلىك تاش ئەكىلىشنى مۇشۇ شەنبىگە توغرىلىساڭلا قانداق» دەپ توي ئەھۋالىنى تەپسىلى چۈشەندۈردى. ئىسلام سەيدى قوش-قۇللاپ ماقۇللۇقنى بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى. مېنىڭ كۆڭلۈممۇ تىنىچلاندى.
كۆتكەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. توي كۆچۈرگۈچىلەر ئىككى توچەي قوشۇلغان تىراكتۇرغا ئولتۇرۇپ ئەتتىگەندىلا يولغا چىقتۇق. شوپۇر كەچكە قالماسلىقنى كۆزلەپ تىراكتۇرنى تىز ھەيدىۋەتكەچكە قۇرۇق توچەي بىزنى بەزىدە غەلۋىرىدىكى قوناقتەك سەكرەتسە بەزىدە ئىغاڭلىتىپ  ئادەمنى ئارامىدا قىلمايتتى. بىز ئاشۇنداق جاپالار ئىچىدە ئاخىرى مەنزىلگە يىتىپ كەلدۇق. تىراكتۇرنى بىزنى توي بولىدىغان ئۆينىڭ ئالدىدا چۈشۈرۈپ قۇيۇپ دەرياغا كىرىپ كەتتى. بىز ئۇستى باشلىرىمىزنى قېقىشتۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىمىزنى سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ كىلىشىمىزنى تۆت كۆزى بىلەن كۆتۈۋاتقان ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆيگە باشلاندۇق.، توي مۇراسىمى مەزگىلدە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى سەزمەپتىمىز. توينىڭ ھەممە ئىشلىرى ئاخىرلىشىپ تىراكتۇرنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ تۇردۇق. ئانچە ئوزون ئۆتمەي تىراكتۇرمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى. بۇ چاغدا قۇياش خېلىلا پەسلەپ كىرىپ كىتەي دەپ قالغانىدى. ئۆتى ئۆچۈرۈلمىگەن تىراكتۇر بىزنى تىزراق بولۇشقا ئالدىرتىۋاتاتتى بىز ئىككى توچەيگە ئولاش-چولاش چىقىپ تاش ئۈستىگە ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن بىزنى ئوزىتىشقا چىققانلار بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىپ يولغا راۋان بولدۇق. يۈكى ئېغىرلىغان تىراكتۇرلار بۇرۇنقىدەك ئانچە بىئارام ئەمەس ئىدى. ئوزون ئۆتمەي يوۋاش يوللارمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. تىراكتۇر دۆلەت تاشيۇلىدىن ئايرىلىپ بەشتۈغراق تەرەپكە قايرىلغاندا  خۇپتەن مەزگىلدىن ئاشقان ئىدى. بۇ تەرەپنىڭ يۇل شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ ھەپتىدە بىر قېتىملاپ يول يۈرۈيدىغان تىراكتۇرلاردىن باشقا ئىلغارراق قاتناش ۋاستىللىرىنىڭ ئۆتكىنىنى بىلگىلى بولمايتتى. بۇ يەر بەرپا قىلىنغىنىغا ئانچە ئوزون بولمىغان دىھقانچىلىق مەيدانى يەنى ئەمدىلا قۇرۇلغان يېڭى گۇڭشىنىڭ يولى. ئۇ دۆلەت يولىدىن ئايرىسىلا ئەتراپى غىڭ ساي، ئانچە- مۇنچە يۇلغۇن ،چاكاندا ، قۇمۇشلار چىقىدىغان قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىن ئۆتىدۇ. يولنىڭ بىر يەرلىرى سۇ ئېقىتىپ كەتكەن سەۋەپلىك پۇچۇق ۋە تار. بىر يەرلىرى چوڭ-كىچىك تاشلار دەستىدىن داققۇ-دۇققاڭ بىر يەرلىرى شىغىل يۇقى كۆرمىگەچكە پاتقاق دېگەندەك قۇلايسىزلىقلار سەۋەبىدىن سۈرئەت ئاستا ئىدى. تىزراق ماڭاي دەپمۇ ماڭغىلى بولمايتتى. ئىشقىلىپ ماڭمىغاندىن ياخشى ، نېمىلا بولمىسۇن، ھەر نېمە قىلىپ يايلىغان(جاي ئىسمى)دائىرىسىگە بىخەتەر كىلىۋالدۇق. ناچار يوللار توگىمىگەچكە ئىچىمىزدىن تىت-تىت بولاتتۇق. توچەي ھەممىمىزنى ئىغاڭلىتىپ قانداق كېتىۋاتقانلىقىمىزنى، ئاستىمۇ، ئىتتىكمۇ ھېچبىر بىلدۇرمەيتتى. بىز كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز چوقۇرشۇپ كەتتۇق. نېمە بولغانلىقىمىزنى بىلمەي قالدۇق. بۇ چاغدا تىراكتۇر يولىدىن چىقىپ كېتىپ سۇلام توپىلىق يانتۇغا كىرىپ كەتكەن ئىكەن. ئادەملەرگە خەتەر بولمىسىسمۇ توچەي –چاقلىرى بۇ يەردە مەھكەم پېتىپ قالغان ئىدى. شوپۇر بارلىق ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ توچەيلەر قىمىر قىلمىدى. ئۇ قول چىرىقىنى تۇتۇپ ئايلىنىپ چىقتى. ۋە ئامالنىڭ يوقلىقىنى بىلگەنىدى كېيىن تىراكتۇرنى توچەيدىن ئاجراتتى ۋە:«مەن زەنگە كىرىپ بىر ئامال قىلىپ چىقاي»دىگىنىچە شاگىرتى بىلەن تىراكتۇر بېشىنى ھەيدەپ كىتىپ قالدى. ئۇ شۇنىڭغىچە قايتا پەيدا بولمىدى. بىز ھەممىمىز ئىلاجىسىز قالدۇق. ئاي يورۇقىدىن ئەسەر يوق تۈن كىچىدە 30غا يېقىن ئادەم پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇلار ئىچىدە  ياشلار، ياشانغانلار ، كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان كىچىك بالىلار ۋە ئازدۇر كۆپتۇر يۈكى بارلارمۇ بار ئىدى. ئەڭ يامان يىرى تويى بولغان قىز ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن 3نەپەر خېنىملارچۇ تېخى. قارىماققا ئۇلارمۇ خېلى ياشانغاندەك قىلاتتى. مەن ئۈچۈن ئاسمان يىراق ، يەر قاتتىق بولدى. بۇ كىشىلەر مېنى دەپ كەلگەن تۇرسا ، خىياللىرىم چېچىلىپ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىمنى ، قانداق مېڭىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيمەن. ھېلىمۇ ياخشى بۇ كىشلەرنىڭ قىززىق گەپلەرنى قىلىشىپ ،چاقچاقلىشىپ ، كۈلۈشۈپ مېڭىشلىرىدىن تەقدىرگە تەن  بېرىپ بولسىمۇ ھېچبىر ئاغرىنىش ھىس قىلمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. شۇ ۋەجىدىن بولسىمۇ كۆڭلۈم ئازراق كۆتۈرلۈپ قالغان ئىدى.
بىز شۇ مېڭىشىمىزدا تەخمىنەن 3چاقىرىمچە يول يۈرگەندىن كېيىن كەينىمىزدىن يىتىپ كەلگەن خېلى كۆپ ئېشەك ھارۋىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇلار چۆلدىن ئوتۇن ئەكىلىشكە كېتىۋاتقان ناتونۇش كىشىلەر ئىكەن. بىز ئۇلارنى كۆرۈش بىلەن ھارۋاڭلارغا چىقىۋالايلى دېسەك ئۇلار ؛«بىز يىراقتىن كەلدۇق، ئۇلاغلىرىمىز ھېرىپ كەتتى  دەپ ئۇنىمدى. بۇ چاغدا ئارىمىزدىكىلەردىن بىرسى:«بۇ ئاياللار ، بۇ بالىلارنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟بۇلارنى چىقىرۋالمىساڭلا مۇشۇ يەردىنلا يېنىپ كېتىڭلار، چۈنكى بۇ چۆلدىكى ئوتۇنلار  بىزگە تەۋە. سىلەر بىزگە ئەسقاتمىساڭلار، بىزمۇ سىلەرگە ئەسقاتمايمىز» دېدى. ئۇلار ئاخىرى مەجبۇرى  قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاز-تولا ماغدۇرى بارلاردىن باشقىسى ھارۋىلارغا چىقىشتى. شونىسى ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ئۇلار يول ئايرىپ باشقا تەرەپكە كېتىپ قېلىشتى. ھەر نىمىدۇر ئاز بولسىمۇ يول قىسقارغانىدى. ئوزون ماڭمايلا كەنت- مەھەللىلەرگە سۇ ئايرىيدىغان ئارىشقا كەپ قالدۇق. بىز بۇيەردە ئەمدى ئولتۇرىشىمىزغا خېلىدىن بىرى ئارىمىزدىن يوقاپ كەتكەن ئىككى ئاغىنەم بىر ھارۋا ئۈچ ئېشەك ئېلىپ ئالدىمىزغا چىقتى. بۇ چاغدا يېقىن ئەتراپتىن ئاڭلانغان توخۇلارنىڭ چىللاشلىرى تاڭ ئېتىشتىن خەۋەر بەردى. بىز ئالدى بىلەن تويى بولغان قىز ۋە ئۈچ خېنىمنى ئاساس قىلىپ ھارۋىنى توشقۇزدۇق. قالغانلىرىنىڭ ئاجىزراقلىرىنى ئېشەكلەرگە مىندۇردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يۇرتنىڭ تۈنجى ئەۋلات دوختۇرى بولغان گۈلنىسە خانىم قىزىق ئىش قىلدى. « ۋاي يەي ، بۇ ئۆمرۈمدە ئىشەككە مىنىپ باقمىغان ئىدىم، ئېشەككە مىنسە ئاجايىپ بولىدىكەن، شۇ تاپتا ئۆزۈمنى ئاسمانغا چىقىپ قالغاندەك ھىس  قىلىۋاتىمەن، ۋاي يەي بۇ نىمە كارامەت ...» دېدى. ئۇ يەنە بىر نىمىلەرنى دېمەكچى بولۇۋاتقاندا ئەتراپتىكىلەرنىڭ شوخ كۈلكىلىرى ئۇنىڭ گېپىنى ئۆزۈۋەتتى. كۈلمەيدىغانلارمۇ تېلىقىپ كېتىشتى. ئويقۇددىن كۆزىنى ئاچالمايۋاتقانلارمۇ تىتىكلىشىپ كەتتى.
ئىككى يېقى ئېگىز ئورمان بىلەن قەد كۆتۈرگەن ، ئاندا-ساندا شىغىل ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان چالا توسان ئۇق يولدا كېتىپ بارىمىز. بىز گوڭشى مەركىزىگە يىتىپ كەلگۈچە كىشىلەر بىر- بىرلەپ ئازلاپ ئۆز خانىلىرىغا كىتىپ بولغانلىقىنى سەزمەي قاپتىمىز. بىزنىڭ ئۆي ياقىدىراق بولغاچقا يەنە ئازراق ماڭدۇق. چالا ئېلىنغان يول ياقىسىدىكى  كىچىككىنە ئاددىي ئۆيدە كىرسىن چىراقنىڭ غۇۋا شولىسى بىلىنەر- بىلىنمەس نۇرلىنىپ تۇراتتى. بۇ مېنىڭ ئۆيۈم بولۇپ خۇشنا ئايال بىر كېچە كىرپىك قاقماي بىزنىڭ يولىمىزغا قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ بىز بىلەن كۆرۈشۈپ ئامان –ئېسەنلىك سوراشقاندىن كېيىن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. بىر كېچە ھېرىپ چارچاپ ھالىدىن كەتكەن 4كىشى تاماق يىيىشكە، ئەتراپنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۆزلىرىنى تاشلىغىنچە ئۇخلاپ قېلىشتى. مەن كۆز يۇممايلا ئەتراپنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدىم ئۇلار ئانچە ئۇزۇن ياتمىدى.بۈگۈن  تەلىيىمىز كەلگەندەك كۈن ناھايىتى ئۇچۇق چىققان ئىدى. ھويلا ئالدىدىكى تال بوستان ،ئۆرۈك ، ئۈژمە ۋە ئاق ئالمىلارنىڭ سالپاڭ قۇلاقلىرى ئەتتىگەنلىك كۈن نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇراتتى.
توي سەپىرىمىز ئاشۇنداق ئاخىرلاشتى. ئەمما مېنى ئويغا سالىدىغان يەنە بىر ئىش. ئايالىمنى بۇ يەرگە كۆندۈرۈش ۋە تۇراقلاشتۇرۇشتا قالغان ئىدى. چۈنكى ئىككىمىز ياشىغان ئىككى جاينىڭ شارائىتىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بولغاچقا ئەندىشە قىلىشمنىڭ ئورنى بار ئىدى. بىز ئەسلىدە ئۇرۇق-تۇغقان بولغاچقا ئەندىشە قىلىشمنىڭ ئورنى بار ئىدى. بىز ئەسلىدە ئۇرۇق تۇغقان بولغاچقا ئۇنى كىچىك چېغىمدا بىر قېتىملا كۆرگەن ئىدىم. ئۇ مەندىن ئورنى بار ئىدى. بىز ئەسلىدە ئۇرۇق-تۇغقان بولغاچقا ئۇنى كىچىك چېغىمدا بىر قېتىملا كۆرگەن ئىدىم. ئۇ مەندىن كىچىك ئىدى. ئۇ تېخى مېنى سەھرالىق كۆرمەي بازار ئايلاندۇرغان ئىدى. كونىلار ئېيتقاندەك نىكاھ غايىپ نەرسە ئىكەن. تەقدىر مېنى ئاخىرى ئاشۇ قىز بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئايالىم ناھايىتى  ئوڭلۇق ئىكەن. ئۇ كۆپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ نەزىرى كەڭ ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنىدىكەن. شۇڭا ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئەندىشىللىرىممۇ قالمىدى. ئۇ بۇ يەرنىڭ قولايسز ۋە جاپالىق شارائىتلىرىغا ئاسانلا كۆنۈپ كەتتى. مەنمۇ تۇرمۇشۇمدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى، كۆيۈنۈشنى، ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدۇم. ئۇرۇق-تۇغقان، خولۇم-خۇشنىلار ئارىسىغىمۇ ئاسانلا سىڭىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى مېنىڭ كۆيۈمچان، ئىشچان ئايالىمغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. مەن راستىنلا تەلەيلىك ئىكەنمەن. مەن ئەسلىدە بىر يىتىم بالا ئىدىم. ئايالىمنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان   بولدۇم. تەڭرى ماڭا ئوڭ كۆزى بىلەن قارىدى. ئويلاپ باقسام ساناقلىق يىللار ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپتۇ. تويىمىز  بولغاندىكى  تۈنجى ئالتۇن كۈز  36ئالتە ئالتۇن كۈزگە يىتەيلا دەپتۇ. بۇ ۋاقىتلار ھەم چۈشتەك چۈش ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ. بىر-بىرىدىن مېھرىبان، بىر-بىرىدىن كۆيۈمچان تۆت پەرزەنتىمىز بىر-بىرلىرىنى قوغلىشىپ يىل سانلىرىنى توشقۇزىۋاتىدۇ. ئۇلار ئەينى يىللاردىكى قىرانلىقىمىزنى ئالدى. ئۇلار نەسەپنى تارتقاچقىمىكىن ئەخلاقلىق، بىلىملىك ئادەم بولدى. ئەمدىلىكتە مەكتەپكە كېتىۋاتقان، كېلىۋاتقان نەۋرىللىرىمىزنىڭ  يولىغا قاراپ ئولتۇرساق، ئۆيدە قالغانلىرىنىڭ  خۇيلۇق ھەرىكەتلىرىدىن سۆيۈنۈپ ياشىرىمىز. بۇ ئاشۇ جاپالىق توي ئۆتكىلىنىڭ سوۋغىسى بولسا كېرەك. تاغدا بولسۇن، باغدا بولسۇن ياكى چۆللەردە بولسۇن تۇرمۇش دېگەن مۇھەببەتلىك ئىناق ئائىلە ئۈچۈن بەرىبىر ئىكەن.
تەڭرى بىزگە رەھمى قىلىپ مۇشۇ كۈنلەرگە يەتكۈزدى. بۇ جاھاندا ھەرگىزمۇ قېرىغىنىمىز يوق. ئەمما ئامالىمىز قانچە، چۈنكى ئائىلىمىزدە ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرۇپ يۈرىكىمىزنى ياشارتقانلار« بوۋا، موما»تالاي قېتىم چاقىرىپ ، ئاق ساقال، ئاق چاچلىرىمىزنى بۇدرۇق قوللار بىلەن سىلاپ يولۇپ ئەسكەرتىۋاتسا، بالىلار ھەمىشە : «دادا، ئانا سىلەر ئەمدى ھېچنىمىنى ئويلىماي  ياشاڭلار، ئاللا بۇيرۇسا يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن ئالتۇن تويۇڭلارنى قىلىمىز» دىيشىدۇ. بىز شۇ كۈنلەرگە يىتىش ئۈچۈن ھەر نىمە قىلىپ تىرىشىۋاتىمىز.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-30 22:18  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش