يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 566|ئىنكاس: 11

دىلداش: زىيادە سېمىزلەر دىققىتىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              زىيادە سېمىزلەر دىققىتىگە
كامىلجان ناسىر دىلداش


1-تاماق يېيىش سۈرئىتى تىز بولماسلىقى كىرەك:ئۇزۇقلۇق شۇناسلار تەتقىقاتىدىن مەلۇم بۇلۇشچە تاماق يېيېش سۈئىتى تېز بۇلۇش سەۋەبىدىن سەمرىپ كەتكەنلەر ئۇمۇمى سېمىزلەرنىڭ %17 نى ئىگەللەيدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشچە، ئېغىر بولغاندا تاماق يېيېىش سۈرئىتى بەك تېز بولغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ يېمەكلىك مەركىزى نىرۋىسىنى تىزگىنلىشى تەس بۇلۇپ، كۆپ مىقتاردىكى يېمەكلىكنى يەپ بولغاندا توختاش سىگىنالى بېرىدىكەن. شۇڭا، تاماقنى ئالدىرماي چايناپ يېيېش كىرەك يېمەكلىكنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ھەزىم بۇلۇشغا پايدىسى بولغاندىن باشقا ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.
2-تەرتىپلىك تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىش كىرەك. ئۇزۇقلۇنۇشنىڭ ياخشى ياكى ناچار بۇلۇشى كىشىلەرنىڭ نۇرمال پائاليىتىگە، سالامەتلىكىگە، ئەقلى قابىليىتىگە، خىزمەت ئىقتىدارىغا ۋە جىسمانى قۇۋىتىگە شۇنداقلا كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغا تەسىر كۆرسۈتىدۇ. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىش، ھەر ئادەم تەبىئى ئادەتنى ئاساس قىلىش، ئېھتىياج تەلەپنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىش. ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ  مىقتارىنىﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ئىستىمال قىلغان تاماق ۋە ئوﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻨﻰ ۋە ئۆز مىزاجىغا ماس كىلىدىغان، ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى بېلىشى لازىم. ھەمدە ﻧﺎﭼﺎﺭ ئوﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ئاﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ئوﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ، ﺋﯩﻠﻤﻰ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ئوﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻣﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ، ﻗﻪﻧﺘﻠﯩﻚ، ئاﻗﺴﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ مۇۋاپىق ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯧﯟﻩﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯪﺳﺘﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ئەﺗﯩﮕﻪﻥ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ئاﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ، ﺳﯘ ئوﺯﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ئۆزىنىڭ تەن ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان  ﻳﯧﻨﯩﻚ تەنھەركەت تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ئاﺭﺗﯘﻕ ﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻦنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
3-تاماق يەپلا يىتىشتىن ساقلىنىش، زىيادە كۆپ ئۇخلىماسلىق، ئىمكان بار ئاز ئوﺧﻼﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﻫﻮﺭ ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺶ، ياز پەسلىدە ئىمكان بار ﻗﯘﻣﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﺵ، ياكى ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶكە ئەھمىيەت بېرىش ﻛﯩﺮﻩﻙ.
4-نوقۇت، قوي مېيى، كۈنجۈت قاتارلىق مېغىز ماي تەركىپلىك يىمەكلىكلەرنى، شۇنداقلا ھەر خىل سۇغۇق ئىچىملىك ۋە سۈت مەسۇلاتلىرىنىڭ ئىستىمال مىقتارىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش لازىم.
5-ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقتارىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىش كېرەك. نۇرمال ئادەم كۈنىگە ئىككى لىتىردىن ئۈچ لىتىرغىچە سۇغا ئېھتىياجلىق بولۇلۇپ، ھەركىتى كۈچەيگەنسىرى ئەمگەك پائالىيىتى، ھاۋا كىلىماتى ۋە ئېستىمال قىلغان تاماقلارغا قاراپ كۈپۈيىدۇ. شۇڭا سۇ ياكى قايناقسۇ ئىچكەندە ئىلمىيلىكنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق،
ئورگانىزىمنىڭ فىزولوگىيەلىك ئېھتىياجىغا بىقىپ ھەر كۈنى ئىچىدىغان سۇ ۋە قايناقسۇنىڭ مىقتارى، ۋاقتى، ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم.گەرچە مۇۋاپىق سۇ ئېچىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ لىكىن سۇنى زىيادە كۆپ ئىچىش سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەدەنگە پايدىسىز.
6- ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ھۆللۈكنى ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ئورﯗﻗﻠﯩﺘﯩﺶ ئوﭼﯜﻥ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ھﻪﻳﺪﯨﮕﯜﭼﻰ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﻨﻰ ئاﻟﻐﯘﭼﻰ، ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﻳﯩﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ مۇۋاپىق ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ قەرەللىك ھالدا تېۋىپلەرگە كۆرۈنۈپ  شۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيۇنچە مۇۋاپىق ئۇسۇللاردا كۈتۈنۈش، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىلمى ئىستىمال قارىشىنى تىكلەش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا زىيادە سەمرىپ كېتىشتىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلۇدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-27 21:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-27 21:12:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككى ئايدا شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ ئاران ئۈچ كىلو  ئورۇقلاپتىمەن!

ۋاقتى: 2015-6-27 23:01:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما سەمىرىپ كەتكەنلەر كىلىپ ماڭا خامان ئېلىشىپ بېرىڭلا،ئورۇقلىمىساڭلا ھېساپ ئەمەس،رېتسىپنىڭ نوچىسى مەندە!

ۋاقتى: 2015-6-27 23:42:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سېمىزلىك دەردىدە ئورۇقلىيالماي بېشى قېتىۋاتقانلارغا ناھايىتى ياخشى كۆرسەتمە بوپتۇ، لېكىن سەمىرىيەلمەي ئاۋارە، ھەي ماڭا سەمىرىشنىڭ رېتسىپلىرىدىن بىر ئىككىنى دەپ بەرمەمسىز بۇرادەر!

ۋاقتى: 2015-6-28 13:35:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى مەن سەمىريەلمەي  تۇرىمەن شۇ تاپتا شۇنچە كۆپ تاماق يەپمۇ سەمىريەلمىدىم ماڭا بۇنىڭ رىتسىپى يوقمۇ؟

ۋاقتى: 2015-6-29 20:06:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇقلار سەمىرىشنى ھەرگىز ئارزۇ قىلماڭلار. بىر سەمىرىپ كەتسە ئۇرۇقلىماق بەك تەس. سەمىرىپ كەتسە كىسەل بېسىۋالىدىكەن، يا كىيىم ياراشمايدىكەن، بەدەن ئېغىرلىشىپ چاققانلىقتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدىكەن. بەك سەمىرىپ كەتكەن ئەرلەرنى ئاياللار قوغلاشمايدۇ جۇمۇ!.... ياخشى كۆرسەتمە بوپتۇ. ئەجرىڭىزگە رەھمەت كامىلجان!

ۋاقتى: 2015-6-30 11:35:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2015-6-27 23:42
سېمىزلىك دەردىدە ئورۇقلىيالماي بېشى قېتىۋاتقانلارغا ...

ئەڭ ياخشى رىتسىپ كەمەرنىڭ چىڭ باغلاپ يىگەن نەرسىنى سىرتىغا چىقارماسلىق، شۇنىڭدا تىز سەمىرىيسىز، شەيدائىكا (چاقچاق ماقىما ماۋۇ)

ۋاقتى: 2015-6-30 11:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




     سېمىزلەر ئورۇقلىيالماۋاتقان، ئورۇقلار سەمرىيەلمەۋاتقان، نېمەدېگەن تەڭشەلمىگەن ئالەم-بۇ؟!

ۋاقتى: 2015-6-30 22:29:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كۆرسەتمە بوپتۇ .ئورۇقلار سەمىرىشنى ھەرگىز ئارزۇ قىلماڭلار. بىر سەمىرىپ كەتسە ئۇرۇقلىماق بەك تەس،

ۋاقتى: 2015-7-1 16:40:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇقلاشنىڭ دەردىدە يۈرگەنلەرگە ياخشى رىستىپنى دەپ بېرىپسىز..ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن ...
سېمىزلەر ئۇرۇقلىيالماي ئاۋارە، ئۇرۇقلار سەمىرەلمەي..

ۋاقتى: 2015-7-18 12:01:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-6-30 11:48
سېمىزلەر ئورۇقلىيالماۋاتقان، ئورۇقلار سەمرىيەلم ...

ئابدۇرېھىم ئاكا  تارازىنىڭ ئىككى ئۇچى تەڭپۇڭ بولىشى ئۈچۈن شۇنداق بولمىسا بولمايدۇ ....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-22 20:12:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-6-28 13:35
ھى ھى ھى مەن سەمىريەلمەي  تۇرىمەن شۇ تاپتا شۇنچە كۆپ تا ...

-ئەلۋەتتە بار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش