كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رايونى
›
شېئىرىيەت
›
گۈلنىسا ئىمامنىياز: يامغۇرنىڭ ئاۋازى
1
2
/ 2 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
828
|
ئىنكاس:
21
گۈلنىسا ئىمامنىياز: يامغۇرنىڭ ئاۋازى
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
GULNISA.IMAM
GULNISA.IMAM
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-26 18:50:47
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
يامغۇرنىڭ ئاۋازى
گۈلنىسا ئىمامنىياز
يامغۇرنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرى،
يېشىل ۋاراقلارغا زەخمەك ئۇرىدۇ.
ياپراقلارنىڭ ئىنچىكە تارلىرى،
ئىزگۈ ئاھاڭدىن يىنىك تىترەيدۇ.
دەرەخ ئالقىنىدا توختاپ قالغان،
قۇشلار ئىچەر سۈزۈك ھاياجاننى.
توختاپ قالار گۈلنىڭ زىنىقىدا،
يامغۇرنىڭ چوككىدە ئاۋازى.
يامغۇر مۇئەللەقتىن سويلايدۇ،
سۈزۈك بەدىنى ئۇسسۇل ئوينايدۇ.
شوخلۇق بىلەن چېكىپ دېرىزە،
يۆل ئاۋازى خىيال نەمدەيدۇ.
چاڭ-توزاڭلار كېتەر ماكچىيىپ،
يامغۇرنىڭ قوپال ئاۋازىدىن.
ھېسسىياتچان شامال يولقۇنار،
تەبىئەتنىڭ نەمخۇش تىنىقىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-26 22:52
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
مۇھاجىر
مۇھاجىر
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-26 23:24:59
يانفوندا يوللانغان
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ تىلى راۋان ، رىتىملىق چىقىپتۇ ، ئەمما《يۆل》دىگەن سۆز ئۇيغۇرتىلى لىكسىكىسىدا 《ھۆل 》 دەپ ئىشلىتىدۇ شۇنىڭغا دىققەت قىلسىڭىز ! شېئىرلىرىڭىزدىن يىڭىچە مەنا چىقىدىكەن .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
قەلبىنۇر ئېلياس
قەلبىنۇر ئېلياس
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-27 11:18:40
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇرنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرى،
يېشىل ۋاراقلارغا زەخمەك ئۇرىدۇ.
شائېرەنىڭ كۈزۈتۈش قابىليىتى ، بەددىي بالاغەتنىڭ بەتلىرىنى ۋاراغلاپ، جانلاندۇرۇشنىڭ سېھىرلىك چۈمبىلىگە مەنىلەرنىڭ گۈزەلىكىنى ئوراپتۇ .
دەرەخ ئالقىنىدا توختاپ قالغان،
قۇشلار ئىچەر سۈزۈك ھاياجاننى.
توختاپ قالار گۈلنىڭ زىنىقىدا،
يامغۇرنىڭ چوككىدە ئاۋازى.
بۇ مىسرالاردىكى ئادىمىيلەشتۈرۈش لېرىكلىق ھاياجاننى قان قىلغان ، ھەقىقى مەنىدىكى جانلىق بىر ئىنسان تۇيغۇسىنىڭ شئېريەت ئاسمىنىدىن مەنە زىمىنىغا تۆكۈلگىنىدەك جەلىپكار
بىلىندى .
يامغۇر مۇئەللەقتىن سويلايدۇ،
سۈزۈك بەدىنى ئۇسسۇل ئوينايدۇ.
بۇ ئىبارىلىرىڭىزدىكى گۈزەللىك تىل سەنىتىڭىزنىڭ پىشىپ يېتىلۋاتقانلىغىدىن دېرەك بەردى .
چاڭ-توزاڭلار كېتەر ماكچىيىپ،
يامغۇرنىڭ قوپال ئاۋازىدىن.
ھېسسىياتچان شامال يولقۇنار،
تەبىئەتنىڭ نەمخۇش تىنىقىدىن.
بۇ تاتلىق چىققان مىسرالىرىڭىزغىمۇ مۇبارەك ئادىشىم ! سىز ئۆز ئۆزىڭىزدىن غالىپ ياشاۋاتقان مەزلۇمە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-27 14:33
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
پىنھانى
پىنھانى
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-27 13:44:31
يانفوندا يوللانغان
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنىساخانىمنىڭ بۇ شىئ ېرى ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ، يامغۇرنىڭ ئاۋازى قەلبىمنى لەرزىگە سالدى.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تۆرىبەگ قىزى
تۆرىبەگ قىزى
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-27 19:39:34
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇر ياغقاندا
غۇسلى قىلغان كوچىلار ئارا،
يۈردۈم تەنھا گۈلدەك پورەكلەپ.
ئىگەم بىلەر يۈرىكىم يارا،
تەبىئەتتىن ئۆزگىلەر يەكلەپ...
نىچۈن مېنىڭ بۇ بەختىم قارا،
بەختىيارنى يۈرسەم يېتەكلەپ.
.....
يامغۇر ھەققىدە شېئىر يېزىشنى،يازغاننى بەك ياخشى كۆرىمەن.
يامغۇر قاتتىق ياغقان كۈنلەردە كۈنلۈكسىز كوچا ئايلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن.يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن قېچىشىۋاتقان،دۇكان،سودا-سارايلارنىڭ لەمپىلىرى ئاستىغا كىرۋېلىشقان ئادەملەر ماڭا قاراپ ھەيران بولۇشىدۇ.«ئاۋۇ قىزنىڭ ئىچىگە ئوت كەتكەن چېغىۋا...»دىيىشىدۇ. ئادەتتە كۈنلەپ،ھەپتىلەپ سىرىتقا چىقمايمەنۇ،ھاۋا تۇتۇلۇپ يامغۇر يېغىشقا باشلىغاندا ھىچبىر سەۋەب مېنى سىرىتقا چىقىشتىن توختىتالمايدۇ...
يامغۇرغا ئامراقلىقىم مېنى بۇ شېئىرنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىردى.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
كۆھتام
كۆھتام
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-27 21:54:48
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپسىز،سىزگە مۇۋەپپەقىيەت يار بولغاي
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
shaidayi
shaidayi
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-28 00:01:12
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇرنىڭ ئاۋازى ئۈنلەيدۇ سىم-سىم،
گۈللەرنىڭ بەرگىگە تۆكۈپ يېشىنى.
ھەسرىتىم بۇلۇتتەك ئۆكسىگەن دەقىق،
مۇڭ سۆيگەن ھەسرەتتە كەزدىم كېچىنى.
يامغۇردىن زوق ئالغان تويغۇلىرىڭىزنى ئەركىن ئىپادىلەپسىز، ئىجادىيىتىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
GULNISA.IMAM
GULNISA.IMAM
توردا يوق
ئىگىسى
|
ۋاقتى: 2015-6-28 12:00:15
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ يازمامغا ئىنكاس يېزىپ مىنى قوللاپ سەمىمى تەكلىپ
پىكىرلىرىنى بەرگەن ئەزىزلىرىمگە رەھمەت ئېيتىمەن!!!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئۈمىدجان قادىرى
ئۈمىدجان قادىرى
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-29 14:18:01
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇرنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرى،
يېشىل ۋاراقلارغا زەخمەك ئۇرىدۇ.
ياپراقلارنىڭ ئىنچىكە تارلىرى،
ئىزگۈ ئاھاڭدىن يىنىك تىترەيدۇ.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
پاكنۇر
پاكنۇر
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-29 15:31:56
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرى تىلدىكى گۈزەللىكتىن تولىمۇ زوق ئالدىم ...
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ
ئابدۇرېھىم زۇنۇ
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-29 16:32:51
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇرنىڭ ئاۋازى
گۈلنىسا ئىمامنىياز
يامغۇرنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرى
يېشىل ۋاراقلارغا زەخمەك ئۇرىدۇ.
ياپراقلارنىڭ ئىنچىكە تارلىرى
ئىزگۈ ئاھاڭدىن يېنىك تىترەيدۇ.
دەرەخ ئالىقىنىدا توختاپ قالغان
قۇشلار ئىچەر سۈزۈك ھاياجاننى.
توختاپ قالار گۈلنىڭ زىنىقىدا،
يامغۇرنىڭ چوككىدە ئاۋازى.
يامغۇر مۇئەللەقتىن سويلايدۇ،
سۈزۈك بەدىنى ئۇسسۇل ئوينايدۇ.
شوخلۇق بىلەن چېكىپ دېرىزە،
يۆل ئاۋازى خىيال نەمدەيدۇ.
چاڭ-توزاڭلار كېتەر ماكچىيىپ،
يامغۇرنىڭ قوپال ئاۋازىدىن.
ھېسسىياتچان شامال يولقۇنار،
تەبىئەتنىڭ نەمخۇش تىنىقىدىن.
ئىمالادىكى ۋە تىنىش بەكلگىلەردىكى قىسمەن سەھۋەنلەرنى تۈزۈتىپ قويدۇم. شۇنداق ئۆرگەرتىۋالارسىز.
شېئىرىڭىزدىكى قىلىقلاندۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن سۆيۈندىم.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
گۇلنىسا ئىمىن
گۇلنىسا ئىمىن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-29 17:35:01
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئاخىرقى كۇپلىت ئارتۇقچە.ھېچ بولمىسا يامغۇرنىڭ قوپال ئاۋازى دىگەن مىسرا
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئەدىھەم
ئەدىھەم
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-29 17:59:42
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ،سىزدە ئىلگىرلەش زور بولىۋاتىدۇ جۇمۇ گۈلنىسادە...
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
GULNISA.IMAM
GULNISA.IMAM
توردا يوق
ئىگىسى
|
ۋاقتى: 2015-6-29 19:14:06
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ئىنكاسلىرىڭلار ئارقىلىق مىنى رىغبەتلەندۈرۈپ سەمىمى تەكلىپ-پىكىرلەرنى
بەرگىنىڭلارغا تەشەككۇر. ئىجادىيىتىڭلارغا ئۇتۇق تېلەيمەن!!!
باھا سۆز
ئابدۇرېھىم زۇنۇ
«تېلەيمەن» ئەمەس، «تىلەيمەن» دېسىڭىز بولاتتى، سىڭلىم.
ۋاقتى: 2015-6-29 07:19 PM
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
uygurya
uygurya
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-6-29 19:27:37
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇرنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرى،
يېشىل ۋاراقلارغا زەخمەك ئۇرىدۇ...
بۇ مىسرالىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم ، قۇتلۇق بولغايسىز...
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
كېيىنكى بەت »
1
2
/ 2 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش