يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 550|ئىنكاس: 10

كۈسەمىش: ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى يەر–جاي ناملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى يەر–جاي ناملىرى توغرىسىدا
: `5 I! e6 Q4 w- R( r: `  ^
$ H2 t! v1 B) k
                                                  قۇربانجان ئابلېكىم8 W8 k/ r6 ^, E9 L
& D4 o6 N* E0 ?, Q7 L2 b' z
ئۈچئۆستەڭ يېزىسى كۇچا ناھىيەسىنىڭ 18.5 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان. شەرق  تەرىپى  ئىشخىلا بازىرى بىلەن؛ شەرقىي جەنۇبى تەرىپى بېھىشباغ يېزىسى ۋە چىمەن بازىرى بىلەن؛ جەنۇبى ئالاقاغۇ بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى ئۆگەن دەرياسى ئارقىلىق توقسۇ ناھىيەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شىمالىي چۆلتاغ (چىۋىر تاغ) ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگىچە سوزۇلىدۇ، غەربىي شىمال تەرىپى  باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ .5 a8 f0 N0 Y! r( \$ W, a" K
يېزىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 480مڭ 100موغا، تېرىلغۇ كۆلىمى 59مىڭ موغا يېتىدۇ. 2009-يىللىق ئستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 30مىڭ  771كىشى، ئومۇمىي  ئائىلە سانى 7060؛ بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار 23711  نەپەر  بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %74نى ئىگەللەيدۇ. خەنزۇلار 7965نەپەر. باشقا مىللەتلەر100 نەپەر ئەتراپىدا.
- a0 |. h, J5 B4 n1 p) v6 Q2 I+ Q) hپۈتۈن يېزىغا داۋزىيا، قۇمتۇر، لەنگەر، بەشكېرەم، قاراسۇ، خامپاباغ، تۇغچى، ئۈچئۆستەڭ، ئارامەھەللە، ئارائۆستەڭ، غوجىلئېرىق، پەيزىۋات، قوشتۇر  قاتارلىق 13 كەنت مەھەللە كومىتېتى، 68 كىچىك گۇرۇپپا قارايدۇ. يېزىدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، سەككىز باشلانغۇچ مەكتەپ جايلاشقان. ! `* y  }  `3 c1 _
ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شىمالى ئىگىز، جەنۇبقا بارغانسېرى پەسىيىپ بارىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1015-1032 مېتىر ئەتراپىدا. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتورا پەرقى ناھايتى چوڭ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمىراتۇرىسى ℃ 9-،   7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمىراتۇرىسى  ℃24. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى ℃ 10.5 ئەتراپىدا. , Y* c( i+ C6 E
ئۆگەن دەرياسى چۆلتاغ (چىۋىر تاغ)نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە كەلگەندە دېھقانچىلىق رايۇنلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر قانچە ئۆستەڭلەرگە بۆلۈنۈپ ئاقىدۇ. قىزىل يۇلتۇز غول ئۆستىڭى، ئالاقاغۇ ئۆستىڭى،  مازار غوجام ئۆستىڭى، سەكرەپ ئىلگىرلەش ئۆستىڭى، خانىقا ئۆستەڭ قاتارلىق ئۆستەڭلەر ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىن ئۆتۈپ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ  ئالاقاغۇ بازىرى، بېھىشباغ يېزىسى ،چىمەن بازىرى ،خانقىتام يېزىسى ۋە دۆڭقوتان بازىرىنى، شايار ناھىيەسىنىڭ مازار غوجام بازىرى قاتارلىق يېزا –بازارلارنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۇچا ناھىيەسىدىكى سەكرەپ ئىلگىرلەش سۇ ئامبىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا جايلاشقان. ئۆگەن دەرياسىدىكى كەلكۈن سۈيىنىڭ % 40 كونا دەريا ئارقىلىق توقسۇ ناھىيەسى بىلەن كۇچا ناھىيەسىنى تەبىئىي ئايرىپ، شايار ناھىيەسىگە قاراپ ئاقىدۇ. % 60 يېڭى دەريا ئارقىلىق كۇچا ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسىغا قاراپ ئاقىدۇ، بىر قىسىم سۇ سەكرەپ ئىلگىرلەش سۇ ئامبىرىغا قويىلىدۇ.  يېڭى دەريا ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنى غەربىي قىسىم ۋە شەرقىي قىسمغا ئايرىپ تۇرىدۇ ./ w& P' h) m. G  o
دۆلەت يولى 314-لىنىيە ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىن ئۆتىدۇ . ناھىيە بازىرىدىن ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغىچە ئاسفالىت يول ياسالغان. بۇ يول ئالاقاغۇ بازىرى ۋە توقسۇ ناھىيەسىگە تۇتاشقان.
/ f5 c/ }4 J" ?5 N5 Uيېڭىدىن ياسالغان كۇچا ئايرودرومى ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، كۇچا، شايار، توقسۇ،  باي ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ئاۋىئاتسىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
; P3 Q# A  C# B/ f5 Gئۈچئۆستەڭ يېزا تەۋەسىدە قۇمتۇر مىڭئۆيى، شاختۇر-ئۈچتۇر بۇددا خارابىسى، قۇمتۇر، قوشتۇر، چۆلتۇر  قەدىمىي ئىز خارابىسى بار.  ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا بىر قانچە مازار بولۇپ،  بۇنىڭ ئىچىدە  لەنگەر كەنتىدىكى ئاق ئاتام مازىرى بىر قەدەر مەشھۇر.  ئەل ئىچىدە بۇ مازار ئۇلۇغلىنىپ، زىيارەت قىلىنىدۇ ، بۇ مازارنى كۇچانىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئاق فامىلىلىك خاندانلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەيدىغان قاراش مەۋجۇت.
7 a& u! w6 r  u6 n' Y& ]ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا بىر دېھقانلار بازىرى بار. ئىلگىرى يەكشەنبە كۈنى بازار بۇلاتتى، ھازىر پەيشەنبە كۈنى بازار بۇلىدۇ. ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى پارتىيە ھۆكۈمەت،  مەدەنيەت،  سەھىيە ۋە باشقا كەسپىي،  مەمۇرىي ئورۇنلار ئۈچئۆستەڭ بازىرىغا جايلاشقان.
$ O  [7 \9 m) F2 A: ?ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئىنسانلار خېلى بۇرۇنلا ياشىغان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، فىرانسىيەلىك مەشھۇر  شەرقشۇناس، ئېكىسپىدىتسىيەچى پائۇل پېللىئوت  1907-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن تاكى شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئۆگەن دەرياسىنىڭ كونا دەريا ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان دۇلدۇلئۇقۇر (ئۈچئۆستەڭ يېزىسى تەۋەسىدىكى شاختۇر-ئۈچتۇر بۇددا خارابىسىدا) بۇددا خارابىسىدا ئارخېئولۇگىيەلىك تەكشۈرۈش  ئېلىپ بارغاندا، بۇ يەردىن  نەپىس نەقىش ئۇيۇلغان ياغاچ لىم،  ياغاچ تۈۋرۈك،  ياغاچ قۇلۇپ، ياغاچ ئاچقۇچ، بۇددا ھەيكىلىنىڭ باش قىسمىنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ياغاچ قېلىپ، تۆمۈر تامغا، قاشتېشى تامغا، مىس ئەينەك، بۇددا ھەيكىلىنى كۆچۈرۈپ- كۆپەيتىپ باسىدىغان ياغاچ مەتبەئە بۇيۇمى قاتارلىق ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ  ئېلىپ كەتكەن. ئۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ يىل دەۋرى توغرىسىدا «دۇلدۇلئۇقۇردىن (شاختۇر-ئۈچتۇر بۇددا خارابىسىدىن) تېپىلغان پۈتۈن يادىكارلىقنىڭ يىل دەۋرىنى مىلادىيە 750-800-يىللار ئارلىقىدا دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز.» دېگەن. بىز بۇنڭدىن بۇ يېزىنىڭ تارىخىنىڭ خېلى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.' S/ d% e6 U7 L: U9 ~* @6 i, g
ئۈچئۆستەڭ يېزىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10-يىلى (مىلادىيە 1884-يىلى) شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇلغاندا، كۇچا  بىۋاستە قاراشلىق قۇتاتقۇ مەھكىمىسىنىڭ غەربىي يېزىسىغا تەۋە بولغان.  گۇاڭشۈ 28-يىلى(مىلادىيە 1902-يىلى) كۇچا بىۋاستە قاراشلىق ئايمىقىنىڭ 4-رايونىغا تەۋە بولغان. مىنگونىڭ 2-يىلى (مىلادىيە 1913-يىلى) كۇچا ناھىيەسى قۇرۇلغاندا، ئاۋالقىدەكلا 4-رايونغا تەۋە بولغان.  مىنگونىڭ 35-يىل (مىلادىيە 1946-يىلى) كۇچا ناھىيەسىدە باۋ-جىيا تۈزۈمى  يولغا قويۇلغاندا، ئۈچئۆستەڭ يېزىسى 4-رايون بەيشى يېزىسىغا تەۋە قىلىنىپ، جەمئىي 13 باۋ، 156 جىياغا ئايرىلغان. مېنگونىڭ 37- يىلى (1948-يىلى) پۈتۈن ناھىيە  يېڭىدىن رايۇن، يېزا، باۋ، جىيالارغا ئايرىلغاندا، ئۈچئۆستەڭ يېزىسى 3-رايۇن بەيشى يېزىسىغا تەۋە قىلىنىپ، جەمئى  7 باۋ، 128جىيا بولغان. ئازاتلىقتىن كېيىن، 1950-يىلى باۋ، جىيا تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندا، ئۈچئۆستەڭ يېزىسى 3-رايۇن (كۆكتىكەن رايۇنى)غا تەۋە بولغان. 1954-يىلى يەنىلا  3-رايۇن قىلىپ ئايرىلىپ، ئۇنىڭغا ئىپارباغ، ئۈچئۆستەڭ، غوجىلئېرىقتىن  ئىبارەت ئۈچ يېزا تەۋە قىلىنغان.  1956-يىلىدىن باشلاپ يېزىدا ئۈچ ئالىي كوپىراتىپنىڭ ئاساسى قۇرۇلغان.
% v6 o/ p. A' c1 @1958-يىلى كوممۇنالاشتۇرۇش مەزگىلىدە ئۈچئۆستەڭ، غوجىلئېرىق ئىككى يېزا ئۆكتەبىر كوممۇناسى بولۇپ، ئىپارباغ يېزىسى  سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1959-يىلى 3-ئايدا سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا قۇشۇلغان، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى نامى «ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسى»  دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1966-يىلى  11-ئاينىڭ 15-كۈنى نامى سەكرەپ ئىلگىرلەش كوممۇناسىغا ئۆزگەرتىلگەن.  1978-يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسى دىگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984-يىلى كوممۇنا يېزىغا ئۆزگەرتىلگەندە، «ئۈچئۆستەڭ يېزىسى» دەپ ئاتالغان. % \$ ^1 j9 c5 f/ W
مەن تۆۋەندە بۇ يېزا تەۋەسىدىكى بىر قىسىم  يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيەسى ھەققىدىكى دەسلەپكى  ئىزدىنىشلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن:1 y  M  [* [. [  g* N  a
1.        ئۈچئۆستەڭ كەنت 2 b# J4 n6 x" K0 q  d. U$ ~+ M, l# e
بۇ كەنت  ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى بىر كەنتنىڭ نامى بولۇپ، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى  پارتىيە –ھۆكۈمەت   ئورگانلىرى مۇشۇ كەنتكە جايلاشقان. ئۈچئۆستەڭ كەنتى 1946-يىلى 4-رايۇن بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان. 1950 –يىلى 5–رايۇنغا قاراپ، «ئۈچئۆستەڭ يېزىسى» دەپ ئاتالغان. 1956 –يىلى ئۈچئۆستەڭ ئالىي كوپراتىپى بولۇپ ئۆزگەرتىلىپ قۇرۇلغان.  1958-يىلى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، «ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1959- يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، يەنىلا «ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان.  1963–يىلى داۋوزىيا چوڭ ئەترىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، شۇ يىلى شىنجاڭدا يېزىلاردا «بەشتە ياخشى(ياخشى يول،ياخشى ئۆستەڭ، ياخشى سالا ئېتىز، ياخشى ئورمان بەلبېغى، ياخشى ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىسى) يېزا قورولۇشى»نى يولغا قويۇش پىلانىغا ئاساسەن،كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسى سىناق نوقتىسى قىلىنىپ، يۇقىرىدىن مىجىت ناسىر (ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋېن مۇدىرى)باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا خىزمەت ئەتىرىتى مۇشۇ كەنتكە  مەسئۇل قىلىنغان. بۇ گورۇپپا ئۇزۇن يىل بۇ كەنىتتە تۇرۇپ  بەشتە ياخشى يېزا قورۇلۇشىنى سىناق قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنت ياڭبەن دادۈي (样板大队)(ئۈلگىلىك،نەمۇنىلىك ،ئۆرنەك ئەترەت) دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. 1976–يىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى چوڭ ئەترەت ئەسلىدىكى داۋزىيا چوڭ ئەترىتى، ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى ھالىتىگە قايتقان ۋە «ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى» دېگەن نامى  ئەسلىگە كەلتۇرۈلگەن. 1984 –يىلى «ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى»  ئۈچئۆستەڭ كەنتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ياڭبەن دىگەن نام ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ كىشىلەر كونا ئادىتى بۇيىچە ئۈچئۆستەڭ كەنتىنى  «ياڭبەن»  دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
# Q( T5 Q. M: d/ o% [ھازىر ئۈچئۆستەڭ كەنت مەھەللە  كومىتېتى يەتتە كىچىك كەنت  گورۇپىسىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، جەمئىي 839 ئائىلە ، 6376 نوپۇسى بار. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 25مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5 مىڭ مو. 0 [& d) n; E- q" c
«ئۈچئۆستەڭ» دېگەن بۇ نام مەزكۈر يېزىنىڭ تەبئىي شارائىتىغا ئاساسەن قويۇلغان. ئۈچئۆستەڭنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەيلۇ ئۆستىڭى، چاقىنىڭ ئۆستىڭى، پەيزىۋات ئۆستىڭى دېگەن ئۈچ ئۆستەڭ شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ كېسىپ ئۆتىدۇ. شۇڭا «ئۈچئۆستەڭ» دەپ ئاتالغان.  بۇ ئۈچ ئۆستەڭ تۆۋەندىكىچە :* P- v) S: X: X
پەيلۇ ئۆستىڭى – ئۆگەن دەرياسىنىڭ بېشىدىن  باشلىنىپ،  ئۈچئۆستەڭ بازىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ،  چىمەن بازىرىنىڭ دابوز سۇ باشقۇرۇش رايونىدا ئاخىرلىشىدۇ .. M+ R9 V" G" O6 M; z, B+ U
چاقىنىڭ ئۆستىڭى – ئۆگەن دەرياسىنىڭ بېشىدىن باشلىنىپ،  ئۈچئۆستەڭ بازىرىنى كېسىپ ئۈتۈپ بىھىشباغ يېزىسىنىڭ خانىقا ، شوركۆل، كۆك تىكەن ،  بوستان  قاتارلىق كەنتلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.( x% i- Z6 C, @+ `( }- H
پەيزىۋات ئۆستىڭى – ئۆگەن دەرياسىنىڭ بېشىدىن باشلىنىپ، ئۈچئۆستەڭ بازىرىنى كېسىپ ئۈتۈپ پەيزىۋات كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ .
+ M8 s6 L: q' _. O! r& \2. ئارامەھەللە كەنت( l+ G& g1 g# z5 Z7 [
ئارمەھەللە كەنت كەنت يېزا بازىرىدىن 4.5 كىلومېتىر  شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مەزكۈر كەنت ئەسلى «ئارائۆستەڭ چوڭ ئەترىتى» گە قاراشلىق بولۇپ، 1979–يىلى ئالتە ئىشلەپچىقىرىش  كىچىك ئەترىتى «ئارمەھەللەچوڭ ئەترىتى» بولۇپ قۇرۇلغان. 1984-يىلى چوڭ ئەترەت كەنت مەھەللە  كومىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. تەۋەلىكىدە ئۈچ كىچىك كەنت  گۇرۇپپىسى،  295 ئائىلە ، 1286 نوپۇس بار . ئومۇمىي يەر  كۆلىمى 20000مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2500 موغا يېتىدۇ. «ئارا» سۆزى «ئارلىقتىكى، ئوتتۇرىدىكى» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ  كەنىت «ئارامەھەللە» دەپ ئاتالغان . + k7 d9 J2 m- n; N" |
3.        ئارا ئۆستەڭ كەنت " o5 V, e/ \( R8 c' x
ئارا ئۆستەڭ ــ يېزىلىق ھۆكۈمەت جايلاشقان  ئورۇننىڭ 3 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، 1946-يىلى 4-رايۇن بەيشى يېزىسىغا قارىغان. 1950 –يىلى 3-رايۇن ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا قارىغان. 1958 –يىلى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، «ئارائۆستەڭ چوڭ ئەترىتى»  دەپ ئاتالغان. 1959–يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا  تەۋە قىلىنىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يەنىلا «ئارا ئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى» دەپ  ئاتالغان. 1984-يىلى ئارا ئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى «كەنت مەھەللە كومىتېتى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. كەنتتە ئۈچ كىچىك كەنت گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، 301ئائىلە 1402نوپۇس بار. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 22مىڭ يۈز مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2700 مو.- u4 |$ q1 t2 Q+ e+ c0 S, Y0 y- |- l
ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ كېسىپ ئۆتىدىغان   ئۈچ ئۆستەڭنىڭ بىرى بولغان پەيزىۋات ئۆستىڭى (ھازىر بۇ ئۆستەڭ ئېرىققا ئايلىنىپ قالغان) ئارائۆستەڭ كەنتىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا، بۇ مەھەللە نامى «ئارائۆستەڭ» دەپ ئاتالغان.
3 i4 _% k  N) o4. ئاخۇنلا كەنتى3 R. Z: |; j! w  G! M5 V3 S' Y% \7 N/ Z
ئاخۇنلا – ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت جايلاشقان جاينىڭ3.2  كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان مەھەللىنىڭ نامى. ھازىر ئارائۆستەڭ كەنتىگە تەۋە بولۇپ، سەكرەپ ئىلگىرلەش سۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. 6 f3 @6 N7 Z( c+ ]  U
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تۆت ئاخۇنۇم بۇ جايدا  تۇنجى قېتىم بوز يەر ئېچىپ، كۆكەرتىپ،  ئاۋاتلاشتۇرۇپ مەھەللە بىنا قىلغان .شۇڭا  بۇ مەھەللە نامى «ئاخۇنۇملار بىنا قىلغان مەھەللە» دېگەن مەنىدە «ئاخۇنلا مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىپ قالغان .! I8 {7 Z$ e# {
5. تۇغچى كەنت# F( v3 E  u( v. C& f- O: ~
تۇغچى كەنت يېڭى دەريانىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. يېزا بازىرى بىلەن ئارلىقى 4.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاياق تەرىپى  چىمەن بازىرىنىڭ ئاقتۇر كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۆگەن دەرياسىنىڭ ئاخىرىدىكى كەلكۈن چۈشۈرىدىغان يېڭى دەريا ئېقىنى دەل تۇغچى كەنتىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئېقىپ ئۈتىدۇ. 5 d4 x$ p: z) M0 p/ `
تۇغچى 1949–يىلى 4-رايوننىڭ بەيشى  يېزىسىغا تەۋە بولغان. 1950-يىلى  3-رايون ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا تەۋە بولغان. 1958 –يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، «تۇغچى چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1959-يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ئۆزگەرگەندىن كېيىن يەنىلا «تۇغچى چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1979 –يىلى ئۈستۈن تۇغچى، تۆۋەن تۇغچى دەپ ئىككى چوڭ ئەترەتكە بۆلۇنگەن . 1984- يىلى چوڭ ئەترەتنى «كەنت كومىتېتى» قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كىيىن ئۈستۈن تۇغچى كەنت كومىتېتى ۋە تۆۋەن تۇغچى كەنېت كومىتېتى دەپ، ئاتىلىپ كەلگەن. كەنت ئىچىدە يەتتە كەنت كىچىك گۇرۇپپىسى بار بولۇپ . 531 ئائىلە ، 2402 نوپۇس بار،  ئومۇمىي يەر كۆلىمى  45000مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5300 مو. % ]; f( [$ N3 b4 p6 l7 d. ~( _
بۇ كەنتنىڭ نامى توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا ئوخشاشمىغان ئۈچ خىل قاراش مەۋجۈت. بىرىنچى،  ئىنتايىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بۇ يەرگە تىلەك بوۋاي دېگەن تۇغچى (تۇغچى- قەدىمكى زامانلاردا قوشۇننىڭ بېشىدا تۇغ-ئەلەم تۇتۇپ ماڭغۇچى) ئادەم دەپنە قىلىنغان بولغاچقا، كەنت نامى «تۇغچى» دەپ قويۇلغان دېگەن قاراش. (بۇ قاراشنىڭ تارىخىي مەنبەسى ھەققىدە ئىشەنچلىك ماتېرىياللار ھازىرچە تېپىلمىدى)3 w3 d) f5 M1 E7 B6 m5 g
ئىككىنچىسى، ھەر يىلى كەلكۈن مەزگىلىدە يېڭى دەريا ئېقىنىغا سۇ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ كېلىپ، بۇ كەنتنىڭ دەريا قىرغاقلىرىدىكى يەرلەرنى ئېقىتىپ كەتكەچكە، كىشىلەر كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن دەريا قىرغاقلىرىغا تۇغ باغلىغان. شۇڭا كىشىلەر بۇ مەھەللىنى «تۇغچى»( تۇغ-توسما ياسىغۇچىلار مەھەللىسى) دەپ ئاتىغان، دېگەن قاراش.
0 }) a( c1 c( G6 Y: ^3 Cئۈچىنچى خىل قاراش: كۇچا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پىنسىيونېرى، تارىخ-تەزكىرە تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت داۋۇت ئاكا تۇغچى كەنتىدىكى  يېڭى دەريا، مازار غوجام ئۆستىڭى قاتارلىق دەريا –ئۆستەڭلەرگە تۇغ باغلانغان. يۇقىرىقى  تۇغ بىلەن تۆۋەنكى تۇغنىڭ ئىچىدىكى يەرلەر «تۇغ ئىچى» دەپ ئاتالغان. تەلەپپۇز ئۆزگىرىشى بىلەن «تۇغچى» بولۇپ قالغان،  دەپ قارايدۇ . مەنمۇ مۇشۇ كۆز قاراشنى ياقىلايمەن. $ y; R) l9 |! o2 L* [
6. غوجىلئېرىق
* ?5 e, c( W  f5 F, L0 uغوجىلئېرىق ــ  يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ 4.5 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان كەنتنىڭ نامى. بۇ كەنت ئازادلىقتىن ئىلگىرى 4 – رايۇننىڭ بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان.  1950 – يىلى «غوجىلئېرىق يېزىسى» دەپ، 1956-يىلى «غوجىلئېرىق ئالىي كوپىراتىپى» دەپ ئاتالغان. 1958 – يىلى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، «غوجىلئېرىق چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1959–يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ،  ئۆزگەرگەندىن كېيىن يەنىلا «غوجىلئېرىق چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1979-يىلى بۇ چوڭ ئەترەت غوجىلئېرىق 1-چوڭ ئەترەت، غوجىلئېرىق 2-چوڭ ئەترەتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1984-يىلى چوڭ ئەترەت كەنت كومىتېتىغا ئۆزگىرىپ، غوجىلئېرىق 1-چوڭ ئەترىتى ئۈستۈن «غوجىلئېرىق كەنت كومىتېتى»، «غوجىلئېرىق 2- چوڭ ئەترىتى»، «تۆۋەن غوجىلئېرىق كەنت كومىتېتى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. 2005-يىلىدىن كېيىن  ئۈستۈن غوجىلئېرىق كەنتى بىلەن تۆۋەن غوجىلئېرىق كەنتى بىرلىشىپ، «غوجىلئېرىق كەنتى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.+ W1 {% y6 [6 T( [- ~* R; Q# _( L0 z! v
كەنت ئىچىدە ئالتە كەنت كىچىك گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، 441 ئائىلە ،2047 نوپۇس بار، ئومۇمىي يەر كۆلىمى   35مىڭ 200مو،  تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5100 مو .
& ^' L8 g+ k' Yغوجلئېرىق ــ «غوجىلار ئېرىقى» دېگەنلىك بولۇپ، كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەھەللىنىڭ ئېرىقلىرى غوجىلارغا تەۋە ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،  بۇ مەھەللە ئېرىقلىرىنىڭ ئىگىلىرى بولغان بۇ غوجىلار مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەليۇللا ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ مەھەللىگە كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى راشىدىن غوجا دەۋرىدە كۆچۈپ چىققان ئىكەن .
& a5 ?% K0 B. ~7. پەيزىۋات * ^. d# i6 ~+ w6 S: {$ d
پەيزىۋات ــ يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ 7 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان كەنت نامى.  ئازادلىقتىن ئىلگىرى 4 – رايونىڭ بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1950 – يىلى 3 – رايون غوجىلئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان.  1958 – يىلى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا  تەۋە بولۇپ، «پەيزىۋات چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان . 1959 – يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولغاندىن كىيىن يەنىلا «پەيزىۋات چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان.  1980-يىلى ئىككى چوڭ ئەترەتكە بۆلۈنۈپ، «ئۈستۈن پەيزىۋات چوڭ ئەترىتى» ، «تۆۋەن پەيزىۋات چوڭ ئەترىتى»  دەپ ئاتالغان. 1984- يىلى چوڭ ئەترەت كەنت مەھەللە كومېتىتىغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بۇ چوڭ ئەترەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈستۈن پەيزىۋات كەنت كومىتېتى، تۆۋەن پەيزىۋات كەنت كومىتېتى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. كەنت ئىچىدە ئالتە كىچىك كەنت گۇرۇپىسى ،437 ئائىلە ،1924 نوپۇس بار . ئومۇمىي يەر كۆلىمى40 مىڭ200مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى5100 مو.. Y7 P7 |: H, J: N, M  a
پەيزىۋات نامىنڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت . 5 a) j6 V7 f3 J/ ?
بىرىنچى خىل قاراش: پەيزىۋات – «پەيزى ئاۋات» دېگەنلىك بولۇپ ، بۇ جاي بۇرۇندىن تارتىپ ھاۋاسى ئوبدان، باغۇ- بوستانلىق، مەمورچىلىققا تولغان جاي بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان .
5 ], E1 U; Z# m' k) H' Z2 m% g2 S: lئىككىنچى خىل قاراش:  پەيزىۋات – «پىياز ئاۋات» سۆزىدىن كېلىپ چىققان. بۇرۇندىن تارتىپ بۇ جاينىڭ پىيىزى داڭلىق، شۇڭا كېيىنكى كۈنلەردە « پىيىزى ئاۋات»دېگەن سۆز بۇ مەھەللىگە نام بولۇپ قالغان دېگۈچىلەرنىڭ قارىشى.  بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ قارش خاتا، چۈنكى ئۇيغۇرتىلىدا پىيىزى داڭلىق دېيىلىدۇ، ھەرگىزمۇ پىيىزى ئاۋات دېيىلىدىغان سۆز بولمايدۇ. شۇڭا بىز بىرىنچى  خىل قاراشنى قۇۋەتلەيمىز.
1 v( y% p/ |: {, ]" `! N  g- R+ o( y8.قۇمتۇر + h0 {& F/ t0 c
قۇمتۇر كەنتى يېڭى دەريانىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ ، كەنت بىلەن ئۈچئۆستەڭ بازىرىنىڭ ئارلىقى4.6كىلۇمېتىر كېلىدۇ .
  E) I/ a4 a1 Iبۇكەنت ئازادلىقتىن ئىلگىرى 4-رايوننىڭ بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان. 1950-يىلى 3-رايون غوجىلئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان .  1958-يىلى سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، «قۇمتۇر چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1959-يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ يەنىلا «قۇمتۇر چوڭ ئەترىتى » دەپ ئاتالغان. 1976-يىلى لەڭگەر چوڭ ئەترىتى بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ «قىزىل يۇلتۇز  چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1978–يىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى چوڭ ئەترەت ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتقاندىن كېيىن، «قۇمتۇر چوڭ ئەترىتى» دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۇرۈلگەن. 1984-يىلى چوڭ ئەترەت «كەنت مەھەللە كومىتىتى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 4كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ 440ئائىلە،1874نوپۇس بار. ئومۇمى يەر كۆلىمى 45 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3200 مو.; U* n% x. X& S4 Z) b
«تۇر» ئادەتتە  قەدىمكى دەۋرلەردە جەڭدە سىگنال بېرىش، ئالاقىلىشىش، ياۋ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتلگەن مۇنار بولۇپ، بۇرۇنلاردا بۇ كەنت تەۋەلىكىدە مىلادىدىن بۇرۇن ياسالغان تۇر بولغانىكەن. قۇمتۇر سۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇكى، بۇ «قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى تۇر» دېگەنلىكتۇر . ئەپسۇسكى يىللارنىڭ ئۆتۈشى، بوراننىڭ سۇقۇشى بىلەن بۇ تۇر ۋەيران بولغان. ' e) D! m6 g! u: O3 t
9.لەڭگەر كەنتى; v; L3 m& z; g) Z( w: D) \
لەڭگەر كەنتى– يېڭى دەريانىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ ، يېزا مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن  5.2 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئازاتلىقتىن ئىلگىرى 4- رايۇن بەيشى يېزىسىغا قارىغان.  1950 –يىلى 3- رايوننىڭ غوجىلئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1958 –يىلى سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، «لەڭگەر چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان . 1959– يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ئۆزگەرگەندىن كېيىن يەنىلا «لەڭگەرچوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1976-يىلى قۇمتۇر چوڭ ئەترىتى بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ «قىزىل يۇلتۇز  چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان . 1978-يىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى چوڭ ئەترەت ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتقاندىن كېيىن «لەڭگەر چوڭ ئەترىتى» دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984-يىلى چوڭ ئەترەت كەنت مەھەللە  كومىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ بەش كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، 448 ئائىلە ،2152 نوپۇس بار. ئومۇمىي كۆلەم 30مىڭ 300 مو، تېرىلغۇ يېرى 4500 مو. «لەڭگەر» سۆزى پارىسچە «ئۆتەڭ،قونالغۇ» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردا سەپەر قىلغۇچىلار  بۇجايدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا «ئۆتەڭ ،قونالغۇ» دېگەن مەنىدە «لەڭگەر» دەپ ئاتالغان. $ \: f! m  q1 h1 c, N& q* y
ئاق ئاتام مازىرى مۇشۇ كەنتكە جايلاشقان. كىشىلەر ھازىرغىچە ئۇلۇغلاپ زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ.
* h2 l& E4 g$ {: E) K- L$ L  s10. بەشكېرەم كەنىت
- i- p; F( N  E; p' w- Z) D$ x  بەشكېرەم  يېڭى دەريانىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزا بازىرىغا 5 كىلومېتىر كېلىدۇ. بەشكېرەم كەنتى ئازاتلىقتىن ئىلگىرى 4-رايون بەيشى يېزىسىغا قاراشلىق بولغان. 1950-يىلى 3 –رايوننىڭ غوجلېئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان. 1958–يىلى سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، «بەشكېرەم چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1959 – يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ، يەنىلا «بەشكېرەم چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1980 – يىلى چوڭ ئەترەت بۆلۈنۈپ بىر قىسىمى  «ياقابەشكېرەم  چوڭ ئەترىتى»، بىر قىسمى «تۆۋەن بەشكېرەم چوڭ ئەترىتى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. 1984 – يىلى چوڭ ئەترەت كەنت مەھەللە  كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەندە ياقابەشكېرەم  چوڭ ئەترىتى-ئۈستۈن بەشكېرەم كەنىت كومىتېتى؛ تۆۋەن بەشكېرەم چوڭ ئەترىتى- تۆۋەن بەشكېرەم كەنت كومىتېتى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. بەشكېرەم  كەنتى  ھازىر7 كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ،450 ئائىلە ، 2290 نوپۇس بار، ئومۇمىي يەر كۆلىمى  47مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3900 مو .
, ?: m9 }7 B  Uبەشكېرەم ئەسلىدە بەش گېرەم ( ياكى بەش گەمە ) دېگەندىن كېلىپ چىققان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا،  بەشكېرەم مەھەللىسىنى ئەڭ دەسلەپ بىنا قىلغۇچىلاردىن بىر قانچە كىشى بەش گېرەم (گەمە) كولاپ،  دېھقانچىلىق قىلىپ بۇ مەھەللىنى بەرپا قىلغان.  شۇنىڭ بىلەن بارا – بارا «بەشگېرەم» بۇ يۇرتنىڭ نامى بولۇپ، پەيدىن-پەي «بەشكېرەم»گە ئۆزگەرگەن ئىكەن. بەشكېرەمنىڭ مۇناقى ئۈزۈمى داڭلىق.& I- _6 N4 g/ [- \4 @" \
11. قاراسۇ كەنتى
" L; x* ^1 |6 c0 Jقاراسۇ – يېڭى دەريانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان كەنت بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئارلىقى تەخمىنەن 7.7 كىلومېتىر كېلىدۇ . ئازادلىقتىن ئىلگىرى 4 –رايوننىڭ بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1950 –يىلى 3- رايوننىڭ غوجلېئرىق يېزىسىغا  قارىغان. 1958-يىلى سۈنئىي ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ، «قاراسۇ چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان . 1959-يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ئۆزگەرگەندىن كېيىن يەنىلا «قاراسۇ چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان.  1979 – يىلى قاراسۇ چوڭ ئەترىتى قاراسۇ  ۋە دوگاتېرىق ئىككى  چوڭ ئەترەتكە بۆلۈنگەن. 1984-يىلى قاراسۇ چوڭ ئەترىتى قاراسۇ كەنت كومىتېتىغا ئۆزگەرگەن. كەنتتە ئالتە كىچىك گۇرۇپپا بولۇپ، 439 ئائىلە، 2030 نوپۇس بار بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 25مىڭ 200مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5600 مو.
& ^. d8 t$ T+ [7 Y6 ~3 |«قاراسۇ»نى خەلق ئادەتتە «قاراسۇ» دەپ ئاتايدۇ. «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» تە «قاراسۇ» دېگەن بۇ سۆزنى «سۈيى توڭلىمايدىغان كۆل» دەپ ئىزاھلىغان. يەرلىك كىشىلەر «مۇز تۇتمىغان كۆل ياكى مۇز تۇتمىغان دەريا» نى «قاراسۇ» دەپ ئاتايدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۆگەن دەرياسى يېڭى شەكىللەنگەن مەزگىلدە، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆگەن يېزىسى بىلەن ئېقىپ ئاياغ قىسمى قاراسۇ كەنىتنىڭ ئوتتۇرسى بىلەن ئۆتكەن بولۇپ ، قىش پەسلىدە قاراسۇنىڭ ئاياغ قىسىمى ۋە شىمالىي  تەرەپ مۇز تۇتۇپ قاراسۇ كەنىتىنىڭ ئۇتتۇرا قىسمىدىن ئۆتكەن جايلىرى مۇز تۇتمىغان.  شۇنىڭ بىلەن كىشلەر بۇ يەرنى« قارا ئاققان سۇ»  دەپ ئاتىغانىكەن.  كېيىنچە بۇ سۆزلەر ئىخچاملىنىپ قاراسۇ دېيىلگەنىكەن ۋە كەنىتنىڭ نامىغا ئايلانغانىكەن.
# L3 c& \) [1 M0 _! C12. دۇگاتئېرىق مەھەللىسى- B! Z! w( k( t2 R  T0 K* F7 m
دۇگاتئېرىق مەھەللىسى– يېڭى دەريانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ،يېزا بازىرىغا تەخمىنەن  6.7 كىلومېتىر كېلىدۇ . 1978-يىلىدىن بۇرۇن قاراسۇ چوڭ ئەترىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1979-يىلى قارسۇ چوڭ ئەترىتى بۆلۈنگەندە، دۇگىتئېرىق چوڭ ئەترىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1984 – يىلى كەنت كومىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىگەن.: u) ]6 n  {6 V5 O
دۇگاتئېرىق نامىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە   دۇگاتئېرىق كەنتىنىڭ ئۆيلىرى دۇۋاتتەك چىرايلىق، ئېرىقتىكى سۇلىرى سۈپسۈزۈك بولغاچقا «دۇۋات ئېرىق»دەپ ئاتالغان، دەپ قارايمەن.  (بىر قىسىم سۆزلەردىكى  «ۋ» تاۋۇشى ئادەتتە  «گ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن «دۇۋات» سۆزى «دۇگات» دەپ ئاتالغان) 8 D- h- A6 Z+ f6 }( `+ f8 x% `" ]
13. خامپا باغ  كەنتى
* U$ y* b0 [+ \9 ?8 S4 b  X2 @خامپا باغ كەنتى- يېڭى دەريانىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. يېزا بازىرى بىلەن ئارلىقى 8.7كىلومېتىر كېلىدۇ. ئازادلىقتىن ئىلگىرى 4 – رايون بەيشى يېزىسىغا قارىغان . 1950-يىلى 3- رايوننىڭ غوجىلئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان. 1958-يىلى سۈنئىي ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، «خامپاباغ چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1959-يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ئۆزگەرگەندىن كېيىن يەنىلا «خامپاباغ چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1968-يىلى «غالىبىيەت چوڭ ئەترىتى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1978 – يىلى يەنە «خامپاباغ چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان . 1979 – يىلى خامپاباغ چوڭ ئەترىتى خامپاباغ  ۋە ئىپارباغ دەپ  ئىككى  چوڭ ئەترەتكە بۆلۈنگەن. 1984-يىلى خامپاباغ چوڭ ئەترىتى  خامپاباغ كەنت كومىتېتىغا ئۆزگەرگەن. كەنتتە 6 كىچىك كەنت گۇرۇپپىسى بار بولۇپ،539 ئائىلە، 2553 نوپۇس بولۇپ، ئومۇمى يەر كۆلىمى 35مىڭ 100 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5700 مو.0 N3 O. m7 f6 B" x& o
مەزكۈر كەنتنىڭ غەربىي چېگرىسى ئۆگەن دەرياسىنىڭ قىرغىقى بىلەن تۇتاش بولغاچقا بۇ كەنتنىڭ جايلىشىش ئورنى خامپا (سۇ تۈگمىنىدە تارتىلىپ چىققان ئۇن چۈشىدىغان جاي يەنى سولما ساندۇق)غا ئوخشىغاچقا ھەم باغ كۆپ بولغاچقا «خامپا باغ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە،  ئافراسىياپ زامانىسىدا بۇ باغنىڭ ئورنى دەريا بويىدىكى ناھايتى گۈزەل جاي بولغاچقا، بۇ باغ- ئافراسىياپنىڭ سەيلىگاھى  بولغانىكەن .شۇڭا بۇ باغ ئەسلى «خانلىق باغ» بولۇپ، كېيىنچە  «خامپا باغ»دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن.1 o) ~1 ^3 j0 b# ^; x
14. ئىپارباغ مەھەللىسى! U3 @9 \5 U' y6 v6 V1 d2 U
ئىپارباغ مەھەللىسى يېڭى دەريانىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. يېزا بازىرى بىلەن ئارلىقى 7 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئەسلىدە خامپاباغ چوڭ ئەترىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1979-يىلى خامپاباغ چوڭ ئەترىتى بۆلۈنگەندە،ئىپارباغ چوڭ ئەترىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1984 – يىلى كەنت كومىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
# a6 j1 K) y6 y: k! W8 bئلگىرىكى زامانلاردىن تارتىپلا، بۇ كەنتنىڭ ئاھالىلىرى مېۋە-چىۋە ئۆستۈرۈپ، مېۋىلىك باغ قىلىشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، مېۋىلىك دەل-دەرەخلەر چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ  پىشقان پەسىلدە  مەھەللىنىڭ ھاۋاسى خۇش پۇراق ھىدقا تولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ پۇراقلارنى ئىپارنىڭ پۇرىقىغا ئوخشىتىپ، «ئىپار پۇرىقى چېچىپ تۇرىدىغان باغ»  دېگەن مەنىدە بۇ كەنتنى «ئىپارباغ» دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىكەن.3 v+ ^+ Z: c3 V+ o
15. داۋۇزىيا كەنتى+ b1 J3 E; \) D# r5 Y: q! v. T
داۋۇزىيا كەنتى ـ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئۈچئۆستەڭ بازىرىغا 2.8 كىلومېتىر كېلىدۇ. كەنت ئۆگەن دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا، يېڭى دەريانىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان.  يەر شەكلى  شىمالى ئىگىز ،جەنۇبى پەس.9 ~. V+ a5 i( ^+ X0 w% l
1955-يىلى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ «داۋزىيا چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. 1959-يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ئۆزگەرگەندىن كېيىن يەنىلا «داۋزىيا چوڭ ئەترىتى» دەپ ئاتالغان.  1963-يىلى ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ياڭبەن چوڭ ئەترىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.1979- يىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى چوڭ ئەترەت ئەسلىدىكى بۆلۈنگەن ھالىتىگە قايتقان ۋە «داۋزىيا چوڭ ئەترىتى» دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۇرۈلگەن. 1984 –يىلى ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى ئۈچئۆستەڭ كەنت مەھەللە  كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلدى. كەنت ئىچىدە ئالتە كىچىك كەنت گۇرۇپپىسى ۋە  600 ئائىلە 2583 نوپۇس  بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.  كەنتنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 65مىڭ مو ،تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 9800مو.2 D9 w) ]6 W' {) w; b
«داۋزىيا» سۆزى ئەسلى «دەرۋازىيار» بولۇپ، «دەرۋازا» سۆزى جانلىق تىلدا «داۋوزا»دېيىلىدۇ.  جانلىق تىلدىكى  ئادەت بويىچە سۆز ياكى بۇغۇم ئاخىرىدىكى «ر» تاۋۇشىنىڭ  چۈشۈپ  قېلىشى سەۋەبىدىن «دەرۋازا»،  «داۋزا»غا؛ «يار» -«يا » غا ئۆزگەرگەن .
( r( w! f, D0 xبۇ كەنت دەريانىڭ باش تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ، كەلكۈن كۆپرەك كېلىدۇ. كەلكۈن ئېقىتىۋەتكەن  جاي « يار»دەپ ئاتىلىدۇ.  رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، ئەينى يىللىرى كەلكۈننى تىزگىنلەش ئۈچۈن يار كەتكەن جايغا دەرۋازا بېسىپ سۇنى توختاتقان. شۇ سەۋەبتىن بۇ كەنىت داۋزا (دەرۋازا) ئورناتقان يار مەنىسىدىكى «داۋزىيا (دەرۋازىيار)» دەپ ئاتالغان ئىكەن.  ]( q& l) W: q8 {! ?$ p5 [
يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر داۋزىيا كەنتىدىكى يار يىراقتىن قارىسا دەرۋازىغا ئوخشاش كۆرۈنىدىغان بولغاچقا، «دەرۋازىيا» دەپ ئاتالغان (ئېغىز تىلىدا «داۋۇزىيا» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان) دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشلار توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ..) p7 ]5 x6 D; k/ I2 y1 I
16.قوشتۇر
/ C/ S) S' [3 p: r' V# X/ Yقوشتۇر-كۇچا بازىرىنىڭ 13.5كىلۇمېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان كەنتنىڭ نامى. بىركىچىك ئەترەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، 1300ئائىلە،1852نوپۇس بار. ئومۇمى يەر كۆلىمى 45000مو،  تېرىلغۇ يەر كۆلىمى600مو. # n% h8 |% F6 ^+ Q( I4 G" a
بۇ كەنت تەۋەسىدە  خەن –تاڭ دەۋرىگە مەنسۈپ بولغان تەخمىنەن 7 مېتىر ئىگىزلىكتىكى چاسا شەكىللىك تۇر، ئۇنىڭ 30 مېتىر غەربىدە سەل كىچكرەك تۇربولغاچقا، بۇ كەنت «قوشتۇر» دەپ ئاتالغان.  ھازىر بۇ قوشتۇرنىڭ بىرى بۇزۇلغان ھالەتتە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ تۇرلار ناھىيىمىزدىكى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.+ S2 j% o( a. n6 Q' H& J
17. چۆلتۇر
4 O. m9 ~+ s+ S& r) eچۆلتۇر - ئەسلىدە ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا قاراشلىق چوڭ ئەترەت بولۇپ ، 1977 – يىلى 10–ئاينىڭ 15 – كۈنى سەكرەپ ئىلگىرلەش سۇ ئامبىرى كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلىشى باشلانغان چاغدا،  چۆلتۇر چوڭ ئەترىتى ۋە چوڭ ئەترەتنىڭ 7500 مو تېرىلغۇ يېرى سۇ ئاستىدا قالدى، 246 ئائىلە 1031 كىشى ھەر قايسى چوڭ ئەترەتلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلدى،  بۇ چوڭ ئەترەت مەۋجۈت بولۇشتىن قالدى، بۇ كەنىتنىڭ ئورنى سۇ ئامبىرى بولدى . چۆلتۇر نامىدىن مەلۇمكى،  بۇ «دەشت – چۆللەردە قۇرۇلغان تۇر»  دېگەن مەنىدىكى سۆزدىن ئىبارەت  بولۇپ،ئەسلىدە بۇ چوڭ ئەترەت تەۋەسى ئىلگىرى بىر چۆل –جەزىرە بولۇپ، بۇ يەردە بىر تۇر بولغان. بۇ  تۇر كېيىنكى كۈنلەردە تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلغان. / m# r+ n/ x1 H1 ]1 V1 r
18. ھورۇنباغ
$ Q" r/ }. I$ x3 w( N0 M& iھورۇنباغ ئۈچئۆستەڭ يېزا بازىرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان بىر جاينىڭ نامى. + q. d6 P3 }4 M2 [
بۇ جاينىڭ ئورنى ئۆگەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسىمىغا يەنى كونا دەريا بويىغا جايلاشقان.  «ھورۇنباغ» سۆزىدىن مەلۇمكى، بۇ ھورۇنلارنىڭ بېغى ياكى «ھورۇنلار ئارام ئالىدىغان باغ» دېگەن مەنىدە. پىشقەدەملەرنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا،  مۇشۇ جايدا دەرەخلەر بۈك – باراقسان ئورمان بولۇپ،  كىشلەرگە سالقىنلىق بېغىشلايدىغان جايغا ئايلانغان.  مەلۇمكى، ئۆگەن دەرياسىنىڭ ئايىقىدا كەلكۈن چۈشۈردىغان يېڭى ۋە كونا دەريا ئېقىنى بار بولۇپ، كونا دەريا بويىغا ھاشار ئۈچۈن كەلگەن كىشلەر ئەنە شۇ دەرەخلىككە كېلىپ ئارام ئېلىشقان. كىشلەر بۇ دەرەخلىكنى  ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلاشتا باغدىن قېلىشمايدۇ، دەپ قاراپ بۇ دەرەخلىكنى  باغ؛  ھاشارنىڭ جاپاسىدا ھېرىپ كېتىپ ئارام ئېلىشقان كىشلەرنى ھورۇنلار دەپ ئاتاشقان ۋە بۇ يەرنىڭ ئىسمىنى «ھورۇنباغ» دەپ ئاتىغان . بۇ جايدا  رەسمىي باغ بىنا قىلىنغان ۋاقت ئازاتلىقتىن كېيىن بولۇپ ، سۇ ئىدارىسى بۇ يەرگە 10 مو ئەتراپىدا ئۆرۈكلۈك باغ بىنا قىلغان ./ A* y& K# p( y
19.بۆرەقۇم
, c' ~# ^$ v( l  M# f$ K: nبۆرە قۇم  تۇغچىغا تەۋە جاينىڭ نامى. بۆرەقۇم سۆزى «بۆرە ماكانلاشقان قۇم»  دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. * _/ V" H2 r1 Y
«بۆرەقۇم» دېگەن بۇ نام توغرىسىدا  كىشىلەر ئارىسىدا مۇنداق رىۋايەت بار: «بۆرەقۇم» دەپ ئاتالغان بۇ جاي ئەسلىدە كەڭرى كەتكەن قۇملۇق بولۇپ ، بىر كۈنلەردە بىر بۆرە مۇشۇ قۇملۇقتىكى بىر قۇم بارخاننىڭ ئارقىسىدا بىر بۆرە كۈچىكىنى تۇغۇپتۇ. كېيىنچە بۇ ئانا – بالا بۆرە كۆپىيىپتۇ.  بۇنىڭ بىلەن بۇ قۇملۇق بۆرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ بۇ جاينى «بۆرەقۇم» دەپ ئاتىغان ئىكەن .0 {3 i  x" R' _  z
ئۈچئۆستەڭ يېزىسى تەۋەسىدىكى يەر ناملىرى توغرىسىدا يازما ماتېرىياللار تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئىچىگە  تارقالغان بىرقانچە خىل قاراشلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈم مۇۋاپىق دەپ،  قارىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ تەنقىدى پىكىرىگە مۇھتاجمەن، ئاخىرىدا  ماقالىنى يېزىش جەريانىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ پىنسىيۇنېرى ئېزىز قۇربان ئاكىغا، ماقالىنى يېزىش ۋە تولۇقلاش جەريانىدا باشتىن-ئاخىر يېقىندىن ياردەم بەرگەن پىشقەدەم تارىخچى،ئەدىب  مۇھەممەت داۋۇت ئاكىغا  سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. & z1 Q; C8 K2 X

$ J4 R4 {7 U/ W7 Q$ eمەنبەلەر:! j' z; O+ c6 _* V& l
«كۇچا ناھىيەسى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 1994-يىل نەشرى (خەنزۇچە) 4 B3 q( b9 a* A( G* C1 E4 D
تەلئەت ئۇبۇلقاسىم تۈمەن:«پائۇل پېللىئوتنىڭ كۇچادىكى ئارخېئولوگىيەلىك پائالىيىتى»  «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2003-يىل 2-سان: b2 ~  w* V3 I% ~4 j
نىياز مەھمۇت: «كۇچادىكى بەزى كەنت ناملىرىنىڭ ‹باغ › دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا»  (ماقالا) «كۇچا تارىخ ماتىرىياللىرى»  4-قىسىم
9 `3 k: h+ T$ J  x" L9 b( f& f: q«كۇچا ناھىيەسى تەزكىرىسى » شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1997-يىل 9-ئاي نەشرى
  g/ q# l" J. M7 X1 {" s! s2 T+ m
# u0 u9 G+ w/ _4 N* g7 wئاپتور : كۇچا ناھىيەلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە* s1 R; z  a( s& @; A
ئىزاھ: بۇ ماقالە كۈسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2015-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.% C: O; e, `7 s: E

, T# ?7 s# t" L* m
4 R) r) y7 F  ]+ k$ `9 f5 {6 t بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-26 17:58  ; g- K( n3 j. A. @0 K
( ^) G: E( I* Q) S! g

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-26 18:00:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ياخشى ماتېرىياللارنى يوللاپسىز ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !

ۋاقتى: 2015-6-26 18:39:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆچئۆستەڭ يېزىسىدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى،تارىخي ئارقا كۈرىنىشى قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلىرى ئۈستىدە كەڭ دائىرلىك ئىزدىنىپ بۇ ماقالىنى يىزىپ چىقىپسىز. مەن بۇ ماقالىنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقىپ ئەجرىڭىزدىن سۈيۈندۈم. قوللىرىڭىز  تېلىپ قالمىغاي.

ۋاقتى: 2015-6-26 19:25:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست گەپ قىلسام بۇ ماتىرىياللارنى ئوقۇپ كۇچارنى  بۇلۇپمۇ ناھىيەمىزدىك ئۈچئۇستەڭ يىزىسىغا بۇلغان تۇنۇشىم ئۆستى.يۇرتۇمغا بۇلغان سىغىنىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى رەھمەت سىزگە.

ۋاقتى: 2015-6-26 20:16:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-6-27 12:32:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sargardan يوللىغان ۋاقتى  2015-6-26 20:16
, i5 S/ V3 f4 P: i* `0 H( Uئەگەر سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا بولغان تونىشىڭىزنى، مېھىر-مۇ ...
8 T. L2 f% P; A2 v4 B6 }7 ~
ئاپتۇر ئوقۇرمەنلەرنى ھەقىقىتەنمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار بولغان يازما بىلەن تەمىنلىگەن.
0 T. }8 H7 |% x  q2 o2 Kئاپتۇرغا تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-6-27 19:46:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى،ئەدەبىي نۇقتىدىن بولمىسا،بۇ مۇنبەرنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلمىگەن بوپقالارمىكىن؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-6 08:32:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى،ئەدەبىي نۇقتىدىن بولمىسا،بۇ مۇنبەرنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلمىگەن بوپقالارمىكىن؟
( A+ H( h/ K, H- _  k/ X
1 u( ?7 k: J  k+ z
6 x9 x: P, @4 R9 `8 B. I# K7 j0 A" Y; S# K7 i
ئىسمدە قېلىشىچە  مەن بۇ ماقالىنى    مەزكۇر مۇنبەرنىڭ  يەر جاي ناملىرى  تەتقىقاتى دىگەن سەھىپىسىگە يوللىغاندىم......بۇ سەھىپىدە خېلى جىق دوستلارنىڭ يەر جاي نامىغا ئائىت يازمىسى بېرىلگەنغۇ دەيمەن..........قانداق بوپ بۇ مۇنەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك سەھىپىسىگە ماس كەلمىسۇن......! ھېچ چۈشىنەلمىدىمغۇ  سەببەت ئەپەندىم.....

ۋاقتى: 2015-9-5 17:19:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sargardan يوللىغان ۋاقتى  2015-6-26 20:16 ; Z2 s+ P: u- e$ {0 n+ E
ئەگەر سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا بولغان تونىشىڭىزنى، مېھىر-مۇ ...

& _" g; b6 L2 G2 Rيالغان گەپنىمۇ قىلامدۇ كىشى، نىمدەپ ئويلىسىڭىز ئىختىيار..........

ۋاقتى: 2016-6-8 10:46:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، ئەمىلىي؛ تارىخ ۋە ھازىر باغلانغان ياخشى ئەسەركەن. ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۈم." n- y  q* u8 r
ئەدەبىي پۇرىقىمۇ يىتەرلىككەن.

ۋاقتى: 2016-6-8 16:53:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتۇڭنىڭ نامىنى ئۇنۇتساڭمۇ مەھەللەڭنىڭ دەستۇرىنى ئۇنۇتما...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش