كۆرۈش: 300|ئىنكاس: 4

تەجرىبە قۇرۇلمىسى ــــــ خالىس»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېغىرلىق كۈچ يۆنلىشىنى كۈزۆتۈش قۇرۇلمىسى _ " خالىس" ۋە كۈزۆتۈش نەتىجىسى

قاسىم سىدىق


كىلاسسىك فىزىكىدا ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ ھەركەت شەكلى يەر شارى مەركىزىدىكى نۇقتا بىلەن ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ مەركىزىدىكى نۇقتىنى تۇتاشتۇرغۇچى تۆز سىزىقتىن ئىبارەت.تارتىش كۈچى(ئېغىرلىق كۈچى)نىڭ يۆنىلىشى،ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىشىنىڭ يۆنىلىشى مانا مۇشۇنداق ئىككى مەركەزنى تۇتاشتۇرغۇچى  تۇز سىزىق شەكلىدە بولىدۇ،دەپ چۈشەندۆرۆلىدۇ.

گالېلى پېسا قېيسىق مۇنارى تەجىربىسى

گالېلى پېسا قېيىسىق مۇنارىدىن ماسسىسى پەرىقلىق بولغان ئىككى شارنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ تاشلىغاندا ،بۇ شارلارنىڭ يەر گە تۆز سىزىق بويىچە بىرلا ۋاقىتتا چۈشكەن، دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ.



نىيوتوننىڭ بېشىغا چۈشۈپ  ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھام بەرگەن ئالمىمۇ مانا مۇشۇنداق تۈز سىزىق بويىچە چۈشكەن دەپ قەيىت قىلىنىدۇ.

دەرۋە قە ،ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ تۆز سىزىق بويىچە چۈشۈشى نۇرغۇن تەجىربىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.لىكىن،بۇنداق جىسىملارنىڭ تاشلىنىش نۇقتىسى،يەر يۆزىدىكى چۈشكەن نۇقتىسى ۋە يەر شارى يادرۇسىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىنىڭ يەر يۆزىگە چۈشكەندىن كىيىنمۇ بىر تۆز سىزىق ئۈستىدە يېتىشى كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ.مەن مۇشۇنداق بىر گۇماننىڭ تۆرىتكىسىدە "يەنە ئوخشاش نۇقتىغا چۈشەمدۇ؟ "،"تۆت نۇقتا مۇناسىۋىتى" قاتارلىق ئىككى پارچە تېما يازدىم.تېمىدىن ئارىيە:

"تۆۋەندىكىدەك قۇرۇلمىنى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ياكى ۋاگۇننىڭ تۇرۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاپتۇمۇبىل ياكى ۋاگۇن قوزغالمىغان ۋاقىتتا تەجىربە ئېلىپ بېرىپ شارلارنىڭ چۈشكەن ئورنىنى خاتىرىلىۋالىمىز.ئاندىن كىيىن ئاپتۇموبىل ياكى ۋاگۇن قوزغالغان،ئوخشىمىغان تەكشى تېزلىكلەردە كىتىۋاتقان ۋاقىتتا تەجىربىنى تەكرارلايمىز.ئاپتوموبىل ياكى ۋاگۇن تەكشى تېزلىكتە مېڭىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ شارچىلار قوزغالمىغان ۋاقىتتا چۈشكەن ئورنىغا چۈشەمدۇ ياكى چۈشمەمدۇ؟.سەۋەپلىرى قايسى؟"



"يەنە ئوخشاش نۇقتىغا چۈشەمدۇ؟ " دا تونۇشتۇرۇلغان قۇرۇلما

مەن،بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ قۇرۇلمايدىغانلىغى،ئەمەليەتتە جىسىم يەر يۆزىگە تۆز سىزىق بويىچە چۈشكىچە بولغان ۋاقىتتا يەر شارىنىڭ ئوربىتىدا 30كىلومىتىر سىكونىت تېزلىك بىلەن ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىدىغانلىغى،شۇنىڭ بىلەن ئەمەلى ئۈچ نۇقتىنىڭ بىر تۆز سىزىق ئۈستىدە ياتمايدىغانلىغى،بۇ ھال نىيوتۇن،ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۆپ قويودىغانلىغى بايان قىلىنغان.
تېمىلار ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن  قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.ئاز بولمىغان تورداشلار جىسىمنىڭ  ئاپتومۇبىل ياكى پويىز قوزغالمىغان ۋاقتتتىكى چۈشۈش نۇقتىسى بىلەن قوزغالغان ۋاقىتتىكى چۈشۈش نۇقتىسى ئوخشاش بىر نۇقتا بولىدۇ،دەپ قارىدى.
مۇنازىرىنىڭ ئايىغى چىقمىغاندىن كىيىن،مەن بۇ يىل قىشتا يۇقۇرقىدەك بىر قۇرۇلمىنى ياسىتىپ،غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئىچىدە ئىككى قەۋەتلىك كارۋىتى بار چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتۇمۇبىلىدا سىناپ كۆردۇق.نەتىجە غايىدىكىدەك بولمىدى.يولنىڭ ئىگىز -پەس بولىشى،ماشىنىنىڭ تەۋىرىنىشى ئىشەنچلىك سانلىق قىممەت ۋە كۈزۆتۈش نەتىجىسىگە ئىرىشىشىمىزگە توسالغۇ بولدى.
بۇ تەجىربىدە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، تېز سۆرئەتلىك پويىزدا سىناپ كۆرۈشنى ئويلۇشۇپ،ئۈرۈمچى پويىز سىتانسىسىدىكى ئاغىنىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپمۇ ئۈلگۆردۆم.لىكىن بۇ خىيالمىدىنمۇ يالتايدىم.يالتىيىشىمدىكى سەۋەپ يەنىلا پويىز يولىنىڭ غايىدىكىكىدەك تۈز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتى.
ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟.مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر قۇرۇلما شەكىل نەزەريىسى ئۈچۈن بەكمۇ لازىم ئىدى.بىر مەھەل ئويلۇشۇشلاردىن كىيىن،بۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان " خالىس" نىڭ لايىھىسى كاللامدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى.لايىھەنىڭ "قاراسۇۋىقى" تەييار بولغاندىن كىيىن مەھەللىمىزدىكى بوۋا مىراس ياغاچچى يۇرىتتىشىم ھاشىم ھاجىنىڭ ئوغلى مىرقاسىم بىلەن بىلەن بازارغا كىرىپ كىرەكلىك ماتىرياللارنى ئېلىپ چىقتۇق.مىرقاسىم بىر نەچچە كۈن سەرىپ قىلىپ "خالىس"نى ياساپ چىقتى.





" خالىس" نى ياساپ چىققان مىرقاسىم ھاشىم ھاجىم ئوغلى

بۇ قۇرۇلمىغا " خالىس" دەپ نام بېرىشىمدىكى سەۋەپلەر تولىمۇ ئاددى.1.تولۇق بايان قىلىنسا ئىسىم ئۇزۇراپ كېتىپ قۇلايسىزلىق كەلتۆرىدىكەن.2.تەجىربە نەتىجىسى ھېچكىمگە يان باسمايدىغان بولغانلىغى ئۈچۈن بۇنداق قۇرۇلمىلارغا " خالىس" دەپ ئىسىم قويۇلسا ئىسمى جىسمىغا ماس بولىدىكەن.
" خالىس"  ئىككى ئاساسى بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدۇ.ئاستىدىكى "رېلىس قۇرۇلمىسى"  ، ئۈستىدىكى"ۋاگۇن"قۇرۇلمىسى."ۋاگۇن"نىڭ ئۈستىكى تۆشۆك شارىك تاشلاش ئورنى.تاشلانغان شارىك "ۋاگۇن"نىڭ ئاستى-پول ئۈستىدىكى كۆپەيتىش قەغىزىگە چۈشىدۇ،كۆپەيتىش قەغىزى ئاستىدىكى ئاق قەغەزدگە شارىكنىڭ چۈشكەن ئورنىنى خاتىرلەپ ئىز قالدۇرۇدۇ.ئوڭ تەرەپتىكى يىپ تارتىلىپ "ۋاگۇن" قوزغىتىلىدۇ.شۇ تەرىقە "ۋاگۇن" قوزغوتۇلۇپ ۋە قوزغۇتۇلماي شارىكنىڭ چۈشكەن نۇقتىلىرى خاتىرىلىنىدۇ ۋە ئىككى نۇقتىنىڭ ئارىلىغى ئۆلچىنىدۇ.
" خالىس"نىڭ شارىك قويۇپ بېرىش نۇقتىسى بىلەن چۈشۈش نۇقتىسىنىڭ ئارىلىغى 98:05 (98 يېرىم)سانتىمىتىر.شارىكنىڭ چۈشىشىگە كېتىدىغان ۋاقىت 11دەقىقە.

"

Halis
تارتىش كۈچى(ئېغىرلىق كۈچى)يۆنىلىشىنى تەكشۆرۈش قۇرۇلمىسى _ " خالىس"

تەجىربىدە بايقىغانلىرىمىز:

1.شار مەيلى قۇرۇلما قوزغۇتۇلماي تاشلانسۇن ياكى قوزغۇتۇلۇپ تاشلانسۇن ئوخشاشلا تۆز سىزىق بۇيىچە چۈشىدىكەن.
2."ۋاگۇن" قانچە تېز ھەركەت قىلسا "ۋاگۇن" قوزغۇتۇلمىغاندا تاشلانغان شارىكنىڭ چۈشۈش نۇقتىسى بىلەن ،قوزغۇتۇلۇپ تاشلانغاندا چۈشكەن ئىككى نۇقتىنىڭ ئارىلىغى شۆنچە ئۇزۇن بولىدىكەن.
بىز "ۋاگۇن"نى ئوخشمىغان تېزلىكلەردە تارىتقاندا كېلىپ چىققان نەتىجە(ئىككى نۇقتىنىڭ ئارىلىغى) ئايرىم -ئايرىم ھالداتۆۋەندىكىچە:

3سانتىمىتىر.
5سانتىمىتىر.
7سانتىمىتىر

يۇقۇردا بېرىلگەن سانلىق قىممەتلەردىن پايدىلىنىپ ۋاگوننىڭ ئۈچ خىل ئەھۋالدىكى تېزلىكىنى ھېساپلاپ چىققىلى بولىدۇ.شارىكنىڭ چۈشكەن ۋاقىتتىكى ئوتتۇرىچە  تېزلىكىنى ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى،بېرىلگەن ۋاقىت ۋە بېرىلگەن ئارىلىقلار كۆرسۆتۈپ تۇرۇپتۇ.

2015.6.20


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-26 10:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-26 12:00:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى تارتىش كۈچى(ئېغىرلىق كۈچى)يۆنىلىشلىرىنىڭ ئەمەليەتتە كىلاسسىك نەزەريەلەردە دېيىلگىنىدەك بولمايدىغانلىغى ئېنىق بولدى.يەنى،نىيوتۇن-ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى كۈچ يۆنىلىشلىرىنىڭ ئەمەليەتتە قانائەتلەندۆرۆلىشى مۆمكىن ئەمەس ئىكەن.

ۋاقتى: 2015-6-26 12:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىزدىنىپسىز ئۇستاز، كاشكى بۇ يەردىمۇ تەبىئى پەنلەرگە، مۇشۇنداق بايقاشلارغا ئەينى چاغدىكى ياۋرۇپا ۋە ئامېركىدىكىدەك كۆڭۈل بۆلۈدىغان شەخس ۋە ئورۇن بولسا، تېخمۇ خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولاتتى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-28 01:07:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2015-6-30 12:29:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىيشلىرىنى ئىلگىرىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇنىڭ بۇ تەجرىبىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. بۇ ھەقتە تىخىمۇ قۇلايلىق، تىخىمۇ ئىنىق سانلىق مەلىماتلارغا ئىرىشكىلى بۇلىدىغان تەجرىبە قۇرۇلمىسى ياساپ چىقىپ، تەجرىبىنى تىخىمۇ مۈكەممەل ئىشلەپ، ئاندىن خەلقئارادىكى نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئىلان قىلسا، ئاندىن ئۈنىمى تىخىمۇ يۇقۇرى بولغان بۇلاتتى.
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا كارخانىچىلار ئىختىزادى جەھەتتىن مەدەت بەرسە، ئىش تىخىمۇ ياخشى بۇلاتتى. ئاللاھ ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا ئۇتۇق، تېنىگە ساقلىق ئاتا قىلغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش