ھېكمەت ئانىل ئۆزتەكىن
Hikmet Anıl Öztekin
ھېكمەت ئانىل ئۆزتەكىن ، تىرابوزۇندا تۇغۇلغان . ئىستانبۇل تېخنىكا ئونىۋىرسىتىسىنى پۈتتۈرۈپ ، كېمە ئىنشائات ئىنژىنىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە . ئۇ نېمە ئىش بولسا شۇ ئىشنى قىلىدىغان بىر يولۇچى ...
ئۇنىڭ كىتابلىرىدا يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى راست ، يەنى ئەلىف ئىسىملىك بىر قىز ھەقىقەتەن بار ئىدى .
بارئىدى دەيدۇ ئۇ ۋە << يىراقتىن سۆي دېدى ئۇستام ، شۇنداق سۆيگۈنكى مۇھەببىتىڭ ئىمانغا ئۆزگەرسۇن ... >> .
ئەلىف ھەققە يول ئالمىشتۇر. ئەلىف رەببىمىزنى سۆيۈش ئۈچۈن سەۋەب بولغان بىرىدۇر . رەببىمىزگە مېڭىش ئۈچۈن سەۋەب بولغان سەۋدانىڭ ئىسمى بولمۇشتۇر.
2004- يىلى
ئەلىف ھېكمەتنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ ، ئەلىفكە يېزىشلىرى چەكلەنگەن . ھېكمەتمۇ ، << بەرىبىر ئەلىفكە يازالمايمەن ، مەنمۇ ئەلىفنى ئۆزۈمگە يازاي ، شۇنداق يازايكى بىر كۈنى ھەق مۇرادىمغا يەتكۈزۈپ مېنى ئۇنىڭغا يەتكۈزەر ...>> دېدى .
2014- يىلى
نەق ئون يىلدىن كېيىن ھېكمەت ئەلىفكە بولغان دۇئالىرىنى مۇھەببىتى بىلەن بىرلىكتە << ئەلىف كەبى سۆيمەك >> دېگەن كىتابنى روياپقا چىقىردى . بۇ كىتاب 2014- يىلى ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە بىر سەۋدا ھېكايىسىگە ئايلاندى .
<< سۆيۈش بەلكى بىر كۈنى ئوقۇر دەپ شائىر بولۇشتۇر ... >>
<< ئەلىف كەبى سۆيمەك >> دېگەن بۇ كىتابلار ، ھېكمەتنىڭ ئون يىلدىن بېرى كۆرمىگەن ئەلىفكە بولغان دۇئالىرى ، مۇھەببەتلىرى .
<< ئەلىف كەبى سۆيمەك >> دېگەن بۇ كىتابلاردىكى بارلىق شېئىرلار راست بولغان ھەقىقەتلەر بۇلۇپ ئۇنىڭ << ئەلىف بىر كۈنى ئوقۇپ قالار ... >> دەپ يازغانلىرى .
ھېكمەت ئانىل ئۆزتەكىن بىر شائىرمۇ ئەمەس ياكى بىر يازغۇچىمۇ ئەمەس . ئۇ 28 ياشتىكى بىر دوستىڭىز ، ئىنىڭىز ، ئاكىڭىز ياكى بىر دەرتدىشىڭىز . بىلگىنى ۋە قىلالىغىنى پەقەت ئەلىفكە بولغان سەۋداسى .
ئۇ 2015- يىلىنىڭ ئەڭ ياخشى يازغۇچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
ھېكمەت ئانىل ئۆتەكىننىڭ كىتابلىرى :
1. ئەلىف كەبى سۆيمەك 2014- يىلى يانىۋاردا چىقتى . 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە بەش يۈز ئەللىك مېڭ دانە بېسىلدى .
2. ئاشىقى تەۋەككۈل 2014 - يىلى نويابىردا چىقتى . 2015-يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە تۆت يۈز مىڭ دانە بېسىلدى .
سول تەرپىم
ھىكمەت ئانىل ئۆزتەكىن (تۈركىيە)
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : رەشىدە ئوسمان
چۈشەنمەس مانا ...
سەن يۈرۈكۈڭنى ئوتتۇرغا يېيىپ ، ھەر شېئىردا ھەجىلىسەڭمۇ ...
سەن سۆيىسەن ئەمما ئۇ .
ئۇمۇ سۆيىدۇ ،
ئەمما بۇ سۆيۈش باشقىچە ،
يوقىلىشلاردا نەپىسى تۈگىگەن ، چۈشۈشلەردە قالغان ...
كۈتۈشلەر ئاشىقلىققا ئارلاشقانچە ئازاب بىرەر ئەۋلاد ...
چۈنكى كۈتكىنىڭ بىلەن ئالدىڭغا چىققىنى ھەرگىز ئوخشاش بولماس ،
شۇڭا سۆيمە دېمەيمەن ئەمما سۆيسەڭمۇ ،
سول تەرىپىڭنى ۋە كۈتكەنلىرىڭنى قوي بىر قىرىغا ،
ئازابنى سۆيۈشكە باق .
ۋە ئەسلا ھارامغا يىقىنلاشما ،
ئۇنۇتما ھارامدىن قاچقىنىڭغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايسەن .
مەنبە : ھېكمەت ئانىل ئۆزتەكىننىڭ ‹‹ ئەلىف كەبى سۆيمەك ›› كىتابىدىن پارچە.
سەۋدا چىنارى
ئىنسان ھەر سەۋدا ئازابىدا تۆكەرمىش گۇناھلىرىنى ،
بىزنىڭ ئىسپاتىمىز پەرھاتنىڭ تاغلىرى ئەمەس ،
كېچە ۋە كۈندۈزلىرىمىزدە ، يامغۇر ياكى يار پۇراقلىق ئەسلىمىلىرىمىزدە ،
كىچىككىنە بىر بالىنىڭ بەدىنىگە مۇجەسسەملەنگەن
ئۇ يۈرىكى چوڭ دەرتمەن ،ياشانغان ئادەمدە .
ھېچكىم كۆرەلمىگەن ،بىلەلمىگەن يۈرىكىمىزدىكى ئۇ بوران چاپقۇندا ،
سۆيگۈنىمىزنىڭ بىر ئاھى بىلەن قۇرام تاشقا ئايلانغان
كۆڭۈلدىكى ئۇ يىلتىزلىق تاغلاردا .
يار ،
بىزنىڭ سەۋدالىرىمىزنى يەنە كىلىپ كۈل بولغان ،
ئۇ چوڭ ئورماندا ئەلىف كەبى تىك تۇرغان ،
نىسىۋىسىگە ، بىر ھەجىسىگە سەۋدا بولغان ،
كۆزلىرى ھەسرەتتىن قوبۇل قىلىنغان ئۇ چىنارلاردىن سورا ...
پەسىللەر
ۋە كېيىن شاماللارنى بىرلەشتۈرىسەن ئىچىڭدە ،
كۆڭۈللەرنىڭمۇ مەۋسىمى باردۇر.
مەسىلەن ئۆكتەبىردە باققۇڭ كېلەر كۆزلىرىڭگە ،
ھەممىدىن بەك ئىيولدا سېغىنارسەن ،
ۋە قايسى پەسىلدە سۆيگىنىڭ مۇھىم ئەمەستەك
ھەر يامغۇردا يازغىڭ كېلەر سۆيگەن قىزنىڭ كۆزلىرىگە ...
سېغىنىشمۇ ،
ساڭا ئوخشىغان ھەربىر شېئىرغا ئېسلغۇم كېلىدۇ ...
چاي بېكىتى
بىر كېچىدە ئاينىڭ كەملىكى كۆك يۈزۈڭدە ،
بىر يارنىڭ كەملىكى ئاجىز بالىنىڭ يۈرىگىدە ،
چېيىم سېنى كۈتمەكتە ئالدىغا ،
قانچە شېئىر يازىمەن مۇشۇنداق خەۋەرسىز ،
ئىشىكنى چەكمەي چىقىپ كېلىشىڭگە ؟
سەنسىز چاي ئىچەلمىدىم ،
ئىچكىنىمنى بىلگەنسىرى بوغۇزۇم كۆيدى .
سەنسىز چاي ئىچەلمىدىم،
ۋەدە بەردىم ، بۇزالمىدىم ...
سىغىنغىنىمنى بىلگەن بولساڭ ،
خىجىللىقتىن
نەپەس بولۇپ كېلەرئىدىڭ ...
مەنبە : ھېكمەت ئانىل ئۆز تەكىننىڭ << ئەلىف كەبى سۆيمەك >> كىتابىدىن ئېلىندى .
2015.6.25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-26 23:38