كۆرۈش: 1233|ئىنكاس: 0

ئەھمەد زىيائى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەھمەد زىيائى 1913-يىلى قەشقەرنىڭ يىڭى شەھەر ناھىيىسىنىڭ قۇمۇشېرىق يېزىسىدا دېھقان ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1928- يىلغىچە دادىسى موللاخۇن ھاجىمدىن بىلىم ئالغان، موللاخۇن ھاجىم بىلىملىك زات بۇلۇپ پارىس ئەرەپچە كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇغان ھەم ساقلىغان كىشى ئىدى. زېرەك ئەھمەد 2-ئوغۇل كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرەتتى ئاتىسى بىلەن شېئىر قۇشاقلار توغۇرلۇق پاراڭلىشاتتى ئەھمەد زىيائى10يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن.15ياشلىق ئەھمەد"گۈل ۋە بۇلبۇل" داستانىنى زىيائى"نۇر،"تەخەللۇسى بىلەن تاماملاپ قول يازمىسىنى خەلق ئىچىگەتارقاتقان. بۇ داستاننى كۆرگەن شۇ چاغدىكى ئەدىپلەر ياش ئەھمەتكە يۇقىرى باھا بەرگەن، 1935-يىلى"يېڭى ھايات"تا ئېلان قىلدۇرغان.شۇ يىلى ئەھمەد زىيائىنى "يىڭى ھايات" گېزىتىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغان.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مەسۇل مۇھەرلىگىدە چىقىدىغان "يېڭى ھايات" گېزىتى پۇتۇن شىنجاڭغا ۋە ئۇتىتۈرا -ئاسىياغا تارقىلاتتى . بۇ گېزىت جاھالەتكە ۋە نادانلىققا قارشى كۈرەش قىلىشنى ئاساس قىلغاچقا خەلق ئاممىسىنى ئويغۇتۇش ، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىققا يېتەكلەشتە غايەت زور رول ئۇينىغان ئىدى.
1947-يىلى "ئون بىر بىتىم" مۇناسىۋىتى بىلەن "قەشقەر گېزىتى "نىڭ مەسۇللىغىنى 1952-يىلغىچە قىلىدۇ. 1957-يىلدىن 1960-يىلغىچە شىنجاڭ ئەدەبىيات بىرلەشمىسىدە ئىشلەيدۇ.
1980-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىيى پەنلەر ئاكادېمىيسىگە يۆتكۈلۈپ"قۇتادغۇ بىلىك"نىڭ ھازىرقى زامان يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان.
ئەھمەد زىيائىنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى تۇۋەندىكى ئەسەرلەر
"كۆرۈپ ئىلمىي چېچەكلەرنى" "بۇلبۇلغا خىتاپ،" "رابىيە سەئىدى" "ھايات جەڭ،قاتارلىق شېئىر داستان لاردىن 100پارچىدىن ئارتۇق يازغان ، "ئىسلام پەلەسەپە تارىخى" قاتارلىق10دىن ئوشۇق كىتاپنى پارىسچىدىن تەرجمە قىلغان."ياش يازغۇچىلارغاياردەم،" "قۇتادغۇ بىلىك كىمنىڭ ۋەئۇنىڭ تىلى قايسى تىل " قاتارلىق 10دىن ئارتۇق ماقالە يازغان . يۇقارقىلار ئەھمەد زىيائىنىڭ تىپىك ئەسەرلىرى. بىزگە مەڭگۈ تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرغان شائىر ئەدەبىياتشۇناس دىراماتۇرگ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆلمەس تۇھپىلەرنى قوشقان.
مۇللاخۇن ھاجى ئوغلى ئەھمەد زىيائى ھاجىم1989-يلى 89.يىشىدا بىزگە تۈگىمەس مىراسلارنى قالدۇرۇپ بىزدىن ئايرىلدى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش