تاش موماي رىۋايىتى
نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن
تاش موماي سەن
ۋاقىتنىڭ چاقىدا خىيال يىپلىرىنى ئىگىرىپ ئولتۇرغان
چاڭگىلىڭدا بىر ئۇچۇم يوقلۇق.
قۇياشنىڭ تېمىدىن توزۇۋاتقان ئاپتاپ
كىرپىكلىرىڭگە قەسىدە ئوقۇيدۇ،
ھويلاڭدىكى بىر تۈپ قاپاقتېرەكنىڭ
باراقسان شاخلىرى ئارا
ھەسرىتىڭنىڭ قۇشقاچلىرى چۇرۇقلايدۇ.
قەدىمىيەتتىكى
ئۇنتۇلغان بىر ساراينىڭ دېرىزىسىدەك
كۆكۈش كۆزلىرىڭدىن ئاسمان نۇر ئوغرىلايدۇ...
تىرناقلىرىڭدىن
خىنە گۈللىرى ئۆچۈپ كەتكەن
مەنىلەرنىڭ خىلمۇ-خىل سىياقتىكى
مەنلىرى كۆچۈپ كەتكەن؛
ئېتىكىڭدىكى چوغدەك باھاردىن
لەۋلىرىڭدىكى ھالرەڭ يايلاقتا ئېرىگەن قاردىن
چاچلىرىڭدىكى كېچىگە ئېسىلغان داردىن...
تاشنىڭ قاراڭغۇ چوڭقۇرلىقىدا
جىمىرلايدۇ تەشنالىق نۇرى.
|