غازاڭ پەسلى
كامىلجان ناسىردىلداش
شەيدا ئىدىڭ مەندەك سەنمۇ ھەم،
ئىشقىمىزنى كۆكلەتكەن يۈرەك.
مەن ۋەسلىڭگە باغرىمنى ياققان،
ئۈمۈدلەرگە ياماشقان تىلەك.
يىراق ئېدى دىللاردىن ئازاب،
ئەھدىمىز چىڭ بولغاچقا تۇتاش.
شەيدالىقتىن كۈلەتتى كۆڭۈل،
پاك ئىشقىمىز بولغاچقا قاياش.
ۋىسال چۈشەپ ئۆتەتتى كۈنلەر،
سۆيگۈمىزدىن زوقلۇنۇپ قانچە.
سۇ بېرەتتىم ئالقانلىرىمدا،
تىنىقىڭدىن مەس بولۇپ شۇنچە.
تىزلىرىمغا بېشىڭنى قويۇپ،
تىكىلەتتىڭ كۆزۈمگە ئەجەب.
سەپىرىمىز ،يولىمىز بىر دەپ،
تاپالمايتتىم سەندىن ھىچ سەۋەب.
ئەپسۇس بۈگۈن ئۇچراشقىنىمدا،
ناتۇنۇشتەك كەتتىڭ سالامسز.
ھەيرانلىقىتىن ئېچىشتى يۈرەك،
ئازابلارغا چۈكتۈم ئامالسىز.
ئازمغاندۇ كۆزلىرىڭ توۋا،
تالاي سۇئال كۆمدى دىلىمنى .
ساداقىتىڭ شۇنچىلىكمىدى ؟
ئېيتالمىدىم خەققە سىرىمنى .
ئەسلەشكىمۇ بارمايدۇ رايىم،
غازاڭ بوپتۇ بىز ماڭغان باغلار.
كىتىپ قاپسەن يېنىمدىن ئاستا،
چەيلىنىپتۇ ئۇ گۈزەل چاغلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-20 18:10