يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 6

قاراتېكىن: تۇيغۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇيغۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى

نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن

شور باغلىدى
رېئاللىقتىكى دەريانىڭ لېۋى
ئىچەلمەي
ئىچىمدىكى قاراڭغۇ سۇنى.

باھار كەتتى،كەلدى
بوتا كۆز يىڭناغۇچ
قانىتىدىكى كىچىككىنە قاراڭغۇلۇقنى ئېلىپ
قارا ھەرپتە يېزىلىپ قالغان
ئىچىمدىكى بىر جۈملە خەتكە
كەلمىدى قايتىپ...

چىڭقىچۈشتە قارايغان قۇياش
قارا تەرگە چۆمدۈرگەنىدى.
قاپقارا كۆلچەكتىكى قارا قومۇچاق
ئېيتقىنا باھار،
                    نېچۈن كەلمىدى!؟

دېرىزەم قاراڭغۇ
قاراڭغۇ ئاۋازدا ئېيتىلىۋاتقان ناخشا
دۇتارنىڭ قارنىدا چېچەكلىمەكتە
قاپقارا رەڭدە.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-16 21:41:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ، (مۇنبەر پات-پاتلا توختاپ قىلۋاتىدىيا.)

ۋاقتى: 2015-6-16 21:57:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-6-16 21:41
ياخشى يىزىپسىز ، (مۇنبەر پات-پاتلا توختاپ قىلۋاتىدىيا.)

راس دەيسىز مۇنبەر پات پات توختاپ قېلۋاتىدۇ بۇقانداق ئىش ئەمدى؟؟؟ مۇنبەر زادى نىم بۇلۋاتىدۇ.ئەسەرلەرنى بەك تاللاپ ۋەزنى ئېغىركىلىپ يۈرەلمەيۋاتامدۇيە؟؟

ۋاقتى: 2015-6-17 09:53:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنىڭ جەۋھىرى بۇ يەردە بولسا كېرەك:«شور باغلىدى
رېئاللىقتىكى دەريانىڭ لېۋى
ئىچەلمەي
ئىچىمدىكى قاراڭغۇ سۇنى.»
چۈنكى ھەركىمنىڭ ئىچىدىكى « قاراڭغۇ سۇ»-شۇ كىشىنىڭ كېلەچەكتىكى روھىي تەڭشىكىنىڭ ناماياندىسىدۇر!

ۋاقتى: 2015-6-19 11:25:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لىرىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شېئىرنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايەن قىپتۇ...مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-6-19 15:59:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز

ۋاقتى: 2015-6-20 14:39:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇنىڭ قاراڭغۇلىقغا چۆكتۈم،……رەھمەت……

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش