شېئىرلار
نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن
قۇياش
-قۇياشنىڭ كۆزى قېنى؟
-كۆزىمىزدە.
-ئاغزى قېنى؟
-ئاغزىمىزدا.
-قولى قېنى؟
-قولىمىزدا.
يۈگۈرەيدىكەن،يۈگۈرسەك
پۇتىمىزدا.
-نەگە كېتەر كېچىدە؟
-ئۇ ھېچ يەرگە كەتمەيدۇ.
«پۇش-پۇش» تىنىپ ئۇخلايدۇ،
يوتقىنىنىڭ ئىچىدە.
بېلىق گەپ قىلامدۇ
-بېلىق گەپ قىلامدۇ؟
-گەپ قىلىدۇ.
بېلىقنىڭ گېپىنى
سۇ بىلىدۇ.
-مەن ئاڭلىمىدىمغۇ!
-ئاڭلايسەن،-
«بۇلدۇق-بۇلدۇق»
«شىلدىر-شىلدىر»
بېلىقنىڭ گېپى ئەمەسمۇ
سۇنىڭ تىلىدا ئېيتقان!
چېكەتكە
«چىرت-چىرت» چېكەتكە،
ئاغزىدا پۇشتەك.
سىزىپ قويسام قانات،
ئۇچۇپ كەتسە قۇشتەك.
«دىك-دىك» چېكەتكە،
پۇتى ئىنچىكە.
يېڭىۋالار،چۈشسەك
مۇسابىقىگە.
بالىلىقنىڭ چۆچىكى
-قومۇچاق نەدە ئوينايدۇ؟
-كۆلدە.
-تۇمارىس نەدە ئوينايدۇ؟
-ئۆيدە.
-قومۇچاق چوڭ بولسا نېمە بولىدۇ؟
-پاقا.
تۇمارىس چوڭ بولسىچۇ؟
-سەن دەپباقە!
قومۇچاقنىڭ پاقا بولغىسى يوق،
تۇمارىسنىڭ چوڭ بولغىسى يوق،
چوڭ بولۇشنى خالىمىغاندەك
بالىلىق.
پارقىراق قوڭغۇز
ئەتىياز كەلدى،
پارقىراق قوڭغۇز تىرىلدى.
قانىتىنى سوزۇپ
كېرىلدى.
«بوڭ-بوڭ» قىلىپ ناخشا ئېيتقاچ،
يېنىمىزدىلا
ئۇچۇشقا بېرىلدى.
مېنىڭ قانىتىم بولسا،
ئۇچۇپ كېتەتتىم
ئەتىيازدىن يىراققا.
رەڭنىڭ رەڭگى
-نېمە قىزىل؟
-ئالما.
-كۆك ئالمىنى
ئۇمتۇپ قالما.
-نېمە ئاپئاق؟
-قار ئاپئاق.
قارا رەڭگە كىرىپ قالار
قارنى كېچىپ
قىلساق پاتقاق.
-نېمە يېشىل؟
-يوپۇرماق.
ئۆزگىرىدۇ
ساغۇچ رەڭگە،
كۈز پەسلىدە قارىساق.
-نېمە قارا؟
-قارا قارا.
ئۆزگەرمەس ئۇ
رەڭلەر ئارا.
رەسىم سىزىش
كېچىنى سىزدىم
كېچىگە.
يۇلتۇزنى سىزدىم
ئىچىگە.
يۇلتۇز پارقىراپ
نۇر چاچتى.
بىر ۋاراق ئاسمان
ئالىقىنىمغا پاتتى.
|