سۆيگۈ قىسمىتى
گۈلنىسا ئىمامنىياز
ھىجراننىڭ يېشىنى قاچىلاپ بۇلۇت،
ئەۋەتەر شامالدىن دەردمەن ئاشىققا.
گۈلنىڭ زىنىقىدا توختىغان قەترە،
ئوخشايدۇ بۇلبۇلنىڭ تۆككەن يېشىغا.
ھىجراننىڭ مۆلدۈرى ياغار تاراسلاپ،
جۇدۇندىن شۈمشەيگەن يىگانە گۈلگە.
تىتىرىگەن ياپراقنىڭ ئوچۇملىرىدىن،
سىرغىغان ئازابلار ئايلىنار كۆلگە.
ئوخچىغان ئازاپنىڭ تاشقىنلىرىدا،
سۆيگۈنىڭ چوغلىرى ئايلىنار كۈلگە.
ۋەلىكىن ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان،
قوقاسنىڭ تەپتىدىن ئوت كېتەر چۆلگە.
ۋاقىتنىڭ ھىجراننى تاۋلاشلىرىدىن،
قالىدۇ ئەسلىمە ھەم شىرىن خىيال.
تەبىئەتنىڭ يېشىل ۋاراقلىرىغا،
سۆيگۈ قىسمىتىنى يازىدۇ شامال.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-9 02:13
|