دادا، ئانامغا ياخشى قارىغىن
(نەسرى فلىم سىناريىسى)
سىنارىسىت: رەيھانگۇل مۇتەللىپ
1. ئۆي ئىچى، كۇندۇز.
ئكراندا بىر قىزنىڭ غەمكىن ھالەتتە يىزىق شىرەسى ئادادا ئولتۇرغان كۆرۇنىشى كۆرۇنىدۇ.
2. ئۆي ئىچى، شۇ ۋاقىت.
قىز ئازاپ بىلەن پىچىرلايدۇ: دادا، ئانامغا ياخشى قارىغىن(قىز ئازاپ بىلەن پىچىرلاپ قەغەزگە بۇ ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى يازىدۇ)
3. قىزنىڭ بايانىقىزنىڭ ئۆز ئاۋازىدا تەسىرلىك ئىيتىلدۇ) دادا، ئانامغا ياخشى قارىغىن ماقۇلمۇ؟بۇ مىنىڭ سەندىن ئۆتۇنۇشۇم، دادا ئانامغا ياخشى قارىغىن، ئاخشىمى ئىشتىياق بىلەن تىلۋۇزۇر كۆرۋاتقىنىڭدا كۆزلىرىڭنىڭ قۇيرۇقىدا بولسىمۇ ئانامغا بىرقاراپ باق، ئۇنىڭ شۇ باللارچە بىقىشلىرىدىن ھاياتنى كۆرىسەن، ساڭا بىغىشلىغان پۇتۇن ئۇمۇدىنى كۆرىسەن ئۇنىڭغا قارىغىن.(قىزنىڭ بايانىغا ماس ھالدا كۆرۇنۇشلەر چىقىشقا باشلايدۇ)
4. ئۆي ئىچى، كىچە.
بىر ئائلە كىشلىرى پۇتۇن زىھنى بىلەن تىلۋۇزۇر كۆرمەكتە، ئانا مىھرى بىلەن يولدىشىغا قارىماقتا.
5. ئۆي ئىچى، شۇ ۋاقىت.
قىز يەنىلا يىزىق شرەسى ئالدادا خەت يازماقتا.
6. قىزنىڭ بايانى: ئاخشاملىرى ئۆيگە كەچ كەلگەنڭدەگلىدىن ئۆتمەي بوغزىغا تىقىلپ تۇرغان شۇ لوقمىلارنى كۆرىسەن، دادا ئانامغا ياخشى قارىغىن، خوتۇن مەن ماڭدىم دەپ ئىشىكتىن چىققىنىڭدا پەلەمپەيدە سايەڭ يۇتكۇچە قاراپ تۇرغان شۇ ئايالغا پەلەمپەيدە تۇرۇپ سەنمۇ قاراپ باق، سەن تىخى كەتمەستىن سىنى سىغىنىشقا باشلىغان بىر ئايالنى كۆرىسەن.(قىزنىڭ بايانىغا ماس ھالدا كۆرۇنۇشلەر چىقىشقا باشلايدۇ)
7. ئۆي ئىچى، كىچە.
ئانا تاماق شىرەسىدە ئولتۇرماقتا، ئىغزىغا بىر قوشۇق تاماقنى خوشياقمىغاندەك سىلىپ ئۇستەلگە قويۇپ قويماقتا.
8. ئۆي ئالدى، ئەتىگەن.
دادا نىملەرنىدۇر دەپ ئىشىكتىن چىقماقتا، ئانا يولدىشىنىڭ سايىسى يۇتكىچە قاراپ تۇرماقتا. ئۆيگە كىرۋىتىپمۇ قىيالماسلىق ئلكىدە ئارقىسىغا قارىماقتا.
9. قىزنىڭ بايانى:كوچىدا ئۇچۇرشىپ قالغان دوسلىرىڭنى قۇچاغلىغاندەك ئۇنىمۇ مۇھەببەت بىلەن قۇچاغلا دادا، سائەتلەپ ئولتۇردىغان شۇ قەھۋەخانىدا چاي ئىچكىنىڭدە ھىچقايسىسىنىڭئانامنىڭ چىيىنىڭ تەمىگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەت، ئۆيدە ساڭا تاماق ئىتىشنىڭ ھەلەكچىلكىدە بولىۋاتققان شۇ ئايالنى ئويلىغىن، ئۇچ-تۆت تەڭگىنى شۇ يىرىم قالغان ئىستكاننىڭ يىنىغا تاشلاپ قويۇپ تىز-تىز قەدەملىرىڭ بىلەن يۇرۇپ كەت دادا، قوي شۇ چاينى ئۇيەر-بۇيەرنى كىزىپ يۇرمەي يۇگۇرگەندەكلا ئۆيگە كەل دادا.(ماس ھالدا كۆرۇنۇشلەر چىقىشقا باشلايدۇ)
10. شەھەرنىڭ مەلۇم كوچىسى، كۇندۇز.
دادا خيالى كىتىۋاتماقتا، ئۇچىرشىپ قالغان دوسلىرى بىلەن قۇچاغلىشىپ كۆرۇشمەكتە، دوسلىرى بىلەن قەھۋەخانىغا كىرىپ قىزغىن پاراڭلىشىپ كۇلۇشۇپ ئولتۇرماقتا.
11. ئۆي ئىچى، كۇندۇز.
ئانا ئىشتىياق بىلەن تاماق ئەتمەكتە.
12. قىزنىڭ بايانى:
ھەر بايرامدا قولوڭنى ئۆينىڭ تۇۋرىكى دەپ سۆيىۋاتققان شۇ ئايالغا ياخشى قارىغىن دادا، پەلەمپەيدە شۇنچە ئاۋايلاپ چىقساڭمۇ سىنىڭ كەلگىنىڭنى تۇنجى قەدىمىڭدىن بىلۋالدىغان شۇ ئايالغا، چىرايىڭنىڭ پەرىشانلقىنى كۆرسە ئاشخانىدا ئۇنسىز يىغلىغان ئەمما ساڭا پىياز بەك ئاچچىقكەن دەپ قويغان شۇ ئايالغا، دوختۇرخانىدا ياتساڭ يىغلىغىنىچە ئۇخلاپ[ يىغلىغىنىچە ئويغانغان ، بۇ ئۆي سىلەرسىز ماڭا چوڭلۇق قىلۋاتىدۇ دىگەن شۇ ئايالغا ياخشى قارا دادا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ساڭا بىغىشلانغان ھاياتنى كۆرىسەن.
13. ئۆي ئىچى، كۇندۇز.
ئانا پۇتۇن مىھرى بىلەن يولدىشىنىڭ قولىنى سىيلاپ سۆيمەكتە، يولدىشىغا مىھرى بىلەن قاراپ نىملەرنىدۇر دىمەكتە.
14. پەلەمپەي، كەچ.
دادا ئاستاغىنا پەلەمپەيدىن چىقماقتا، ئۆيگە شەپە چىقارماي كىرمەكتە.
15. ئۆي ئىچى، كەچ.
ئانا شەپىنى ئاڭلاپ يولدىشىنىڭ يىنىغا كەلمەكتە، يولدىشىنىڭ ھەسرەتلىك چىرايىنى كۆرۇپ ئاستاغىنا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتمەكتە.
16. ئاشخانا ئۆي،شۇ ۋاقىت.
ئانا ئازاپ بىلەن يىغلىماقتا، بىر ھازا يىغلىغان ئانا چاي دەملەپ يولدىشىنىڭيىنىغا كەلمەكتە.يولدىشىنىملەردىنىدۇر سورايدۇ(نىمە بولدىڭىز، دىگەنچىلاپ ئىشارە قىلىپ سورايدۇ) ئانا(ھىچنىمە دىگەنچىلاپ باش چايقايدۇ)
17. دادا ئاغرىق ئازابىدا ئىڭراپ ياتماقتا، ئانا يىغلىغان ھالدا كارۋاتقا بىشىنى ىويۇپ ياتماقتا.
18. ئۆي ئىچى، كۇندۇز.
ئانا يولدىشىغا مىھرى بىلەن قاراپ نىملەرنىدۇر دەپ پىچىرلماقتا.
19. قىزنىڭ بايانى:
شۇ گۇزەل كۇنلەردە ئۇنىڭ بوينىغا گرە سال، باشقىلار نىمە دەپ قالار دەپ ئويلىما دادا، قوللىرىغا سۆي چۇنكى ئۇن ئايال مىنىڭ ئانام دادا، ئۇ نئايال مىنىڭ ئانام، ئۇنىڭغا شۇنداق دىگىنكى قارا چاچلىرىم مىنى تاشلاپ كەتكەن شۇ يىللاردىن بۇيان ماڭا پەقەت سەن بىرلا قالدىڭ خوتۇن، مەنمۇ پەقەت بىر ساڭىلا قالدىم، بىر ساڭىلا دىگىن. ئانامغا ياخشى قارا دادا، ئانامغا ياخشى قارىغىن.
20. ئۆي ئچى، كۇندۇز.
ئانا تەييارلانغان تاماقنى تاماق شىرەسىگە قويماقتا، بىر ئائلە كىشلىرى خۇشال ھالدا تاماق يىيىشمەكتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-6 21:21