ھايات ، ئۆلۈم ۋە باشقىلار
تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن
ھايات مېنى ئۆلتۈرەر تىنماي،
ئۆلۈم ماڭا جان بىرەر سېخىي.
سۆيگۈ ئۈچۈن ئۆلدى بەزىلەر،
مەن ئۆزۈمگە ئامراقمەن تېخى.
كۆيۈشكەنلەر كۆيدى كۈل بولۇپ،
سۆيۈشكەنلەر سۆيگۈ چۆلىدە.
ئىشىق دېگەن بەتبەشرە كېسەل،
ئورۇن ئالدى كۆڭۈل تۆرىدە.
مۇھەببەتنىڭ قەبرە تېشىغا،
رىۋايەتلەر ئويۇلدى قات-قات.
نەچچە قىزنىڭ ياشلىق چېچىكى،
ساراڭ قىلدى تۇيغۇمنى ھەيھات!
مىڭبىر كېچە ھېكايىسىنى،
ئاڭلاپ-ئاڭلاپ قانمىدى تۈنلەر.
سەرسان قىلدى دۇنيانى تامام،
ئۆز رەڭگىدە ئېچىلغان گۈللەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-6 21:22