يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ،ئۆزىنىڭ ھەم دادىسىنىڭ ئىسمىنى يازالماي تۇرۇپ، شېئىر يېزىپ يوللاۋاتقان بىر قىسىم شائىر، ھەۋەسكارلىرىمىزغا!
داداڭدىن ئازمىغىن يولدىن ئازساڭمۇ
مۇھەممەتجان راشىدىن
داداڭنىڭ ئىسمىنى يازمايسەن ئەجەپ،
سالام خەت يازساڭمۇ، ھۆججەت يازساڭمۇ.
ئازغۇنلۇق بولمامدۇ يول تۇتساڭ شۇنداق،
داداڭدىن ئازمىغىن يولدىن ئازساڭمۇ.
بالاڭنىڭ تويىغا يېزىپسەن باغاق،
تەكتىگە قارىسام يەنە شۇ ئىللەت.
ئۇنتۇغان ئەمەسقۇ ئەزەلدىن، دوستۇم،
ئاتىنىڭ ئىسمىنى بىزنىڭ بۇ مىللەت.
دەپتىرىڭ تېشىدا تەنھا بۇ ئىسمىڭ،
ۋاھ، ئەجەپ ئىش قىپسەن ئاتىسى يوقتەك.
قەلىمىڭ ئۇنتۇسا داداڭنى دائىم،
بولمامسەن داداڭدىن ئۆزۈڭ ئۇلۇغدەك.
ئاتىلار ئىسمىنى يازغۇلۇق ئاۋۋال،
ئاق سۈتتەك قەغەزگە ياز دېسە بىر خەت.
ئىسمىڭغا ئاتىلار ئىسمى ئۇلانسۇن،
تولۇقتۇر تەزكىرەڭ شۇندىلا پەقەت.
بالاڭمۇ قىلىدۇ ئەر يېتىپ بىر كۈن،
سەن قىلغان ئىللەتنى سەن كەبى سادىر.
ئاتىمىز بار بىزنىڭ، دۇنياغا ھېچكىم،
ئاتىسىز كەلمەككە ئەمەستۇر قادىر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-6 14:15