مانا بۇ شەرمەندىلەرچە ھايات
مۇھەممەدجان قۇربان ئىزىقۇت
ئەي، رەزىللىكنىڭ كۈيچىسى، جۇنۇن كۆزىدە يانغان سوغۇق نۇرنى غايىبانە ئىنتىلىش جىلۋىسىنىڭ پەرقىگە ئالغۇچى يۈرەكلەر دەپنە قىلىنغان قەبرىلەرنىڭ ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان قۇيۇن تازنى مەدھىيلىگەن تىلىڭدا ماڭا لەنەت ئوقۇ!
ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقانلارنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنى كەسىپ ئەتكەنلىكىم ئۈچۈن قەبىھلىكتە سۈپەتلەندىم. بىراق، بۇ مېنىڭ جىنايىتىم ئەمەس. ماڭا ئايان، جىنايەتكە تولغان قەلب كۆزىدە مەن سېنىڭ تىلىڭدا لەنەتكە لايىق. ماڭا لەنەت ئوقۇ!
باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ھېرىسمەنلەر مۇھەببىتىمنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇۋەتتى. يۈرىكىمنى نەپرەت بىلەن سۇغىرىشقا ئىلاجىسىزمەن. چۈنكى، مۇھەببەت يوقالغان يۈرەكتە نەپرەتكە نەدىمۇ ئورۇن بولسۇن! سۇنغان كۆڭۈلگە ھېچنېمىنى ھاۋالە قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، پادىشاھتا پادىشاھچە كۆڭۈل بولىدۇ، قەلەندەردە قەلەندەرچە.
ئۇلار ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقان ناكەسلەرنىڭ سۈرىتىنى سىزالىغانلىقمنى رەزىللىككە جوراشتى. ئەكىسچە بۇ غالىبلىقىىمنىڭ نىشانى ئىدى. كاشكى، ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى، مېنى سوتقا تارتىشقا بۇنچە ئالدىرىماس ئىدى. ئەپسۇس، مەن رەزىللىكتە قەبىھ جىنايەتچى ئاتالدىم. مەن «ئۇلار» دەپ ئاتاۋاتقانلارنىڭ نامىدىن ماڭا لەنەت ئوقۇ، ئەي، رەزىللىك كۈيچىسى!
مەن ئۇلارنىڭ كۆزىدە قەبىھ جىنايەتچى. ئەمما ھېچكىم يۈز تۇرانە شۇنداق ئاتاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ ھال مەن «ئۇلار» دەپ ئاتاشقا مۇشەررەپ بولغانلارنىڭ بىقۇۋۇللىقىغا سۈكۈت ئاتلىق چىرايلىق توننى كىيگۈزدى. مەن ئەڭ رەزىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىمەن. ئۇلار «ئاقىلانىلىك بىلەن» سۈكۈت قىلىدۇ. سۈكۈت ئۇلارنىڭ قېنىغا ئۆتكەندە مەن ئۇلارنى قىلچە ھېيىقماي مەسخىرە قىلىمەن. شۇ خىل رەۋىشتە غورۇرى دەپسەندە قىلىنغان كۆڭۈل ئاستا-ئاستا سۇنىدۇ. ! مانا بۇ شەرمەندىلەرچە ھايات، مانا بۇ رەزىل دەپ شىكايەت قىلىنىۋاتقان دۇنيا!
مەن سوتقا ماڭدىم. سەن يول بويى مېنى سازايى قىل، ماڭا لەنەت ئوقۇ، ئەي، رەزىللىكنىڭ كۈيچىسى!!! مەن ئۇلارنىڭ سوتخانىسىدا شەرمەندە بولاي.
سوت كىمنىڭ ۋىجدانىغا ھاۋالە قىلىندى، كىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنىپ كىم شەرمەندە قىلىندۇ؟! بۇنىڭغا پەرۋايىم پەلەك. چۈنكى، ئۇلار مېنىڭ ۋىجدانىمغا قازى بولالمايدۇ.
ئەي، مەن «ئۇلار» دەپ ئاتاشقا مۇشەررەپ بولغانلار، ماڭا رەزىللىك كۈيچىلىرىنىڭ تىللىرى بىلەن لەنەت ئوقۇڭلار! چۈنكى، ئۇ مېنى يەنە بىر قېتىم سىلەر كۈتمىگەن نەتىجىگە ـ غالبلىق ماقامىغا يەتكۈزىدۇ. ماڭا نەپرەتلىنىڭلار! شۇ چاغدا مەن كۆزۈڭلارغا تىكىلىپ تۇرۇپ سىلەرنى تېخى ئىشتىنىنى كىيۋېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن پاھىشىگە ئوخشىتىۋالاي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-4 23:52