راۋاپچى بوۋاي
كەچكەن ئىدى ئۇ
تالاي شەھەرنى ،
جاراڭلىغان راۋابىدا ...
كەچمىشى مانا دەپ
كۆرۇنەتتى ،
كوماق ئاغزىدا .
كەكە ساقال ،
تىتىك بۇ جان
قىلغاچ مەپتۇن دوقمۇشنى .
ماشىنىلار بويۇنداپ قارايدۇ
بىنالار ئىگىلىپ باقىدۇ ،
ئاندا – ساندا پۇللار چۇشىدۇ
كۈزدىكى غازاڭدەك .
گاھىلار پەرۋاسىز ،
بۇ كۆڭۈلدىن كېتىدۇ .
نەزمە تۆكۇلىدۇ ،
ئۇنچە بولۇپ ئاغزدىن :
‹‹ تەلىيىم بولسا مېنىڭ ،
يانغان ئوتلار ئۆچەرمىدى .
مەن ئىشەنگەن تاغلىرىم ،
ئاستى بىلەن كۆچەرمىدى ›› ...
ئاڭلاپ بۇ ناخشىنى
دىلىم ئېرىدى مۇڭلۇنۇپ .
قۇياش پەسلىدى ،
قاراڭغۇ ۋۇجۇد
كەتتى نۇرلۇنۇپ .
مەن بۇ ناخشىغا كىرگەندە ،
قوزا چۇش
دەرەخ ئۇچىغا قونغان ئىدى .
راۋاپچى بوۋايمۇ
ئاللاقاچان ،
مەستۇ مۇستەغرەق بولغان ئىدى .
2015 – يىلى 17 – ماي
مىسكىنلىكتىن چىقىش
كۈندۈزۇمنى يازدىم
خەت قىلىپ بۇ بەتكە،
سېنى ئوقۇي دەپ .
شېرىن يورۇق ،
كەلدى لەرزانغىنە
قەلبىمگە قاراپ
لەپىلدەپ .
كۆزلىرىڭدىكى
چوڭقۇر قاراڭغۇلۇق
كەتتى شۇئان تاراپ ،
چىقتۇق بىللە
چىققاندەك قۇياش
ئوماققىنە ماراپ .
مانا مۇشۇ دەم
مىسكىنلىكتىن چىقىش
باشلىنىپ كەتتى ،
بىر ھەقىقەتنى تاپقاندەك
روھىم ئەرىشكە يەتتى .
2015 – يىلى 23 – ماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-4 19:59
|