«شانلىق 60 يىل، شىنجاڭ قەسىدىسى» تېمىسىدا شېئىر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
: N+ l! D# l7 R3 O- p) Oشىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى سىستېمىسى ئۇيۇشتۇرغان «شانلىق 60 يىل، شىنجاڭ قەسىدىسى» تېمىسىدا شېئىر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 1 ـ ئىيۇن باشلاندى، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر مىللەت شائىرلار، شېئىر ھەۋەسكارلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ شېئىرلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ، شېئىر قوبۇل قىلىش 31 ـ ئاۋغۇست ئاياغلىشىدۇ. شېئىرلار «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ۋە «ئامانلىق» ژۇرنىلىدا قەرەللىك ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بۇ شىنجاڭدا ياشاۋاتقان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن زور بىر خۇشاللىق ئىش. شېئىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياخشى كۆرىدىغان سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى. 60 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا ھەر مىللەتتىن بىر تۈركۈم داڭلىق شائىرلار يېتىشىپ چىقتى. ئۇيغۇرلاردا داستانچىلار، قازاقلاردا ئاقىنلار، موڭغۇللاردا جاڭغىرچىلار، قىرغىزلاردا ماناسچىلار بار. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق دائىم شېئىر ئارقىلىق بۇ زېمىننى، بەختلىك تۇرمۇشنى مەدھىيەلەپ كەلدى. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى سىستېمىسى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەرگە بولغان مەدھىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردى. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى سىستېمىسى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان ۋە بىرلىكتە باشقۇرۇۋاتقان «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى»، «شىمالىي شىنجاڭ سەھەر گېزىتى»، «ئاقسۇ گېزىتى»، «بايىنغولىن گېزىتى»، «ئالتاي گېزىتى»، «چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» ژۇرنىلى، «ئامانلىق» ژۇرنىلى، «ئاسىيا مەركىزى» تورى ۋە باشقا ئۆزىگە قاراشلىق يېڭى مېدىيالار بىلەن بىرلىكتە بۇ پائالىيەتنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ.
1. پائالىيەتنىڭ دائىرىسى
بۇ قېتىملىق پائالىيەت كەڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر مىللەت شائىرلار، شېئىر ئىجادىيىتىگە قىزىقىدىغان ھەر مىللەت ئامما، كارخانىچىلار، ئالىي مەكتەپ، تېخىكوم ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەر ۋە تور ئەھلى قاتناشسا بولىدۇ.
2. ئەسەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ۋەتەننى مەدھىيەلەش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر باش تېما قىلىنىدۇ.
3. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ
(1) پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئىجادىي شېئىر ئەۋەتىشى، ھەر بىر شېئىر ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئون كۇبلېتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛
(2) شېئىر مەزمۇنى ساغلام بولۇشى، بەدىئىيلىككە ۋە ئىدىيەۋىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك؛
(3) بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان شېئىرلارنى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى سىستېمىسى تەرجىمە قىلىش، تارقىتىش، توپلام قىلىش، ئۆزگەرتىش ھوقۇقىغا ئىگە.
4. شېئىر ئەۋەتىش ئۇسۇلى
بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان شېئىرلارنى word ھۆججىتىدە بېسىپ، xieriyat@126.com غا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئىسىم ـ فامىلىڭىز، ئادرېسىڭىز، پوچتا نومۇرىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئېنىق يېزىشنى ئۇنتۇماڭ.
قول يازمىنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر «تيەنجى» سارىيى 10 ـ قەۋەت شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىڭ (كونۋېرتقا «شانلىق 60 يىل، شىنجاڭ قەسىدىسى» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ)، پوچتا نومۇرىمىز: 830002
5. مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى سىستېمىسى داڭلىق شائىر، شېئىرىيەت ئوبزورچىلىرىدىن باھالاش ھەيئىتى تەشكىللەپ، ئېلان قىلىنغان شېئىرلارنى ئادىل باھالاپ، نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە تەقدىرنامە ۋە مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ.
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى سىستېمىسى
2015 ـ يىلى 1 ـ ئىيۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-2 16:15
# J( n( n9 m& ^( v# \
7 M3 f) q- m* k4 N8 ]( i