تۆھمەتخور
گۈلنىسا ئىمامنىياز
نادان تۇيغۇم گۇمانغىلا ئەگىشىپ،
ئاسمىنىمدىن تۆھمەت ئوقى ياغىدۇ.
داغ چاچرىتىپ تولۇنئاينىڭ يۈزىگە،
بۇلۇتلىرىم قانىتىنى يايىدۇ.
ئېچىپ باھا دەپتىرىمنى ئالدىراپ،
خاتا ھۈكۈم يازدىم تېيىز تۇيغۇمدا.
ساۋاش ئۈچۈن يۈگۈرىمەن بىراۋنى،
تۆھمەت شېخى سايە يايغان تاياققا.
كىم قۇياشقا يۈزلەندۈرسە يولىنى،
تۇمان بولۇپ توسار قارا بورىنىم.
مۆلدۈرلىرىم تەگسە ئۇلار بېشىغا،
كۆرەڭلەيمەن چاۋاك چېلىپ قوللىرىم.
شاماللىرىم ئۇچۇپ يۈرۈپ ھەريانغا،
ئۆسەك سۆزنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ.
نىمە تەرسە ئالار شۇنى ئەزەلدىن،
«ئۆزگە قىلغان ئۆزىگىلا يانىدۇ».
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-31 16:29