كۆرۈش: 2483|ئىنكاس: 0

چولپان ئابدۇراخمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                           ئاپام.jpg          
          چولپان ئابدۇراخمان  1964-يىلى 12-ئاينىڭ 28- كۈنى  خېجىڭ ناھىيە نەمىنمودۇن يېزىسىدا مال دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،1982-يىلى خېجىڭ ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، نەمىنمودۇن يېزىسى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقان.1994-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ،1995-يىلى نەمىنمودۇن يېزا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان.1999-يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان .2000-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش تولۇق كۇرسىغا قاتنىشىپ،2003-يىلى ئالى مائارىپ بويىچە تولۇق كۇرۇس گۇۋاھنامىسىنى ئالغان.شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.لىكىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن داۋاملىق نەمىنمودۇن يېزا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن.2012-يىلى شەرەپ بىلەن پېنسىيىگە چىققان.2001-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە  نەمىنمودۇن يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى،2007-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بۇلۇپ،كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولغان.
       ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1984-يىلى شىنجاڭ ئاياللار ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ۋىجدان بۇيرۇقى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەرقايسى ژۇرناللاردا 50پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە-پوۋىست، ئەدەبىي ئاخبارات قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى.«يولدىشىمنىڭ خاتىرىسى» ناملىق ھېكايە-پوۋىستلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىغا تاپشۇرۇلدى. 1991-يىلى «ئۇرۇق» ناملىق ھېكايىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات» مۇكاپاتىغا، 1994-يىلى «يۇيۇلغان داغ» ناملىق ھېكايىسى «مۇنەۋۋەر ئەسەر »مۇكاپاتىغا، 1999-يىلى « مەن كىمگە تەئەللۇق» ناملىق ھېكايىسى ،2000-يىلى «كونا كۆڭلەك» ناملىق پوۋىستى بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1994-يىلى بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە، 1995-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان،2004-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان «سېھىرلىك كىرورەن»توپلامىغا بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.2006-يىلى ئوبلاستلىق تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۆھپىكار يازغۇچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.2001-يىلى ئۇ ئۆز يېنىدىن خىراجەت ئاجرىتىپ «چولپان ئەدەبىيات» مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىپ شىنجاڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئاپتور ۋە ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلىدى.ئۇ ھازىرمۇ يەنە ئىزچىل يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 16:42  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش