كۆرۈش: 474|ئىنكاس: 5

ئابلىتىپ روزىنىياز: دادامنىڭ ھېكمەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دادامنىڭ ھىكمەتلىرى



ئابدۇلىتىپ روزىنىياز
قاراقاش ناھىيە ئاقساراي ئوتتۇرا مەكتەپتىن


1

تۇنجى خىزمەت تەقسىماتىمنى ئاڭلىغان دادامنىڭ مۇنۇ گەپلىرى ھازىرمۇ ئېسىمدە: «مۇئەللىمچىلىكمۇ بولىدىغان كەسپ، تۇرمۇشىمۇ يامان ئەمەس ئۆتىدۇ  «...ئەلۋەتتە، «يامان ئەمەس» دېگەن سۆز «ياخشى» دىگەنگە باراۋەر ئەمەس. شۇ ۋاقىتتا دادامنىڭ بۇگەپلىرىنىڭ تىگىگە ئانچە يەتمىگەن ئىكەنمەن.
ھازىر ئويلاپ باقسام دادام ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك ئىبارىدىن بىرنى قىلغان ئىكەن. خىزمەتكە چىقىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئارقىمغا قارىسام ئىككى بالام «دادا!» دەپ كەينىمدىن ئەگىشىپ يۈرۈپتۇ. ئۇلارنى ھەر كۈنى يېزىدىكى ئۆيۈمدىن 16 كىلومىتىر مۇساپىنى تەكرار بېسىپ يەسلىگە ئاپىرىپ ئەكىلىمەن. باشقا ساھەدىكى دوستلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ قالساق، ماشىنامنىڭ ئورنى سەپنىڭ كەينىگىراق تىزىلىدۇ. ئىسىل پىكاپلىق بۇرادەرلىرىمنىڭ ئۇلىقى مىنىڭ ماشىنامغا ھامان گىدىيىپ قارايدۇ. ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈنلا بەزى سورۇنلاردا چاقچاقنىڭ پاس چىقىرىش ئوبيىكتىغا ئايلىنىپمۇ قالىمەن. ساقچى دوستلىرىم بىرەيلەننىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدىن تارتىلغان نومۇرنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۈپ يۇيۇپ بەرمەكچى بولىدۇ. دۇختۇرلۇق قىلىدىغىنى كىمدۇر بىرىنىڭ بالنىستتىن چىقماقچى بولغان تۇققىنىنىڭ رەسمىيىتىنى ئەرزانراق قىلىپ ھېسابلىتىپ بەرمەكچى بولىدۇ ياكى يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا يۆتكەش رەسمىيىتىنى ئۆزى بىر قوللۇق بىجىرىپ بىرىدىغان بولىدۇ. يەر باشقورۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان دوستىمىز سورۇندىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىگە ئايلىنىپ، قايسى ئورۇندىن يەر سېتىۋالسا ئۇزاققا بارماي ھەسسىلەپ پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئالىمىز دىسەك ئۆزىنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ. تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغىنى سودىگەر بۇرادىرىمىزغا بىرەر قېتىملىق ئېلانىنى ھەقسىز چىقىرىپ بىرىش ھەققىدە ۋەدە بىرىدۇ. سودىگەرمۇ ماللىرىنى بىزگە زاۋۇت باھاسىدا پايدا ئالماي سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. يىڭىدىن ئەمەل تۇتقان دوستىمىز «ئىش بولسا ئىزدەرسىلەر» دەپ مېيىقىدا كۆلۈپ قويىدۇ. ئوقۇتقوچى تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى بىراۋلارنىڭ تەربىيىلىشىگە تاپشۇرۇپ قويىۋاتقان مەن بولسام بالىلىرىڭلارنى ئۆزۈم ئوقۇتۇپ بىرەي، دىيەلمەيمەن. گىزى كەلگەندە ھاجىتىم ئۈچۈن گەپ ئاچىمەن. ئەمما، ئۇلارغا نەپ يەتكۈزگىدەك ئىشلار ئۈچۈن مەيدە قېقىش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. سورۇنلاردا كۆپۈنچە ھاللاردا ماڭا تەقسىم بولىدىغىنى ئادىمگەرچىلىككە مايىللىقىنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسىنى تىزىملاش بولۇپ قالىدۇ. ئازتۇلا بىر نەرسە يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ يۈرگىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا سورۇنغا تاشلاپ گىدەيگىدەك تۈزۈك دەسمايەم ياكى بىراۋلارنىڭ ھاجىتىگە يارىغۇدەك ئىمتىيازىم يوق. ئارىمىزدا خېلى ھاللىنىپ قالغان دېھقان بۇرادەرلىرىمىزمۇ بار. ئۇلارمۇ ئېتىزلىرىغا تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ بۇ يىل ئىنتايىن ياخشى ئوخشىغىنىنى، شەھەرلىك بۇرادەرلەرگە لازىم بولسا خېمىيىۋى ئۇغۇت سالمىغان يەرنىڭ سەي- كۆكتاتلىرىدىن يۇلۇپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. ئورۇق- تۇققانلار ئارىسىدا مەن خىزمىتى بار مائاشلىق كادىر ھېسابلانساممۇ، مەندىن ئۇلارغا ئاچقان يىرىگە بارغۇدەك ئەمەلى نەپ تەگمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ماڭا دەيدىغانلىرى كۆپۈنچە ھاللاردا بالىلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىش ياكى ئۇزاقراق رۇخسەت ئېلىپ بىرىش توغرىسىدىكى مەسئولىيەت نۇقتىسىغا بېرىپ تاقىلىدىغان بىمەنە ھاجەتلەر بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا مەن ۋىجدان بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ تەڭلىك تارتىمەن ھەمدە مىللەت، ۋەتەن ۋە پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى دەبدەبىلىك ئىبارىلەرنى شىپى كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە باشلايمەن: «مەجبۇرى مائارىپ دۆلەتنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا قاراتقان تۈپ سىياسەتلىرىنىڭ بىرى. پەرزەنتلەرنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئاتا- ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتى. بالىلار بولسا ۋەتەن، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ياراتقوچىلار. ئۇلار ياخشى تەربىيىلىنىپ ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشسا سىز، بىز ۋە ئەل- جامائەت خۇرسەن بولىدۇ. دۆلەت ھازىر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقوچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش راسخودىنى تولۇق كەچۈرۈم قىلىۋەتتى. بالىلار يەسلىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. نەتىجىسى ياخشى بولسا ئالى مەكتەپتىمۇ بىكارغا ئوقۇيدۇ. مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ئاق- قارىنى خېلى پەرق ئەتكەن سىز، بىز بالىلىرىمىزنى ئوقۇتمىساق بۇ مىللەت نىمە بولماقچى...» گىپىمنى تولا ئاڭلاپ زىرىككەن تۇققىنىم نارازى كەيپىيات بىلەن يېنىمدىن ئاستا كىتىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىرەر يېرىم ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قالدۇرىۋېلىش ھەر قانداق مۇئەللىمنىڭ قولىدىن كىلىدىغان سۈرۈشتىسى يوق ئاددىلا بىر ئىش بولۇپ، مەن «خەقنىڭ ئىشىغا تومۇزدىمۇ قولى توڭلىغان»، شۇنچىلىك ئاددى ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالمىغان ئىناۋەتسىز كادىرغا، كۈيۈمى يوق قېرىنداشقا ئايلىنىمەن.
ئوقۇتقۇچىلىق بۈگۈنكى زاماندىكى قىلىپ باقمىغانلار ئىنتىلىدىغان، قىلىپ كۆرگەنلەر قاقشاش ۋە ۋايساشنى شۇ كەسىپنىڭ يەنە بىر سۈپەت ۋارىيانتى تەرەققىسىدە چۈشىنىدىغان كەسىپ بولۇپ قالغان ئىدى. كىتابلاردا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى «دۇنيادىكى ئەڭ ھالال ۋە شەرەپلىك كەسىپ»، «ئوقۇتقۇچى بولسا ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى»، «ئۆزى كۆيۈپ تۈگەش بەدىلىگە باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىدىغان شام» دىگەندەك ئىنتايىن گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. لۇغەتلەردە ئوقۇتقۇچى ئۇقۇمى  «مەكتەپتە ئىنسانىيەت ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى ۋە ماھارىتىنى ئۆگىتىدىغان، ئىددىيە- ئەخلاق تەربىيىسى بىرىدىغان، تەربىيىلەنگۈچىلەرنى مەلۇم جەمئىيەتكە ئىھتىياجلىق ئىقتىساس ئىگىلىرى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىدىغان كەسپى خادىم» دەپ ئىزاھلىنىدۇ.  ۋاھالەنكى، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئانىدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ماختاش ۋە تەرىپلەشكە مۇيەسسەر بولىۋاتقان بۇ سۈيۈملۈك باغۋەنلەرنىڭ تۇرمۇشى خۇددى تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ نەمدەلگەن زىرائەتلەردەك بىر خىل رېتىمدا ئۆتىدۇ. ئىدارىسىغا بارسا ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، ئۆيگە كەلسە كەنتنىڭ دېھقىنى سۈپىتىدە ئىشلەپ سەككىز بالىنى قاتارغا قوشقان مىھرىبان دادام بازار رەستىلەردە پىركازچىكلارنىڭ كۆپرەك باھا تالىشىۋاتقانلارنى «سىز ئوقۇتقۇچىمۇ؟» دەپ سورايدىغانلىقىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغان بولسا بەلكىم شۇ گەپنى قىلغان بولىشى مۇمكىن. ھازىر ئويلىسام دادام ماڭا بارىنىڭ قەدرىگە يىتىش، تۇرمۇشقا ھەددىدىن زىيادە يوقىرى ئۆلچەم قويۇۋالماسلىق، رىسىق- نىسىۋىنى ھالالدىن تېپىپ يىيىش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان ئىكەن. ئارىمىزدا شۇنداقمۇ كىشىلەر بار. ھاي دىمەي قويۇپ بىرىدىغان بولسا جاھاننىڭ ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئورىنىدىغان. ئادەمنىڭ كېمى تۈگۈمەيدۇ. بولغانسىرى يەنە بولسىكەن دەيدۇ. قانائەت دەيدىغان نەرسە بولمىسا ئۇنىڭغا رىۋايەتلەردە قەيت قىلىنىغان قارۇننىڭ خەزىنىسىدەك مال- دۇنيا بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا بىرنىمىلەردىن ئاغرىنىپ يۈرىشى مۇمكىن. سۈيۈملۈك دادام ھېلىقى گەپنى قىلغاندا دەل مۇشۇ خىل ھالەتنى كۆزدە تۇتقان بولسا كىرەك.

2

دادام ئىنتايىن كەم سۆز ئادەم. ئۇ ئائىلىدىكىلەرنى يىغىپ ھەپتىلىك، ئايلىق ئائىلە يىغىنى ئېچىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇ يولۇقتۇرغان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا قىسقىلا ئىنكاس قايتۇرىۋېتىپ ئېغىلغا ياكى ئېتىزغا ئالدىراش كىتىپ قالىدىغان تىپىك سەھرا ئادىمى. بىر قېتىم خىزمەتكە كىچىكىپ قالغىنىمنى بىلىپ قالغان دادامنىڭ مۇنۇ گەپلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە: «ئۆيىڭىز مەكتەپكە يېقىن بولغاندىكىن ھەممىدىن بالدۇر بارسىڭىز بولىدۇ» بۇ مۇنداقلا ئاڭلىماققا ئايرىم تەھلىل قىلىپ ئولتۇرىغان دەبدەبىلىك ئەقەلىيىلەردىن ھېسابلانمىسىمۇ، كىيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە مەن بۇنىڭ مەسئولىيەتچان بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان، ياخشىراق ئويلانسا تىگىگە چوڭقۇر مەنا يوشۇرۇنغان نەسىھىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، سۈكۈتلۈك ئويلارغا پېتىپ قالىمەن. مىنىڭ ئائىلەم ئىشلەيدىغان ئورنۇمغا بىرەر كىلومىتىرمۇ كەلمەيدىغان يېقىنلا يەردە. مەكتەپتە سىنىپقا كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنسا، ياكى مەيدانغا يىغىلىش مۇزىكىسى قويۇلسا ئۆيۈمدە تۇرۇپ ئاڭلىيالايمەن ھەمدە ئىتتىكرەك ماڭسام يوقلامغا ياكى تەكشۈرۈشكە ئۈلگۈرۈپ بارالايمەن. كۈندە ئاتا- ئانام بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرالايمەن. ئارىمىزدا شۇنداقمۇ خىزمەتداشلىرىم بار. ئىككى تەتىلدىن باشقا ۋاقىتتا ئائىلىسدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمەيدۇ. ئالاھىدە رۇخسەت ئالمىغۇچە يۇرتىغا بېرىپ كىلەلمەيدۇ. كۈندە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتىلىق مىھىر ۋە ئانىلىق مۇھەببەت ئاتا قىلىشقا ئۇرىنىدىيۇ، ئۆزى شۇنداق مىھىر- مۇھەببەتتىن مۇستەسنا ھالدا ياشايدۇ. بۇ يەردە مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرغۇم كىلىپ قالدى؛ مىنىڭ ئاقسۇلۇق بىر خىزمەتدىشىم بار. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئاقسۇدىن بولۇپ ئىككىسى باشقا- باشقا مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. بۇ قېتىم ئايالى ئىككىنچى بالىسىنى يەڭگىپ توغۇت روخسىتى ئېلىپ كەتكىلى بىرەر ئايدەك بولدى. بۇ خىزمەتدىشىم ئايالى يەڭگىشكە ئاز قالغاندا بىر ھەپتىلىك روخسەت سوراپ، ئايالىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ يىڭى توغۇلغان بالىسىنى كۆرۈۋېلىپ كەلگەندىن باشقا ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئۆيىگە بارغۇدەك پۇرسەتمۇ بولمىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن خېلى يېقىن ئۆتەتتىم. ئۇ ئالدىنقى قېتىم بارغاندا ئۈچ ياشلىق چوڭ قىزىنى چوڭلارنىڭ قېشىدا قويۇپ كەلگەن ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن سورىدىم:
ــ بالىلىرىڭنىڭ چىرايىنى ئىسىڭگە ئالالامسەن؟
ــ بالىلىرىڭنىڭ دەيسەنغۇ، ئانام - دادامنىڭ چىرايىنىمۇ تازا ئەسلىيەلمەيۋاتسام، بالامنىڭ چىرايىنى قانداقمۇ ئەسلەي...
ئۇنىڭ مۇشۇ سۆزى ۋە قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى ھەممىگە جاۋاب بىرىۋەتكەن ئىدى. ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ چىرايىنى ئېسىگە ئالالماسلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ تۈۋەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيتتى. كۈچلۈك بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەگكەن بولۇپ، ئۇ بۇنى چاقچاق ئارقىلىق باسماقچى بولغان بولسىمۇ، كۆزلىرى ئۇنىڭغا يول قويمايۋاتاتتى.  
باشقا خىزمەتداشلىرىمدەك يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتى، ئاتا- ئانىسى ۋە ئورۇق- تۇققانلىرى بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ مۇڭدىشىشقا بولغان ئىنتىزارلىق تۇيغۇلىرى مەندە ئۇلاردىكىدەك رۇشەن ئەمەس. ئىككى تەتىل ماڭا دەم ئېلىشتىن ئۆزگە باشقا ئالاھىدە تۇيغۇ بىرىپمۇ كەتمەيدۇ.  مەن ئىشلەيدىغان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 40 پىرسەنىتتىن كۆپرەكى باشقا ۋىلايەت ۋە ئۆلكىلەردىن كىلىپ ئىشلەۋاتقانلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىلىك بىر ئايال ئوقۇتقۇچىمىز بار. ئۇنىڭ خىزمەتكە چىققىنىغا 7-8 يىلدەك بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولدى. يولدىشىڭ خىزمەت مەسىلىسى  تېخى يېقىندىلا ھەل بولۇپ رەسمىيلەشتى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولاتتى. تويىنىغۇ ئۆيىدىكەر غەملەپ بىرنىمە قىلىپ بەرگەندۇ. ئەمما ئۆزگە يۇرتتىكى تۆت جاننى بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىغا تايىنىپلا جان ئېتىش ئاسان ئەمەس ئىدى. بىراق بۇ كەسىپدىشىمىز شۇنىڭدىن ئېشىنىپ تۇرۇپ، ئالدىنقى يىلى مەكتىپىمىزدىكى ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن يىتىم- يىسىر، ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بىر«مىھرىبان ئانىلار كوللىكتىپى»نى قورۇپ ھازىرغىچە ئۈزۈشتۈرمەي داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 20 پىرسەنتكە يېقىنى بىزنىڭ مۇشۇ يېزىدىن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆتىدىغان دەرىسى تۈگىسىلا مەكتەپتە تۇرمايدۇ. تويۇقسىز ئىش چىقىپ قېلىپ ئىزدىگەندە تاپقىلى بولماي نەگە بارغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلسا، ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىلى، بالىسىنى كۆرگىلى، توخۇ- كەپتەرلىرىگە دان تاشلاپ بەرگىلى، قويلىرىغا سامان قويۇپ بەرگىلى... دىگەندەك «زۆرۈرىيەت»لەر بىلەن كىتىپ قالغان. (مەن بۇ يەردە ئاتا- ئانىسىنى كۈندە يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ۋاپادار پەرزەنتلەرنى ۋە خىزمىتىدىن سىرت قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇنلىنىپ ئائىلىسىنى قامداۋاتقانلارنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەس. خىزمەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەستىن، قورۇق غەيۋەت- شىكايەت قىلغاندىن كۆرە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلار ئالقىشلاشقا تىگىشلىك). مەن بۇ ئىشلارنى دادام دىگەن ھېلىقى گەپكە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدا ئۆزۈم بىلەن ئوخشاش بىر يۇرتتا ياشاپ، بىردەريانىڭ سۈيىنى ئىچىپ، بىللە ياشاپ كىلىۋاتقان مەن ۋە مەندەكلەر قىلالمىغان ياكى قىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بۇ ئىشلارنى ۋە ئاخىرى چىقماس قورۇق غەيۋەت - شىكايەتلەرگە، ئون يىل مۇلاھىزە قىلساقمۇ ھېچنىمىسىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلالمايدىغان قورۇق تەھلىللەرگە، ئۆزىمىزچە تۈرلۈك ناملارنى قويۇپ تەشكىللەۋاتقان ئۈنۈمسىز يىغىلىشلارغا سەرپ بولىۋاتقان بىھۇدە ۋاقىتلارنى، ھە دېسىلا ئۆي، تۇرمۇش، ئادىمىگەرچىلىك دەپ تەدرىجى ئۇنتۇلۇپ كىتىۋاتقان دەرسخانا ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئويلىغىنىمدا كەلگۈسىدە ئۆزۈم ئۈچۈن جاۋاب بىرىش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر سۇئال جۈملىنى لاھىيەلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ ئەندىكىپ كىتىمەن. ئەسلىدە دادامنىڭ دىمەكچى بولغىنىدىن بۇ يۇرت سىنىڭ يۇرتۇڭ. سەن ئەۋلاد تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ئىككىلا دۇنيادا نەپ يىتىدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۈستىڭگە ئالغان ئىكەنسەن، كۆپرەك ئىشلىشىڭ، ئىشلىگەندىمۇ ئەڭ ياخشى ئىشلىشىڭ، بالدۇر بېرىپ كىيىن قايتىشىڭ، باشقا خىزمەتداشلىرىڭغا ئۈلگە بولۇشۇڭ كىرەك. سەن تەربىيىلىۋاتقان بۇ غۇنچىلار مۇشۇ يۇرتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىگىلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم بولىشى سىنىڭ تەربىيەڭگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار ئۆزىدىكى ئەخلاق- پەزىلەتلەر بىلەن ئۆزىدىن كىيىنكى يۇرتىمىزنىڭ بىر ئەۋلاد كىشىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  سىنىڭ ئوغلۇڭ ۋە قىزىڭنىڭ، شۇنداقلا ، بولغۇسى كىيئوغلۇڭ ۋە كېلىنىڭنىڭ ساپاسىنى مەلۇم مەنىدىن سەن بەلگىلەپ قويىسەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك يېقىن يەردە تۇرۇپ خىزمەتكە كىچىكىپ بېرىش ساڭا نىسبەتەن ئۇياتلىق ئىش، دىگەن مەنالار چىقىپ تۇراتتىكەن.

3
دادام بىزنىڭ جەمەتىمىزدىن چىققان تۇنجى دۆلەت كادىرى. بۇۋام مەھەللىمىزدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى بولۇپ، تولىمۇ ئىلىمخۇمار ئادەم ئىكەنتۇق. بۇۋامدىكى ئىلىمخۇمارلىق ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى بولغان دادامغا ئۇدۇم قالغانمۇ- قانداق، مەن بىلىپ ئۆيىمىزدىن گېزىت- ژۇرناللار ئۈزۈلمەيتتى. مەن بۇلارنى كىچىك ۋاقتىمدىكى بالىلارچە ھېسسىياتىم بىلەن دادام پوچتا- تىگىراف ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولغاچقا، شۇ يەردىكى «ھوقۇق»ىدىن پايدىلىنىپ ئۇچاققا ئوت تۇتاشتۇرغۇلى ئەكەلگەن قەغەزلەر، دەپ چۈشىنەتتىم. ئەمما نىمە ئۈچۈندۇر بۇ گېزىت- ژۇرناللار ئۇچاق بېشىدا ئەمەس،  ھەمىشە ھويلىنىڭ بالىلار يىغىلىپ ئوينايدىغان يەرلىرىدە ياكى ئۆينىڭ ئەڭ كۆزنەك ئورۇنلىرىدا پەيدا بولۇپ قالاتتى. ھەم پات- پات يىڭىلىنىپ تۇراتتى. بىز كۆپۈنچە بۇ گېزىت- ژۇرناللارنى يىرتىپ، كىسىپ قېيىق، ئايرۇپىلان... دىگەندەك نەرسىلەرنى ياساپ ئوينايتتۇق. شۇنداقتىمۇ دادام ياكى ئانامنىڭ بىرەرسى ئۆينى ئەخلەت قىلدىڭ، دەپ بىزگە كايىپ باققان ئەمەس. دادامنىڭ ئۆزى قولۇپ سېلىپ ئەتىۋارلىق نەرسىلىرىنى ساقلايدىغان ياغاچ جاۋىنىدىمۇ بىرنەچچە پارچە كىتاب بارلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە. شۇنىڭدىن ئۆرنەك ئالغانلىقىمدىنمىكىن، مەنمۇ ئۆينىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى ئۆزۈمنىڭ «زېمىنى» دەپ ئايرىۋېلىپ «مېنىڭ» بولغان نەرسىلەرنى قويىۋالاتتىم. كىيىنچە سەل چوڭ بولۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا دادام ياتاق ئۆيىمىزدىكى قازان- چۈمۈچ، چىنە- قاچىلار قويىلىدىغان جاۋاننىڭ بىر پېيىنى ماڭا كۆرسىتىپ كىتابلىرىڭنى مەشەدە ساقلا ، دىگەنىدى. مانا ئەمدىلىكتە قارىسام ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە ئەڭ كۆپ كۆزگە چېلىقىدىغىنى كىتاب بولۇپ چىقىپتۇ. مەنمۇ كىتابلىرىمنى بىلىپ- بىلمەي بالىلىرىمنىڭ قولى يىتىدىغان، ئىتتىك بېرىپ ئالالايدىغان يەردە قويۇشقا ئادەتلىنىپ قاپتىمەن. يەسلىگە ئەمدىلا كىرگەن كىچىك قىزىم بىزگە ئەركىلەپ، يىغلاپ يۈرۈپ ئالدۇرغان سومكىسىغا «كىرورانلىق بالىلار» دىگەن كىتابنى سېلىۋاپتۇ. يەسلىدە ئوبدان ئوقۇپ، مۇشۇ كىتابنى ئۈگىنەرمىش. بىر ئىللىق سىزىم يۈرۈكۈمگە ئېقىپ كىرگەندەك بولۇپ، مېيىقىمدا كۈلۈپ بېشىنى سىلاپ، تىلەكلەر تىلىدىم ۋە پىشانىسىگە سۈيۈپ قويدۇم. ئەۋلاد تەربىيىسى دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ. بۇۋامدىكى تەقۋالىق دادامغا، دادامدىكى ئىخلاسمەنلىك ماڭا، مەندىكى ئىنتىلىش بالامغا ئۇدۇم خاراكتىرلىك ئۆتۈشۈش سۈپىتىدە داۋاملاشقاندەك قىلىدۇ. بۇ خىل ئۆتۈشۈش ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئارىسىدا شەكىل جەھەتتە ئۆزگۈرۈش ياسىغان بىلەن ماھىيەتتە بىردەكلىكنى ساقلاپ كەپتۇ. «كىتاب _ تارىخنى ئۇلىغۇچى ئالتۇن زەنجىر. يىراق ئۆتمۈشتە ياشىغان ئەجدادلار قەلبىنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆگەتكۈچى خاسىيەتلىك ئۇستاز». دەيدۇ نۇرمۇھەممەت توختى «كىتاب» ناملىق ماقالىسىدا («شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى 2005- يىلى 4- سان). مەن كىچىكلىكىمدە ئۆيىمىزگە پات- پات پەيدا بولۇپ قالىدىغان شۇ گېزىت- ژۇرناللارنىڭ ئۇچاققا تۇترۇق قىلىش ياكى بىزنىڭ قەغەز ئۇيۇنچۇقلارنى ياساپ ئوينىشىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دادامنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشكە بولغان ئىخلاسمەنلىكى ۋە ئېغىر- بېسىق مىجەزىگە ماسلاشقان تەسىرچان تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ زورلاش كۈچى بىلەن يىتىلدۈرگىلى بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئۈگۈنىش ئادىتىنى ئاستا- ئاستا يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان مەقسەتلىك ئۇرۇنىشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن ۋاقتىمدا، ئەينى ۋاقىتلاردىكى شۇ گېزىت- ژۇرناللارنىڭ ئۆيىمىزدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە قويۇلىشىنىڭ سەۋەبىنى تىگى ماھىيىتىدىن چۈشەنگەندەك بولىمەن ۋە ئۆزۈمنىڭ بۈگۈنكىدەك «كىتابخۇمار» بولۇپ قالغانلىقىمنى دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان ئۇستازىم ــ دادامنىڭ تەسىرىدىن دەپ قارايمەن.  

4

ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ۋاقتىمدا مىنى ئۇنىۋېرىستىتقا ئۆزى ئېلىپ چىقىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتماقچى بولغان دادامنىڭ قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە: «مەن ئالدى بىلەن ماڭغاچ تۇراي. ئەگەر كۈنەلمىسەڭ كەينىمدىن كىرەرسەن» بۇ بىر تەلەپچان دادىنىڭ ئالى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن «ئوقۇمايمەن، كۈنەلمىدىم، ئوقۇش پۇلى بەك كۆپكەن...» دەپ ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ، قەغىشلىق قىلىپ ئەركىلەپ تۇرىۋالغان ئوغلىغا خوشلىشىش ئالدىدا دىگەن گىپى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى شەھەردە تىكەندەك يالغۇز قالغىلىۋاتقانلىقىم ياكى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بولالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىم ئىكەنلىكىنى تازا ئېنىق دەپ بىرەلمەيمەن. بۇ يەردە بىراۋلارغا گىپىمنى ئۇقتۇرالماسلىقتىكى تىل قىسىنچىلىقىمۇ بولىشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئوغلىدىن ئەنسىرەپ نۇرغۇن كىرا پۇلى ۋە يول جاپاسىغا چىداپ بىرگە چىققان دادامنىڭ ئوقۇمايمەن، دىسەم ئۇنىماستىن يات كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا تاشلاپ قويۇپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى خېلى ۋاقىتلارغىچە ئەقلىمگە سىغدۇرالمىغان ئىدىم. ھازىر ئويلىسام دادامنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەسكىن قارارى مىنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشۇمنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان ئىكەن. ئەزەلدىن بىزنى ئورۇپ، تىللاپ باقمىغان باغرى يۇمشاق دادام شۇ ۋاقىتتىمۇ «قانداق نىمە سەن؟ شۇنچە كۆپ بالىلار كۈلۈپ، ئويناپ ئوقۇۋاتقان يەرگە سەن نىمىشقا سىغمايمەن؟ تەڭتۈشلىرىڭ كۆنگەن تۇرمۇشقا سەن نىمە ئۈچۈن كۈنەلمىگۈدەكسەن؟ ئوغۇل بالا تۇرۇپ شۇنىمۇ گىپىم بار، دەپ قىلىۋاتامسەن؟ بۇ يەردە سىنىڭمۇ ئۈلۈشۈڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالما!» دەپ يۈزۈمگە شاپىلاق بىلەن بىرنى سالغاننىڭ ئورنىغا، بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە مەنىلىك گەپتىن بىرنى قىلغان ئىكەن . ئۇنىڭ تۈرۈلگەن قاپىقى ياشلىق مەۋسۇمىغا قەدەم قويىۋېتىپمۇ بالىلىق خۇيىنى تاشلىمىغان ئوغلىدىكى ئەركەكلەرگە خاس غەيرەت- شىجائەت، جۈرئەت ۋە قاراملىقنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىغا قارىتا قايتۇرغان ئەپسۇسلۇق ئىنكاسى ئىكەن. «مەن ئالدىدا ماڭغاچ تۇراي» دىگىنى ــ «مەن بۇ ياشنى بۇرۇن ياشاپ بولغان. ئەمدى مەن سىنى كىچىك ۋاقتىڭدىكىدەك ھەمىشە مۈرەمدە ھاپاشلاپ، قولۇڭدىن يىتىلەپ يۈرۈپ بولالمايمەن. سەن ماڭغان يولدا داۋاملىق بىللە ماڭالمايمەن. سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ، بىر ئۆمۈر ماڭا ئەگىشىپ يۈرۈپ بولالمايسەن. ھاياتلىق مەنزىلىڭنى كۆرسىتىپ قويدۇم. قەدەمنى قانداق بېسىش سىنىڭ ئەركىنلىكىڭ. شۇنى ئېسىڭدە تۇتقىنكى، ئازراق جاپا ۋە خاپىچىلىقنى دەپ، ئۆمۈرلۈك بەختىڭنى نابۇت قىلما! كەلگۈسىدە ئاتا- ئانام مىنى ياخشى تەربىيىلىمەپتىكەن، ئوبدان ئوقۇتماپتىكەن، دەپ ئاناڭ ئىككىمىزدىن رەنجىپ يۈرمە. ۋاقتى كەلگەندە ھەرقانچە ئاغرىنساڭمۇ بىكار. مۇشۇ يېشىڭغىچە قولۇڭدىن تارتتۇق، مۈرىمىزنى ساڭا شوتا قىلدۇق. كىيىنكى چوققىلارغا ئۆزۈڭ ياماش. ئەمدى بىز پەستە تۇرۇپ ساڭا مەدەت بىرىمىز. غەلىبەڭ ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىمىز». دىگىنى ئىكەن. «ئەگەر كۆنەلمىسەڭ كەينىمدىن كىرەرسەن» دىگىنى ــ «سىنى ئۆزۈڭگە ناتونۇش يەردە يالغۇز قويۇپ كىتىۋاتىمەن، جېنىم بالام! مەندىن رەنجىمە. دادام بۈگۈندىن باشلاپ مىنى تاشلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالما. بىز سېنىڭ بىزدىنمۇ ياخشى ياشىشىڭ ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھىجرانغا چىداشقا مەجبۇرمىز. بىزدىنمۇ داغدام مېڭىشىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاياندازنى سېلىشقا تىرىشىمىز. بىزدىن، قېرىنداشلىرىڭدىن ئەنسىرىمە. پۇلدىن غەم قىلما. ھايات سەپىرىڭدە كەم ئەقىللىق قىلىپ لايغەزەللىك بىلەن مۈدۈرۈپ يىقىلىشتىن ساقلان. ئەگەر تىزراق يۈگرەيمەن، دەپ پۇتلىشىپ يىقىلساڭ باغرىمىز سەن ئۈچۈن كەڭرى يېيىقلىق. ئۆمۈلەپ بولسىمۇ بېرىپ يۈلەيمىز، تۇپاڭنى قاقىمىز، يۈزۈڭنى سۈرتىمىز». دىگىنى ئىكەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقىلى ئاز كەم 15 يىل بوپتۇ. ئۈزۈم مائاشلىق بولغان بىلەن ئۆينىڭ كەم كۇرۇسىغا تالىق چوڭ- چوڭ ئىشلاردا يەنە دادام - ئانام ھامى بولۇپ كەپتۇ. توي قىلسام چىقىمىنى قىپتۇ. ئۆي سالسام ياغىچىنى بىرىپتۇ. بالىلىرىمنىڭ ئادىمىگەرچىلىكىگە مەندىن ئۆتە پايپىتەك بوپتۇ. ئەكسىچە، مەندىن ئۇلارغا يەتكىنى ئېغىرچىلىق ۋە نارازىلىق بوپتۇ. تۇرمۇشنىڭ خوۋلىقىدىن كۆپرەك دەرت- ئەلىمىنى كۆرگەن دادام ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ئەركىن ۋە ئەڭ ياخشى ياشاش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن تەۋەككۇلچىلىققا تالىق ئاشۇ گەپلەرنى  قىلغان ئىكەن.

                      *              *            

دادام سۇقرات ئەمەس. ئۇنىڭ ئەپلاتۇندەك شاگىرتىمۇ يوق. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك بۈيۈك ئىمپىراتۇر يىتىشتۈرگەن ئارىستوتىلغىمۇ ئوخشىمايدۇ.  ئابدۇراخمان جامىغا ئوخشاش ئەلشىر ناۋائىدەك دۇنياۋى شەخسلەرگە ئۇستازمۇ بولمىغان. ئۇ بۈگۈنكى زامان ئالىملىرىدەك شالاڭ چېچىنى كەينىگە تاراپ، گىرادۇسلۇق كۆزەينەك تاقاپ يۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئاددى كىيىملەر بىلەن ئېتىز- ئېرىق، باغ- ھويلا  ئارىسىدا ئالدىراش يۈرگەن ساددا قىياپىتى ھەممىمىزگە تۇنۇش. ئۇنىڭ شۇ ئاددىيلىقى ئىچىگە ئاسان تىگىگە يىتىپ بولغىلى بولمايدىغان تىرەن مەنىلىك ھىكمەت دۇردانىلىرى سىغدالغان. چىرايىدىكى ھەر بىر قورۇق ئۆتمۈشىنىڭ سەرخىل ئىنكاسى سۈپىتىدە يۈرىكىدىن ئويۇلۇپ چىققان. ئاقارغان چاچلىرى پاكلانغان قەلبىنىڭ تەپچىگەن سىماسى. مۈكچەيگەن بىلى ھەق ئالدىدا ئىڭىشكەن تەقۋادار ئىنساننىڭ سۈيۈملۈك قىياپىتى.  پۇت- قوللىرىدىكى قاداقلار بولسا ئائىلە ۋە پەرزەنت ئىشقىدا كۆيگەن ئىنساننىڭ تىنىگە ئويۇلغان ھىكمەت تامغىسى. ئۇنىڭ ھەر بىر تىنىقى، ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر ئېغىز سۈزى بىز ئۈچۈن تېپىلماس لۇغەت. ئۇ نەق مەيداندا يېزىلىۋاتقان قۇتادغۇ بىلىگ ۋە قابۇسنامە. ئەمما بىز بۇنى ئوقۇشقا داۋاملىق كىچىكىپ قالىمىز.
ئەي، سۈيۈملۈك دادا! سەن يېزىۋاتقان ئاشۇ پاراسەت دەستۇرىنىڭ رەڭدار بەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىمدا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ پىشقان بىر مۇتەپەككۇرنىڭ پۇشتىدەك ھېس قىلىمەن. شۇغىنىسى، قۇرلارغا تىزىلغان ھىكمەت ئۈنچىلىرىنىڭ تىرەن مەنىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ئەقلىم كەملىك قىلىدۇ. ئىلگىرىكىسىنى بۈگۈن چۈشەنسەم، بۈگۈنكىسى كىيىنگە قالىدۇ. كەلگۈسىدىكىنى بىلىش ئۈچۈن بۈگۈنكىدىن ئاتلاپ ئۈتۈپ كىتىشىم مۇمكىن ئەمەس. سەن سۆز ۋە ھەرىكىتى بىلەن ئەۋلاد تەربىيىلەيدىغان توشقان پىداگوك ھەم زەكى ئالىمسەن. سىنىڭ «ئۆھۆ!... » دەپ يۈتەلگەن ئاۋازىڭدىن تارتىپ، سۇ تۇتقاندا تاپانلىرىڭدىن چاچرىغان لايغىچە ھەممىسىگە ئادىمىيلىك مىزانلىرى ۋە ھايات ھەقىقەتلىرى پۈتۈلگەن. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تەرىپلەشكە قەلەملىرىم، مەنىلىرىنى يىشىشكە ئەقلىم  ئاجىزدۇر. بەلكىم ھېس قىلغىنىمدىن بىلەلمىگىنىم كۆپتۇ. شۇنداقتىمۇ مەن بۇلارنى ھايات مۇساپەمدە ئۆرنەك قىلىمەن. مۇنبەردە ئۈزۈندە ئېلىپ سۆزلىرىمنىڭ ئۇرامىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىشكە تىرىشىمەن.
دادا! ھىكمىتىڭنى بىزدىن ئايىمىغىن. تاكى قىيامەتكىچە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-29 10:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-29 11:00:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بىر تېما يوللاپسىز،دادىڭىزنىڭ بۇ ھېكمەتلىرى ھەقىقەتەن ئورۈنلۈق.

ۋاقتى: 2015-5-29 13:18:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-5-29 23:43:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ابلىتىپ ئ‍اغىنەمنىڭ ما يازمىسىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم ئ‍ۆزىدەكلا سەمىمىي پۇزىتسىيەدە يېزىلغان يېقىشلىق ھەم ھېكمەت تامچىپ تۇرغان يازما بوپتۇ، ئ‍ەمەل ئ‍ىجاد يولىڭىزنى توسۇپ قويمىغىيدى دوستۇم

ۋاقتى: 2015-5-30 16:58:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     دادامنىڭمۇ شۇنداق ئۈگۈتلۈك نەسىھەت خاراكتىرلىك ھېكمەتلىرى بولىدىغان، بالىلىق مەندىن يىراقلاشقانسېرى دادامنىڭ شۇ ئۈگۈتلۈك نەسىھەت خاراكتىرلىك ھېكمەتلىرىنى تولا ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم. تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-5-30 21:17:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلىرىمنىڭ باھالىرىغا ھەشقاللا. ماڭا تىلىگەن تىلەكلىرىڭلار سىلەرگىمۇ ھەسسلەپ يانغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش