كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رايونى
›
شېئىرىيەت
›
تەمكىن: ئانىسىز ياشىدىم شۇنچىلىك ئۇزاق
1
2
3
/ 3 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
969
|
ئىنكاس:
35
تەمكىن: ئانىسىز ياشىدىم شۇنچىلىك ئۇزاق
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەمكىن
تەمكىن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 12:29:13
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
ئانىسىز ياشىدىم شۇنچىلىك ئۇزاق
ئىدىرىس رۇسۇل
تەمكىن
-مېنىڭ بىر دۇنيالىق مېھرىم، دېلكىشىم، سىردىشىم، قۇياشىم بولغان شۇنداق ئۇلۇغ بىر ئانام بار ئىدى. ئۇ بىزنى تاشلاپ كەتكىلى شۇنچە يىللار بولدى. بەزىلەر «ھەممە ئۇنتۇلىدۇ، ۋاقىت ئۇنتۇلدۇرىدۇ...»دىيىشىدىكەن. لىكىن بۇ جاھاندا ئۇنتۇلمايدىغانمۇ ئىشلار بولىدىكەن...
يانۋارنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى كۈنى
قەلبىمگە داغ سالدى ئەڭ ئېغىر ھەسرەت.
يوقالدى مەن ئۈچۈن بۈيۈك بىر ئارمان،
بىغەملىك، پاكلىق ھەم ئۇلۇغ ھەقىيقەت.
كەتكەندە يېنىڭدىن ساڭا قىيالماي،
بىر دەريا ئېسىلغان چاناقلىرىڭغا.
بولسىچۇ شاھ بالام دەپسەن يىنىمدا
ئاخىرقى نەپەستە، ئوماقلىرىڭغا.
ھاياتلىق كىرگەندە يەتمىش ئىككىگە،
توختىدى بىر دۇنيا يۈرەك سوقۇشتىن.
زېمىننىڭ باغرىدىن سىرغىدى قۇياش،
توختىدى جىمجىتلا، مېھىر ئېقىشتىن.
سۇۋاق تام، ئاددىيلا ئاشۇ ئورداڭدىن،
ئۇزاتتۇق ئۈچ ئوغۇل، بىر قىز قېرىنداش.
قۇياشسىز ئۆيلەردە ئاق باغلىدى قىش،
بىز قالدۇق، كېتىشتى ھەممە ئالدىراش.
سەن ئېدىڭ مەن ئۈچۈن پارلىغان قۇياش،
سەن ئېدىڭ پاكلىغىم، ئارمىنىم ئانا.
دىيەلمەي قالدىم ئاھ، كۆز يۇمغان كۈنۈڭ،
يۈرىكىم لەختە قان، ساڭا ئەلۋىدا !
تومۇزغا يىقىنلاپ باقمىدىم قايتا،
يىتىملىك ھەر ۋاقىت تۇرىدۇ دەۋرەپ.
ئانىسىز ياشىدىم شۇنچىلىك ئۇزاق،
قىرىق ئىككى يىشىمغا كىردىم تەمتىرەپ.
2015-يىل28-ماي. شەھرى خوتەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-28 13:04
باھالاش
قاتناشقانلار سانى
1
تىللاسى
+29
يىغىش
سەۋەبى
مېھرى1
+ 29
شائىرنىڭ ئۆتكۇر قەلىم.
باھا خاتىرىسى
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
باشتۇغ
باشتۇغ
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 13:22:02
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا بىلەن ئۈتەركەن ئانا ،
كېچە-كۈندۈز بالام-بالام دەپ .
يىغلاشقىلا يارار ئىكەنمىز ،
كەتكەن چاغدا جېنىم ئانام دەپ .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تاغداش
تاغداش
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 13:51:18
يانفوندا يوللانغان
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ئۇلۇغ ئىنسان، بۇ شېئىر بەك تەسىرلىك، بەك ياخشى چىقىپتۇ،
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئەلتۈرك
ئەلتۈرك
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 14:00:13
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيانى مىھرىدىن سۆيگەن ئانا ئەمەسمۇ؟
پەرزەنتىنىڭ ئىشقىدا كۆيگەن ئانا ئەمەسمۇ؟
سەكىراتقا چۈشسىمۇ جىنىم بالام-بالام دەپ،
بالام دىگەن تىنىقتا ئۆلگەن ئانا ئەمەسمۇ؟
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئۈمىدجان قادىرى
ئۈمىدجان قادىرى
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 14:15:34
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇدرەتكە باي ئىنساندۇر ئانا،
قىزىل قاندىن ئايرىدۇ ئاق سۈت.
ساڭا ئەزىز مېھماندۇر ئانا،
ھايات چاغدا ئۇنى ئاسراپ كۈت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-28 14:17
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تېكىن
تېكىن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 14:34:48
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ يۈرىكىم مۇڭغا، كۆزۈم ياشقا تولدى. ئانا، نەقەدەر ئۇلۇغ بىر ئىنسان. شۇ ئۇلۇغ ئانىلار دەرت تارتمىسۇن، يىگانە قالمىسۇن.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تۇرسۇنجان ھەسەن
تۇرسۇنجان ھەسەن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 16:13:13
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردىكى مۇڭدىن يۈرىكم لەرزىگە كەلدى...
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
پەرى.
پەرى.
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 16:17:11
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن ئېدىڭ مەن ئۈچۈن پارلىغان قۇياش،
سەن ئېدىڭ پاكلىغىم، ئارمىنىم ئانا.
دىيەلمەي قالدىم ئاھ، كۆز يۇمغان كۈنۈڭ،
يۈرىكىم لەختە قان، ساڭا ئەلۋىدا !
بۇ مىسرالارنى بەك ياقتۇردۇم ، شېئىرىڭىز بەكلا ياىشى چىقىپتۇ ، بۈگۈنكى مەھسۇلاتىڭىزدىن سۈيۈندىم ،رەھمەت ، ئىجادىيىتىڭىز توختاپ قالمىسۇن !
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
aydanix
aydanix
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 16:20:42
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىڭىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.
بەك ياخشى چىقىپتۇ.
يۈرەكتىن چققان ھەسرەت ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىكەن.مەنمۇ دادامنى ئەسلەپ قالدىم.دادامنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.سۆيۈملۈك ئانام مىڭ ياشقىچە ياشىسۇن ئاللا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئىزنار
ئىزنار
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 16:35:13
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئانامنى قايتىدىن چۈشەنگەندەك بولدۇم.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئاق
ئاق
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 17:41:23
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلب تارىنى چەككىدەك يۇمشاق تەسىرلىك يېزىلغان بۇ شېئىرىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.ساڭا ئامەت خاتىرجەملىك تىلەيمەن!!!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
قوزا
قوزا
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 18:25:28
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكتىن چىققان كۈيلەر يۈرەكلەرگە ياقىدۇ.ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
فونتان
فونتان
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 19:52:08
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماي تىرىشڭ ئاكا مومكىن بولسا ئانا تىمىسى دا داستان يېزىڭ؟؟
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ablipiz idiris
ablipiz idiris
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-28 20:27:33
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىدا قىينايمىز، يوقىدا يىغلايمىز.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئالىم ياسىن
ئالىم ياسىن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-5-29 11:27:04
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا دىگەن شۇنداق بىر ئېنسان،
ئۇ قوياشنى ئاينى ھەم تۇققان.
پەرزەنتلەرنىڭ ھالال بەختىچۈن،
ئاق-قارىنى ھەردەم تونۇتقان.
پەرزەنت ئەقلى يەتمەس ئۇنىڭغا،
بارىدا بىز بىلمەيمىز ئۇنى.
نېمە قىلىپ بەردۈق ئانىغا؟
-دەپ باقايلى ئاۋال بىر شۇنى....
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
كېيىنكى بەت »
1
2
3
/ 3 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش