كۆرۈش: 378|ئىنكاس: 5

ئابدۇسالام ساۋۇت:ئارزۇيۇمدىكى ئالىي مەكتەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئارزۇيۇمدىكى ئالىي مەكتەپ   

ئابدۇسالام ساۋۇت

توغۇلۇش پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسپەتەن مۇنتىزىم قانۇنىيەت .ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىغاندەك ،تۇغۇمغا قارشى تۇرۇش ،ئۇنى ئىنكار قىلىشمۇ مۇتلەق مۇمكىن بولمايدۇ.تۇغۇلغاندىن كېيىن چوڭ بولىدىغان ،ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ھالىتى ھەققىدە ئويلىنىدىغان گەپ.ئادەمنىڭ مەلۇم ئويغا ئىگە بولغان كۈنى دەل ئۇنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان  ھەر خىل مەسىللەرگە نىسپەتەن خىيالەن مەنتىقىلەرنى ئىجاد قىلىپ ئۆزى بىلەن دۇنيا ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا يۈزلەنگەن   كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.لېكىن بۇ خىلدىكى بىر تەرەپلىمە ئويلىنىش ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.جاۋاپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەتئى ۋە قىزقىش دائىرسى ئىچىدىكى سۇئاللارنىلا سورشى مۇمكىن.
بىر ئادەمنىڭ بىلىشى مەيلى چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن بولسۇن ياكى كەڭلىك جەھەتتىن بولسۇن دېڭىزدىكى بىر تامچە سۇغا  ئوخشايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن دۇنيا ئۆز مۇئەممالىرىنى كىشلەرگە ئاشكارلاپ بولالمايدۇ.شۇڭلاشقا قاتلاممۇ-قاتلام  بىلىش ۋە ھەر خىل بىلىشلەرنى خاتىرلەپ بىلىم سېستىمىسى ھالتىگە ئېلىپ كېلىش مائارىپ ئارقىلىق ئۇنى كىشلەرگە بىلدۈرۈپ ئۇلاردا ئويلىنىش ۋە ئالدىن كۆرەرلىكنى پەيدا قىلىش زۆرۈريىتى توغۇلغان بولسا كېرەك.
پارچىلنىشقا يۈزلەنگەن قىممەت سېستىملىرنى مەلۇم بىلىش ۋە زۆرۈرىيەت نوقتىلىرىغا يىغىنچاقلاپ جەمئىيەت ،ئائىلە ۋە ئۆزى ھەققىدە كەسكىن قارار چىقرىش تۇرمۇش تەجىربىسى كەمچىل ،ئۆزىگە خاس قىممەت قارشى ھاسىل قىلىشقا تېخى پۈتۈنلەي ئۈلگۈرمىگەن مەندەك بىر ياش ئۈچۈن چوڭقۇر زىددىيەت ۋە ۋە تەۋەككۈلچىلىككە تولغان تاللاش.لېكىن ھاياتنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا كەلگەندە ھەرخىل زۆرۈرىيەت ۋە تەقەززالىقلار        ئادەمنى بەزى ئىشلارنى قاراملىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇرلايدىكەن.قانداق قىلىپ جەمئيەتكە يۈزلىنىش ،ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئائىلە  ۋە تورمۇشى ھەققىدە ئويلىنىش،بىلىش ۋە قىزقىشىنى مەلۇم كەسىپكە يىغىنچاقلاپ كېيىنكى ماددىي ۋە مەنىۋىي ھاياتىي ئۈچۈن دەسمايە توپلاش ھەربىر ياشنىڭ ئالدىغا قويۇلغان چوڭ سوراق بەلگىسى بولسا كېرەك.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە مەن
كۆپىنچە كىشلەرنىڭ نەزىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا دئىاگنۇز قويدىغان مۇتلەق ئۆلچەم.ئىمتىھاندىن يوقىرى نومۇر ئېلىپ نوقتىلىق ئالىي بىلىم يۇرۇتلىرىغا ئۆتكەنلەر ناھايتى ئىقتىدارلىق «،قلىنى قىرىق يارالايدۇ.» مەيلى جەمئيەتتە بولسۇن ياكى ئائىلەردە بولسۇن ئۇلار ئەتۋارلىنىدۇ.مائارىپ ئورگانلىرى ياكى جەمئيەتتىكى باشقا ھەر ساھە كىشلىرى ئارسىدا ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سالاھىتى ۋە قىممىتى ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئېرىشكەن ئىمتىھان نەتجىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكى ھەمدە باشقا كۆمۈلۈپ ياتقان يوشۇرۇن قابىليىتى بولسا ھامان نەزەرنىڭ سىرتىدا كۆمۈلۈپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاز بىر قىسىملا ئارزۇسىغا ھەمدە ئۆزىگە تېخىمۇ قولايلىق بولغان تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. كۆپ قىسىملار ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ بەزى مۇھتاجلىقلار  تۈپەيلىدىن ئوقۇپ قېلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ.يەنە بىر قىسىملاردا بولسا چۈشكۈنلۈك ۋە ئۆز ئارزۇسىغا يېتەلمەگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزىدىن،ئۆزىنى تەربىيلىگەن ئاتا-ئانىسدىن نەپرەتلىنىدىغان پىسخىك خاھىش باش كۆتۈرىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ ئاكتىپ يۈزلىنىش بولماستىن بەلكى ھەر خىل ياخشى بولمىغان پىسخىك بورۇلۇشلارنى پەيدا قىلىشى ئېھتىمالغا يېقىن.ھەم بۇ خىل ئەھۋال مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىدى بىلەن بۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى.
ئېسىمدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشۇم تاماملانغاندىن كېيىن ،مەن ئاقسۇ شەھەرلىك-7ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا باشلىدىم.ئوقۇش نەتىجەم ئالاھىدە ياخشى بولمىسىمۇ ،بەك ناچار دېيىشكىمۇ بولمايتى.سىنىپنىڭ ئوتتۇرسى بولۇپ ئوقۇدۇم. كېيىن ئالىي مەكتەپكىمۇ ئىمتىھان بەردىم.كىچىكىمدىن ئەدەبىياتقا ئوتتەك ئىشتىياقىم بولغاچقا ،ئارزۇ تولدۇرغان چېغىمدا ھەممە كەسىپنىڭ -1ئارزۇسىغا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى تولدۇرغان ئىدىم.ئەمما قولۇمغا تەگكەن چاقىرىق قەغزىنى كۆرگۈنۈمدە جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم.ئىچىمگە ئوت كەتكەندەك،بىر كاسا زەھەر يۈرۈكۈمگە قۇيۇلغاندەك بولۇپ ھەپتىگىچە ئۆزۈمگە كىلەلمىدىم.دادام بىلەن ئاپام بۇ ھالتىمنى كۆرۈپ مەندىنمۇ بەك ئازاپلاندى بولغاي ،ئۇلارنىڭ كېچلىرى ماڭا كەلگەن چاقىرىق ۋە  ئىمتىھان نەتىجەم ھەققىدىكى تەشۋىشلىك كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بولاتتى. ساۋاقداشىرىمنىڭ كۆپ قىسمى ئالىي بىلىم يۇرۇتلىرغا باردى .لېكىن ئۇلاردىن ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپ ۋە كەسىپكە ئۆتكەنلىرنى ساناپ كەلسە بارماق تۇشمايتى. قانداق قىلاي ؟ ئاخىرى ئۆز قىزقىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇنداقلا ئۆيدىكىلەرنىڭ جاراھەتلەنگەن ئۈمىد دەرخىنى ئەملەش ئۈچۈن قايتا ئوقۇشقا مەجبۇر بولدۇم.ئۆزۈمنىڭ شىكەستىلەنگەن يۈركىم بىلەن ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۈمىد-ئارمانلىرىنى  قوشۇپ ئۈرۈمچى «يېڭى نۇر مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى»كىرىپ ناھايتى ئازاپلىق بىر يىلنى توشقۇزدۇم.بۇ مەكتەپ شەكىلەندۈرگەن ئازاپ بولماستىن بەلكى ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان قاتتىق تەلەپنىڭ تۈرۈتكىسىدە شەكلەنگەن ھەر خىل روھىي ئىزتىراپ ۋە پىسخىك توقۇنۇش ئىدى.ناھايىتى ئاز قىسىم ۋاقىتلاردا ئۆزۈمدىن نەپرەتلەنگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ،كۆپ قىسىم چاغلاردا ئالىي  مەكتەپكە ئۆتۈلمەسلىكىمنى ھەر خىل ئىجتئمائىي قۇرۇلمىلارغا دۆڭگەپ قوياتتىم.ئىمتىھانغا ھەپتە قالغاندا ھەمىمىز ئۆيگە قايتۇرۇلدۇق.كالامدا يەنىلا بىر تەشۋىش ۋە جىددىيلىك كەيپىياتى ھۆكۈم سۈرەتتى.لېكىن ئىچىمدە ئۆزۈمنى «سەن چوقۇم قىلالايسەن ،نەدە يىقىلغان بولساڭ ،شۇ يەردە ئورنىڭدىن تۇرۇشۇڭ كېرەك.ساڭا ئۆز ئىرادەڭدىن باشقا ھېچكىم ھاسا بولۇپ بېرەلمەيدۇ»دەپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتىم.كۆزنى يومۇپ-ئاچقۇچە ئىمتاھانمۇ ئاخىرلاشتى.ئىمتھانىم تۈگىگەندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ دۇچ كەلگىنىم ئۆيدىكىلەرنىڭ ،ئۇرۇق-تۇققان  يارۇ-بۇرادەرلىمنىڭ سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلگەن جۈپ-جۈپ كۆزلىرى بولدى.مەن ئۇ كۆزلەرگە يەرگە قاراش بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم.ئارزۇ توشقۇزدىغان چاغدا يەنىلا تالىغان ھەممە مەكتەپنىڭ
-1كەسپىگە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى توشقۇزدۇم.ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتتى،تويۇقسىز تېلۇن كەلدى.ئالسام قارشى تەرەپتىن بىرسىنىڭ قوپال ئاۋازى ئاڭلاندى.
__ئۇكاموي ساڭا چاقىرىق كەلدى ،ماۋۇ بىر نېمەڭنى تېزىراق ئېلىپ كەت ،
ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن ، ئۇنىڭ قوپال مۇئامىلسىدىن ئىچىمدە ئاچىقلانغان بولساممۇ ،ئەمما چاقىرىقنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ غەمكىن چىرايىمغا ئاز-تولا كۈلكە يۈگۈردى.سۆزسىز تېلپۇننى قويۇپ  مەكتەپ تەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم. ئەمما ئىچىمدە يەنىلا بىر تەشۋىش بار ئىدى«ئەدەبىيات كەسپىگە ئۆتەلمىگەن بولسامچۇ»...لېكىن چوقۇم بېرىش كېرەك.مانا چاقىرىقنىڭ ئارسىدىن ئۆزۈمنىڭ چاقىرىق قەغزىنى ئىزدەۋاتىمەن. ھەممە يەرنى ئاختۇردۇم،لېكىن مېنىڭ چاقىرىق قەغىزىم كۆرۈنمەيتى.قاتتىق جىددىيلىشۋاتاتتىم.ئاخىرى ئۇنىڭدىن سوراش قارارىغا كەلدىم.
_ مېنىڭ چاقىرىق قەغىزىم يوق تۇرىدۇ،
ئۇ تارتمىسنىڭ ئىچىدىن يەنە بىر نەچچە تال چاقىرىق قەغىزىنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى.ئۇلارنىڭ ئارسىنى بىر ھازا ئاختۇرغاندىن كېيىن بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان ئىسمىغا كۆزۈم چۈشىشى بىلەن دەرھال كونۋېرىتنىڭ ئېغىزىنى يىرتىپ قاردىم .
»ئاھ،خۇدا ئاخىرى ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان كەسىپكە قوبۇل قىلىنىپتىمەن.»چاقىرىق قەغزىنى چىڭ سىقىمداپ ،باغرىمغا باسقىنىمچە ئۆيدىكىلەرگە كۆرسەتتىم.ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى خوشالىقنى كۆرۈپ 13يىللىق ھاردۇقۇم بىراقلا چىققاندەك بولدى.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ  چاقىرىق قەغىزى مۇتلەق ئادىل ۋاستە بولۇشى ناتايىن ،لېكىن ئۇ بىزنىڭ يۇقۇرلاپ ئوقۇش ،بىلىم ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق يېتىلشىمىزگە نىسپەتەن مۇئەييەن سىرتقى شارائىت يارتىپ بېرىدىغان كاپالەت قەغىزى.ئۇنىڭغا ئىقتىساد ،سەگەك مېڭە  ،ئوتتەك قىزقىش ،ۋە تىرىشچانلىق ئارلاشقاندا ئاندىن ئۇنىڭ مۇئەييەن قىممىتى بولىدۇ.ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ بىر ۋاراق ئەسكى قەغەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس، يەنە كېلىپ ئاشۇ بىر ۋاراق قەغەز تۈپەيلىدىن نۇرغۇن سىتودېنىت ياشلار ئۆزىنىڭ ئاتۇندەك ۋاقتىنى بىھۇدە  سورۇنلاردا ،تورخانا ۋە باشقا مەنىۋىي دۇنياسىنى چىرىتىدىغان جايلاردا زايە قىلماقتا ،بىر دەۋەر ياشلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بىر دەۋىر كىشلىردىن ھالقىپ ئۆتەلمىسە بۇ كىشلەرنىڭ ئاشۇ جەمئيەتكە نىسپەتەن قىلچە رولى بولمايدۇ.شۇڭا مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقۇسى ياشلارغا  ئۆزەمگە شۇنداقلا بارلىق سىتودېنىت ياشلارغا دەيدىغىنىم  سىلەردە ئەڭ ئاۋۋال مۇئەييەن غايە ۋە قىزقىش بولسۇن .ئۆز غايەڭلەردىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭلار ،سىلەردە غايە ۋە قىزقىش بولغاندىلا ئاندىن ھاياتىڭلار مەنىگە ئېرىشىدۇ.بىھۇدە ،ئاقماس باھانىلەر بىلەن ھايات يولۇڭلارنى قورشاپ ئۆزۈڭلارنىڭ غەلبىگە ئېرىشىش، ھاياتىڭلارنى نۇرلاندۇرۇش يولىنى تارايتىپ قويماڭلار . يولغا قاراپ غايىنى ئەمەس بەلكى غايىگە قاراپ يولنى تاللاش سىلەرنىڭ قىممەت قارشىڭلارغا سىڭىپ ،ئادىتىڭلارغا ئايلىنىپ كەتسۇن .ھەممە ئادەم ئۆز غايىسى بىلەن ياشغاندىلا ھايات نۇرلىنىدۇ ،دۇنيا ئۆز سىرلىرنى كىشلەرگە تېخىمۇ كۆپى بىلەن ئاشكارلاپ ،ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش بوشلۇقى كېڭىيىدۇ.غايسىزلىكتىن قۇتۇلۇڭلار ،غايسىز ئادەمنىڭ مىڭ يىللىق  تىرىشچانلىقىدىن غايلىك ئادەمنىڭ بىر كېچلىك ئۇيقۇسى ئەۋزەل.

ئالىي مەكتەپ ۋە مەن
ئون يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھانىسىدىن ئۆتۈش مۇتلەق ئىستىقبالنىڭ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.سىتودېنىت ياشلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزىنىڭ كېيىنلىكىدىن ئانچە ئەنسرەپ كەتمەيتى.چاقرىق كەلدىمۇ بولدى ،ئۇلارنىڭ غايسى چاقىرىققا ئېرشىش ،شۇ ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ  تۆت يىللىق ھاياتىنى ئاشۇ يەردە تاماملاپ  ماددىي توقچىلىققا ئېرشىش ئىدى.لېكىن ئۇ چاغدا سىتودېنىت ياشلاردا  ئىلغار غايە كەمچىل بولسىمۇ .ئەمما  ئۆزىنىڭ يوچۇن غايلىرى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈر تىرشاتتى.ئەخلاقىي ئاينىشلارغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇراتتى.قولىغا چۈشۈرگەن ئازغىنە كىتابلىرىنى ئەتۋارلاپ ئوقۇپ  ئۆزنى پاسىپ مەدەنىيەت ئەخلەتلىرنىڭ بۇلغاپ قويۇشىدىن ھەزەر ئەيلەيىتى،
ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى كۆپەيدى. شۇنداقلا سۈپىتى ئىلگىرىكى ھەر قانداق دەۋىردىكىدىن  ياخشىلاندى.شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى.لېكىن ئۇلارنىڭ ساپاسى بارغانچە تۆۋەنلەپ ،ئادەمنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ.كىتاپ كۆپ ،ئەمما ئوقۇيدىغان ئادەم ئاز،ئۇيۇن تاماشا ۋە تېلپۇن مەستانلىقى بىزنى ئۆز غايمىزدىن ئايرىپ،كىتاپ ئوقۇشقا ،ئۆزىمىز توغۇرسىدا ئويلىنىشقا تىگىشلىك ۋاقتىىمىزنى تارتىۋالماقتا.
مەن ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە -2013يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل-مەدەنىيەت  ئىنىستوتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم.
مەكتەپكە ئورۇنلىشۋالغاندىن كېيىن زور قىزقىش ۋە ئىشتىياق بىلەن تۇنجى قېتىم  قەدەم باسقىنىم مەكتەپ كۈتۈپخانىسى بوپتۇ.رەت-رەت كىتاپ جاھازىلىرغا تىزىلغان كىتابلارنى كۆرۈپ ئىچىمگە ئوت كەتتى.ئون ئىككى قەۋەتلىك بۇ كۈتۈپخانىنىڭ -7قەۋتىگە مىللىي تىل-يېزىقتىكى كىتابلار جايلاشقان بولۇپ ،بۇ كىتابلارنىڭ كۆپ قىسمى زاڭزۇ تىلدىكى كىتابلار ئىدى.ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كىتابلار ناھايىتى ئاز بولۇپ ،بىر جاھازىمۇ توشماي غېرىپسىنىپ ياتاتتى. بۇنى كۆرۈپ قوشۇمام تۈرۈلدى،ئىچىمدىكى ئوت سەل پەسەيگەندەك بولۇپ قالدى.بۇ نېمە گەپتۇ؟بۇ مەكتەپتە 20بەش مىڭ ئوقۇغۇچى بار .ئۇنىڭ مىڭدىن ئوشۇقى ئۇيغۇر،شۇنداق بولغاندا بىر قەۋەتنىڭ يېرىمى ئۇيغۇرچە كىتاب بولسا توغرا بولاتىغۇ...كېيىن بىلدىمكى ھەرخىل ئويۇن سورۇنلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق توشۇپ كەتكەن ،كىتابخانىغا كىردىغانىلار يوقتىيەرلىك ئىدى،پەقەت مەۋسۇم ئاخىردىكى ئىمتىھان مەزگىلىدە ئاندا-ساندا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولاتتى.
ئەتىسى دەرىسكە كىردۇق ،مەخسۇسلاشقان دەرىسلىك قوللانمىلىرى ،دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى ،ئۆگنىش قىلىشمىزغا بېرىلگەن ۋاقىت مېنى ناھايتى خوش قىلدى.
لېكىن كەسپىمىز بىلەن قىلچە مۇناسۋىتى يوق بىر قىسىم دەرىسلىكلەر مېنى ئويلاندۇرماي قالمىدى.ئۆزۈمدىن سوراپ قالدىم«بۇلارنىڭ بىزگە قانچىلىك ئەھمىيىتى باردۇ،بۇلارنى ئوقۇمايمۇ كەسپىمىزنى ياخشى ئىگىلەش ئىمكانىيىتى يوقمىدۇ»؟
مەن ئىلگىرى مەيلى تورلاردا بولسۇن ياكى گېزىت-ژۇرناللاردا بولسۇن دائىملا بولۇپ تۇردىغان مۇنازىرلەردىكى قىزغىن كەيپىيات بىزنىڭ دەرىسخانىلاردىمۇ ،مەكتپىمىزدىكى خىلمۇ-خىل ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرنىڭ يىغىلىشىدىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ ،دەپ ئويلايتىم،ئەمما قىسمەن دەرىسلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا دەرىسلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولاتتى،يەنە بىر قىسىملار بولسا دەرىسخانىغا كىرشى بىلەنلا ئۇيقۇغا باش قوياتتى.گاھىدا مۇنازىرە ئەھمىيىتى شۇنچە زور،بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز ۋە مەدەنيىتىمىز بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك تېمىلار ئوتتۇرغا تاشلانغان چاغدىمۇ ئۇلار يەنىلا بېشىنى ئىچىگە تىقىپ سۈكۈت بىلەن ئولتۇراتتى. مۇنازىرە قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلەۋاتقان بايانلىرى ناھايتى چولتا،ھىسىي بايانلار بولۇپ ئىلمىي ئاساسىي ئاساسەن يوق ئىدى.بۇلارنى كۆرۈپ مەندىكى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى يەنە بىر ئاز كۈچەيگەندەك بولدى.
ھەر خىل تېمىلاردىكى كىتابلارنى توختىماي ئوقۇشنى ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەقەلىي ۋەزىپىسى دەپ قارايمەن. شۇڭلاشقىمۇ بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بويان كىتاپ ئوقۇشنى بىر مىنۇتمۇ توختۇتۇپ قويمۇدۇم.مەيلى شئېرىيەتكە ئائىت كىتابلار بولسۇن ياكى پەلسەپە ۋە نەزىيەۋى كىتابلار بولسۇن ياكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە باشقا ساھەلەردىكى كىتابلار بولسۇن مېنىڭ ئوقۇش دائىرەمدە.ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارسىدىمۇ كىتابقا ھېرىسمەن بىر تۈركۈملەر يوق ئەمەس،ئەمما سانى بەكلا ئاز.
بىر كۈنى مۇئەللىم بىزدىن ئوقۇغان كىتابلىرىڭلارنىڭ سانىنى سەمىمىيلىك بىلەن ماڭا دەپ بېرەلەمسىلەر  دەپ سۇئال قالدى.
سىنىپ ئىچىدە بىر ھازا غۇلغۇلا بولغاندەك بولدى،ھەمىمىز ئۆزىمىز ئوقۇغان كىتابلارنى ئەسلەپ ئۆتتۇق،لېكىن ئاردىن بىر ساۋاقدىشىم ئۆز ھاياتىدا بىر پارچىمۇ كىتاب ئوقۇمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاستا ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى.بۇ ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى.بۇ ساۋاقدىشىم ئەدەبىياتنى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلىپ تاللاپتۇ،ئەمما ئۆمرۈدە بىرەر پارچە كىتاب ئوقۇپ باقماپتۇ...ھاياتىدا بىرەر پارچە كىتابنى تەتۈر تۇتۇپ بولسىمۇ ئولتۇرۇپ باققىنىنى ئەسلىيەلمەيدىكەن. بۇ  قانداق
سىتودېنت،ئۇ قانداق بولۇپ ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلنىپ قالغان بولغۇيتى،مېنىڭ ئەدەبىيات دېسە جېنىنى بېرىدىغان بىر قىسىم بۇرادەرلىرىم بار.ئەمما ئۇلار باشقا كەسىپتە ئوقۇۋاتىدۇ.بۇنى نېمە دېگۈلۈك،مانا بۇ ئىجتئمائىي قۇرۇلمىنىڭ، توغرىراقىنى ئېيىتقاندا مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ تىراگىدىيەلىرنىڭ بىرى.
كۆپ قىسىم سىتودېنىتلارغا ئايان،ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تاماق مەسىلسى بىزدەك مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىنى قاتتۇردىغان ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى،بىزنىڭ بۇ يەردە يەۋاتقان سامسا،كاۋاپ،قېتىق،ئۈگرە چۆپلەر ئۇ يەردە يوق.گەرچە مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى ياخشى بولسىمۇ ،لېكىن قورساق مەسىلسىگە كەلگەندە بىز يەنىلا« بىچارە.»باشتا بىر مەزگىل كۆنەلمەي قالدۇق،كېيىن بارا-بارا ئۇ يەرنىڭ تاماقلىرغىمۇ ئۈزلۈشۈپ كەتتۇق.گاھىدا شۇنداق ئويلاپ قالىمەن،تاماق مەسىلسى بىزنىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇقمىزنىڭ كاپالىتى ،لېكىن يىگەن تامقىمىز  ئارقىلىق بىرەر غايىنى كۆڭلىمىزگە پۈكمىسەك ،بۇ يەرگە قانداق كەلگەن بولساق شۇنداق كەتكۈدەكمىز،شۇڭا ئاقماس باھانىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ ،يارامسىزلىقمىزنى شارائىتقا دۆڭگەپ قويۇش بىزنى تۈگۈشتۈرۈپ ،ئاقىۋەت بىر تۈركۈم يارامسىز كىشلەرگە ئايلاندۈرۈپ قويغىدەك.. شۇڭلاشقا تىرشايلى ،غايمىزدىن يېنۋالماي بېلمىزنى تېخىمۇ چىڭ باغلايلى،ئۆگۈنەيلى دېسەك پۇرسەت ناھايىتى كۆپ ئىكەن،ئىچمىزدە غايە ۋە ئىلىمگە بولغان   مەھىيالىق بولدىكەن بىز ھامان نەتىجە قازىنالايمىز.
بۇ مەكتەپتە دائىم دېگۈدەك لىكسىيەلەر سۆزلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،تۈركىلوگىيە،تىلشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى نوپۇزلۇق يازغۇچى،تەتقىقاتچى ۋە ئالىملار ئۆزلىرنىڭ شۇغىلىنۋاتقان كەسپىي ساھەسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات مىتودى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىردىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى لىكسىيەلەرگە نىسپەتەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ ناھايىتى ياخشى.بۇ مەيلى نوپۇزغا ئەگىشىش پىسخىكىسى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ھېرىسمەنلىك بولسۇن ياكى بىلىم بولغان تەشنالىق بولسۇن ئىچىمدە سۆيۈنۈپ قالىمەن،ھەر ھالدا بۇلار مۇشىنىڭغا بولسىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىدىكەن.
ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن يېرىم مۇستەقىل ھالدا تۇرمۇش كەچۈردىغان گەپ. مەن بۇرۇندىن تارتىپ ناھايىتى ئىقتىساتچان ،لېكىن بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئائىلسىدىن ئەۋەتكەن پۇللارنى ھەر خىل ئەگرى يوللارغا خەجلەپ ،ئاينىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا قاتتىق نانى چايناپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسنى خىيال قىلىپ قالدىم . ئۇلار ھازىر ئۆز پەرزەنىتلىردىن قانچىلىك سۆيۈنۈپ ،يۈرىكىدە يانغان مېھرى-مۇھاببەت بىلەن ئۇلارنى  غايبانە قۇچاقلاۋاتقاندۇ _ھە..ھەي ئىسىت ئۇلار ئاشۇ تۈلمۈرگەن كۆزلەرنىڭ كەينىدىكى مۇڭ ئارلاش  ئېقىپ چۈشۋاتقان ياش تامچىلىرنىڭ سەۋەبىنى بىلگەن بولسىچۇ...؟بەلكىم ئۇلار بۇ مەكتەپكە مەلۇم ئارزۇنىڭ ياكى تۈرۈتكىنىڭ كۈچى بىلەن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن،ياكى ئۆزى ئارزۇ قىلمىغان بولسىمۇ ھەرخىل تەڭشەشلەر ئارقىلىق بۇ مەكتەپكە تەقسىملىنىپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.مەيلى قانداق قىلىپ كەلگەن بولسۇن  ئۇلار ئۆز ئەتسىگە قاراپ يۈزلەنگۈچىلەر،ئەتىكى ئەۋلاتلارنىڭ تەربىيلەپ  كىيىنكىلەرگە ئۇلاشتۇرغۇچىلار،ئۆزنىڭ پاكىزلانغان يۈرىكى ئارقىلىق كىيىنكىلەرگە ئەقىدە-ئىخلاس دەرسىنى ئۆگەتكۈچىلەردۇر،ئۇلار ھەرگىزمۇ ماڭقۇرۇت بولماسلىقى ،ئاتا-ئانىسنىڭ ئەجىر-مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەن ئاپئاق نانلارغا قاپقارا يۈرىكى بىلەن جاۋاب قايتۇرماسلىقى كېرەك.
ئالىي مەكتەپ بىر كىچىكلىتىلگەن جەمئىيەت.ئۇ جەمئىيەت بىلەن مائارىپ ئوتتۇرسىدىكى ئۆتكۈنچى بەلباغ.ئۇ بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتمىسىمۇ لېكىن كىشلىك ھاياتقا نىسپەتەن ناھايىتى چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇرۇنقىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوقۇيالمىغان،ئۇلار ئالىي مەكتەپنى بىزچىلىك چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن.بىر قىسىم سىتودېنىتلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى چۈشەنمەسلىك پىسخىكىسىدىن پايدىلنىپ ئۆزىنىڭ ماڭقۇرتلىقىنى ئاشكارلاۋاتىدۇ.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەممىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئەگەر بىز تۆت-بەش يىل جەريانىدا ئۆز غايمىزگە ئۇلشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىساق  بىر ئۆمۈر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇساقمۇ كېرەكسىز تەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتەيلى،ئاندىن پۈتۈن دۇنيا ئۆزگىرىدۇ.
غايەمدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە مەن

غايە- ئىنساننى ھەرىكەتكە ئۈندەيدىغان بىر  خىل مەنىۋى كۈچ.ئۇ ئىنساننى ئۆزى ئىنتىلگەن نەرسىلەر بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.توللۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ھەر قانداق ئوقۇغۇچىنىڭ كالىسىدا ئەڭ ئاۋۋال شەكىلىندىغىنى ئۆز غايىسدىكىدەك ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ،ئۆز-ئۆزىدىن رازى بولغۇدەك ئادەم بولۇپ چىقىش بولۇشى مۇمكىن.ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بولسا ئادەمنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئويلايدىغىنى مەكتەپ بىلەن غايىمىز ئوتتۇرسىدىكى مۆلچەرلىگۈسىز پەرىق ۋە ئىختىلاپلاردۇر.مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېپىپ،توغرا بىر تەرەپ قىلىپ بولغۇچە تۆت-بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىز ئاخىرلىشىپ قېلىۋاتقان...بىز توللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمىزدا جېنمىزنى تىكىپ قويۇپ تۇرۇپ ئۆگنىمىز،خىيالىمىزدا ئالىي مەكتەپنى شۇنچە خىيالىي بىر دۇنيا،ئۇ يەردە مەن ئىزدىگەن بىلىم ۋە ئۇيۇن-تاماشىنىڭ ھەممىسى بار دەپ ئويلايمىز،مەن ئالىي مەكتەپكە كىلىپ شۇنى ھىس قىلدىمكى بۇ جاي يېرىم جەمئىيەتلەشكەن ،ئېچۋېتىلگەن بىر دۇنيا ئىكەن.ئۇستازلا قولڭىزغا سىز ئىزدىگەن ئىلىم ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقۇزۇپ قويدىكەن.ئۇ ئۆينى ئېچىپ ئىچدىكى بىلىملەرنى ئىگلەش -ئىگىلمەسلىك سىزنىڭ ئىلكىڭىزدىكى ئىش ئىكەن.راسىت ئالىي مەكتەپتە ئويۇن-تاماشا ناھايىتى جىق.يوللاردا،دەرسخانلاردا ،ھەر خىل كېچلىك تۈنەكخانىلاردا خېرىدار كۈتۋاتقان خوجايىنلارنىڭ جۈپ كۆزى يولىڭىزغا تەلمۈرگەن،ئۇ مەيلى شەكىلىك ياكى شەكىلسىز خوجائىنلار بولسۇن ئۇلارنىڭ مەقسەت ئوقيالىرى يانچۇقڭىزدىكى پۇلغا قاراپ ئېتىلغان.سىزنى بولسا تەدرىجى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ،پاسىپ جەمئىيەت ئەخلەتلىرنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرۋاتقان.ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا ،ئالىي مەكتەپ بىر دىمكىراتىك ئورگان،ئۇ ئۆز ئەركىڭىزنى قولڭىزغا تاپشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، كېيىن جەمئىيەتكە چىقىپ نېمە ئىشلار بىلەن شوغۇللۇنۇش ،ئاتا-ئانىڭىزغا قانداق جاۋاپ قايتۇرۇش،ئۆزىڭىزنى مۇئەييەن ساپاغا ئىگە قىلىش ،مەجبۇريىتىنىمۇ تەڭ تاپشۇرغان.
شۇڭلاشقا غايە بىلەن مەكتەپنى ماسلاشتۇرۇش،غايمىز بىلەن پەقەت سىغشالمۇغۇدەك بولسا مەكتەپكە پىكىر بېرىپ ئۆز غايمىزگە ماسلاشقۇدەك شارائىت ھازىرلاشقا ئورۇنۇپ بېقىشنىڭ خاتا يېرى يوق دەپ ئويلايمەن.
«ئىزدىنىش»رومانىنى قاچان ئوقۇغىنىمنى بىلمەيمەن.ئەمما بۇ رومان ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان كىتابلارنىڭ بىرى.كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ئەلا ئوبرازى،غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتى مېنى ئىزچىل غىدىقلاپ كەلدى.ھەمدە مېنىڭ بۇ مەكتەپنى تالىشىمغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.چۈنكى داڭلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ئاكا دەل مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان، ھەمدە خىزمەت قىلغان ،ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتى ، ۋەسقەشۇناسلىق ھەققىدە باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان،نۇرغۇنلىغان كىتاب ئوقۇش خاتىرسى يازغان.پۈتكۈل ئۇيغۇر ياشلىرغا نىسپەتەن كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىگەن.ماڭا ئۇنىڭ ئىزدىنىش روھىي ،كىتابقا ھېرىسمەن خارەكتېرى،ئۆز دوستلىرغا بولغان ساداقەتمەنلىكى بەكلا يارغان،ئاشۇ خىل بىر قاتار تۈرۈتكىلەرنىڭ تەسىرىدە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونۋېرستىتى ماڭا نىسپەتەن ناھايىتى غايىبانە ،سىرلىق تۇيغۇ بېرەتتى.كېيىن مەكتەپكىمۇ كەلدىم،زوردۇن سابىر ئاكىمىز ماڭغان يوللاردا مېڭىپ باقتىم،ئۇ تۇرغان ئۆي ،كۈتۈپخانلارغىمۇ كىرىپ باقتىم.لېكىن غايەم بىلەن رئىاللىق ئارسىدا نۇرغۇن پەرىقلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم.
مەن ئەدەبىياتقا ناھايىتى قىزىققاچقىمىكىن ،ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك  ھەر قانداق پائالىيەت ۋە لىكسىيەلەر مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.بۇ مەكتەپكە كېلىشتىن بورۇن مەنمۇ ئاشۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشسام،ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك لىكسىيەلەر كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇلسا دەپ ئويلايتتىم.ئويلىغىنىمدەك لىكسىيەلەر خېلى كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى،ئەمما ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەدەبىي پائالىيەتلەر يوقنىڭ ئورنىدا ،بولغان تەقدىردىمۇ كەيپىيات بەكلا سۇس.بىزنىڭ ئىنىستىتوتتا ھەرخىل تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرگە مەبلەخ ئاجىرتىدىغانلار ناھايىتى كۆپ،ئەمما ئۆز كەسپىمىزگە مۇناسۋەتلىك پائالىيەتلەرگە مەبلەخ سالدىغانلار بولسا يوقنىڭ ئورنىدا.بۇ مەسىلە ئىچىمنى ئېچىشتۇردى.بۇ تەنتەربىيە ئىنىستىتوتتى بولغان بولسىچۇ كاشكى...
مەن ئەدەبىيات كەسپىگە كېچە-كېچىلەپ كىتاب ئوقۇيدىغان،ياتاقلاردا ئوقۇغان كىتابلار ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردىغان بالىلار يىغىلىدۇ دەپ ئويلايتتىم.ئەمما كېيىن بۇ ئويۇمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدىم.بۇ يەردە كىتاب ئوقۇشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايىتى.كېچە سائەت ئىككىگىچە ئاڭلىنۋاتقان ھەر خىل ئالجوقا ئاۋازلار،قوپال چاقچاقلار،چوڭلار كىچىكلەرنى ياتقىغا ئېلىپ چىقىۋېلىپ كېچىچە چالۋاقاشلار...
مەن ئالىي مەكتەپتە ھەرخىل  ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرژۇكلىرى،تەتقىقات ئورۇنلىرى،مۇنازىرە گۇرۇپلىرى،گېزىت-ژورنالىرى بار،ئۇ يەردە كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن،ئىلغار پىكىرلىك كىشلەر توپلاشقان،مەنىۋى ئاتېمڧپېسراسى سۈزۈك بىر ئورۇن دەپ ئويلايتتىم.ئەمما كېيىنكى ئەمەلىيەت بۇ قارشىمنىڭ توغرا ئەمەسلكىنى ئىسپاتلىدى.بىزنىڭ ئىنىستىتوتتا ھېچقانداق ئىجادىيەت كۇرژۇكى،مۇنازىرە گۇرۇپلىرى يوق ئىدى.تەتقىقات ئورۇنلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ يەرگە ماقالە
بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار يوق ئىدى.دېمەك مەكتەپنىڭ يارتىپ بەرگەن شارائىتلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاھىشى ئوتتۇرسىدا ماسلىق مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.بۇ يەردە بىزنىڭ ئىدىيەرىمىزنى زەرەتلەيدىغان ئىلغار پىكىر ئىگىلىرى يوق ئىدى.پەقەت نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى،يازغۇچى،ئالىملار لىكسىيەلەرگە كەلگەندە بىز ھاياجانلىناتتۇق.ئەمما بۇ خىل ھاياجاننىڭ ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ھەپتىگىچە داۋاملىشاتتى. بولمىسا بىر-ئىككى كۈنگە بارماي پەسلەپ قالاتتى .ئىنىستىتوتمىزنىڭ«تەكلىماكان»نامىدا چىقىۋاتقان بىر ئەدەبىي ژورنىلى بار.مەنمۇ ئاشۇ ژورنالدا ئىشلەيمەن.بۇ ژورنال ماڭا نىسپەتەن بىرخىل مەنىۋى تەسەللى .ژورنالغا ئەسەر تاللاش،بېكىتىش مېنىڭ زىممەمدىكى خىزمەت.گەرچە بۇ ئىش بىر خالىس ئىش بولسىمۇ ،لېكىن ھازىرغا قەدەر ھېچقايسىمىز ۋايساپ باقمىدۇق.چۈنكى بىر ژورنال بىر تۈركۈم تەپەككۇرچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،بىر رايۇننىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.ژورنالنى بەك ياخشى ئىشلىدۇق دېيەلمەيمەن.ئەمما شەنبە،يەكشەنبىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۆز تىرشچانلىقمىز بىلەن ئىشلەپ كېتۋاتىمىز.بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى ئۆزۈم سۈيۈندىغان،شۇنداقلا مېنى ئىچ-ئىچىمدىن خوش قىلدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى.
مېنىڭ نەزىرىمدىكى  ،مەن ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپ ئەنە شۇنداق.ئۇ يەردە شاتلىقمۇ،ئازاپمۇ،قىسمەتمۇ،بەخىتسىزلىكمۇ بار.سىز مەيلى قانداق بولۇڭ ،نېملەرنى ئارزۇ قىلماڭ سىزنىڭ تەقدىر- ئىستىقبالىڭىز پەقەتلا ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا.سىز مەيلى قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماڭ غايىللىك بولۇڭ.ئالىي مەكتەپ سىزنىڭ تەقدىرڭىزنى ياراتمايدۇ،پەقەت سىزدىكى ئىلغار غايە ئۈچۈن ئازراق شارائىت يارتىپ بېرىدۇ،خالاس.دۇنيا بىلگەنلەر ئۈچۈن تەۋەككۈل دېڭىزى ئەمەس،بىلىملىكلەر، كەسىپ ئىگلىرى ئاۋۋال ئۆز بىلمى ئارقىلىق ھەممە ئېھىتىماللىقنى ئالدىن ئويلىۋېلىپ بۇ دېڭىزغا سەكرەيدۇ.شۇڭا ئۇلار بۇ دېڭىزدىن نورغۇنلىغان گۆھەرلەرنى سۈزۋالالايدۇ.نادانلار بولسا كۆزىنى يومۇپلا بۇ دېڭىزغا ئۆزىنى ئاتىدۇ.ئۇلار ئۆز تەقدىرنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ.شۇڭلاشقا ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدا كۈنلىرڭىزنى ھەرگىزمۇ ئەھمىيەتسىز،ئۆزىڭىزنى بولغىۋالدىغان ئىشلار بىلەن زايە قىلۋەتمەك.ئەتە سىزنى بىر تۈركۈم رىقابەتچىلىرىڭىز بىلەن ساقلاۋاتىدۇ.شۇڭلاشقا ھۆنەر-كەسىپ ئىگەللەڭ.ئۆزىڭزنى قەدىرلەپ ئەتىگە مەيدىڭىزنى كېرىپ يۈزلىنىڭ.

مەنبەسى:«شىنجاڭ ياشلىرى-ئىستۇدېنت» ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق2-سانى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ساۋۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-25 21:25  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-26 09:57:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق يەكۈنلەنگەن ئەقلى خۇلاسە بوپتۇ. داۋاملىق ئىزدىنىڭ.

ۋاقتى: 2015-5-26 10:48:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋام
  
بوۋامنىڭ لەۋلىرى قەدىمكى ئاسمان
كەچمىش يامغۇرلىرى توكۈلىدىغان.
مەن ئېسىلىپ ئوينايدىغان دار
                    ئۇ كېچە  بولسا....
ئەڭ قاراڭغۇ زۈلمەت ئېھتىمال.
.....................................
ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوچاق
مومام كۆيگەن ئىچىدە ئۇزاق.

    يۇقارقى مېسرالار تۇيغۇمدا جېلۋېلەندى، ئابدۇسالام ئىنىم ، سىزدىن خېلى ئۈمۇد   ك     ۈتىدىغاندەك كىلىمەن     

ۋاقتى: 2015-5-27 13:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت  تىرىشڭ.
مەكتىپىڭلارنىڭ ئاشخانىسىدا ئۇيغۇرچە تاماقلار چىقامدۇ؟سىرتتا ئۇيغۇر ئاشخانىسى بارمۇ
ئىنىستىتوتىڭلاردا قانچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بار،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك؟
داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ،دوكتۇرلارنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرسىڭىز؟

ۋاقتى: 2015-5-27 13:48:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرگە قايسى دەرسلىك ئۆتىلىدۇ؟مۇناسىۋەتسىز دەرسلەر دىگىنىڭىزدە قايسى دەرسلەرنى
دەيسىزكىن؟

ۋاقتى: 2015-5-27 19:35:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل يازما ئكەن، بۇنى ئوقۇپ يىنكلەپ قالدىم  ئالى مەكتەپتە بەكمۇ ئوقوغۇم بار ئىدى ئەپسۇس شۇ يىللىرى سالامەتلكىم ياخشى بولماي قالدى ئاللا خالسا ئۆزلىكىمدىن ئۇگۇنۇپ بولسىمۇ ئەدەبىيات بىلمىمنى ئاشۇرغۇم بار.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش