ياش يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
قەشقەر گېزىتى مۇخبىرى قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، قەشقەر شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خادىمى ياش يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ كۈندىكى پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى، «قەشقەر گېزىتى»، خوتەن، ئاقسۇ، ئاقتۇ ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىن بولۇپ، يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكارلار، تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتكە قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تونۇلغان ئاخباراتچى، ژورنالىست ئابلىمىت سوپىھاجى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى ئەسقەر ئەھمىدى تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، تاھىرجان ئاتاۋۇللا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى كېرىمجان ئابدۇرىھىم، قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بۈلبۇل ئەكرەم، ئاتاقلىق بالىلار شائىرى ۋە يازغۇچىسى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈلەر نەشرىياتىدىن ئابلېكىم ھەسەن، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، شائىر، ئوبزۇرچى ئابلاجان بوۋاقى قاتارلىق تەتقىقاتچى ۋە ئەدىپلەر ئۇنىڭ «كۈلگۈنچەك بالا»، «جاسارەتلىك بالا»، «سەھرالىق بالا» ناملىق كىتابلىرىنىڭ يېزىلىشى ۋە ئاپتورنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇدى. شائىر ۋە جامائەت ئەربابى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ بەكتۇر، فىروفېسسور، داڭلىق بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، شائىر ئەركىن داۋۇت ئوغۇز، مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتچىسى، شائىر مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق قاتارلىقلار ئاپتورنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەپ يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئاتاقلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان، ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدىن روزى مۇھەممەد قاشتاش، مەدەنىيەت، تارىخ تەتققىقاتچىسى ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، ئۆمەر ئوسمان شىپائى تېكىن، بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، نەسرچى مۇھەممەدجان ئابلىز بۆرەيار، توھپىكار يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتېگىن، دىلبەر ھامۇد، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم، ئاتاقلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى، توختاجى تۇرسۇن، ھاجى ئاتىكە مىرئەھمەد، خوتەندىكى ئەدبلەردىن ئاتاقلىق بالىلار يازغۇچىسى جاسارەت جاپپار، ياسىن ئابدۇقادىر، ئابدۇلھەمىد ياسىن، ئاقسۇدىن ياسىنجان توختىنىياز توغراق، ئاقتۇدىن ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر، ئامىنە ئابدۇۋاھىد، رەيھانگۇل ئوسمان، يەكەندىن ئادىل ئىمىن، ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ، قەشقەر يېڭىشەھەردىن قۇربان ئابلىمىت، ئابابەكرى توختى، ئادالەت ئابدۇرېھىم، ئابدۇقەييۇم ئەيسا يازقۇت، قەشقەر كونىشەھەردىن ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت، مامۇتجان نۇرمۇھەممەد ئاققاش، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، «قەشقەر گېزىتى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى قەشقەر خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلاردىن يازغۇچى، شائىر، خەتتات، سەنئەتكار، ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ، مۇھەممەدتۇرسۇن داۋۇت، ھاجى ئابدۇراخمان باقى، ئىبراھىم ئەمەت كۆنچى، ئەنۋەر مەتسەيدى، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش، ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، قەمەردىللا دولقۇن، ئەخمەتجان خۇما، كۆرەش ھۈسەيىن، ئادىلجان ئابدۇقادىر، رىزۋانگۇل قادىر، ئابدۇراخمان، دىلبەر، ئابدۇرېھىم غازى، دىلمۇرات تۇرسۇن، غولامجان قادىر قۇتبىلىگ، ئابدۇسالام بىسلان، ئايپاشا تۇرسۇن، دىلبەر مۇھەممەد رېھىم، ئابدۇقېيىمجان، ئابدۇكىرىمجان ياقۇپ، مېھرىنۇر ئەبەيدۇللا دىلقىزى، مېھرىگۈل ئابلىمىت، ئەركىن غوپۇر، ئابدۇكېرىم سۇلتان، ئالىمجان خۇدابەردى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرى قاتناشتى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئەدىبلەر ئۇنىڭغا تون كىيگۈزدى، ئۇنۇڭغا گۈل ۋە سوۋغا تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەشتى. تاھىرجان ئاراۋۇللا قوشماق پائالىيەت ئەھلىگە يېڭىدىن نەشر قىلدۇرغان «سەھرالىق بالا» ناملىق كىتابىدىن بىردىن سوۋغا قىلدى، ھەمدە بارلىق پائالىيەت ئەھلىگە زىياپەت بەردى. زىياپەت جەريانىدا قەشقەر شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئالىيە ئۇتۇق رىياسەتچىلىك قىلدى. ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ، مېھرىنۇر ئەبەيدۇللا دىلقىزى، مېھرىگۈل ئابلىمىت، كومپوزىتور مەمتىمىن ئىدرىس، داڭلىق ناخشىچى نۇرجان يۈسۈپ، 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ موزىكا ئوقۇتقۇچىسى، ناخشىچى گۈلنار تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى ، شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى سورۇننى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق 1973-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1996-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى بەشكېرەم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، 2014-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 2003-يىلى 11-ئايدا «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «خىجىللىق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان . ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، بىر قىسىم ھېكايىلىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئوسما ئوغرىسى» ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى «شىنجاڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما» ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، دۇلىتېل دوختۇرنىڭ سەرگۈزەشتىسى»، «شەپەرەڭ بىلەن قارلىغاچ»، «ياغاچ قونچاقنىڭ كۆز يېشى»، «خەير-خوش باھانە» قاتارلىق 11 پارچە تەرجىمە كىتابى ۋە ئۇ ئۆزى يازغان ھېكايىلەردىن تەركىپ تاپقان «كۈلگۈنچەك بالا»، «جاسارەتلىك بالا»، «سەھرالىق بالا» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.
7 G& x W8 O: N
9 G8 d% w u; O ئابلىمىت سوپىھاجى يىغىننىڭ مەقسىتىنى ئوتتۇرغا قويماقتا.
4 R' b) M4 U( g% Q) Z! }
. S8 K; ^# a. ?) U% a" b7 m
- L% a, B/ o& z% a6 \
ئەسقەر ئەھمىدى تاھىرجاننىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇماقتا.
2 p! h3 Y& @# |# {& k! G) w7 T! q7 f1 ^* b* e
سۈرەتتە: تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق پائالىيەت قاتناشچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.
! S T( f# F; @) L$ n6 Y8 [" v/ @% ` `; V
سۈرەتتە: كىرىمجان ئابدۇرىھىم ماقالە ئوقۇماقتا.
8 m" u! d* |% e5 c0 I
% J3 s+ O5 H; w( O) k, e; rسۈرەتتە: پائالىيەت قاتناشچىلىرى تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلدۇرغان «سەھرالىق بالا» ناملىق كىتابىنى كۆرمەكتە.
' \* u3 F3 A& K2 K1 _! G
2 ?0 m+ ]! a+ x6 Pئابلېكىم ھەسەن سۆز قىلماقتا.
& |, J r* [3 ]( \2 q" ]" l
7 E$ h5 k+ l" e* D _ ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقتا.
9 J$ ^. d4 o ?, L, y) N" ~
D3 q: d* Z% I0 D
ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ سۆز قىلماقتا.
) M. l8 E0 R b# [8 t# ^# P6 l# M7 K) z2 W- [
مۇھەممەتئىمىن قۇربان تۇغلۇق شېئىر ئوقۇماقتا.
: r' j3 g2 n2 d) H2 Z. Z) i3 T, Y0 r& d3 V
مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم تاھىرجانغا 3000 سوم كۆڭۈل سوۋغىسى قىلدى.
# m0 a v& r. c; ]/ |
/ H$ H: Y! }6 T' J
9 M+ h1 M' k8 s, Y7 F
تۆۋەندىكى سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
5 t; [* _/ A$ H( v6 c7 J
5 n: Q6 |6 z* s& v. N$ x1 j. Z. x
) }, f9 {% I# s3 V+ U. |, m# b
8 h: ?4 H+ }3 o1 Q/ w# x3 M7 ?& _# D4 d3 w
0 o# M: J% Y J2 I: x, d6 W c0 j) c) e* K6 V7 ^/ ?
! N2 O# R( }; H% J" u! B4 Y H, z' S1 Q0 i4 B% q
" x5 F' s8 R" d1 U0 }" D
" c: O; B1 ^" \( E+ A; A
+ V$ n9 ^2 h2 S! o7 X0 h4 `& l N# f
5 c+ }! J$ p& K% b' S, U
7 Z- P5 U4 o% S4 z% a
8 t! Q' R$ B! S) ] Z7 C( L2 S! t! U" _: {& P1 q8 ~
3 d2 a0 C' A: D- T( y1 F: j
" N* m7 O: r2 V6 f% r. l
/ W; N& Q0 `$ l* X1 c3 ?7 k, `
3 f) w: S$ l( O. c- x
- {; z& j3 u' }) J- c4 O# i B& U- i- a( A6 x- [% }$ a& d
) c( M! z# {, B6 J( [
, {0 I6 p( X. A2 b# T# U
% K1 d$ R! B' [4 u5 Q! N% M( M
5 T; U7 q9 Y9 C) ^( }) v
% `% _3 W" @/ n2 I& w بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-26 18:07
7 o" j( T3 a4 |3 u6 \
8 G9 M8 t# u3 V. m8 k' ]- j4 w" z: e. K