قۇرۇق ئىستاكان
قاتناشقۇچىلار:
دىلنۇر:باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئانا:30ياشلاردىكى ئايال
دادا:35ياشلاردىكى ئەر
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:30ياشلاردىكى ئەر
سىنىپ باشلىغى:دىلنۇرنىڭ ساۋاقدىشى
دوختۇر:40ياشلاردىكى ئەر
قوشنىلىرى ۋە دىلنۇرنىڭ ساۋاقداشلىرى
1-كۆرۈنۈش، مەكتەپ،سىنىپ ئالدى
دىلنۇر بىئارام قىياپەتتە ،قورسىقىنى تۇتقان ھالدا ئانىسىغا تېلىفۇن ئۇرىدۇ
-ئاپا،قورسىقىم ئاغرىپ تۇرىدۇ (ئاۋازى زەئپ چىقىدۇ)
-ھە،مەن بىر ئىش بىلەن جىددىي بىر يەرگە ماڭغان، داداڭغا ئۇر-ھە!
-ماقۇل...(مەيۈس قىياپەت)
-دادا،قورسىقىم ئاغرىپ...(گېپىنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغىچە دادىسى گەپ باشلايدۇ)
-ھە،نېمە بوپسەن!!باھانە تېپىپ دەرستىن قاچماقچىغۇ سەن تايىنلىق،نېمە دەرس باتتى؟(ئاۋازى سەل ئۈنلۈك ھەم قوپال چىقىدۇ)
-ماتېماتىكا دەرىسى(پەس ئاۋازدا)
-مۇھىم دەرسكەن،بۇنىڭدىن ھەرگىز قېلىشقا بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سەل ئالدىراش ،ئاپاڭغا ئۇر-ھە(تېلېفۇننى تېزلا ئۈزىۋىتىدۇ)
-...(دىلنۇر ئۈمىدسىز قىياپەتتە سىنىپقا كىرىپ كېتىدۇ)
2-كۆرۈنۈش ،سىنىپ ئىچى
(دىلنۇرنىڭ بېشى قېيىپ يىقىپ چۈشىدۇ،سىنىپ باشلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنى چاقىرىش ئۈچۈن ئىشخانىسىغا يۈگىرەپ ماڭىدۇ)
-مۇئەللىم،دىلنۇر ...ئۇ...ھۇشىدىن...(ھاسىراپ تۇرۇپ،دۇدۇقلاپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ،مۇئەللىم ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈگرەپ سىنىپقا كېلىدۇ)
-كۆتۈرڭلار دوختۇرخانغا ئاپىرايلى،تېز بولۇڭلار،مەن ئاتا-ئانىسىغا تېلېفۇن قىلاي،تېز بولۇڭلار!(ئوقۇقۇچى قولىغا تېلېفۇنىنى ئالغاچ بالىلار بىلەن دوختۇرخانا تەرەپكە ماڭىدۇ)
3-كۆرۈنۈش ،دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيى ئالدى
(بىر دوختۇر جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن چىقىدۇ)
-كىم بۇ بالىنىڭ ئائىلە تاۋابتى؟
-...(ئوقۇتقۇچى بىر قولىدا تېلېفۇن تۇتۇۋالغان ھالدا دوختۇر تەرەپكە قارايدۇ)
-كىم بۇ بالىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى؟(دوختۇر ئاۋازىنى سەل كۆتۈپ تەكرارلايدۇ)
-مەن...مەن ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى،ئاتا-ئانىسغا نەچچە قېتىم تېلېفۇن ئۇردۇم ،بىراق كۆتۈرمىدى(ئوقۇتقۇچى سەل دۇدۇقلايدۇ)
-يەنە ئۇرۇپ بېقىڭ،بالىنىڭ ئەھۋالى دېگەندىكىدەك ياخشى ئەمەس،بىزمۇ ئامالنىڭ بارىچە كۈچەپ باقىمىز(دوختۇر سەل مەيۇسلەنگەندەك قىياپەتتە بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ)
4-كۆرۈنۈش،دوختۇرخانا
(دىلنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يۈگرەپ كېلىپ بالىسى ياتقۇزۇلغان ھارۋىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ)
-ۋاي بالام!! بۇ نېمە كەلگۈلۈك بىزگە ھۆ!ھۆ!ھۆ!(ھۆكىرەپ يىغلايدۇ)،بايا تېلېفۇن قىلغان چېغىڭدا سېنى دوختۇرخانىغا ئاپارسام نېم بولاردى،بالام ،(ئۆزىنى تەستەكلەيدۇ)ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق،سەن بىزنى تاشلاپ كەتسەڭ بولمايدۇ، ۋاي بالام!ۋاي بالام!(ئىرى يېنىدا كۆزلىرىنى ياشلاپ قىزىنىڭ مىيىتىغا قاراپ تۇرىدۇ)
5-كۆرۈنۈش،قورۇدىكى تاش ئورۇندۇق
(قورۇدىكى تاش ئورۇنداقتا بىر قانچە ئايال ئولتۇرۇشقان)
-قاراڭلا،قوشنىمىزنىڭ چېچىنىڭ ئاقىرىپ كەتكىننى(قايغۇرغان قىياپەتتە)،بالا دەردى دېگەن ھەي...(ئاھ ئۇرىدۇ)ياپياشلا تۇراتتى،بىر ئىككى يىلدىلا چاچلىرى ئاقىرىپ،مۈكچىيىپ كېتىپتۇ...
-شۇنى دېمەمسلە،بالا دەردى يامان،ئادەمنى ئاشۇنداق ئېتتىك تۈگەشتۈرۋىتىدۇ(ئىچىنغان قىياپەتتە)
-بىز ئالدىراش دەپ بالىلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلمىسەك چاتاق جۇمۇ زادى...
(پەردە چۈشىدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-24 23:05