ئىككى شېئىر
كامىلجان ناسىر دىلداش
ئۆتۈنۈش
مىڭ ئەپسۇس ئىچىدە ئۈنسىز ياش تۆكتۈم،
مۇجۇلدى يۈرىكىم ئاچچىق تۇيغۇدا.
ئۆزەمنى سەزگەندەك بولدۇم شۇ قەدەر،
زىمىستان قۇترىغان لەھەت قوينىدا.
جەسەتنىڭ سىياقى ئۆلگەن روھلۇرۇم،
تۇنىماس شۇتاپتا ھېچ كىملەر مېنى.
بىزارلىق ھۆكۈمران بولدى قەلبىمدە،
شۇ سەۋەپ سۆيۈشكە مەيلىم يوق سېنى.
ئۇزىغىن يىراقلاپ-يىراقلاپ مەڭگۈ،
ئۆتۈنەي قەلبىمنى قىلمىغىن يارا.
تەنھالىق ھەسرەتلىك بولسىمۇ ئازاپ،
كۆڭلۈمنى كۆكلىتەي ھاياتلىق ئارا.
بولمايدۇ ئۆتمۈشكە قايتىپ كەتكىلى
ئاتەشلىك سۆيۈشلەر كۈتمە مېنىڭدىن،
لەھەتتەك باغرىمدا ئۈزەر زىمىستان.
بىر چۈشتەك يۇقالدى بەخت يىراقلاپ،
ھەسرەتلىك تۇيغۇلار بۇلۇپ ھۆكۈمران.
يۇقالدى ھەممىسى،ھەممە-ھەممىسى...
يۈرەكتە قالدۇرۇپ ئاچچىق جاراھەت.
مەن كۈتكەن،سەن كۈتكەن ۋىسال ئارمىنى،
ھەممىنى يۇقاتتى خائېن مۇھەببەت.
بەختىيار شۇ چاغلار قالدى ئۇزاقتا ،
نە شائىر يارالدى ئۇنى پۈتكىلى.
بولدى بەس ئۇنتۇلۇپ كىتەيلى مەڭگۈ،
بولمايدۇ ئۆتمۈشكە قايتىپ كەتكىلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-23 19:11