ئىككى مەسەل
مۇھەممەتتوختى سەببەت
دەرەخ ۋە قۇياش
سايىسىغا قاراپ ئۆزىچە-
مەغرۇرلۇقتا گېدەيدى دەرەخ..
مەنچە گىگانت يوقتۇر، باشقىلار
ئەرزىمەس بىر چۈپرەندە-ئەبلەخ..
كۈلدى قۇياش، قاراپ ئۇنىڭغا
خىتاپ قىلدى: تەكەببۇر بولما!
چايقىدى باش، دەرەخ مەنسىتمەي:
ئۆزۈڭ كىمسەن، ئالدىمنى توسما!
ئاڭلاپ قۇياش ئۇنىڭ گېپىنى
مىيىقىدا كۈلدى ئاستىلا.
ئاجىزلىتىپ شۇئان نۇرىنى
دېدى: دەرەخ، سايەڭگە قارا!
كۆردى دەرەخ: يوقتۇر سايىسى،
بىر ئۆزىلا تۇرغان شۈمشىيىپ.
مەندىن ئۇلۇغ قۇياش باركەن دەپ،
تۆكۈپ ياشنى، قالدى ئۈمچىيىپ...
قومۇش بىلەن يانتاق
قۇمۇش بىلەن يانتاق ئىككىسى
گەپ تالىشىپ قالدى بىر كۈنى.
دېدى قومۇش: ھەي پاكار ئاداش،
نېمە رولۇڭ بار،ئېيتە قېنى؟
تۇرىسەن يانباغىردا بىر ياز
شۇ ئەپتىڭدە كۆكلەپ ئۆسەلمەي
چىقسا بوران، كۆمۈلۈپ قۇمغا
ئۆلىسەنغۇ بەرداش بېرەلمەي!
غەزەپ بىلەن يانتاقمۇ قوپتى:
شۈكلا تۇرسام ئاشما ھەددىڭدىن!
نېمە پايدا كېلەر زېمىنغاـ
شاداپاچاق ئەشۇ ئەپتىڭدىن!
قايىل بولماي بىرسى-بىرسىگە
قالدى ئۇلار ئاخىر تۇتۇشۇپ.
جىدەل ئاخىر چىقىپ ئەۋجىگە
كەتتى ئۇلار ياقا سىقىشىپ...
كۈرۈپ بۇنى، زۇۋانغا كەلدى:
ئەشۇ زومچەك قۇملار دۆۋىسى..
بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار،
ئانا يەردۇر بوۋام-بوۋىسى!
بالىلىرىم، سۈزۈم ئاڭلاڭلار
تالىشىشتىن يوق زەررە پايدا!
ئانا زېمىن ئوزۇق بەرمىسە
كىم كۆكلىگەن قايسىبىر جايدا!...