كۆرۈش: 1060|ئىنكاس: 11

مۇنىرە ئالىم(ئىزگۈگە): كۈتۈلگۈچىگە..

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئ‍ىككىنجى قېتىملىق ئ‍ىزگۈ تور ئ‍ەدەبىياتى مۇكاپاتلىق سەھىپىسىگە تەۋسىيە قىلىنغان ئ‍ەسەر



كۈتۈلگۈچىگە...


(چاتما نەسىرلەر)

مۇنىرە ئ‍الىم



(1)

قاباھەتلىك چۈشلەرنى كۆرۈشتىن قالدىم، ئەمما تاتلىق ئىككىمىز تاشلىغان سۆزلەر قاينىمىدا ئۈزۈۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. پىچىرلىيالمايدىغان بولۇۋاتىمەن سېنىڭ يېنىمدىن كېتىشىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئۇقمىدىم. شۈكرىلەر بايانىدا ئۈزىۋاتىمەن. چۈنكى يېنىمدا تاتلىق كۈلەلىگەن قىزىم بار ئەمەسمۇ.
تەسەللىنىڭ قاينىمى نېمانچە چوڭقۇر مەن بۇنى سېنىڭ قەلبىڭدىن ئاختۇرۇپ تېپىۋالدىم. سۆيگۈنىڭ كۈچى نېمانچە زور بۇنى سېنىڭدىن ئۆگەندىم. شۇنداق ئۆگىنىشكە، بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى تېخى بىلمىگەن بالا ئىكەنمەن بالام بولغاندىمۇ! چوڭلار«بالا، ئاتا - ئانا قەلبىدە مەڭگۈ بالا» دەيدىكەن  ئاشۇ سۆزلەرنى يۈرىكىمگە يىزىۋالغاندىمەنمۇ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بالامنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ بالىلىق قىلدىم دېسە.
ھەرىپلەرنى تىزىپ كەلسەم بىر جۈملە سۆز بولدى، قايسىسىغا ئىقرا بولۇۋاتقىنىمنى بىلمىدىم. قايسىسىنىڭ مېنى تاشلاپ قېچىۋاتقانلىقىمۇ بىلمىگىنىم راسىت ئىدى. بۇنى پەقەت يۈرىكىم باشقا بىر يۈرەكنىڭ تىۋىشلىرىغا سۇنۇپ تۇراتتى.
قاپقارا كېچىلەردىن قورقۇپ تۇرۇپ سۆزلىمەس بولدۇم. چۈنكى قىزىممۇ كىچىلەرنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن  قورۇقسا كېرەك. مېنىڭ باغرىمدا تۇرۇپ تۆت تامغا ئەندىككىنىچە قاراپ قوللۇرۇمنىڭ بىغىشلىرىنى چىڭڭىدە تۇتقىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى. بىر مىنۇت، ئىككى مىنۇت يەنە ئويغۇنۇپ ماڭا، تۆت تامغا قاراپ قويۇپ كۆزىنى يۇمدى. «ئانىسىنى بۇنداقمۇ دورامدۇ بالا دېگەن » دەيتتى ئانام قىزىمنىڭ سەزگۈرلىكىگە قاراپ. مەن كۈلەلمەيتتىم. قىزىمنىڭ مېنى دورىغانلىقىغا پەخىرلىنەلمەيتتىم. پەقەت يىراق بىر يەردە بىر موماينىڭ .ئۈنسىز سۈكۈت ئىچىدە ئاستا ئۆزىگە پىچىرلاپ تۇرۇپ «ساڭا ئوخشىدى قىزىڭ» دەپ بىر باشنى سىيلاۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قالاتتىم.
ھويلىدىكى بىر تۈپ ئالما. ئېگىز ئۇچىغا چىقىۋالسا شەھەرنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر تۈپ تېرەك. بىر تۈپ ئەتتىرگۈل موماينىڭ ھەمراھى ئىدى. بىر تۈپ ئالما موماينىڭ ئەنسىز خىياللىرىنى نېرى قىلىپ توكىلداپ چۈشۈپ تۇرىدۇ. بىر تۈپ تېرەكنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلغان شامال ئەنسىز تېرەكنى ئىرغىتىپ يۇپۇرماقلارنى شىلدىرلىتىپ موماينى بەزلەيدۇ. بىر تۈپ قىزىل ئەتتىرگۈل يېڭىلا ئېچىلغان ياپراقلىرىغا موماينىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا بەردەملىكىنى سۆزلەپ موماينىڭ خىيالىرىنى سۆرەپ ئېلىپ قاچىدۇ.  مانا بۇ موماي سېنىڭ، مېنىڭ ئانام ئىدى.
مەن بۇ سۆزنى ساڭا دېدىممۇ، دېمىدىممۇ ئۇقالمىدىم. ئەمما قۇلاقلىرىغا ھەر قېتىممۇ ئەمەس بىرەر بىر قېتىم ئۇنى ياخشى بېقىش توغرۇلۇق، سېنىڭ قوللۇرۇڭنى سۇزۇغىدەك بولغۇنىڭدا ئۇنى بېشىڭدىن ئېگىز كۆتۈرۈشۈڭ كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلىگىنىم ئېسىمدە ئىدى.
تۇيۇقسىز خىياللىرىمدىن قىزغاندىم. نامۇۋاپىق بىر چاغدا ئاغرىپ قالغان ئانامدىن ئەنسىرەپ كەتكەن ھالىتىڭ كۆز ئالدىمغا كەلدى. راسىت بىز پەقەت ئەنسىرەلەيتتۇق. بالىمىز بولغاندىمۇ ئانىمىزنى «ئانا، سەن نېمىلەرنى يەۋاتىسەن، نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىسەن، نېمىلەر...» دەپ سورىيالمىغان ئىدۇق. بىز مانا مۇشۇنداق بالا ئىدۇق.
قىزىم يىنىك پۇشۇلدىدى. ئۇنىڭ يېنىك پۇشۇلداشلىرىدا مەن ئۆزۈمگە قايتىشقا تەردۇقلاندىم، ئەمما مۇشۇ تاپ مەندە پۇشايماندىن باشقا ھىچ نەرسە قالمىغان ئىدى. مەن سىرىتتىن كىرىپ قولۇمنى يۇمايلا يۈزۈمنى تۇرۇپ قاسماق قىلىپ قويغان بالا بولۇپ قالغان ئىدىم.  


(2)
كىچە قارا تەرلەرگە چۆمۈلگىنىمچە سىلكىنىپ ئورنىمدىن تۇرغىنىمدا ، قىزىمنىڭ چىررىدە قىلغان ئاۋازىدىن يېنىمدا قارىدىم. ئۇخلاۋاتقان قىزىمنىڭ قولىنى بېسىۋالدىممۇ ئۇ كىچىلەرنىڭ قاراڭغۇلىقىغا كىچىككىنە ئاۋازىنى ياڭرىتىۋاتاتتى. ئۇنى بەزلەشكە ماجالىم يوق ئەمما مەن ئانا ئىدىم. بەردەم ئانا ئىدىم. قارا باسقاندىنمۇ قورقامدىم.
قىزىمنى باغرىمغا بېسىپ ئۇنى بەزلىدىم. قىزىم باغرىمدا تۇرۇپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە مەندىن ئەنسىرگەندەك بىر نۇر يالىد قىلغىنىدا قىزىمغا قارىماي تۇرۋالدىم. چۈنكى مەن ئۇ نۇرنىڭ يۈرىكىمدىكى پىخانلىرىمنى ئاختۇرىشىنى خالىمايتتىم.
قىزىم باغرىمدا تۇرۇپ ئاستا - ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. مەن قىزىم ئەنسىر قارىغان قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن ھەربىر بۇلۇڭغا قارىدىم. دەرىزىنىڭ يېنىدىكى بۇلۇڭدا بىر جۈپ كۆز پارقىراپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا «قۇرۇقما، قۇرۇقما، مەن بار»  دەپ مىيىقىدا كۈلدى. كۆزلەر كۈلگەندىمۇ مەن كۆزلىرىمدىكى قورقىنىشىمنى يىغىشتۇرۇپ، كۆزلىرىمگە بۆكتۈرمە قويۇپ كۆزلىرىمنى يېرىم يۇمدۇرغان ياشلارغا زەربىگە ئۆتۈپ كۆزۈمنى يوغان ئاچتىم. ئۇ كۆز غايىپ بولدى.
قىزىمنىڭ مەڭزىدە قاتقان ياشلارنى ئالقىنىمنىڭ ئەڭ يۇمشاق يەرلىرىدە سۈرۈتكىنىمچە، ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۈيۈپ ئاستا ئورنىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ دەرىزىنىڭ يېنىدا باردىم. تاڭ تېخى سۈزۈلمىگەن ئىدى. شەھەرلىكلەرگە كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىنى بىلدۈرمىگەن چىراقلار جىمجىت كوچىلارنى بارچە نۇرلىرى بىلەن يۇرۇتۇپ تۇراتتى. مەن تۇيغۇمدىكى كىمدۇر بىرىنىڭ ئاياغ تىۋىشىغا قۇلاق سېلىپ ئۇزۇن دەرىزىنىڭ يېنىدا تۇردۇم. بۇ ئاياغ تېۋىشى دەسلەپ دەرىزە ئەتراپىدىتىكىدەك، كېيىن ئاستا ئاستا يىراقشىپ كەتتى. مەن باياتىنقى كۈلۈمسىرىگەن كۆزنىڭ ھەركۈنى قىزىم  بىلەن مېنى كىچىلەرنىڭ ئەنسىز قاراباستىلىرىدىن قوغداپ كۈزەتتە تۇرغانلىقىغا ئىشەندىم دە ئاستا  ئورنۇمغا بېرىپ كۆزۈمنى يۇمدۇم. باياتىنقى ئاياغ تىۋىشى يەنە دەرىزە يېنىدا پەيدا بولدى. كۆزۈمنى ئاچتىم. باياتىنقى بۇلۇڭدا ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى كۈلگىنىچە ماڭا ۋە قىزىمغا قاراپ تۇراتتى. مەن ئاستا كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم. ماڭا خاتىرجەملىك بەرگەن بۇ تۇيغۇمنى قۇچاقلىغىنىچە تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىۋالسام بولاتتى.


(3)

كەچۈرۈم خېتى ئۆلۈمدەك قورقۇنىش ئېلىپ كەلمەيدۇ، بۇنى ھەممە بىلىدۇ. بىراق نېمىشقىكى سېنىڭ كەچۈرمەسلىكىڭ مېنىڭ كۈچۈرۈم خەتلىرىمنى ئۆلۈم دېگەن ئۇقۇمدەك قورقىنىشلىق قېلىپ قويدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاش سېنىڭ مېنىڭ بالىلىق قەلبىمىزدىن تېخى يىتىلمىگەن ئىدى. بۇنى سەن بىلىسەن مەن بىلىمەن ئەمما قەلبىمىز بىلمەيتى. يۈرىكىمىز بوي سۇنمىغان نۇرغۇن نەرسىلەر ئىككىمىزگە كەچۈرۈش دېگەن بىر جۈملە سۆزنىڭ تەكتىگە يەتكۈزمەيۋاتاتتى.
شۇنداق قايسى سۆزلەر بىزنى بويۇن قىستۇردى. قايسى سۆزلەردىن بىز  جۈملە تۈزۈپ ئۇرغۇلۇق ئېتىپ بىر - بىرىمىزگە گۈزەل سۆزلەرنى ھەدىيە قىلدۇق. قايسى ئادەملەرنى بۇ گۈزەل سۆزلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇم. بۇنى ئىككىمىز بىلمىز ئەمما ئىقرا قىلىشقا ھازىرچە بالىلىق قىلغان ئىدۇق.
سەن كۆڭۈل ئاياشنى بىلىپ ياشىغۇچى ئىدىڭ، مەنمۇ ئانامنىڭ ئەڭ ياخشى بالىسى ئىدۇق. شۇنداق سەن ئەڭ تاتلىق شىرىن سۆزلەردىن جۈملە تۈزەلمەيتتىڭ. ئەمما كاللاڭدا تۈزدۈم. دەپ ياشىغۇچى ئىدىڭ. سېنىڭ يۇۋاشلىقىڭ بۇ سۆزلەرنى بېسىپ كەتتىمۇ. ياكى يۈتۈۋەتتىمۇ بۇنىمۇ ئۆزۈڭ بىلەيتتىڭ.
مەنچۇ، مەن مۇستەقىل ياشىغۇچى ئىدىم. مۇستەقىللىق ئېڭىمنىڭ مېنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغانلىقىغا چىن پۈكسەممۇ ئەزەلدىن ئۆز ئالدىمغا ئىش تۇتۇپ كېلىش جەريانىدىكى پىرىنسىپىم بىزنى ئاداشتۇرۇپ قويغان ئىدى. شۇنداق مېنى ئاداشتۇرغاندىمۇ ئاجايىپ بىر ئاداشتۇردى. بۇنى كىمدىن كۆرىمىز.
بىزگە خاتىرجەملىك بەرگەن ئانىلىرىمىزدىنمۇ، ياق بىز ھىچكىمدىن كۆرمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى. ئەمما بالىلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ خورىماس مېھرىبانلىقىغا داغ چۈشۈردۇق. ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە تۈگىمەس بىر ئوتنى ياقتۇق. ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ. بۇ سۆزنى ئانام دېگەن ئىدى. مېنىڭ قولۇم بوشلۇقتا قالدى. سېنىڭ قولۇڭ كۆيۈپ سەن قولۇڭنىڭ ئاغرىقىنى تارتىۋاتىسەن.
مەيلى نېمە دەيلى ئىككىلىمىز خام ئىدۇق. ھەر ئىككىلىمىز يۇۋاش ئىدۇق، ھەم بالا ئىدۇق. بالىمىز بولغاندىمۇ قىلىنغان بالىلىقىمىز ئاتا - ئانىمىزغا ئېغىر زەربە بولدى. بىراق ئۇلار يەنە بىر سۆزنى ئىككىمىزنىڭ يۈرىكىگە پاتمىغان سۆزنى دەيدۇ. كۈچۈرۋەتتۇق. ئەمما بىز دىيەلمەيۋاتىمىز.
ئىشىنىش، ئىككى يۈرەكنى باغلاپ تۇرغۇچى ئىدى. ئەمما بىر ئاددىي سۆزدىن پۇتاق چىقتى. ئىشەنمەسلىك سېنىڭ يۈرىكىڭگە بىخ سۈردى. سەن بۇنى شاخلاتتىڭ. مەن سۇ قويدۇم. سەن ئېگىز ئۆسۈۋاتقان ئىشەنمەسلىكتە ئاخىرى قۇربانىغا ئايلاندىڭ. شۇنداق سەن ئەمەس بالىمىز شۇ سۆزنىڭ قوربانى بولدى. بىز كىمتۇق. بىز يەنە بىر ئىدۇق. ئاشۇ نارسىدىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئىدۇق. بىراق بالىلىق قىلدۇق.
يىغلاش قولۇمدىن كەلمىدى. كۈلۈشمۇ ھەم. ئەمما بالىلىق قىلغىنىم ئۈچۈن بەردەم بولدۇم. كۈچلۈك بولدۇم. بۇرۇنقىدىن بەكرەك مۇستەقىل بولدۇم. ئاخىرى ئىككىمىزنىڭ خاتالىقى سەۋەبىنىڭ نېمىلىكى بىلدىم. ھەر ئىككىلىمىز دادىمىزنىڭ، ئانىمىزنىڭ بالا  دېگەن سۆزنىنى يەنىلا تۇرمۇشىمىزدىمۇ تاشلىمىغان ئىكەنمىز.   


(4)

مەن يەنە بىر سەھەرنى كۈتىۋالدىم. كۈتۈلگىنىمۇ كۈتكىنىممۇ مۇشۇ سەھەرنىڭ شامىلىغا ئېسىلغان سېنىڭ ھىدلىرىڭ ئىدى. باھارنىڭ ئوتتۇرسى بولغان بولسىمۇ مەن بىزنىڭ ئەسلىمىمىزگە چىلانغان ئاشۇ بىر تاڭ بىر تاڭنىڭ قۇياشىنى سېغىنىپ قالىمەن. سەن ئۇ چاغدا بەردەم ئىدىڭ مېنىڭ ھەر كۈنكى باھارىمدىكى ئەتتىگەندە دەرىزەمدىن كىرىدىغان قۇياشىم ئىدىڭ.
ئەسلىمىگە چىلانغان بارلىق كۈنلەرنى ئەسلەش قۇلۇمدىن كەلمىسىكەن دەيمەن.  بۇنى ئۆزۈمگە تەسەللى قىلىشىم ئۈچۈن ساڭا ئوخشايدىغان قىزىڭ ماڭا ساڭا ئوخشاشلا مىيىقىدا كۈلۈپ ئارام بەرمەيتتى ئەمەسمۇ.
كۈز شاماللىرى، قىشنىڭ بورانلىرى، ئەتىيازنىڭ ئەگىزلىرى مېنىڭ تىنىمسىزلىقىمدىن زىرىكسە كېرەك باھارنىڭ مەيىن شامىلىدىلا سېنى يېنىمدىن ئېلىپ كەتتى. «تويە» زارلانغانمىدىڭ. بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمىدىم. چۈنكى زارلىنىش مېنىڭ تۇغۇلۇشىمدىنلا پىشانەمگە يېزىلغاندەك بۇ ھاياتتىن زارلىنىپ ئۆتۈپتىمەن. ئەمدىچۇ، زارلىنىشلار تۈگىگەنمىدۇ. مەن بەندە ئىدىم. شۇڭا زارلانمايمەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن. ئەمما مەن شۈكرى دېيىشنى ئۆگەنگەن ئىدىم. بالىلىقتىن كەچكەندىمەنمۇ.
ياق، كىچەلمەيمەن، يەنە بىر كۈنى قىزىمنىڭ «ئانا» دېگەن سۆزى ئىچىدە بالىلىق قىلىپ قويۇشۇم مۇمكىن. ئۇ چاغدا يەنە مۇشۇنداق بىلجىرلاپ كىتەرمەنمۇ؟! ئۆزۈم ھەرىپلەرنى تىزىپ بولۇپ جۈملىلىرىمنىڭ قورغاقلىقىغا ھەيران قالدىم. ئەزەلدىن بىر جۈملە بىر جۈملەمدىن ئۆچ ئالاتتىم. ھازىرمۇ شۇنداق ئىكەنمەن. توۋا ئادەم دېگەن بىر بالىنىڭ ئانىسى تۇرۇپمۇ بالىلىق قىلىدىكەن دېسە.


(5)
كۆزلىرىم نەملەشتى، ئۇيقۇلىرىم كۆزلىرىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇزاپ كېتىۋاتىدۇ. مەن راھەتلىنىپقىنە بىر ئۇخلاشنى ئارزۇ قىلدىم. ئەمما بىرەر كېچە راھەت ئۇخلاش قىزىمنىڭ ھىدلىرى بىلەن قىرتاق يىغىلىرى مېنى قويمىدى. مانا بۈگۈنمۇ سېنىڭ بىلەن ياشاش مۇساپەمنى ھىسابلىغىلى تۇرغىنىمدا قىزىم چىقىراپ ئاغزىنى ئېچىپ مەن تەرەپكە سۈرۈلۈشكە باشلىدى. مەن قىزىمنىڭ ئۇسسىغان لەۋلىرىنى قوللۇرۇمدا سىيلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۈزلەندىم. ئۇ چوكىلدىتىپ شوراپ تۇرۇپ ماڭا كۆزىنى ئېچىپ قاراپ قويدى. ئۇنىڭ تاڭ ئېتىپ قالغان بولسىمۇ خاتىرجەمگىنە ئۇيقۇغا كەتكىنىدىن ئۆزۈممۇ كۆزۈمنى يۇمدۇم. ئىچ - ئىچىمدىن چىقىۋاتقان پەخىرلىنىش. ئانا بولغاندىكى پەخىرلىنىش مېنىڭ يۈرىكىمگە شۇڭغۇماقتا. دەل شۇ چاغدا ئانا - بالا ئىككىمىزگە مەسلىگىڭ كېلىپ قاراپ تۇرۇپ كېتىشلىرىڭ يادىمغا كەلدى. ئەسلىمە يەنە ئاشۇ ئەسلىمە. كاللامدىن سېنى قوغلىيالمەيمەن. ئەسلىمەمدىن سېنى نېرى قىلالمىدىم. بىراق سېنى يەنىلا شۇنداق قىلمىسىلا بولاتتى ئەسلى دەپلا لەۋلىرىمنى چىشلىدىم. قىزىم قاتتىق چىشلىدى. يۈرەكلىرىمگە بارغان ئاغرىقتىن «ئانا» دىدىمدە يەنە ئەسلىمگە كېلىپ «رازى بالام» دېدىم. مۇشۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭمۇ بىر چاغدا ئانامنى قاقشىتىپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ چىشلەپ قويغىنىم يادىمغا كەلدى. «بالا دېگەن چىشلەيدۇ، رازى دىيىش كېرەك» دەيتتى ئانام. «سىزمۇ چىشلىگەن. يىغلىتىۋىتەتتىڭىز مېنى، دادىڭىز بىشىڭىزنى سىيلاپ تۇرۇپ ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرەتتى» دەيتتى ئانام مېنىڭ قىزىمغا قاراپ. قىزىم خۇددى ئاشۇ ناخشىنى ئاڭلىماقچى بولغاندەك. ئەتراپقا ئەنسىز قاراپ قوياتتى. ئۇ ھازىر يېنىدا بىرسىنىڭ كەملىكىنى بىلىپ قالغان ئىدى. مەن لىۋىمنى چىشلىدىم. ھازىرچە مېنىڭ ئامالىم يوق ئىدى ئەمەسمۇ.
«قىزىم ماڭىمەنلا دەيدۇ، يەرگە قويۇپ بەر دەپ يۇلقىنىدۇ» دېدىم ئانامغا بۈگۈن. ئانام تۇرۇپ كېتىپ «سىزمۇ يىشىڭىزغا يەتمەي ماڭغان، ماڭىدىغان ئوخشايدۇ. سىزمۇ يولدا ماڭساق ئىتتىرىپ يەرگە چۈشىمەن دەيتتىڭىز. دادىڭىز بىشىغا مىندۈرۋالسا خوشال بولۇپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كېتەتتىڭىز» دەپ بولۇپ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
شۇ ۋاقىت، كۆزلىرىمنى يۇمدۇم. قىزىم ئاشۇنداق بىشىدا مىندۈردىغان دادىغا مۇھتاج ئىدى. ئانام قىزىمنىڭ ئاشۇ كۈنلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمدىن بۇ سۆزلىرىنى قايتۇرۋالغۇسى بار ئىدى. ئەمما مەن يەنە قىزىمنىڭ باشلىرىنى سىيلاپ تۇرۇپ سېنىڭ پات يېقىندا يېنىمىزغا قايتىپ كېلىشىڭنى تىلەپ تۇردۇم. ئانامنىڭ قىرىنداشلىرىمنىڭ نېمە ئويلىشى مەن ئۈچۈن ھازىر مۇھىممۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى بىردىن بىر ئويلايدىغىنىم قىزىمنىڭ دادىلىق مېھرىگە قىنىپ باشقىلاردەك بوينىڭغا مىنىپ پەخىرلىنىپ تۇرغۇزۇپ ۋىلىقلىتىپ كۈلدۈرۈش ئىدى. شۇ كۈنلەرمۇ قىزىمغا نىسىب بولارمۇ ھە.


(6)
قىزىم مەيلى كىملا بولسۇن قىچىشنى ئۆگەندى. بۇ جۈملىلەرنى ساڭا ئاتاپ يىزىۋاتىمەن. بىلەمسەن سەن قىزىمىزنىڭ ئەركىلگىنىنى، ئۆمىلگىنىنى، كىچىلەردىكى ئاغزىنى چوڭ ئېچىۋىلىپ كۆزىنى ئاچماي مېنى ئىزدىشىنى، ھەتتا كوچىلاردا ساڭا ئوخشايدىغان بىرەرسى ئۇچرىسا ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتسە مېنى ئىتتۈرۈپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارىشىنى سەن بىلمەيلا قالدىڭ.
ئۇ ئەنە ئاشۇنداق چاققان قىز ئىدى. كىچىكىدىنلا مېنىڭ جىمىپ كەتكىنىمگە قاراپ كۆزۈمگە قارايدىغان قىز ئىدى. بىلىسەنغۇ بۇرۇن ساڭا چىچىلغىنىمدا قىزىم كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ساڭا كەلمەي تۇرۋالاتتى. خۇددى «ئانامنى خاپا قىلدىڭ »دەپ سەندىن رەنجىگەندەك ئۇ چاغدا ئۇ بەش ئايلىق ئىدى. ھازىر يەتتە ئايلىق بولدى. ئىككى ئاي كارۋاتنىڭ ئۇ تەرىپىگە بارسا سېنى بۇ تەرىپىگە بارسا مېنى كۆرۈپ ئوتتۇرىدا دومىلايدىغان بالا ئىدى. ھازىر بىر تەرەپكە بارسا ئېگىز ياستۇقلارنى كۆرۈپ مەن تەرەپكىلا قىستاپ يىتىۋالىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئىككى قولىنى يېيىپ يېتىشى ساڭا ئوخشامدىغاندۇ. بۇنى ئۇنتۇلۇپ قالاي دەپتىمەن. شۇنداق ھەممە نەرسە قولىدىن كەتكەندە ئادەم خىيالىرى ئارىسىدىمۇ سېغىنىشنى يىپىنىپ قالىدىكەن.
ئەتتىگەن ئۇ كۆزىنى ئېچىپ مېنىڭ يۈزلىرىمنى بوشقىنە قولى بىلەن ئۇرۇپ قويدى. مەن يېرىم يېپىقلىق كۆزۈمنى ئېچىپ «قوپتىڭىزما؟» دېگىنىمدە بولسا ئۇ ياستۇق بار تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يىتىۋالدى. ئۇنىڭ مەندىن كىچىك تۇرۇپ رەنجىشلىرىدىن مېنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى چىن پۈكتۈرۈپ قوياتتى. بىراق...
ئۇ ئۆرۈلۈپ مېنى تارتقۇچلاپ ئولتۇردى ئاندىن مېنىڭ كىيىملىرىنى تارتىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ «سەنمۇ تۇر» دېگەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىگە چىن پۈكۈپ ئولتۇردۇم. ئۇ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈردى. بۇ ئۇنىڭ كۆتەر دېگىنى ئىدى. قىزىمنىڭ كۈندىن كۈنگە قىلىقلىرى چىقىۋاتقان ئىدى.
مەن يۈزلىرىمنى يۇيۇپ چىققۇچە ئۇ يىغلاپ ئۆينى كۆتۈرۋەتتى. قارىسام ئۆمىلەپ كارۋات لىۋىگە كېلىپ قاپتۇ. كىچىككەن بولسام ئىدى ھە. ئۇ چاغ قىزىم نېمە بولار ئىدى. ئەنسىز خىياللىرىمدا ئۇنى پەپىلەش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇنىڭغا سوزۇدۇم. ئۇ ياستۇققا يانچە بىشىنى قويۇپ يىغلاۋەردى. ئاندىن «تۇتە تۇتە» دەپ قويسام. ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە يانپىشىنى كۆتۈرۈپ مەندىن قىچىپ كارۋاتنىڭ يەنە بىر بىشىغا باردى. ئۇ مېنىڭ ئويناتقىنىمنى بىلگۈدەك چوڭ بولغان ئىدى.
سەن كۆرەلمىدىڭ، ھەم بىلەلمىدىڭ. مەن ئۆزۈمنىڭ ئانام ۋە دادامنى شۇنداق كۈلدۈرۈپ يىغلاتقىنىمنى بىلدىم. ئۆزۈمنىڭمۇ چوڭ بولۇش جەريانىدىكى قىلىقلىرىمنى كۆرۈۋاتىمەن. ئانامنىڭ مېنى تىرىكمەي زىرىكمەي باققىنىدىن. دادامنىڭ مېنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن بوم ئاۋازىدا ئەللەينى قانچە قىتىپ ئېيتقىنىنى ئەسلىدىم. كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. قەلبىمدىكى شۇنداق بىر ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى دادام ئانامغا رەھمەتلەر ئېيتتى. بالىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇ تاپتىمۇ بالىلىق قىلىپ كۆڭۈللەرنى يېرىم قىلغىنىم ئۈچۈن يىغلىغۇم كەلدى. ئەمما مەن يىغلىسام بولمايتتى. چۈنكى قىزىم ھازىر مېنىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلىشنى، يۈرۈكىمدىكى دۈپۈلدەشلەرنىڭ قانداق ئاۋاز چىقىردىغانلىقىنى بىلىۋالغان ئىدى.

(7)
يۈرىكىمگە نەپرەتلىك تۇيغۇ يامىشىۋاتىدۇ. قوغلۇدۇم. تىللىدىم خۇددى سېنى تىللىغاندەك ئەمما نېمىشقىكى يەنە يامىشىقلىق. نەپرىتىم بار ئەمما نەپرىتىمنى ئىپادىلىيەلمەيمەن. سۆزلىگۈم بار ئەمما سۆزلىيەلمەيمەن. چۈنكى مەن تىللىرىمنى خاتا ئىشلىتىپ ئۆزۈمنى قابائەتتىن ئويغانمىغاندەك سىزىمەن گاھى. سەبىر تىلىدىم. سەبىر تىلىدىم. ئەمما سەبىرلىرىم يەنە بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتىدۇ. قاينىغۇم، يىغلىغۇم ياقامنى يىرتىپ تۇرۇپ «ئۇنداق دېمە» دەپ ھەقىقەتتە تۇرغۇم بار ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم. ئىچىمگە تىندىم. ئىچىمدە ئەڭ كىچىك تىنىقلىرىم بىلەن تىندىم. چۈنكى مېنىڭ نېمە ئامالىم بولسۇن. مېنىڭ يەنە قارلانغۇم. يەنە خارلانغۇم يەنە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبلەنگۈم يوق. تىلنى بار دەپ ئىشلەتكىلى. تىلنى بار دەپ يۈگرەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەسكەن. مەن بۇنى يەتكىچە تارتىپ يەنە نېمە قىلىمەن.
سۈكۈت. چىدىدىدىم.ئەگەر بىردىن بىر سېغىنىدىغان، يۆلىنىدىغان، تەسەللىرىم بولمىغان بولسىدى مەن كىچىك تىللىرىمنى قويۇپ بېرىپ ئۆزۈمنى بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشاتتىم. ئاقلىناتتىم. سەن قىلغاننى مەن قىلالمەسمەنمۇ دەپ چەت - چىگرىسىنى ئايرىپ بېرەتتىم. ئەمما مېنىڭ ئەسكى بولغۇم يوق. بىر ئۆستەك لاي سۇغا چالما ئېتىپ ئاپپاق كۆينىكىمنى لاي قىلغۇم يوق.

(8)
يۈرىكىم راستىنلا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتىدۇ. ھەممىگە كۆنىۋاتىمەن. كۆندۈم، سېنى سېغىنغان، سېغىنمىغان، سېنى ئەسلىگەن ئەسلىمىگەن، ساڭا نەپرەتلەنگەن، نەپرەتلەنمىگەن. كىچىلىرى ئىسمىڭنى توۋلاپ كەتكەن كۈنلەرگە كۆندۈم. يالغۇزلۇق ئادەمنى تېخىمۇ چىداملىق قىلىۋىتىدىكەن. چىدىمىسام يىغلىسام، ۋايسىسام كىملەر كۆتۈرىدۇ بۇ قىلغانلىرىمنى. شۇڭا چىدىدىم قىزىمنىڭ كۆزلىرىدىكى بىر يېرى قاتتىق ئاغرىمىسا يىغلىمايدىغان مىجەزىگە قاراپ چىداۋاتىمەن.لەۋلىرىمنى چىشلىدىم. راسىت ھازىر ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللى قىزىم ماڭا غەمگۈزار مېنىڭ كۈلكەم ھەربىر كۈنۈمنىڭ قۇياشى ئىدى.
سېنى چوڭ كۆرەتتىم. ئانامدىن چوڭ كۆرەتتىم. ساڭا بارلىق مۇھابىتىمنى بەرگەن ئىدىم. ئەمما سەن يىتەرلىك ھىس قىلمىدىڭ ھىس قىلدۇراسماسلىق مېنىڭ خاتالىقىم ئىدى. شۇڭا ئۆزۈمگە ئالدىم. ئۆزۈمنى يەر چىشلەتتىم. سېنى دادامدەك كۆرگىنىم ئۈچۈن مېھرىبانلىقىڭ ئارىسىدا بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەبسۇسلاندىم. سېنىڭ ئىشەنمەسلىك بۇسۇغىسىغا قەدەم بېسىپ مېنى ئەيبلىشىڭ ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى توسۇقنى يىرتىپ تاشلىدى. ساڭا نەپرەتلىنىمەن. ئەمما قىزىمغا قاراپ شۈكرىلەر بايىنىغا قاراپ. سەبرەمگە قاراپ ساڭا يەنە ساقلىق ئىنساب تىلەيمەن. چۈنكى سەن مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ماڭا ئەڭ كۆيۈنىدىغان ئادىمىم  ئىدىڭ ئەمەسمۇ.



(9)
بىلەمسەنكى بىلمەمسەنكى مەندىن ئارتۇقچە گۇمانلار يايغان قەلبىڭ سېنى بىخۇدلاشتۇردى. مېنىمۇ ھەم،  ئەمما يۈرىكىمگە پىچىرلىدىم. راسىت ئەمدى پىچىرلىمىسام بولاتتى
ئېزىلدىم. ئېزىلىپ كېتىۋاتقان يۈرىكىمدە بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك دەپ ئەسكەرتىپ تۇردۇم. ساڭا بولغان ئىشەنچىلىرىم قالمىغىنى تۇردى.
قەلبىمنىڭ ساڭا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكى داغدام ئېچىلىپ تۇرىدۇ. شۇنچە سۈكۈت قىلساممۇ، يەنىلا سېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىشىڭ ئۈچۈن قەلبىمدە ئۆكۈم سۈرۋاتقان «دادىسى» دەيدىغان بىر سۆز مېنى ھەممە ھەممىگە چىن پۈكتۈرۋاتىدۇ.  بىلەمسەن مەن شۇنچىلىك غەيرەتلىك بولساممۇ مېنىڭ مۇشتىمچىلىك يۈرىكىم قىسىلدى. بەرداشلىق كۈچۈم خورىدى.
خەيىر يۈرىكىم ئەمدى ھىچنەرسىلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. سېنى كۈتۈپ كۈتۈپ ھېرىشنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىشىدىن قورقىۋاتىمەن.
سېنىڭ ئەمدى مېنى بۇرۇنقىدەك سۆيۈشۈڭدىن، ياخشى كۆرۈشۈڭدىن گۇمان قىلىۋاتىمەن. ئەمدى بولدى بەس «ھەي ئايال» ئارقاڭغا قارىما دەپ ئەسكەرتىش بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ. ئۆزۈمگە ئۈنلۈك قىلىپ توۋلىدىم. «بۇ جاھاندىن ۋايسايدىغان مەن كىمتىم ئەمما مەن ئۇنچىلىك قەيسەر ئەمەس ئىدىم. بولدى. تۇرمۇش كىتابقا كىنوغا ئوخشىمايدىكەن. بولدى بەس. ئەمدى ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال».


(10)
سەن مۇشۇنداق ئىنسانمىتىڭ. ئىنسانلىق قەدرىڭدە كۈلەر بولغۇيدۇڭ ھە. بىراق سەن مېنىمۇ ئۆزۈڭنىمۇ كۈلدۈرۈشتىن ئۇيالغان ئىنسان ئىدىڭ. ئەسلى بۇ دۇنيا بىز رەنجىگىدەك بىر بىرىمىزگە ھىچنەرسىلەرنى قالدۇرمايدىغان ئۇنچىلىك قاباھاتلىك ئەمەس ئىدى، ئەمما سەن مەن ئۆز خىياللىرىمىزدا جىسمىمىزدا ئۆزىمىزنى قايتا تۇغدۇرۇپ يارىتىۋاتقان باشقا بىر دۇنيارىمىزدا شۇنچىلىك بەختلىك ئىدۇق. بۇنىڭغا سەن ئىقرا بولمايتتىڭ مەن ئىقرا بولمايتتىم ئەمما ھەر ئىككىلىمىز پەقەت بىرلا نەرسىدىن قورقاتتۇق. رېئاللىق. رېئاللىق بىزنى قورقىتىۋاتاتتى.
سەن مەسئۇلىيەتتىن قېچىۋاتىسەن مەن سېنى ئاشۇ مەسئۇلىيەتنى بېشىڭدا كۆتۈر دەپ قوغلاۋاتىمەن. شۇنداق بۇ جاھان ئاز كەم جاھان بىر كۈنى سەن مېنى قوغلايسەن ئۇ چاغ بىر كۈنى مېنىڭ قوغلىغىنىمنى ئۇنتۇيدىغان چىغىڭ كېلىدۇ.
بىز ھەرئىككىلىمىزنى قىيناپ نېمىگە ئېرىشىشنى بىلمىدۇق. ئەمما بىزنىڭ قەلبىمىزگە يۇشۇرۇنغان بىر دۇنيادا بىز ياشاۋاتقىنىمىز ئېنىق. كىملەردىن قالمىغان جاھان بىر كۈنى ئەمەس ئەتىمۇ ياكى بىرەر سائەتتىن كېيىنمۇ بىز كېتىپ قالىمىز بىزنىڭ چىرىقىمىز يېشىل نۇرىمىز ئۇ يىغلايدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن كۈنلىرىمىزگە يىغلايدۇ.
ھېلىمۇ ئۇ يىغلاۋاتىدۇ. كىچىك تولىمۇ كىچىك تۇرۇپ قۇچىقىمدا تۇرۇپ تەلمۈرگەن كۆزلىرىنى ئەتراپقا تىكىپ تۇرۇپ يىغلاۋاتىدۇ. ئۇ سېنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى سېنىڭ يۈرىكىڭنىڭ دۈپىلدىشىنى تىڭشاشنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى ئۇ مەن دادامنى ياخشى كۆرگەندەك سېنى ياخشى كۆرىدۇ. سېنى ئۆزىنىڭ قۇتقازغۇچىسى بىلىدۇ.
ئاتا - ئانا بالا ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلمايدۇ. مەن خۇددى شۇنداق قىلىۋاتىمەن. قىزىم ئۈچۈن ئىككىمىزنىڭ مۇشۇ ئۈزۈلمەس يىپى ئۈچۈن مەن ھەرقانداق بىر نەرسىلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن ھەم كۈلۈپ ياشاۋاتىمەن. يىغىلىرىمنى يۇشۇرۋاتىمەن كۈلكىلىرىمنى ئۆيگە قىزىمنىڭ كۈلكىسىگە قېتىۋاتىمەن. مەن شۇنچىلىك مېھرىم بىلەن تىكىلگەن ئۆيۈم، مېھرىم بىلەن تىكىلگەن سېنىڭ كۆزۈڭ بۇلارنى كۆرمىدى. سەن كۆزۈڭنى يۇمۇۋالغانمىدىڭ بۇنى بىلمىدىم. ئەمما مەن كۆزۈمنى يوغان ئاچتىم. خۇددى ئېچىشىم كېرەكتەك قىزىمنىڭ تاتلىق گۇڭراشلىرى ئىچىدە بۇ كىچىلەردىن ئۆچ ئالماقچى بولغاندەك ئاچتىم. كېچە يەنە قاراڭغۇ ئەمما مېنىڭ قەلبىمدىكى سەن يۇپيۇرۇق يەردە تۇرۇپ ماڭا كۈلگەن ئىدىڭ. بۇ مېنىڭ تەسەللىرىم قىزىمنىڭ پۇشۇلداشلىرى مېنىڭ كۈلكەم ئىدى. ئەمما سېنىڭ كۆزۈڭگە نېمە بولغاندۇ.
كۆزۈڭگە توپا كىردىمۇ، كۆزۈڭگە رەڭلىكرەك نەرسە كۆرەندىمۇ‹! كۆزۈڭ قىزىمىزنىڭ يىغىسىنى، كۈلكىسىنى كۆرگۈزمەيدىغان بىر نۇر پەيدا بولدىمۇ بۇنىمۇ بىلمىدىم.
ئازابلانمىدىم. يىغلىمىدىم، كۈلىۋاتىمەن. كۈلكەم ساپ ئەمەس ئەمما قىزىمغا يېيىلغان مېھرىمدە قارىغان كۆزۈمدە كۈلكە بولمىسا بولمايدۇ. مەن قەھرىمان بولالمايمەن ھەم ئەمدى بولغۇممۇ يوق. مەن ئۆزۈمگە بىر خەنجەر ئۇرالمايمەن چۈنكى مېنىڭ ئۆلگۈم يوق. بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىگە تىرەكلىك بىر خەنجەرنىڭ بسىىدىن ئېقىۋاتقان  قاننى تەسەللىرىم بولغان قىزىم ئارقىلىق ئەرتىۋاتقىنىم ئۈچۈن كۈلىۋاتىمەن.
شۈكرى قىلىش ئېغىزىمغا يېپىشنى. تەسەللىرىم يېنىمدا تۇرىدۇ مەن يەنە نېمىلەردىن ۋايسىدىم . ئەسلى قەيسەر ئانا ۋايسىمايدۇ. شۇنداققۇ بۇنى ماڭا ئانام دېگەن. مەن ئانامنىڭ بالىسى ئاشۇ قەدىردان ھەدىلىرىمنىڭ سىڭلىسى. سۆيۈملۈك ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ كۆيۈمچان ، مەسئۇلىيەتچان بىر تال ئاكامنىڭ سىڭلىسى بولالمىدىم. ئۇلاردىكى گۈزەل ئەخلاق مەندە بار. ئۇلاردىكى مېھرىبانلىق مەندە بار. ئۇلاردىكى ۋايسىمايدىغان ئىرادە. مەسئۇلىيەت مەندە بار. مەندە يوقى نەدە بار بۇنى بىلمىدىم. مەن نېمىلەرنى خاتا قىلغاندىمەن.
كۆرىدىغان كۈنىگە يىغلايدىغان بەندە مەن بولدۇممۇ. كىچىكىمدە تولا يىغلىسا كەلگۈسىدە كۆرىدىغان كۈنىگە يىغلايدۇ دەيدىكەن. بىراق مەن يۇۋاش بالا ئىدىم. كىچىكىمدىن يۇۋاشكەنمەنتۇق. دادامنىڭ ئوغۇلغا بەرگۈسىز بالام دىيىشلىرىگە ئېرىشكەن قىز تۇرۇقلۇق نېمىگە بۇنداق بىر كۈنلەردە سېنىڭ كۆڭلۈڭگە ئېرىشەلمىدىم.
سۆيگۈنىڭ قىممىتى، ھاياتنىڭ گۈزەللىكى، بۇ كۈنلەرنىڭ شادلىقىنى ئىككىمىز بىلەتتۇق. ئەمما سېنىڭ كۆزۈڭگە نېمە كىرىپ كەتكەندۇ. باشقىلارغا ئېيتقۇم. باشقىلارنى ئەنسىرەتكۈم يوق تۇرۇپ يەنە نېمە ياش تۆكىمەن. ياق ياش تۆكمىدىم. ياش تۆكمەيمەن.
قارغىدىممۇ، ياق مەن قارغىسام قىزىمغا يۈز كېلەلمەيمەن. مەن ھىچنەرسىلەرنى دېمىدىم. چۈنكى ئەمدى بولدى بەس. يۈرىكىمگە ئۇرۇلغان خەنجىرىڭنىڭ قانلىرى پۈتۈن يۈرىكىمنى ئاستا - ئاستا جانسىز قىلىۋەتمەكچى. مەن ئاشۇ قانلارنى ۋاپا - ساداقەت ياشلىرى بىلەن يۈرىكىمگە ئېقىتتىم. ئەخلاق گۈلىستانىم بىلەن شۈكرى ئېيتتىم. ئەڭ سۆيۈملۈك قىزىمىز بىلەن سېنى كۈتتۈم. سېنىڭ بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قىلىشىڭنى كۈتتۈم. شۇنداق سەۋرى ساداقەت بىلەن كۈتۈلسەڭ بىر كۈنى سەن ھەقىقەتنى بىلىپ قالىسەن شۇ چاغ كېلىپ يۈرىكىمدىكى خەنجىرىڭنى ئېلىپ زىدە بولغان يۈرىكىمگە مەلھەم سۈركەيسەن. شۇ چاغ بىز قېتىلىپ كېتىمىز بۇرۇن ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى بىر يۈرەككە ئايلىنىپ قېتىلىپ كەتكەندەك يۈرىكىمىز قېتىلىپ كېتىدۇ. مەن ھەممىنى ئۇنتۇيمەن سەنمۇ ھەم ئىككىمىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىنسان قىزىمىزنى قۇچىقىمىزغا ئېلىپ ئۇ دۇنيالىقنى تىلەيمىز.

2014- يىلى 23- ئىيۇل   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-22 16:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-21 14:33:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات چىنلىقى ، قىسمەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان چىن ھىسىيات جىلۋىلەنگەن تىۋىشنى

ئاڭلىدىم . تەڭرىدىن بارچە بەندىسىگە مەنلىك ، شات كۈنلەر تىلىدىم .

ۋاقتى: 2015-5-21 19:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىتىرلىغىڭىزدىن بىر يىلنىڭياغى ساقلاپ ئەمدى كۆرسىتىپسىز-دە! بۇمۇ بوپتۇ.تىلى،چۈشۈنۈشلۈك،ئاممىباپ،دەماللىققا ھەزىم قىلالىغۇدەك ئېسىل چاتما بوپتۇ.سىزگە سالامەتلىك،ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ تېىخىمۇ بەركەتلىك بولىشىنى تىلەپ -داڭگىلاخۇن.

ۋاقتى: 2015-5-22 00:03:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات كارتىنىسىنى تولىمۇ ياخشى سۈرەتلەپ بېرىپسىز ، ياقتۇردۇم.

ۋاقتى: 2015-5-23 16:06:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى تاتلىق نەسىرلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتڭكەن، ياقتۇردۇم ھەدە!

ۋاقتى: 2015-5-24 11:27:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش چىنلىغى ئىچىگە ھىسياتنى سىڭدۈرۈپ ،خاتېرە شەكىلىدە ئوي پىكىرنى ئىپادىلەش سىزنىڭ نەسر ئىجاديىىتىدىكى ئۆزگۈچە ىاسلىغىڭىز بولۇپ قالدى . بۇ بىر يۈرۈش چاتمىلىرىڭىزدا چاقناپ تۇرغان ئايالچە ئەقىدە مېنى سۆيۈندۈردى .
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2015-5-24 18:35:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە زىچ ۋاقىت ئىچىدىن دۇرلار سۈزۈپسىز. قەلبىڭىزنىڭ سۈزۈك بايانلىرى مېنى ئىچىگە سۆرەپ كىردى...سىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-5-24 20:09:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرلەرنى تۈگەتكەندىن كىيىن راھەتلىك بىر نەپەس ئالدىم، سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-8-2 03:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنىرە پىداكار،داۋراڭدىن نېرى، تىرىشچان، كەمتەر بىر قىز.
10يىلدىن بېرى مانا شۇنداق يېزىپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ قېتىم مۇكاپاتلاندى. قۇت بولسۇن.
يوقاپ كەتمەي داۋاملىق يېزىپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-8-2 03:52:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتلانغان باشقا دوسىتلارنىمۇ تەبرىكلەيمەن.
ھەممىڭلارغا قۇت بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-2-27 12:38:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا   بەك  ياخشى يېزىپسىز

ۋاقتى: 2016-2-27 15:28:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاباھەتلىك چۈشلەرنى كۆرۈشتىن قالدىم، ئەمما تاتلىق ئىككىمىز تاشلىغان سۆزلەر قاينىمىدا ئۈزۈۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى.
مەن ئۆزۈمگە قايتىشقا تەردۇقلاندىم، ئەمما مۇشۇ تاپ مەندە پۇشايماندىن باشقا ھىچ نەرسە قالمىغان ئىدى. مەن سىرىتتىن كىرىپ قولۇمنى يۇمايلا يۈزۈمنى تۇرۇپ قاسماق قىلىپ قويغان بالا بولۇپ قالغان ئىدىم.  

شۇنداق گرامماتىكا ،لوگىكىغا چۈشمەيدىغان ،ئوي-پىكىر ياكى مەنە ،ھېسياتلار ئومۇمەن ئۆز-ئارا باغلانمايدىغان تاققا -تۇققا سۆزلەر دۆۋىسىدىن تۈزۈلگەن بۇ «ئەسەر»نىڭ قانداقسىگە تەنقىدلەنمەستىن مۇاكاپاتلانغانلىغىنى زادى چۈشەنمىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش