يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 457|ئىنكاس: 4

تۇغچى: چەتئەل شېئىرلىرىدىن بىر پارچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىتالىيە شېئىرلىرىدىن بىر پارچە

在4月的天空下

藩纳

在4月的天空下,我的宁静

游移不定。一片明澈葱绿的

在春风任意抚弄下荡漾。水还在

沉睡,但似乎已张开了眼睛。

孩子们在草地上跑,风似乎在

驱散他们。可是驱散的

只是我的心,它停留在他们

印在绿草上的衬衫所散发的

闪光上(哦,年轻人!)

ئاپرېلدىكى تەبىئەت

فەننا

تېنىچلىقىم ئاپرېل دېمىدە.

ئىككىلىنىپ تۇرماقتا ھامان.

بىر يېشىللىق شاماللار ئارا

چايقالماقتا ئەركىن، ھەرتامان.
سۇلار بۇئان قاتتىق ئۇيقۇدا،

ئوچۇقتەكلا كۆزلىرى ئەمما.

قوغلىغاندەك كۆرىنەر شامال

بالىلارنى چىملىقتا يۈرگەن.

بالىلارنىڭ ئىزى بار چىملىق

نۇر چاچىدۇ ئۇندا ئاق كۆينەك.

ئەشۇ نۇردا قېلىپ قالدى ئۇ

قوغلانغىنى مەندىكى يۈرەك.

«تەرجىمىلەر» ژورنىلىڭ 1995-يىلدىكى 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-20 23:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-20 23:21:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىركەن، ھوزۇر ئالدىم، ئەمما « تېنچلىقىم، كۆرىنەر، ئەشۇ...» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىغا قايتا نەزەر سېلىپ بېقىڭ...

ۋاقتى: 2015-5-21 00:46:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاپرېلدىكى ئاسمان ئاستىدا» دېگەن قويۇق شېئىر پۇرىقىغا ئېگە تېما «ئاپرېلدىكى تەبىئەت» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قالغاندەك تۇيۇلدى ماڭا. تەبىئەت ئاسماننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنچە،شېئىر ئاپتۇرى ئاسماننىڭ ئاستىنى ئىشارە قىلغان.
خەنچە سەۋىيەمدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ،تۇغچى. بەزى مىسرالارنىڭ تەرجىمىسىدىنىمۇ ئەسلى مەنا چىقمىغاندەك تۇيۇلدى. تەپىسىلاتىغا ئۆتەي دېسەم،تەرەت بوش.پەقەت،تاقا-تۇقا بىلىدىغانلىرىم بىلەن شېئىرىي دىتىمنى (ئەگەر مەندە بار دېيىشكە توغرا كەلسە) تەڭ جوراپ،شۇنداقراق تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم.ئېغىز غېرىچلىغان بولۇپ قالماي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-21 11:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتېكىن، دېگەنلىرىڭىز بەرھەق، ئەشۇ تىلنى ئانچە- مۇنچە يامداپ تەرجىمە قىلىپ باققان بولساممۇ بىراق ئۇنى ئويغۇر تىلىدا شېئىرىي تەمگە ئېگە قىلىشنىڭ ئۆزى يەنە بىر مەسىلە .
بۇ بىر قانچە يىللار ئىلگىرى قىلىپ باققان تەرجىمەم ئىكەنتۇق، بۇ قىتىم ئۇنى ھىچقانداق ئۆزگەرىتمەيلا (ماڭا بەك ياخشى چىققاندەك بىلنگەن ئىدى) مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم.
ئىنكاسىڭىزدىن تېخىمۇ تىرىشىشىم كىرەكلىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.

ۋاقتى: 2015-5-21 12:22:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش