يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 364|ئىنكاس: 0

نەزەر ئىشانقۇل : پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت

                                             
                                                          نەزەر ئىشانقۇل


                                ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەسئۇد ئەيسا



بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيادا «مەدەنىيەتلىك» دېگەندە كىمنى ياكى نېمىنى ھېس قىلىمىز؟ كىم ياكى قايسى ھالەتلەر، قايسى پەزىلەتلەر مەدەنىيەتتىكى نەمۇنە بولالايدۇ؟ كېيىنىشتىن تارتىپ، يۈرۈش - تۇرۇشىمىزغىچە زامانىۋى ۋاسىتىلەرنىڭ بارچىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقان، ئۇنى تۇرمۇش تەرىزىگە ئايلاندۇرىۋاتقان، ئۆيى كۆپ زامانىۋى ۋاسىتىلەر، ھاياتىي پائالىيىتى زاماننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كەم بولسا بولمايدىغان تېخنىكا، ئاخبارات، كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىلىرى بىلەن يېقىنلىشىپ كەتكەنلەرنى بىز كۆپ چاغلاردا ئىككىلەنمەي «مەدەنىيەتلىك» بىلىمىزمۇ؟ ئومۇمەن، زامانىۋىيلىك مەدەنىيەتنى بىلدۈرەمدۇ؟ ئەگەر ياق دېسىڭىز، ئۇنداقتا مەدەنىيەتلىك دېگەن نېمە؟ بىز ھازىر مەدەنىيەتلىك ھېسابلىنامدۇق؟ مەدەنىيەتنى ۋە مەدەنىي دىتنى ھېمايە قىلىۋاتامدۇق؟ كوچىدا ئەنە شۇنداق يىگىتلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمەن. ئۇلار كېيىنىشتىن تارتىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغىچە شۇنداق زامانىۋىي. قوللىرىدا نەق كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدەك موبىل تېلېفونلار. كىيىملىرى شۇقەدەر كاتتا، زەردارلاردىن قېلىشمايدۇ. چاچلىرى ھەم بۈگۈنكى زامانغا ماس قىلىپ ياسالغان. كۆرۈشكەندە باشلىرىنى بىر - بىرىگە ئۇرۇپ كۆرۈشىدۇ. ماشىنىسىدىن تارتىپ پايپىقىغىچە زامانىۋى يېڭى نۇسخىدا، ئەڭ يېڭى مودا. كۈيلەۋاتقان كۈيلىرى گەپكىلا ئوخشايدۇ. ئىش قىلىپ غەلىتە، ئۇلار ھېچ نەرسىدىن ئۇيالمايدۇ، كۈي - نەغمىلىرىنى خالىغىنىچە، ئۆزى بىلگىنىچە سەھنىلەردە ئورۇنداپ كېتىۋېرىدۇ. خۇددى باشقىلار ئۇلار ئېيتقان ئاشۇ كۈي - نەغمىلىرىنى ئاڭلاشقا مەستانە بولغاندەك. تەشۋىش ئۇلار ئۈچۈن كونىلىقنىڭ ساقىندىلىرى بولۇپ قاپتۇ.
«بۇ ناخشىدىن قانداقمۇ ھۇزۇر ئالغانسىز؟!» دەپ سورىسىڭىز، قاراقورساق كىشىگە قارىغاندەك سىزگە ھەيران بولۇپ قارىشىدۇ. گەپ - سۆزلىرىدە ئۆزىگە خاس سۆز - ئىبارىلەر پەيدا بولۇۋاتىدۇ. ئادەم چۈشەنمەي قالىدۇ. قايسى تىلدا گەپلىشىۋاتقىنىنى ئادەم ھېچ چۈشىنىپ بولمايدۇ. مەن كوچىدا قائىدىنى بۇزغىنى ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلغانلارنى كۆردىم. ئۇلار دۆلەت خادىمى بىلەنمۇ مودا سۆزلەشتى. ئەگەر يالۋۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىسا، دەرھاللا زامانىۋىي تېلېفونلىرىنى كۆز - كۆز قىلىشىدۇ. دۆلەتكە بولغان ھۆرمەتلىرىنى شۇ تەرىقىدە ئىپادىلىشىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، قاتناش ساقچىسى شۇ يەردىكى دۆلەتنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتتۇر. ئەمما مەزكۇر مۇناسىۋەت ھەم «زامانىۋىيلەر» نەزەرىدە كونىراپ قالغاندۇر.
مەن كىتاب دۇكانلىرىنى كۆپ ئارىلايمەن. ئۇ يەردە «زامانىۋىيلار»نى كۆرمەيمەن. يوق دېيەرلىك، ئومۇمەن كۆرمەيمەن. كىم بىلىدۇ، ئەتىمالىم، بەلكى ئۇلار كىتابتىن ھەم كىتابنى ئۆيلىرىگە ئەكىلىپ بېرىدىغان زامانىۋىي ۋاستىلەردىن پايدىلىنىۋاتقاندۇ؟ لېكىن كىتابنى كۆرۈپ، تاللاپ، ئۇنى ھىدلاپ ئالسا، ئۇ باشقىچە زوقتۇر. ئەمما مېنىڭ بۇ كىتاب تاللاش ئۇسۇلۇم زامانىۋىيلىققا ماس ئەمەس. بەلكى بۈگۈنكى «زامانىۋىيلار»نىڭ دىتى بىلەن قارىغاندا، ئۆتە مەدەنىيەتسىزلىكتۇر؟! ماشىنىنىڭ ئاۋازىدىن يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىسىز. «زامانىۋىيلار» پۈتۈن مەھەللىنى بېشىغا كىيىپ، زامانىۋىي ماشىنىلىرىنى كۆز - كۆز قىلغىنىچە ئۆلە - تىرىلىشىغا باقماي ھەيدەيدۇ، زامانىۋىي ئۇسۇللارنى نامايان قىلىشىدۇ. شاۋقۇن - سۈرەن زامانىۋىيلىكنىڭ بەلگىلىرى بولۇپ كۆرۈنمەكتە. ئەندىشە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كۆپىيىپ بارماقتا. شۇنى ئويلاپ قالىمەن: بىزنىڭ مەدەنىيەت ھەققىدىكى پىكىرلىرىمىز كونىراپ قېلىۋاتامدۇ - يا؟ چۈشەنچىلىرىمىز ۋە قاراشلىرىمىز دەۋرنىڭ كەينىدە قېلىۋاتامدۇ؟ يەنە باشتىكى ئويۇمغا قايتىمەن: مەدەنىيەتلىك دەپ كىمنى ئېيتالايمىز؟ بىز شۇ پەيتكىچە يارالغان مەدەنىي دىت ۋە دىتسزلىق بىلەن يۈزمۇ - يۈز قارىشىپ تۇرۇپتىمىز؟ تېخى ھېچقاچان دىت ۋە دىتسىزلىق، باشقىچە ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بۇ دەرىجىدە ھايات - مامات تۈسىنى ئالمىغان. ئومۇمەن مەدەنىيەتلىكنىڭ نەمۇنىسى نېمە ۋە ئۇ قانداق نامايان بولىدۇ؟ نېمىگە قاراپ، قانداق ئاساسلارغا تايىنىپ، بىز مەدەنىيەتلىك ۋە مەدەنىيەتسىز دېگەن باھانى بېرىمىز؟ بىزنىڭ دىتىمىز پەقەت بىزنىڭلا ئەمەس. بۇ دىت تۇنجى ئەجدادلىرىمىزدىن باشلاپ ئەجدادلىرىمىز يەكۈنلىگەن ۋە مىڭ يىللاردىن، ئەسىرلەردىن بېرى تاكامۇللىشىپ بىزنىڭ بۈگۈنكى دىتىمىز دەرىجىسىگە يەتكەن. شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ مەدەنىيەت ھەققىدىكى يەكۈنلىگەن تەسەۋۋۇرلىرىمىز ۋە چۈشەنچىلىرىمىز ھەم بىزنىڭكىلا ئەمەس، ئۇنىڭدا بۇ دىتنى بىزگىچە بولغان ئەجداتلار يەكۈنلىگەن، ئۇلىنى قۇرغان، ئاساسلانغان، ئىسپاتلىغان. ئۇلار بىزگە بۈگۈن دىتسىزلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىكتىن ئۆزىمىزنى ئاسراشتىكى ئەنە شۇنداق بىنا - دىت ۋە مەدەنىيەت دېگەن بىنانى سېلىپ بەرگەن. ئەمما بۇ بىناغا ئىگە بولۇۋاتامدۇق؟ ئۇنى ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغاندەك تولۇق پايدىلىنىۋاتامدۇق؟ ھىمايە قىلىۋاتامدۇق؟
ئاپتوبوس ھەر بىر بېكەتتە بەش - ئون مىنۇت تۇرۇپ قالىدۇ، يولۇچىلارنى ئېلىپ مېڭىش كېرەك - تە!؟ ئاخىرى بىر ياشانغان كىشىنىڭ سەۋر قاچىسى توشتى. ئۇ شوپۇرغا:
− شۇنچە كىشىنى بۇ تەرىقىدە ئاۋارە قىلىش مەدەنىيەتسىزلىك، − دېدى.
شۇ چاغدا، شوپور يولۇچىغا قاراپ:
− خالىساڭ چۈشۈپ كەت، تاكسىغا چىق، مەن ۋەزىپەمنى ئورۇندىشىم كېرەك! − دېدى. ياشانغان ئادەم شۇ پەيتتە ئۇنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ:
− ئاتاڭدەك ئادەمگە ۋاقىرايسەنغۇ؟ باشلىقىڭغا دەيمەن، − دېدى.
شوپورمۇ:
− بار، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل، ساڭا ئوخشاش «ئۇششۇق»لارنى ھەركۈنى كۆرۈپ تۇرىمەن، − دېدى.
بۇ جېدەلگە ئاپتوبوس ئىچىدىكىلەر گۇۋاھ بولدى. باشقا ھېچكىم بۇ جاڭجالغا ئارىلاشمىدى. بۇ يەردە پەقەت ئىككى ئادەمنىڭلا جىدەللىشىۋاتقىنى يوق. بۇ يەردە مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتسىزلىك توقۇنىشىۋاتىدۇ. ئەمما بىز مەزكۈر جىدەلنى ياندا جىمغىنە كۆزىتىپ تۇردۇق. كېيىنكى بېكەتتە چال چۈشۈپ قالدى، بۇ مەدەنىيەتسىز كىشىلەردىن قاتتىق رەنجىدى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ھەم مەدەنىيەتنى خۇددى بۈگۈنكىدەك ھىمايە قىلارمىكىن - تاڭ؟ مەن ئىشەنمەيمەن. ئۇنىڭ مەدەنىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە دەز كەتتى. كىشى قانداق بولسا، مەدەنىيەتلىكى شۇنداق بولىدۇ. كىشى قانداق ياشاۋاتقان بولسا، مەدەنىي دىتى ھەم شۇنداق بولىدۇ. ئۇنىڭ تىلى، مۇئامىلىسى - ئىچىدىكى مەنىۋىيەتنىڭ كۆرۈنۈشى. بىز ئۆز ئىچىمىزدىكى ئۆزىمىزنى قانداق تەرىقىدە شەكىللەندۈرگىنىمىزگە قاراپ، يەنى باتىنىمىزدىكى «مەن» بىناسىنى قايسى ماتېرىيالدىن، قانداق بۇيۇمدىن شەكىللەندۈرگىنىمىزگە قاراپ قانچىلىك مەدەنىيەتلىك، قانچىلىك مەدەنىيەتسىز ئىكەنلىكىمىزنى بىلىشىمىز مۇمكىن. ئىنسانىيلىق - مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك كۆرۈنۈشىدۇر. بىز ئۆزىمىزنى قايسى دەرىجىدە ئادەمىيلەشتۈرەلىدۇق؟ 21 - ئەسىرگە كەلگەندە، بىزنىڭ باتىنىمىز ئىزگۈلۈكتۇر، ھەرگىزمۇ ياۋۇزلۇق ئەمەس. باتىنىمىز مەدەنىيەتلىك ۋە مەدەنىيەتسىزلىككە بۆلۈنمەكتە.
ئەنە شۇ نۇقتىدا بىز مەدەنىيەتلىك ۋە مەدىنىيەتسىزلىك تۈركۈمىگە ئايرىلىۋاتىمىز... ھەرقانداق مەدەنىيەت دەسلەپ ئادەمنىڭ ئىچىدە يارىلىدۇ ۋە كېيىن ماددىيلىشىدۇ. بىزنىڭ پىكرىمىز، قاراشلىرىمىز، ئۆزىمىزنى تۇتۇشىمىز، ئىجتىمائىي پائالىيىتىمىز، ئومۇمەن، ئۆزىمىزنى نامايان قىلىشىمىز مەدەنىيەتىمىزنىڭ ئىنكاسىدۇر. ئىچكى مەنىۋىيىتىمىزنىڭ ماددىي تەرزدە نامايان بولۇشىدۇر. مەدەنىيىتىمىز قانداق بولسا، بىز ھەم شۇنداق تەرىزدە ئىپادىلىنىمىز. ئىچكى مەنىۋىيەت ئىچكى «مەن»نىڭ نامايان بولۇشى، بۇ «مەن» ئۆزىنى مۇناسىۋەت ۋە ھالەتلەر، يۈرۈش - تۇرۇش، ئۆزىنى تۇتۇش ئارقىلىق، يەنى بىزنىڭ پائالىيىتىمىز ئارقىلىق ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. قانچىلىك زامانىۋىي بولايلۇق، ئىچىمىزدە ئەجدادلىرىمىز يەكۈنلىگەن «مەن» يوق ئىكەن، بىز بوش ئېدىشمىز. شەكلى بار، مەنە يوق ئېدىشمىز. زامانىۋىيلىق - بۇ پەقەت كۆرۈنۈش، شەكىل، ئەگەر ئۇ مەنىگە ئېرىشمىسە، ئۇنى ئەتىسى زور پاجىئەلەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بىز تەرەققىياتنىڭ قايمىقىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان، تەرەققىياتنىڭ سايىسىدە كۈن كەچۈرىۋاتقان، ھاياتىمىزنىڭ بىرەر لەھزىسىنى تەرەققىياتنىڭ مېۋىلىرىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتقان، تەرەققىيات ئىسمى - جىسمىغا سىڭىپ كەتكەن ئەۋلاد، ئەينى پەيتتە قالاقلىق ۋە تۇرغۇنلۇق بىلەن باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇشۇ ۋاقىتلارغىچە ئېرىشكەن بارلىق نەرسىلەردىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز. بىزنى تەرەققىيات شىتابى ۋە مەھسۇلاتلىرى قانچىلىك ئوراپ ئالغانسېرى شۇنچىلىك چۈشكۈنلىشىپ ۋە قالاقلىشىپ بېرىۋاتىمىز. بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مىراس - مەدەنىيەت ۋە دىتتىن، ئىچكى «مەن»دىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز. بىز ئەڭ ئىلغار تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز، نۆۋەتتە بىز بارچە نەرسىدىن، يەنى، ھازىرغىچە توپلانغان بارچە بىلىم ۋە تەجرىبىلەردىن مەھرۇم بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز.
بىز ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى پەللىسىدە تۇرىۋاتىمىز. ئەمما بۇ چوققىدىن يەنە ئىپتىدائىي ھايات تەرزى تامان غۇلاپ چۈشۈش خەۋپى بارغاسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ يەردە گەپ ھەرگىزمۇ يادرو ئۇرۇشلار تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار ھەققىدە كېتىۋاتقىنى يوق. گەپ ئېكىئولوگىيەلىك پاجىئەلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە سۆزلىنىۋاتقىنىمۇ يوق. گەرچە بۇ ئەھۋللار ئىنسانىيەت بىلەن يۈزمۇ - يۈز قارىشىپ تۇرغان بولسىمۇ. ئىنسانىيەت قايسى يولنى تاللىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ. ئەمما بىز بۇ پاجىئەلەر توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتمايمىز. بىز تەرەققىياتنىڭ تېزلىك بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بارچە پائالىيىتىنى، ئەقىل - ئىدراكىنى، ھەتتا ئەڭ ئىنتىم تۇيغۇلىرىنى ھەم ئۆزىنىڭكى ھەققىدە، ئەنە شۇ «ئۆزىنىڭكى» قىلىۋېلىش نەتىجىسىدە ئىنسان «مەن»گە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بوي بېرىۋاتقىنىمىز ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز. تەرەققىيات بىزگە ھەممە نەرسىنى بەرمەكتە. بارچە قولايلىقلارنى ياراتماقتا. ئۆيىمىزدە تۇرۇپ دۇنيا بىلەن ئۇچرىشالايمىز. دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق نۇقتىسىدىكى، ھەتتا كائىناتتا سادىر بولۇۋاتقان يېڭىلىقلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىزنى ئۆز قوينىغا تارتماقتا. بىز ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلىق كومپيۇتېر ھەققىدە ئاڭلاپ، بازاردىن ئىزدەپ ئۆيگە ئەكەلگىچە ئۇ ئاللىقاچان مودىدىن قالغان بولىدۇ. بىز ئاخىرقى ئۇتۇقلاردىن بەھرىمەن بولغىچە بۇ «ئۇتۇقلار»مۇ كونىراپ قالىدۇ. ھاياتىمىز شىددەتلىك تۇس ئالدى. تېزلىك بىزنىڭ ئەقلىمىزنى خورىتىپ قويدى. شۇ پەيتكىچە توپلىغان بىلىملىرىمىز بىردەمدىلا كونىراپ، كېرەكسىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىز تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىدا قالماسلىق ئۈچۈن ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ يۈگرەپ كېتىۋاتىمىز. تەرەققىيات - تېخنىكىلار بىز قوبۇل قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولغۇچە كونىراپ كېتىۋاتىدۇ. باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولغان ئادەم كېيىن بۇ تەرەققىياتنى قوغلاپ يېتەلمەيۋاتىدۇ ۋە بۇ ئادەمنى قالاق كىشىگە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. ئىنساننىڭ مەزكۈر تېزلىكنىڭ ئىزىدىن ئەبەدىي يۈگۈرۈپ يۈرۈشىگە قۇربى يېتەرمۇ؟ لېكىن گەپ بۇ ھەقتە سۆزلىنىۋاتقىنى يوق. بىز ئۇتۇقلارنى قارا - قويوق قوبۇل ئېتىمىز، قارا - قويۇق ئىستېمال قىلىمىز، قارا - قويۇق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. بىز ئويغىنىپلا «ئۇتۇقلار»دىن بەھرىمەن بولىمىز. بۇ ئۇتۇقلار بىر دەقىقمۇ بىزنى ئاسانلا تەرك قىلمايدۇ. ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتى ئەنە شۇ ئۇتۇقلار بىلەن بىرگە ئۆتىدۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇلار بىزنىڭ ھاياتىمىزنى تولۇق قورشاۋغا ئالدى، تۇرمۇشىمىزنى ئىشغال قىلدى، تۇيغۇ ۋە كەچۈرمىشلىرىمىز ئۇلارغا ماسلاشماقتا. ھەتتا ئائىلىۋىي ۋە تەربىيەۋىي ئىشلاردا ئۇنى ماسلاشتۇردۇق، ئۇلار بىزنى ھەم كۆزىتىپ باردى. بىزگە يول كۆرسەتكۈچى، نىشاننى بەلگىلىگۈچى ۋاستىغا ئايلىنىپ ئۈلگۈردى. بۈگۈن بالىلىرىمىز ھەربىر مىنۇتنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزمەكتە. ئۇلارنىڭ ھەم ئەڭ سۆيۈملۈك مەشغۇلاتلىرى، ئەڭ ياخشى ئەرمەكلىرى، ئۇلارنىڭ ئەڭ قەدىردان ئويۇنلىرى دەرتداشلىرىغا ئايلاندى، ھەتتا ئاتا - ئانىلىرى بەرمىگەن ئېتىغارنى ھەم ئۇلاردىن تاپماقتا، ئۇلارنىڭ دوستلىرىغا، ئاتا - ئانىلىرىغا ئايلىنىپ بارماقتا. بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ئۇلار تېخىمۇ بەكرەك ئىسكەنجىگە ئالماقتا. ھاياتىمىزنى تولۇقى بىلەن بۇ ئۇتۇقلارغا، بۇ تەرەققىياتنىڭ غالىپلىرى بولغان بۇ ماشىنىلارغا يەم قىلىۋاتىمىز. ئۇلار شۇ دەرىجىدە ھاياتىمىزنى ئىسكەنجىگە ئالدىكى، ئۇ يەردە ئۆزىمىزگە ھەم جاي قالمىدى. ئۆزىمىز بىلمىگەن ھالدا ئىختىيارىي رەۋىشتە ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى پەيدا بولماقتا. شۇنداق، بۇ ئۇتۇقلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىزدىن سىقىپ چىقارماقتا، ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىزگە بېگانە قىلىپ قويماقتا. ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىزدىن ياتلاشتۇرماقتا. گەپ ئەنە شۇ ھەقتە بولىۋاتىدۇ. بۇ گەپلەردىن ئەسلا تەرەققىياتقا قارشى مەنە كېلىپ چىقمايدۇ. گەپ مەسىلىنىڭ مەنىۋىي - پەلسەپەۋىي نۇقتىسى ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ. بىز تەرەققىياتتىن ۋاز كېچەلمەيمىز. ئەمما ھەرقانداق نەرسىنىڭ كۆر - كۆرەنلىكى خەتەرلىكتۇر. كۆر - كۆرەنلىك ئۆزى بىلەن بىرگە يەنە چوڭ بىر ھاڭنى يېتىلەپ يۈرىدۇ. بۇ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا ئىسپاتلانغان. بىز بۈگۈن كۈنسېرى زامانىۋىيلىققا ئىنتىلىمىز. بۈگۈن بىزدە ئەڭ ئاخىرقى ئۇتۇقلارنىڭ بىرى بولغان ماشىنا بار، قولىمىزدا ھېچقاچان چۈشمەيدىغان موبېل تېلېفون بار، ئاشخانىمىزنى ئەڭ ئاخىرقى تېخنىكا ۋاستىلەر بىلەن تولدۇرساق، ئۇلار بىز خالىغان غىزانى پىشىرىپ بېرىدۇ. بىز تېخنىكىلاردىن بىردەقىقىمۇ ئايرىلالمايمىز. چېنىقىش پەيتلىرىمىزنى تېلېۋىزۇر بەنت قىلىۋالدى. ئىنتېرنېت مۇشۇ دەقىقىلەردە بىزنى دۇنياغا كۆرۈنمەس يىپلار بىلەن باغلىۋەتتى. ئىنتېرنېت ئارقىلىق خالىغان نەرسىنى تېپىش مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت شەكىللەندۈرگەن دىتىمىزنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ، ئۇنى ئاستا، جىمجىت دىتسىز مەنزىرلىرى بىلەن كۆمۈپ تاشلاۋاتىدۇ. كوچىغا چىقىشىمىز بىلەن بىزنى ئەنە شۇ تەرەققىيات مېۋىلىرى نازارەت قىلىپ يۈرىدۇ. بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا، بىز ئۇلارسىز ياشىيالمايمىز. بىزگە مەنسۈپ بولغان، بىزگە تېگىشلىك ئىكەنلىكى رەسمىي تەستىقلانغان، كاپالەتلەندۈرۈلگەن. ئاددى تېلېفوندىن تارتىپ ئاۋتو موبېلغىچە بارچە تەرەققىيات ۋاستىلىرى بىزگە خىزمەت قىلىدۇ. بىزنىڭ ئىكەنلىكى تەستىقلانغان ئۇنى ئۆزىمىز سېتىپ ئالىمىز، دېمەك، ئۇ بىزنڭكى. ئەمما كۆپ ھاللاردا ئۇلارنى بىزنىڭ دەپ ئېيتالايمىزمۇ؟ بىز ئەنە شۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپساق،يەنى، زامانىۋىيلىق - مەدەنىيەت بەلگىسى بولالامدۇ - يوق؟ بۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشاتتۇق. ياق. ئۇلار مەھسۇلات سۈپىتىدە بىزنىڭكى. بىراق تېخنولوگىيە سۈپىتىدە ئەمەس. تېخنولوگىيە ئۇنى ئىشلەپچىقارغانلارنىڭدۇر. بىز ئىشلىتىۋاتقان ۋاستىلەرنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىشلىنىشى، نېمىلەرگە پايدىلىق بولۇشى، نېمىدىن ياسىلىشى ھەققىدە تەسەۋۋۇر قىلمايمىز. بۇ بىزنى ئىستېمالچى سۈپىتىدە قىزىقتۇرمايدۇ. بىراق پايدىلىنىۋاتقان نەرسىلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئىشلەپ چىقارساق قۇربىمىز، بىلىمىمىز يەتمىسە، ئۇ ھەقتە تەسەۋۋۇر قىلمايلا پايدىلانساق، ئۇ بىزنىڭ بولۇپ قالامتى؟ بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قورشاپ ئالغان ئاشۇ ماشىنىلار ئارقىلىق كىملەرگىدۇر ياكى قايسى بىر ئارزۇلارغا قۇل بولۇپ قىلىۋاتىمىزغۇ؟ بىز بۇ ماشىنىلارغا پۈتۈن ھاياتىمىزنى ئىشىنىپ تاپشۇرغاچ، ئۇلارسىز ھاياتىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلالماي قالغاچ، كېيىن نېمە بولدى؟ بىز ئۇلارنىڭ ھىيلىسىدىن، غەرىزىدىن ئۆز دۇنيارىمىزنى، ئۆز تەلىپىمىزنى، ئۆز مەنىۋىي قىياپىتىمىزنى ۋە ئىچكى دۇنيارىمىزنى ئاسراپ قالالامدۇق؟ ئۇلار بىزنى قورشاپ ئالغاچ، مەست قىلغاچ، ئۆزىمىزدىن مەھرۇم قىلىپ قويماسلىققا قانداق كاپالەت بار؟ بۇ كاپالەتنى بۈگۈن ھېچكىم بېرەلمەيدۇ ھەم ھېچكىم بۇ خەتەرنى ئىنكار قىلالمايدۇ. بۇ ئۇتۇقلار بىزگە زامانىۋىي كۆرۈنۈش، شەكىل ئاتا قىلىدۇ، ئەمما ئەسلا مەنە بېرەلمەيدۇ. مەنە بىزنىڭ ئىچىمىزدە. مەنە - ئاتا - ئانىمىز، بوۋىلىرىمىز ۋە مومىلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان دىت ۋە پاراسەت، تەربىيە ۋە ئەخلاق، قەلب ۋە ۋىجدان شەكلىدە ئىچمىزدە ساقلانغان. ئەگەر ئاپتوبۇس ھەيدىگۈچى ياشانغان ئادەمگە دوق قىلشتىن بىر پەس ئاۋۋال ئۆز ئىچىگە قارىغان بولسا ئىدى، ئېھتىمال، ئۇ چالدىن ئۇزرە سورىغان، خاتاسىنى تۈزەتكەن بولاتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇنىڭغا ۋاقتى يوق. ھايات ئۇنىڭدىن شىتاپ ۋە تېزلىكنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. دېمەك، شۇ تەرىقىدە ئىچىمىزدىكى مەنىۋىيەتنى ئۆزىمىز يىمىرىپ تاشلاۋاتىمىز. ئەنە شۇنداق خەتەر باركەن، بىز تەرەققىيات ئۇتۇقلىرى بىلەن مەدەنىيەتلىك دەپ ئېيتالامدۇق؟ مەدەنىيەتلىك دېگەن نىمە؟ مەدەنىيەتسىزلىكچۇ؟ ئىچكى مەنىۋىيەت ۋە ئىچكى «مەن» بىزنىڭ سەنئەتتە، ئەدەبىياتتا، ئومۇمەن ئىجتىمائىي پائالىيىتىمىزدە ئۆز - ئۆزىنى پاش قىلىش قويىۋاتقان نەرسە دەل شۇ. بىزنى ئۇ ئاياۋسىز پاش قىلماقتا. بىز ئۆزىمىزنى مەدەنىيەتلىك ۋە زامانىۋىي قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنمايلۇق، خۇددى شوپورنىڭ ئاشۇ ئاتىغا قىلغان مەدەنىيەتسىزلىكىگە ئوخشاش مەدەنىيەتسىزلىكىمىز ئۆزىنى پاش قىلىپ قويماقتا. بىز ئۆزىمىزدىن يىراقلاشقانسېرى مەدەنىيەتسىزلىشىپ بارىمىز، بەلكىم زامانىۋىيلىشارمىز. ئەمما ئۆزلۈكتىن يىراقلاشقانسېرى مەدەنىيەتسىزلىككە قاراپ كېتىۋېرىمىز. چۈنكى، مەدەنىيەت ئەسلىدە ئۆزلۈكتۇر. بۇ ئۆزلۈككە بۈگۈنگىچە بولغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەجرىبىسى، ھېسسىياتى ۋە ئەنئەنىلىرى، روھىي يىلتىز تارتقان. ئۆزلۈكتىن چېكىنگەنسېرى بىز ئەنە شۇ روھتىن - ئەجدادلار روھىدىن چېكىنىپ بارىمىز. زامانىۋىيلىق - ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت ئەمەس. ئەگەر ئۆزىمىز ئىشلىتىۋاتقان، پايدىلىنىۋاتقان نەرسە، بۇيۇمنى ئۆزىمىز ياراتمىغان بولساق، ئۇ بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىزگە ئايلانمىغان ئىكەن، بۇ نۇقتىدا پەقەت ئىستېمالچى بولۇپ قېلىۋېرىمىز. بىز مەدەنىيەتلىك ئەمەسمىز. چۈنكى، مەدەنىيەت يەنى بۇ ئۇتۇق، تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا ماددىي ۋە مەنىۋىي ئۇتۇقلاردۇر. ئۇتۇقتىن پايدىلىنىش، ئۇتۇققا ئىستېمالچى بولۇش مەدەنىيەتلىك بولغانلىقنى كۆرسەتمەيدۇ. بىز بۈگۈن ئۇتۇقلارنى ئىستېمال قىلغۇچىمىز، خالاس. ئىستېمالچى مەلۇم مەنادا، بىراۋغا بېقىندى بولىدۇ. بىز ھەم شۇ تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلار ئالدىدا ئۇلارغا بېقىنىمىز. دېمەك، بىز تولۇق مۇستەقىل ئەمەسمىز. ھاياتىمىزنىڭ زور قىسمى شۇ تاۋارنى ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانغا باغلىق ئىكەن، ئۇنداقتا، بىز ئۇلارنىڭ بېقىنغۇچىسىمىز. بېقىندى بولۇش - مەدەنىيەتنى بىلدۈرمەيدۇ. مەدەنىيەت ماددىيلىق ۋە مەنىۋىيەتنىڭ ئۇيغۇنلىشىشى، قەلب ۋە دىتنىڭ، ئەقىل ۋە ئىدراكنىڭ ئەركىنلىكى، ئازاتلىقىدۇر. باغلىنىپ قېلىش بولىدىكەن، بۇ ئۇيغۇنلۇق بولمايدۇ. ئۇيغۇنلۇق يوق جايدا، مەدەنىيەت ھەم بولمايدۇ. دېمەك، مەدەنىيەت ھەم ئادەمدىن، بىزدىن ئۆزلۈكنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزلۈك بولسا بىزدىن ھەربىر نەرسىگە چوڭقۇر ئىدراك ۋە ئەقىل بىلەن ياندىشىشنى، بىرەر دەقىقە پىكىر قىلىشتىن توختىماسلىقنى، ھەر قانداق ماۋزۇدا، ھەرقانداق مەسىلىدە ئۆز پىكرىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما مەدەنىيەتسزلىك سادىر بولىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، جىم تۇرغان ئاپتوبۇستىكى ئاشۇ ئادەملەر كەبى بىزنى پىكىردىن قورقۇش ۋە پىكىر قىلماسلىققا بەكرەك قورشاپ قويماقتا. تەپەككۇرسىزلىك پەقەت ئىجتىمائىي پىليۇرازىم كۈشەندىسى ئەمەس. تەپەككۇرسىزلىق مەدەنىيەت كۈشەندىسىدۇر. تەپەككۇر يوق جايدا مەدەنىيەت يارىتىلمايدۇ. پەقەت مەدەنىيەت ياراتقان مەھسۇلاتلار ئىستېمال قىلىنىدۇ، خالاس. تەپەككۇر يوق جايدا مەدەنىيەت يارىتىلمايلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ئۈزۈلۇپ قالىدۇ. تەرەققىياتنىڭ زەنجىر - ھالقىلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. بۇ ھالقىلار ئورنىنى تەپەككۇرسىزلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىك ئاقىۋىتىدە تۇغۇلغان مەدەنىيەتسىزلىككە زىت قاراشلار ئىگىلەپ كېتىدۇ. پىكىر - بۇ باتىنىي كۆرۈنۈش، ئادەمنىڭ، شەخسنىڭ ئىچكى قىياپىتىنى كۆرسىتىپ تۇرغۇچى كۆرگۈ. پىكرى يوق ئادەمنىڭ كۆرۈنۈشى ھەم بولمايدۇ. تەپەككۇر ئادەمنىڭ ئۆزلۈكىنى، ئۆزگە خاسلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەۋجۇدلۇقىنى كۆرسىتىپ، تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ. تەپەككۇر ئەسلىدە «مەن مەۋجۇدمەن»دېگەن مەنىدۇر. تەپەككۇر يوق جايدا ئالمانچىلىق ۋە جاھىللىق يامرايدۇ. مېنىڭ تەپەككۇرۇم - بۇ مېنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشۈم. ئۇ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، بىراۋغا ياقماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ مېنىڭ قىياپىتىم. ئەگەر ئۇ تەپەككۇر قىلىشقا ئەرزىسە. تەپەككۇر ئادەمنىڭ بارماق ئىزلىرى كەبى خۇسۇسىي ۋە شەخسىي بولىدۇ. بىز پەقەت مەزكۇر تەپەككۇرنى ئۆز مۇھىتىمىز ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزغا ئاساسەن قىلىمىز. شۇ مۇھىتنى تەپەككۇر بىلەن يېڭىلاشنى، ئۆزگەرتىشنى، ماسلاشتۇرۇشنى، ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىستەيمىز. ئەمما يوق تەپەككۇرنى ئومۇملاشتۇرۇش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. ئومۇملىشىش ۋە جەمىئىيەتنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئالدىن شۇ تەپەككۇرنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك...
تەپەككۇر - تەرەققىيات مىزانىدۇر. ئۇ توختىغان ۋە ھەممە بىر خىل تەپەككۇرنىڭلا لاۋازىمى بولۇپ قالغان جايدا تەرەققىيات ھەم توختاپ قالىدۇ، پەقەت «تەرەققى قىلىۋاتىمىز» دېگەن سادالا ياڭراپ تۇرىدۇ. تەپەككۇرنىڭ تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساس ئىكەنلىكى، تەپەككۇرنڭ رەڭدارلىقى، موللىقى، خىلمۇ - خىللىقى جەمىئىيەتنىڭ راڭدارلىقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. تەرەققىيات ۋە ئەقىل - ئىدراكنىڭ خىلمۇ - خىللىقىنى بۈگۈن سەل - پەل ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر بىلەلەيدۇ. دۇنيا تەپەككۇر قىلىپ بۈگۈنكى تەرەققىياتقا يەتتى. دۇنيا تەپەككۇر قىلسا، ئەتە تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ...
تەپەككۇر تۇرغۇنلۇقى مەنىۋىي تۇرغۇنلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بىر - ئىككى شائىر ياكى دانىشمەن بۇ تۇرغۇنلۇقنى بۇزىمەن دەپ كۆردى. ئەمما ئۇلارنىڭ يارىتىشى بەكمۇ خۇسۇسىي تاراتقۇلۇق رولنى ئوينىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇچىلىق ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئەمەس. تەپەككۇر ۋە قەلب - ئىچىمىزگە سېلىنغان روھنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىشىدۇر. قەلب ھېس قىلىدۇ ۋە مۇھەببەت ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. تەپەككۇر بولسا بىلىم ۋە بىلىشكە ئىنتىلىش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. تەپەككۇرنىڭ بېشى ھەم ئاخىرىدىكى ئەنە شۇ ئارىلىقتا بىز پەقەت دەرىجىمىزگە ماس ئىدراك جىلۋىلىرىنى يارىتىمىز. بىزگە ئەنە شۇ ئارىلىقتا ئۆزىمىزنى تونۇش ۋە ئۆزلۈككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بېرىلگەن، خالاس. قەلب ۋە تەپەككۇر مۇۋازىنىتىگە ئېرىشىش - كامىللىقنىڭ ئۆزىدۇر. شۇ پەيتكىچە ئۆتكەن پەلسەپەۋىي ۋە تەپەككۇر ئېقىملىرى ئاشۇ كامىللىققا ئېرىشىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى تەرغىپ كەلدى. پۇقرالارنىڭ ئەنە شۇ بىرلىكى - مۇۋازىنىتى ھەققىدە قايغۇرىدىغان جەمىئىيەت مەرىپەتلىك جەمئىيەتتۇر. تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئادەم - ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئادەم. مەۋجۇتلۇققا ئىنتىلىش پەلسەپەۋىي ۋە مۇرەككەپ ھېسسي جەريان. جەمىئىيەتتە مەۋجۇد بولۇپ ياشاشتىن، مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ ياشاشتىن، مەۋجۇدلۇققا ئىنتىلمەي ياشاش ئاسان. مەۋجۇدلۇققا ئىنتىلىش ئۆزلۈكنى ئاڭلاش ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىش، ئۇنىڭغا ئىنتىلىش، مۇھىتنى، قېتىپ قالغان چۈشەنچىلەرنى، قاراشلارنى، ئەقىدىلەرنى يېڭىلاش، تەرەققىياتقا ۋە يېڭىلىققا، ئۆزگىرىش ۋە ئۆرلەشكە يول ئېچىش، ئومۇمەن، تىرىكلەرگە خاس ياشاش دېگەنلىكتۇر. تەپەككۇرسىزلىق - مەنىۋىي ئۆلۈمدۇر. تەپەككۇر توختىغان جايدا ئىنسانىيلىققا خاس بولغان نەرسىلەر توختايدۇ. ئېھتىمال، بىئولوگىيەلىك ھايات داۋام قىلىدۇ، لېكىن يۈكسەك ئىنسان چۈشەنچىسى ئۆلگەن بولىدۇ. بىئولوگىيەلىك ھاياتنى ئادەتتە قوزغاتقۇچى ماددىلار باشقۇرىدۇ. پەقەت قوزغاتقۇچى ماددىلار بىلەن ياشىغان ئادەمنىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق، خالاس. تەپەككۇر بولسا مەنىۋىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە تەئەللۇق بولغان چۈشەنچە. ئۆز دەۋرىنىڭ ئەللامىلىرىنى سانىمايمۇ ناۋايى يەتكەن تەپەككۇر ئالىمى ۋە تەسەۋۋۇرىنىڭ دەرىجىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەكلا، مىللىي ئۆزلۈكىمىز ۋە سالاھىيىتىمىزنىڭ قانچلىك يۈكسەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ناۋايى ئۆز ئىدراكى بىلەن نېمىگە ئېرىشكەن بولسا، مىللىتىمىز ھەم ناۋايى ئېرىشكەن ئاشۇ دەرىجىدە ئېرىشتى. ئەمما كېيىنچە ئېرىشىلگەن چوققىلار ئەستىن كۆتىرىلدى، تىلغا قايتا ئېلىنمىدى. بۇنداق ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىدە ئوبيېكتىپ ۋە سوبيېكتىپ سەۋەپلەر بار. لېكىن بىزنىڭ ئومۇمىي روھىمىز ۋە تەپەككۇرىمىز ئاشۇ زامانلاردا ناۋايى دەرىجىسىدە ئەينەن ئۇنىڭ قىيافەسى ئارقىلىق يۈكسەلگەن. بۈگۈن ئەگەر ئاشۇ چوققىغا قايتا چىقسا، بىزدىن قۇدرەتلىك ۋە مەرىپەتلىك، ئىدراكلىق ۋە تەپەككۇرلۇق مىللەت بولماس ئىدى. جەمئىيەتتە تەپەككۇر بولدىكەن، ئۇ ھامان يېڭىلىنىدۇ. قېتىپ قالغان ياكى بىر خىل قېلىپتا ئومۇملىشىپ قالغان قاراش ۋە پىكىر بىلەن ياشاش بىر كۈنى جەمىئىيەتنى ھەم ئىقتىسادىي، ھەم مەنىۋىي چۈشكۈنلۈككە ئاپىرىدۇ. ئوت يېقىشنى دەسلەپ ئۆگەنگەن ئەجدادىمىز ئاشۇ دەۋر ئىنسانلىرىنىڭ تەپەككۇر ئىنقىلابىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلىرىدىن باشقىچىرەك تەپەككۇر قىلغانلىقى ئۈچۈن چاقماقتاش ئارقىلىق ياغاچنى كۆيدۈرۈپ ئوت ھاسىل قىلغانلىقى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەت، بۈيۈك مەدەنىيەت، بۈيۈك دىت ئىدى. ئۇ تەپەككۇرنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ئىدى. ئەگەر ئۇ ھەممىگە ئوخشاش تەپەككۇر قىلغان بولسا ئىدى، ئېھتىمال بۈگۈنكى تەرەققىيات ھەم بولماس ئىدى. تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى ئەنە شۇنداق. ياۋروپا تەرەققىي قىلىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ تەپەككۇرى ۋە سەنئىتى، پەلسەپەسى تەرەققىي قىلدى، ئۇ ئىجتىمائىي تەپەككۇرگە تۈرتكە بولدى ۋە قۇۋۋەت بەردى، خىلمۇ - خىل «ئۆزلۈك»لەر ئارقىلىق خىلمۇ - خىل غايىلەرگە يول ئېچىلدى. بۇ غايىلەر ئەلۋەتتە، ئىقتىسادىي، پەننىي، ئىلمىي غايىلەر ئىدى. ياۋروپا ئەنە شۇ تەپەككۇرلەرنىڭ داۋاملىشىشغا ۋە غايىلەرگە ئىمكانىيەت ياراتتى، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىمكانىيەت ياراتتى. بۈگۈنكى مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياۋروپانىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقى تەپەككۇر ۋە غايە ئەركىنلىكىدىن بولغان دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز. ئادەم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاڭقىرالىسا، تەپەككۇرى ئۆسىدۇ. ئۆزىنى ئاڭقىرىش ئۈچۈن، بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك مەرىپەتكە بىر قەدەم بولسىمۇ، يېقىنلىشىش كېرەك. تەپەككۇرنى مەرىپەت ئويغىتىدۇ. مەرىپەت يۈكسەلدۈرىدۇ. مەرىپەت يېڭىلايدۇ، كونىراپ قالغاندا يېڭىسىغا يېڭىلاشقا ئۈندەيدۇ. پەقەت مەرىپەتكە، بىلىمگە، كىتابقا بولغان مۇھەببەت بىزنى قۇيۇندەك باستۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئۆزىمىز، توغرىلىقىمىز ۋە دىتىمىزنى قاراڭغۇلاشتۇرۋاتقان؛ سەنئەت، گۈزەللىك، دىت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى، شۇ دەۋرگىچە ئەجداتلىرىمىز ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ۋە ئۆزىمىز جۇغلىغان چۈشەنچىلىرىمىزنى يىمىرىشكە كىرىشكەن غەيرى مەدەنىيەتتىن ھەم غەيرى مەدەنىيەت قارىشىدىن، باشقىچە ئېيتقاندا، تەپەككۇرسىزلىق ۋە دىتسىزلىقتىن، ئالمانچىلىقتىن قوغدايدۇ. 20 - ئەسىردە بىز زور تەرەققىياتقا ئېرىشىش بەختىدە غەيرى مەدەنىيەت ھېڭىغا پۈتۈنلەي غۇلاپ چۈشۈش خەتىرى بىلەن يۈزمۇ - يۈز يۈزلىنىپ تۇرىۋاتىمىز. بىزنى مەزكۈر خەتەردىن مەرىپەت، دىت ۋە تەپەككۇر قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ئەدەبىيات مەڭگۈ ماۋزۇلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىنساننى تەتقىق قىلىدۇ، ئىنسان تەھلىلگە مۇھتاج. ئاقىۋەت ئەدەبىيات پەلسەپەدىن ئاجرالدى. ئەدەبىيات پەلسەپە تەتقىق قىلىدىغان تېمىلار بىلەن قوشۇلغاندىلا مەڭگۈلۈك تۈسىنى ۋە ئۆلمەس قىممىتىنى تىكلەيدۇ. بىراق مەسىلىنى بۇنداق قويۇشتا خەۋپلىك تەرىپى يوق ئەمەس. بۇ خەۋپلىك تەرەپ ئەسەرنى پەلسەپە بىلەن بىرلەشتۇرىمەن دەپ پەنگە ئايلاندۈرۈپ قويىدۇ. ئەسەر ھېچقاچان ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋر بىلەن مۇئامىلىسىنى ئۈزەلمەيدۇ. ئۇ مۇنداق مەنەدە زاماننىڭ ئىشارىتىدۇر. چۈنكى شۇ زامان مەڭگۈلۈكنىڭ ئىشارىتى ( ياكى بەلگىسى) بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. ئۇلار تۇتىشىدىغان نۇقتىدا بولسا ئەدەبىياتنىڭ مەڭگۈ ئىسيانى باشلىنىدۇ. ئىسيان مەۋجۇد ۋەقەلىككە ئەمەس، ئومۇمەن، مەڭگۈلۈك رەمزى بولغان زامانغا ۋە مەڭگۈلۈكنى ئاڭلىمىغان ئادەمگە قارىتىلىدۇ. ئەدەبىيات دۇنياغا كېلىۋاتقاندا ئۇ مەڭگۈلۈككە داۋا قىلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ داۋاسى قايسى دەرىجىدە ئۆزىنى ئاقلىشىنى ھەم شۇ ۋاقىت بەلگىلەيدۇ. لازىم بولسا، ئېيتىش كېرەككى، ئاشۇ مەڭگۈلۈك ئىنتىلىش ئەدەبىياتنىڭ باش ماۋزۇسى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. لېكىن، ئاشۇ مەڭگۈلۈك ئىچىدە مەلۇم دەۋرنىڭ ۋە مەلۇم ئادەملەرنىڭ مەھكۇملۇقىنىڭ يوشۇرغىنىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئۇنتۇلغان بارچە نەرسە قايتىلىنىدۇ. بۈگۈن ئۆلگەن چۈشەنچىلەر ئەتىنىڭ تەپەككۇرىدە بالقىپ چىقىدۇ. ئەدەبىيات ھەمىشە مەڭگۈلۈك ئالدىدا مەغلۇپ بولغان. لېكىن مەغلۇبىيىتى ئۇنىڭ غەلىبىسىدۇر. ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى دۇنيانى يارىتىش ئۈچۈن بولغان مەغلۇبىيەتتۇر...
ئەنئەنىلەر ۋە مىللىي خەلقنىڭ بايلىقلىرى ھەر بىر مىللەتنىڭ يۈزى، قىياپىتىنىڭ چەشمىسىدۇر. ئومۇمەن ئالغاندا، دۇنيا تەجرىبىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ھەر قانداق ئەنئەنە، قەدىرىيەت مىللەتكە قۇۋۋەت بەرسە، ئۇنى ئۆزىنى نامايىش قىلىشقا كۈچ بەرسە، پۈت تىرەپ تۇرالايدۇ. ئەنە شۇنداق قەدىرىيەتلەر مىللىي قوۋۋەتنىڭ مەنبەلىرى بولىدۇ. قەدىرىيەت ۋە ئەنئەنىلەرگە گۇمانىي نەزەر سۈپىتىدە قارىماسلىق كېرەك. ئۇلار ئۆزلىرىدە خەلقنىڭ تەشەببۇسى، ئىجادىي سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئەگەر مەزكۈر قەدىرىيەتلەر توغرا تەشۋىق قىلىنسا، مىللەتنىڭ ئىجادىي سالاھىيىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئۆز دەۋرىگە يېڭى مەھسۇلاتلار بېرىدۇ. بىز ھەممىمىز بۇنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بىلىپ تۇرىمىز. ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مەنىۋىيەتكە ئېتىۋار بېرىۋاتقىنى بىكار ئەمەس. ئادەملەرگە ئۇ قۇرۇق گەپ، قۇرۇق شائىردەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. بىراق بۇنداق ئەمەس. ھازىر كۆز قارىچۇقىمىزدەك ئاسرىشىمىز مۇھىم بولغان نەرسە - مەنىۋىيىتىمىزدۇر. بىز بىر - بىرىمىزگە مېھىر - شەپقەت قىلىمىز، ئاتا - ئانىمىزغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشتا، غەربلىكلەردىن تۈپتىن پەرقلىنىمىز، غەرب تەپەككۇر جەھەتتىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققى قىلغان، بىزدىن بەكلا ئوزاپ كەتكەن دەپ قارايمىز، لېكىن ئاشۇ تەرەققىياتنىڭ ھەم پاجىئەلىرى بار. مەسىلەن، ئامېرىكا دۇنيادا ئەڭ ئىلغار دۆلەت بولسىمۇ، ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى بىرىنچى ئورۇنغا چىققان. غەربتە ھەممە نەرسىگە مەنپەئەت نۇقتىنەزىرىدىن قارىلىدۇ. سىزنىڭ فېرمىڭىز خانىۋەيران بولۇپ، كوچىدا ئۇر - ئۇرغا قالسىڭىز، سىزگە نە قېرىندىشىڭىز، نە دوستىڭىز ياردەم قولىنى سۇنمايدۇ. سىز دوستلىرىڭىز نەزەرىدە ئامەتسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز. بىزدە بىراۋنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە، ئۇنىڭ يېنىدا تەسەللىي بەرگۈچىلىرى، ھەمدەرتلىرى چوقۇم بولىدۇ، ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. بىزدە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر كۈچلۈكرەك، ھازىر ۋېدىئو، تېلېۋىزۇر ئارقىلىق سىڭىپ كىرىۋاتقان مەپكۇرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن، ئاڭلىق رەۋشتە قوبۇل قىلىش لازىم. مەن تەپەككۇرنى يۈكسەلدۈرگەن نەرسىلەرنىڭ بارچىسىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيمەن. يەنى دۇنيا قاراش بېيىيدۇ، سەۋىيە ئۆسىدۇ، دىت ئۆتكۈرلىشىدۇ، كۆزىڭىز ئېچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاشۇ مەپكۇرىنىڭ باشقىچە تەرەپلىرىمۇ بار. مەسىلەن، مۇھەببەت قارىشىنى ئالايلۇق، كۆرسىتىلىۋاتقان غەرب فىلىملىرىدىكى مۇھەببەت قانداق مۇھەببەت؟ بىزدىكى شەرقچە مۇھەببەتچۇ؟ شەرقتە مۇھەببەتكە بولغان قاراش باشقىچە. ئەنە شۇ نەرسىنى ساقلاپ قېلىش مۇھىم. مەن ئەخلاق نۇقتىسىدا كونسېرۋاتىپمەن. مەن ھەر خىل گېزىتلەر ئارقىلىق سىڭىپ كىرىۋاتقان ئەخلاقنى قوبۇل قىلالمايمەن. كىمدۇر بۇنى دېموكىراتىيەنىڭ بىر كۆرۈنۈشى دەپ ئويلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنىڭ ئەتىسىدە پاجىئەلەر بار. شۈكۈركى، بىزدە ھازىرچە گۈزەل ھايا ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەنە شۇ ھايانى يىمىرىپ تاشلىساق، ھايا ئىشىكىنى بۇزۇپ تاشلىساق، ئادەملەر ئاشۇ گېزىتلەردىكى، كىنولاردىكى ھاياسىز تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالسا، دەھشەتلىك پاجىئەلەرگە دۇچار بولىمىز... «ئۆتكەن كۈنلەر» رومانىنى گۈزەل ئەخلاققا مەدھىيە ئوقۇلغان ئەسەر دەپ بىلىمەن. ئاتا - ئانىغا، مۇھەببەتكە نىسبەتەن ئۇ نادىر ئەسەر. بۇ ئەخلاقنى تېنىمىسىز ئۆزىمىزگە سىڭدۇرىشىمىز كېرەك. شۇ نۇقتىنەزەردىن شۇنداق دەپ قارايمەنكىن، تېلېۋىزىيەدە ئاشۇ گۈزەل ئەخلاقنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيدىغان تەرغىباتنى كۆپرەك بېرىشى كېرەك. مىللەتنىڭ ئىستېتىك سەۋىيەسى، دىتى، دۆلەت چېگرىسى كەبى قاتتىق ھىمايە قىلىنىشى شەرت بولغان چېگرا دەپ ئويلايمەن. جۈملىدىن، بۈگۈنكى كىتابخاننىڭ كۆز قاراشلىرىنى يوقاتمىساق، ئۇنى بېتسېللېر*گە ئۆگەتمىسەك، ئەرمەك ئۈچۈن ئوقۇيدىغان كىتابخاننىڭ ئوقۇشلۇقىغا ئايلاندۇرماسلىق لازىم. ئالدى - سالدى كىتابلار تىجارەت ئەدەبىياتى ھېسابلىنىدۇ، يەنى ئۇلار بۈگۈن ئۈچۈن يېزىلىدىغان، ئەتىسى ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان ئەسەرلەردۇر. سەنئەت بولسا ئاممىۋىيلىقتىن يىراقلىشىپ، چەكلىنىپ بارىدۇ. 19 - ئەسىردە فىرانسۇز ئەدەبىياتى ۋەكىللىرى سەنئەتنىڭ ئاممىۋىيلىققا تەۋە ئەمەسلىكىنى ئىزاھلاشقان. شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، سەنئەت بىر بىر قىسىم زەكىي، يەنى زېھنى ۋە دىتى ئۆتكۈر ئادەملەر ئۈچۈن يېزىلىدىغانلىقى تەن ئېلىنغان. بۇ سەنئەتتىن ئەقىللىق ئادەملەرلا زوق ئېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئىنسانلار قۇل بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان ۋە بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلمايدىغان ئادەم قۇلدۇر. ئەمما مەزكۈر ھالغا ئوبيېكتىپ ياندىشىش كېرەك. مەسىلەن، ئامېرىكىدا %70 − %80 كىشى فولكنېرنى پەقەت بىلمەيدۇ. كافكانى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ھېچكىم تونۇمىغان، كېيىنچە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، ئۇنىڭ مەشھۇر يازغۇچى ئېكەنلىكىنى بىلىشكەن. جامىس جويىس شۇ تەقدىرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. مەشھۇر ئەسەر «يۇلسىش» رومانى دەسلەپ مىڭ نۇسخا بېسىلغان. شۇنداقلا كىشىلەر مۇشۇ رومان بولدىمۇ دەپ باھالار بېرىشكەن. قىسقىسى، بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ. مىللەتنىڭ ئەتىكى تەقدىرىنى ئامما ئەمەس، بىر گۇرور زىيالىيلار بەلگىلەيدۇ. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، ئۆزىمىزدىكى كىتابخانلىق روھىنى تەربىيەلىشىمىز مۇھىم.
ئەپسۇسكى، تېخنىكا تەرەققىياتى ئادەملەردە تەپەككۇرگە بولغان ئېھتىياجنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى، ياشلارنى پىكىر يالقاۋلىرىغا ئايلاندۇرىۋاتىدۇ. بىز بۇنداق ھالنى ئىنكار قىلىپ تاشلىشىمىز زۆرۈر. كىتابنى ئىككى خىل ئوقۇش مۇمكىن. سەزگۈرەشتە بايان قىلىنغان كىتابلار بار ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇرىدە مەلۇم بىر ئۇيغىنىشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئۇپۇقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەسەرلەرمۇ ھەم مەۋجۇد. ئۇلارنى بىلىش ئۈچۈن ئوقۇرمەندە كىتابخانلىق دىت بولۇشى لازىم...
خەلق ئاغزاكى ئىجادىي ئەدەبىياتىدا شۇ رور ئاسراپ قېلىنغان. قوڭرات ئېلىنى، خەلقىنى بىرلەشتۇرۇش ۋاقتىدا، بۆلۈنمەي تۇرۇپ بىرلىشىش زۆرۈرىيىتىنى خالىمايدىغان خەلقنى بىرلەشتۇرۇش «ئالپامىش» داستانىنىڭ ئاساسىي غايىسى بولۇپ، بۇ يۈكسەك بۇرچ داستان رورىغا سىڭىپ كەتكەن. يەنە بىر ئاجايىپ جەڭ باركى، ئايال پەيدا بولغاندا ئىلاھىيەت پۈتۈن بولىدۇ. يەنى يۈكسەك بۇرچ تولۇق ئادا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن داستان ئالپامىشنىڭ بەرچىنگە ئۆيلىنىشى ۋە كېيىن خەلقنى بىرلەشتۇرۇش ئىرادىسىگە يېزىلغان. «ئالپامىش» ئىنتايىن زۆرۈر پەلسەپىۋىي ئەسەر. نېمە ئۈچۈن ياۋروپا پەيلاسوپلىرى، ئىجادكارلىرى ھومېرغا قايتا - قايتا مۇراجەت قىلىدۇ؟ بۇنىڭ زەمىرىدە زور مەنە بار. بۇ تارىخىي تەقدىر! «ئالپامىش»نىڭ ھەقىقىي مېغىزىنى خەلققە يەتكۈزۈش زۆرۈر. ھەر بىر يازغۇچى دۇنيادا ئوقۇلىشى لازىم بولغان كىتابدىن بىخەۋەر قالسا، ئىنسان ھەققىدىكى بىلىمى كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ. فۇلېكنېرنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇش ۋە چۈشنىپ تېگىگە يېتىش كېرەك. ھېمىڭۋاينىڭ ئوقۇيدىغان ئەسەرلىرى كۆپ. بورخېس، كورتاسار، جويس، بېككىت، پۇرست، ھېرمان ھېسى، مۇزىل - بۇلار، 20 - ئەسىرنىڭ تىتانلىرى. شۇنداقلا ئەسىرىمىز ھەققىدە تۈگەل خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن. ئۆزبېك ئەدەبىياتىدىن ئەلشىر ناۋايى ئەسەرلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇش كېرەك. بىلەمسىز، ئەگەر مەملىكىتىمىزدە ئەلشىر ناۋايى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چۈشنىدىغان ئادەملەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيسە، دۆلىتىمىز تەڭداشسىز باغقا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى. بىزدە ۋارىيانتلىرى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا، 200 پارچە داستان مەۋجۇت. ھېچقايسى خەلقتە بۇنچلىك داستان يوق. ئەنە شۇ داستانلارنى ئوقۇپ، ئۆگىنىپ ۋە شەرھىيلەپ بېرىدىغان ئادەملەر بولۇشى زۆرۈر. ئەنە شۇ چاغدا، ئىشىنىمەنكى، بىز پۈتۈن دۇنياغا غايە بېغىشلايدىغان خەلققە ئايلىنىمىز. بورخېسنىڭ بىر سۆزى بار: «بىر كۈن كىتاب ئوقۇمىغان ئادەم يۈز يىل جاھالەتتە يۈرگەن ئادەم بىلەن باراۋەردۇر» بورخېس بىرەر كۈننىمۇ مۇتائىلەسىز ئۆتكۈزمىگەن. ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدا، كۆزلىرى كۆرمەي قالغاندا، باشقىلارغا ئوقۇتۇپ ئاڭلىغان. بۇ يەردە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، تەپەككۇرغا، رورقا خىزمەت قىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇتائىلە قىلسىڭىز، رورىڭىز ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدا بۇ دۇنيادىكى باشقا نەرسىلەرگە ئېتىبار بەرمەيسىز.


ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئىلى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرجىمە بۆلۈمىدە

«كۈسەن مەدەنىيىتى» نىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilistan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-20 20:15  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش