يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 5

ئابدۇرېشىت سۇلايمان :سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن



باھار بىلەن لىق تولغان يۈرىكىڭنى بىلىمەن.  دۇنيانىڭ يىراق بىر چېتىدە سىنى ئەسلەۋاتقان ئاشىقنىڭ كۆڭۈل سىزىقچىلىرىغا ئورۇنلاشقان سۆيگۈنىڭ پايانى سايرام كۆلىدىنمۇ چوڭقۇر بولغان بۇ كۈنلەردە ئىستەكلەرگە تولغان سېغىنىشنىڭ سەن بىلەن باشلىنىپ، سەن بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆيگۈدىن ئىبارەت بۇ ئوتنىڭ ئىچىدە سۇلالىلەرگە ياندىشىپ ياشاۋاتقىنىمدا تەشنالىغىمدىكى باھارئاخىرلىشىپ ئاسمىنىمغا تاشلىغان نىگاھلىرىڭ ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ كېتىشكە بىشارەت بەردى.سۆيگۈنىڭ ئاپتاپلىرىغا قاقلاندىم. يۈرىكىم كاۋاپ بولدى.


سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن،


قەلبىمنى سىزدىم، سىدام قىنىمدا .


نەزىر قىلدىم سۆيگۈمگە ئاتاپ ،


كۇنلىرىمدە ھالرەڭ  تاۋۇتنى .


ھايات جامى ئىچىدە سەھەر ،


ئۇزاتتىم ئۆلۈمگە ئۆزلىكىمنى .

.




سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


ئەسىرگە ئايلاندىم ئايازدىن باشلاپ .


قارچۇقىڭدا رەڭسىز سىمايىم ،


سۆيگۈدىكى مېھىرنى يادلاپ .


كېچىدىكى ئۇيقۇسى بىلەن ،

سۆيگۈنىڭ چۆلدە قالدى يېتىرقاپ .

مەن ساڭا يىقىنمەن جىنىڭغا ئوخشاش ،


سەنمۇ ھەم يىقىنسەن ،قەلبىمگە ئاپتاپ .
.





سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


يۈرىكىڭنى ئوقۇۋاتىمەن .


قەلىبلەرنىڭ زىندانلىرىدا ،


مەن ئۆزۈمگە قايتىۋاتىمەن .


.




سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


ئاھ ! زېمىنغا ئىنسان بولۇپ يارىلىپ .


ھەر قىسمەتكە تەييار تۇردۇم ئايدىڭدا ،


قۇملۇقلارغا سەھەرلەردە چېچىلىپ .


قىيامەتتىن قايتىپ كەلگەن ئۆتمۈشكە ،


زېمىندىكى كۈلكەم بىلەن يىغامنى


ئېيتىپ بەردىم مۇڭلىرىمدا ئۆكۈنۈپ .

.




سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


ئېلىپ كەلدىم يامغۇرلاردىن ناخشىنى .


باھاردىكى شاماللاردىن سورىدىم ،


ئارمىنىمدىن يىراقلاشقان ئايدىڭنى .

.




سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


روھتىن روھقا كۆچۈپ تۇردۇم ئايدىڭدا .


چۆكتۈم تۈندە كېچىلەرنىڭ  باغرىغا ،


روھتىن روھقا كۆچۈپ تۇردۇم ئايدىڭدا.


يېقىنلاشتى ماڭا سەندىن  باشقىسى ،


روھتىن روھقا كۆچۈپ تۇردۇم ئايدىڭدا.

.




سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


شۇ يىراق كېچىنىڭ چىقىپ سىرىتىغا .


مەن زاماندا باقتىم يۇيۇنۇپ ،


چۈش بېغىدا پەرۋازدا قۇشلار .

.




سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


سەن مېنى سەھەردە ئوقۇۋاتقاندا .


سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


سەن ئۆلۈمدىن قايتىۋاتقاندا .


سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىنى


سەن


كېچىلەردە تىڭشاۋاتقاندا .

.




سۆيگۈلەرنى تىڭشاۋاتىمەن ،


مەن تاغدا ھېجىرانغا ئېيىتتىم ئەلۋىدا .


باھارنى ھەر تېنىق چىللاپ سۆيگۈگە ،


سۆيگۈدىن ،ئىشىقتىن ، بېرىمەن سادا .






2013-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكەن)








مەن كەلدىم


قارا تاشلارنىڭ ئۇھسىنىشى بىلەن باشلانغان سەھەرلىرىم كېچىگە ئۇزاۋاتقاندا چۆچەكلەر بىلەن باشلانغان ھازىرلىقىمدا تېنىق يوق .چىراقلىرى ئۇچۇپ كەتكەن بىلىقچىنىڭ كەپىسىدىن قاچان ئۇزىغانلىغىمنى قىياس قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋۇ دوڭنىڭ يانتۇلۇغىدىكى بۇلاق بويىغا بىرىشىم كىرەك .



ﻣﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ
قانلىرىمدا  ﺗﻮﯞﻟﯩﺪﻯ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ...
قانلىرىمدا سىزىپ چىققان شەھرىمنىڭ
كۇيىۋاتقان ئىتىقاتىدا
ﻗﻮﻗﺎﺳﺘﻪﻙ ﭼﯩﭽﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻏﯘﺭﯗﺭ ،
ﮔﯘﻧﺎﮪ شەھرىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان ،
سەنەمنىڭ
غەزەپ –نەپرەتلىرىگە كىتەي  دەيمەن.

ئەي !!ئاھاڭدار جۇملىلەر..
ئەي !زۇرۇر نەرسىلەر بىلەن
ئەركەكلىكلىنىڭ چۇقانلىرىدا
قارارلارغا  جاۋاپ ئىزلىگەن
ئەي !ئۇيغۇر  تىلى خەۋەرلىرى
قانداق يازىمىز «ئەركەك »سوزىنى ؟؟

مەن كەلدىم ،
سەندىن جۇدا بولغان ئوتمۇشنىڭ
ساھىلىغا ،قىيانلىرىغا .
جەسىدىڭگە باستۇرۇپ كەلگەن ،
لىرىكاڭنىڭ داۋانلىرىغا .

مەن كەلدىم ،
سىيىت نوچىنىڭ داستانلىرىغا .
جەسىدىڭگە باستۇرۇپ كەلگەن ،
چىن –تۇمۇرنىڭ ئولۇم دەيدىغان
كۇلكە ئاتلىق ئازاپلىرىغا .

مەن كەلدىم ،
يىغامدىكى بەخت دەيدىغان
مەشۇقۇمنىڭ زىندانلىرىغا .


مەن كەلدىم ،
تۇلپارىم قىنىدا سىنىڭ نەزمەڭ بار .
بوۋام ئوغۇزنىڭ زامانلىرىدا ،
ھازىرلىقنىڭ كۇندۇزلىرى بار .
شەرىقىمنىڭ چۆچەكلىرىدە
شەھرىزات ئاتلىق سەنەمنىڭ ،
ئازاپ ئاتلىق بەختلىرى بار .

مەن كەلدىم
ئازاپ يانتۇلىغىدىكى بۇلاق بويىغا .
كۇتۇشلەر باغرىدا ئوقۇپ ئۆلۇمنى ،
ھازىرلىق كۇندۇزدە تۇنەۋاتقاندا .
خاس ھاجىپ روھىدىن ئىزلەپ ھىكمەتنى ،
زامان ۋە سۇلارنىڭ ئازاپلىرىغا .
قىنىمغا ئوت قويۇپ، يۇرۇگۇمگە ئوت ،
سول يىنىمدا كويدۇرۇپ سەنەم
ئوڭ يىنىمدا ئوقۇدۇم  دۇئا .





ئاپتۇرنىڭ «ئەر كەلدى »ناملىق داستانىدىن پارچە









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-20 19:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-20 22:45:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-5-20 23:17:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yakturdum

ۋاقتى: 2015-5-20 23:17:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yakturdum

ۋاقتى: 2015-5-21 11:54:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇت بولسۇن. ئەمدى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

ۋاقتى: 2015-5-21 12:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوزۇرلاندىم،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش