يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 533|ئىنكاس: 19

تاشيولچى: ساختىپەزلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                            ساختىپەزلىك

                 ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى

ئۆتۈپ كەتتى «دەم ئېلىش» تۇلۇق ئالماي بىر نەپەس،
ئىشقا  كەلدىم  سالپىيىپ  خوشياقماستىن  دۈشەنبە.
جان بېقىشنىڭ غېمى بار، پۇل تېپىشقا بار ھەۋەس،
يەنە  كەلدىم  ئامالسىز،  ئىلاجىسىز  سەيشەنبە.
زىرىكىشلىك «ۋاقىت» بار، ئىشتىن چۈشمەك تېخى تەس،
ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەر باشلىق ئىشچان، چارشەنبە.
ھەر پاتاڭغا  ئارتىلغان  ۋەزىپىلەر  كۆپ  پەۋەس،
تۈگۈتەلمەي  ئۆتىدۇ  ئالدۇراڭغۇ  پەيشەنبە.
كۆنۈپ قالدى تەنقىدكە قۇلاق قېلىن، بەز ئەمەس،
خەۋەر بىرىپ «ئارام»دىن ئۆتەر جۈمە بىردەمدە.
چىلاشقىچە ئىچىمەن، كەچ بولمايلا مەس ئەلەس،
ئارام ئېلىش شەرەپلىك!.. شۇنچە تاتلىق بۇ شەنبە.
چۈش بولغۇچە قوپماستىن چۈش كۆرىمەن ئىگىز-پەس،
ئۆتۈپ كىتەر بەكمۇ  تىز ئۆمرى قىسقا يەكشەنبە.
مەنا تاپماي كۈن كىتەر، خام خىياللار كىتەلمەس،
بارنى خەجلەپ تۈگەتتىم يىغالماستىن تۆت تەڭگە.
قاچان يۇقتى ھۇرۇنلۇق؟ ئەقلىم بۇنى بىلەلمەس،
يوقلاپ كەلدى تۇيدۇرماي ساختىپەزلىك ھەمدەمگە.
نەسىھەتكە مەيلىم يوق،گەپ قىلماڭلا بولدى بەس!
ياشاپ  باقاي  ھاياتنى  ماسلاشتۇرۇپ  قەدەمگە.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +100 يىغىش سەۋەبى
ئاماشى + 100

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-20 10:04:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇشاقماس خىزمەتچىلەر بىر ئوقسا بولغۇدەك!

ۋاقتى: 2015-5-20 10:51:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېردا ھۇرۇنلۇق،راھەتپەرەسلىك ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن يۇرتۇپ بېرىلىپتۇ. ھەي ، قاچان تۈگەر بىزلەردىكى ئاشۇ ئىللەتلەر؟!.....

ۋاقتى: 2015-5-20 11:27:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6- مىسرادىكى «ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەر باشلىق ئىشچان، چارشەنبە» دېگەن مىسرادىكى «باشلىق ئىشچان»نى «ئىشچان باشلىق»دەپ ئورنىنى ئالماشتۇرساق سىزچە قانداق؟ بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلسا دارتىملاش كەيپىياتى شەكىللىنىدىكەن.
ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ئاكا.

مھراي بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-5-20 12:50:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مھراي بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-5-20 12:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-5-20 13:29:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدىكەن؟؟

ۋاقتى: 2015-5-20 14:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىر خاراكتىرىگە ئىگە بۇ شېئىر مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ. قەلەملىرىگە بەرىكەت يار بولسۇن!

باھا سۆز

بەرگەن مەدىتىڭىزگە تەشەككۈر ئۈمىدجان!  ۋاقتى: 2015-5-21 11:50 AM
ۋاقتى: 2015-5-20 14:11:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم،

باھا سۆز

رەھمەت دوستۇم!  ۋاقتى: 2015-5-22 09:50 PM
ۋاقتى: 2015-5-20 17:19:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكبەرجان مۇۋھپپىقىيەتلىك چىققان بۇ شېئىرىڭىزسدىن سۆيۈندىم، مۇبارەك بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-21 11:28:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2015-5-20 11:27
6- مىسرادىكى «ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەر باشلىق ئىشچان، چارشە ...

قايتا ئوقۇپ باقسام پىكرىڭىز ئورۇنلۇق تۇرىدۇ.
خېلى يىللار بۇرۇن ئەتراپىمدىكى خىزمەتچىلەردىن ھەپتە ئىچىدىكى كۈنلەرگە « خوشياقماس دۈشەنبە، ئىلاجىسىز سەيشەنبە، ئىشچان چاشەنبە، ئالدىراڭغۇ پەيشەنبە، خەۋەرچى ئازنە، شەرەپلىك شەنبە، ئۆمرى قىسقا يەكشەنبە» دەپ ئىسىم قويغانلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم. يېقىندا شۇ گەپلەر ئىسىمگە كىلىپ قېلىپ، بۇنىڭ ساختىپەزلەر تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ قالدىم. شۇ سەۋەپتىن بۇ سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن. ياختۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت سىڭلىم!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-21 11:32:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر يوللىغان ۋاقتى  2015-5-20 17:19
ئەكبەرجان مۇۋھپپىقىيەتلىك چىققان بۇ شېئىرىڭىزسدىن سۆ ...

بۇ يازمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقتى دەپ ئويلۇمىدىم ئۆمەرجان.  پەقەت بۇ بىر جۆيلۈپ بېقىشىم ئىدى. شۇنداقتىمۇ رىغبەت بەرگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-7-4 18:43:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشيولچى يوللىغان ۋاقتى  2015-5-21 11:32
بۇ يازمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقتى دەپ ئويلۇمىدىم ئۆمەر ...


مېنىڭچە تىلدىكى راۋانلىق، ئارتۇق زورۇقۇشتىن خالىلىق تىلدا پىشىۋاتقىنىڭىزنى دېرەكلەپ تۇرۇپتۇ،. بۇ ساتىرا ماڭا ياقتى، رەھمەت..

ۋاقتى: 2015-7-4 19:06:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاخىرقى 6 مىسرا (پىكىر)نى ئۈستىدىكى 14 مىسراغا پىرىسلىۋەتسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ يازمىڭىز ئۇسسىغان يەرگە بارغۇدەك ئېسىل بىر پارچە ئەسەرگە ئايلىنالايدۇ، دەپ قارىدىم!

ۋاقتى: 2015-7-5 00:23:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش