مەندەك نەدە بار
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
كەز زىمىن چۆل دەشتىنى تەشنايى مەندەك نەدە بار،
ياكى گۈل باغۇ ئىرەم بەرنايى مەندەك نەدە بار.
چاپقۇنى قىلغان زىمىن ۋەيرانىلەردىن نەپەرق،
شاۋقۇنى ئاشىقلىقىم سەۋدايى مەندەك نەدە بار.
كۆكسىدە ئاسقان قىلىچ تەييار ھايات جەڭگاھىغا ،
تاشلىنىپ چەكسىزلىكىم پەرۋايى مەندەك نەدە بار،
تۇيغۇلۇق قانماقنى باغرىڭدىن قېنىپ ئىچسەم ۋىسال،
قات -قېتىمدىن ئىنتىلىپ شەيدايى مەندەك نەدە بار.
گەر يېتىپ خارلىق ساڭا دىشۋار رەقىپكە مەن چايان،
پارتىلاپ ۋولقان كەبى سەپرايى مەندەك نەدە بار.
بەختىگە سۇلتان بىلىپ تاجۇ- تەخت تەق مېھرىدە ،
جان بىلىپ ھەم قان بىلىپ ھەمرايى مەندەك نەدە بار،
2015-يىلى 18- ماي (ئاتۇش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-18 11:46
|