يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 7

تۇغلۇق:روھ چېقىنلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
روھ چېقىنلىرى


مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق


1.ئۇيغۇر تىلى

1
ئۇيغۇر تىلى
يېتىپ كەلدىڭ ئادەم ئاتامنىڭ
خۇش زۇۋانلىق ئەۋلادلىرىدىن.
ئۇلۇغ ئوغۇز خاقان بوۋامنىڭ
زەپەر قۇچقان ئەجدادلىرىدىن.

ھەر تەرەپكە باتۇر ئوغۇزخان
سېنىڭ بىلەن يوللىغاچ يارلىق.
ھەيۋىتىدىن تىترەپ يەر-جاھان
رەقىبلەرگە قىلغانتى تارلىق.

يۇيۇنغاندەك ئالتۇن سۈيىدە
كېكەچلىكنىڭ ھەسرەت-تۇمانى.
سەن تارقاتقان ھېكمەت كۈيىدە
ئېغىزلانغان ئۇيغۇر زۇۋانى.

سۆزلىگەندە ئالىپ ئەرتوڭا
قۇلاق سالغان پۈتكۈل ماشايىخ.
ئېقىپ كەلدى ئۈزۈلمەي شۇڭا
كەچمىشلەردىن نۇرلانغان تارىخ...

2
ئۇيغۇر تىلى
رەڭ ئېلىپ پاك ئەجداد قېنىدىن
كامال تاپتىڭ ئوغۇز نەسلىدە.
قۇدرەت ئېلىپ شېرىن جېنىدىن
چېچەكلىدىڭ ئارزۇ ۋەسلىدە.

ھەر نەپەستە چېچىپ ئوت-يالقۇن
دۇرۇت ئېيتسا شامان باخشىسى.
يۇرتنى كۈيلەپ قوغۇرسۇ ئالتۇن
ئېيتقان گۈزەل «تۇرا ناخشىسى».

توققۇز ئوغۇز، توققۇز ئۇيغۇرنىڭ
دىللىرىنى ئەيلىدىڭ تۇتاش.
سەندىن تامغان ۋىجدان-غۇرۇرنىڭ
جىلۋىسىدۇر ھەر بىر مەڭگۈتاش.

«مەڭگۈتاش»لار تۆكۈپ ئاتەش كۈي
نۇرلانغانتى ئىدىقۇت-تۇرپان...
لاۋۇلدىغاچ ئوردۇكەنت-خانئۆي،
كۈلۈپ كەتكەن خوتەن، كىروران...

3
ئۇيغۇر تىلى
سەندىن كۆكلەپ چىقارغان قانات
ھە، ئۇ «بارچە نوملار تەپسىرى».
بولۇپ گويا بىر ئابىھايات
ئۆركەشلىگەن بىلىم كەۋسىرى.

ئوقۇپ ئاۋام «خۇئاستۇ ئانفىت»
قەھرىمانغا تىلىگەن ئاقيول.
يېزىلغاندا ۋاھ، «مايترى سىمىت»
نۇرغا چۆمگەن پۈتۈن ئۇيغۇرغول.

نۇر تامچىلاپ «ئالتۇن يارۇق»تىن
خانتەڭرىدە چاقنىغان قۇياش.
قۇتۇلۇپ ئەل ئىنجىمارۇقتىن
بۇرھان بىلەن بولغان بىر تۇتاش...

4
ئۇيغۇر تىلى
سەندە سۆزلەپ سۇتۇق بۇغراخان
ھۆكۈم سۈرگەن قەدىم خانئۆيدە.
ئىمان ئېيتىپ بولغان مۇسۇلمان
ئىسلام دىنى گۈللەپ ئۆي-ئۆيدە.

سېنىڭ بىلەن بىر تالاي ئالىم
تەپسىر قىلغان «قۇرئان كەرىم»نى.
نۇرلانسۇن دەپ ھۆسنۇ جامالىم،
خەلقىم ئىچكەن دەريا ئەزىمنى.

دېمەك، سېھرىڭ بىلەن ھەر سائەت
چېچەكلىگەن روھلار يىلتىزى.
ھەق مېھرىدىن تېپىپ ھىدايەت
ئۆركەشلىگەن ئۇيغۇر دېڭىزى...

5
ئۇيغۇر تىلى
سەن بولغاچقا ئەقىل جەۋھىرى
شېئىر يازغان ئاپرىنچۇر تېگىن.
قەلەم سۈرسە مەھمۇد كاشغەرى
قۇتلۇقلىغان پۈتۈن يەر-زېمىن.

سېنىڭ بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ
جاھانغا تىك تۇرۇپ سۆزلىگەن.
ئۇ «قۇتادغۇبىلىك» ئاجايىپ
ئەۋلادلارغا بەخت كۆزلىگەن.

ئەدىب ئەھمەد چىقىپ يۈكنەكتىن
يازدى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق».
سۆيۈنگەچكە ئاھ، چىن يۈرەكتىن
قۇتلۇقلىغان پۈتكۈل خالايىق.

كۈلۈپ كەتكەن پۈتۈن پەيغەمبەر
قەلەم ئالغان چاغدا رابغۇزى.
تۈن كۆكىدە چاقنىغان زەر-زەر
خەلقىمىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى.

سەندە بولغاچ چەكسىز بالاغەت،
غەزەل ئېيتقان لۇتفى، ئاتايى...
ئىشقىڭ بىلەن تاپقان كامالەت،
تەڭدىشى يوق شائىر نەۋايى.

«خەزايىنۇل مەئانى» گويا،
ئەسلىتىدۇ دېڭىز-ئوكياننى.
ھەر بىر غەزەل بىر ئېقىن-دەريا،
ھەر تامچىسى يايرىتار جاننى.

سەندە پۈتكەن «خەمسە نەۋايى»
ئاشىقلاردىن سۆزلەر ھېكايەت.
كىمكى بولسا ھەقكە پىدائىي
ئەۋلادلىرى تاپقان ھىدايەت.

شۇندىن كېيىن چىققان ئىز بېسىپ،
نەۋبەتى ھەم گۇمنام، زەلىلى...
كۆرسە شانلىق تارىخنى ئېچىپ،
نۇر چاچىدۇ يارقىن دەلىلى.

مانا ئۇلۇغ شائىر نەزارى
سېنىڭ بىلەن قىلغان خەتتاتلىق.
چېچەكلىگەچ ئىلىم باھارى
بولغان ئىدى ئەل-يۇرت ساۋاتلىق.

سېنىڭ بىلەن يازغاچ ھۆسنى خەت،
ئۇلۇغ كاتىب ــ نورۇز زىيائىي.
باغلاپ ساڭا دىلدىن مۇھەببەت
ئۆتكەن يەنە نۇرغۇن پىدائىي....

6
ئۇيغۇر تىلى
سەن ئەجدادتىن ئەۋلادقا قەدەر
يېتىپ كەلگەن مەڭگۈلۈك بىر تۇغ.
ھەر مۆچەڭدىن ھەر بىر شام-سەھەر
يۈرەكلەرگە تاشلىنار مىڭ چوغ.

سەن بەرگەچكە ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت،
سەپەر قىلغان ئۇيغۇر بالىسى.
قۇچاق ئاچقان كۆرسىتىپ ھىممەت،
ئۇلۇغ تارىم ــ ۋەتەن دالىسى.

قۇتلۇق شەۋقى چىقارغان گېزىت،
ئانا تىلدا دەپ «ئەركىن ھايات».
پەرۋاز قىلغان سانسىز قىز-يىگىت،
مېھرىڭ بەرگەچ ئاڭا پەر-قانات.

ئۇيغۇر دېسە «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»،
«ئويغان»، «غەزەپ ۋە زار» ئىچىدە!
قىزىل گۈلدەك چاچقان خۇشبۇي ھىد،
ھەر بىر سۆزى زۇلمەت كېچىدە!

سېنىڭ بىلەن «يىللارغا جاۋاب»
بەرگەچ مەغرۇر قاينام ئۆركىشى.
ھەر مىسرادا بىر ئوتلۇق خىتاب
چاقنار گويا بولۇپ قاشتېشى!

بولغاچ ئاڭا سەن بىلەن ھەمدەم
نىمشېھىت ھەم ئەھمەد زىيائىي...
پەرۋىش قىلدى سېنى دەممۇدەم
ئۆتكۈر،...كەبى سانسىز پىدائىي!

7
ئۇيغۇر تىلى
سەن خەلقىمنىڭ ۋىجدان-غۇرۇرى
ھەر سۆزۈڭدە ئالەمچە ھېكمەت.
ھەر جۈملەڭدە جەننەت ھوزۇرى،
سەنسىز دۇنيا قاراڭغۇ-زۇلمەت.

سەن بىلەنلا بۇ ئەزىز خەلقىم،
ھەقىقەتكە باغلار مۇھەببەت.
گاھى قىلىپ ئاڭا جان تەقدىم،
رەزىللىككە ياغدۇرار نەپرەت.

سەن تەڭرىمنىڭ سوۋغىسى-پاكروھ،
بېغىشلايسەن بىزگە كۈچ-قۇدرەت.
سەنسىز خەلقىم مەڭگۈلۈك مەجروھ،
قۇچالمايمىز ھېچ ئىشتا نۇسرەت.

2.ئۇيغۇر مەشرىپى

خۇددى خىزىر سۈپەت بوۋايلار
ئولتۇرىدۇ تۆرنى تولدۇرۇپ.
ئاپپاق لىچەك ئارتقان مومايلار
سىردىشىدۇ يېقىن ئولتۇرۇپ.

ياڭرىغاندا تەمبۇر، ساتار، داپ،
ئۈن قاتىدۇ يىغلاپ قومۇش نەي.
سايرىغاندا غېجەك ھەم راۋاب،
تىترەپ كېتەر يەر-زېمىن، ھەي-ھەي!

باشلانغاندا «ئون ئىككى مۇقام»
بار مەۋجۇدات ئاڭلايدۇ تىمتاس.
بارىكاللا ئېيتىپ ئەل-ئاۋام
ئەجدادلارغا بىلدۈرەر ئىخلاس.

ۋاھ، پەسىللىك دەريا سۈيىدەك
توختىغاندا راك، ئۆزھال، ئوشاق....
ئاڭلىنىدۇ ۋىجدان كۈيىدەك
ئىمان بىلەن توقۇلغان قوشاق.

ئارقىدىنلا باشلايدۇ ئويۇن،
چىنتۆمۈردەك بەردەم يىگىتلەر.
بەلدە بەلۋاغ، ئۇچىسىدا تون،
كۆزلىرىدە ئارزۇ-ئۈمىدلەر.

ئاندىن كېيىن چۈشەر مەيدانغا
سۇمبۇل چاچلىق پەرىشتە قىزلار.
نىگاھىدىن ئوت يېقىپ جانغا
چېكەر تىنماي كۆيۈكتىن ئىزلار.

ئاخىرىدا ئېيتىلسا ئەجەم،
چۇل-چۇل بولۇپ كېتەر تاغۇتاش،
ئاھ، ئۇنتۇلۇپ پۈتۈن دەرد-ئەلەم،
يۈرەكلەردە پارلايدۇ قۇياش.

پۈتۈن ئادەم بولۇپ شاد-خورام،
«چېكىتمە»گە دەسسەر باشقىچە.
«سەنەم» كۈلۈپ بەرگەندە سالام،
تەۋرەپ كېتەر قېرى-ياشقىچە.

داش قازاندەك قاينىغان سورۇن،
ئەسلىتىدۇ دېڭىز مەۋجىنى.
كىمكى ئالسا مەشرەبتىن ئورۇن،
كۆرەلەيدۇ ھايات ئەۋجىنى.

پاكىزلانسۇن دېسەك، روھىيەت،
داۋام ئەتسۇن ئۇيغۇر مەشرىپى.
ئەۋلادلارغا بېرەر تەربىيەت،
ئىشەنچ، ۋىجدان، غۇرۇر مەكتىپى.

3.ئۇيغۇر ئەتلىسى

قۇرۇپ قاقشال بولغان دەرەخكە
قويۇلسا گەر دەقىقە ئارتىپ.
سۇ يۈگۈرۈپ باھار پەسلىدەك
كۆكلىتىدۇ قايتا ياشارتىپ.

چېكىلگەندۇر ئۇنىڭغا بەرھەق،
يۇرتىمىزنىڭ بېھىش باغلىرى.
دولقۇنلىغان ئېقىن-دەريا ھەم
مەئىشەتلىك تەڭرىتاغلىرى.

ئۇيغۇر قىزى كىيىپ ئۈستىۋاش
يولدىن ئۆتكەن چاغدا تولغىنىپ.
ھەيرانلىقتىن ئوت يۇتار ئالەم
مەڭگۈلۈك بىر دەردكە چۇلغىنىپ.

ئۇ، خەلقىمىز ياراتقان ھۈنەر ـ
سەنئەتلەرنىڭ پەقەت قەترىسى.
ئىشەنمىسەڭ سۆزلەيدۇ ئەزگۈ
سىرلىرىنى ئۇيغۇر ئەتلىسى.

4.ئۇيغۇر مۇقامى

بار ئەجدادتىن مىراس قەدىم كۈي،
ئون ئىككى ئاي نامىغا تىمسال.
ئۇ ياڭرىغان چاغدا لاۋۇلداپ،
يىرتىلىدۇ يۈرەكلەر تال-تال.

ئۇ ئۇزاقتىن بېرى توختىماي،
ئاققان سۈزۈك روھلار ئېقىنى.
ئايرىلسا بۇ ئېقىن بەھرىدىن
چېچەكلەمتى ئەجدادلار قېنى؟

بۇ دۇنياغا ئۇنىڭ سېھىرىدىن
قايتا ئايان ئۇيغۇرنىڭ رەڭگى.
قەبرىسىدە كۈلگەندۇر بەلكىم
كۈي ئەلچىسى سۇجۇپ، پىرچەڭگى!

5.ئۇيغۇر قىزى

جامالىڭنى كۆرگەن لەھزىدە
يىلان كەبى تولغىنار قۇياش.
تەبەسسۇمدا تاشلىساڭ نەزەر
سۇدەك ئېقىپ كېتەر تاغۇ-تاش.

سۆزلىرىڭدىن قان قۇسار بۇلبۇل
يا بېھىشتىن ئالغانمىكىن رەڭ.
ئون سەككىزمىڭ ئالەم قوينىدا
بارمۇ ساڭا گۈزەللىكتە تەڭ؟

ئاھۇ كۆزۈڭ كۆڭۈل ئەينىكى
چاقنار ئۇندا سۆيگۈ، ھەقىقەت.
يارالدىڭمۇ خۇشبۇي باھاردىن
ئىزلىرىڭدىن كۆكلەر تەبىئەت.

تەرىپىڭنى ئاڭلاپ ھەسەتتىن
ياش تۆكەرمىش بىر توپ پەرىشتە.
«بىزنى شۇنداق چاندۇرامسەن؟» دەپ
تەڭرىگە ئەرز قىلمىش ئەرشتە.

جان بەرمىسەڭ تىنىقلىرىڭدىن
كۇمپەيكۇمدۇر ئاسمان گۈمبىزى.
سۆيگۈ-مېھرىڭ مەڭگۈلۈك دەريا
سەندە كۆكلەر ئۇيغۇر يىلتىزى.

6.ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرى

1
«مىڭئۆي» دەپ ئاڭلىغان كۈنى بوۋامدىن،
مىڭ قېتىم كۆيدۈم بىر ئوتنىڭ ئىچىدە.
مىڭ چۆچەك تۆكۈلگەن چاغدا مومامدىن،
مىڭ ئۆلۈپ تىرىلدىم ھەر بىر كېچىدە.

مىڭ بىر چۈش قەلبىمدە دائىم چېچەكلەپ،
مىڭ رەڭدە ھۆسنىگە تولۇپ ئېچىلدى.
مىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت مېنى ئىكەكلەپ،
مىڭ ئارزۇ قەلبىمگە نۇردەك چېچىلدى.

مىڭئۆيگە تەلپۈنۈپ باسقاندا ئاياغ،
مىڭ دەردكە تاشلىدى ئاتەش خىياللار.
مىڭ يىللاپ ساقلىغاچ ئۇلۇغ تەڭرىتاغ،
مىڭئۆيگە باشلىدى سالقىن شاماللار.

2
مىڭئۆينى قازغاندا ئۇيغۇر ئەجدادى،
مىڭ ھۇجرا چېتىلغان ئالماس قىياغا.
مىڭئۆينى كۆرگەندە ئوغۇز ئەۋلادى،
مىڭلىغان يۈرەكلەر تولغان زىياغا.

مىڭ يىللار بۇرۇنقى نۇرلۇق ئەسىردە
مىڭ يىللىق سۆيگۈدىن ئاتقانمىكىن تاڭ؟
مىڭئۆي دەپ ئاتالغان ھەر بىر قەسىردە
مىڭ شادلىق ئىلكىدە كۈلگەن بىر ئاھاڭ.

مىڭئۆيلەر ئالدىدا زۇمرەتتەك ئېقىن،
مىڭئۆيدىن ئاققاندەك ئىلىم دەرياسى.
مىڭئۆيلەر ھۇجرىسى ئاجايىپ يېقىن،
مىڭئۆيدىن نۇرلانغان بىلىم شەيداسى.

مىڭئۆيلەر تاغلارغا قانداق قېزىلغان؟
مىڭئۆينى ياشناتقان قانداق ئېتىكاپ؟
مىڭلىغان سۈرەتلەر قانداق سىزىلغان؟
مىڭ ئەپسۇس، قىيندى چەكسىز ئىزتىراب!

3
مىڭ بۇرھان خۇش كۈلگەن قەشقەردە خانئۆي،
مىڭ يىللىق تارىخنى نەچچە قاتلىغان.
مىڭۆيلەر سەركىسى ــ ئۈچبۇرھان مىڭئۆي،
مىڭ ياشتىن ساقمۇ ساق مىڭ يىل ئاتلىغان.

مىڭ قۇياش جىلۋىسى بار گۈزەل تۇرپان
مىڭئۆيدە ــ بېزەكلىك بىلەن تۇيۇقتا.
مىڭ راھىب تاۋلىنىپ بولغانمۇ بۇرھان؟
مىڭ يۇلتۇز چاقنايدۇ ھەر بىر ئويۇقتا.

مىڭئۆيلەر بولغاچقا قىزىل، قۇمتۇرا،...
مىڭ يىللاپ رەڭ بەرگەن ھەسەن-ھۈسەنگە.
مىڭ سەيياھ تەلپۈنۈپ قىلمىش غۇلغۇلا،
مىڭئۆيلەر دىيارى ــ قەدىم كۈسەنگە.

مىڭ سالام يوللاپكىم دەپتۇ دەشتئاتا:
«مىڭئۆينىڭ تېمىغا چېكىلگەن تارىخ.
مىڭئۆينى ئۇنتۇماق خاتا، بەك خاتا!
مىڭئۆيدە نۇرلانغان سانسىز ماشايىخ.

مىڭئۆيدە ھەر كۈنى قىلىپ ئىبادەت،
مىڭ ھېكمەت ئىزدىگەن مەلىكە جىۋا.
مىڭئۆيدە چوڭ بولۇپ تاپقان كامالەت،
مىڭ بۇددا يولىدا دەل كومراجىۋا....

مىڭئۆيلەر بەئەينى تەڭداشسىز سۈرەت،
مىڭ جىلۋە ئەيلەيدۇ ھەر بىر پەرىشتە.
مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ ئۆڭمەس ئۇ پەقەت،
مىڭ يىللار ئىلگىرى سىزغان رەۋىشتە.

مىڭئۆيلەر بۇرۇنقى ئىلاھىي قەسىر،
مىڭلىغان ئەجدادلار نۇرغا چۆمۈلگەن.
مىڭئۆيلەر يۈتمەيدۇ ئۆتسە مىڭ ئەسىر،
مىڭئۆيگە بىر تالاي ھېكمەت كۆمۈلگەن.

مىڭئۆيلەر ئىچىگە زەن قويۇپ قارا،
مىڭئۆيدە مىڭلىغان ئەجدادلىرىڭ بار.
مىڭئۆينىڭ تېمىدەك باغرى قان-يارا،
مىڭئۆينى ساقلىغان ئەۋلادلىرىڭ بار!...»

4
مىڭئۆينى ئايلاندىم مىسكىن رەۋىشتە،
مىڭ تاغدىن ئېغىرراق دەردكە چۇلغىنىپ.
مىڭ قېتىم يىغلىدى ھەر بىر پەرىشتە،
مىڭ يىللىق تارىختىن چىقتىم تولغىنىپ.

مىڭئۆيلەر خۇرسىنىپ ئۆتسە ئالدىمدىن،
مىڭ يىللاپ ئۆلمىگەن روھنى ئاختۇردۇم.
مىڭ غۇلاچ ئوت يېنىپ سۇنۇق باغرىمدىن،
مىڭ مەرتەم ئۆرتىنىپ يىغلاپ، ئاھ ئۇردۇم.

مىڭئۆيلەر ــ خەلقىمنىڭ قەدىم ئۆيلىرى،
مىڭئۆيدە كۆكلىگەن ئاي بىلەن قۇياش.
مىڭئۆيدە يارالغان ئۇيغۇر كۈيلىرى،
مىڭلىغان دىللارنى ئەيلەپ بىر تۇتاش!

7.ئۇيغۇر تەزكىرىسى

چىقسام بۈگۈن تەكلىماكاندىن
تونۇمىدى دۇنيادا ھېچكىم.
سوئال قويدى تەئەججۈپ بىلەن:
ــ سەن كىم؟
كۆزلىرىمدە چاقناپ ئۆچمەس نۇر،
جاۋاب بەردىم شۇ قەدەر مەغرۇر:
ــ مەن ئۇيغۇر!
ئوچۇق گۆردىن چىققاندەك ئۇلار
كۆزلىرىدە سىرغىپ سوغۇق نۇر.
ئۆز تىلىدا كېكەچلەپ تۇرۇپ،
سوئال قويدى يەنە ياندۇرۇپ:
ــ ئۇيغۇر؟!
يۈرىكىمدە يېنىپ ئاتەش نۇر،
چۈشەندۇردۇم ئۇلارغا بىر قۇر:
ــ ئۇيغۇر دېگەن ئىنسانىيەتنىڭ
ئەڭ قەدىمكى بىر گۈزەل قىسمى.
قىلىپ ئۇنىڭ رىزقىنى كەڭرى،
ياراتقاندا مۇقەددەس تەڭرى،
خانتەڭرىگە چېكىلگەن ئىسمى.

خۇرۇج ئېلىپ،
خۇش پۇرىغان سەككىز بېھىشنىڭ
ھەر تاڭدىكى تەبەسسۇمىدىن،
نۇرغا تولغان تەكلىماكاننىڭ
چاقناپ تۇرغان ئالتۇن قۇمىدىن.

خۇرۇج ئېلىپ،
ئادەم ئاتام، ھاۋۋا ئانامنىڭ
ھېجراندىكى كۆز ياشلىرىدىن
پەيدا بولۇپ چېچىلىپ كەتكەن
قەشقەر، خوتەن قاشتاشلىرىدىن.

خۇرۇج ئېلىپ،
كۈلۈپ تۇرغان ئابى كەۋسەردەك
بايقال، سايرام، باغراش سۈيىدىن،
شاۋقۇنىدا چۆلگە جان بەرگەن
ئۇرخۇن، ئىلى، تارىم كۈيىدىن
يۇغۇرۇلۇپ پۈتكەن پاك جىسمى،
ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغ بىر قىسمى.

يەرشارىغا كەلگەندىن بۇيان
ئاتا بولۇپ ئۇلۇغ خانتەڭرى.
ئانا بولۇپ قەدىردان تارىم
ئېچىپ بەرگەن باغرىنى كەڭرى.

تاش ئورماندەك ئۆستى بالباللار
ئاسىيانىڭ يايلاقلىرىدا.
كېچە-كۈندۈز سۆزلەپ رىۋايەت
ئالتاي، پامىر قىشلاقلىرىدا....

كۆك بۆرىگە ئەگىشىپ بىر چاغ
قوشۇن باشلاپ چىقىپ ئوغۇزخان.
دېسە ئۇ: «مەن ئۇيغۇر خاقانى!»
زىلزىلىگە كەلگەن يەر-جاھان....

يەجۈجىلەر كەلسە ئىسكەندەر
سېپىل سوقۇپ ئەيلىگەندە بەنت.
ئۇلۇغ قاغان ئالىپ ئەرتوڭا
كاشغەرنى قىلغان ئوردۇكەنت....

ئىران شاھى قانخور كەيخۇسراۋ
پاتمىغاندا پۈتۈن جاھانغا.
قارشى تۇرۇپ تۇمارىس ئانام
ئۇ ئەبلەخنى تويغۇزغان قانغا....

قوشۇن باشلاپ كەلگەندە دارا
ھەيۋەت بىلەن گۈزەل تۇرانغا.
قۇملۇققا غەرق ئەيلىگەن شىراق
باشلاپ كېلىپ تەكلىماكانغا....

كەشف قىلىپ ئاۋازلىق ئوقيا
ئات ئويناتسا باتۇر تەڭرىقۇت.
رەقىبلىرى يىغلىشىپ قان-قان،
ئەل-ۋەتەنگە كۈلگەن بەخت-قۇت....

ئەجدادلارنىڭ جەڭگىۋار روھى
چېچەك ئېچىپ تەكلىماكاندىن.
تەڭرىتاغنى نۇرغا تولدۇرغان
پارتلاپ چىقىپ بۆگۈ خاقاندىن....

بىلگە قاغان دەۋرىدە كۈلگەن
توققۇز ئوغۇز ھەم توققۇز ئۇيغۇر.
يول كۆرسەتكەچ بىلگە تۇنيۇقۇق
ئۆتۈكەندە چاقنىغان نۇر-نۇر.

ھەسەتخورلار قىلىشىپ سۈيىقەست
قىلغاندا كەڭ ئالەمنى مالەم.
ئۇلۇغ جەڭگە كىرسە كۈلتېگىن
ھەيرانلىقتا تىترىگەن ئالەم.

ئاخىرلىشىپ كۆكتۈرك دەۋرى
بەدنىيەتلەر كۆتۈرسە غەليان.
ھەر تەرەپكە پىترىشىپ ئاۋام،
ماڭغان چاغدا بولۇپ سەرگەردان.

قايتا قۇرۇپ جەسۇر ئۇيغۇرلار
ئەجدادلارنىڭ شانلىق تەختىنى.
ئورخۇن، تۇغلا بويلىرى ئارا
خەلقىمىزنىڭ ئاچقان بەختىنى.

ئۆركەشلىگەن ئورخۇن دەرياسى
بولۇپ ئۇلۇغ خانىلىقنىڭ نامى.
ئىلى، ئالتاي، پامىر يايلىقى
بولغان ئەلنىڭ كۆڭۈل ئارامى.

بۇ كەچمىشنى سۆزلەيدۇ دائىم
ئورخۇن ـ ئىنساي مەڭگۈ تاشلىرى.
ئايان ئۇندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ
كۈلكىسى ھەم قانلىق ياشلىرى....

ئۇزۇن ئۆتمەي سۇتۇق بۇغراخان
قوبۇل قىلىپ دىنى ئىسلامنى.
ئۈلگە بولۇپ خاقانىيەدە
باشلاپ ماڭدى پۈتۈن ئاۋامنى.

ئۆتتى مانا مىڭ يىلدىن كۆپرەك
قىلىپ دائىم ئىسلامغا بەيئەت.
كەلدى باشقا ھەر بىر ئەسىردە
ئاچچىق-چۈچۈك كۈتمىگەن قىسمەت.

ئەگرى-توقاي قىسمەتلىرىدىن
ئەقىل تېپىپ، ئېچىپ كۆزىنى.
ھەقىقەتنى تونۇپ بىرمۇبىر
ياراتقاندۇر قايتا ئۆزىنى.

ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق بىر ئەل،
ئۇنتۇيالماس ھېچقاچان تارىخ.
سۆزلەپ بېرەر كەچمىشلىرىنى
تارىخ يازغان سانسىز ماشايىخ.

دېمەك، ئۇيغۇر ئىنسانىيەتنىڭ
مەڭگۈلۈككە تالىق بىر قىسمى.
تەڭرىتاغنى ئەيلىگەچ ۋەتەن
خۇشبۇي ئارچا پۇرايدۇ جىسمى.
بولغىچىلىك قىيامەت قايىم
خانتەڭرىدە چاقنايدۇ ئىسمى!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 15:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-18 11:08:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دوستۇم، سىزگە ئامەت يار بولسۇن، « ئۇيغۇر مىڭ ئۆيلىرى» دېگەن بۆلەككە ھەۋىسىم كەلدى، ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ، « ئىزگۈ »نىڭ پەخرى سىزگە نېسىپ بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-18 16:57:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، دوستلارنىڭ ئىلھامى ماڭا قۇۋۋەت، قەلىمىمگە بەرىكەت بېغىشلايدۇ، ئەلۋەتتە!

ۋاقتى: 2015-5-19 13:05:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم تۇغلۇق، پاساھەتلىك شېئىرلىرىڭغا مۇبارەك بولسۇن! ئۇيغۇر تىلى ۋە مىڭئۆي ھەققىدىكى شېئىرلىرىڭ تارىخ تۇيغۇسى چوڭقۇر، مەزمۇنى تىرەن، ھېسسىيات چىن، تىلى جانلىق ۋە شۇنداق ئوبرازلىق چىقىپتۇ! ھاياجان ئىچىدە نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم، ئوقۇش جەريانىدا  گويا بىر مۇكەممەل تارىخىي داستاننى كۆرگەندەك بولدۇم، ئۆزۈمنى  شېئىرىي تۇيغۇ ۋە تارىخىي چىنلىق بىرىكىپ كەتكەن ئاجايىپ بىر مۇھىت ئىچىدە سېزىپ، چوڭقۇر بەدىئىي لەززەت ئالدىم، ساڭا مۇۋەپپەقىيەت يار بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-19 14:24:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، دوستلارنىڭ ئىلھامى ماڭا قۇۋۋەت، قەلىمىمگە بەرىكەت بېغىشلايدۇ، ئەلۋەتتە!

ۋاقتى: 2015-5-20 12:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھ چېقىنلىرىدىن سۆيۈندۈم ،  تۇغلۇق ئەپەندىمنىڭ  قەلىمى مەڭگۈ  چاپچىپ تۇرغاي !

ۋاقتى: 2015-5-22 23:27:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پۈتۈن تارىخنى يەتكۈزۈپسىز، قەلىمىڭىزگە قۇت بولسۇن تۇغلۇق قېرىندىشىم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-12 20:40:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«روھ چېقىنلىرى»نىڭ «ئىزگۈ»نىڭ نامزاتلىقىغا كىرگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. قوللىغۇچىلارغا يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش