كۆرۈش: 551|ئىنكاس: 11

م.ئۆزھال(ت): خەيزى شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەيزى شېئىرلىرى



مەتنۇرى ئۆزھال تەرجىمىسى



كەنت



ئۇغۇل-قىزى بىلەن بىر ئانا
ئولتۇراتتى كەنىتتە ،
سىنچىلاپ نەزەر سالاتتى
جىمجىت چوڭ بولىۋاتقان ئۇغلىغا.

قۇمۇش پۈپۈكىنىڭ ئارىسىدا.
كەنت بولسا بىر ئاپپاق  كىمە.
قۇمۇش پۈپىگى سىڭلىمنىڭ ئىسمى،
مېنىڭ سىڭلىم گۈزەل مەلىكە.






村庄

作者:海子

村庄中住着母亲和儿女
儿子静静地长大
母亲静静地注视

芦花丛中
村庄是一只白色的船
我妹妹叫芦花
我妹妹很美丽






جاۋاپ بىرىش



بوغدايلىق،
باشقىلار كۆرسە سېنى،
تۇيۇلىسەن ئىللىق ۋە گۈزەل.
بىراق تۇرسام مەن
ئازاپلىق سۇئاللىرىڭنىڭ مەركىزىدە
كۆيدۈرۈپ
جاراھەتلەندۈرۈپ قۇيىمەن سېنى ،
تۇرسام قۇياشتا مەن
سانچىلىدۇ ھەسرەت قىلتىرىقلىرى.
بۇغدايلىق،
ئاھ،سىرلىق سۇئال سورىغۇچى.

شۇدەم موڭلىنىپ ئالدىڭدا تۇرماقتىمەن ،
مېنى يۇقسۇل دىمىگىن ،
ئىككى قۇلۇمنى قۇپ-قۇرۇق دىمىگىن.






答复


作者:海子

麦地
别人看见你
觉得你温暖 美丽
我则站在你痛苦质问的中心
被你灼伤
我站在太阳 痛苦的芒上

麦地
神秘的质问者啊

当我痛苦地站在你的面前
你不能说我一无所有
你不能说我两手空空









يۇقالغان دېڭىز سۈيى



بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر ئانا
ئۆزىنى قاچۇرار ئىكەن بىر دېھقاندىن .
ئېتىزلىقتا يۇقۇتۇپ قويغاچقا ئۇنىڭ چاپقۇسىنى .
ئۇ قۇدۇپقا تاشلاپ ئۆلتۈرۈپ ئۆز بوۋىقىنى
چۆلگە ئايلاندۇرغان ئىكەن تاشلاپ قۇيۇپ ئېتىزىنى.

چىراق يۇرىقىدا خىرە ئۇچراتتىم  ئاشۇ ئەرۋاھنى
ئۇ سەكرەپ چىقىپ دېڭىزغا قاراپ كېتىۋاتاتتى.
مەن ۋە دادامنىڭ قاردەك چېچىمىز كۈيىۋاتقاندەك
دېڭىز ئاشلىق ئامبىرى ئۈستىدە ئۆركەشلەيتتى،




海水没顶

作者:海子

原始的妈妈
躲避一位农民
把他的柴刀丢在地里
把自己的婴儿溺死井中
田地任其荒芜

灯上我恍惚遇见这个灵魂
跳上大海而去
大海在粮仓上汹涌
似乎我和我的父亲
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-17 14:13  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-17 01:07:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيزى ۋە ئۇنىڭ بىر شېئىرى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇنىياز ئىمىن

خەيزى-(1964-1989) ئەسلى ئىسمى جاخەيشىڭ، ئەنخۇي ئەنچىڭ شەھىرى چاۋەن كەنتىدە چوڭ بولغان، 1979-يىلى  15يېشىدا بېيجىڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ قانۇن فاكولتىتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن، ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش جەريانىدا شېئىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغلانغان. 1983 -يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرىستتىنىڭ قانۇن پەلسەپە تەتقىقات ئىشخانىسغا خىزمەتكە تەقسم قىلىنغان . 1989-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شەنخەيگۈەن بىلەن لوڭجىيايىڭ ئارلىقىدىكى رېلسىستا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.
ئۇ قىسقىغىنە ئىجادىيەت داۋامىدا گەرچە باشقىلارنىڭ چۈشىنىشگە ئېرىشەلمەي كەلگەن بولسىمۇ، بىراق، ئۇ جوڭگو 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئەدەبىيات تارىخىدا بار كۈچى بىلەن ئەدەبىيات بىلەن ھاياتلىق چىكىگە سوقۇلغۇچى شائىردۇر. يۇقىرى بەدىئي تالانتى ۋە مۆجىزىكار ئىجادىيەت قابىلىيتى، سەزگۈر ھېس-تۇيغۇسى، ئەتىراپلىق بىلمى ئارقىلىق نامرات ۋە مەنىسىز تۇرمۇش مۇھىتىدا 2 مىليۇن خەت ئەتىراپىدا شېئىر، ھېكايە، كومدىيە، ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «بىراق سۇ، سۇ»، «زىمىن» ناملىق داستانىلىرى، «قۇياش» نامىلىق دىرامما ئەسىرى ۋە نۇرغۇنلىغان تاماملانمىغان ئەسەرلىرى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان شېئىر توپلاملىرى بار. ئۇ 1986-يىلى بېجىڭ ئۇنېۋىرسىتىتى بىرىنچى قېتىملىق ئەدەبىيات سەنئەت-بايرىمىنىڭ 4-ماي ئەدەبىيات ئالاھىدە مۇكاپاتىغا، 1988يىلى ئۈچنچى نۆۋەتلىك«ئۆكتەبىر» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىرقىسىم ئەسەرلىرى تاللىنىپ 20 گە يېقىن شېئىري توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. بىراق، يەنە كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى رەتلىنىپ نەشىر قىلىشنى كۈتمەكتە .ئۇنىڭ قارىشچە «شېئىر ئەركنلىك ۋە سۈكۈتنى ئادەملەرگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان نەرسىدۇر»


            باھارگۈللىرى ئارا بېقىپ دېڭىزغا

              خەيزى

ئەتىدىن باشلاپ كۈلۈپ ياشايمەن
سەيلە قىلىپ، ئوتۇن كېسىپ، ئوت سېلىپ ئاتقا
ئەتىدىن باشلاپ كۆڭۈل بۆلىمەن ئاشلىق كۆكتاتقا
ياشايمەن دېڭىز تامان باققان ئۆيۈمدە
ئەتىدىن باشلاپ خەت يازىمەن تۇغقانلىرىمغا
بېرىمەن ئۇلارغا ئېيتىپ بەختىمنى
بەخت نۇرىنىڭ مەسىتخۇش ھىدىنى
ئېيتىمەن مەن ئۇنى ھەممە ھەممىگە.
ھەربىر دەرياغا قۇيىمەن يېقىشلىق
ياققىدەك بىر گۈزەل ئىسىمنى
ناتۇنۇش كىشى، مەن ساڭمۇ تىلەيمەن بەخىت
تىلەيمەن پارلاق كېلەچىكىڭنى
تىلەيمەن كۆڭۈلدىكى يارىڭ بىلەن ھەم
ئاداققى ھەمراھ بوپ بىرگە ئۆتۈشنى
ھەم تىلەكداش كۆرەلىشىڭگە
پورەكلىگەن بەخت گۈلۈڭنى
ئىنتىزار ئۆزۈم ھەم گۈل- چېچەك ئارا
دېڭىزغا تەلپۈنۈپ ئوتلۇق بېقىشنى


بۇ ئەسەر غەربىي شىمال سانائەت ئۇنۋېرستېتى تەرپىدىن 2009-يىلى نەشىر
قىلنغان «جوڭگو ھازىرقى ۋە يېقىنقى زامان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن  تاللانما»
ناملىق كىتابدىن تەرجىمە قىلندى .

ۋاقتى: 2015-5-17 01:19:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tvnyukuk يوللىغان ۋاقتى  2015-5-17 01:07
خەيزى ۋە ئۇنىڭ بىر شېئىرى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇنىياز  ...

ئىزدىنىشلىرىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ سەۋر-تاقەت تىلەيمەن، مۇشۇ يولدا بوشاشماڭ.

ۋاقتى: 2015-5-18 14:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خەيزىنىڭ شېىرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن.تەرجىماننىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-18 15:37:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا ياكى يىغا

خەيزى
كۆمۈپ قويۇپ قاپچۇقىمنى
مىۋىلىك دەرەخنىڭ ئاستىغا ،
ناخشا ئېيتماقتىمەن ئات ئېغىلىدا،
ئېيتماقتىمەن يۈرەكتىن ناخشا.
ياغاچ كارۋاتتىكى بىتاپ تۇققىنىم
ناخشا ئېيتماقتىمەن  پەقەتلا ساڭا.
ئولتۇرىسەن ساپما كەشنىڭ ئۈستىدە،
بىر ئاق قوي
قۇيرۇقىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان
يەنە بىر ئاق قوينى بەك سېغىنغاندەك ؛
سەن ئېيتىسەن يەككە-يېگانە مەن دەپ،
خۇددى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا
مارىس ئۈن ئۈچۈنچى ئايماقنى يۇرۇتقاندىكى
ئەنە شۇنداق غېرىبلىقتەك.
تۈندە ئاھ ئۇرۇپ يىغلايسەن،
يىغلايسەن خۇددى بىر تال قاقشال ياغاچتەك،
خۇددى رەڭلىك توپراق خۇش بۇي تارقاتقاندەك.


مەتنۇرى ئۆزھال تەرجىمىسى
歌或哭
作者:海子
我把包裹埋在果树下
我是在马厩里歌唱
是在歌唱
木床上病中的亲属
我只为你歌唱
你坐在拖鞋上
象一只白羊墨念拖着尾巴的
另一只白羊
你说你孤独
就象很久以前
火星照耀十三个州府
你那样孤独
你在夜里哭着
象一只木头一样哭着
象花色的土散着香气



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئۆزھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-18 15:40  


ۋاقتى: 2015-5-18 16:27:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا ئىيتىشمۇ يىغلاشمۇ

بوغچامنى يۇشۇرۇپ قويدۇم مەن كۆمۈپ
مىۋىلىك دەرەخنىڭ تۈۋىنى كولاپ.
پەقەتلا كىسەلمەن توققۇنۇم سەنچۈن
تۇرىمەن ئىغىلدا بىر ناخشا توۋلاپ.
............

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-19 11:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچە قەسىدىسى

     خەيزى



ــــ تۈندىكى قىزغا بېغىشلايمەن



تۇسىۋالدى يۇرۇق ئاسماننى.
كۆتۈرىلىپ كېچە زېمىندىن .
ھوسۇلدىن كېيىن چۆللەشكەن يەر
ئۆرلىمەكتە كېچە باغرىڭدىن.

ئۇزاق يوللار ئۈتىدۇ مۇشۇ يەردىن .
يىراقتىن كەلدىڭ،مەن بارىمەن يىراققا.
ھېچنىمىسى يوق يۇقسۇل ئاسمان
تەسەللى بىرىسەن ماڭا نىمىشقا.

ھوسۇلدىن كېيىن
يەر چۆمدى سۈكۈتكە ،
كېتىشتى رىزقىنى يىغىپ كىشىلەر .
كۆمۈلدى چوڭقۇر تۇپراق قوينىغا
يەرگە قالدۇرۇلغان رەھمەتلىكلەر.

نۇر چېچىپ ئوت ئارىسى ،
شال پاخىلىنى دۆۋىلەيدۇ ئوت ئىچىگە .
شال دۆۋىلىنەر قاپ-قاراڭغۇ قازناققا .
قازناق بەك قاراڭغۇ،بەك جىمجىت،
ھەم بەك مول، بەكمۇ قاقاس،
كۆرۈپ قالدىم ئالۋاستىنىڭ كۆزىنى
مول ھوسۇلنىڭ ئارىسىدا.

قارا يامغۇر تامچىسىدەك قۇشلارنىڭ توپى
ئۇچۇپ كېرىدۇ گۈگۈمدىن تۈن قوينىغا.
ھېچنىمىسى يوق قارا كېچە
تەسەللى بىرىسەن ماڭا نىمىشقا.


يولدا مېڭىۋېتىپ،
ئۈنلۈك ئېيتىمەن ناخشا ،
بۇران سوقان قىيا ئۈستىدە
بىپايان ساما.


مەتنۇرى ئۆزھال تەرجىمىسى


黑夜的献诗

作者:海子

——献给黑夜的女儿

黑夜从大地上升起
遮住了光明的天空
丰收后荒凉的大地
黑夜从你内部升起

你从远方来,我到远方去
遥远的路程经过这里
天空一无所有
为何给我安慰

丰收之后荒凉的大地
人们取走了一年的收成
取走了粮食骑走了马
留在地里的人,埋的很深

草叉闪闪发亮,稻草堆在火上
稻谷堆在黑暗的谷仓
谷仓中太黑暗,太寂静,太丰收
也太荒凉,我在丰收中看到了阎王的眼睛

黑雨滴一样的鸟群
从黄昏飞入黑夜
黑夜一无所有
为何给我安慰

走在路上
放声歌唱
大风刮过山岗
上面是无边的天空


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئۆزھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-20 15:37  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-22 04:01:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




سىنتەبىر



خەيزى


ئۇلۇق روھلار ياتقان يايلاقتا
ياۋا گۈللەر چاچىدۇ  پۇراق.
يىراق يەردىن كەلگەن شوخ شامال.
يىراقتىكى يەردىنمۇ يىراق.

ئۆكسۈپ يىغلاش سازىمنىڭ كۈيى،
قۇرۇپ كەتتى كۆزدىكى دەريا.
ئۇشبۇ يەرنىڭ يىراقلىقىنى،
قايتۇرىمەن گۈزەل يايلاققا.

ئاتىلىدۇ ياغاچ دەپ بىرى ،
ئات قۇيرۇقى دىيىلەر بىرسى.
شىلدىر-شىلدىر سازىمنىڭ ئۈنى،
قۇرۇپ كەتتى كۆزلەرنىڭ يېشى.

پەقەت ئۈلۈم ئىچرە يىراق يەر
تولۇپ كېتەر ياۋا گۈللەرگە.
نەچچە ئىرا چاچتى نۇرىنى.
ئەينەكتەك ئاي يايلاق ئۈستىدە.

شىلدىر-شىلدىر سازىمنىڭ ئۈنى،
قۇرۇق دەريا ئاقتى كۆزلەردىن.
ئۆزەم يالغۇز ئاتنى قامچىلاپ،
كېزىپ ئۆتتۈم چەكسىز يايلاقتىن





九月

作者:海子

目击众神死亡的草原上野花一片
远在远方的风比远方更远
我的琴声呜咽 泪水全无
我把这远方的远归还草原
一个叫木头 一个叫马尾
我的琴声呜咽 泪水全无

远方只有在死亡中凝聚野花一片
明月如镜 高悬草原 映照千年岁月
我的琴声呜咽 泪水全无
只身打马过草原


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئۆزھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-3 13:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-3 13:05:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



سۈبھى(1)



پاك-پاكىزە سۈپۈرۈپ ئاسمان ، زىمىننى ،
قايتۇردۇم نا تۇنۇش يات بىرسىگە،
غېرىپلىق ئىلكىدە ساقلىماقتىمەن،
فىۋرالنىڭ قار، يامغۇرلىرىنى.
ھەم كۈتمەكتىمەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە؛
نىشانسىز ئاقماقتا بۇلاق سۇلىرى ،
ئېچىلماقتا گۈل –چىچەكلەر كىملەرگە،
يارىلانغان بۇغدايلار مۇشۇنداق
گۈزەل مەڭگۈگە ،
ئۇلار ئەتراپقا چېچىپ خۇش پۇراق
تۇرىدۇ تاغلارنىڭ تۆپىلىكىدە.
.


چۆللەشكەن يەر بىرىدۇ بەرداش،
چۆللەشكەن ئاسماننىڭ چاقماقلىرىغا.
سىرلىق كىتاپنىڭ
باش بۆلىكى پەرۋازىم مېنىڭ .
تەڭداشسىز يۇرۇقلۇق بەزى چاغلاردا
ئوخشاپ قالىدۇ تۇتۇق بۈگۈنگە .
سىرلىق كىتاپنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى،
ئىپلاسلىق ھەم شاد-خۇراملىق ،
ئۇمۇ يارىلانغان پەرۋازىمدۇر ئەلبەتتە.
قاقاس يەر بىرىدۇ بەرداش
سامانىڭ يەنىمۇ  چۆللىشىشىگە.

قوپ-قۇرۇق يەرلىرىم ۋە ئاسمىنىم،
بىر سىرلىق كىتاپ،
باش بۆلىمى بىلەن ئاخىرقى بۆلىمى
قوشۇلۇپ مۇكەممەل بىر نۇسقا بولغان.
قار،يامغۇر ھەم كۆز ياش بۇلۇپ فىۋرالدا
قايتا قايتا  پارچىلانغان جېنىم ئاقماقتا.


                                            مەتنۇرى ئۆزھال تەرجىمىسى










黎明(之1)


作者:海子

我把天空和大地打扫干干净净
归还一个陌不相识的人
我寂寞地等,我阴沉地等
二月的雪,二月的雨
泉水白白流淌
花朵为谁开放
永远是这样美丽负伤的麦子
吐着芳香,站在山岗上

荒凉大地承受着荒凉天空的雷霆
圣书上卷是我的翅膀,无比明亮
有时象一个阴沉沉的今天
圣书下卷肮脏而欢乐
当然也是我受伤的翅膀
荒凉大地承受着更加荒凉的天空

我空空荡荡的大地和天空
是上卷和下卷合成一本
的圣书,是我重又劈开的肢体
流着雨雪、泪水在二月



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئۆزھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-3 13:08  


ۋاقتى: 2015-6-4 17:18:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيزى شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-26 15:49:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



چىللىنىڭ* ئېيى يىراق ئەمەس



خەيزى


چىللىنىڭ ئېيى يىراق ئەمەس
جىنىسنىڭ تۇغۇلمىقى ئەمەس يىراق.
سۆيگۈ ھەم  يىراق ئەمەس،
ئاتنىڭ بۇرنى ئاستىدا كۆللەر قىرتاق.




شۇڭا يىراق ئەمەس چىڭخەي كۆلى.
رەت-رەت ھەرە ساندۇقى كۆل بويىدا.
يېشىل ئوت-چۆپ،ئېچىلغان گۈللەر
كۆرىنىدۇ سۈرۈن، مەپتۇنكار ماڭا.






ئۈستىدە چىڭخەي كۆلىنىڭ
ئوخشايدۇ دۇلدۇلغا غېرىپلىقىم.
(دۇلدۇلى ئەمەس يىراق شۇڭا بىھىشنىڭ)






مېنىڭ ئەشۇ سەۋدايىلىقىم،
ياۋا گۈلدۇر
غېڭشىپ ئېيتىلغان نەزمىلەردە.
ھەم دۇلدۇلنىڭ يۈرىكىدىكى
زەھەرلىك ياۋا گۈلدۇر ئۇ يىگانە.
(ئەي چىڭخەي كۆلى،سۆيگۈمنى ئۆچۈرۋەتكىنە)





ياۋا گۈلنىڭ يېشىل غولى يىراق ئەمەس،
دۇرا ساندۇقىدىكى قەدىمى جەمەتنام * ھەم.
(باشقا ساياقلار داۋالىنىپلا
قايتىشىدۇ ئەسلى يىرىگە،
بېرىپ كۆرگۈم كەلدى سىلەرنى شۇدەم ).






يىراق ئەمەس شۇڭا تاغقا چىقىش ،ئۈلۈم ،كۆلچەك،
ئىسكىلىت ئۇلاپ پۈتۈنلەيدۇ تېنىمنى،
كۆك رەڭلىك سۇ ئۈستىدىكى دەرەخ شېخىدەك.








ئاھ ! چىڭخەي كۆلى،
گۈگۈم يېيىلماقتا بىپايان سۇ يۈزىگە
كۆز ئالدىمدا زاھىر بولغاندەك ھەممە!






پەقەت باھار ئېيىدا* كۆز ئاچقان قۇش تۇپلىرى
ئاللا قاچان كەتتى ئۇچۇپ،
گۆھىرىمنى يۇتۇۋالغان تۇنجى قۇشمۇ كەتتى ئۇچۇپ،
قېلىپ قالغىنى پەقەت چىڭخەي كۆلى ،
بۇ گۆھىرىمنىڭ جەسىتىدۇر.
گۈگۈم بىپايان سۇ يۈزىدە قالدى ئۇيۇپ.





چىللىنىڭ ئېيى ـــــ 7-ئاي
باھار ئېيى      ـــــ 5-ئاي
جەمەتنام        ـــــ فامىلە

مەتنۇرى ئۆزھال تەرجىمىسى









七月不远
作者:海子
——给青海湖 请熄灭我的爱情
七月不远
性别的诞生不远
爱情不远——马鼻子下
湖泊含盐
因此青海湖不远
湖畔一捆捆蜂箱
使我显得凄凄迷人
青草开满鲜花
青海湖上
我的孤独如天堂的马匹
(因此 天堂的马匹不远)
我就是那个情种: 诗中吟唱的野花
天堂的马肚子里唯一含毒的野花
(青海湖 请熄灭我的爱情!)
野花青梗不远 医箱内古老姓氏不远
(其他的浪子 治好了疾病
已回原籍 我这就想去见你们)
因此爬山涉水死亡不远
骨骼挂遍我身体
如同蓝色水上的树枝
啊! 青海湖 暮色苍茫的水面
一切如在眼前
只有五月生命的鸟群早已飞去
只有饮我宝石的头一只鸟早已飞去
只剩下青海湖 这宝石的尸体
暮色苍茫的水面



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئۆزھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-26 16:00  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-21 19:01:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سورىماق



خەيزى





يېشىل بوغدايلىقتا
يۈگۈرەيدۇ ،
قار ۋە قۇياشنىڭ شۇلىسى.


شائىر
قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەسسەن
بوغدايلىق ھەم نۇرنىڭ مېھرىنى.
بىرخىل ئىستەك،
بىر ئاق نىيەت،
قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەسسەن.



قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەسسەن،
بېشىڭنىڭ ئۈستىدە
نۇر چېچىۋاتقان بىر تال يۇلتۇز
جىمجىتقىنە كۆيمەكتە .



مەتنۇرى ئۆزھال تەرجىمىسى





讯问

作者:海子

在青麦地上跑着
雪和太阳的光芒

诗人 你无力偿还
麦地和光芒的情义
一种愿望
一种善良
你无力偿还

你无力偿还
一颗放射光芒的星辰
在你头顶寂寞燃烧
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئۆزھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-21 19:12  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش