يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: parhat kazim

قەيسەر قەييۇم: « ‹جىمجىت جۇڭغارىيە› رومانى ھەققىدىكى ئەبجەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-5-20 21:55:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-5-21 18:58:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2015-5-22 16:29:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەن ۋە بىزنىڭ ئائىلە ئاتاقلىق يازغۇچى قېيىپ تۇردى ئاكا بىلەن بەش يىل قوشنا ئولتۇرغان،  قېيۇم ئاكا قۇلۇم-قوشنىرىغا كۆيىنىدىغان، ئۇرۇق-تۇخقانلىرىغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، قانى كۆكسى كەڭ، مىھرىبان كىشى ئىدى، شۇڭا مەن تارىم ژۇرنىلىدا چىقان بارلىق ئەسەرلىرىنى  زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇغانىدىم، ئەمما بۇ تالاش-تارتىشقا  سۈكىت قىلىپ كۆزىتىپ باقتىم.ھەر خىل ئىكاسلارنى ئوقۇدۇم، ناھايىتى بەلەن جاۋاب ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىر ، تونۇلغان ئەدەبىي تـەرجىمان قەيسەر قېيۇمنىڭ ماقالىسى دەل جايىدا يېزىلغان ماقالە بولدى. شۇڭا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىزغا چويلىدا توختىمايدىغان گەپلەرنى توقۇپ ماقالە يېزىپ يۈرمەيلى، يازالىساق ئوبزورچىلىرىمىز دېيەلمىگەن يېڭى گەپلەر بولسا، ئوقۇرمەنلەرنى بىلىپ قالسۇن نوقتىسىدىن قەلەم تەۋرەتسەك بولىدۇ. ئەمما يوقىلاڭ گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە قەتتىي بولمايدۇ. سەۋەبى خەلق ئادىل سودىيە.

باھا سۆز

تۇخقانلىرىغا-تۇغقانلىرىغا...  ۋاقتى: 2016-3-14 11:10 PM
ۋاقتى: 2015-6-24 17:18:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gheyurani يوللىغان ۋاقتى  2015-5-22 16:29
ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەن ۋە بىزنىڭ ئائىلە ئاتاقلىق يا ...

دېگەنلىرى بەرھەق گەپلەر بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-9-3 22:53:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۈرەشچان يىللار»رومانى مەن رادىئودىن ئاڭلىغان تۇنجى ئاۋازلىق رومان. ئۇ چاغلاردا ئۇ چاغلاردا دېكتورنىڭ روماننى ئوقۇش ماھىرىتىنىڭ يوقۇرلىقىدىنمۇ بۇ روماننى ياقتۇرۇپ تولۇق ئاڭلىغان ئىدىم.  مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن«كۈرەشچان يىللار» ۋە«قىزىلتاغ....»
دېگەن رومانلىرىنى قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇدۇم. ھەر ئۈچلا روماننىڭ باش تېمىسى ئوخشاش : يەرلىك كەمبەغەل(باتۇر)لارنىڭ يەرلىك بايلار ۋە ئەينى زاماندىكى سابىق بەگلەر بىلەن بولغان ئىنقىلابى كۈرىشى مەدھىيلىنىدۇ. ھەر-بىر پىرسۇناژنىڭ خاراكتىرى ئاۋال بايان قىلىنىۋېتىپ ئاندىن ئۇنى تەسۋىرلەش باشلىنىدۇ. مەن قېيۇم تۇردىنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىغاندا قەيسەر قېيۇمنىڭ«تەڭرىتاغ»ژورنىلىدا يىگىرمە يىللارچە ئىلىگىرى ئېلان قىلىنغان«زېمىننىڭ ھېكايىسى»دېگەن پوۋىستىنى تولىمۇ ياقتۇرغان ئىدىم. قەيسەر قېيۇمنىڭ  مەرھۇم دادىسىغا قارىغاندا ئۆزگىچە بىر ئەدەبىيات يولىدا ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


باھا سۆز

ماقالە ئاپتورى بىلەن ئۇ قەيسەر قېيۇم ئىككى ئادەم.  ۋاقتى: 2016-3-15 05:14 PM
«زېمىننىڭ ھېكايىسى»دېگەن پوۋىستىنى يازغان قەيسەر قېيۇم غۇلجىدا.  ۋاقتى: 2016-3-15 05:14 PM
ۋاقتى: 2016-3-7 17:40:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن يۇقارقى ئوبزورنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، شۇنداقلا باھا - ئىنكاسلارنىمۇ كۆردۈم . ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ھېسابسىز قان - تەر بەدىلىگە ئەدەبىات مۇنبىرىمىزدە ئېسىل ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۆھپە قوشۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرغان ، شۇڭا ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىزغا چويلىدا توختىمايدىغان گەپلەرنى توقۇپ ، خالىغانچە ماقالە - ئىنكاس  يېزىپ يۈرمەيلى، يازالىساق ئوبزورچىلىرىمىز دېيەلمىگەن يېڭى - يېڭى گەپلەر بولسا، ئوقۇرمەنلەرنى قائىل قىلارلىق نوقتىسىدىن قەلەم تەۋرەتسەك بولىدۇ. ئەمما تۇتامى يوق يوقىلاڭ گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ يۈرمەيلى ، ۋاقتىمىز بولسا كۆپرەك كىتاب كۆرۈپ، بىلىم ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشايلى  .

ۋاقتى: 2016-3-7 17:40:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقارقى ئوبزورنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، شۇنداقلا باھا - ئىنكاسلارنىمۇ كۆردۈم . ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ھېسابسىز قان - تەر بەدىلىگە ئەدەبىات مۇنبىرىمىزدە ئېسىل ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۆھپە قوشۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرغان ، شۇڭا ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىزغا چويلىدا توختىمايدىغان گەپلەرنى توقۇپ ، خالىغانچە ماقالە - ئىنكاس  يېزىپ يۈرمەيلى، يازالىساق ئوبزورچىلىرىمىز دېيەلمىگەن يېڭى گەپلەر بولسا، ئوقۇرمەنلەرنى قائىل قىلارلىق نوقتىسىدىن قەلەم تەۋرەتسەك بولىدۇ. ئەمما تۇتامى يوق يوقىلاڭ گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ يۈرمەيلى ، ۋاقتىمىز بولسا كۆپرەك كىتاب كۆرۈپ، بىلىم ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشايلى  .

ۋاقتى: 2016-3-7 22:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىرقانچە ئوبزورچىنىڭ ‹‹ئەگرى››قەلىمى خەلقمىزنىڭ ساداسىغا ۋەكىلىك قىلالمايدۇ...بىراق شۇ خىلدىكى ‹‹جۆيلىمە››لەرنىڭمۇ پەيدا بوپ تۇرغىنى ياخشى، چۈنكى ئۇ يەنىلا بىر ھەقىقەتنىڭ چاقنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ...

بۈيۈك بىر كىتابتا ‹‹سىلەر يامان دەپ قارىغان نەرسىنىڭ كەينىدە مەلۇم بىر پايدىلىق ئامىل بار››دەپ كۆرسىتىلگەنىكەن...

ۋاقتى: 2016-3-14 15:57:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئوبزور ياخشى ، پاكىتلىق يېزىلىپتۇ ، بىرقانچە ئوبزورچىنىڭ ‹‹ئەگرى››قەلىمى خەلقمىزنىڭ ساداسىغا ھەرگىزمۇ  ۋەكىلىك قىلالمايدۇ...

باھا سۆز

ۋەكىلىك -ۋەكىللىك...  ۋاقتى: 2016-3-14 06:19 PM
ۋاقتى: 2016-3-14 20:36:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىمىزدىكى دىندىن خالى ئەدەبىيات نەزىريەسىنى ياقىلىغۇچى ئەپەندىلەرنىڭ دۇنياۋى ئەسەرلىنى كۆرسەك بوپتىكەن، يا ئېنگىلىسچە يازغان بولسا بىز كۆرمەي يۈردۇقمۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى تەقدىرنىمۇ ئۆزگەرتەلەمدىغاندۇ، ئۆلۈمنىمۇ تەر ئېتەلەمدىغانمىدۇ ياكى ئۆلۈم ئالدىدا ( مەنمەنچىلىكتە شۇنداق دەپ قويسام، بىر توپ ھاماقەت نېرى بېرىنى ئويلىمايلا ئەگەشكىلى تۇدى   دەپ  زارلاۋاتقانمىدۇ. ھەي ، ئىنسان ھېسياتنىڭ ئارقىسىغا كىرسە ئۆزىنىمۇ ئىنكار قىلىدىكەن.

ۋاقتى: 2016-3-28 12:34:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان ھېسياتنىڭ ئارقىسىغا كىرسە ئۆزىنىمۇ ئىنكار قىلىدىكەن.

  مانا بۇ ھەقىقەتەن دۇرۇس !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش