ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەن ۋە بىزنىڭ ئائىلە ئاتاقلىق يازغۇچى قېيىپ تۇردى ئاكا بىلەن بەش يىل قوشنا ئولتۇرغان، قېيۇم ئاكا قۇلۇم-قوشنىرىغا كۆيىنىدىغان، ئۇرۇق-تۇخقانلىرىغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، قانى كۆكسى كەڭ، مىھرىبان كىشى ئىدى، شۇڭا مەن تارىم ژۇرنىلىدا چىقان بارلىق ئەسەرلىرىنى زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇغانىدىم، ئەمما بۇ تالاش-تارتىشقا سۈكىت قىلىپ كۆزىتىپ باقتىم.ھەر خىل ئىكاسلارنى ئوقۇدۇم، ناھايىتى بەلەن جاۋاب ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىر ، تونۇلغان ئەدەبىي تـەرجىمان قەيسەر قېيۇمنىڭ ماقالىسى دەل جايىدا يېزىلغان ماقالە بولدى. شۇڭا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىزغا چويلىدا توختىمايدىغان گەپلەرنى توقۇپ ماقالە يېزىپ يۈرمەيلى، يازالىساق ئوبزورچىلىرىمىز دېيەلمىگەن يېڭى گەپلەر بولسا، ئوقۇرمەنلەرنى بىلىپ قالسۇن نوقتىسىدىن قەلەم تەۋرەتسەك بولىدۇ. ئەمما يوقىلاڭ گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە قەتتىي بولمايدۇ. سەۋەبى خەلق ئادىل سودىيە.
|