مۇختار مۇھەممەتئىمىن نەزەر
جازا
( ھېكايە )
ئاشۇ كۈنى كەچكە يېقىن ئۇ ئالدىنقى پەيشەنبىدە چىشى ئاغرىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك مەرھۇم بوۋىسىنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ، شۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يۈزىسىدىن ناھىيىنىڭ شەرقىدىكى چوڭ قەبرىستانلىققا كەلگەن ئىدى . كۈندۈزتىن بېرى ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ، كەچ كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ، نېمىشقىدۇر ئۆزىنى قانداقتۇر بىر ئىشنى كەم قىلغاندەك ھېس قىلىپ ، كەچ كىرىپ كەتكىنىگە قارىماي ، بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى .
بوۋىسى ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدى . كىچىك ۋاقىتلىرىدا بوۋىسى ئۇنى تىزىغا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ ، يىرىك ساقاللىرىنى ئۇنىڭ يۇمران مەڭزىگە سۈركەپ ، قىچىقلاپ ئەركىلتەتتى . كۈندە دېگۈدەك قىززىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ ، ئۇنىڭ بالىلىق دۇنياسىغا ئاجايىپ بىر مەنا ئاتا قىلاتتى . ھەتتا ئۇ چوڭ بولۇپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ بوۋىسى كۈنىدە بىر دېگۈدەك ئۇنىڭ ئىدارىسىغا بېرىپ ، ئۇنى كۆرۈپ كېتەتتى . ئۇ بازارلىق ھۆكۈمەتتە ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيتتى . بوۋىسىنى تونۇغاچقىمۇ ، بوۋىسى ھەر قېتىم كەلگەندە باشقىلارنى « كىملىكنى چىقىرىپ تىزىملىتىڭ » دەيدىغان دەرۋازىۋەنلەر گەپ – سۆزسىزلا كىرگۈزىۋېتەتتى .
ناھايىتى ئەپسۇس ، بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى شۇنداق تىمەن تۇرغان بوۋىسى ئۇشتۇمتۇت قازا قىلدى . بۇ چاغدا ئۇ ئىدارىدە بولغاچقا ، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە بوۋىسىنىڭ قېشىدا بولالمىدى . نە بىرەر ئېغىز گېپىنى ئاڭلىيالىسا كاشكى ! ئۇ يىغلىدى ، قاقشىدى . ئاخىرىدا باشقىلارغا ئوخشاش تەقدىرگە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولدى ، تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر توپ جامائەتنىڭ ھەمراھلىقىدا ، بوۋىسىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا مەڭگۈلۈككە ئۇزىتىپ قويدى . ئەمما ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى سەھەردە تۇپراق بېشىنى يوقلاشنى تاشلىمىدى . تاساددىپىي سەۋەبلەر بىلەن بارالماي قالسا ئەتىسى ياكى باشقا كۈنلىرى بولسىمۇ بېرىپ يوقلاشنى ئادەت قىلدى . بۇنى ئۇنىڭدىكى بوۋىسىغا بولغان تولىمۇ يۈكسەك سېغىنىش دېگەندىن كۆرە ئادەتلىنىش دېگەن توغرىراق ئىدى . ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ مۇشۇ ناھىيە بازىرىدا مەلۇم ئورنى بولغاچقا ، ئۆز نۆۋىتىدە ئويۇن – تاماشالارنىمۇ قولدىن بەرمەيتتى . ئويۇن قوغلاپ بىرەر ئاينىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ماشىنا ھادىسىسىنىمۇ پاك – پاكىز ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى . بۈگۈن كەچ بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، ئادىتى بويىچە بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى .
ناھىيە بازىرىنىڭ چېتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچ كىرىپ قالغاچقىمۇ ، ئەتراپتا ئادەم قارىسى كۆرۈنمەيتتى . ئۇ ئىگىز – پەس قەبرىلەرنى ئارىلاپ ئۆتۈپ ، بوۋىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا كەلدى ، يۈكۈنۈپ ئۇزاق ئولتۇردى . سۈرە – ئايەتلەرنى بىلمىسىمۇ ، بوۋىسىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى ، جايىنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلەپ ، يۈزلىرىنى سىيپىدى . ئېلىپ كەلگەن بىر سىقىم داننى تۇپراق بېشىغا چېچىۋېتىپ ، ئاستا ئورنىدىن تۇردى . بۇ چاغدا جاھان قاراڭغۇلۇققا چۆككەن بولۇپ ، قەيەرلەردىندۇر ئۇ ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئاللىقانداق قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئاڭلىناتتى . ئۇنى تۇرۇپلا سۈر باستى ، قانداقتۇر بىر ۋەھىمە ، چۆچۈش تۇيغۇسى ئۇنى بۇ يەردىن تېزرەك كېتىشكە ئۈندەيتتى . ئۇ قاتار قەبرىلەرنى ئارىلاپ ئۆتۈپ ، يولغا چىقتى . يولنىڭ ئىككى تەرىپى زۇمچەك – زۇمچەك قەبرە ئىدى . ئۇ ئالدىراپ ماڭدى . ئالدىرىغانچە كەينىدىن بىرەر نەرسە ئەگىشىپ كېلىۋاتقاندەك ، شىپىرلىغان ئاياغ تىۋىشى چىققاندەك قىلىپ ، پات – پات ئارقىسىغا قاراپ قوياتتى . شۇ چاغدا بىردىنلا يان تېلېفۇنىنىڭ سايرىشى ئۇنى تولىمۇ چۆچۈتىۋەتتى . تېلېفۇننى ئېلىپ قارىۋىدى ، كەلگەن تېلېفۇننىڭ نومۇرى كۆرۈنمىدى . ئۇ تېلېفۇننى قۇلىقىغا تۇتتى :
- ۋەي !
- قېشىمغا كېلىپ ، مېنى يوقلاپمۇ قوياي دېمەي كېتىۋاتىسىزغۇ ؟ - تېلېفۇندىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ، - تازىمۇ ۋاپاسىز ئىكەنسىز ، سىزنىمۇ كۆرۈپ قويدۇم .
ئۇ بۇ ئاۋازنى قەيەردىدۇر بىر يەردە ئاڭلىغاندەك قىلدى – يۇ ، لېكىن ئەسلىيەلمىدى . ئاۋاز ناھايىتى تونۇشتەكلا قىلاتتى . ئۇ يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدىشىنى بىراۋلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ، بىر قولى بىلەن مەيدىسىنى ناھايىتى چىڭ تۇتىۋالدى .
- سىز كىم ؟ - ئۇنىڭ ئاۋازى ئۆزىمۇ ئاڭلىيالمىغۇدەك بوش چىقتى .
- مانا ، بىرەر ئاي بولا – بولمايلا ئۇنتۇپ قالاي دەپسىز ، - تېلېفۇندىن بايىقى ئاۋاز ئاڭلاندى ، - مەن ئارزۇگۈل ، سىزنىڭ ئارزۇلۇق گۈلىڭىز . ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ ؟ ھىلىقى كۈنى سىزنىڭ ماشىنىڭىزدا . . .
ئۇنىڭ ئېسىگە كەلدى . بازارلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلەيدىغان ئارزۇگۈل ئىسىملىك چىرايلىققىنا قىز ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن لىپ قىلىپ ئۆتتى . ئىشقا چۈشكىنىگە بىرەر يىلچە بولغان ، تېخى توي قىلمىغان بۇ قىز ئۇنىڭ دەبدەبىلىك ۋەدىسى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئەرمىكىگە ئايلانغان ئىدى . ئۇ شۇنداق چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن ، ئۆز بۇيرۇقىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغانلىقىدىن مەغرۇرلىناتتى ، قىزنىڭ ئىنىسىنىڭ شىتاتىنى ھەل قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت قۇرۇق ئېمىزگە بىلەن قىزنى ئالداپ يۈرگەنلىكىنى ئۆزىلا بىلەتتى . بىر يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ بىر مېھماندارچىلىقتىن قايتىپ ، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ ، بىر قولى رولدا ، بىر قولى قىزنىڭ بېلىدە ، يول بويىدىكى ستولبىغا كاللا قويۇپ ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى . تەلىيىگە ئۇنىڭ جەينىكى ئازراقلا سۈرۈلۈپ كەتكەن ، باشقا جايلىرى ساق ئىدى . تەلەيسىز قىز شۇ قېتىملىق ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ، ئۇ بۇ ئىشنى ھوقۇقنىڭ كۈچى بىلەن ھەم ئۇيان – بۇيان قاتراپ ، تونۇش – بىلىشلەرنى ئىشقا سېلىپ يۈرۈپ ، ئاز – تولا پۇل بىلەن تۈگەتكەن ئىدى .
ئۇنى بىردىنلا سۈر باستى . ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن بۇ قىز قانداقسىگە ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلالايدۇ ؟ ئۇنىڭ قورقۇنچتىن بەدەنلىرى لاغ – لاغ تىترىدى ، چىشلىرى كاسىلداپ ، بىردەمدىلا بەدەنلىرىگە توخۇ ئەتلىرى ئۆرلەپ چىقتى . قورقۇنچتا قولىدىكى تېلېفۇن چۈشۈپ كەتتى . ئۇ تېلېفۇنغىمۇ قارىماستىن ، ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى . ئەتراپ سۈرلۈك قاراڭغۇلۇققا چۆككەن ئىدى . قەبرىستانلىقنىڭ ھەممىلا يېرىدە بىر – بىرىگە چىرمىشىپ ئۆسۈپ كەتكەن ئوت – چۆپلەر ، قەبرىلەرگە باغلانغان تۇغ – شەددىلەر بۇ مەڭگۈلۈك ماكاننى تېخىمۇ ۋەھىمىلىك تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى .
- قاچماڭ جېنىم ، - ئارقىسىدىن قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ، - ئىنىمنىڭ شىتاتىنى ھەل قىلدىڭىزمۇ ؟
ئۇ چۆچۈپ تېخىمۇ تېز يۈگۈردى ، يۈگۈرىۋېتىپ بىردىنلا نىمىگىدۇر پۇتلىشىپ پالاققىدە يىقىلدى . قورقۇپ تۇرسىمۇ ، ۋەھىمە ئارىلاش ئارقىسىغا قارىدى . ئۇنىڭ پۇتىنىڭ يېنىدىلا ئاپئاق كېپەنگە يۆگىنىپ ، يۈزلىرى خەسىدەك ئاقىرىپ كەتكەن ئارزۇگۈل تۇراتتى ! قىزنىڭ پەقەت يۈزىلا ئوچۇق بولۇپ ، باشقا جايلىرى كېپەننىڭ ئىچىدە ئىدى . ئۇنىڭ يۈرىكى چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى ! تىلى كالۋالىشىپ ، ئاغزىغا گەپمۇ كەلمىدى .
- سىزدىن سوراۋاتىمەن ، ئىنىمنىڭ شىتاتىنى ھەل قىلدىڭىزمۇ ؟ - قىزنىڭ سۈرلۈك ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى .
- مەن . . . مەن . . . - ئۇنىڭ چىشلىرى ھەدەپ كاسىلدايتتى ، ئورنىدىن تۇرماقچى بولاتتى – يۇ ، پۇت – قوللىرى ئۆزىگە بويسۇنمايتتى .
- دېمەك ، ھەل قىلماپسىز – دە ؟ ! ساختىپەز ، كاززاپ ! – قىزنىڭ قارىغان كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان نۇرسىز كۆزلىرى غەزەپ بىلەن چەكچەيدى ، كۆزلىرىدىن ئوت ياندى ، - قىزلىقىمنى ، ياشلىقىمنى ، ھاياتىمنى قايتۇرۇپ بەر ! ! ! . . .
قىزنىڭ باياتىن بېرى كۆرۈنمىگەن قوللىرى بىردىن كېپەندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى . بارماقلىرىدىن قان تامچىپ تۇرغان ، قاغجىراپ كەتكەن ئاپئاق ۋە ئۇزۇن ئىككى قول توپتوغرا ئۇنىڭ كېكىرتىكىگە سوزۇلدى . ئۇ جان ئاچچىقىدا قاتتىق بىر ۋارقىرىدى – دە ، بىردىن سۇنايلىنىپ يېتىپ قالدى . . .
***
ئەتىسى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئۇنىڭ جەسىدىنى ئۇچراتتى . ئۇنىڭدىن سەل نېرىدا بىر دانە ئىسىل يان تېلېفۇن تۇراتتى . كەلگەن تېلېفۇن خاتىرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئارزۇگۈل دەپ يېزىقلىق تۇراتتى .
2011 – 9 – 12 ( 01 ) باي
مەنبە: «دولان» ژۇرنىلى 2014-2-سان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەزەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-16 22:33
|