لالە
مۇھەممەت يۈسۈپ(ئۆزبېكىستان)
مەندىن نېمە قالىدۇ
ئىككى مىسرا شېئىر.
ئىككى ساندۇق كىتاب
بىر ئۇچۇم تۇپراق.
ئادەملەر ئارقامدىن نېمە دېسە دەر
مەن سېنى ئويلايمەن،
ئۆزۈمدىن كۆپراق
لالە، لالە جانىم، لالە قىزغالداق.
مەن كەتكەچ ياماندىن يىراق بول ئاھۇ
چۈنكى سەن چىرايلىق،كۆركەم بىر جۇۋان.
يامان كۈنلەر بىركۈنى ياخشى بۇلارۇ
يامان ئادەم ياخشى بولماس ھېچقاچان.
ياشا،چىگرادا تۇرغاندەك ئاگاھ
لالە، لالە جانىم،لالە قىزغالداق.
ئۆيدە ياتىمەن، ئۆيدە ياتىمەنۇ سېزىپ تۇرىمەن
كۆكتە كېتىۋاتىدۇ، قۇشلار قايتىشىپ
خەيىرلەر ياغدۇرۇپ قاناتلىرىدىن
خەستە شائىرغا ۋىدا ئېيتىشىپ،
بار، مەن ئۈچۈن ھەم ئۇلارغا قول قاق،
لالە، لالە جانىم،لالە قىزغالداق.
ئۇلارنى مەن يەنە كۆرەرمەنمۇ، ھە؟
ئايۋاندىن ئادەمدەك كۆزىتەلمىدىم.
كۈز، تويلار باشلاندى يۈرۈگىم پارە
بىرلا قىزىمنى ھەم ئۇزىتالمىدىم.
دېمەك، دېمەك تەقدىر ئىكەن توي كۆرمەي ئۆلمەك
لالە، لالە جانىم،لالە قىزغالداق.
بىراق، كۆڭلۈم سېزەر مەندىن كېيىن ھەم
بىر كۈن بۇ ھويلىغا ئادەم تولىدۇ
تېخى تويلار قىلىپ چارچايسەن ئەركەم
مېنىڭ قىزلىرىم ئەڭ بەختلىك بولىدۇ.
كېلىنلەر كۆڭلىكى روھىمدەك ئاپئاق
لالە، لالە جانىم،لالە قىزغالداق.
ئوغلۇم، ئوغلۇم يېقىنراق كەل،قارا نى سەۋدا
بۇ ئاجايىپ ئىشلارنى دىل لەۋھىگە ياز
كىمگە قەسىر يەتمەس، كىمگە مال-دۇنيا؟
ماڭا بولسا، ھاۋا يەتمەيدۇ خالاس.
تىرىكلەر مۈگدەكتە، ئۆلۈكلەر ئويغاق
لالە، لالە جانىم، لالە قىزغالداق.
كۆكسۈم كۆيۈپ بارار، كۆكرەك ياناقتا،
ئېيتىڭ دۇختۇرلارغا،يارسا يېرىشسۇن.
جىسمىم ئۆز ئۈلپىتى جاندىن تانماقتا،
بىچارە جان ئەمدى قەيەرگە بارسۇن؟!
ئەمدى ئاسمان يىراق، ئەمدى يەر يۇمشاق
لالە، لالە جانىم،لالە قىزغالداق.
بۇنى، بۇنى ھايات دەيدۇ، ئۇنۇتما ئەسلا،
بىركۈن ئېچىلىسەن، بىر كۈن سۇلىسەن.
قەلبىمدە ئىدىڭغۇ پەقەت سەن تەنھا،
قەبرەم ئۈستىدە ھەم ئۆزۈڭ بولىسەن.
سەن،بىزنىڭ سۆيگۈمىدىن خاتىرە، بايراق
لالە، لالە جانىم،لالە قىزغالداق.
مەندىن نېمە قالار
ئىككى مىسرا شېئىر.
ئەسەر«youku»غا قويۇلغان ئاۋازلىق نۇسقىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ خاتىرلەندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-15 22:06