كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 3

مۇھەممەدجان تىلىۋالدى: ئانا قەلبى مېھىر- مۇھەببەت بۇلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانا قەلبى مېھىر- مۇھەببەت بۇلىقى

مۇھەممەدجان تىلىۋالدى


ھەر قانداق ئىنسان زاتى قايسى مىللەت، قايسى ئىرقتىن بولسۇن، ئانىسىز دۇنياغا كەلمەيدۇ. ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرىدە ئۆسۈپ – يېتىلىپ، تەرەققىي قىلىدۇ. بىر ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن تارتقان جەبىر – جاپا، مۇشەققەتلىرى ئاز ئەمەس. ئانا بىر پەرزەنتكە ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ، ساق – سالامەت تۇغۇلغاندا، ئانا بولغۇچىنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش تەس...
    ئانا قەلبى مېھىر – مۇھەببەت بۇلىقى. ھەرقانداق ئىنسان شۇ بۇلاقتىن سۇ ئىچىپ كۆكلەيدۇ، ئەقىل تېپىپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. ‹‹ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھات بىلەن تولغان كۇھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى، شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى››. )ئابدۇقادىر جالالىدىن( شۇ ۋەجىدىن بارلىق ئۇلۇغلۇق ۋە شان – شەرەپ ئانىلارغا خاس بولۇپ، ئۇلۇغلۇقتا ئانىلارغا تەڭداش يەنە بىر ئىنسان تېپىلمايدۇ. ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى، قۇدرىتى ۋە ئېسىل خىسلەتلىرىنى ئاددىي تىل بىلەن مەڭگۈ تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، پەرزەنتكە بولغان كۆيۈم، مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ چەكسىزلىكى ھەققىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ‹‹ ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك›› ناملىق مەشھۇر داستانىدا مۇنداق بىر ۋەقە سۆزلىنىدۇ:
    ‹‹ئاتىسى يوق نامرات بىر يىگىت شاھنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئانىسىنى شاھنىڭ ھۇزۇرىغا زورلاپ ئەلچىلىككە ئەۋەتىدۇ. ئەلچىلىككە بارغان ئانىنى ئوردا ياساۋۇللىرى ئوردىغا ئەسلا كىرگۈزمەيدۇ. ئانا تىل – ھاقارەت ۋە مەسخىرىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئوغلىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارقا – ئارقىدىن ئوردىغا بارىدۇ. يىگىتتىن بەكلا بىزار بولغان مەلىكە بولسا ئۇنىڭغا قىيىن بىر ئىشنى تاپشۇرۇپ قۇتۇلماقچى بولىدۇ ۋە يىگىتكە: ‹‹مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز، مەن بىلەن توي قىلىپ مۇراد تاپماقچى بولسىڭىز، ئانىڭىزنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ كېلىپ ماڭا كۆرسىتىڭ›› دەيدۇ. يىگىت سۇلغۇن ھالەتتە ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، ئانىسىغا مەلىكىنىڭ بۇ ئېغىر شەرتىنى ئېيتىدۇ. ئانا بولسا ئوغلىنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ بېرىشكە تەييارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىشىق سەۋداسىدا خۇدىنى يوقاتقان يىگىت ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى سۇغىرىپ ئېلىپ ئوردىغا قاراپ چاپىدۇ. ئۇ مۇراد – مەقسىتىمگە يېتىدىغان بولدۇم دەپ خۇشال يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا يىگىتنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىپ، توپىغا مىلىنىپ كەتكەن ئانىنىڭ يۈرىكىدىن ‹‹ۋاي يۈرەك پارەم بالام، بىر يېرىڭ ئاغرىدىمۇ›› دېگەن سادا كېلىدۇ.
    رېئاللىقىمىزدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ھېكايىلەر ئاز ئەمەس. گېپىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مۇنۇ ھېكايىگە قۇلاق سېلىڭ:
    ئوغۇل ئانىسىغا بىر ۋاراق قەغەزنى ئوقۇپ بېقىش ئۈچۈن سۇندى. ئانىسى ۋاراقتىكى يېزىلغان خەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.
    بۇ ھەپتە ياتاق ئۆيۈمنى تازىلىغىنىمنىڭ باھاسى 70يۈەن، بازارغا بىللە بېرىشىپ بەرگىنىمنىڭ باھاسى 20 يۈەن، ئىنىم بىلەن بىللە ئوينىغىنىمنىڭ باھاسى 20 يۈەن، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇنىمنىڭ باھاسى70 يۈەن، سىزگە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگىنىمنىڭ باھاسى 20 يۈەن، ھەممىسى جەمئىي 200 يۈەن بوپتۇ. ھەققىمنى تېزرەك بەرسىڭىز...
خەتنى ئوقۇپ بولغان ئانا ئىللىق كۈلۈمسىرىدى ۋە ۋاراقنىڭ كەينىنى ئۆرۈپ مۇنداق يازدى:
سېنى توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقىنىمنىڭ باھاسى ھەقسىز، سېنى 20 ئايلىق بولغۇچە ئېمىتكەن سۈتۈمنىڭ باھاسى ھەقسىز، سېنى ئالتە ياشقا كىرگۈچە يۇيۇپ، كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ باققىنىمنىڭ باھاسى ھەقسىز، ئاغرىپ قالغىنىڭدا دوختۇرخانىدا كېچىچە يېنىڭدا ئولتۇرۇپ تاڭنى ئاتقۇزغىنىمنىڭ باھاسى ھەقسىز، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان سەن ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىم، تارتقان جاپالىرىمنىڭ باھاسى ھەقسىز، ساڭا ئېلىپ بەرگەن ھەربىر كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، ئويۇنچۇقلارنىڭ باھاسى ھەقسىز، ئى ئوغلۇم، مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ باھاسى ئۇنىڭ باراۋىرىدە بىرەر نەرسە يوق...
ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئوغۇل بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ ئۆكۈنگەن ھالدا:
ئانا، مېنى كەچۈرۈڭ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى – دە، ۋاراقنى قولىغا ئېلىپ ‹‹قايتۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان قەرز›› دەپ چوڭ قىلىپ يازدى...
ئانىلار ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ، ئەنە شۇنداق كۆيۈملۈك. بىر ئانا بوۋاق يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان شۇ سائەتتىن باشلاپ پەرزەنتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. شۇ پەرزەنتى ئۆزىنىڭ توغرا يولىنى ئۆزى تېپىپ ماڭغۇدەك بولغۇچە نۇرغۇن ئەقلى، كۈچ – قۇۋۋىتى ۋە ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىدۇ. بىلمىگەننى بىلدۈرۈپ، تونۇمىغاننى تونۇتۇپ، چۈشەنمىگەننى چۈشەندۈرۈپ، پەرزەنت ۋۇجۇدىنى ئەقىل سۈيى بىلەن سۇغىرىشقا تىرىشىپ بىر بالىنى چوڭ قىلىدۇ، بىر ئۆمۈر بالىسىنىڭ قايغۇسىغا قايغۇرۇپ ياش تۆكىدۇ، بالىسىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەممە كوچىلارغا قاتراشتىن باش تارتمايدۇ. ھەتتا يەنە شۇ بالىسى ئۈچۈن يۈرىكىنى قوش قوللاپ ئېلىپ سۇنۇشقا تەييار تۇرىدۇ...
مانا مۇشۇنداق مېھرىبان، كۆيۈمچان، مېھىر – مۇھەببەتلىك ئانىلارغا ۋاپادارلىق قىلىش، خىزمىتىدە بولۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىنسانىي بۇرچ، ئادىمىيلىك پەزىلەتتۇر. ئەگەر كىمىكى ئانىنىڭ ئەجىر – مېھنىتىگە كۆز يۇمسا، چوڭ بولۇۋېلىپلا سۆزىنى ئاڭلىمىسا، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزمىسە ئادىمىيلىك قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى بالىلار ئانىسى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە قەرزىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارغا ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزمەكتە. ئەمما، يەنە ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم بالىلار چوڭ بولۇۋېلىپلا، بىرەر خىزمەت، ھۈنەر – كەسىپ، ئىش – ئوقەتنىڭ پېشىنى تۇتۇۋېلىپلا ياكى توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇۋېلىپلا ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ ئانىسىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ يوللىرىغا قانچىلىك زارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماقتا.
سەمىمىزدە بولسۇنكى، ئانىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە بالىلار بىر ئۆمۈر قەرزدار. بىر بالا ئانىسىغا قانچىلىك شەپقەت كۆرسەتسۇن ۋە ۋاپادارلىق يەتكۈزسۇن ئانىنىڭ ئەجرىنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ بولالمايدۇ. شۇڭا ئەگەر ئانىڭىز ھايات بولۇپ سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولسا، ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىنى سوراڭ، ئەگەر سىزدىن يىراقتا بولسا، پات – پات ئەھۋال سوراپ، يوقلاپ تۇرۇڭ. ئەگەر تەقدىر – قىسمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە ئانىڭىز ۋاپات بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت خەيرلىك دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ...
دوستلار، ئانا ھەققىدە سۆزلىسەك تەسىرلىك ھېكايەتلەر تۈگىمەيدۇ. ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى ھەر كىم بالىلىق بولغاندا ئاندىن بىلىدۇ. كىمىكى ئانىسىنى رازى قىلسا ئۆمرى مەڭگۈ بەخت – سائادەت ئىچىدە ئۆتىدۇ، كىمىكى ئانىسىنى رازى قىلمىسا ئۆمرى مەڭگۈ خارلىقتا ئۆتىدۇ. ھەممىمىز ئانىلىرىمىز ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يېتىپ خىزمىتىنى قىلىۋالايلى، بالىلىق بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىۋالايلى، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئۇلارنى ھۆرمەت قىلايلى، ئالدىدىن توغرا ئۆتمەي ئىززىتىنى قىلايلى، ئانىلارغا بىر ئۆمۈر قەرزدار بولۇپ ياشايدىغانلىقىمىزنى ئەستىن چىقىرىپ قويمايلى. چۈنكى، ئاشۇ ئانىلىرىمىز بۇ جاھانغا باقىۋەندە ئەمەس، ئانىلار بىز ئۈچۈن تۆت كۈنلۈك مېھماندۇر.


بۇ يازمام «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ -كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-16 02:22:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم، تېتىملىق يازماڭلىدىن سۆيۈندۈم، ئىجادىيتىڭلارغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-5-16 23:03:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپمۇ تەسىرلىك ئىكەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 16:29:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇڭلان يوللىغان ۋاقتى  2015-5-16 02:22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم، تېتىملىق يازماڭلىدىن سۆيۈ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت دوستۇم. سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش