شېئىر ئۆلمەيدۇ
−ئوسمان قاۋۇلنىڭ «شېئىر يېزىۋاتىمەن» ناملىق نەسىرىنىڭ ئىزىنى بويلاپ...
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
بىزدە شېئىر يازىدىغانلار، شېئىر ئوقۇيدىغانلار قانچە كۆپەيسە ئىدى، ئارىمىزدا كىتاب ئوقۇيدىغانلار كۆپەيگەن بولاتتى. ئۇ چاغدا، كىتابخانىلاردىكى توم-توم، رەت-رەت كىتابلىرىمىزنى توپا بېسىپ قالمىغان بولاتتى. بەزىلەر «ئەدەبىياتىمىزنى شائىر قاپلاپ كەتتى»، «ئەدەبىياتىمىزدا شائىر ئوشۇقچىلىقى كۆرۈلۈۋاتىدۇ» دەپ قارىغۇلارچە بىلجىرلاپ شېئىر يېزىۋاتقانلارغا، شېئىر ئوقۇۋاتقانلارغا، قىسقىسى، كىتاب ئوقۇۋاتقانلارغا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈرۈۋاتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شېئىرىيىتمىز، جۈملىدىن ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى، ئادەملىرىمىزدىكى بەدىئىي تەربىيىلىنىش ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتكەندەك قىلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىزدا يەنىلا بايراقدارلىق رولىنى ئويناۋاتىدۇ، گەرچە پروزا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نەشر قىلىنىش، سېتىلىشتا بىرقەدەر تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئىخچام ۋە ئاممىبابلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلب دۇنياسىدا ھېلىھەم ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شېئىرىيىتىمىزنىڭ سېھرىي كۈچى قىلچە سۇسلاشقىنى يوق. شائىرلىرىمىز تۇرمۇشنىڭ رەڭگارەڭ كارتىنىلىرىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۈرەتلەپ بېرىۋاتىدۇ، ھاياتنىڭ مۇرەككەپ ھەقىقەتلىرىنى يەكۈنلەپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھازىر بىر قىسىم ياش شائىرلار ئىپادىلەش ئۇسۇلى، يېزىش شەكلى، شېئىرىي شەكىل ۋە قاپىيە جەھەتتە پېشقەدەم شائىرلارنىڭ ئىجادىي ئەنئەنىسىگە ئىجابىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىققا ئىنتىلىۋاتىدۇ، يېڭى شېئىرىي ئەندىزىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىمۇ بەلگىلىك شېئىرىي ئىماگ، بەدىئىي دىت، چوڭقۇر مەزمۇن، لىرىك تۇيغۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ. شۇڭا بەزىلەرنىڭ «ھازىرقى ياشلارنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى شېئىر دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلاردىن يا قاپىيەنى، يا رېتىمنى، يا مەنانى تاپقىلى بولمايدۇ» دېيىشلىرىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. بىز ئاۋۋال «بىزدە شېئىر ئوقۇيدىغانلار، شېئىرنى چۈشىنىدىغانلار زادى قانچىلىكتۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىپ ياشلارنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىگە ھوكۈم چىقارغىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى ياش شائىرلار شېئىرىيىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلاردۇر. شېئىر شائىرنىڭ قەلب تارىسىنى تىترىتىپ چىقىدىغان قايناق ھېسسىيات مېلودىيىسى. ئۇنىڭدا خەلقنىڭ خۇشاللىق-خاپىلىقلىرى، ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. نادىر شېئىرلاردىن بىر مىللەتنىڭ كۈرەش تارىخىنى، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى، مۇھەببەت قاراشلىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. «ئىز»، «تۈگىمەس ناخشا» قاتارلىق شېئىرلار نېمىشقا خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ؟ چۈنكى ئۇلاردا تۇرمۇش كارتىنىلىرى، ھايات ھەقىقەتلىرى چىن ۋە سەمىمىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «مەن شېئىر يېزىۋاتىمەن... شېئىر بىر گۈزەل ماھىيەت، ئۇنىڭ قاتلاملىرىغا كىرگىنىمدە ئۆزۈمنى ئاجايىپ غايىۋى پەللىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن... چۈنكى ئۇ روھنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭدىن تانغان، ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىك قىلغان ئادەم ئەشەددىي نادان ئادەمدۇر!...» («شېئىر يېزىۋاتىمەن»، «قاراماي گېزىتى» نىڭ 2011-يىل 25-ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان) مانا قاراڭ، شائىرلاردا مانا شۇنداق روھ، مانا شۇنداق ئىرادە، مانا شۇنداق كۈچلۈك شېئىرىي ھېسسىيات ماگمىدەك پارتلاپ تۇرسا، شېئىرنىڭ، شائىرنىڭ ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەسلىككە يەنە نېمە ھەددىمىز بار؟! دېمەك، شېئىرنى خەلققە ئەڭ يېقىن ژانىر، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار شېئىرىي مىللەت، دەپ قارىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شېئىرغا ئاسىيلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا، ئەدەبىياتىغا ئاسىيلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شېئىر ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ جەڭگىۋار ژانىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ.
مەنبە: "قاراماي گېزىتى" نىڭ 2011-يىل 2-دېكابىردىكى سانى
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق، ئەمما...
(نەسىر)
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىرلىك دوستۇم!
سەن خېتىڭدە مېنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن «ئازاد» قىلىپ شىركىتىڭدىن كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت بېرىدىغانلىقىڭ ھەققىدە تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىپسەن. رەھمەت دوستۇم، سېنىڭ سەمىمىي كۆڭلۈڭگە! مەن ئالدى بىلەن سېنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى چۈشەنگەنلىكىڭگە، ئۇلارنىڭ روھىي يۈكىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكىنىڭگە سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. چۈنكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باقمىغان ئادەمنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشەنمىكى بەسى مۈشكۈل ئىدى. بىلەمسەن، بىز بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت كىتاب ئوقۇپ بېرىپلا چىقىپ كېتىدىغان، ۋاقتىمىزنى ئىشخانىدا غەيۋەت-شىكايەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ھارام ئالدىغان بىكارچىلار ھېسابلىنىمىز. ئۇلار بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇبارسىز قەلبىگە گۈزەللىك ئۇرۇقى ۋە ئادىمىيلىك پەزىلەتنى چاچىدىغان مېھنەتكەش باغۋەن ئىكەنلىكىمىزنى زىنھار ھېس قىلىشمايدۇ. ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىننەتسىز قان-تەرى ئارقىلىق جەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. لېكىن سەن، دوستۇم، ئوقۇتقۇچى زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكنى ھەرھالدا چۈشىنىپ يېتىپسەن. رەھمەت ساڭا!
قەدىرلىك دوستۇم! بىلەمسەن، ئوقۇتقۇچى قانچىلىك كۈيلەنسە، تەرىپلەنسە ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ ئىنسان. بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجىر-مېھنىتىدىن ئادەممۇ، ئالەممۇ كۆكلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ۋۇجۇدىدا ئادىمىيلىك خىسلەتكە ئىگە بولغان بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى تەربىيىلەشتەك مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا ئۇنىڭ يۈكى، مەجبۇرىيىتى تولىمۇ ئېغىر. جەمئىيەتنىڭ، دەۋرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى. ئۇنىڭدا تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى بىلەن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولمىسا، ئۇ بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە ئوقۇتقۇچىغا قويۇلغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. بىراق بەزى مەكتەپلەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىرقاتار نامۇۋاپىق تۈزۈلمىلەر، تۈگىمەس شەكىل ۋە گىرافىكلار، سۈر-ھەيۋە ئاستىدىكى بۇيرۇقۋازلىق ۋە بىلىللا باھالار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئاكتىپچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھىيتىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ، بىمەزگىل چارچىتىپ قويۇۋاتىدۇ، ئاغرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنى بۇ مۇقەددەس خىزمەتنى ئىشلەشتىن بارغانسېرى زېرىكتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەم، ئۇمۇ باشقىلاردەك نورمال ياشىشى، باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىش، مۇناسىۋەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشى، غەمخورلۇق ۋە كۆيۈنۈشكە ئېرىشىشى كېرەك ئىدى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئۇنى مىدىرلىيالماس قىلىپ قويدۇق. ھەتتا ئۇنىڭ نورمال ئادەملىكىنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويۇپ، ماشىنا ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلدۇق. ئۇنىڭ تۇرمۇش، ئائىلە ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلمىدۇق. ئاغرىپ قالسا ھال سورىماقتا يوق تېخى مائاشىدىن تۇتۇۋالدۇق. ئۇنى مەكتەپكىلا بەنت قىلىۋېتىپ جەمئىيەتتىن ئايرىپ قويدۇق. ئۇنىڭ كىتابىي بىلىمىنىلا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەت بىلىمىگە چەك قويۇپ قويدۇق. ئوقۇتقۇچى تۇنجى سائەتلىك دەرستىن باشلاپ ئۆزى ھەققىدە ئويلاشقا خاتىمە بېرىپ، پۈتۈن زېھنى- قۇۋۋىتىنى مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان بالىلارغا سەرپ قىلىدۇ، ۋۇجۇدىدىكى بارلىق مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئىلىم-ھېكمەتنى ئالدىدىكى سەبىي نوتىلارغا بېغىشلايدۇ. ئولتۇرسا-قوپسا، ماڭسا-تۇرسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ. ھەتتا چۈشىدىمۇ دەرس تەييارلايدۇ. بۇ نەقەدەر ئالىيجاناپ روھ ئەمەسمۇ!؟...
قەدىرلىك دوستۇم! راھەت-پاراغەت ۋە يۇقىرى ئىش ھەققىنى دېسەم ھازىرلا بۇ خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ شىركىتىڭگە بېرىپ ئىشلىگۈم، باشقىلاردەك ئەركىن-ئازادە، ھېرىپ-چارچىماي ياشىغۇم بار. ئەمما ساڭا شۇنى دېمەكچىمەنكى، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئالىم، شائىر، يازغۇچى، ئىنژېنېر، دوكتورلاردىن تارتىپ سەندەك شىركەت خوجايىنلىرىمۇ ئوقۇتقۇچى مېھنىتىدىن كامالەت تاپقان. ئەگەر مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالىمسام، باشقىلارمۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋاز كەچسە، ئۇنداقتا سەن ۋە مەندەك زىيالىيلارنى، كەلگۈسىنىڭ ئىز-باسارلىرىنى كىملەر بارلىققا كەلتۈرىدۇ؟ دانالار «مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. مائارىپ−ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان سىستېما. ئەگەر ھەممە ئادەم ئوقۇتقۇچىلىقتىن بىزار بولسا، ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلانمامدۇ؟ مەرىپەت بۇلىقى قۇرۇپ كەتسە، كۈلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى سۇسىراپ ئۆلمەمدۇ؟ ئۇ چاغدا مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى بولغان مائارىپ قۇرىغان بۇلاققا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ شۇڭا دوستۇم، مېنى بۇ خىزمەتتىن ئايرىما. چۈنكى مېنىڭ روھىم ئاللىقچان بۇ خىزمەتكە چەمبەرچاس بىرىكىپ كەتكەن. شۇ تاپتا نەچچە ئون جۈپ سەبىي چىرايلار خۇددى بالا قۇش ئانا قۇشقا تەلمۈرگەندەك چەكسىز زارىقىش ئىچىدە مېنى كۈتمەكتە. ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىگە ئادىمىيلىك پەزىلەتتىن، ئىلىم-ھېكمەتتىن ساۋاق بېرىشىمنى، قەلب ئېتىزلىرىنى مەرىپەت بۇلىقىنىڭ ئابىھايات سۇلىرى بىلەن سۇغىرىشىمنى كۈتمەكتە. مەن ئۇلارغا تەشنا، ئۇلار ماڭا تەشنا. بىز قان بىلەن گۆشتەك بىر-بىرىمىزگە مەھكەم سىڭىشىپ كەتكەن. بىلەمسەن، ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ «مۇئەللىم!» دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىسام قەلبىم ھاياجاندىن لەرزىگە كېلىدۇ. پۈتۈن جاپالىرىم ئۇنتۇلۇپ ئۆزۈمنى بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. بۇ يېقىملىق سادا ھەتتا چۈشۈمدىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ، مېنى بۇ ئالىيجاناپ خىزمەتكە جان تەسەددۇق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ جاراڭلىق سادادىن ئۆزۈمنى بەختىيار، خۇشال ھېس قىلىمەن.
قەدىرلىك دوستۇم! ياخشى كۆڭلۈڭگە كۆپ رەھمەت! ئەمما مەن ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت جاپالىق، ئەمما شەرەپلىك كەسىپتىن قەتئىي ۋاز كېچەلمەيمەن. ماڭا چەكسىز تەلمۈرۈش ئىچىدە قاراپ تۇرغان سەبىي چىرايلاردىن ۋاز كېچەلمەيمەن!
خېتىمنىڭ ئاخىرىدا ساڭا يەنە بىر قېتىم سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى ئىپادىلەپ «ئۇستاز روھى» فىلىمىدىكى تۆۋەندىكى شېئىرنى ھەدىيە قىلىمەن. بەلكىم بۇ مېنىڭ ساڭا بەرگەن ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىمدۇر.
ئوقۇتقۇچى،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،
بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا-مۇشەققەت،
لېكىن،
ئارزۇيۇم، ئۈمىدىم شۇكى،
ئوقۇتقۇچى بولۇپ بىر ئۆمۈر،
ئوقۇغۇچى دىلىغا،
نۇر-ھېكمەتلەر چاچسام تائەبەد!
مەنبە: "شىنجاڭ مائارىپى" ژۇرنىلى، "شىنجاڭ ياشلىرى" ژۇرنىلى، "شىنجاڭ گېزىتى" لىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى
بىزدە رىقابەت ئېڭى بولۇشى كېرەك
( بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتقى )
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئەسسالام! قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار، ياخشىمۇ سىلەر! بارلىق ئوت يۈرەك ئوقۇتقۇچىلاردىن سىلەرگە يالقۇنلۇق سالام !
مەن بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلارنى «مەشئەل» ياكى «شام» غا ئوخشىتىپ، ئۆزىمىزنى سىلەردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋالماقچى ئەمەسمەن، شۇنداقلا يەنە قانداقتۇر «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» بولۇۋېلىپ، سىلەرگە لاپ ئاتماقچى ئەمەسمەن. مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكى ئادەم، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار سۈپىتىدە يۈرىكىمدىكى بىرنەچچە ئېغىز گەپنى دېمەكچى. ئەمەلىيەتتە مەن دېمەكچى بولغان بۇ گەپلەر سىلەرگە بىلىم بېرىۋاتقان بارلىق ئۇستازلارنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر. ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقانداق ۋىجدان ئىگىسىنىڭ دائىم ئويلايدىغىنى ئۆزلىرى بىلىم بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ. بۇ تەرىپىنى سىلەر ئىنكار قىلساڭلار بولمايدۇ. مەن بۇ يەردە، بىزنىڭ خىزمىتىمىز بەك جاپالىق دەپ، شىكايەت قىلماقچى ئەمەسمەن، شۇنداقلا دەبدەبىلىك سۆز- ئىبارىلەر بىلەن سىلەرگە قۇرۇق قەسەم- ۋەدىلەرنى بەرمەكچىمۇ ئەمەسمەن. يۈرىكىمدىكى گەپنىلا قىلاي : بىز سىلەرنى پەننىي بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ ئالىم قىلۋېتەلمىسەكمۇ، ئادەم قلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. سىلەرگە ئادەمدەك ئىش قىلىشنى، يۈرىكىدە قېنى ھەم ئوتى بار ھەقىقىي ئادەمدەك ئىختىرا قىلىشنى ئۆگىتىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. چاڭقىغان دىلىڭلارغا قانغۇچە سۇ بېرەلمىسەكمۇ، ئۇسسۇزلۇقىڭلارنى قاندۇرالىغۇدەك كۈچ- مادارىمىز بار، ساپايىمىز بار. خۇددى ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتېيىن ئېيتقاندەك:«مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان ھەم مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان» ئادەملەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئىرادىمىز بار، ئىشەنچىمىز بار. خۇددى لۇشۈن ئەپەندى: «بالىلارنى قۇتۇلدۇرايلى!» دەپ جار سالالىغىنىدەك، بىزدىمۇ سىلەرنى يېڭىچە قاراش، يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە باشلىيالايدىغان ئىرادە ۋە كۈچ- مادار، تۇيۇق يوللاردىن ياندۇرالايدىغان جاسارەت ۋە ئېتىقاد، يېڭى ئەسىرنىڭ يېڭى نۇرىدىن بەھر ئالدۇرالايدىغان تەۋپىق روھى بار. سىلەرنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتەلەيدىغان، ئۇچۇر، رىقابەت دەۋرىگە ماسلاشتۇرالايدىغان، يېڭى دەۋرنىڭ ياراملىق ئىز- باسارلىرى قىلىپ چىقالايدىغان دەسمايىمىز بار، شارائىتىمىز بار. خۇددى قايسى بىر شائىر:
بىر چىشلەم ناندىمۇ رىقابەت بار،
ئەڭ يۈكسەك ئاڭدىمۇ رىقابەت بار.
بۈگۈنى نان تېپىپ يېگىنىڭ بىلەن،
ئەتىكى تاڭدىمۇ رىقابەت بار.
دەپ ئۈنلۈك توۋلىغىنىدەك، بىز ھازىر رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇۋاتقان، رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىۋاتقان، بىلىملىكلەر قەدىرلىنىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى رىقابەت ۋە خىرىس. بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش- ئۆتەلمەسلىكنى ھەممىمىز ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز. ئازغىنە جاپاغا باش ئەگسەك، چوڭ خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇپ، ئۇنى كىچىك ئىش دەپ قارىساق، قىسقىسى، ئادەمدەك ياشىمىساق، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىزدە ھازىر رىقابەت ئېڭى تېخى تولۇق يېتىلگىنى يوق، بەزىلىرىمىز كىچىككىنە ئىش قىلىۋالساق، مەغرۇرلىنىپ گىدىيىپ كېتىمىز، ئازغىنە شەرەپكە نائىل بولساق، كېرىلىپ تېرىمىزگە سىغمايمىز. بۇنداق ناچار خاھىش بىزنى ھالاكەت يولىغا باشلاپ قويىدۇ. بىزدە «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر» دەيدىغان گەپ بار. ھەركىم ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، ھەركىمنىڭ تەقدىرى ئۆزىنىڭ قولىدا. سەن ھالاك بولامسەن ياكى روناق تاپامسەن، ئۇنى ئۆزۈڭ بەلگىلەيسەن. شۇڭا بىزدە دەۋرگە ئەگىشىپ ماڭالايدىغان، خەقنىڭ كەينىدە قالمايدىغان قەيسەر روھ بولۇشى، تىرىشىپ ئىجاد- ئىختىرا قىلىدىغان ئىرادە، جاسارەت بولۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى بىزدە رىقابەت ئېڭى يېتىلىشى كېرەك. كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد- ئىشەنچ بولغاندا، جاپاغا چىداپ ئىزدەنگەندىلا بەخت- تەلەي، ئىستىقبال، كېلەچەك بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ، قۇچىقىنى كەڭ ئاچىدۇ.
قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار، شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، بىزنىڭ بۈگۈنىمىزمۇ سىلەر، كەلگۈسىمىزمۇ سىلەر، سىلەر بولغاچقا، كەلگۈسىمىز شۇنچە پارلاق تۇيۇلىدۇ، سىلەر بولغاچقىلا، تاغدەك جاپا بىزگە ھېچقانچە بىلىنمەيدۇ. سىلەرنىڭ شەرەپ- نەتىجەڭلار، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ شەرەپ- نەتىجىمىزدۇر. ئوقۇتقۇچى بولۇش ھەم شەرەپلىك، ھەم جاپالىق، ئۇ شەرەپلىك خىزمەت بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ جاپاسى بىلىنمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەم، ئۇنىڭمۇ ھارىدىغان، چارچايدىغان مەزگىلى بولىدۇ. ئۇمۇ ئۇپرايدۇ، خورايدۇ، ئاغرىيدۇ. ئۇمۇ كۆيۈنۈشكە، كۈتۈنۈشكە، چۈشىنىشكە مۇھتاج بولىدۇ. ئۇنىڭ چېكە- چاچلىرى نېمىشقا ئاقارغان؟ بەللىرى نېمىشقا مۈكچەيگەن؟ ماڭلىيىدىن نېمىشقا مۇنچاق- مۇنچاق تەر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ؟ بۇلار ئەلۋەتتە سان- ساناقسىز ئەجىر-مېھنەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ئىنئام قىلغان «ئالىي مۇكاپاتى» دىن ئىبارەت، خالاس. ئەڭ قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار، سىلەر سىلەر ھەرۋاقىت ئۆز بۇرچۇڭلارنى، مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلار كېرەك. چۈنكى سىلەر گۈزەل كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، يارتقۇچىلىرى. شۇڭا سىلەردە يۈكسەك دەرىجىدىكى سەزگۈرلۈك، مول تەسەۋۋۇر، قەتئىي ئىرادە، قەيسەر روھ بولۇشى، كۈچلۈك رىقابەت ئېڭى بولۇشى كېرەك. ئاتا- ئاناڭلارغا، ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارغا، شۇنداقلا يەنە ۋەتەن، خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك ئىش قىلمىساڭلار، سىلەرنى قانداقمۇ كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى دەپ ئېيتالايمىز؟ خەير، سۆزۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى بىر كۇپلېت رۇبائىيسى ئارقىلىق سىلەرگە چەكسىز بەخت تىلەيمەن، مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن. روھىڭلار مەڭگۈ كۆتۈرەڭگۈ بولسۇن، ئىشىڭلار مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا،
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.
قاراماي شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ
2010- يىل 27- دېكابىر
سېغىنىش
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئوقۇتقۇچى بوپ قالدۇق دوستلار،
كۈنلەر ئۆتەر دوسكا ئالدىدا.
زىممىمىزدە ئېغىر ۋەزىپە،
بار كۈچ بىلەن قىلىمىز ئادا.
كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە مانا،
ئۆتۈپ كەتتى ئون ئالتە يىلمۇ ،
دىدارلاشماق بولدى ئەجەپ تەس،
قانداق تەقدىر، قانداق قىسمەت بۇ؟
قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار دوستلار،
سىلەر مەشغۇل قانداق ئىش بىلەن.
بەلكىم مەندەك ئۆتكۈزگەنسىلەر،
سېنتەبىرنى سېغىنىش بىلەن.
فاكۇلتېتنىڭ ئارقىسىدىكى،
ئاشۇ سۈنئىي كۆتەك ئورۇندۇق.
بىز ئۇ يەردە ئىنتايىن قىزغىن،
مۇنازىرە ئۇيۇشتۇراتتۇق.
دېكابىرنىڭ ئاپئاق قارلىرى،
ئۈستىمىزگە چۈشكەندە لەپ-لەپ.
قار ئېتىشىپ ئوينايتتۇق قىزغىن،
بالىلىقنى سېغىنىپ-ئەسلەپ.
ئېسىڭلارغا كېلەمدۇ پات-پات،
كۇتۇپخانا، فاكۇلتېت، ياتاق.
ئەجەپ ئىناق ئۆتكۈزگەنىدۇق،
ئۇرۇش-جېدەل تېرىماي چاتاق.
مېھرى ئىللىق ئۇنىۋېرسىتېت ئانا،
سەندە قالدى گۈزەل ئەسلىمە.
چىن يۈرەكتىن بەرگىنە جاۋاب،
شۇنداق كۈنلەر كېلەمدۇ يەنە؟!
مەنبە: "تەربىيىچى" ژۇرنىلى 2004-يىل 2-سان
مۇئەللىم
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
نۇر تۆكۈلسە چېھرىدىن دەم-دەم،
يورۇپ كېتەر جىمىكى ئالەم.
ئۇ ئۇزاتقان زەم-زەمنى ئىچمەي،
كامالەتكە يەتمەيدۇ ئادەم.
ئوقيا قىلىپ يۈرىكىنى ئۇ،
غاپىللىقنى قوغلايدۇ نېرى.
ئىخلاس قىلىپ شۇڭا دىلىدىن،
ھۆرمەتلەيدۇ ئۇنى ياش-قېرى.
مۈكچەيسىمۇ مەزگىلسىز بېلى،
مەزمۇت دەسسەپ تىك تۇرار ئۆزى.
ئۈمىد، ئىقبال نۇرىنى چېچىپ،
كەلگۈسىنى سۆزلەيدۇ كۆزى.
ئۇنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى،
گۈل-چېچەكنىڭ ھۆسنىگە مىسال.
شىرنە يىغماي ئۇنىڭ بەرگىدىن،
ئارزۇيىمىز تاپمايدۇ ۋىسال.
مەنبە: "شىنجاڭ مائارىپى" ژۇرنىلى 2010-يىل 6-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-28 14:47