دۆڭ كۆۋرۈكتە قالدى بىر بالا
مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر
دۆك كۆۋرۈكتە قالدى بىر بالا
ئۆزى ئوماق كۆزلىرى قارا
قەغەز ساتىمەن
قەغەز ساتىمەن.
ئۈچ بولاق بەش كوي
ئېلىۋېلىڭە
ئەرزان بىرىمەن
مۇشۇ تۈگىسە ئۆيگە كېتىمەن.
-دېدى، تەلمۈرۈپ
يولۇمنى توسۇپ
جېنىم خان ئاپا.
قەغەزنى ئالدىم
يۈرەككە سالدىم.
رەھمەت!...
رەھمەت، دەپ
كەتتى ئۇ بالا.
مەنمۇ ھەم كەتتىم
خىيالغا پاتتىم،
كۆزلىرىمدە ياش
ئىچىمدە چاڭقاش،
كۆيگەندەك قېنىم
سۇنغاندەك تېنىم،
سۆزلىمەس تېلىم
تىترىدى زىمىن،
ئاھ،ئاشۇ سەبى بالىلىقىڭغا...
2013-يىلى 6-سىنتەبىر، -ئۈرۈمچى
«‹ئىزگۈ› مۇكاپاتى» گە تەۋسىيە